Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 11:34:04

ئەيدىز بىمارى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت

ئەيدىز  بىمارى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت

ئاساسىي مەزمۇن : زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلانغان. سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلاشقان، ئائىلە ئەزالىرى دەسلەپ ھەممىسى قورقۇپ قېچىشقان، كېيىنچە ئەيدىز ھەققدىكى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاشقانسېرى بارا -بارا يېقىنلىشىپ ئارىغا ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن، مېھرى - مۇھەببەت ئاتا قىلىشقان. نىكاھلانغان بولۇپ، ئايالىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان.
سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : بىگۇناھ ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتىدە بولغان ئۆزگىرىش ، كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى قانداق بېسىش ...

***   ***  ***

ئەخمەت ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم  ) ، ئۇيغۇر، ئەر ، 30 ياش.

***   ***  ***

- قايسى يىلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىدىڭىز ؟

- 2001 - يىلى جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنماقچى بولدۇم، ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە HIV  نىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇ چاغدا ئەھۋال جىددىي بولغاچقا، دوختۇرلار ماڭا ئەيدىزىن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇپ، ئوپېراتسىيە ئىشلەۋەرگەن ئىدى.

- نېمە سەۋەبتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالدىڭىز ؟

- مەن ئىلگىرى زەھەر چىكەتتىم، دائىم باشقىلار بىلەن بىر ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئۇكۇل ئارقىلىق زەھەر چىكەتتىم. شۇ سەۋەبتىن يۇققان بولسا كېرەك.

- سىز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى بىلگەندە نەچچە ياشتا ئىدىڭىز ؟

- ئۇ چاغدا مەن 23 ياشقا كىرگەن ۋاقتىم بولۇپ، توي قىلىپ بولغان چېغىم ئىدى.

- ئۇنداقتا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئېيتتىڭىزمۇ ؟

- ياق، مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆزۈمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. مەن ئايالىم بىلەن 99 - يىلى تونۇشقان ئىدىم. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغالىقمنى 2001 - يىلى بىلدىم. ئۆزۈمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەن چاغدىن باشلاپ مەن بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدىم. كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ ساراڭ بولۇپ كەتتىم. ئەڭ بۇرۇن خىيالىمدىن كەچكىنى ئايالىم بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن 2 يىلدىن ئارتۇق بىرگە ياشىغان ئىدىم. ئۇنىڭغىمۇ يۇقتۇرۇپ بولغانلىقىم مانا مەن دەپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدىم، توي قىلغاندىن بېرى مەن ئۇنىڭغا بەخىت ئېلىپ كېلەلمىدىم، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىم كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب بولدى خالاس . ئەكسىچە ئۇ ماڭا ئىزچىل كۆيۈنۈپ ، كۆڭۈل بۆلۈپ ، خىزمىتىمنى قىلىپ كۈتۈپ كەلدى.  بىر تەرەپتىن، مەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن مېنى تاشلاپ ، مەندىن ئايرىلىپ كېتىپ قېلىشىدىن قورقتۇم. ئەگەر ئۇمۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالسا مەن ئۈچۈن مىسلىسىز چوڭ زەربە بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىىن، ئەگەر ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىسام ئۇمۇ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان بولسا سالامەتلىكىگە زەخمەت يېىتىشىدىن ئەنسىرىدىم.

- ئۇنداقتا سىز ئۇ چاغلاردا ئايالىڭىز بىلەن قانداق ئۆتتىڭىز ؟

- ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالىم ماڭا ناھايىتى زور بېسىم بولدى. ئەگەر ئايالىم مەندىن ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ قالسا قانداق قىلارمەن، ئەگەر ئۇ تېخى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان بولسا ، بۇ خىل مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۇپ قويارمەنمۇ ؟ دېگەندەك ئەندىشىلەردە تىت - تىت بولۇپ، ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كېتەتتىم. شۇنىڭ بىلەن كەچلىرى يالغاندىن ئاچچىقلانغان قىياپەتكە كىرۋېلىپ، ئايالىم بىلەن كارىم بولمىدى. قىسقىسى ئۇچاغلاردا مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرلۈك - تۈمەن بېسىملارغا ، قىسىلچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇراتتىم. كاللامدا شۇنداق بىر ئوي ھۆكۈم سۈرەتتى، مەن ئانامغا ۋە ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيمەن. مەن ئۆلۈمگە لايىق، ئۆلۋېلىشىم كېرەك...

- ئۆلىۋېلىش ؟ سىز ئۆلىۋېلىشكىمۇ ئورۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟

- ئورۇندىم. مەن باشقا ئىشلارنى كۆپ ئويلىنىپ كەتمىدىم. پەقەت ئۆزۈمنى ئانام ۋە ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيمەن، ئۇلارغا قارايدىغان يۈزۈم يوق دەپ قاراپ ، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگە كەلدىم. 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەسيەتنامىمۇ يېزىپ قويدۇم ۋە زەھەرنى نورمىدىن ئارتۇق ئۇرۇش  يولى  ئارقىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن زەھەردىن 5 بولاق سېتىۋېلىپ،   جەنۇبىي قوۋۇقتىكى شىنخۇا كېتابخانىسىنىڭ ئارقىسدىكى كوچىغا جايلاشقان كونا ئامبولاتوريىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولدۇم. پەشتاقتن چىققۇچە بىر سېسترا  بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، مەن ھاجەتخانىغا كىرىپ كىملىكىم ۋە ئائىلەمنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ قويۇش قاتارلىق بارلىق تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوكۇلنى قولۇمغا ئېلىپ بىلىكىمگە تەڭلەپ تۇرۇپ، يېرىم سائەتچە ئۆز - ئۆزۈم بىلەن  ئىدىيە جەھەتتە  كەسكىن توقۇنۇشتۇم . زادى ئۇرايمۇ ئۇرمايمۇ؟ ئۇرسام - ئۆلۈمگە يۈز تۇتۇشۇم كېرەك، ئۇرمىسام - ئائىلەمدىكلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارىشىم كېرەك. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن مەن قەتئىي ئۇرۇش قارارىغا كەلدىمدە، ئۇكۇلنى زەرب بىلەن بىلىكىمگە ئۇردۇم. ئاستا - ئاستا ھۇشۇمدىن كەتتىم ... ئىككىنچى كۈنى ھوشۇمغا كەلگەندە قارىسام، 10 نەچچە كىۋادرات مېتىر كىلىدىغان ئۆيدە ئىكەنمەن. دېمەك مەن تېخى ئۆلمىگەن ئىكەنمەن.

- ئۇنداقتا سىز قانداق قۇتقۇزۋېلىنىپسىز ؟

- ساقچىلارنىڭ  ئېيتىپ بېرىشىچە، ھاجەتخانىغا كىرگىچە ئارىلىقتا دوقۇرۇشۇپ قالغان ھېلىقى سېسترا قىز بىنورماللىق ھېس قىلىپ، مەن كىرىپ كېتىپ ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا 1 سائەتكە يېقىن ساقلاپ بېقىپتۇ، كېيىن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقنى پەملەپ ئەر دوختۇرلارنى چاقىرىپتۇ، دوختۇرلار مېنى جىددىي قۇتقۇزۇپتۇ ۋە ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ساقچى يولدا ماڭا مەن يازغان ۋەسيەتنامىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : << بۇرادەر سىلىنىڭ يەنە يەيدىغان رىزقىڭلار باركەن، ئەزرائىلغا تېخى سىلىنىڭ جېنىڭلا كېرەك ئەمەس ئىكەن ... >> دىدى. كېيىن ساقىچلار مېنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىشتى، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىمۇ مەن بىر قانچە قېتىم ئۆلۋېلىشقا ئورۇندۇم. ساقچىلار ئەنسرەپ قولۇمغا كويزا سېلىپ قويۇشتى ۋە ئانامغا تېلېفون قىلىپ نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېتىشنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئانام بىلەن ئايالىم كېلىپ مېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشتى. ئانام ساقچىنىڭ قولىدىكى مەن يازغان ۋەسيەتنامىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى...

- شۇ چاغدا ئايالىڭىز سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىڭىزنى بىلدىمۇ ؟

- ياق، ئۇ چاغلاردا ئايالىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلدى. مېنى پەقەت زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىپ قالدى دەپ ئويلىدى. مەن ئانامغا ئايالىمغا بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىماسلىقنى، كېيىنچە ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتىدىغانلىقىمى دىگەن ئىدىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيدىن سىرتقا چىقمىدىم، قىلىدىغانغا ئىش يوق، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كاللامدىكى ئوي - خياللار چىگىشلىشىپ كەتتى . بارغانسېرى ئۆزۈمنى يوقىتىپ، يەنە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالدىم. ئىقتىسادىي كىرىمىم بولمىغاندىن كېيىن، ئايالمىغا بىرەر ئىش قىلىپ كۆرۈش ئويۇمنىڭ بارلىقنى يالغان سۆزلەپ، ئايالىمدىن پۇل ئېلىپ زەھەر چەكتىم. مېنىڭ يالغان سۆزلەپ ئايالىمىنى ئالدىشىم بىلەن ئايالىمنىڭ تويلۇق زىبۇ - زىننەتلىرىنى سېتىپ چىكىپ بولدۇم. ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەندە كېسەللىك قوزغىلىشقا باشلىدى، مەن لېمفا تۇبېركۇلۇزىغا گىرىتار بولدۇم. بەدىنىم بارغانسېرى ئاجىزلاپ ئۆزۈمىڭ ھاجىتىدىن چىقالماس بولۇپ قالدىم. بىچارە ئايالىم شۇندىمۇ مېنى تاشلىماستىن ، قېشىمدىن بىر قەدەم نېرى يالجىماي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، بېشىمدا تۇرۇپ چىۋىن - پاشىلارنى ھەيدىدى ...

- ئايالىڭىزدىن قاتتىق تەسىرلىنپسىزدە ؟

- شۇنداق، مېنىڭ دۇنيالىقتا پەقەت ئىككىلا روھىي تۈۋرۈكۈم بار ئىدى، بىرى ئانام بولسا بىرى دەل مۇشۇ ئايالىم ئىدى. كېسىلىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر ھەپتىلىكىگە 5 - 6 مىڭ يۈەن كېتەتتى، بىچارە ئانامنىڭ پۇل سوراپ يىلىنىپ يالۋۇرمىغان ئۇرۇق- تۇغقان، تونۇش - قاياشلىرى قالمىغان ئىدى. ھېلھەم بىچارە ئانام يۇقىرى ئۆسۈملەك قەرز قايتۇرۇپ يۈرىدۇ.

- ئايالىڭىز زادى ئەيدىزدىن يۇقۇملاندىمۇ ياكى يۇقۇملانمىدى ؟

- ئايالىممۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى. ئەمەلىيەتتە ئايالىم 2001 - يىلى مەن ئوپېراتسىيە قىلغۇزغان چاغدىلا مەندىن گۇمان قىلىپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە بېرىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈتكەن ئىكەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ چىقىپتۇ. ئەمما، ئۇ ماڭا بۇ ئىشلارنى ئېيتماپتۇ، 2 يىلدىن كېيىن مەن لېمفا تۇبېركۇلۇزىغا گىرىپتار بولۇپ بالنتسىدا يېتىپ قالغان چېغىمدا ئاندىن بۇ ئەھۋاللارنى ، ئۆزىنىڭ مېنى ساپ -ساق 2 يىل ساقلىغانلىقىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشمنى ساقلىغانلىقىنى ئېيتتى... ئۇ ماڭا يەنە ئىككىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپ ئىكەنلىكىمىزنى مەيلى قانداق رېئاللىق بولسۇن ، ئورتاق يۈزلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇندىن كېيىن زەھەر تاشلىشىمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ...

- ئۇنداقتا ئايالىڭىز بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ بېقىشقا بولۇرمۇ ؟

- بولىدۇ...

ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ << ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ >> ﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻳﺴﯩﺰ !
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ:  http://yuksel.blogbus.com

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 15:13:24

ﺧﻪﭖ   ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ  ﺑﯩﻠﻮﮔﯩﯖﯩﺰﻧﻰ  ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ  ﺋﺎﭼﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ،،،،!!!!
            ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ   ﺑﯩﻠﻮﮔﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ  ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 15:34:48

ﺩﺍﯞﺍﻱ !!!

Qimran يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 20:34:54

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ

arman318 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-22 14:40:09

ﮬﻪﻱ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

gulruh يوللانغان ۋاقتى 2008-5-23 16:50:02

ﺑﯩﻠﯘﮔﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ..........ﮬﯘﺭﺭﺍ

koktash يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 20:04:56

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﯩﭗ ﻛﻪﺗﻪﺭﺳﯩﺰ!
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻻﺭ، ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻓﯩﻠﯩﻤﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ...

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﯩﻢ، \"ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ (ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ) ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ 2 ﺧﯩﻞ ﺋﯘﻗﯘﻡ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯞﻩﺗﯩﺸﻜﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻳﺎﺯﺍﻣﯩﺰ.
ﺳﯩﺰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﮬﺎﻟﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﻮﻟﺴﺎ \"ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ\" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﯩﺰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ --- ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻏﺎﻥ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ --- ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻤﻤﻮﻧﺘﯧﺖ ﻛﯜﭼﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ، ﺳﻪﻛﺮﺍﺕ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ. ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ \"ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ\" ﻧﻰ \"ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ\" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ، ﻛﯩﻠﯩﻨﻜﺎ،  ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﺳﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ \"ﺑﯩﻤﺎﺭ' ﺩﻩﻳﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻧﺪﺍ- ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﮬﻰ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻏﯘﻟﺠﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ \"ﺳﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻤﯘ؟\" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ: \" ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﻪﺭﻣﻪﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.\" ﺩﻩﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.

ﺋﺎﺗﻜﺎﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﺋﻪﻳﭙﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ!

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-26 14:07:15

سىز تىلغا ئالغان << ئەيدىز يۇقۇمدارى >> بىلەن << ئەيدىز بىمارى >> دېگەن سۆزگە كەلسەك، مەن سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا تامامەن قوشۇلىمەن. بەلكى چوقۇم شۇنداق پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەك.
يۇقرىقى يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەخمەتجاندا << ئەيدىز كېسەللىكى >>  دەل مۇشۇ سۆھبەت بولىۋاتقان مەزگىللەردە دەسلەپكى قەدەمدە قوزغىلىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك << ئەيدىز بىمارى >> دەپ ئېلىنغان ئىدى.
ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ - ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻤﻪﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ!

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-11 13:58:32

بەت: [1]
: ئەيدىز بىمارى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت