Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-28 17:05:55

HIV دىن يۇقۇملىنىپ قانچىلىك ياشاش مۇمكىن؟

HIV دىن يۇقۇملىنىپ قانچىلىك ياشاش مۇمكىن؟

ساغلام ئادەم ئەيدىزدىن ( HIV ) دىن يۇقىملىنىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئادەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىچە بولغان ۋاقىت 2 يىلدىن 20 يىل ئەتراپىغىچە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەن ساپاسى، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى دەۋر مۇنداق 3 مەزگىلگە ئايرىلىدۇ.
1. كۆزنەك دەۋرى :  جىددىي قوزغىلىش مەزگىلى، بۇ مەزگىلدە ئالامەتلەر 2 ھەپتىدىن 3 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى مەزگىل ئالامەتسىز مەزگىلگە كىرىدۇ.
2. ئالامەتسىز مەزگىل :  بۇ مەزگىلنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئومۇمىي كېسەللىنىش مۇساپىسىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى كىشىلەر << ئەيدىز يۇقۇمدارى >> دېيىلىدۇ. نورمال ئادەملەردەك ساغلام كۆرۈنىدۇ. بۇ مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن كۆرشىۋاتقان بولىدۇ.
3. ئالامەتلىك مەزگىل: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن كۈچ ئېلىشالمىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاخىرقى مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ. بۇ مەزگىل ئالامەتلىك مەزگىل دېيىلىدۇ. بۇ چاغدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى ئاللىقاچان ئەيدىز بىمارىغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىمارلار ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇمىلنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا كۆپۈنچە كېسەللىكنى كونترول قىلىشقا ئىمكان بولماي قالىدۇ - دە، كۆپ قىسىم بىمارلار 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە كونكرېت ئەھۋال بىمارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى، كۈتىنىشى، داۋالىنىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇندىن باشقا بىمارلاردىكى پسىىخىك ئامىلنىڭ تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئۇلارنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقتۇرىۋېلىش يولى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
1. قان ئارقىلىق يۇقۇش
ئەگەر ئادەم بەدىنىگە ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولغان قان كىرسە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 100 پىرسەنت بولىدۇ. ئادەتتە 4 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە كېسەللىك قوزغىلىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىپ 6 ئايدىن 18 ئايغىچە ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن.
2. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش
ئەيدىز يۇقۇمدار ئانا ياكى ئەيدىز بىمارى بولغان ئانا بالا ھەمراھى، تۇغۇت يولى، ئىمىتىش قاتارلىق يوللار بىلەن بالىسىغا ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىش نىسبىتى ئادەتتە %50 بولىدۇ. بۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بوۋاقلار ئادەتتە 5 ياش مەزگىلىدە ئەيدىز كېسەللىكى قوزغىلىدۇ. 10 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگەنلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
3. جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش

ﺑﯘ ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺸﻤﻪﻱ << ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ >> ﻧﻰ ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﮕﻪﭺ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎﻳﻼ !

http://yuksel.blogbus.com

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-28 18:40:20

ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻠﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺳﺎﻧﻰ http://birzat123.ilghar.net ﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻣﻪﻧﻤﯘ << ئەيدىز كېسەللىكىدە يېڭى بايقاش>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.

GadayPro يوللانغان ۋاقتى 2008-5-29 09:41:21

ﻗﺎﺭﺍﯕﻼ ﻣﺎﯞﯗ ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ.
  ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-29 12:20:07

ﮔﺎﺩﺍﻳﻜﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﻠﻪ،  ﻣﯩﻴﯘﺯﯨﻜﻔﺎﻧﻤﯘ ﻳﻮﻕ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-5-29 12:50:24

ﺑﺎﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻼ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﻠﯩﻤﯘ ﮬﺎﺟﯩﻜﺎ ؟؟؟؟ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯘﻕ ؟؟؟ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ: ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻮﮔﻰ ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﯩﻠﻮﮔﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﭙﻴﺴﯩﻼ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ ؟؟؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-29 20:08:19

ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﻨﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﺴﯚﺯﻟﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ - ﺩﯦﺴﻪ ؟
بەت: [1]
: HIV دىن يۇقۇملىنىپ قانچىلىك ياشاش مۇمكىن؟