natunux يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 16:29:20

سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاققا



بىلىمەن
تېگىشمەيسەنپاكىز روھىڭنى

مىڭجۈپ ئاياغ ، ئېسىل چاپانغا.

ئاستاتاشلاپ كەتتىڭبىرئوتنى،

ئىللىسۇن دەپسوغۇق جاھانغا

~~~~~~~~~~~

ئېسىل تائام ، يۇمشاق تۆشەكلەر

چۇشلىرىڭدەقالدى چۈش پىتى .

يېلىنمىدىڭبىرمۇ زەردارغا ،

يىرتىلمىدى غۇرۇر پىچىتى.

~~~~~~~~~~~~~

كىلىپ قالساڭبىزنىڭ بۇياققا ،

مەئىشەتكەيىغلايسەن چوقۇم.

چۈشۈپ قالدىيانچۇقىمىزدىن

شۈكۈر چىدام دىگەن شۇ ئۇقۇم .

~~~~~~~~~~~~~

تاۋار - دۇردۇن چاپان كىيگەنلەر

گۈزەللىكنى بىلمەس سىېنىڭدەك

ئوت ئالدىدا مەغرۇر تۇرغانلار

ھارارەتنى سەزمەسئۆزۇڭدەك

~~~~~~~~~~~~~
چېچىۋەتكۈم كىلەردۇنياغا

سىنىڭ ئاشۇگۈزەلقىسسەڭنى

ئاپارغۇم بار قەبرەڭگە مىڭ رەت

شەبنەم سۆيگەنلالە- غۇنچەمنى .

مەنبەتارىم ژۇرنىلى 2005- يىل5- سانىدىنئىلىندى .

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2008-7-29 11:24:43

پاھ، ئېسىل شېئىر ئىكەن!!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-7-29 12:52:46

i love you,

The Little Match-Girl

..................

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 17:55:51

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار







ۋارىيانت







«قىزچاق سەرەڭگە ساتقىلى چىقتى.



ئاپپاق قار يېغىۋاتىدۇ،



مۇزدەك شامال چىقىۋاتىدۇ.



ھارارەت يوق ھارپىدا، بىراق.



ئۆلۈپ كەتتى ماكانسىز بۇ قۇش،



خوشاللىققا ساقلاپ ئىشتىياق ...»



بۇ چۆچەك شۇنداق ئاخىرلاشقان.



ئۇ چاغدا مەن



ئۈنۈم پۈتۈپ قالغۇچە يىغلىغان.



(سەبىي يۈرىكىم بولغان ئىدى قان.)







ھەي، ئەمدى بىلدىم،



رېئاللىققا يىغلىغانكەنمەن:



يول-يوللاردا بىچارە ھالدا،



ياتقانلار بار سەدىقە تىلەپ.



مەن قارايمەن بۇ دەرۋىشلەرگە،



سىياقىدىن بىر ھېكمەت ئىزلەپ.







مەجروھ موماي يىغلايدۇ يۇم-يۇم،



بېرەلەيمەن پەقەتلا بىر سوم.







ئەي، سالماق پۇقرالار!



سائىللارنى ئەيبلىگۈم يوق.



ئۇلاردىمۇ



غېرىبلىق بار، چوڭقۇر دېڭىزدىن.



يىگىتلەرنىڭ قەلبىنى كۆردۈم،



دوقمۇشتىكى بەختسىز قىزدىن.







دەرد ئەۋجىدە قالسام كۆرۈنمەي،



كۆمۈۋەت دۇنيا، ھېچكىمگە دېمەي.







2004-يىل7- ئىيۇل چارشەنبە كېچە، باي.




بەت: [1]
: سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاققا