jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-7-21 23:43:31

ۋاز كېچىش ئەڭ ئاخىرقى سۈيۇشتۇر


         ئەگەر بىرسىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ۋاز كېچىڭ ،باشقىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىگە پۇرسەت بىرىڭ.ئەگەر سىز ياخشى كۆرگەن ئادەم سىزنى تاشلىۋەتسە ،ئوزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ ،باشقىلارنىڭمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈشىگە پۇرسەت بىرىڭ. بەزى نەرسىلەر سىز ھەرقانچە ياقتۇرسىڭىزمۇ سىزگە تەۋە بولمايدۇ،بەزىلەرگە ھەرقانچە كۆڭۇل بەرسىڭىزمۇ ئاخىرىدا ئايرىلىشقا توغرا كېلىدۇ.كىشلىك تۇرمۇشتا مۇھەببەت ھەر خىل بۇلىدۇ،ھەرگىزمۇ مۇھەببەتنى ئۆزىڭىزنى ئازاپلايدىغان قورال قىلىۋالماڭ. بەزى قىسمەتلەردە چۇقۇم ئايرىلىپ قېلىش بەلگىلەنگەن، بەزى قىسمەتلەرنىڭ ئاقىۋېتى بولمايدۇ،بىر ئادەمنى ياخشى كۇرۇش چۇقۇم ئۇنىڭغا ئېرىشىش بۇلۇش دىگەنلىك ئەمەس،ئەمما ئېرىشپلا قالسىڭىز چۇقۇم ياخشى قەدىرلىشىڭىز كېرەك.


        ئەرلەرنىڭ ياش تۆكۈشى ھەقىقى ياخشى كۇرۇپ قالغىنى بولسا ئاياللارنىڭ ياش تۆكۈشى ۋاز كەچمەكچى بولغىنىدۇر،نۇرغۇن ئىشلار ئۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بۇلىدۇ، بەزى مۇھەببەت شۇنداق ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، بەزى مۇھەببەت ۋا كېچىشنى تاللىغان بىلەن ۋاز كېچىش مۇمكىن بولمايدۇ.بەزى مۇھەببەت ئاخىرى چىقمايدىغان بولسىمۇ ئارقىغا قايىتقىلى بولمايدۇ، سەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان چېغىمدا مەن ياش تۆكتۇم.

     ياخشى كۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۇيۇن ئەمەس،سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم،بىزنىڭ تەقدىرىمىز قۇشۇلمىغانلىقى ئېنىق.جۈرئەت ىگەن نىمە؟ يىغلاپ تۇرۇپ سېنى سۈيىمەن دىيىشمۇ ياكى يىغلاپ تۈرۈپ ساڭا خوش دىيىشمۇ؟بىز نىمىشقا كۆز ئالدىمىزدىكى ئادەمنى قەدىرلەشنى بىلمەيمىز؟ بەلكىم بىز يەنە ئۇچرىشىشمىز مۇمكىن،ھەر قاچان ساڭا كەچۇرگىن دىيىش پۇرسىتى بار دەپ ئويلايمەن ،ئەمما ھەر قېتىم قول پۇللاڭلىتىپ خوشلىشىشمىز بەلكىم مەڭگۈلۈك خوشلىشىش بۇلىشى مۇمكىن،ھەر قېتىم ئاھ ئۇرغىنىمىز بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇلىشى مۇمكىن.

   نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن قايتا ئۇچرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇلار پەقەت ھاياتتكى بىر يۇلۇچى. ئۇنتۇش بىزنىڭ ئۆزئارا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغىمىز. ياخشى كۇرۇپ قېلىش بەلكىم بىر دەم .ئىش بۇلىشى ياكى بىر .ئۆمۇرلۈك ئىش بۇلىشى مۇمكىن.ھەرقانداق ئادەم ئوخشىمىغان جايدا ئوخشىمىغان كىشىلەرنى ياخشى كۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن،بىر بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ياشىيالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس،ئۇنتۇش بىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىدۇ.كىشلىك ھايات مۇشۇنداق بۇلىدۇ،تەپسلى قاراپ باقساق قەلبىمىز جاراھەتكە تۇشۇپ كەتكەن.سۈيۇش سۈيۇلۇش ھەر بىرئادەمنىڭ ھىس قىلغانلىرى ئوخشاش بولمايدۇ،كونا چۇشىمىزنى ئىزلەشنىڭ بەدىلى بىز كۆپ ھاللاردا كۆتىرەلمەيمىز،كىشلىك ھاياتتىكى بەخىت ئادەمنى ياشاشقا ئىنتىلدۇرىدۇ،بىز پەقەت كۇلۇمسىرىگەندىلا مۇھەببەتنى چۇشۇنەلەيمىز.

دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىز مۇۋاپىق توغرا پزىتسىيە بىلەن قۇبۇل قىلالمايمىز، سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ كىتىمەن ،مەن بۇ سۆزنى بەك ياقتۇرىمەن، بەزى مۇھەببەت مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق بۇلىدۇ، مېھرىبانلىق بىلەن ۋاز كېچىش رەھىمسىز رىئاللىققا يۇزلەنگەندىن كۆپ ياخشى ،ساپ نەرسىنىڭ يوقۇلىشى ھامان تىز بۇلىدۇ.

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 12:18:14

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.

borway يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 12:06:58

لىرىك بىر ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسى  كام بولۇپ قاپتۇ

borway يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 12:37:06

مەن قوشۇپ قوياي ئەمىسە ھە

crystal يوللانغان ۋاقتى 2008-7-23 13:07:07

سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ كىتىمەن ....

مەنمۇ بۇ سۆزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،مۇھەببەت بىلەن ئېرىشىش مەڭگۈ ئىككى ئۇقۇمدۇر ،بەلكىم ئېرىشىش مۇھەببەتنى مۇكەممەل قىلار،بىراق ئەڭ ئۇنتۇلمايدىغىنى يەنىلا شۇ ئارزۇ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن ھېسىيات دەپ ئويلايمەن...

amina يوللانغان ۋاقتى 2008-8-3 09:35:04

对,我觉得大家说的都很有道理. 但要是我的话,只要对方喜欢和爱我的情况下,我绝对不会放弃的!因为彼此喜欢为什么还要放弃呢? 我看这不只是我一个人的想法而且每个想爱中的人的想法...希望大家都有一分爱心!!!

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-8-4 19:59:06

ئىككى ئانا بىر بالىنى تالىشىپ تارتىشىپ قېلىپ بالا ئوتتىرىدا خىجالەتتە قالغاندا بالىنىڭ ئۆز ئانىسى بالىنىڭ قولىنى قويىۋېتىپتۇ ...

بەزى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلىكىمىز تۈپەيلى ئايرىلىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ . خۇددى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك : سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ كىتىمەن .

muhtar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 22:14:06

يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرشۇنداق پەچەت نوچى دەششەت بوپتۇ

muhtar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 22:32:23

توغرا ، ئادەم يەنە ۋازكىچىشنىمۇ ئۈگىنىۋىلىشى لازىمدە.....

ئادەم بىر نەرسىدىن ۋاز كىچىش ئارقىلىق ناھايىتى چوڭ بايلىققا ياكى بەختكە ئىرىشەلەيدۇ،

ھەم كىچىككىنە نەرسىنى دەپ ئالدىدىكى بەخىت ۋە بايلىقتىن قۇرۇق قالىدۇ خالاس...........

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-13 23:54:40

بەزىدە ۋاز كېچىشنىڭ ئوزىمۇ چوڭ بەخت ،بەزى ئىشلارنىڭ ئادەمگە مەڭگۇلۇك ئەسلىمە بۇلۇپ قالغىنى ياخشى

muz~pari يوللانغان ۋاقتى 2008-9-14 22:10:02

ۋاش كېچىش ئەڭ ئاخىرقى سۆيۈشتۇر! بۇ تىمىنى ھەر كۈنى نەچچە رەت ئوقىغىنىمنى بىلمەيمەن. لىكىن مەن ۋاز كىچەلىدىممۇ؟ ۋاز كىچەلەيمەنمۇ؟ ۋاز كەچمىسەم نىمىگە ئېرىشىمەن؟  

  مەن تېخى ۋاز كىچەلمىدىم........

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 18:55:44

ئەمىلىيەتتە  ئۇنىڭدىن  ۋاز  كەچتىم  دەپ  ئۆزىمنى  ئالداپ  يۈرىمەن  .....................  دۇنيادا  شۇنداق  مۇھەببەت  باركىن  سىز  ۋاز  كېچىپمۇ ۋاز  كېچەلمەيدىغان  ،  قۇتۇلاي  دەپمۇ  قۇتۇلالمايدىغان  !

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 17:05:15

ئەڭ ئازاپلىقى يەنلا ۋاز كىچپ بولۇپ ئەسلەش
بەت: [1]
: ۋاز كېچىش ئەڭ ئاخىرقى سۈيۇشتۇر