esir يوللانغان ۋاقتى 2008-7-26 17:36:13

ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى

ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى

ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ بىر پارچە بوشلۇقتا شىر بىلەن تۈلكىنىڭ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. مۇسابىقىنىڭ چوقۇم كەسكىن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، نۇرغۇن ھايۋانلار بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشكە توپلاشقان بولۇپ، ھەر كىم ئۆز پىكرى بىلەن غۇلغۇلا قىلىشىۋاتاتتى. بەزىلەر شىرنىڭ ھەيۋەتلىك بەستى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىگە قايىللىق بىلدۈرۈپ، تۈلكىنىڭ ئاۋاق، ئورۇق بەستىنى مازاق قىلىشىپ كۈلۈشسە، يەنە بەزىلەر تۈلكىنىڭ ھەر ئىشنى پەم- پاراسەت بىلەن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.

سېغىزخان مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىر ئەسلىدە تۈلكىدەك بىر ئاۋاق ھايۋاننىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئارغامچىنى بىرلا تارتىش بىلەن تۈلكىنى پۈكلىۋەتمەكچى ئىدى، ئەمما، مۇسابىقە باشلانغان شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزى ئارقاننىڭ تۈلكە تارتقان تەرىپىگە ئېسىلغان بىر پارچە يېڭى لوق گۆشكە چۈشتى ۋە مۇسابىقىنى ئۇنتۇپ، گۆشكە ئۆزىنى ئاتتى......

سېغىزخان مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى تۈلكىنىڭ پەم- پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشسا، بەزىلىرى ئۇنىڭ ھىيلە- مىكرىدىن غەزەپلىنىپ، شىرنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ ھەسرەت چېكىشەتتى. قورسىقى تويغان شىر بولسا نومۇستىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئىدى...

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 10:50:26

سافا، سافا !!!!!!!!!!!!!!!111

تور بەتنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەيمىز!

ھە راس، ياخشى يىزىپسىز،،، بەزى ۋاقىتلاردا بەزى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق زۆرۈردۇر!!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 13:07:19

بۇ يازمىنىڭ پايدىلىش قىممىتى يوقۇرى ئىكەن! ھەقىقەتەن ئىشلار سىز يازغاندەك بۇلۇپ كەتتى ھازىر ،ھەم بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن!

ھازىر بەزى كىشىلەر:مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھالارنىڭ كىرىكى يوق، دەپ شۇئار توۋالاۋاتماقتا! مۇۋاپپىقىيەت ئۈچۈن زادى ئاشۇنداق قىلىپ،ئاخىرىدا خەلقنىڭ ئېغىزا داڭلىق،ئۆلمەس...ئىشقىلىپ جىق نەرسىلەرنى بىلىپ كەتتۇق!

بەت: [1]
: ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى