Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-8-30 23:20:59

ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى

ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى


كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر كىشىلىرىدە  ئۆز مەنىسىدىكى تۇراقلىق تەگئات قوللىنىش ئىستىكى بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ.   خېلى نۇرغۇن كىشى تەگئات ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تارىخي قىممىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق تەگئات قويۇپ ئۇنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئەقلى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز تەگئات ۋە ئىسىمشۇناسلىق تىلىسىماتلىقىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئۇنىڭدىكى تېخى يېشىلمىگەن سىر - مۇئەممالارنى يېشىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى، بەزى مەسىلىلەر ئېنىق ئايدىڭلاشماي، ھەل بولماي، كۆپچىلىك ئورتاق بىر تونۇشقا كەلمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىش ئىشىنى ئوڭۇشلۇق روياپقا چىقىرىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۇيغۇر تەگئاتشۇناسلىقىدا جىددىي ھەل قىلىنىشنى ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان شۇنداق بىر نازۇك بىر مەسىلە بار ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسىدۇر.
كەمىنە تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بىر قىسىم ئىسىم - تەگئاتشۇناسلىرىمىز كىتابلاردا قەيت قىلغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى توغرا دەپ قارىغان  ۋە ئىلگىرىكى يازمىلىرىمىدا شۇ خىل قاراشنى ياقىلاپ پىكىر قىلغان ئىدىم. ھالبۇكى ، يېقىنقى مەزگىللەردە، ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەستايىدىلراق، ئەتراپلىقراق ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. جۈملىدىن ، خېلى كۆپ قىسىم ئىسىمشۇناسلىرىمىز تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن قاراشنى قايتا تەھقىقلەش ھاجەتلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
بىز ئالدى بىلەن كۆپ ساندىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچىلىرىمىز توغرىلىقىدا بىرلككە كەلگەن ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىگە قاراپ باقايلى .
بۇ خىل قاراش بويىچە ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى توي قىلىپ ئەرلىك بولۇشتىن ئاۋۋال ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن ، روزىگۈل ئاتلىق بىر قىز توي قىلىشتىن ئاۋۋال ھېكىم ئاتلىق ئاتىسىنىڭ رۇسلان دېگەن تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ. يەنى:
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﯧﻜﯩﻢ + ﺭﯗﺳﻼﻥ
ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى توي قىلىپ ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتمەستىن،  ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، رۇزىگۈل ئاتلىق بۇ قىز ئەلقەم ئاتلىق يىگىت بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تاشلاپ، ئېرىنىڭ  يۈكسەل دېگەن تەگئاتىنى قوللىنىدۇ.
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﯧﻜﯩﻢ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ

يۇقىرىقى تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسى خەلقئارادىكى ئومۇمىي ئېقىم، بولۇپمۇ ياۋرۇپا - ئامېرىكا كىشىلىرنىڭ ئىسىم - تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەسلى مەنبەسىنى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋۇرۇپادا بارلىققا كەلگەن تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىگە باغلاشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئەندىزىنى چوڭقۇرراق تەكشۈرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا ئاياللارنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ ناھايىتى روشەنلىكىنى ۋە ماقامىغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈمىز. چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا مەدەنىيەت قاراڭغۇلىقىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، شۇ چاغدىكى خۇراپىي قاراش بويىچە، ياۋرۇپا كىشىلىرى ئىنجىلنىڭ <<Genesis 2:24 >> ئايىتىنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ تەبىلىغ قىلىپ، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى دەپ ھېسابلاشقان، شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئاياللار ئەرگە تەگككەندىن كېيىن ، ئەسلى تەگئاتىنى تاشلاپ ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشى كېرەك دەپ بېكىتىكەن. چۈنكى ئەينى چاغدىكى ياۋۇرپا كىشىلىرىدە تەگئات چۈشەنچىسى پۇل ۋە مال - بېساتلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلانغان ئاساستا چۈشىنىلگەن ئىدى. شۇڭا، ئەرگە تەئەللۇق بولغان << بۇيۇم >> سۈپىتىدىكى ئاياللارنىڭ ئەر تەرەپنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشى<< كۆڭۈلدىكى ئىشتانغا تايىن >> دېگەندەكلا بىر ئىش ئىدى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت گۈللەنگەن مەزگىللەرگە قەدەم قويغان بۈگۈنمىزدىمۇ ياۋرۇ - ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا شۇ خىل ئەندىزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا بۇ خىل ئادەتنىڭ ئۇزاق تارىخىقا ئىگە بولۇشى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزگەرمەس ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى.
شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ھاجەتكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم كىشىلەر ( كۆپى ئاياللار ) دە ئاياللار مەيلى توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولمىسۇن ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق ، دەيدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . بىر قىسىم ئاياللار باشلامچىلىق  بىلەن ئەرلىرىنىڭ تەگئاتلىرىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىپ، ئۆز تەگئاتلىرىنى ئىشلىتىشىتى. مەيلى ئامېرىكا ۋە ياكى ياۋرۇپادا بولسۇن ئاياللارنىڭ ئۆز تەگئاتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيسە كۈچەيدىكى بوشاپ قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپ قىسىم ئەللەر ھازىر بۇ ھەقتە بارغانسېرى مۆتىدىل مەيدان تۇتىدىغان بولدى. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاياللارنىڭ ئۆز تەگئاتلىرىنى توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتمەي ئىشلىتىشىگە قانۇنىي جەھەتتىن يول قويدى. مەسىلەن، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى. بىر قىسىم دۆلەتلەر  ئاياللارغا خالىسا ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىش، خالىسا ئۆز تەگئاتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى. مەسىلەن، ئامېرىكا، كانادا ، فىرانسىيە قاتارلىقلار. قىسقىسى ، خېلى كۆپ دۆلەت ۋە رايونلاردا خوتۇن - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ تەگئاتىنى توي قىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئارزۇلاشماقتا ۋە شۇ يولدا كۆرەشمەكتە. ئاياللارنىڭ ئەرلىك بولۇپمۇ ئۆز تەگئاتىنى ئىشلىتىشى تەگئات قوللىنىش ساھەسىدە گەرچە سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېسەك خاتالاشمايمىز.

ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى تاللاش - بېكىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك ،  چوقۇم ھازىرقى ئەمەلىيەتنى چىقىش  قىلىش بىلەن يىراقنى كۆرەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش، ھەقنى ياقىلاش بىلەن ئىلمىيلىكنى بىرلەشتۈرۈش پىكىر يۆنىلىشىدە تۇرۇپ تاللاش ۋە بېكىتىش كېرەك دەپ قارايمەن. ئەگەر يۇقىرىقى ئەندىزە قوللىنىلدى دېگەندە ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1. بىر ئايال ئۆمرىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەگئات قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا نوپۇس ۋە كىملىك بىجرىش ، تۈرلۈك رەسمىي ھۆججەت - پۈتۈكلەرنى پۈتۈشتە ھېسابسىز ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىككى تەركىبلىك ئىسىم شەكلىمىزنىڭ خەنزۇچە ئىپادىلىنىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز كىملىكى ۋە ھۆججەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلالماي نوپۇس بېجرىش ئورۇنلىرى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئۇرۇنلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەنلىكلىرىنى كۆرۈمىز. ئەگەر بۇ ھالدا ئۈچ تەركىبلىك ئىسىم - تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ تۇرۇقلۇق يەنە تەگئات يەڭگۈشلەش بولسا ئۇ ھالدا ئەھۋال نېمە بولۇپ كېتەر ؟! ...
2. ئايال ئەگەر ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتسە نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر روزىگۈل خېنىمنىڭ ئەلقەم ئەپەندىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئىزاھلانمىسا، ھەر ئىككەيلەن << يۈكسەل >> تەگئاتنى ئىشلەتسە كىشىلەردە بۇ ئىككەيلەن ئەر - خوتۇنمۇ ياكى قېرىنداشمۇ ؟ دېگەن سۇئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. بۇنداق بولغاندا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتىمىزغىمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
3. ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىيەت مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقتى ئۆتەيلا دەپ قالغان ئەندىزنى قوللىنىش يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار بولماي قالىدۇ. باشقىلار ھازىر بۇ ئەندىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىلغا قىلىپ، ئۇنى تاشلاپ يېڭى ئەندىزىگە كۆچەيلى دەپ يۈرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار  كۆچسە بىز ئۇلارغا ئەگىشىپ يەنە بىر قېتىم ئەندىزە ئالماشتۇرىمىزمۇ؟
4. ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا چىندىل بىلەن ئىخلاس قىلىدىغان خەلق. شۇنداقكەن، ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئىسىم - تەگئات قوللىنىش ئىشىدا دىنىي ئېتىقاد ئامىلىغىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان دەستۇر قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كىشى ئىسىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى ، كىشىلەرنى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش زۆرۈرلىكى ، ھەتتا بېقىۋالغان بالىنىمۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش كېرەكلىكى قەيىت قىلىنىدۇ.  بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خوتۇن - قىزلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتمەستىن ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشى يۇقىرىقى دىنىي كۆرسەتمىلەرگە مۇغالىپ. مېسال ئۈچۈن ئاھالىسىنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﯩﭽﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
5. نۆۋەتتە ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىمىزدە ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقى كۈنسېرى ئاشماقتا. ئەر - ئاياللارنىڭ بارچە ئىشلاردا باراۋەرلىكى كۈچەپ تەكىتلەنمەكتە. شۇنداقكەن بۇنداق باراۋەرلىك ئىسىم - تەگئات قوللىنىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خوتۇن - قىزلارنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسى مەسىلىسىدە يەنىلا << ئەر ئەلا ، ئايال پەس >> دەيدىغان ئاياللارنى كەمسىتىش تۈسى كۈچلۈك بولغان ئەندىزىنى قوللانساق توغرا بولۇرمۇ؟
يۇقىرىقى نۇقتىلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى بېكىتكەندە، ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاش تون پىچىپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۇ مەيلى توي قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشى كېرەك. تۇغۇلغاندا قايسى تەگئاتتا بولسا تاكى ئۆلگىچە شۇ تەگئاتنى ئىشلىتىشى كېرەك دەپ، كەسكىن قارار چىقىرش كېرەك. يەنى
كىشى ئىسىمى ( ئەر ياكى ئايال ) + ئاتا ئىسىمى + تەگئاتى
ئەلقەم + ئىلھام + يۈكسەل
روزىگۈل + ئابدۇلھېكىم + رۇسلان
مانا بۇ خىل ئەندىزىنى قوللانساق ھەقىقىي مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئەندىزە ھەق - ئادالەتكە ئۇيغۇن، كۆز ئالدىمىزدىكى نەق ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان ، خەلىقئارادىكى يۈزلىنىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسى بولۇشقا يارايدۇ.


ئۇيغۇر تەگئات - ئىسىمشۇناسلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى << يۈكسەل بلوگى >> دىن كۆگەيسىز !

يۈكسەل بلوگى

http://yuksel.blogbus.com

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2008-8-30 23:47:41

ئالدىغا ئۆزىنىڭكىنى، كەينىگە يولدىشىنىڭ تەگئاتىنى قوشۇپ يازسىچۇ؟ ئۇ چاغدا كىمنىڭ ئايالى، كىمنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىراقلا بىلگىلى بولىدىكەن.

Y.T يوللانغان ۋاقتى 2008-8-31 08:38:32

خانىم قىزلار تويدىن كىيىن ئېرىنىڭ تەگئاتىنى قوللىنىش ئەر-ئاياللار باراۋەرسىزلىكنىڭ ئىسپاتى . ھازىرقىدەك بولسا ياخشىغۇ .نېمىشقا ئەرلەر خوتۇنلىرنىڭ تەگئاتىنى قوللانمايدۇ ؟

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-8-31 16:09:17

بۇنداق بولغاندا نوپۇس ۋە كىملىك بىجرىش ، تۈرلۈك رەسمىي ھۆججەت - پۈتۈكلەرنى پۈتۈشتە ھېسابسىز ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىككى تەركىبلىك ئىسىم شەكلىمىزنىڭ خەنزۇچە ئىپادىلىنىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز كىملىكى ۋە ھۆججەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلالماي نوپۇس بېجرىش ئورۇنلىرى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئۇرۇنلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەنلىكلىرىنى كۆرۈمىز.

مۇشۇئىشقائىچىم بەك پۇشۇدۇھازىرمۇكىملىكتىكى ئىسىمنىڭ يېزلىشى توغرائەمەس،ئاھاڭداش بولساقالايمىقان يېزىۋەرگەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-3 12:31:48

بۇنداق بولغاندا نوپۇس ۋە كىملىك بىجرىش ، تۈرلۈك رەسمىي ھۆججەت - پۈتۈكلەرنى پۈتۈشتە ھېسابسىز ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىككى تەركىبلىك ئىسىم شەكلىمىزنىڭ خەنزۇچە ئىپادىلىنىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز كىملىكى ۋە ھۆججەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلالماي نوپۇس بېجرىش ئورۇنلىرى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئۇرۇنلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەنلىكلىرىنى كۆرۈمىز.

-----------------------------------------------------------------------

دەل مۇشۇنداق بولغاچقا مەن كەلگۈسىدە بالامغا خەنزۇچە ئىسىم قۇيۇپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

Ershat0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 13:22:35

ئۇنداقتا  بۇ ئىكەيلەننىڭ بالڭسىنىڭ تەگئاتى نىمە بۇلدۇ؟ ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتەمدۇ ياكى؟

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 21:09:49

بىز ئۇيغۇرلاردا ئاياللار ئاتا - ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئال ،ئېرىڭنىڭ رازىلىغىنى <<ئەر رازى ،خۇدا رازى >>دەيدىغان گەپمۇ بار ،شۇنداق بولغاندا زادى كىمنىڭ پامىلىسىنى قوللۇنۇش كېرەك ؟ ......ۋاي ئاللا ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك ئىشكەنغۇ بۇ

qulyigiti يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 10:54:17

ipar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 14:20:50

مېنىڭچە يۈكسەل ئەپەندىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىدەك قىلىدۇ. ھەركىم ئۆزتەگئاتىنى ئىشلىتىشى كېرەككەن. بالىسى ئەلۋەتتە دادىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ - دە، ناۋادا زىنادىن بولۇنغان بالا بولسا ئاپىسىنىڭكىنى ئىشلىتىش كېرەك. يەنى

mastura يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 04:59:30

\"ئەر رازى، خۇدا رازى\"؟ بۇ نەنىڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ گېپى؟ مەن \"ئاتا-ئانا رازى، خۇدا رازى\" دېگەننى ئاڭلاپتىكەنمەن.

ئىسلام ئېتىقادىدا ئاياللارنى ئېرىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىدىغان ئىش يوق. ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ بىرەر ئايالنى ئېرىنىڭ نامى بىلەن چاقىرغاننى بىلمەيمىز. ئىشقىلىپ بۇمۇ بىر ئىشكەن. ئالدىنقى بىر ئەۋلات ئاساسەن تەگئات ئىشلەتمىگەن، ھازىرقى ياشلاردا تەگئات ئىشلىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى. لېكىن كېيىنكى ئەۋلاتقا بارغاندا بۇ تەگئات قىزغىنلىقىدىكى مەسىلىلەر بارا-بارا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

بەت: [1]
: ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى