qismet1 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 13:29:18

ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ - ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى


ئادەم ئۆمرىدە بىر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتاب- ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى

http://www.karhana.com/kitab.gif

ئاپتورى: جوئې كاربو (ئامېرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنارجان توختاخۇن
نەشر قىلغۇچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن

سىز «ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى» ناملىق بۇ كىتابنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم «مەن ھورۇن ئەمەس، شۇڭا بۇ كىتابنى ئوقۇمىساممۇ بولىدۇ» ۋە ياكى «ھورۇن ئادەم قانداقمۇ باي بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. توغرا، سىز ھورۇن ئەمەس. چۈنكى، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىنىم تاپماي ئىشلەيسىز، بىراق سىز بۇ كىتابتا ئېيتقاندەك ئىقتسىادىي جەھەتتە شۇنچىۋالا بايمۇ؟ ئەگەر سىز بۇ نۇقتىغا قىزىقسىڭىز، ئۇنداقتا «تىرىشچانلارنىڭ بېيىش يولى» دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. قېنى، سىز مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ تۆۋەندىكى باياننى بىر ئوقۇپ چىقىڭ!
...
11 يىل ئىلگىرى، مېنىڭ ئەھۋالىم ۋەيران بولغانلارنىڭكىدىنمۇ پاجىئەلىك ئىدى – 50 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنىدىم، ئىلكىمدە قالغان بىردىنبىر دۇنيايىم خوتۇنۇم بىلەن سەككىز بالام بولدى. بىز بىر كونا ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق، ئۆينىڭ ئەتراپى خارابىلىك ئىدى. قولىمىزدا بارى بەش يىل ئىشلەتكەن، شالاقلاپ قالغان ئەبجەق ماشىنا ئىدى. بانكىدا بار – يوقى يۈز – ئىككى يۈز دوللار پۇلىمىز بار ئىدى. لېكىن، مەن بۇ كىتابتا سۆزلەنگەن باي بولۇش يولىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدىلا ئەھۋالىمدا چوڭ ياخشىلىنىش بولدى:
مەن قەرز قايتۇرۇش لايىھىسى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ لايىھە بولغاچقا، قەرز ئىگىلىرى ئىلگىرىكىدەك قەرز سۈيلەپ ئۆيۈمگە كەلمەيدىغان بولدى!
مەن تۇندېربىرد ماركىلىق يېپيېڭى ماشىنىغا ئېرىشتىم، بۇ ماشىنىنى تېخى بىر ماشىنا سودىگىرى سوۋغات قىلدى!
بانكىدىكى پۇلىمىز 10 ھەسسە كۆپەيدى!
مۇشۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى 30 كۈن ئىچىدە كۆرۈندى. بۇ پەقەت بىر كىچىككىنە ياخشى باشلىنىش!
ھازىر مەن 250 مىڭ دوللارغا يارايدىغان ئۆيدە ئولتۇرىمەن.
...
ھازىر ئىلكىمدە ئىككى كېمەم ۋە كادىلاك ماركىلىق بىر ماشىنام بار، ھەممىسىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولدۇم.
بىزدە پاي چېكى، زايوم، سالغان مەبلەغ بولغاندىن باشقا، بانكىدا يەنە خېلى كۆپ پۇلىمىز بار. ئەڭ مۇھىمى، مەن بىباھا گۆھەرگە – ئائىلەمدىكىلەر بىلەن خۇشال – خۇرام جەم بولالايدىغان ۋاقتىقا ئېرىشتىم.
مەن ئۆزۈمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرىمنى – ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولىنى سىزگە ئېيتىپ بەردىم. بۇ سىرنى ھازىرغىچە پەقەت بىر نەچچە يېقىن دوستۇمغىلا ئېيتىپ بەرگەن.
مەن يوغان گەپ قىلىۋاتمايمەن، بەلكى سىزگە كاپالەت بېرىۋاتىمەن، ئەگەر سىز دادىللىق بىلەن جارى قىلدۇرالىسىڭىز، ئۇنىڭ غايەت زور كۈچىنى چوقۇم كۆرەلەيسىز. مېنىڭ «دادىللىق بىلەن» دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى، ئۇ قارىماققا بەكلا ئاسان كۆرۈنىدۇ. مەن سىزدىن ئۇنىڭغا «ئىشىنىش» نى ئۆتۈنمەيمەن، بەلكى ئۇنى سىناپ بېقىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز بىر نېمەڭ دەڭ.

بۇ كىتاب كارخانا تور بېكىتىدە توپ سېتىلىدۇ.
بازار باھاسى: 16 يۈەن
توپ سېتىلىش باھاسى: 14 يۈەن
قولىمىزدىكى ئومۇمىي كىتاب سانى: 100 مىڭ پارچە
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13565880848 (0)    2096608 - 0991

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 15:47:31

ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ؟

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 16:04:56

http://www.karhana.com
ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯘﻛﻪﻥ ﺳﯘﺗﯘﻙ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 16:10:32

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 16:22:44

ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯩﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ ؟ ﻣﻪﻥ ﮬﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

axin يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 01:26:33

ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺋﯩﻼﻧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺑﯘﻏﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻛﻮﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ،
ﺋﻪﭘﻪﻣﺪﯨﻢ ﺳﯩﺰﺩﻩ <ﺋﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ >ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺘﯩﻢ.
http://payqeki.cn/images/123.gif

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 16:12:58

ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ - ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى
==================
ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﻗﻪﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﺎﯞﯗ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ << ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ>>، ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺳﯚﺯ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺮﺍﻕ ﻳﺎﺯﺍﻳﻠﻰ، ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 21:53:03

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪ .................................

esir يوللانغان ۋاقتى 2008-5-26 20:45:47

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ... ﻣﯘﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﻙ ﻳﯩﻐﯩﻠﺪﻯ!

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 10:47:36

ئادەم ئۆمرىدە بىر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتاب- ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى،

ھەجەپ كۆڭلۇمنى ئېلشتۇردى، ما تىما ئىسمى،         

3يىلنىڭ ئالدىدا چوڭ بازاردا تۇكمە قىلىپ ،10سومدىن سېتىلغان قۇيمىچىلارنىڭ بۇ كىتاۋىنى ئوقۇپ، ۋاختىڭلارنى ئىسراپ قىلماڭلار، يۇشۇرۇن ئاڭ دىگەندەك ئادەم ئالدايالغان قۇرۇق سەپسەتىلەر ھازىرمۇ يادىمدا، ھۇرۇنلارنىڭ بىيىش يولى تېخى دۇنيادا بايقالمىدى. [

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 18:02:39

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﺳﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺲ-ﭘﺎﺱ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﺘﯩﻼ ﺩﻩﯞﻩ، ﻣﻪﻥ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2008-7-29 21:01:06

ھورۇنلار راستىنلا بېيىپ كەتسە ئىشچانلا نېمە بوپ كېتەر ھۇي بالىلار
بەت: [1]
: ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ - ھورۇنلارنىڭ بېيىش يولى