mutellip1104 يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 17:32:43

يۈرەك يەيدىغان دىئالوگلار

-: مەردان، قارىڭە، يەلتاشما يۈزۈمگىمۇ چىقىپ كىتىپتۇ، ئىششىپ كەتكەننىڭ دەردىدە كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايۋاتىمەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ باقساقمىكىن...

-: ۋوي، بۇ نىمە بولغىنى؟ يۈز-كۆزىڭىزنىڭ ھەممە يىرى ئىششىققۇ، بۇ بولماپتۇ، ھازىرلا دوختۇرخانىغا بارىلى، تىخى ناشتا قىلمىغان بولغاندىن كېيىن قان تەكشۈرۈشكىمۇ قولايلىق... يۈرۈڭ.

بىر تالاي تەكشۈرۈش، دوختۇرنىڭ دىئاگىنوزىدىن كېيىن.....

-: دوختۇر سىزنى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسۇن ھەپتىگە قالماي ساقايتىۋىتىمىز دەيدۇ، نىمىلا ئىش بولسا بولسۇن ياتاقتا يېتىپ بىر داۋالىنىڭ، سالامەت بولسىلا ھەر ئىشنى قىلىۋالغىلى بولىدۇ.

-: شىركەتنى قانداق قىلىمىز؟ ھازىر ئىشلار كۆپ، ئادەم يىتىشمەيۋاتسا...

-: ئۇ ئىشلارنى ئويلىماي تۇرۇڭ، سالامەت بولساق يەنە قىلىۋالىمىز.

... ... ... ...

-: نىمە بولدى؟ دوختۇردا پەقەت ياتقۇڭىز يوقما؟

-: يوق.

-: ئۇنداق بولسا دوختۇرنىڭ يىنىغا قايتىدىن كېرىپ دورا-ئوكۇللارنى يىزىپ بەرسۇن، ئىلىپ قايتىپ ئىشنىمۇ قىلغاچ داۋالىنىڭ.

خاپىلىق شۇنىڭدىن باشلاندى.

-: سىڭلىم، دوختۇر مىنى ياتاقتا يىتىپ داۋالانسۇن دەيدۇ، مىنىڭ ياتاقتا ياتقۇم يوق، ياكى يىنىمدا بىرەر پايدىلىق مەسلىھەت بىرىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق، كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم. كەلسىڭىز، مەسلىھەتلەشسەك...

-: ھوي نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟ باياتىندىن بىرى مەن نىمە دەۋاتىمەن سىزگە؟ ياتاقتا يىتىپ داۋالىنىڭ دىسە تىخى ئۇنىمايسىز، دورىلارنى ئەكىتىپ ئىشلىرىڭىزنىمۇ قىلىپ، ئارامنى ياخشى ئىلىپ داۋالىنىڭ دىسە تىخى ئۇنىمايسىز. ئەمدى قوپۇپ سىڭلىڭىزغا يىنىمدا مەسلىھەت بىرىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق دەمسىز؟ قونچاقمۇ مەن؟

-: بولدى، بولدى، كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلماڭە...

-: نىمە قىلدىم مەن سىزگە؟ بىر ئوبدان تۇرۇپ نىمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز؟ بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ يا؟

-: بولدىلا، ئىشىڭىزنى قىلىڭە.

-: تىچلىقمۇ يا؟ ھەجەپ مەن ئاغرىتىپ قويغاندەك ماڭا خاپا بولۇپ بىرىدىكەنسىزغۇ؟ ھىلىمۇ خىلى كۈنلەردىن بۇيان تۈگىمىدى بۇ ئورۇنسىز خاپىلىق، ئازار بىرىشلەر... نىمانداق تۈگىمەيدۇ سىزنىڭ ئورۇنسىز رەنجىشىڭىز؟ نەچچە ئايدىن بىرى ئاپامنىڭ مىجەزى يوق، سىزنىڭ كېسىلىڭىز ساقايسا بىرىپ داۋالىتىشنىڭ يولىنى قىلىمەن دەپ ئولتۇرغىلى خىلى بولدى. كېسەل، ئاجىز، يالغۇزلۇق تارتىدۇ، كۆڭلى يىرىم بولىدۇ دەپ يىنىڭىزدا تۇرۇپ، ئەھۋال سورىغاننىڭ جازاسىما بۇ؟

-: ۋاي نەگە بارساڭ بارمامسەن؟ كىمىڭنى داۋالىتىپ، قانداق قىلساڭ قىلمامسەن؟

... ... ... ...

ۋاي توۋا... بۇ بۈگۈن ئەتىگەندىكى دىئالوگلار.

جاھاندا مۇنداقمۇ تەتۈرلۈك بولىدىكەن، شۇ بىر ئىغىز گىپىنى قىلىپ بولۇپ، دوختۇرخانا ئالدىدىن ماشىنىنى توسۇپلا كىتىپ قالدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ، بەندىلىرىڭنى ئوڭ قىلغايسەن.

خۇددى بۇ جاھان، بۇ تۇرمۇش ئەمدى بىزگە كېرەك بولمايدىغاندەكلا. بۇ ئىھتىمال ئايال كىشىغۇ، ئاجىز ئەمەسمۇ دەپ ئىغىرلىق قىلىۋەرگەننىڭ ئاقىۋىتىغۇ بۇ ئاخىر.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 18:44:59

بىر- بىرىنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكىلى نېسىپ قىلسۇن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 21:17:41

قانداق دىگەن تەتۈر خوتۇن بۇ ......... تايىغى كاممۇ نىمە .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-7-29 09:29:54

گەدەن - پاتتاڭغا كىلىشتۈرۈپ راسا سېلىپ ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ، داۋالىتىدىغان ئادەم ئىزدەپ كىلەي دەپ كىتىپ قالسىڭىز  بىردەمدىلا ساقىيىپ قالاتتى  . مۇنداق قارىسام ئاپىسىنى بەك داۋالىتىپ كەتتى دەپ خۇيلانغان خوتۇنكەن بۇ  ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-7-29 13:58:10

سەۋىرچانلىقنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئادەم بولمىغاندا چاپاننى تەتۈر كەيسە ئۈنۈمى بولىدىكەن، بۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەن مۇشۇ تېمىدىن ئالغان ئىبرەتنى پىراكتىكا قىلدىم: \" يەنە مۇشۇنداق ۋاقىراپ بېرىدىغان ئىشىڭىز بولسا ماڭا ئىككىنچىلەپ تېلىفۇن قىلماڭ!\" ، بىر سائەتتىن كېيىن ئالغان نەتىجە: \" ھەممىسى مېنىڭ خاتا، بولدىمۇ، ھەممىسى مېنىڭ خاتا\" گەرچە ئاھاڭىدا سەمىمىيەت تولۇق بولمىسىمۇ ئىشقىلىپ خەقنىڭكىنى كۆتۈرۈۋەرگەنگە قارىغاندا سەل ياخشى تۇرىدىكەن.

palanqi يوللانغان ۋاقتى 2008-7-30 02:32:36

يۈز-كۆزلىرىگىچە ئىششىپ كەتكەن ئايالنىڭ كەيپىياتى قانچىلىك بومماقچىتتى ، ئەكىلىۋالغىسى كەلگەندۇ بەلكىم .....ئايال كىشىنىڭ سۆزىگە ئۇنچە سەزگۈرلۈك كەتمەيدۇ .

marbiya يوللانغان ۋاقتى 2008-7-30 15:17:22

بەزى ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ  كەيپىياتى  شۇنداق بوپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەللىككە جان - جەھلى بىلەن ئىنتىلىدىغان ئاياللار ئۈچۈن يۇز - كۆزى ئىششىپ كەتسە دىمىسىمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ئىش ، سىزمۇ بىلىدىكەنسىز، كىسەل كىشىنىڭ كۆڭلى نازۇك بولىدۇ ، بۇ كىچىك ئىشلاغۇ ، توغرا چۇشۇنۇڭ !

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2008-7-31 11:22:31

مېنىڭ خوتۇنۇممۇ مۇشۇنداق چىقىپ قېلىپ ئۆيدىكى ئۆزەمدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى بېرىپ بۈگۈن خېتىنى بېرىۋەتتىم .

خوتۇنۇڭلار كۈنلەمچى، تەتۈر، دۆترەك بولسا ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا كەشىنى توغىرلاڭلار، ئوڭشالمايدىكەن .

amina يوللانغان ۋاقتى 2008-8-3 09:23:05

不要太伤心了,我本来很想写维语子,但我不会,请大家谅解!女人都是一样的,希望你能了解你的 爱人,她的病好了以后她一定会来跟你说道歉的.请你耐心的等待把

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 20:11:25

بەزىلەرنى ئۆمۈر بويى ساقلىسىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ يولسىزلىقىنى ھىس قىلمايدۇ

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2008-10-23 09:30:17

پىرىزدىنىت بوش زوراۋانلىق ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ چارە دىگەن ، پىنھان دىگەندەك قىلسا ئىككىنچى قېتىم ھەددىدىن ئاشمايدىغان بولىدۇ . ئەر ئەرگە ئايال ئايالغا ئوخشىمىسا جاھان نىمە بوپ كىتىدۇ ؟ ياققىغا تارتىپ ياتقۇزۇپ تازا دەسسەپ تاكسى تۇسۇپلا كەتسە ئەتىسى ئەتتىگەندە بىرىنچى بوپ ئىشىكنىڭ قوڭغۇرقىنى باسىدۇ شۇمشىيىپ كىلىپ ...

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-23 19:44:52

ھا ھا ھا ما باللانى.

مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن ئىزدەپ بېقىش كېرەكقۇ؟  مەن دىيالوگنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىم.  ئەرنىڭ ۋە ئايالنڭ شۇ ۋاقىتتىكى پىسخكا ھالىتىنى ئويلاپ باقتىم. سىلەر باشتىكى گەپكە دىققەت قىلىڭلار.  ئايال تەرەپنىڭ گېپىدىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ دەۋاتقىنى ئۇنىڭ چىرايىغا دەخلە قىلغانلىق ئەھۋال. بەلكى سالامەتلىكنىڭ ناچارلىقى ئەمەسكەن.  ئەر تەرەپ مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلالمىغان. ئەر تەرەپنىڭ مۇھىم ئورۇندا قويغىنى ئايالىنىڭ سالامەت بولىشى، ئەمما ئايالىنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۆڭۈل بۆلگىنى ئۇنىڭ چىراي گۈزەللىكى.  زىددىيەتكە پىلتە شۇ يەردىن باشلانغان.  ئايال كىشىنىڭ پىسخىكىسى بىلەن ئەرنىڭ پەرىقلىق بولىدۇ.  ئايالنىڭ كۆڭلىدە ئېرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق ئاياللاردىن چىرايلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ.  شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ ئالدىدا ھەر قانداق باشقا ئايال زاتىنى چىرايلىككەن دەپ تەسۋىرلەپ بېرىش ئۇلارغا ئېغىر كېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ .

ئادەتتە  يالغانلاردىن بولسىمۇ، ماڭا سەندىن باشقىسى چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ، مەن ئەڭ كاتتىسىنى ئېلىۋالغانمەن ، دەپ  ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق ئايال ئىەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرسىڭىز ئاندىن بۇنىڭ پايدىسىنى يەنە سىز ئالىسىز.

ئۇنىڭ چىرايى ئىششىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ چىراينى بىرنىمە دىسىڭىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭ مىجەزى ياخشى بولمايدۇ.  چۈنكى سىزنىڭ \"چىرايىڭىز ئىششىپ كېتىپتۇ\" دىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئۇ \"نىمانداق سەتلىشىپ كەتتىڭ؟\" دەپ ئاڭلايدۇ.  ئاندىن ياخشى كۆڭلىڭىز بىلەن دۇختۇرخانىغا ئاپىرىشلىرىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بېسىم.  ئەسلىدە تاش بەدىنى سۇغۇشى ئېشىپ كەتكەن كىشى ئەتىگەندە قوپسا چىراي قاپاقلىرىدا ئششىق ئالامىتى كۆرۈنىدۇ. بۇ چۆچۈپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەستى. يەنە يەللىك يىمەكلىكلەر سەۋەبىدىن يەل تاشىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.  ئۇ ئايالنى بىئارام قىلغىنى يەل، ياكى ئىششىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چىرايىغا دەخلى قىلغانلىق ئالامىتى. شۇڭا، ئۇ چىرايىم ئىششىپتۇ دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تېخىمۇ چۆچۈتۈپ \"ۋاي-ۋۇي! بۇ نىمە بولغىنى! چىرايىڭنىڭ ھەممە يېرى ئىششىپ كېتىپتۇ!\" دىگەن گەپنى قىلماسلىق لازىم ئىدى. راستلا شۇنداق بولغان بولسىمۇ، ئۇنداق دىمەي \"راست، يۈزۈڭ سەل ئىششىپ قالغاندەكمۇ نىمە؟ ياخشى ئارام ئالالمىغاندەك قىلىسەن، شۇنداق بولسىمۇ ھەر ھالدا دۇختۇرغا تەكشۈرتۈپ باقايلى، باشقا مەسىلە بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟ \" دىگەندەك گەپلەر بىلەنمۇ ئۇنى دۇختۇرغا ئاپارغىلى بۇلاتتى.  دۇختۇردا يېتىشنى خالماسلىقتىمۇ ئايالنىڭ كۆڭلىدە سان بار. دۇختۇرلارمۇ كىرگەن ئادەمنى ياتقۇزۇپ كۆپرەك كىرىم قىلىشنى، ئاندىن ئۇنى ساقايتىشنى ئويلايدۇ.  

ئايالنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ سىڭلىسىغا تېلىفۇن قىلىشىمۇ نورمال ئىشتى.  چۈنكى شۇ چاغدا بىرەر ئايال كىشى بىلەن مۇڭدىشىپ بېسىمىنى يىنىكلىتىشنى ئويلىغان گەپ.  ئۇنىڭ \"پايدىلىق مەسلىھەت بەرگىدەك بىرەرسى يوق\" دىمەكچى بولغىنى ئۇ ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياللارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشىنىدىغان بىرەرسى يوق دىمەكچى. ھەرگىزمۇ ئەرنى مەسلىھەتكە يارايدىغان ئەدەم ئەمەس دىمەكچى ئەمەس.  چۈنكى ئەتىگەندىن باشلاپلا شۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەي، ئۇنىڭ چىرايىغا بېسىم قىلىپ بىئارام قىلغان.  

شۇڭا، سىڭلىسىغا تېلىفۇن قىلىپ دىگەن گېپىگە سەزگۈرلۈك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .  ئۇ دۇختۇردا ياتماسلىقنى قارار قىلىپ بولغان، ياتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار. پەقەت شۇ سىڭلىسى بىلەن مۇڭدىشىپ روھىي بىسىمىنى يىنىكلىتىشنى ئويلىغان. ئەقىل كېتىدىغان يەرگە ئېرىچىلىك مەسلىھەت بېرەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئۇ بىلىدۇ.

شۇڭا، ياخشى كۆڭۈل  ئاخىرى جىدەلگە تەرەققى قىلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.

يەنە بىر مەسىلە،  ئەر كىشىلەر روھىي كۆتۈرۈشچانلىقىمىز چوقۇم ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرۇشىمىز لازىم.  باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگنىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغانلىرىمىز ئۈچۈن مىنەت قىلماسلىقىمىز لازىم، بولۇپمۇ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە تېخىمۇ شۇنداق. يۇقۇرقى دىيالوگقا قارايدىغان بولساق، ئەرنىڭ  كېيىن دىگەن گەپلىرىنى ھەر قانداق ئايال كىشى ئاڭلىسا ئەرنىڭ شۇ ئايال ئالدىدىكى ئىناۋىتى تۆۋەنلەشكە پايدىلىق. شۇڭا ،  بولۇپمۇ ئايالىڭىز چىرايى تۇغرىلۇق جىلە بولۇپ تۇرغاندا \"مەن ساڭا شۇنچە ياىشىلىقلارنى قىلدىم، \" دەپ تىزىپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز، سەن شۇنچە پالاكەت بىرنىمىما؟! دەپ تېخىمۇ جىلە بولۇپ قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىز كۆڭۈل بۆلگەنلىرىڭىزنى ھەممىسىنى سىلكىۋېتىدۇ.  شۇڭا، ھەرقانچە ئاچچىق كەلگەن چاغدىمۇ مىنەت ئارىلاشقان گەپنى دىمەسلىك لازىم. چۈنكى ئەر كىشى چوقۇم مەرت بولۇش لازىم.  ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىچى تارلىقىنى بىلىدۇ.  مىنەتخورلىقىنى، يەنە تەماگەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ، ئەرلىرىدە شۇلاردەك ئاجىزلىق بولىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.  ئاياللار ئەرلىرىنىڭ روھىي كۆتۈرۈشچانلىقى ئۈستۈن بولىشىنى،  ئايالىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل دەپ بىلىشىنى،  مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قارىشى بولىشىنى ، بولۇپمۇ پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى، مەسئۇلىيەتچان بولىشى،  مەرت بولىشىنى ، پاراسەتلىك بولىشىنى خالايدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىپادە كۆرۈلۈپ قالسا بولمايدۇ.  

يۇقۇرقى دىيالوگدىن قارىغاندا ئەرنىڭ ئايالىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى راست. ئەمما، ئايالىنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان نازۈك يېرىگە دىققەت قىلالمىغان. پەقەت ئەرنىڭ پىسخىكىسى بويىچە ئايالنىڭ كۆڭۇل بۆلىۋاتقان نەرسىسىسىنى تۇغرا چۈشىنەلمىگەن. ئۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش ئەرگە ياقىدۇ.

ئادەتتە ئايال كىشىلەر باشقا ئايال كىشىنىڭ چىرايىغا بەك دىققەت قىلىدۇ، مىسالەن، ئۇنىڭ چىرايىغا بىرەر نەرسە چىقىپ قالغان بولسا، باشقا بىر ئايال كىشى ئۇنى ئېچىتىپ \"چىرايىڭ نمە بولۇپ كەتتى؟\" دىگەندەك گەپنى چىقىرىپ قالسا شۇ گەپنىڭ بۇ ئايالغاقانچىلىك زەربىسى بۇلار؟  ئۇنىڭ شۇ كۈنى بىئارملىقتا ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شۇڭا، مەن دەيمەن،  كەمچىلىك ئەردىمۇ بار.  ئايال كىشى شۇ خىل ھالەتتە بىئارام بولىۋاتقاندا ئۇنىڭ  بەزى گەپلىرىنى پىرىنسىپقا كۆتەرمىسىمۇ بولىدۇ.  روھىي تەسەللى بېرىدىغان يەردە تۇرماي، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يەردە تۇرۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ بىئاراملىقىغا شىپا بولىدىغان دورىنى باشقا يەردىن ئىزدەيدۇ (ئۇ سىڭلىسىنى شىپا قىلىشى مۇمكىن دەپ بىلگەن).

ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىدەك ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى لازىم بولىدۇ.  قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكى تەرەپلىرىگە سەۋرىچانلىق لازىم بولىدۇ.  يول قويىدىغان تەرپلەرگە يول قويۇپ ئەپۇچان بولۇشقا تۇغرا كېلىدۇ. ئەمما ھەق -ناھەق، ياخشى يامان مەسلىلەردە ھەرگىزمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، ھالال ياشاش، ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش.... دىگەندەك ئىشلادا ئايال نىمە دىسە ئەگەر ئۇنىڭ يولسىز بولسا، ئۇنىڭغا يول قۇيۇشقا بولمايدۇ.  بۇ خىل ئىشلادا باشتىن -ئاخىر چىڭ تۇرسا ئايال كىشىمۇ قايىل بولۇپ مايىل بولۇپ ئەرگە باقىدۇ.  باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئايالغا ئۆتكۈزۈپ ئايال كىشى نىمە دىسە ماقۇل بولىدىغان ئەرنى ئايال كىشى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئايال كىشى مەيلى قانچىلىك يامان بولۇپ كەتسۇن، ئۆزىنى بوي سۇندۇرغىدەك ئەرنى ئاندىن ياخشى كۆرىدۇ. ئايالىمنى  ياخشى كۆردۈم دەپ  خاتا ئىشلىرىنىمۇ قوللىسا ئۇنىڭغا ئېرى سەت كۆرۈنىشى مۇمكىن.  

ئۆي تۇتۇپ كېتىۋاتقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئازدۇر كۆپتۇر سەۋرىچانلىقى بىلەن تۇرمۇشىنى داۋام قىلىپ ساقلايدۇ. يەنە تۇمۇش سەنئىتى بولىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەگرىسى بازغاندا تۈزەلمەيدۇ.  بەلكى پاراسەت بىلەن باش ئەگدۈرۈلىدۇ.  كىچىككىنە ئىشلاردا غاج-غاج قىلىشىپ ئۆرەنلىشىپ زىددىيەتكە كۆتەرگەننىڭ پايدىسى يوق.  

ئايالىنى بازغان بىلەن بوي سۇندۇرىمەن دىگەن ئەردىكى ئاجىزلىق.  شۇنداق قىلسا، ئايال كىشى ئۇيان ئويلاپ بۇ يان ئويلاپ باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ يەنىلا  ئۆيىنى تۇتۇپ كېتىش، سەۋرى قىلىشنى ئويلىغىن بىلەن بۇ ئەرنىڭ شۇ يېرىگە مەڭگۈ قايىل بولمايدۇ.  پەقەت ئۆزىنى سەۋرى قىلغۇچى كۆرۈپ، ئېرىنى بولسا خاتا قىلغان دەپ كېتىۋېرىدۇ، ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى كۆرۈشكە تېخىمۇ تۇسالغۇ بولىدۇ.  شۇڭا، مۇشتۇم ئايال كىشىنى دىلىدا بوي سۇندۇرالمايدۇ. ئەرنىڭ يامىنى چوقۇم ئايال كىشىنى چىن دىلىدا قايىل قىلىپ بويسۇندۇرىدۇ، ئەمما چوقۇم تاياق بىلەن ئەمەس.

بەت: [1]
: يۈرەك يەيدىغان دىئالوگلار