axin يوللانغان ۋاقتى 2008-8-30 16:04:08

» » » » قايتا ئىش باشلاش « « « «

<div class=t_msgfont id=postmessage_2120>دوسلار ، بىزنىڭ بۇ توربېتىمىز www.payqeki.comئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق تاقالغان ئىدى، مانا 8-ئاينىڭ 26-كۇنى قايتىدىن ئېچىلدى، بىر ئايدىن ئارتۇق تاقىلىپ قېلىش بىلەن ھەرقايسى دوسلارنىڭ خىزمىتىدە بۇلالمىدۇق،(مۇكاپاتلىىق سۇئال-جاۋاپ  پائالىيەت، مۇكاپاتىلىق ماقالە قۇبۇل قىلىش،تەقلىدى پاي بازىرىدىكى مۇكاپاتلىق ئويۇن ئويناش پائالىيەتلىرىمىز ۋاتىقلىق توختىلتىلغان ئىدى)ۋە دوسلار بىلەن پىكىرئالماشتۇرۇش  ئېلىپ بارالمىدۇق، لىكىن بىزنىڭ سىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، سىلەرنىڭ كۆڭلىڭلاردىكى ياخشى بىر توربەت بۇلۇش ئىستىكىمىز توختاپ قالغىنى يوق، ھەرۋاقىت سىلەر ئۇچۇن ھەقسىز مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.
بىلىم سەۋىيىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ مۇمكىنچىلىك نىسبىتىنىڭ توۋەنلىكى سەۋەپلىك خىزمەتلىرىمىزدە يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ،كەمچىلىكلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم، بىز پۇتۇن كۇچىمىز ۋە ۋاقتىمىز بىلەن سىلەرنى قانائەتلەندۇرۇشكە تىرىشىمىز،دوسلارنىڭ بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇشىنى ،بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ ،خىزمىتىمىزنى قوللاپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قايتىدىن ئىش باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى پاي چېكى بىلىملىرى تور بېتى بولغان www.payqeki.comغا قەدەم تەپشىرىپ قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،سىلەرنى قانائەتلەندۇرۇش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!

دەپ :پاي چېكى مۇنبەر ئىشخانىسىدىن axin
</div><div class=t_msgfont>

                   ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرشى

<div class=t_msgfont id=postmessage_2040>دوسلار:

توربېتىمىز(يەنى www.payqeki.com) ئىقتىساد بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان توربەت بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن،  قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىرقىسىم ياخشى نەتىيجىلەرنى قولغا كەلتۇردى،. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر پارچە ئىقتىسادى  ئەسەرلەر تىما رايۇنى<ئىقتىساد ئىلمى ماقالىلەر>سالونى ئىشلەپ چىقىپ، كەڭ جامائەت بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى بولىۋاتىمىز.بۇ تىما رايۇنىمىز ئاساسلىقى ئىقتىساتقا ئائىت ھەرقانداق تىمىنى قۇبۇل قىلىدۇ،مەيلى مەكتەپ پۇتتۇرش ئىلمى ماقالىسى بولسۇن ياكى ئىقتىساتقا ئائىت مۇلاھىزەۋەياكى  دوكىلات بولسۇن بىز ئوخشاشلا قىزغىنلىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز،   شۇڭا، سىزنىڭ يىللاردىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمىز.شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى جامائەتچىلىككە تۇنۇتالايسىز،ئەسىرىڭىزگە جامائەتچىلىكنىڭ بولغان كۆز قارىشى ،باھاسىنى ھېس قىلالايسىزۋەشۇ تور بېتىمىز ئارقىلىق ئىقتىسادى بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيسىز.
توربېتىمىز يوللانغان ئىقتىسادى تىمىلارنى باھالاش،مۇكاپاتلاش پائالىيتى يولغا قويغان بۇلۇپ ،سىز يولىغان تىمىڭىز، شۇ ئايدا 20ياخشى باھاغا ئىرىشەلىسە سىزنى 100يۇەن خەلىق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايمىز.شۇ ئايدا  15ياخشى باھاغا ئىرىشەلىسە50يۇەن خەلىق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايمىز .
بىر پەسىللىك باھالاشتا 50ياخشى باھاغا ئىىرشەلىسىڭىز 500يۇەن خەلىق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
40ياخشى باھاغا ئىىرشەلىسىڭىز300يۇەن خەلىق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
باھالاش 9-ئايىنىڭ 1-كۇنىدىن باشلىنىدىغان بۇلۇپ تورداشلارنىڭ ۋەئىقتىساد كەسپىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىنى ،شۇ ئارقىلىق ئۆز بىلىمڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۇچۇن دادىل قەدەم تاشلىشڭىزنى ،رىقابەت مەيدانىغا چۇشۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمىز.

                        تور بېتىمىز قۇبۇل قىلىنىدىغان ئىقتىسادى تىمىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلىرىمىز:
دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇنىغا ،مۇنبىرمىزنىڭ تۇزۇمىگە مۇخالىپ كەلمىگەن بۇلۇشى لازىم.
ئەۋەتىلىدىغان ئەسەرلەر ئىمكانقەدەر ئىسلاھات، تەرەققىيات،ئىقتىسادى بىلىملەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن سەرخىل ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك.ئۆزىڭىزنىڭ  مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرىڭىز بولسا تېخىمۇ ياخشى.
باشقىلارنىڭ نامىدىكى تىمىلارنى ياكى تەرجىمە ئەسەرلەرنى پائالىيىتىمىزگە قاتناشتۇرغاندا چوقۇم ئەسلى ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىز ،(باھالاشتا بۇ خىل تەجىمە ئەسەرلەرگە ئوخشاش مۇكاپاتلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ)
بىر تورداشنىڭ يەنە بىر تورداشنىڭ تىمىسىغا مەزمۇنى ئوخىششىپ كىتىدىغان تىمىلارنى قۇبۇل قىلىمىز لىكىن باھالاشقا قاتناشتۇرمايمىز.

سىز بۇ تىمىنى  كۆرگەندىن كېيىن ئىقتىساد كەسپى  بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوسلىرىڭىز،  مەكتەپداشلىرىڭىزغا خەۋەر قىلىپ قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

تور بېتىمىز نىڭ مۇنداق پائالىيەت ئېلىپ بىېرىشى سىز،بىز ۋە بارلىق ئىقتىسادقا قىزىقىدىغان ئۇيغۇرلارئۇچۇن ئىقتىسادى بىلىملارنى ئومۇملاشتۇرۇش، كىچىككىنا ئىش قىلىپ بىرىش ئۇچۇن.
دەپ:adminۋەaxin
2008-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۇنى.
ئىنىق بولمىغان جايلار بولسا تورداشلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرشىنى ئۇمۇت قىلىمىز.
</div></div>
بەت: [1]
: »»»» قايتا ئىش باشلاش««««