مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس
ئىلگىرى مۇھەببەت توغرىسىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئوقۇغان، شۇنداقلا مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرگەن ۋە ئاچىق- چۈچۈكىنى تېتىغان، ھەتتا نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇھەببەتنىڭ بولغانلىقىدىن........بەزىلەر مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىپ ئۆزىنى چىقىرالماي قىينىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنداق ئادەملەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە باشقىلارغا مۇھەببەتنىڭ جاپاسىنى، كۆڭۈلسىز تەرەپلىرىنى، ئاچچىقلىرىنى سۆزلەيدۇ. يەنە بەزىلەر مۇھەببەتنىڭ تاتلىق تەرەپلىرىنى تېتىپ قېلىپ بەخت ئىچىدە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، بەخت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
مۇھەببەتنىڭ كىشىنى بەخت ھېس قىلدۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە شۇنداقلا بەختسىز ھېس قىلدۇرىدىغان ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. مۇھەببەتسىز تۇرمۇش پىيالىدىكى سۇدەك رەڭسىز، تەمسىز بولىدۇ. بەختسىزلىك تەرىپىنىلا دەپ كىممۇ شۇنداق سۇدەك تېنچ، يالغۇز ياشاشنى خالىسۇن؟
ئەمما كىشىلىك تۇرمۇشتا ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلار بار، مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس! ئۇ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىلا، كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلەيدىغان قىسمىلا خالاس. ئەگەر بۇرۇن يۈرىكىڭىز ئاغرىغان بولسا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، يېڭىدىن باشلاڭ، ئەگەر بۇرۇن بەختلىك بولغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەتىۋارىنى قىلىڭ، شۇندىلا بەخت خۇشاللىق داۋاملىشىدۇ.....
ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەندە ۋاز كېچىش كېرەك، بەلكىم كۆڭلىڭىز ئۇنىمايدىغاندۇ، يۈرىكىڭىز ئاغرىغاندەك بولىدىغاندۇ، ۋاقىت يۈرىكىڭىزدىكى ئاغرىقنى ساقايتالايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا- ئاستا ئۇنتۇلىدۇ.
مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس! تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن قوغلىشىشقا ئەرزىيدىغان گۈزەل نەرسىلەر بار! سىز مۇھەببەتنى قىز - ئوغۇللار ئارسىدىكى مۇھەببەت دەپلا قارىسىڭىز ، بۇ مىنڭچە تازا مۇكەممەل ياخشى قاراش بولىمىسا كېرەك . چۇنكى مۇھەببەتنىڭ تۇرى جىق . مېنىڭ بۇ يەردا سۆزلىگىنىم نەق شۇ قىز- ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇىەببەتنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋالغانلارغا يازغىنىم، ئەلۋەتتە تۇرمۇش ھېسسىياتتىن ئايرىلالمايدۇ، ھېسسىياتسىز ئادام تۆمۈر- تەسەكتىن پەرقى يوق! بىز ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىغا بولغان مۇھەببەت، بالا- چاقىمىزغا بولغان مۇھەببەت.... قاتارلىق نۇرغۇن مۇھەببەتلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك! ئەمما ھازىركى ياشلاردىكى قىز- ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋېلىپ ئاتا- ئانىنى ئۇنتىيدىغان، ئاتا- انىسىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدىغانلارغا مۇشۇ خىلدىكى تەربىيەنى قىلمىساقمۇ بولماس!
ئورۇنلۇق گەپلەر،مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولۇپ،\"ئاھ-ئۇھ\"دەپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس،ھەر قانچە ئازابمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كۆپ ...
ناھايىتى ياخشى يېزىپسز، مۇھەببەتلىك كەچۇرمىشڭىز مول ئىكەن.
كۆزدىن يېراقلىغانداكۆڭۈلدىنمۇيېراقلىتىش، ئايرىلىش كېرەكمۇ ؟ ياخشى يېزىپسىز،ھىسيات بىلەن ئەقىل ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن چېغىمدا!! ئىرشەلمىگەن نەرسىنى ئارزۇ قىلىشنىڭ ئۈزى ----- ئازاپ. بەزىدە ئادەم ئاشۇ ئازاپقا تەشنا بولىدۇ كۆزدىن يىراق كۈڭۈلدىن يىراق دىگەنگە ئىشىنىپ كەتمەيمەن . ئەلۋەتتە مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس،بىراق ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىدۇر،تۇرمۇش مۇھەببەتتىن تەركىب تاپقان.ئۇ خىل مۇھەببەتتىن يەنە بىر خىل مۇھەببەت ئۈچۈن ۋاز كېچىش(ئاتا-ئانا مېھرىنى دەپ قىز-ئوغۇل مۇھەببىتىدىن ۋاز كېچىش) دېگەندەك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ،بىراق ۋاز كېچىۋەرسىمۇ،ئۆزى ئازراقلا تارتىشىدىغان مۇھەببەت ئۈچۈن باشقا بارلىق مۇھەببەتلەردىن،بارلىق ھېسسىياتلاردىن ۋاز كېچىۋېرىشمۇ ئۆزىگە مەجبۇرى ئازاب تارتقۇزۇشتىن باشقا نەتىجە ئەكەلمەيدۇ.......
بەت:
[1]