marbiya يوللانغان ۋاقتى 2008-7-24 09:21:22

دۇنيادىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئاستىلىماقتا

ب د ت نىڭ 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى، ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 33 مىليون 200 مىڭ دەپ مۆلچەرلەندى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇلتۇرقى يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2.5 مىليون بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 10 يىل ئالدىدىكى يىلىغا 3.2 مىليون كىشى يېڭىدىن يۇقۇملىنىدىغان ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

ياپونىيە «ئورتاق» ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ (پىلان مەھكىمىسى، دەپمۇ ئېلىنىدۇ) مۇدىرى پىتىر پىۋوت مۇخپىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۆرستىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەيدىزنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى گەرچە مەلۇم ئىلگىرلەشكەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا». دوكىلاتتا يەنە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك خامچوت ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتلەردىكى سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تەكلىپ بەردى.

دوكىلاتتا مۇنداق دىيىلدى، ئەيدىزدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2001- يىلىدىكى 3.9 مىليوندىن ئۆتكەن يىلىدىكى 2.1 مىليونغا تۆۋەنلىدى. ئافرىقىدىكى سەھرابى كەبىرنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا ئەيدىزنىڭ يامىرىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، دۇنيادىكى قورامىغا يەتكەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %68 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر مەزكۇر رايوندا ئەيدىزدىن ئۆلگەنلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزدىن ئۆلگەنلەرنىڭ %78 نى ئىگىلەيدۇ.

دوكىلاتتا مۇدنداق كۆرسىتىلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئومومىي جەھەتتىن ئازلاش ھالىتىگە چۈشتى؛ ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىۋاتقانلار ئىچىدە، پەقەت %30 يۇقۇملانغۇچىنىڭلا دورا يېيىش شارائىتى بار ئىكەن.

مەنبە : http://www.shadiman.com

بەت: [1]
: دۇنيادىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئاستىلىماقتا