CPU نىڭ ساختىلىقىنى قانداق پەرىق ئىتىمىز؟
Intel نىڭ CPU ( مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ )سىنىڭ ساختا ياكى ھەقىقىيلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ھەممىمىزگە مەلۇم CPU بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسىمى ، بىز ئۇنداق بولسا Intel شىركىتىنىڭ CPU ( مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ )سىنىڭ ساختا ياكى ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى قانداق پەرىق ئىتىمىز؟
Intel شىركىتى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆزىنىڭ CPU نىڭ ساختىلىقىنى پەرىق ئىتىدىغان يۇمشاق دىتالدىن بىرنى تەمىنلىگەن ، سىز بۇم يۇمشاق دىتال ئارقىلىق CPU ڭىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز.
ئىسمى : Intel(R) Processor ID Utility
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.orsoon.com/Soft/2652.html
ئۇ قوللايدىغان CPU تىپلىرى بۇ يەردە : http://support.intel.com/support/processors/tools/piu/sb/CS-015472.htm
_________________________________________
تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار جۇشقۇن بلوگ دا
مەنزىل : http://juxkun.blogbus.com/
[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ juxkun ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ 2008-5-26 22:23:11 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]
قالدۇرغان ئۇلىنىش ئادىرىسى ئېچىلىمايدىكەن، قايتا تەھىرلەپ باقامسىز.............. ساختا cpu ؟؟؟ OMG !!! ئادىرىسنى كۇچۇرۇشنى چەكلەپتىغۇ!!!!!!!
قوللايدىغان تىپلىرىنى بىلىۋېلىڭ
مەن ئىشلىتىپ باقتىم راستىنلار ياخشى يۇمشاق دېتال ئىكەن. CPU نى ئامېرىكىلىقلاردىن باشقىسى ياسىيالمايدۇ، ساختىسى يوق دەپ ئاڭلىغانغۇ.CPUنىڭ ساختىسى دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم ،مېنىڭ جىڭكەن ، لېكىن مەنمۇ ئامېرىكىدىن باشقا يەر ياسىيالمايدۇ دەپ بىلىمەنغۇ.. ئەمسە ئا م د نى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز بەزەن خاتىرە كومپيوتىرلارنىڭ cpu ئەسلى 1 گىگا ھېرتىز چاستۇتىلىق بولسا، شۇ مەشغۇلار سېستىمىسىدا تۇرۇپلا تەكشۈرسە 2 گىگا ھېرتىس ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى چىقىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد، بۇنى 超頻 دەپ قويۇدىغۇ دەيمەن، قەستەنگە ئاشۇنداق ساختىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن، سىز مۇشۇنى دەۋاتقان ئوخشايسىز ھە cpu ساختىسى يوققۇ دەيمەن مىنىڭچۇمۇ،،،،پەقەت ساتقۇچىلار سىزنى ئالداپ بىلمىگەنلەرنى ئالداپ ئالىمەن دىگەننى بەرمەيدۇ.يەنە ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر خىلى بار، يەنە سىناق نۇسخسى يەنە ئۈستىدىكى تۇرداش دىگەندەك超頻سىنى سۇلىمايدۇ،ئۇچۇق ھالەتتە بۇلىدۇ،ESنۇسخا دەپمۇ قۇيىدۇ،لىكىن بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ،بازار باھاسىدىن ھەددىدىن زىيادە تۈۋەن باھادا بۇلسا مۇشۇ شۇمۇ ئەمەسمۇ دىققەت قىلىپ قۇيسا بۇلىدۇ.پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى cpuنىڭ ئۈستىدە ESدەپ ھەرىپ بۇلىدۇ،cpu-zبىلەن كۆرگەندىمۇ مۇشۇ ئككى ھەرىپ چىقىدۇ.
بەت:
[1]