Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 14:14:19

ئاپاق خۇجا ۋە ساما توغرىسىدا سۇئال

بۈگۈن چوغلانىيازغان جاللات خېنىم دىگەن ئىككى قىسىملىق توم روماننى ئوقۇپ چىقتىم.بۇ روماننى ئوقۇپ چىقىشنى جىق ئادەم تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ تېخىچە ئوقۇش ماڭا نىسىپ بولمايۋاتاتتى.ئاخىرى تەتىلدىكى بىكار يۈرگەن ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئوقۇپ چىقىش قارارىغا كىلىپ... بۇ رومان خېلى ياخشى چىققان رومانكەن دەپ قارىدىم(ئەمىلىيەتتە جاللات خېنىمنى يازغان چوغلانى بىلەن ئاپاق خوجا دىگەن كىتابنى يازغان ئابدۇۋەلى ئېلى نىڭ پىكىر ئىختىلاۋى بارلىقىنى بۇرۇندىن ئاڭلاپ كەلگەن بولساممۇ،بىراق جاللات خېنىمنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئىختىيارسىز قول قۇيۇپ ساپتىمەن،ئاشۇنداق ئاياللارمۇ ئۆتۈپتىكەن!دەپ قاپتىمەن).بەزىدە بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەقەلىككە قاراپ ئۆزەم بىلمىگەن ئاساستا ئاللا كىملەرنى تىللاپ ساپتىمەن! ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەم:

ئاپپاق خوجانى ئەۋلىيا دەپ قارايدىغان ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ ساما ئويناپ،ھۆم ئاللا ،ھۆم دەپ يۈرىشى،بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزەن بىر يەرلىرىنىڭ ھېيت بايراملاردا قەشقەردىكى ھېيتكاھ مەسجىتىنىڭ ئالدىدا ئوينايدىغان ساما بىلەن مۇناسىۋىتى باردەك ھىس قىلىپ قالدىم.سىلەرچە شۇنداقمۇ ؟ بۇ ھېيتتا ساما ئويناش ھازىر ئۈرۈمچىدە نوغاي مەسجىتىدەمۇ ئومۇملىشىقا سەل-پەل تەرەددۇت قىلدى.بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەر قىززىقىپ قاپتۇ ۋە بۇنى مۇشۇ يەرگە ئۇمۇملاشتۇرۇش كىرەك دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز.بۇنىڭ(ساما ئويناشنىڭ) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ ساما دىگەن ئۇسۇل ئاپاق خۇجا دىن بۇرۇن بارمىتى ياكى ئاپاق خۇجادىن كىيىن بىزدە ئۇمۇملىشىپ قالغانمۇ؟ھېيت نامىزىدىن تارقىغاندىن كىيىن مۇشۇنداق ئۇسۇل ئويناشنىڭ دىندا بىرە بايانى بارمۇ ؟

natunux يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 16:31:30

http://img.blshe.com/resserver.php?blogId=3683&resource=365682-1.jpg

Gultikin يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 17:49:20

جاۋاب بىرىدىغانلار يوقما؟ مەنغۇ بىلمەيدىكەنمەن.

بۇ ئىزدىنىش شۇنچە ئۇزۇندىن بىرى ئېچىلماي ئەمدى باشقىچە ئۆزگىرىپتۇ دىسە.تازا كۈنەلمىدىم بۇنىڭغا.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 21:53:57

ئۆزگۈرۈش جېق ئەمەس بۇرۇنقىدىن ئىلغارلاشتى

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 02:26:52

ساما مەنچە خوجىلاردىن بۇرۇن بار بولغان. ساما ئەسلى سۇفى (بىزدە سوپى) دەرۋىشلىرىنىڭ ئۆز ئىتقادىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل يولى بولغان. سۇفىزىمنىڭ مەنبەسىنى بەزىلەر مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرىگە باغلايدىكەن، دېيىشىچە پەيغەمبەرنىڭ بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى ۋاقتىنى كۆپىنچە مەسچىتتە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھ قا يىقىن بولماقچى بولغان، بۇلار كىيىنچە سۇفى ئىقىمىنى شەككىللەندۈرگەن. قانداقلا دەيلى سۇفىزىم 1200~1500 يىللاردا تەرەققىياتى ئەڭ زور بولغان ھەم تەسىر دائىرىسى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى بىر ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىياداخوجا ئەخمەد يەسەۋى(1106~1166)، مەۋلانە جالالىددىن رۇمى (1207~1273) لار ئاساسلىق ۋەكىللىرى بولغان. سۇفىزىم ئەسلى بىر ئىسلامنىڭ پەلسەپە ئىقىمى بولغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىش، ئۆز روھىيىتىدىكى بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى يوقىتىپ ، پۈتۈن ساپ روھ ئارقىلىق ئاللاھ قا يىقىنلىشىش، يەنى فاني بولوش (ئەۋلىيالىق ماقامىغا يىتىش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولار). روھ سۇفىزىمدا لۇغىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان سۆز. شەيخلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناش سۇفىزىمنىڭ كىيىنكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆز خائىشىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل يولى بولغاندەك تۇرىدۇ...

مەن بىر ماقالىدە ئەلىشىر نەۋائي نىڭمۇ سۇفى مۇرتى ئىكەنلىگىنى نۇرغۇن شئىرلىرىدىن مىسال ئىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ناۋائىنڭ قارىشىچە دۇنيادىكى ھەممە ھادىسىلەر پەقەت دېڭىز ئوكيانلاردىكى دولقۇنلار، دولقۇن ھاسىل قىلغان ھەرخىل قايناملار. پۈتۈن ئوكيان بولسا سۇ دىن ئىبارەت. روھ خۇددى بۇ يەردە شۇ سۇغا ئوخشاش. ناۋائى ئۆزىنىڭ قىسمەن شئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ فانىيلىققا يېتىش ئارمىنىنى ئىپادىلىگەن.

ھازىر ساما ئۇسۇلى تۈركىيەدە ئەڭ كۈچلۈك دەپ بىلىمەن، قايسىلا تۈركىيە ساياھەت ئورگانلىرىنىڭ غەربتىكى ئىلانلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز دەرۋىشلەرنىڭ ساما ئۇسۇلى ئويناۋاتقان كۆرۈنىشلىرى بار. لىكىن تۈركلەردە مەخسۇس دەرۋىشلەرلا ئوينايدىكەن. بولوپمۇ رۇمى نىڭ قەۋرىسى ئالدىدا. ئۇلار ئوينىغاندا كۆزىنى يۈرىكىدىن ئۈزمەيدىكەن. پاكىستاندىمۇ ھازىرغىچە سۇفىزىمچىلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى خىلا بار ئىكەن.ئۇلارمۇ ئوخشاش قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىش، ساما ئويناش، شئىر-مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىدىكەن. دېمەك ساما سۇفىزىم بىلەن بىرگە كىرگەن، ھەم خوجىلار زامانىدىن كۆپ بۇرۇن بولغان.

ئىشقىلىپ سۇفىزىم ئىسلامغا ئۆزگىچە بىر رەڭ قوشقان، نۇرغۇن شائىرلار، مۇزىكانتلار، پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىققان. رۇمىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ غەربتىكى تەسىرىمۇ ناھايتى زور. نۇرغۇن شئىرلىرى تەرجىمە قىلىنغان بولوپ، ھەتتا مادوننا غا ئوخشاش پوپ ناخشىچىلارمۇ ئۇنىڭ لېرىكىلىرىدىن ئۇدۇل پايدىلانغان. بۇ ھەقتە bbc دا مەخسۇس خەۋەر بىرىلگەن(http://news.bbc.co.uk/2/hi/south_asia/7016090.stm).

تولىمۇ ئەپسۇس، خوجىلار دەۋرىدە، بۇ خىل ئىقىم سىياسى نەيرەڭۋازچىلارنىڭ قۇرالى بولوپ قالغان. ھەتتا سۇفىزىم ئۆزىمۇ بارغانچە ئۆزىنىڭ ھەققى مەنىسىنى يوقىتىپ ، تولا بۇرمىلىنىپ، بىر خىل پاسسىپ سۈپەتتە كىشىلىرىمىزگە ئومۇملاشقاندەك تۇرىدۇ.



yureksiz يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 13:33:31

ئىراقتىكى بۆرە جىلغىسى دېگەن كىنودىمۇ ھېلىقى ئاقساقال شاگىرتلىرى بىلەن   ھالقا بولۇپ ساماغا ئوخىشايدىغان ئۇسۇلنى ئوينايدۇ.سوپىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېنىق .

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2008-7-28 13:41:46

مېنىڭچە بولغاندا ساما ئۇسۇلىنىڭ تارىخىنى ئىسلامدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەرگە يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان ئېتىقادى دەۋرىگىچە سوزۇش مۈمكىنمىكىن دەپ قارايمەن، ھازىرمۇ پېرە ئوينىغاندا ساما سېلىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشلار بارغۇ.

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 17:44:00

خۇراپى سوپىلار
بەت: [1]
: ئاپاق خۇجا ۋە ساما توغرىسىدا سۇئال