Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2008-9-2 14:10:03

تۇرمۇشتىن ساۋادلار

تۇرمۇشتىكى ئون <<ئەڭ>>

ئەڭ زور نەتىجە- تەجىربە ۋە ساۋاق.

ئەڭ گۈزەل ئەخلاق- پاكلىق ۋە ساداقەتلىك.

ئەڭ زور قايغۇ- نادانلىق ۋە بىكارچىلىق.

ئەڭچوڭ تەسەللى-دوسىتلۇق ۋە ئىشەنىچ.

ئەڭ چوڭ لەززەت- ئىزدىنىش ۋە ئىجادچانلىق.

ئەڭ زور بەخىت- باشقىلارغا ياردەم بىرىش.

ئەڭ چوڭ بايلىق- بىلىم ۋە ۋاقىت.

ئەڭ چوڭ ئەقىل- ئۆزىنى بىلىش.

ئەڭ چوڭ ئەخمىقانىلىق- ئۆزىنى ئالداش.

ئەڭ چوڭ شەرمەندىچىلىك- ۋىجدانىنى سېتىش.

كۈلۈشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى

1.      ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2.      نەپەس يوللىرىنى تازلايدۇ.

3.      ساغلاملىق ھىسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ.

4.      روھىي جىددىلىكنى تۈگتىدۇ.

5.      ھاردۇق چىقىرىدۇ.

6.      زىھنىي كۈچنى ئاشۇرىدۇ.

7.      ئىچ پۇشۇقىنى يۇقىتىدۇ.

8.      ئجتىمائىي ئاسارەتنى يىنىكلىتىدۇ.

9.      تارتىنىش، قورۇنۇش ۋە تۈرلۈك بىئاراملىقلارنى تۈگىتىشكە ياردەم بىرىدۇ،ھەم كىشلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دوسىتلۇق ۋە ئالاقىنى چىڭىتىدۇ.

10.    بۇرۇنقى بەخىتسىزلىكلەرنى ئەستىن چىقىرىپ. رىئاللىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ.

دىمەك، كۈلۈش شادلىقنىڭ سىرىتقا تېپىشى بۇلۇپ، قايغۇ تۇمانلىرىنى تارقىتىپ، ئىنسانغا بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، ساغلام بۇلۇشقا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە پايدىلىق.

ئۇيغۇدىكى 10 پەرھىز

1.      ئوڭدا ياتماسلىق.

2.      ياتقاندا تەشۋىشلەنمەسلىك.

3.      ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانماسلىق.

4.      ئۇخلاشتىن ئىلگىرى غىزالانماسلىق.

5.      چىراققا يۈزلىنىپ ياتماسلىق.

6.      ئاغزىنى ئېچىپ ئۇخلىماسلىق.

7.      يۈزىنى يېپىۋېلىپ ياتماسلىق.

8.      ياتقاندا گەپلەشمەسلىك.

9.      شامال ئۆتىشىدىغان يەردا ياتماسلىق.

10.    باشنى ئوتقا يېقىن تۇتۇپ ياتماسلىق.

مەنبە : ساغلاملىقىڭىزغا 300 مەسلىھەت دىگەن كىتاب

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-2 15:18:06

ئەڭ زور نەتىجە- تەجىربە ۋە ساۋاق. مۇشۇ تېتىيدۇ ھەممىسىگە

guldana يوللانغان ۋاقتى 2008-9-3 10:43:09

رەھمەت سىزگە

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-4 12:38:21

1.      ئوڭدا ياتماسلىق.

------------------------------------------------------------

ئوڭدا يىتىش دەپ كۈرگەندەك قىلغان بىر يەردە !زادى قايسى توغرىكىن ؟

xabnam يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 10:54:46

كۈلۈشنىڭ پايدىسى شۇنداق جىق ئىكەن،كۈلۈش كۇلۇبى ئېچىپ قويسام دوختۇرخانا ئاچقاندىن ياخشىمۇ نېمە؟

بەت: [1]
: تۇرمۇشتىن ساۋادلار