NTFS ھەققىدە چۈشەنچە
1 . NTFS دېگەن نىمە؟NTFS نى چۈشىنىشتىن بۇرۇن بىز ئاۋال FAT نى چۈشىنىشىمىز كرەك . FAT بولسا File Allocation Table نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ «ھۆججەت تەقسىملەش جەدىۋېلى» دېگەن مەنىدە . بىزگە نىسبەتەن ئۇنىڭ مەنىسى قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا بۆلۈپ باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ . FAT16 , FAT32 , NTFS بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان قاتتىق دېسكا فورماتىلىرى .
FAT16 : ئىلگىرى بىز ئىشلەتكەن DOS ، Windows 95 قاتارلىق سېستىمىلار FAT16 قاتتىق دېسكا فورماتىنى ئىشلىتەتتى . ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان Windows 98/2000/XP قاتارلىق مەشخۇلات سېستىىلىرى بىردەك FAT16 نى قوللايدۇ . ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 2G لىق رايۇننى باشقۇرالايدۇ ، ھەر بىر رايۇن ئەڭ كۆپ بولغاندا 65525 دانە تۇتام (بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان تۇتام بولسا قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، كۆرۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېلىندى ، خەنلەر 簇 دەپتۇ ) سىغدۇرالايدۇ . قاتتىق دېسكا ۋە رايۇنلار سېغىمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەر بىر رايون سىغدۇرالايدىغان تۇتام سېغىمىمۇ چوڭايدى ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنىڭ ئىسراپ بولىشى كېلىپ چىقتى .
FAT32 : سېغىمى چوڭ بولغان قاتتىق دېسكىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ، Windows 98 دىن كىيىن FAT32 ئىشلىتىلىشكە باشلىدى . ئۇنى FAT16 نىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى دىيىشكە بولىدۇ ، باشقۇرالايدىغان رايۇن دائىرسى 2TB يەنى( 2048GB ) غا يېتىدۇ . FAT32 ئىشلىتىدىغان تۇتام سانى FAT16 دىن كىچىك بولۇپ ئۈنۈملۈك ھالدا قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى تىجىيەلەيدۇ .
NTFS : بۇ بولسا windows NT ئىچكى قىسىمدىكى مەشخۇلات سېستىمىلىرى قوللايدىغان بىر خىل ئالاھىدە بولغان تور ۋە قاتتىق دېسكا تەقسىلمەش ، ھۆججەت پاروللاش قاتارلىق ئىقتىدارى بولغان قاتتىق دېسكا فورماتى ، NT نى يادرو قىلغان Windows 2000/XP نىڭ ئوموملىشىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر NTFS نى ئىشلىتىشكە باشلىدى . NTFS مۇ بايام بىز دېگەن «تۇتام» نى بىرلىك قىلغان ھالدا ئۇچۇر ساقلايدۇ ، لىكىن NTFS دىكى تۇتام چوڭلۇقى قاتتىق دېسقا ياكى رايۇنلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمايدۇ ، تۇتام چوقلۇقىنىڭ كىچىكلىشى قاتتىق دېسكا بوشلۇق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتتى . NTFS يەنە ھۆججەت پاروللاش ئىقتدارىغا ئېگە بولۇپ سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى .
2 . قانداق سېستىمىلار NTFS نى قوللايدۇ ؟
پەقەت Windows NT/2000/XP لا NTFS نى قوللايدۇ ، Windows 9x/Me ۋە DOS مۇھىتلىرى قوللىمايدۇ ، DOS مۇھتى NTFS نى قوللىمىغانلىقتىن سېستىما قاچىلانغان رايۇننى NTFS قىلماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، چۈنكى سىز DOS مۇھتىدا سېستىمىغا قارتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز DOS مۇھتى سىزنىڭ سېستىما قاچىلانغان دېسكىڭىزنى تونىماستىن كىيىنكى دېسكىڭىزنى سېستىما رايۇنى دەپ تونۇپ قېلېپ ئويلىمىغان ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچىرىشىڭىز مۇمكىن .
دېسكا فورماتلىرى ۋە قوللايدىغان سېستىمىلار
FAT16 windows 95/98/Me/NT/2000/XP Unix,Linux,DOS
FAT32 windows 95/98/Me/2000/XP
NTFS windows nt/2000/XP
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ : http://darslik.cn/info.asp
ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ : http://www.darslik.cn
http://www.darslik.com
ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ ! ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ !!!ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ! FAT32 نى لىنۇكس قوللايدۇ. NTFS نى ھازىر لىنۇكس قوللايدىغان بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن سىستىمىغا ntfs-3g قاچىلنىشى كېرەك. NTFS ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ windows nt/2003/xp ﻻﺭﺩﯗ؟ 2000 ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! NTFS ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ windows nt/2003/xp ﻻﺭﺩﯗ؟ 2000 ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟
----------------------------------------
win2000 ﻣﯘ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ . بىلىۋىلشىقا تىگىشلىك ئش ئىكەن، مەنمۇ ئادەتتە سېستىما قاچىلاشتا FAT32 بىلەن NTFS نى بىكىتىشنىڭ نىمە زۈرۈيىتى باردۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. مەن دائىم FAT32شەكىلىنى قوللىنىمەن! رەھمەت سىزگە..
بەت:
[1]