ﺩﻩﻳﯜﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟؟؟؟
ناھايتى شەفقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۈنبەر ئەھلى . ئۇزۇندىن بىرى قەلبىمدىكى دىمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى دىيىشكە پۇرسەت بولماي كەلگەن ئىدى . مانا بۈگۈن دەۋالاي ،اللە خالىسا سىز ۋە بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىپ كىلەلىسە ، شۇ ئارقىلىق اللە نىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىشىدىن ئۈمۈدۋارمىز .
ھازىرقى رىئاللىقىمىز ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان . شۇنداق بولسىمۇ دوپپىسىنى ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ ئۆز مەجبۇرىيتى ئۈستىدە يۈزەكى بولسىمۇ ئويلۇنۇش قىلىپ باققان مۇسۇلمانلىرىمىز قانچىلىكتۇ؟ ئاتا ـئانىلىرىمىز ئۆز مەجبۇرىيتىنى قانچىلىك ئورۇندىيالىدى ؟ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتاـئانا ئۇستىدىكى ھەققى نىمە ؟
'
خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئۆز ئوغلى ئۈستىدىن داتلاپ ھال ئېيتىپ كىلىدۇ . خەلىپە ئۇ كىشىنىڭ بالىسىنى چاقىرتىپ كىلىپ ، نىمە ئۈچۈن دادىسىنى قاخشاتقانلىقىنى سورايدۇ . ئۇ بالا خەلىپىدىن پەرزەنتنىڭ ئاتاـ ئانا ئۈستىدىكى ھەققىنى سورىغاندا ، خەلىپە ئۇنۇڭغا :
پەرزەنتلەرنىڭ ئاتاـ ئانا ئۈستىدىكى ھەققى . پەرزەنت ئۈچۈن ياخشى ئانا تاللاش ، پەرزەنتكە ياخشى ئىسلامى ئىسىم قۇيۇش ۋە ياخشى تەربىيەلەش، دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،
بۇ ۋاقىتتا بالا خەلىپىگە . دادام مەن ئۈچۈن ياخشى ئانا تاللىمىغان ، مىنىڭ ئىسمىمنىمۇ باشقىلار مەسخىرە قىلىدىغان بەتبەشىرە ئىسىم قويغان ، مىنى تەربىيەلەشكە ھېچقانداق ئىتىبار بەرمەي ماڭا چارۋا مال بېقىشتىن باشقا ھېچنەرسىنى ئۈگەتمىدى دەيدۇ ،
بۇ ۋاقىتتا خەلىپە ئۇ كىشىگە ،
ئەگەر جازالاشقا توغرا كەلسە ئەسلى جازالاشقا تىگىشلىكى سەن ئۆزۈڭ ئىكەنسەن دەپ بۇلارنى چىقىرىۋىتىدۇ
مانا بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ھېچقانداق پەرقى يوق
رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسى بار
<< ئۈچ تۈرلۇك ئادەم مەڭگۈ جەننەتكە كىرمەيدۇ ،1. ئاتاـ ئانىنى قاخشاتقۇچى . 2 ، ھاراقكەش . 3 ، دەيۈس. دىگەن بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەر يا رەسۇلۇللا دەيۈس دىگەن قانداق بولىدۇ دىگەندە رەسۇلۇللا ، دەيۈس دىگەن ئۆز ئەھلىنى باشقىلاردىن كۈنلىمىگەن كىشى دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ھازىرقى ۋاقىتتا مەيلى ئىمام ئاخۇنلىرىمىز بولسۇن ياكى كۈندە بەش قېتىم مەسجىدتىن ئايرىلماي اللەقا ئۆزىنىڭ قۇلچىلىقىنى بىلدۇرىۋاتقان تەقۋا مۇسۇلمانلىرىمىز بولسۇن ، قايسى بىرىمىز ئۆز ئەھلىمىز بولغان ئاچا ـ سىڭىللىرىمىز قىز ـ كىلىنلىرىمىز گە بۇ ھەقتە تەربىيە بىرىپ باقتۇق .
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ھېلىقى يەرلىرىنى مانا مەن دەپ چىقىرىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۇرسە كۈندەشلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ، ئۇلارنىڭ شۇنداق يۈرەلىگىنىدىن كۆڭلى خوش .
بەزىلىرى كۆڭلىدە نارازلىق بىلدۈرسىمۇ لېكىن ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتقان
ھەيران قالىمەن ، ناھايتى ياخشى ، تەقۋا دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر كىشىلىرىمىزگە يۇقارقى ھەدىس بىلەن نىمە دەپ باھا بەرسەك بولار؟
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،
ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﯩﺴﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻕ، ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ؟ﻛﯩﻢ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ.
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ.
ﺩﻩﻳﻴﯘﺳﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .

ﺑﯘ ﺩﻩﻳﯜﺯﻟﯩﻚ ﺳﯩﭙﯩﺘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،،ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﺗﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﻛﯘﭼﯩﺪﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻳﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ). ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ،ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ) ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯜﯞﻩﻧﻜﻪﻥ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.
بەت:
[1]