irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-1 08:54:03

ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەقق

ئۇيغۇرسوفىت تور بېتىدىن ئېلىندى.

Windows95 مۇھىتىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان، ئۆزىمىز ياساپ چىققان ئۇيغۇرچە TrueType خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەنلىكىگە 10 يىل بولدى. بۇ جەرياندا خەت ياساش تېخنىكىسى ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندىم ۋە نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىدىم. مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن جەريانلار مۇنداق بولدى.

1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى موللا نىياز مۇئەللىمدىن FontGrapher3.1 يۇمشاق دېتالىنى كۆچۈرۈپ كەلدىم. بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، ئىنگلىزچە Windows 3.1 دىكى Arial خەت نۇسخىلىرىنى ئېچىپ كۆردۈم، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يەنە AI فورماتىدىكى گرافىكلارنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم. چۈنكى، مەن 1996-يىلى 6-ئايدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسىنى ئىشلىگەن بولۇپ، كېيىن 3D Studio (ھازىرقى 3D Max) غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، AI فورماتىدا ساقلاش ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم. دېمەك، مەن ئۆزۈم ياسىغان ئۇيغۇرچە ۋېكتورلۇق فونتلاردىكى ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى AI فورماتىدا ساقلاپ، FontGrapher3.1 غا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كىرەلىدىم.

1995-يىلى 5-ئايدا، مەن ئۇيغۇرچە ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسىنى ياسىغاندا، ئالدى بىلەن Turbo C 2.0 دە ۋېكتورلۇق خەت ياساش پروگراممىسىنى ياساپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسى ياسىغان ئىدىم. بۇنداق خەت نۇسخىلىرىدا پۈتۈنلەي تۈز سىزىقنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ساقلىناتتى. شۇڭا ئۇنىڭ سىغىمى ئىنتايىن كىچىك بولغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ خالىغانچە چوڭايتقاندا، كۆركەملىكىگە ئانچە تەسىر يەتمەيتتى. ئەمما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى پۈتۈنلەي چېكىتلىك خەت نۇسخىسى بولۇپ، مۇقىم چوڭلۇقتا ياسىلاتتى. مەسىلەن: 16*16, 24*24, 32*32. ئۇنى پەقەت مۇقىم چوڭلۇقتا كۆرۈش زۆرۈر ئىدى، چوڭايتقاندا ياكى كىچىكلەتكەندە ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەتتى.

ئۇ ۋاقىتلاردا ئازىراق مەسىلىگە دۇچ كەلسەم پۈتۈنلەي پروگرامما يېزىش ئارقىلىق ھەل قىلاتتىم. ھازىرقىدەك مەسلىھەت سورايدىغان نۇرغۇن كەسپىي كىتاب-جۇرناللار يوق ئىدى. ئىنتېرنېتمۇ ئۈرۈمچىگە ئەمدىلا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر بىر پارچە E-Mail سالساق 5 يۈەن، قوبۇل قىلساق 3 يۈەن تاپشۇراتتۇق. شۇڭا، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايانماي بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1997-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقتىم.

1998-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلدى، شۇ يىلى 1-ئايدىن باشلاپ  MS-DOS مۇھىتىدىكى داڭلىق بەت ياساش يۇمشاق دېتاللىرى مەسىلەن: بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى، خۇاگۇاڭ قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ خەت نۇسخىلىرىدىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى قەغەزگە بېسىپ چىقىپ، ئۇنى سىكانېر ئارقىلىق رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ، خەت ياساش يۇمشاق دېتالىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئېچىپ، ھەر بىر چېكىتلەرنى تەھرىرلەپ خەت ياساش ئېلىپ باردىم. خادىملاردىن ئەبەيدۇللا ۋە ئالىم ئەخمەت قاتارلىقلارمۇ ياردەملەشتى. 1998-يىلى 10-ئايدا، ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 1.0 يۇمشاق دېتالى 6 خىل خەت نۇسخىسى بىلەن ئېلان قىلىندى.

ئەمما، 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىمۇ بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئەرەبچە، پارسچە خەت نۇسخىلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپىيىپ، ھەرپ-شەكىللىرىدە ھەر خىل شالغۇت نۇسخىلارمۇ بارلىققا كەلدى. 2003-يىلى ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 3.9 يۇمشاق دېتالىدىمۇ جەمئىي 44 خىل خەت نۇسخىسى ياسالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 خىل خەت نۇسخىسى پۈتۈنلەي ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلغان ئىدى.

كېيىن، يۇنىكود ۋە  Open Type خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ خەت نۇسخىلىرىنى ياساش تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە تەلەپمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەرپ-شەكىللىرىنىڭ ئۇلىنىش قائىدىسىنى بېكىتىش، ھەر خىل چوڭلۇقتا ئېنىق كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن چېكىتلىك خەت ئۇچۇرلىرىنى قوشۇش، Hint پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەر بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، بىر دانە ئۆلچەملىك يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى Open Type خەت نۇسخىسىنى ياساش ئۈچۈن، بىر ئادەم 3-4 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ھازىر بەزى ئەرەبچە خەت نۇسخىسى توردا 100$ باھادا سېتىلىۋاتىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.5دە شالغۇت خەت نۇسخىلىرىغا يەنە ئورۇن بېرىلمىدى. جەمئىي 18 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ھالەتتىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدىغان بىر دانە خەت نۇسخىسى ياسالدى (يەنى ئەسلىدىكى ALKATIP Tor خەت نۇسخىسىغا چېكىتلىك ھەرپ-بەلگە تەسۋىرى قوشۇلۇپ، ALKATIP دېگەن نامدا تەمىنلەندى) تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، alim.ahat@gmail.com غا ئەۋەتىڭ. خەت تېمىسى: ALKATIP بولسۇن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-9-14 07:53:55

بۇنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى ئالىم ئەھەتمۇ؟

nurjamal يوللانغان ۋاقتى 2009-6-13 08:29:35

مەن خىلى كۇپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەنكەن . رەخمەت سىزگە جاپا تارتىپسىز
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە