jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-7-20 23:03:36

سەن مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە

        ھەر قېتىم ئىختىيارسىز سېنى ئەسلەپ قالىمەن ،ئۇنتۇپ كېتىشنى ئاللىبۇرۇن قارا قىلغان بولساممۇ ،يەنە ئوخشاش سېنى ئەسلەۋاتىمەن ،
نۇرغۇن قېتىم ئۆزەمگە ۋەدە بىرىپ سېنى بارلىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم ،سېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىڭنى ئۆچۈرۋەتتىم ،ئادىرىسىڭنى ساڭا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆچۇرۋەتتىم ... ئەسلىمىلەرنى سېنىڭ ئوماق كۈلكىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتتىم ..
       بۇگۈن يەنە ئىدارىدە نوۋەتچىلىك قىلغاچ يالغۇز تۇرۇپ تۇيۇقسىز يىغلاشنى خىيال قىلىپ قالدىم ،نىمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىمنى بىلمەيتىم ،كېچە تولىمۇ قااڭغۇ،ھىچقانداق نەرسە ماڭا تەۋە ئەمەستەك تۇيۇلدى. تۇيۇقسىز يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى،سەن يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىڭ ،ھەر قېتىم يامغۇر ياغسا خوشال بۇلۇپ كىچىك بالىدەك بۇلۇپ قالاتتىڭ، نىمە ئۈچۈن يامغۇرنى ياخشى كۈرىدىغىنىڭنى سورىغىنىمدا يامغۇردا سەم مېنىڭ كۆز يېشىمنى كۆرەلمەيسەن دىگەن ئىدىڭ.ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ،ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.

    تۇرمۇش ئەسلىدىنلا كشىلەرنىڭ ئۇچرىشش تۇنۇشۇش جەريانى ،بەزى كىشىلەر يۈرەكتە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدىكەن ،مەن سېنى ياخشى كۇرۇپ قالغاندا نۇرغۇن يىللار كىچىككەن ئىدىم،سېنى ياخشى كۈرۈشۇممۇ باشلىنىش بىلەنلا توغرا بولمىغان ئىدى.خاتا قىلغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا داۋاملىق مۇشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم. ۋاز كېچىشنى قارار قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن دائىم سېنى ئەسلىدىم ،كۈندۇزلىرى كېچىلەردە، دوستلىرىم بىلەن يۇرگەن چاغلاردا، يالغۇر قالغان چاغلىرىمدا يەنىلا سېنى ئەسلىدىم.

  ئىزچىل ئۇزەمگە ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دەپ تەسەللى بىرىپ كەلگەن ئىدىم ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ يۇرگەن بولساممۇ بەزىدە يەنە بەزى ئىشلار مېنى ئەسلىمىلەر قوينىدىن ئوزەمنى تارتالماس قىلىپ قويىدۇ. دائىم مەلۇم ۋاقىتلارنى سېنى ئەسلەيمەن ،ئەمىليەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىلغان چاغدا نۇرغۇن ئىشلارنى چۇشۇنۇپ يىتىدۇ.

    مەن سېنىڭ ماڭا بولغان ھېسياتىڭدىن گۇمان قىلغان چاغلرىممۇ بولغان ،نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سەندىن ئۇچۇر يوق، تەسادىبى سەندىن بىرەر پارچە قىسقا ئۇچۇر كېلىپ قالسا كۆڭلۇم خاتىرجەم بۇلۇپ قالىدۇ ،ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن .

    نۇرغۇن قېتىم سېنىڭ بىلەن كۇرۇشسەم بولمايدىغانلىقنى ھىس قىلغان بولساممۇ ئۆزەمنى كونتىرول قىلالمىدىم ،چۇنكى سېنى ياخشى كۈرەتتىم ،.ھەر قېتىم كۇرۇشكىىنىمىزدە مۇشۇ كۇرۇشۇشىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۇرۇش بوپ قالسىكەن دەپ ئويلىساممۇ ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىدى. سېنى ئويلىغان ھەر بىر ئاخشىمى كۆز يېشىمنى سۇرتۇش ماڭا ئادەت بوپ قالدى. ھەر قانچە قىلساممۇ كۆڭلۇمنىڭ بىر يېرىدە يەنىلا سەن بار ئىدىڭ...

كۆڭلىڭىزدىكى ئادەم يەنىلا كۆڭلىڭىزدە قالغىنى ياخشىكەن ،.ئايرىلىشقا توغرا كەلگەندە بىز ئاللىقاچان باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان بۇلىدىكەنمىز،بەزىدە تەقدىر بىزگە يول قويمايدىكەن.ئەمما بەزى ئەسلىمىلەر يەنىلا تۇرمۇشىڭىزدا دائىم كۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن ،مەنمۇ ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايۋاتىمەن ،ئەمىليەتتە ئارىمىزدا ھىچ ئىش يوق ئىدى،ئېنىقراق ئېيتقاندا بىز تېخى باشلاشقىمۇ ئۇلگۇرمىگەن ،مەندە ساقلىنىپ قالغىنى ئاشۇ ئەسلىمىلەر ،سېنىڭ ئويلىغان كۇنلىرىمدە تەسەللى بۇلىدىغان ئەسلىمىلەرلا خالاس..

R_TULPAR يوللانغان ۋاقتى 2008-7-21 22:11:34

مېنىڭ ئەمەلىيىتىمگە ئوخشاپ قالامدۇ قانداق...ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ خاتىرە بۇرادەر...

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 10:24:28

ئازاپلىق شېرىن ئەسلمە ..........گويا ھاياتنىڭ ئۆزى شۇ ،

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 14:28:56

مەن  ئەسلىدە  سەن  ياققان  چىراقنى  ئۆچۈرۋەتتىم  دەپ  ئويلىغان  ئىكەنمەن  ئەپسۇس  چىراق  ئۆچكىنى  بىلەن  ھۇجرام يەنىلا  يورۇق  پېتىم تۇرۇشىنى  كىم  بىلگەن  .....
بەت: [1]
: سەن مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە