Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 14:01:42

قانداق يېمەكلىكلەر كۆزىڭىزگە زىيان قىلىدۇ

قانداق يېمەكلىكلەر كۆزىڭىزگە زىيان قىلىدۇ<div class=c id=p_tpc></div><div class=tpc_content id=read_tpc>تاتلىق يېمەكلىكلەر يىراقنى كۆرەلمسەلىك كىسىلىنى پەيدا قىلىدۇ


پرۇففىسسورلارنىڭ ئۆلچەپ بىكىتىشىگە قارىغاندا تاتلىق يېمەكلىكلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىۋىتدىكەن ، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ، تاتلىق يېمەكلىكلەر تەركىۋىدىكى شىكەر ماددىسى ئادەم بەدىنىدە ماددا ئالمىشىش يۈز بەرگەندە كۆپ مىقتاردىكى ۋېتامىن B1غا ئىھتىياجلىق بولىدۇ ، شىكەر ماددىسى بەدەنگە كۆپ سۈمۈرۈلگەندە ۋېتامىن B1نىڭ نىسبىتى يىتىشمەيدۇ ، شۇ سەۋەب ، پىرۇففىسسورلار يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغىچىلارنى ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقىنى تەۋسيە قىلىدۇ .


سامساقنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا كۆزگە زىيان قىلىدۇ

سامساق بولسا ناھايىتى ياخشى تەم تەڭشىگۈچ ، نۇرغۇن كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلەتسە پايدىسى ناھايىتى كۆپ ، بىراق ئۇزاق مەزگىل كۆپ مىقتاردا سامساق ئىستېمال قىلسا ، بولۇپمۇ كۆز كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ۋە ئاسان قىززىيدىغان ، ھۆل ئسسىق ، ئوغرى تەر كىشىلەر سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، ياخشى تەسر بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا كونىلار ئارىسىدا «سامساقنىڭ يۈز پايدىسى بار، بىر كۆزگلا زىيىنى بار» دەپ گەپ بار ئىكەن . كۆز كىسەللىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار داۋالىنىۋاتقان مەزگىللىرىدە سامساق ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي توختىتىشى ، سوڭپىياز ، باش پىياز ،زەنجىۋىل قىزىلمۇچ (لازا) قاتارلىق غىدىغلىما خارەكتىردىكى يىمەكلىكلەرنى قەتئىي توختىتىشى كىرەك ، بولمىسا داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

</div>

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 15:12:33

ھەر ھالدا كۆزۈمنى كۆزەينەكسىز ساقلاشنىڭ يەنە بىر بىلىمىگە ئىگە بولدۇم، رەھمەت، تەڭ دېمەتلىك كەسىپداشلىرىم (ئېكىرانغا ئۇزاق قارايدىغانلار) ئاللىقاچان 200 دىن ئارتۇق كۆزەينەك تاقاپ بولدى...

crystal يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 16:58:17

200گىرادۇستىن ئارتۇق دىمەكچىغۇ سىز ھە ،باچكا؟

بۇرۇن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بىز مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا بەك ھەۋەس قىلاتتى ،مەن بۇنى يېزىقتىن كۆرەتتىم ،ھازىرمۇ مۇشۇنداق گۇمانىم بار ،ئىزدىنىشقا كىرىپ سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرسام ھېچنىمە بولمىغان كۆزۈم ،خەنزۇ مۇنبەرلەرگە كىرسەم بىردەمدە تەييار بولىدۇ.

بەت: [1]
: قانداق يېمەكلىكلەر كۆزىڭىزگە زىيان قىلىدۇ