Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 10:07:12

قارامايدىكى ئەيدىز يۇقۇمى

قارامايدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ( 2007 )

تەڭرىتاغ تورىنىڭ قاراماي شەھەرلىك جىنسىي كېسەللىكلەر، ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش - ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تەمىنلىگەن ستاتىستىكىلىق ماتېرىيالىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋرىدە نەقىل قىلىنىشىچە، قاراماي شەھرىدە 1997 - يىلى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 96 نەپەر بولۇپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 نەپەر كىشى يېڭىدىن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بىلەن يامىرىغان. 2007 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىلا 13 نەپەر كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، قاراماي شەھرىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
بۇ يېڭىدىن بايقالغان 13 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ 9 نەپىرى ئايال، 4 نەپىرى ئەر؛ 11 نەپىرى ئۇيغۇر، 2 نەپىرى خەنزۇ؛ يېشى 20 ياشتىن 39 ياشقىچە؛ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغىنى 5 نەپەر، زەھەر چىكىپ يۇقۇملانغىنى 3 نەپەر، قان سېلىپ يۇقۇملانغىنى 2 نەپەر، يۇقۇملىنىش يولى ئېنىق بولمىغىنى 2 نەپەر.

يۇقىرىقى ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقرىىشقا بولىدۇكى، قاراماي شەھرىدىكى ئەيدىز يۇقۇم يۈزلىنىشىدە مۇنداق 4 خىل ئالاھىدىلىك مەۋجۇد.
1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، قاراماي شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش خىزمىتى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
2. ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەرلەرنڭىكىگە قارىغاندا 1 ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 9 نەپەر ئايالنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرى ھامىلىدار ئايال بولۇپ، ھەرقاچان بوۋىقىغا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋپى مەۋجۇد. دېمەك، ئەيدىز ئاللىقاچان ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، كېينكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام تۇغۇلىشىغا بىۋاسىتە خىرس قىلغان.
3. بۇ 13 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياش قورامى كىچىك بولۇپ، نوپۇسنىڭ ھاياتى كۈچى بولغان ياشلار سېپىنىڭ ئەيدىزنىڭ بىۋاسىتە خرسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا بولغان تەشۋىق - تەربىيىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
4. ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقلىق يۇقۇش يۈزلىنشىىدە ئېشىش ھالىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا پاك - دىيانەتلىك بولۇش، جۆرىسىگە سادىق بولۇش، قالايمىقان جىنسىي قىلمىشلاردا بولماسلىق، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىنى قوغداشتىكى مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق تەربىيە - تەشۋىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ << ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ :
http://yuksel.blogbus.com

hanjari يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 10:39:08

ﭘﺎﻙ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ. ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﮬﻪﺭﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ.ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﺩﯨﻐﯩﻨﻰ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ. ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻢ ،ﮬﻪﺭﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ -ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ!

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 13:00:32

ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ﮬﻪ!

mejnun يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 18:54:39

ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ﮬﻪ!
-
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ! ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ! ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﺪﻩﻙ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ360 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻧﯧﺴﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ! ﺩﯦﮭﻘﻪﺕ !!! ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﻭﺳﻼﺭ! ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ! ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ !!!

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 19:00:43

ﻳﯘﻗﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﯩﻨﻰ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ- ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ؟! ...
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ 13 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﺎﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﺯﯛﻣﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺑﯩﻐﻪﻡ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﯜﺭﯛﯞﻩﺭﺳﻪﻙ ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ! ... ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﭘﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﮬ ﺋﯘﺭﺳﺎﻗﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ! ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 20:48:34

1990-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﺪﺍﻛﻪﻧﺪﯨﺮ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ...ﮬﻪﻡ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﻰ (ﻛﻪﻧﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ) .
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻨﻰﺧﯩﺮﯗﺋﯩﻦ ﻧﯩﯖﻤﯘ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ.......



parwaz يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 21:54:25

ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﺪﻯ .ﯞﯨﮋﺩﺍﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯧﺴﺎ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﯧﻜﻪﻧﻐﯘ....
بەت: [1]
: قارامايدىكى ئەيدىز يۇقۇمى