juxkun يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 10:21:16

كومپيۇتېردىكى 4 چوڭ شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقۇتۇش


ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن شاۋقۇن روھى چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلىدۇ. بالدۇر چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى چاچ چۈشۈشنى، چاچ ئاقىرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان شاۋقۇن ئادەمنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلىسىگە تەسر يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىتىدۇ. غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شاۋقۇن ئادەمنىڭ باش، بويۇن، قۇلاق ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارغا تەسىر قىلىپ، ئارتۇقىچە جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز تۆۋەندە كومپيۇتېردىكى شاۋقۇنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەيمىز
1. توك مەنبە شامالچىسىدىكى ئاۋازى
توك مەنبە شامالچىسىدىن چىقىدىغان ئاۋاز ئاسالىقى ئايلىنىش ۋە تىتىرەشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئايلىنىشتىن چىققان ئاۋاز ئادەتتە شامالچى ئوقىنى سىلىقلىغۇچى ماي تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى شامالچىنىڭ ئوقىغا مەخسۇس سىلىقلىغۇچى ماي ياكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىنى تېمىتىپ قويساقلا بولىدۇ. بىراق سىلكىنىپ ئاۋاز چىقىرىش بولسا ئادەتتە شامالچى ياپراقچىسىنىڭ تەكشىسىزلىكىدىن ، ياپراقچىنىڭ بوشاپ قېلىشىدىن ۋە ياپراقچا بىلەن ئوق ئارسىدىكى ئارلىقنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ياپراقچىغا توپا-چاڭلار چاپلىشىۋالغان بولسا ، ۋاقتىدا تازلىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئەگەر بىرەر ياپراقچە سۇنۇپ كىتىپ تەڭپۇڭلۇققا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا  ياكى ئوق بىلەن ياپراقچە ئارسىدىكى ئارلىق چوڭۇيۇپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى يېڭىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇش لازىم.

2. CPU شامالچىسىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
CPU شامالچىسىنىڭ ئوقى ۋە ياپراقچىسى ئاسانلا شاۋقۇن پەيدا قىلدىغان ئورۇن ، ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن شامالچى ئوقى سلىقلاش مېيى تۈگەپ كىتىشتىن سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردا ئۇپىراق كىتىدۇ دە غەلىتە ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا بىز كىيم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىنى تېمىتىپ قويىمىز.
ئەمەلىي مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك : بىز ئاۋال شامالچى ئوقىنىڭ ئۈستى تەرپىگە چاپلانغان خاشۇ بەلگنى(标签نى نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم) ئاۋايلاپ ئېچىپ ، ماي تېمىتىپ بولغاندىن كىيىن يەنە چاپلاق قويىمىز. ئەگەر ياپراقچىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسىمۇ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ئىسسىقتا شەكلى ئۆزگىرىپ شامالچىنىڭ يان تەرپىگە تىگىۋالدىغان بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.
شۇڭا كومپيۇتېر ئالغاندا CPU نىڭ شامالچىسىنى ياخشى تاللاش لازىم.
CPU نىڭ شامالچىسىنڭ ئوقىغا ماي تېمىتىش ئورنى:
http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_78888d2d7cacf8f.jpg
http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_86ed65627d51a0d.jpg
http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_55e0f1c01e257cd.jpg
http://it.hinews.cn/bbs/attachment/Day_071218/23_3734_110542bdf14948f.jpg
3. قاتتىق دىسكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
قاتتىق دىسكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز ئاساسلىقى قاتتىق دىسكىنىڭ سىلكىنىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا چىققان ئاۋاز ئادەمنىڭ قۇلقىنى يەپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق دىسكىنىڭ بىخەتەلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى بولماسلىق سەۋەبدىن كىلىپ چىققان سىلكىنىش قاتتىق دىسكىنى بۇزىۋېتىدۇ. شۇڭىلاشقا ۋېرىتكال ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتتىق دىسكا چوقۇم ئاساسى ماشىنا ساندۇقى بىلەن پاراللىل ئورۇنلاشتۇرلىشى ، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتتىق دىسكا چوقۇم ساندۇق تېگىگە تىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرلىشى مايماق بولۇپ قالماسلىقى لازىم.  ئەڭ مۇھىمى قاتتىق دىسكىنىڭ مۇستەھكەم ھالىتىنى ساقلاش(قاتتىق دىسكىنى ئورناتقاندا چوقۇم 3 تىن ئارتۇق مىخ ئىشلىتىش لازىم) ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قاتتىق دىسكىنىڭ توك يول تاختىسىنڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتتىق دىسكىنى مۇقۇملاشتۇردىغان  مىخ بەك ئۇزۇن بولماسلىقى ۋە بەك كۈچەپ مەجبۇرى چىڭ چىڭىتىۋېتىلمەسلىكى لازىم

4. ئاساسىي ئاپارات ساندۇقىنىڭ تىتىرىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز
شاندۇقنىڭ تىتىرىشىدىن چىقىدىغان ئاۋازنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ، بىز كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم، ساندۇقنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە ساندۇق ۋە ساندۇق گەۋدىسىنىڭ ئۇلىنىش شەكلى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ماتېريالى بەك نىپىز ۋە بەك «تىجەشلىك» بىلەن ئىشلەنگەن ساندۇقلار پۇختا ئەمەس. قولمىز بىلەن ساندۇقنى يەڭگىل بېسىپ باقساق قاتتىقلىقنىڭ ئۆلچەمگە توشىدىغان توشمايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ساندۇق ياپقۇچ بلەن ساندۇق گەۋدىسى بۇرما مىخ بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولسا بىر قەدەر پۇختا بولىدۇ، بىراق ھېلقىدەك بۇرما مىخ ئىشلىتىلمىگەن ساندۇقتىن ئاسان ئاۋاز چىقىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالغاندا ياخش ئويلىنىپ سېتىۋېلىڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا قوراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئۇسۇللىرىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ، ياپقۇچ بىلەن ساندۇق تۇتشىدىغان ئورۇنغا 4~3مىللىمېتىر كىلدىغان كۆپتۈرمە خاشۇ لىنتا قىسۇتۇرۇپ ئاندىن چىڭىتساق ئاۋاز چىقمايدىغان بولىدۇ.
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺑﻠﻮﮔﯩﺪﺍ
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ : http://juxkun.blogbus.com/

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 12:57:04

قاتتىق دىسكىدىن ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ، قاتتىق ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻤﯘ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2008-5-18 01:41:26

ﻟﻪﭘﺘﻮﭘﻼﺭﺩﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﭽﯘ؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 00:42:37

ئايلىنىش سۈرئىتى ئاپتۇماتىك تەڭشىلىدىغان CPU شامالچىسى 4 سىملىق بۇلامدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 10:57:21

ياق، 3 سىملىق بولسىلا كۇپايە بولىدۇ، ھەم ئاساسىي تاختا ئارقىلىق BIOS قا، يۇمشاق دېتاللارغا ئايلىنىش سۈرئىتىدىن دوكىلات بېرەلەيدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 13:34:56

ئۆيدىكى كومپىيۇتېرنىڭ CPU شامالچىسى 3 سىملىق ئىكەن، بىراق ئاساسى تاختايدا 4 تال يىڭنە بار ئىكەن، 1 تال يىڭنىسى بىكار تۇرىدۇ. شامالچا ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇقىم سۈرئەتتە تىنماي پىرقىرايدۇ، مىنۇتىغا 2200 لەر ئەتراپىدا، CPU نىڭ تېمپىراتۇرىسى 20 سىلسىيە گىرادۇستىن ئاشمايۋاتىدۇ. شامالچىنىڭ پىرقىرىغان ئاۋازى قۇلاق مىڭەمنى يەپ كەتتى.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 13:57:24

تېمىدا دىيىلگەن تۆت خىل شاۋقۇن مەنبەسى مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى.

يامان يېرى ھازىر سىنكارتامنىڭ شامالدۇرغۇچى سەل مايسىراپ قالغان ئوخشايدۇ،كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ 2-3مىنوت بولغىچە بەك سايراپ كېتىدۇ.سىنكارتامنىڭ شامالدۇرغۇچىنى يۆتكىۋەتسەم بۇلىدىغان ئوخشايدۇ،مايلارنىمۇ تېمىتىپ باقتىم كۆپ ئۈنۈم بەرسە بىرەر ئاي ئۆنۈم بېرىۋاتىدۇ.

بەت: [1]
: كومپيۇتېردىكى 4 چوڭ شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقۇتۇش