akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2008-7-26 21:33:17

ئانىنىڭ يېشى (ھېكايە )

- ئاپا، بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىمەن. ئەنسىرىمە، خوش.

ئانا يەنە غەمگە پاتتى. ھەي بالا، نىمىلەرنى قىلىپ يۈرىيدىغاندۇ؟  ئانىنىڭ پەقەت بىرلا ئوغلى بولۇپ، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەنىدى. ئەپسۇس، خىزمىتى يوق تېخىچە قاچا بىكارلاپ يۈرمەكتە ئىدى. چوڭ قىزى بولسا بۇ يىل تېخى ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى. شۇڭا، ئانا بۇ ئوغلىدىن بەكىرەك ئەنسىرەيتتى.

بۈگۈن ئانا ئوغلىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيماقچى بولۇپ، يانچۇقىنى ئاختۇردى.  چۈنكى ئوغلى كۆپىنچە ھاللاردا چاقماق، تاماكىلىرىنى يانچۇقىدا ئۇنتۇلۇپ قالاتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولىغا بىر پارچە قەغەز چىقتى. ئۇنىڭدا خەنزۇچە خەتلەر تۇراتتى. ئانا ئۇنى تاشلىماقچى بولدىيۇ، لېكىن، ئۇنىڭدىكى تامغىنى كۆرۈپ، قويۇپ قويدى.

- ئاپا، ئاغىنىلەر ئولتۇرغان. كەچتە كېلەلمەيمەن. خوش.

ئانا يەنە خىيالغا پاتتى. ھايال ئۆتمەي چوڭ قىزى كەلدى. ئۇ دەرھال قىزىغا تاما ق ئېلىپ چىققاچ، ھېلىقى قەغەزنى كۆرەتتى.

- نەدىن تاپتىڭ؟ - قىزى قەغەزگە سىنچىلاپ قاراپ ئەنسىز سورىدى.

- ئۇكاڭنىڭ يانچۇقىدا تۇرىدۇ. نېمە قەغەز ئىكەن؟

- ...

- دېگىنە؟ - ئانا جىددىيلەشتى.

- دوختۇرخانىنىڭ.

- نېمە ئۇكاڭ كېسەلمىكەن؟ نېمە كېسەلكەن؟ ئېيتساڭچۇ؟ -ئانىنىڭ قوللىرى ئىخىيارسىز تىترەيتتى.

- ياق!

- ئۇنداقتا....

قىزى ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئانا كەينىدىن ئەگىشىپلا كىردى.

- نېمە ئىش ئىكەن بالام؟ دېسەڭچۇ؟

- بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ قەغىزى ئىكەن.

- نېمە؟ بۇ... ئانا جايىدا تۇرۇپلا قالدى. بۇ.. كىم، كىمنىڭ؟

- ئۇقمىدىم. بىر قىزنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ. بەلكىم...

-ھە، - ئانا تامغا يۆلەندى. ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەنىدى.

  ئۇ ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قىزىمۇ يىغلاشقا باشلىدى.

- توۋا... ماۋۇ بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى...

  ئەتراپ قاراڭغۇ. بىنا جىمجىت ئىدى.  پەقەت ئانىلا ئۇيقۇدىن بىدار....

تاڭمۇ سۈزۈلدى. ئۆيدىكىلەر ئەتىگەنلىك چاينى ئىچىپ تۇرىشىغا بالا كىرىپ كەلدى.

- ئاپا، مەن كەلدىم. ئۇ يەنىلا غەمسىز بالىلاردەك كۈلۈپ تۇراتتى.

- چاي ئىچتىمۇ؟

- ھەئە. ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

قىز بىلەن ئانا بىر - بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قېلىشىتى. ئانىنىڭ كۆز چاناقلىرىنى يەنە ياش قاپلىدى.

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 12:45:27

مەنىلىك ھىكايە  ئىكەن
بەت: [1]
: ئانىنىڭ يېشى (ھېكايە)