Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-19 19:53:18

بۇرنىڭىز قانىغاندا قەغەز تىقماڭ

بۇرنىڭىز قانىغاندا  قەغەز تىقماڭ

      بۇرۇن قاناشنىڭ سەۋەبلېرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ،بەدەندىكى نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلېرى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۈمكىن.بەزى ئادەملەر بۇرۇن قاناشنىڭ كارايىتى چاغلىق،پەقەت قەغەز،يوپۇرماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تىقىپ قويسا  ئوڭشىلىدۇ،دېگەن خاتا قاراشتا بولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا  قان توختۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي،ئەكسىچە بۇرۇننىڭ شىلىمشىق پەردە تومۇرلىرىنى زەخمىللەندۈرۈپ،بۇرۇن قاناشنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.بەزىلەر،بۇرنى قانىغان ھامان كىيىمگە قان يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ،ئالدىغا ئېڭىشىپ،بېشىنى تۆۋەن قىلىدۇ.بۇنداق قىلىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.چۈنكى باش تۆۋەن بولسا،قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ.
    ئادەتتە بۇرۇن قانىغاندا ،دائىم كۆرىلىدىغان  قان چىقىش ئورنى بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولىدۇ.چۈنكى  ،بۇ يەردە قان-تومۇرلار كۆپ، يېپىشقاق پەردىسى نېپىز ،ئورنى ئالدى تەرەپتە بولغاچقا،ئاسانلا سىرتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ.شۇڭا،بۇرۇن قانىغاندا،توختىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى مۇنداق: باشنى سەل كۆتۈرۈپ ،ئىككى بارماق بىلەن بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ  ئاستى قىسمىدىكى  بۇرۇن كۆمۈرچىكىنىڭ ئىككى تەرىپىنى چىڭ تۇتۇش.بۇنداق قىلىش ئوتتۇرا پاسىلنىڭ ئالدى-ئاستى تەرىپىدىكى قان چىقىش ئورنىنى باسقانلىق بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،لۆڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ پىشانە ۋە بۇرۇن قىسمىغا قويۇش كېرەك.بۇنداق قىلغاندىن كېيىن ،ئادەتتە بۇرۇن قاناش ئانچە ئېغىر بولمىسا دەرھال توختايدۇ.دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى ،قول بىلەن بۇرۇن كۆمۈرچىكىنىڭ  ئىككى تەرىپىنى تۇتقان ۋاقىت قىسقا بولماسلىقى ،ئادەتتە 10 مىنۇتتىن يۇقۇرى بولۇش ،يەنە بىر دەم تۇتۇپ بىر دەم قويۇپ بەرمەسلىك كېرەك.
مەنبە:«تۇرمۇشىڭىزدا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار»دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

HiyalChi يوللانغان ۋاقتى 2008-7-20 08:08:21

مىنىڭمۇ تۇلا بۇرنۇمقانايدىغان،تېخى ئادەملەر تازا جىق يەردە. نىمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم. ئەمدى يەنە بۇرنۇم قانىسا بىر سىناپ باقمىسام

karighay يوللانغان ۋاقتى 2008-7-20 10:19:23

مىنىڭ كىچىڭ چىغىمدا بەك قانايتتى، ھازىر خىلى ياخشى.

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2008-7-20 11:40:34

بۇرنۇم قانىغاندا ناۋادا قان بۇرۇن ئوڭ تۈشۈگىدىن چىققان بولسا سول قولۇمنى، سول تۈشۈگىدىن چىققان بولسا ئوڭ قولۇمنى ئىگىز كۆتۈرىمەن . كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداق قىلىۋاتىمەن ،  ئىلمىي ئاساسىنى بىلمەيمەن ئەمما ئۈنۈمى ياخشى .

بەت: [1]
: بۇرنىڭىز قانىغاندا قەغەز تىقماڭ