juxkun يوللانغان ۋاقتى 2008-5-18 11:15:44

سىز Windows ئۈستەل يۈزىدىكى يېڭىلاش (刷新) نىڭ رولىنى

كىشلەر Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان ، كىشلەر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا Windows ئۈستەل يۈزى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى «يېڭىلاش» تۈرىنى ئىشلىتىپ كەلدى. مەنمۇ ئاڭسىز ھالەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىكار قالساممۇ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ «يېڭىلاپ» تۇردىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم سىزمۇ بۇ ھەركەتكە كۆنۈپ قالغانسىز.
بىز باشقىلاردىن نىمە ئۈچۈن توختىماي «يېڭىلاش» نى چىكىدىغانلىقىنى سورىساق ، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن چىكىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، بەزىلەر كۆنۈپ قالغان، بەزىلەر «سېستىمىنى يېڭىلاش» ئۈچۈن چىكىمەن دەيدۇ.
زادى بۇ «يېڭىلاش»(刷新)نىڭ رولى نىمە؟
ئۈستەل يۈزىنىڭ بوش ئورنىغا ئەكىلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكسىدىكى «يېڭىلاش» نىڭ قانداق رولى بار؟
بىز Windows XP نىڭ يارىدەم ھۆججىتىدىن ئىزدەيدىغان بولساق «يېڭىلاش» نىڭ رولىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ : «يېڭىلاش» ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرۈنۈش ئۇچۇرىنى يېڭىلايدۇ.
بىز بىلىمىز بۇ ئىقتىدار Windows نىڭ كۆپ ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ، مەنبە باشقۇرغۇچ (Explorer) دا ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرىنى يېڭىلايدۇ، كۆز يۈگۈرۈتكۈچ (IE) دا ھازىرقى بەت يۈزىنى قايتا يېڭىلاپ كۆرسىتىدۇ.
«يېڭىلاش» نىڭ باشقا روللىرى:
«يېڭىلاش» نىڭ رولىنى بوش چاغلاپ قالماڭ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىشلىتىپ ئاز بولمىغان كاشلىلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. مەسلەن كۆرسىتىش كارتىسى ياكى باشقا يۇمشاق دىتالدىن چاتاق چىقىپ ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىشتە مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ۋاقىتتا بىز «يېڭىلاش»(刷新) ئارقىلىق كۆرستىىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.
ئۈستەل يۈزىدىكى «يېڭىلاش» نىڭ رولى
بۇ يەردىكى رولى مۇندەرىجىدىكى  ھۆججەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاش بىلەن ئوخشاش ، ئۈستەل يۈزىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر مۇندەرىجە بولۇپ ھېسابلىندۇ ، لىكىن ئۇ ئالاھىدە مۇندەرىجە.
ئەمدى «يېڭىلاش» قا نىسبەتەن توغرا تونۇشقا ئىگە بولدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە ئۈستەل يۈزىدىكى «يېڭىلاش» نىڭ بەك چوڭ رولىمۇ يوق، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىىشلەر بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان . كومپيۇتېر بىكار قالغاندا ، قولىغا مائۇسنى ئېلىپ سىنبەلگىنى چەكسەك پىروگگرامما قوزغۇلىدۇ، لىكىن بوش يەرگە ئەكىلىپ سول كونۇپكىنى چەككەندە ھېچقانداق ئىنكاس يوق بولغاچقا ، كىشىلەر «يېڭىلاش» ئارقىلىق ئىش پۇشقىنى چىقىرىدۇ، ئۈستەل يۈزى توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرسا ئادەمگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ.
تارقىلىپ كىلىۋاتقان «يېڭىلاش» دىگىنىمز «سېستىمىنى يېڭىلاش» ، «ئىچكى سىغىمنى بوشاتقىلى بولىدۇ»، « سېستىمىنىڭ ئىنكاسىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ » دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسىي يوق گەپلەر.
سىزنىڭمۇ توختىماي«يېڭىلايدىغان» خۇيىڭىز بارمۇ؟ بار بولسا سىز نىمە ئۈچۈن «يېڭىلايسىز»؟
_________________________________________
تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار جۇشقۇن بلوگ دا
مەنزىل : http://juxkun.blogbus.com/

Ershat0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-18 16:07:27

ﻣﻪﻥ ﻣﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﺎﻟﺴﺎﻣﻼ Windows ئۈستەل يۈزىدىكى يېڭىلاش ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻢ ﺗﯘﺭﻣﻪﻥ
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﮔﯘﺭﺍﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯘﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﺮﮔﯘﺭﺍﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺶ....ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ يېڭىلاش»(刷新) ﻧﯩﯔ رولىنى بوش ﭼﺎﻏﻠﯩﻤﺎﯓ .....

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-5-18 23:40:57

ﻣﻪﻥ ﻛﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
بەت: [1]
: سىز Windows ئۈستەل يۈزىدىكى يېڭىلاش (刷新) نىڭ رولىنى بىلەمسىز؟