Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-7-19 19:43:15

ئاياللار ۋە بوسۇغا

<div align=center>ئاياللار ۋە بوسۇغا </div>



      تىجارەت،مائارىپ،مەدەنىيەت ئىشلىرى مەھەللە،رايۇن ۋەدۆلەت چىگرىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياۋى مىقياسقا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇگۇنكى كۇندە،بىرتۇركۇم ئۇيغۇرياشلىرى دۇنيانىڭ داڭلىق مائارىپ،مەدەنىيەت مەركەزلىرىدەئىلىم تەھلىل قىلىشقاباشلىدى.ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئازبىرقىسمى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى چەتئەل تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئېلىپ،ئاناۋەتىنىدىكى يېڭىلىققا تەشناخەلىقنى تۈرلۈك ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.تەساۋۇر ۋەئىنتىلىشلەرئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان يات ئىقلىملاربارغانسىرى رېئال تۈس ئېلىشقاباشلىدى.
  بۇگۇنكى ئۇيغۇرياشلىرى دۇنيانى چۇشۇنىش،تەتقىق قىلىش ۋەقۇرۇپ چىقىشقا ئۆزلىرىنىڭمۇنىسىۋىسى بارلىقىنى ھېس قىلىشقاباشلىدى،بۇنداقلاركۆپەيگەندە،ئۆزىنىڭ ئاناخەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقى تۇنۇپ،خەلىقنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن كۆيۈپ،يانىدىغان ئەقىدىلىك ياشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقىدۇ،ئەلۋەتتە.
  شۇنداق ، يەرشارىدا بىزمۇبار ،شۇنداق ئىكەن ، قەدىر-قىممەت ، شان- شەرەپ مۇنبەرلىرىدە بىزمۇ بۇلۇشىمىزكېرەك.بىرقىسىم ياشلارنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ يازغان ساياھەتنامىلىرىدە مۇشۇنداق ئستەك بار.
  بىزنى  يېڭى  بىركىملىكنىڭ بايقىلىشى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بىزئۇنى تاپقاندا ھەقىقى ئۆزىمىزگەئايلىنالايمىز.ساياھەتنامىلەردىن قىز-ئاياللاريازغان بەزى ساياھەتنامىلەركىشىلەرنى جەلىپ قىلدى،ئاياللارئايرىم تەرەپلەردەئىنچىكەھەم سەزگۇر كىلىدۇ.ئارزۇ-ئارمانلاربىلەن سۇغىرىلغان يۇمران خاتىرلەرقېلىپلىشىپ كەتكەن قاقشال،بىمەززە  گەپلەردىن تويۇپ كەتكەن قەلىپلەرنى سۆيۇندۇرمەي قالامدۇ؟ئايال ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرگەخېلىلا ھېرىسمەن كىلىدۇ.
تىزسۇرئەتتە شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ،بازارئىگىلىگى ئەمىلي مەنمەئەتتىن باشقىنى نەزەرگەئالمايدىغان قىلىۋەتتى.ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكىللىرى خىرىسقا ئۇچىراپ،ئىگىلىك ئەھلىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى نورمال تەرتىپنى بىتچىت قىلىۋەتتى.ئەرلەرئىش ئىزدەپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتتى،ئۆيدەئولتۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئاياللارمۇ سوداقىلىش ئۇچۇن بوسۇغىدىن چىقىشتى.ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئائىلە ھاياتىنىڭ بىرلىكىمۇ بەربات بولۇپ،ئەرئايالنى باقىدىغان،ئايال پەرزەنتلەرنى باقىدىغان قۇرۇلما لىڭشىپ قالدى.ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇبۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى.ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال- بۇرىتىنى پەش قىلاي دىسە،ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى،چۇنكى،ساقال بىلەن بۇرۇت مەسئۇليەت ۋەبۇرۇچ بىلەن بىرلەشمىسە،ئۇپەقەت تۇكتىنلا ئىبارەت.
ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىشى بىزگەنۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى،بالىلارنىڭ  تەربىيىلىنىشى باشقىلارنىڭ قۇلىغا قالدى، تەلىم-تەربىيە ئىشىنى بىرخىل ئەقىدە ئىشى دەپ قارىماي زىيادە تاۋارلاشتۇرىۋەتتۇق،مائارىپنى پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۇش ئىشى دەپلا قارىدۇق،بالىلىرىمىزمۇئاتا-ئانىلارنىڭ مىھرى سۈيىگەتۈزۈك قانمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇلارخۇددى ئانىسىنى بىلمەي چۆكۇلداپ يۇرۇشكەن توك چۈجىسىگەئوخشاپ قالدى.ئائىلەتەربىيىسى،يەسلى تەربىيىسى،جەمىيەت تەربىيىسى دىگەنلەرنى باشقىلارغاھاۋالە قىلىپ ئانىلار خىزمەت ھەلەكچىلىگىدە قالدى.
  <<ئەرلەرئۆينىڭ تۈۋرۈكى!>>مىنىڭچەبۇ گەپ ناھايىتى توغرا،ئەمما،بۇگەپنىڭ سەلتەنەتىگەدەزكەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۇرىكىگىمۇ دەزكەتتى،چۇنكى،ئاياللارمەزمۇت ئەرلەردىن مۇستەسنا ھالدائۆزلىرىنىڭ ئاياللىقىنى يوقىتىپ سەرسان بولۇپ كىتىدۇ،ئۇلار قەيسەر ئەرلەرنىڭ سايىسىدا ياشايدىغان سۇمبۇللار.
  بىزنىڭ ئاياللىرىمىزبوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى.ئوقۇغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا،ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم،ئايالغا خاس تاكامۇللۇقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە.ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن،بىراق،بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كىتەلمىدى،سەۋەبى،ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى باشقىدىن چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدۇق،ئەكسىچە،ئۇنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىدۇق.مىنىڭچە،ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ئۈزۈل-كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق.
  ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.بىراق،ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگەسالىدۇ.بىزدەئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۇمىدىن خەۋەرسىز ھالداسولۇپ كەتكەن گۇزەل قىزلارئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا،ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسانەقەدەر ئوبدان بۇلاتتى -ھە!
  تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ    پەقەتلە بىرخىل ئاجىزلىق.
  ئەي گۇزەل ئۇيغۇر قىزلىرى،ئوقۇڭلار،بىپايان جاھاننى چۇشىنىڭلار،لىكىن ،ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا بۇلىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
  بۇرۇن بىر باتۇريىگىت ئۆزىنىڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىرشەھەرنى قوغداپ قاپتۇ.ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،پادىشاھ ئۇنىڭغا:<<مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ،تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى:ئۇلار،ئەقىل،گۇزەللىك،شەرمى-ھايالاردۇر.>>دەپتۇ.باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كىيىن:<<ماڭا ئايال كېرەك.>>دەپتۇ.پادىشاھ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قاپتۇ.يىگىت:<<ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى  مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك.>>دەپ سۆزىنى تۇلۇقلاپتۇ،پادىشاھ قايىل بوپتۇ.
  باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارا كۈچ ئەمەس،بەلكى،ئەقىل-پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىگى.ئەقىل،گۇزەللىك ۋە شەرمى-ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلاباتۇر تۇغۇلىدۇ.ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۇغسۇن،بۇنداق ئانىلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يىتىشىپ چىقىدۇ.بۇمەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغاكىممۇ سەل قارىيالىسۇن.ئاياللارنىڭ قۇدرىتى ئەنە شۇ يەردە.(01)


  

ئاپتۇرى:ئابدۇقادىر جالالىدىن

    مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى


                                              (ئاپتۇر شىنجاڭ-مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ پىروفېسورى )

tevekkulqi يوللانغان ۋاقتى 2008-7-19 21:14:58

ئانا ساغلام بولمىسا، ئائىلە ساغلام بولمايدۇ. ساغلام بولمىغان ئائىلىدىن ساغلام پەرزەنت يېتىشىپ چىقمايدۇ. ئىنسانلىرى ساغلام بولمىغان جەمىيەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.   

- بىر كىشىدىن ئاڭلىۋالغان سۆز.

بەت: [1]
: ئاياللار ۋە بوسۇغا