jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 13:45:53

قانچىلىك سۆيگۈ بىزگە بىر ئۆمۇر ھەمرا بۇلىدۇ؟

    تەقدىر ئاياقلاشقاندا ،قۇيۇپ بەرمەسلىكنىڭ ھاجىتى يوق،پىشانىمىزگە بىرگە بۇلۇش پۇتۇلمىگەنكەن ،ئازاپلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق،ئازاپتىن كىيىن قالدىغىنى چېكى يوق يالغۇزلۇقتۇر. ئەبىدىلىك دىگەن نىمە؟ مەڭگۈلۇك دىگەنچۇ ؟ تەقدىر ھاياتتىكى بىر تەسادىبىلىق ،گۈل ئېچىلغاندىلا ئاندىن سۇلىشىدۇ،ئايرىلغاندا قايتا جەم بۇلۇش مەۋجۇت بۇلىدۇ،ئەگەر ئاشۇ ئەپسۇسلىنىش بولمىسا خوشاللىق قانداق كىلىدۇ؟ ئاشۇ ئامالىسزلىق بولمىسا قەدىرلەشمۇ بولمايدۇ.تەقدىرنى ھىچكىم ئالدىدىن بىلگەن ئەمەس.

بەلكىم كۈرۇنمەس بىر كۈچ بىزنى باغلاپ تۇرغان بۇلىشى ،بىزگە تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل تەمىلىرنى تېتىپ بېقىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان بۇلىشى مۇمكىن. خوشال بولسىڭىزمۇ، ئازاپلانسىڭىزمۇ ئۆتمۇش ھامىنى ئۆتمۇش ،خاتالىق يەنىلا خاتالىق. تۇرمۇش بىر مەيدان پەقەت بېرىش بېلىتىلا بار ساياھەت. بىز دائىم ئەبىدىلىكنى،مەڭگۈلۇكنى قوغلىشىمىز،ئەمما ھەقىقى ئەبىدىلىكنى،مەڭگۈلۇكنى بىلمەيمىز.

    دۇنيادا قانچىلىك سۆيگۈ بىر ئۆمۇر ئۆزگەرمەيدۇ بىلمەك تەس. گۈزەل ئەسلىمە بۇلىدىكەن ،نەتىجىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئەزەلدىن گۈزەل ئەسلىمىرىڭىز بولمىسا، قولدىن كەتكۇزۇپ قويغانلىرىڭىز ئۇچۇن ئازاپلىنىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق،دۇنيادا ئەزەلدىن ھىچقانداق نەرسە مەڭگۈلۇك بولغان ئەمەس ،نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەر دائىم نەتىجىسى بولمايدۇ،گۈزەللىك يەنىلا گۈزەللىك ،بەخىت يەنىلا بەخت، ۋاقىتنىڭ قىسقا ئۇزۇنلىقى بىلەن ھىساپلىىشپ ئولتۇرۇشنىڭ، سەۋەب نەتجىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

   گۈل سۇلاشقانكەن ،ئەتە چۇقۇم قايتا ئېچىلىدۇ،يۇلتۇز ئېقىپ كەتسىمۇ،گۈزەل تىلەكلەر يەنە ساقلىنىپ قالىدۇ، ئايرىلغاندا قەسەم بىرىشنىڭ ،نەتىجىسى يوق ئاشۇر كۇنلەرنى قايتا ئەسلەپ تۇرۋېلىشنىڭ ئەھىمىيىتى يوق،پەقەت كۈنلىرىمىز ئەركىن ئۆتكەندىلا،ھەرقانداق بېسىممۇ گۈزەل بىلىنىدۇ، ۋاقىت ھەممىن ھەل قىلىدۇ، تەقدىرگە تەن بىرىڭ،كەلگۈسىمىز بەلكىم تېخىمۇ گۈزەل بۇلىشى مۇمكىن.

   نۇرغۇن كۈنلىرىمىز مۇشۇنداق ئاددىلا ئۇتۇپ كىتىدۇ، قەدىرلەشنى ئويلىغىنىمىزدا مۇمكىن بولمايدۇ، كىچىككەنلىكمىزنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئاللىبۇرن ئۇتۇپ كەتكەن پەقەت ئۇھسىنىشلا قالغان بۇلىدۇ، سۇلاشقان گۈل بەرگىلىرى ئاشۇ گۈزەللىككە قايتالمايدۇ، سارغايغان ياپراقلار مەڭگۈ يېشىللىقا ئايلىنالمايدۇ.

  ياخشى كۆرگەن ،ئازاپلانغان ،ئايرىلغان .. يەنە ئەسلىيەلەمدۇق ؟ مېڭىپ بولغان ،چۇشۇنۇپ يەتكەندە ،بىز قەدىرلەشنى ئۆگۈنەلەمدۇق؟ ياش تۆككەن ،قايغۇرغان... ھازىرمۇ يەنە ئېسىمىزدە بارمۇ؟ ۋاقىت ئاستا ئاستا كىتىپ قالىدۇ،ئەمما كۆڭلىمىزنىڭ چۇڭقۇر يېرىدكى ئاشۇ ئۇھسىنىشنى ئېلىپ كىتەلمەيدۇ، كۆز ياشلىرمىز كۆڭلىمىزدىكى ئىزلارنى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ، بەزى ئادەم ،بەزى ئىشلارنى ئېسىمىزدىن چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.

crystal يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 14:24:27

جەسۇر ، تېمىلىرىڭىزدىن بىر خىل ھەسرەت تېمىپلا تۇرىدۇ ....ياخشىسىز ھە؟بىراق بەزىدە ھەسرەتمۇ ئادەمگە لەززەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ،مانا مۇشۇ تېمىغا ئوخشاش....

jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-7-25 20:38:27

رەخمەت سىزگە، ماڭا ھىچ ئىش بولغىنى يوق .

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-14 00:07:27

ئوزەمنى كورگەندەك بولدۇم

ھارمىغايسىز، رەخمەت سىزگە

muz~pari يوللانغان ۋاقتى 2008-9-14 22:13:10

سىزگە رەھەت!

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 18:51:58

ئازاپ  ئاتا  قىلالايدىغان  ،  قەدىرلىنىدىغان  ھىسيات  ئىنسان  ئۈچۈن  تولىمۇ مۇقەددەس  ھىساپلانسا  كېرەك  !

كۆزۈمنى  يۇمىۋېلىپ   تاتلىققىنە  خىيال  قاينىمىغا  غەرىق  بولۇپ  كېتىپتىمەن  .............

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 17:11:19

ئىست ئاخشام كۆرسەمچۇ بۇ تىمنى...

awagul يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 11:43:03

مەنمۇ بىر ئانا، مەن بۇگۇنۇم خۇشال ئۆتسە، ئەتنىمۇ خۇشال كۇتىۋالسام دەيمەن...

قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولسا، چۇقۇم قەدىرلەش، ئايرىلىشقا تېگىشلىك بولسا، چىداپ ئايرىلىش كىرەك...مەن كېسىپ ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.
بەت: [1]
: قانچىلىك سۆيگۈ بىزگە بىر ئۆمۇر ھەمرا بۇلىدۇ؟