Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 14:47:24

دەستۇرۇلئىلاج (داۋالاش دەستۇرى)

دەستۇرۇلئىلاج  (داۋالاش دەستۇرى)

ﻳﻪرﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎ (ﺗﯧﯟﯨﭗ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ھەزىرەت تەرىپىدىن  1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯨﻞ ﺋﯩﻼﺝ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.


دەستۇرۇلئىلاج  (داۋالاش دەستۇرى)ھەكىم سۇلتان ئەلى
مۇقەددىمە
بۇ 15 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بىرىنجى باب سالامەتلىك توغرىسىدا
بۇ 16 پەسىلگە بۆلىنىدۇ

1. پەسىل ھاۋا


ئىنسانلارغا كېسەللىك ۋە سالامەتلىك ئېلىپ كەلگۈچى سەۋەبلەر ئىچىدە ھاۋا ئەڭ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەدەن-قۇۋۋىتى تەبئىي، قۇۋۋەتى ھايۋانىي، قۇۋۋىتى نەپسانىيدىن ئىبارەت ئۈچ قۇۋۋەتتىن بەرپا بولىدۇ.
بۇ قۇۋۋەتلەر روھتىن مەدەت ئالمىغۇچە ئۆز ۋەزىپىسىنى بىجىرەلمەيدۇ. روھنىڭ ئاساسى ھاۋا بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى سۈمۈرىدۇ ۋە سىرتقا چىقىرىدۇ. بۇنداق ھاۋانىڭ تەبئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر، موھىتتىكى ھاۋانىڭ تەبئىتىبەدەندىكى ئەسلى ھارارەتكە سېلىشتۇرۇلۇپ سوغۇق دېيىلىدۇ.بۇنداق ھاۋادىن نەپەس ئالغاندا بەدەندىكى ئەسلى ھارارەت بىلەن بىرلىشىپ تەبئىتى ئىسسىق بولىدۇ. ھەې ۋاقىت ساپ ھاۋا روھقا تەسىر قىلسا راھەتلىنىدۇ، ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق ھاۋا ھەر خىل بۇلغىنىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ساپ ھاۋا ئەمەس. ئۇنىڭغا ئىس-تۈتەك، ھەر خىل توزانلار ئارىلاشقان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ھاۋانىڭ تەبئىتى ھەر پەسىلدە شۇ پەسىلنىڭ تەبئىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا پەسىللەرنىڭ ئۆز تەبئىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، كېسەللىك پەيدا بولىشى مومكىن، دەريا-ئۆستەڭلەر، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، گۈل - گىياھلار بار جايدىكى ھاۋا ساپ ھاۋادۇر. قارىغاي، تېرەك، سۆگەت، ئۈجمە، ئۈزۈم تېلى، ئۆرۈك، لوۋىيا، سامساق، پىياز، نوقۇت، زاغۇنلۇق ھاۋاسى-ئەگەر ئىس-تۈتەك ۋە ھەر خىل بەتبۇي پۇراقلاردىن خالىي بولسا ، ئۇمۇ ساپ ھاۋادۇر.
ئىسسىق ھاۋا بەدەننى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ، چىرايىنى سارغايتىدۇ، ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدۇ، يۈرەكنى قىزتىدۇ، كۆپ تەرلىتىش بىلەن كېرەكلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا كۆپلەپ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدۇ. سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، مېڭىنى ئاچىدۇ ۋە ھۆللۈكنى تارقىتىدۇ.
سوغۇق ھاۋا تولا ھاللاردا سېمىز ۋە سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ، يەلنى زىيادە قىلىدۇ. زۇكام ،نەزلە پەيدا قىلىدۇ، دىماغنى پۈتۈك قىلىدۇ. ھۆل ھاۋا ئورۇق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بەدەن تېرىسىنى يۇمشىتىدۇ، قۇرۇق ھاۋا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ھاۋا قويۇق بولغاندا ، ئۇششاق يۇلتۇزلارنى كېچىدە كۆرگىلى بولمايدۇ، نەپەس ئىلىش قىيىنلىشىدۇ. ھۆل ھاۋا قويۇق ھاۋادىن زىيانلىقراقتۇر. سەھرانىڭ ھاۋاسى ئۆينىڭ ھاۋاسىغا قارىغاندا ساپراق بولىدۇ. ھاۋا دائىم بۇلغانغان بولسا ، ۋابا ( يۇقۇملۇق كېسەل) پەيدا بولىدۇ. يەنى ھاۋا بۇلغانغان بولۇپ سېسىق بۇخاراتلار (تۈتەكلەر) بىلەن بىرلەشسە ئاغرىق ۋە ئۆلۈم - يېتىم كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋابا يۈز بەرسە ئۇد، ئەنبەر، كۇندۇر، مەستىكى، سەندەل، لادەن، قۇستە، يۇلغۇن ياغىچى، ئاچچىق بادام كۆيدۈرسە پايدا قىلىدۇ. سىركىدە ھىڭنى ئېرىتىپ ياكى سىركىنىڭ ئۆزىنى ئۆي ئىچىگە چاچسىمۇ بولىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ داۋامى  http://birzat123.ilghar.net  دا يوللىنىۋاتىدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 14:48:55

2-پەسىل  پەسىللەر


قىش پەسلىدە يىغىلىپ قالغان يەللەرنى ياز پەسلىدە ئىسسىق تەسىر قىلىپ ھەيدىمىگۈچە، ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىش كىرەك: بىرى ، تاماقنى ئازىراق يېيىش، ئاسان سېڭىدىغان تاماقلارنى يېيىش؛ ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك تاماقتىن ئىلگىرى يەڭگىل ئەمگەك قىلىش ياكى تەنھەركەت قىلىش لازىم. تەبئىتى ئىسسىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، شارابتىن، كۆپ گۆش يېيىشتىن، ئاچچىق، تۇزلۇق تائاملاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. يەنە بىرى، ئىستىفراغ ئارقىلىق بۇزۇق ماددىلارنى ئازايتىش لازىم. ئىستىفراغنىڭ ئەڭ ياخشىسى باھار ۋاقتىدا قان ئالدۇرۇشتۇر. قەي قىلالايدىغان كىشىگە قەي ئەڭ ئوبداندۇر. ھەر خىل ئىچىملىك ۋە چىكىملىكەردىن پەرھىز قىلىش لازىم. بەك كۆپ تائام يىمەسلىك، كۆپ شاراب ئىچمەسلىك، جىما (جىنسىي مۇناسىۋەت) ۋە ئېغىر ئەمگەكلەرنى ئازىراق قىلىش لازىم.
كۈز پەسلىدە ھەر خىل گۆشلەردىن، قۇرۇتۇلغان گۆشتىن، قۇرۇقلۇق كەلتۈرىدىغان ھەر خىل نەرسىلەرنى يېيىشتىن پەرھىز قىلىش كېرەك. بەك توق ھالەتتە ئۇخلىماسلىق لازىم. سوغۇق يەردە ياتماسلىق، چۈش ۋاقتىدىكى ئىسسىقتىن، ئەتتىگەننىڭ سوغۇقىدىن، سوغۇق سۇغا كىرىشتىن  ساقلىنىش كېرەك. بۇ پەسىلنىڭ ئاخىرىدا بەدەندىكى مېۋە-چېۋەلەردىن يىغىلغان غەيرى خىلىتلارنى دورا ئارقىلىق تازىلاش كېرەك. ئازىراق قەي قىلىش لازىم. قىش ۋاقتىدا ھەر خىل مېۋە سۈيى، مۇراببا ۋە كاۋاپتەك تائاملارنى دارچىندەك دورىلار بىلەن بىللە يېيىش لازىم. ئەگەر قىش پەسلىدە كېسەل بولۇپ قالسا ، ئىستىفراغ ئارقىلىق داۋالاش لازىم. ئىستىفراغ قىلغاندىن كىيىن بىمار ئەسلىگە كەلگۈچە ، سوغۇقتا ھەرىكەت قىلماسلىق لازىم. بۇ پەسىلدە دورا يېيىش قەي قىلىشتىن ئوبدانراقتۇر

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 14:49:29

3-پەسىل شەھەر، ئۆيلەر ۋە مەنزىللەر


ھەر قانداق ئېگىزلىكنىڭ ھاۋاسى سوغۇقراق بولىدۇ. بۇنداق ھاۋادا نەپەسلىنىش ئاسان. تۈزلەڭلىكنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق ۋە دېمىق بولۇپ ، بۇس تۇمانلىرى يامانراق، نەپەسلىنىش قىيىنراقتۇر. تۈزلەڭلىكنىڭ بىر تەرىپى تاغ  بىر تەرىپى دەريا بولسا ، ھاۋاسى ھۆل بولىدۇ ۋە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ. ئەگەر يېرى قاتتىق -قۇرۇق بولۇپ ، تاغلىرى تاشلىق بولسا ، زىيىنى كەمرەك بولىدۇ؛ ئەگەر ئەكسىچە بولسا زىينى چوڭراق بولىدۇ؛ ئەگەر بىر رايۇن ئىسسىق بەلۋاققا جايلاشقان، تەبئىتى ئىسسىق بولسا  بەدبۇي ۋە سېسىقچىلىق كۆپ بولۇپ  كېسەللىك كۆپ يۈز بىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمال تەرىپى ئوچۇقچۇلۇق بولمىسا جەنۇپ تەرىپىدە دەريا بولسا ، ئۇ رايۇندا كېسەللىك ۋە ۋابا (يۇقۇملۇق كېسەللىك) كۆپ يۈز بىرىدۇ. شورلۇق زېمىنلاردا ، گۈڭگۈرت ياكى نېفىت كانلىرى بار جايلارنىڭ ھاۋاسى نۇرمالسىز بولىدۇ. دەريا بويىنىڭ تەبئىتى ھۆل بولىدۇ. باياۋاننىڭ قۇرۇق بولىدۇ. تاغلارنىڭ ھاۋاسى زېچ بولۇپ خەلقى كۈچلۈك، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك، قاتتىق سۆزلۈك كېلىدۇ.  ئەگەر بىرەر رايۇننىڭ يېرى پاكىزە، تاغ-دەريالىرى يىراقتا بولسا ، ھاۋاسى مۆتىدىل ۋە ئوبدان بولىدۇ. دەريا بويلىرى خۇشششش ھاۋالىق بولىدۇ؛ ئەگەر شەھەرلەردە ئاھالىلار زىچ بولسا، تۇرار جايلارنى ئوبدان يەرگە ، ئېگىزرەك قىلىپ سېلىش كىرەك. دېرىزىلەرنى شامال يۈرۈشىدىغان، كۈن نۇرى چۈشىدىغان تەرەپلەرگە ئورنىتىپ، ئاپتاپ تولۇق چۈشىدىغان قىلىش لازىم.


4- پەسىل كىيىم-كېچەكلەر


تېرە ۋە يۇڭدىن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەر ئىسسىق كىيىم-كىچەكتۇر. جۇۋىنىڭ ئىسسىقراقى تۈلكە ۋە سۈلەيۇنلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەنلىرىدۇر. باشقىلارنىڭ ئىسسىقلىقى بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. كەندىردىن ئىشلەنگەن رەخىتلەردىن تىكىلگەن كىيىملەر سوغۇق كىيىمدۇر. پاختىدىن تىكىلگەن كىيىم ئىسسىق بىلەن سوغۇقنىڭ ئوتتۇرسىدا بولىدۇ؛ يىپەتىن تىكىلگەن كىيىم كەندىردىن توقۇلغان رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرگە قارىغاندا ئىسسىقراق، پاختىدىن سوغۇقراق بولىدۇ. شۇڭا يىپەك سىلىق ۋە پەدەزسىزدۇر. يۇمشاق كىيىم تەننى ئىسسىق قىلغاچقا، قىش كۈنى كىيىشكە مۇۋاپىقتۇر. يىرىك كىيىم ئورۇقلىتىدۇ. تېرىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 16:21:34

ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ 15 ﺑﺎﺏ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻘﯘ؟

gulruh يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 16:56:36

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎﻣﯩﺰ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 18:11:53


ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ 15 ﺑﺎﺏ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻘﯘ؟

ﮬﺎ ﮬﺎ .... ﺷﯘ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ 1-ﻗﯩﺴﯩﻢ-ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ، 2-ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 19:38:36

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻠﻰ.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 19:48:58

ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎﺗﻪﺷﻨﺎﻣﻪﻥ

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 22:13:15

ﺑﺎﻟﻼ ﺳﻪﻝ ﻧﺎﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ....

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 23:33:24

سىلى ئاجايىپ زور ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگەكتىن بىرىگە تۇتۇش قىلىپلا ھاجىمكا ! ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻣﯘ - ﭘﯘﻗﺮﺍﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﻟﯜﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ!
ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻛﯚﻛﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ - ﺗﯩﻠﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ !
<< ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯗﻟﺌﯩﻼﭺ >> ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﺏ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﮬﻪﺯﯨﺮﻩﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻗﺎﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﻪﻛﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ، ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﺸﻜﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﺪﯗﺭ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 07:49:42

ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻧﺎﺩﯗﺭ!!!
ﺗﻮﻙ ﺗﻮﻻ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﺪﻯ...ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 15:53:39

ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻛﻼ ﺗﯜﺯﯛﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﯩﻨﺎ ﻣﺎﯞﯗﻻﺭ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-24 19:20:05

ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗﻛﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ-ﺗﻪﯞﻩﺯﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺑﺰﻩﻟﺪﯗﺭ.

tayger يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 09:03:47

ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﭽﯘ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 21:50:59

BUHRA ﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-5-26 22:22:20

ﺗﻮﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﺝ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ،ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯧﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ..

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 09:27:51

5-ﭘﻪﺳﯩﻞ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭ


ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻏﯩﺰﺍﺩﯗﺭ. ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ، ﮬﻪﻡ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻏﯩﺰﺍﺋﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﺋﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﯩﺰﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﻟﻐﻪﻣﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﯩﺰﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻰ، ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﯛﻡ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﺋﺎﻟﻤﺎ ، ﺑﯧﮭﻰ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ، ﻗﻮﻏﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺳﺎﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﺳﻪﭘﺮﺍ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻏﯘﻥ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﺮﻛﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻞ، ﻏﻮﺭﺍ ﺳﯜﻳﻰ، ﻟﯩﻤﻮﺏ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻔﺮﺍﻍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﯩﺰﺍ ﻳﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﭘﺎﻕ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﭘﯘﺩﯨﻨﻪ (ﻳﺎﻟﭙﯘﺯ) ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻏﻪﻟﯩﺰ (ﺗﻪﺳﺘﻪ) ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺯﯦﻐﯩﺮ ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﯩﺘﯩﺮ ﻧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﻗﯩﭽﺎ ، ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﻝ ﻳﯧﻐﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﺎﯞﺍﺭﯨﺶ ﺋﯘﺩﻧﻰ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻟﻪﺗﯩﭗ(ﺳﯩﯖﯩﺸﻠﯩﻚ، ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ)ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﺕ، ﺗﺎﯞﯗﺯ، ﺑﯩﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﯩﻠﯩﺖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.ﻛﯜﭼﯜﻟﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﻴﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻟﯩﻤﻮﻥ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻮﺭﺍ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻟﻮﻗﻤﺎ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻼ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﺴﻪ ، ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺟﺎﺯﯨﺒﻪ (ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ)ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺮﻩﻙ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺳﻪﭘﺮﺍ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﭘﺎﻕ، ﺋﻪﻳﻨﯘﻻ، ﻗﻮﺭﯗﻏﺎﻥ ﮔﯚﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺳﻪﯞﺩﺍ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺗﻮﺧﯘ، ﺳﯧﻤﯩﺰ ﻗﻮﻱ، ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺭﭼﯩﻦ، ﺯﯨﺮﻩ، ﺳﯧﺮﯨﻘﻤﺎﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻳﯧﻐﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻮﺯ ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺗﻮﺧﯘ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﯗﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺟﺎﻧﯩﯟﺍﺭﻻﺭ ﮔﯚﺷﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻏﻪﻟﯩﺰ ( ﺗﻪﺳﺘﻪ) ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ  ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻏﯩﻠﯩﺰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻳﯧﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺮﯨﻖ، ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﻳﯧﺴﯩﻤﯘﻕ، ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﺭﻩﯕﮕﻰ -ﺭﻭﻳﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯗ. ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺪﯗ؛ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯧﺰ ﻗﯧﺮﺗﯩﺪﯗ؛ ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯩﺘﯩﻖ، ﻏﻮﺭﺍ، ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﯘﺯﺍﭖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺟﻮﺯﺍﻡ (ﻣﺎﺧﺎﯞ)، ﺑﻪﺭﻩﺱ (ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯚ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﺍﭘﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ، ﻛﻪﻟﻪﺏ (ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺩﺍﻍ ﭼﯜﺷﯜﺵ) ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺭﺍﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﻠﺴﻪ، ﻧﯩﻘﺮﻩﺱ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﮬﯩﺠﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ (ﻟﻮﯕﻘﺎ  ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ) ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﯧﺴﻪ، ﺟﻮﺯﺍﻡ ﯞﻩ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯜﺕ ،ﻗﯧﺘﯩﻖ، ﺳﯩﺮﻛﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﻏﻨﻰ ﻣﯩﺲ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻴﻮﻣﯩﻦ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﻠﯩﻖ، ﺳﯜﺕ، ﺗﻮﺧﯘ ﯞﻩ ﭘﯩﺸﻼﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻟﻮﯞﯨﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 09:49:40

6-ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺳﯘ

ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺳﯘ ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯘﺭ. ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯩﻘﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﮬﯚﻟﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺸﺸﺸﺸﺘﯘﺭ. ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ.( ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﻣﻮﮬﯩﺖ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺋﯩﺪﻯ .ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ 7ﻛﯜﻥ ﺋﯘﺩﺍ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭘﺘﯘ. -ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻰ).ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭘﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ، ﭼﻮﯓ=ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻘﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺘﯩﺴﻘﺎﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﺴﻘﺎ ﯞﻩ ﭘﺎﻟﻪﭼﻜﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﯘ ﻗﯩﭽﯩﺸﻘﺎﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﮭﺎﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻻﻱ ﺳﯘ ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﯚﺭﻟﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﻪﺯﻟﻪ، ﻗﯘﻟﯘﻧﺠﻰ، ﻣﺎﻟﯩﺨﯘﻟﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.....

ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﯖﻼﺭ
http://birzat123.ilghar.net

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 10:03:15

ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻼ ﮬﺎﺟﯩﻜﺎ ! ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﻼ ...
ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ!

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 10:46:07

ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﯚﭘﻜﯩﻨﺎ ..
ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻼ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ، ﺑﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
بەت: [1] 2
: دەستۇرۇلئىلاج (داۋالاش دەستۇرى)