juxkun يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 17:16:19

كىچىككىنە U دىسكا(بارماق دىسكا ئارقىلىق) Windows XP نىڭa

كىچىككىنە U دىسكا(بارماق دىسكا ئارقىلىق) Windows XP نىڭ مەخپىي شفىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىش
نۇرغۇنلىغان دوسىتلار Windows XP نىڭ مەخپىي شىفىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ سېستىمىغا كىرەلمەي ئاۋارە بولىدۇ، ھازىر مەن بۇ مەسلدىن قانداق قۇتۇلۇشنى س‍ۆزلەپ ئۆتىمىز.
كېرەكلىك قوراللار:
1.        U دىسكا(بارماق دىسكا)بىر دانە .
2.        USBoot (قوزغىلىدىغان U دىسكا ياساش پىروگىراممىسى)
3.        Winrar ( پىرىسلاش دىتالى)
باشقا شەرىتلەر :
USBoot نى بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭ: http://www.crsky.com/soft/4032.html
C دىسكا چوقۇم FAT32 ھۆججەت سېستىمىسى شەكلىدە بولۇشى لازىم ، ئەگەر NTFS بولسا U دىسكنى ياسىغاندا NTFS نى قوللايدىغان ئىقتىدارىنى قوشالايدىغان USBoot يۇمشاق دىتالى ئىشلىتىش لازىم.
پىرىنسىپى : بىز كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇپ سېستىما مەخپىي شىفىرىنى كىرگۈزىدىغان يەرگە كەلگەندە Winkey+U نى بېسىڭ.( Winkeyكونۇپكىسى بولسا كونۇپكا تاختىسىدكى CTRLبىلەن  Altئوتتۇرسىدىكى كۆزنەكنىڭ بەلگىسى بار كونۇپكا شۇ) باسسىڭىز windows  نىڭ يارىدەم قوراللىرى باشقۇرغۇچ كۆزنىكى (辅助工具管理器) قوزغۇلىدۇ ھەمدە بۇ كۆزنەك ئارقىلق Windows XP نىڭ لوپا ئەينەك ۋە ئېكران كونۇپكا تاختىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. لوپا ئەينەك پىروگىراممىسىنى قوزغاتقىلى بولغان ئىكەن بىز بۇ لوپا ئەينەك پىروگگىراممىسىنى باشقا پىروگىراممىغا ئالماشتۇرۋەتسەك بولىدۇ(سېستىمىغا ئىشلەتكۈچى ئابونىت قوشىدىغان پىروگىرامما).
بىز ئەمدى ياساشنى باشلايمىز:
1)        قوزغىلىدىغان U دىسكا ياساش
بىز ئاۋال Usboot نى ئېجرا قىلىمىز ، ئاندىن U دىسكنى كومپيۇتېرغا سالىمىز ، U دىسكنى تاللاپ «باشلاش» نى چىكىمىز.( U دىسكا ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى يوق قلىۋىتىدۇ جۇما يانا) فورماتلاپ بولغاندىن كىيىن U دىسكنى تارتىۋالىمىز ، ئاندىن يەنە بىزگە U دىسكنى سېلىشنى ئەسكەرتىدۇ ، U دىسكنى سالغاندىن كىيىن 1 مىنۇتتىلا پۈتىدۇ ، HDD شەكلىنى تاللاڭ.
2)        لوپا ئەينەك پىروگگىراممىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردىغان ھۆججەت ياساش
بىز ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر EXE ھۆججەت بولۇشى كىرەك ھەمدە بۇ ھۆججەت ئارقلىق ئىشلەتكۈچى ئابونىت قۇرۇش مەقسىتىگە يىتىشىمىز كىرەك. شۇنڭ ئۈچۈن بىز بىر توپ ئىجرا بولدىغان bat ھۆججىتى ياسايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز Windows XP ئۆزى تەمىنلىگەن «خاتىرە دەپتەر » پىروگىراممىسنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى چاپلايمىز  ھەمدە XX.bat شەكلىدە ساقلاپ چىكىنىمىز.


      @net user hack 123456 /add
  @net localgroup administraroes hack /add
  @exit

سىلەر بەلكىم بىزگە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن EXE ھۆججەت لازىم تۇرسا بىز نىمىشقا بىر XX.bat ھۆججىتى ياسايمىز دەپ قالغانسىلەر. بىز پەقەت EXE ھۆججەت ئىجرا بولغاندا bat ھۆججىتى تەڭلا ئىجرا بولدىغان قىلىپ قويساقلا بولىدۇ.
بىز مۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن winrar دىن پايدىلىنىمىز:
بىز winrar ئارىلىق بىر ئۆزى يېشىلىدىغان بىر ھ‍ۆججەت ياسىساقلا XX.bat ئەمدى XX.EXE ھۆججەتكە ئايلىنىدۇ.(سىز بۇ EXE ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى چوقۇم magnify.exe دەپ قويۇڭ ، نىمە ئۈچۈن مۇنداق دەپ قويدىغانلىقىڭىزنى ھېلى بىلىپ قالىسىز)
ئەگەر بۇ ھۆججەتنى ياساشنى ئەۋارچىلىق كۆرسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئىسمىنى magnify.exe غا ئايلاندۇرۋېلىڭ. چۈشۈرۈش مەنزىلى : http://juxkun.blogbus.com/files/12108496870.exe
magnify.exe نى ئىجرا قىلغانلىق XX.bat نى ئىجرا قىلغان بىلەن ئوخشاش . بىز ئەمدى magnify.exe نى U دىسكىغا كۆچۈرىۋالىمىز.
3)        ھۆججەت ئالماشتۇرۇش
بىز ئاۋال COMS قا كىرىپ بىرىنچى قوزغىلىش تۈرىنى USB-HDD غا توغرىلاپ قويىمىز، ساقلاپ چىكىنىپ ، U دىسكىنى سالىمىز، ھەمدە DOS سېستىمىس ئارقىلىق c:\windows\system32 مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىمىز ، ھەمدە بۇ بۇيرۇق ئارىلىق لوپا ئەينەك پروگگىراممىسىنى زاپاسلاپ قويىمىز (كىيىن لازىم بوپ قالا)
copy magnify.exe 007magnify.exe
بۇ نىڭدىكى magnify.exe دەل لوپا ئەينەك پىروگگىراممىسى ، copy نى دىمىسەممۇ بولا .
بىز ئەمدى ئاۋال  system32 دا بار بولغان magnify.exe نى يۇيىۋىتىمىز دە U دىسكىدىكى magnify.exe ھۆججىتىنى system32 مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرىمىز
بىز ئەمدى ، Cmos تىكى بىرىنچى قوزغىلىش تۈرىنى قاتتىق دىسكىغا توغرىلاپ قويىمىز، دە سېستىمىغا كىردىغان چاغدا لوپا ئەينەك پىروگىراممسىنى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز شىفىر كىرگۈزۈش كۆزنىكىدە تۇرۇپ Ctrl+Alt+Del نى ئىككى قېتىم باسسىڭىز ئىشلەتكۈچى ئىسمىنى كىرگۈزۈش كۆزىنىكى چىقىدۇ ، سىز ئەمدى XX.bat ھۆججىىتىگە يازغان hack ئابونىت نامى بىلەن كىرسىڭىز بولىدۇ.
سىز شۇنداق قىلىپ XP نىڭ سېستىما مەخپىي شىفىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز.
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺑﻠﻮﮔﯩﺪﺍ
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ :
http://juxkun.blogbus.com/logs/20948310.html

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ juxkun ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ  2008-5-15 20:42:12 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 19:43:09

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟؟
ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﻮﺗﯧﺮﻏﺎ ﺳﺎﻧﺠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﻮﻥ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﻏﺎ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ....
ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺋﻮﯨﺸﺎﻳﺪﯗ..ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﯞﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ﻗﯧﻨﻰ ......

PADIQI يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 21:21:57

ﺑﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻟﻜﻪﻥ
بەت: [1]
: كىچىككىنە U دىسكا(بارماق دىسكا ئارقىلىق) Windows XP نىڭ مەخپىي ش