Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 13:19:56

قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكىلى بول

قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

1- باشقىلارغا سالام بېرىشنى ئاۋال سىز باشلاڭ. چۈنكى سالام بېرىش قارشى تەرەپنىڭ قەلبىگە كىرىشنىڭ ئالدىنقى يولىدۇر.


كىشىلەرنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشنى ئايىماڭ. چۈنكى تەبەسسۇم شۇنداق بىر سېھىرلىك كۈچكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئاسانلا مايىل قىلىشقا قادىردۇر.


3- باشقىلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلىشىڭىزنى ئىزھار قىلىپ تۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرنى تەقدىرلەشنى ئۇنۇتماڭ ۋە ئۇلارغا ئۇلار ياقتۇردىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىڭ.


4- باشقىلارنىڭ خوشاللىقىنى بىرگە تەنتەنە قىلىڭ، غەمكىن كۈنلىردە ئۇلارنى تاشلىۋەتمەڭ.


5- باشقىلارنىڭ ھاجەتلىرنى راۋا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىگە كىرىڭ. چۈنكى كۆڭۈللەر ھاجىتىنى راۋا قىلغۇچىلارغا مايىل كىلىدۇ.


6- كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى كەچۈرۋېتىڭ.


7- يوقلارنى ئىزلەش، بارلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراش كىشىلەرنىڭ دوستلۇقنى قازىنىش بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە قارىتىشنىڭ كاپالىتىدۇر.


8- سوۋغا قىلىشتىن بېخىللىق قىلماڭ. سوۋغىنىڭ ماددى قىممىتى چاغلىق بولسىمۇ، مەنىۋى قىممىتى ئەلۋەتتە يۇقىردۇر.


9- كىشىلەرگە بولغان سۆيگۈڭىزنى سۆز ۋە ئەمەلىيەت بىلەن نامايەن قىلىپ تۇرۇڭ، چۈنكى مۇنداق قىلىش قەلىبلەرگە ئېگە بولۇشنىڭ يولىدۇر.


10- باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتا ماھارەتلىك بولۇڭكى، ئۇلارنىڭ يارىسىغا تىگىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.


11- كىشىلەرگە ئۇلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىللەر توغۇرسىدا پاراڭ سىلىڭ،كىشىلەر ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى سۆيىدۇ.


12- ئۈمۈتۋار بولۇڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە خۇش بىشارەتنىڭلا پۇراقلىرنى چېچىڭ.

13- كىشىلەرنىڭ ياخشى قىلغان ئىشلىرنى ماختاڭ. چۈنكى ماختاشنىڭ كۆڭۈللەرنى ئېلىشتا بەلگىلىك تەسىرى باردۇر. ئەمما مۇبالىغە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.


14- ھەر بىر سۆزنى ئويلاپ قىلىڭكى، مەرتىۋىڭىزنى كۆتەرسۇن. ياخشى سۆز كۆڭۈللەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەسلىدۇر.


15- كەمتەر بولۇڭ، چۈنكى كىشىلەر تەكەببۇرلۇق قىلغاندىن نەپرەتلىنىدۇ.


16- باشقىلارنىڭ ئېيبىنى ئىچىشتىن ساقلىنىڭ ۋە ئۆزىڭىزدىكى ئەيىپلەرنى تۈزەڭ.


17- ئاڭلاش ماھارىتىنى ئۈگىنۋېلىڭ. چۈنكى كىشىلەر سۆزىگە قۇلاق سېلىنىشىنى ۋە قۇلاق سالغانلارنى ياقتۇردۇ.


18-دوستلىرىڭىزنى كۆپەيتىڭ. ھەر كۈنى بىر دوست قازىنىشقا تىرىشىڭ.


19- ئىزدىنىش ساھەلىرىڭىزنى كىڭەيتىڭكى، دوستلۇق دائىرىڭىز كىڭەيسۇن.


20- بىراۋغا ياخشىلىق قىلسىڭىز ، مۇكاپاتىنى ئۇنىڭدىن كۈتمەڭ


xanu يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 17:43:56

بۇ گەپلەرمۇ بولىدىغان گەپلەر .

لېكىن

1- ئادەم باشقىلارغا ئاچچىغى كەلگەندە ئاچچىغىنى بېسىۋالسا ، ئۇدا بىر يىلغىچە ئاچچىقلاشتىن ساقلانسا -غورورىنى يوقىتىپ قويىدۇ ،

2.ياردەم سورىغانلارغا ياردەم قىلىۋەرسە ئاخىرى قويۇلۇپ كېتىدىغان گەپ ، قەرز بەرسە قايتۇرمايۋاتقان ، بېشىمىزغا كۈن چۈشسە يوقاپ كېتىۋاتقان ، بىز ياردەم سورىساق ۋاقتىدا قىلماي كەينىگە سوزۇپ ، .....بىر ياردەم قىلسا قېلىنلىق قىلىپ يەنە سورىغان ....

ئىشقىلىپ ئاقكۆڭۈل ، باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىمەن دەپ ياشىسا كۆزگە ئىلمايۋاتقان ،  نەچچە قېتىم كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلمىسا ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭكىنى ئايىمىغان ، ياخشى بولىمەن دەپ خۇش چىراي بولدىڭمۇ بولدى ئىشى بولسا ئىزدىگەن بولمىسا يوق ،

شامالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان بولىۋالدىم ،

25 ياشتىن تۆۋەنلەر قارشى پىكىر قايتۇرماڭلار ، چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 18:05:51

ئۈستىدىكى ئاكاش بەك توغرا گەپ قىلىپتۇ.

بەزى ۋاقىتتا ئاق كۆڭۈل،ساددا دىگەن گەپ دۆت،ئەخمەق دىگەن مەنانى بىرىپ قالىدىكەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 21:52:52

باشقىلار بىلەن مۇﺋامىلە قىلغاندا غورۇرىڭىزنى ساقلاش بىلەن بىرگە يەنە يول قويۇشنىمۇ بىلىڭ.

ﺋاق كۆڭۈل بولغان ياخشى لىكىن كۆڭۈلچەك بولۇپ قالماڭ.

مۇھىمى باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق مۇﺋامىلە قىلىشىنى ﺋارزۇ قىلسىڭىز سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇﺋامىلە قىلىڭ.

  باشقىلارنى باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ﺋېرىشىش ﺋۈچۈن ﺋالدى بىلەن  باشقىلارغا سۆيگۈ ھىس قىلدۇرالىشىڭىز كىرەك.

سىز ساختا كۈلكە ۋە گەپ سۆزلەربىلەن ھەقىيقى ھىسسىياتىڭىزنى يوشۇرسىڭىزمۇ (چىن يۈرىكىڭىزدىن چىقمىغانلىقى ﺋۈچۈن )باشقىلار بۇنى ھىس قىلالايدۇ.

بەت: [1]
: قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكىلى بول