Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 16:18:10

ئومۇرلۇك ھەمرا تاللىغاندا

<div class=tpc_content id=read_tpc>بىرسىنى چۇشىنىشنىڭ ئۇنى ياخشى كۇرۇشكە قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىيىن ھەم مۇشكۇل ئىكەنلىكىنى، ئەتراپىڭىزدىكى بەزى يىگىتلەر پەقەت ئارلىشىشقا ۋە دوست بۇلۇشقا لايىق بۇلۇپ، توي قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
تۇۋەندە ئۇمۇرلۇك ھەمراھ قىلىپ تاللاشقا ئەرزىمەيدىغان 5 خىل يىگىتنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۇتىمىز:
1. ئاغزىدا دائىم سىزنى ياخشى كۇرىمەن دەيدىغان،ئەمما سىزنى ئەمرىگە ئېلىشقا ۋەدە بىرەلمەيدىغان يىگىتلەر:
سىلەر ئارلىشىپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇ سىزنى ياخشى كۇرىدىغانلىقىنىلا تەكىتلەپ،سىز بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىسا،بۇ ئۇنىڭ تېخى سىزنى ئۇنچىۋالا ياخشى كۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى،ئىددىيسىدە يەنىلا داۋالغۇش بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ، شۇڭا بۇنداق يىگىتلەردىن بەك ئۇمىد كۇتۇشكە،ئۇلارنى ساقلاشقا ئەرزىمەيدۇ.
2. باغرى تاش يىگىتلەر:
كىشلىك تۇرمۇشتا ئۇزىڭىز ياخشى كۇرىدىغان ياكى سىزنى ياخشى كۇرىدىغان يىگىتنى تاپماق ئانچە تەس ئەمەس،ئەمما ئوز ئارا ياخشى كۇرىشىدىغان،بىر بىرىنى چۇشىنىشىدىغان ئۇمۇرلۇك ھەمراھىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن. باغرى تاش يىگىتلەرنىڭ سىزگە كوڭلى چۇشكەن ھامان ئۇلار ھەر قانداق تۇسالغۇلارغا قارىماي سىزنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىدۇ. ئوخشاشلا سىزدىن كوڭلى قالغان ۋاقىتتىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەيلا سىزنى تاشلىۋىتىدۇ. ئۇلار ئىشنى كەسكىن قىلىدۇ،ئەمما ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايدۇ. بۇنداق يىگىتلەرنى ئۇزىڭىزگە ئۇمۇرلۇك ھەمراھ قىلىپ تاللىسىڭىز سىزدە مەڭگۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ.
3. قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاچىدىغان يىگىتلەر:
يىگىتلەردە چۇقۇم قىلغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بۇلىدىغان جۇرئەت بۇلىشى كىرەك.بەزى يىگىتلەر ئۇزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن قاچىدۇ. بۇ بىر خىل شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى. يىگىتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۇچلۇك بولغاندىلا ،ئاندىن ئۇ ھەقىقى يىگىت، ئۇمۇرلۇك ھەمراھ بۇلالايدۇ.
4. ئاغزىدىلا گېپى بار، ئەمىليىتى يوق يىگىتلەر:
ئادەملەرنىڭ قابىليىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما ئىشنى چوقۇم كۇڭۇل قۇيۇپ قىلغاندىلا ئاندىن بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بۇلىدۇ. كىشلىك تۇرمۇش مۇساپىسى ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە، ئۇنى ئوزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز داۋاملىق تىرشىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا سىز كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا سىز بىلەن تەڭ كۇرەش قىلالايدىغان بىر يىگىتنى تېپىشىڭىز كىرەك. ئاغزىدىلا گېپى بار،ئەمما ئەمىليىتى يوق يىگىتلەر ئائىلە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھوددىسىدىن چىقالمايدۇ.
5. ۋاپاسىز يىگىتلەر:
ئاتا ئانىسىغا كۇيۇنمەيدىغان يىگىتلەرنىڭ ئوز ئائىلىسىگە،خوتۇن بالىلىرىغا كۇيۇنىشى ناتايىن.بۇنداق يىگىتلەرنىڭ كوپىنچىسى شەخسىيەتچى،توڭ كىلىدۇ.مۇھەببەت بىلەن قېرىنداشلىق مىھىر شەپقەت،كىشىلەر ئارسىدىكى ئەڭ ئىللىق،شۇنداقلا ئەڭ سەمىمى ھىسياتتۇر. ئەگەر سىز ئۇزىڭىزگە ئۇمۇرلۇك ھەمراھ قىلىپ تاللىغان يىگىتتە بۇ خىل ھىسيات كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇتۇش ناھايىتى خەتەرلىك.
    قىسقىسى، قايسى خىلدىكى يىگىتنى ئۇزىڭىزگە ئۇمۇرلۇك ھەمراھ قىلىپ تاللىغان بولسىڭىز شۇ خىلدىكى يىگىت بىلەن نىكاھ ۋە كىشلىك تۇرمۇشنى بىللە تاللىغان بۇلىسىز.


      مەنبە:  شىنجاڭ ئاياللىرى  </div>

Sword00 يوللانغان ۋاقتى 2008-8-3 21:48:15

رھمەت!

قېنى ئىزدىنىش ئەھلى؟ بىرەر پارچە ئەكتىۋ ئېنكاس يېزىپ قويساق بولمامدۇ؟

sirdax يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 10:36:17

رەھمەت.

lokman يوللانغان ۋاقتى 2008-10-1 08:49:48

مەن نىمە دەي ئەمدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ياخشىسى دىققەت قىلىڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! بەك قىززىققان يىگىتلەرنىمۇ قىزلار ياقتۇرمايدىغۇ دەيمەن!!!!!!!!!!!

بەت: [1]
: ئومۇرلۇك ھەمرا تاللىغاندا