Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 14:06:58

ناپالىيوننىڭ ئۈچ سۇئالى

<div align=center>ناپالىيوننىڭ ئۈچ سۇئالى</div>


بىر شۋىتسىيىلىك ناپالىيونغا چوقۇنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەسكەر بوپتۇ. بىر قېتىم ناپالىيون بۇ شۋىتسىيىلىك تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولغاندا، سەپداشلىرى ئۇنىڭغا بۇ بۈيۈك ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن سۇئال سورىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپتىكەن، ئۇ بىردىنلا دەككە-دۈككىگە چۈشۈپتۇ، چۈنكى ئۇ فىرانسوزچىنى تازا بىلمەيدىكەن. بىر كونا ئەسكەر ئۇنىڭغا دەپتۇ:
ــ ناپالىيون ئادەتتە تەرتىپ بويىچە مۇنداق ئۈچ سۇئالنى سورايدۇ: 1. قانچە ياشقا كىردىڭ؟ 2.قىسىمغا كىرگىنىڭگە قانچىلىك بولدى؟ 3. سەن مەن قىلغان ئىككى چوڭ ئۇرۇشنىڭ قايسىسىغا قاتناشقان؟
بۇ شۋىتسىيىلىك بۇ ئۈچ سۇئالغا تەرتىپ بويىچە جاۋاپ بېرىشنى مەشق قىپتۇ. كۆزدىن كەچۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ مىدىر قىلماستىن تىك تۇرۇۋېرىپتۇ. ناپالىيون ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۇئال سوراشقا باشلاپتۇ. ئەپسۇس، بۇ قېتىم ناپالىيون سورىغان 1-سۇئال مۇنداق بوپتۇ:
ــ سەن مېنىڭ قىسىمىمغا قاچان كىرگەن؟
ــ 23 ياشقا كىردىم، ئەپەندى.
ــ قانچە ياشقا كىردىڭ؟
ــ ئۈچ يىل بولدى ئەپەندى.
شۋىتسىيىلىكنىڭ جاۋابى ناپالىيوننى رەنجىتكەن بولسا كېرەك، ئۇ ۋاقىراپتۇ:
ــ سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ ياكى مەنمۇ؟
ــ ھەر ئىككىسى ئەپەندى. ــ دەپتۇ شۋىتسىيىلىك پەخىرلەنگەن ھالدا.



مەنبە: « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 15:10:23

يەنە بىر شىۋىتسىيىلىك..

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 15:23:59

ھاھاھا..ئۈلۈك يادللاش دېگەن مۇشۇ شۇ.........

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 16:17:54

تەرجىمان بارمۇ

خەتلەر مايماق سايماق چىقىۋېلىپ ئوقىيالمىدىم

sabir يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 18:28:35

ئۇ ئەسكەر ماڭا ئو خشاشلا بىر ئىش قىپتۇ ، ئەلقىسە :  ئا لىي مەكتەپكە كىلىپلا ھەربى مەشىققە چۇ شۇپ كەتتۇ ق خەنسۇچىنى پەقەت دىگۈدەكلا بىلمەيتتىم مەشىق يىتەكچىمىز خەنزۇ <ھەربى> ئىدى ، ئەتتىگەندە تاماقتىن ئىلگىرى بىرىنجى قىتىملىق مەشىققە چىقاتتۇ ق ، بىركۇنى بىر نەچچە ساۋاقدىشىمىز بىرىنجى قىتىملىق مەشىققە چىقماپتۇ ،ئىككىنجى قىتىملىق مەشىق ۋاختىدا يىتەكچىمىز ھەممىمىزنى قاتار تىزىلدۇرۇپ بىر -بىرلەپ سۇئال سورىدى ، مەندىن سورىغاندا ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى شۇنچە زەن قويساممۇ پەقەتلا بىلەلمىدىم شۇنىڭ بىلەن بىلمەيمەن دەپلا قۇتىلاي دىگەن ئوي بىلەن خەنزۇچە <بىلمەيمەن> دىيشىم بىلەنلا يىتەكچى بىلەن قوشۇلۇپ ھەممەيلەن  پاراققىدە  كۇلۇپ كەتتى ، كىيىن ئۇ قسام يىتەكچى مەندىن < سەن بىرىنجى قىتىملىق مەشىققە چىقتىڭمۇ؟> دەپ سوراپتىكەن.
بەت: [1]
: ناپالىيوننىڭ ئۈچ سۇئالى