ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 17:01:32

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى، ئەيدىز

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى، ئەيدىز

1995 - يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇنجى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن بۇيان، جىنسىي تۇرمۇشى قالايمىقان كىشىلەر توپى، تۇغۇتلۇق ئاياللار، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن كىشىلەر، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى بار ئىش - پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر توپى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىلەر مەزكۇر شەھەردىكى ئومۇمىي زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1998 - يىلىدىكى 90 پىرسەنتتىن ھازىرىقى 80 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشتى. بۇ خىل ئەھۋال ئەيدىزنىڭ ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەھەر چېكىشتىن باشقا جىنسىي قىلمىش ۋە باشقا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇش يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش مەركىزىدىكى يولداشلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ستاتىستىكىلىق تەتقىقات ئىشلگەن . ئۇلارنىڭ زەھەر چېكىش ئەھۋالى، جىنسىي قىلمىشى ۋە ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش دەرىجىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. ماتېرىيال
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار ياكى پاھىشە قىلغان 223 نەپەر ئۇيغۇر.
2. ئۇسۇل
ئەھۋال ئىگىلەش ۋاراقچىسى تارقىتىش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ ستاتىستىكىلىق بىرتەرەپ قىلىش.
3. نەتىجە
ئومۇمىي تەكشۈرۈلگەنلەر 223 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 109 نەپەر ( %48.9 )، ئايال 114 نەپەر  ( %51.1 )؛ ئەڭ كىچىكى 16 ياش ئەڭ چوڭى 52 ياش؛ توي قىلمىغانلار 87 نەپەر  ( %39.0 )، توي قىلغانلار 93 نەپەر  ( %47.7 )، ئاجراشقانلار 36 نەپەر  ( %16.1 )؛ تولۇقسىز ياكى تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر  ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر  44 نەپەر  ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېھقان %7.6، ئىشچى % 6.3  .
3.1  زەھەر چېكىش ئەھۋالى
زەھەر چېكىش تارىخى بارلار 162 نەپەر  ( %72.7 )، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇكۇل ئارقىلىق زەھەر چېكىدىغانلار 145 نەپەر  ( %89.5 ) ، ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلەر 129 نەپەر  ( %79.6 ) .
3.2 جىنسىي قىلمىش ئەھۋالى
تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋال جىنسىي قىلمىشى بار بولغانلار 205 نەپەر  ( %91.9 )، ئەڭ بالدۇر جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشىش يېشى جەھەتتە ئەڭ كىچىكى 13 ياش ؛ جىنسىي ھەمراھىنىڭ سانى ( ئومۇمىي جاۋاب بەرگەنلەر 205 نەپەر ) 2 دىن 5 كىچە بولغانلار 136 نەپەر  ( %67.3 ) ، 5 دىن جىقلار 12 نەپەر  ( %5.9 ) ، ئەرلەرنىڭ ھەمجىنسۋازلىق قىلمىشى بارلار 4 نەپەر  ( %3.3 ) ؛
3.2.1  بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ئەھۋالى
ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغانلار %3.5، دائىم ئىشلىتىدىغانلار %3.5، ئارىلاپ ئىشلتىدىغانلار %6.0، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغانلار %87.0.
3.3 ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش ئەھۋالى
ئەيدىزنى ئاڭلاپ باققانلار %98.7 ،  تۈرلۈك تەشۋىقات دوسكىسى، تېلېۋۇزۇر قاتارلىقلاردىن ئاڭلىغانلار %50 دىن يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېغىر دەپ بىلدىغانلار %89، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېغىر دەپ قارايدىغانلار %81، ئەيدىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار %83.9 ، بىلمەيدىغانلار %16.7؛
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ياكى بىمارلىرىغا كۆيۈنۈش كېرەك دەپ قارايدىغانلار % 61، ئەيدىزنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلار %61.4، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى داۋاملىق خىزمەت قىلسا ياكى ئوقۇسا  بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار %70.
4. ئاخىرقى سۆز
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەھەر چېكىش قىلمىشى ئېغىر، زەھەر چېكىش ۋە قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇش يولىدىن ئەيدىز يامراش ئەھۋالى كەسكىن بولۇپ، يۇقىرىقى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ كشىلەرنىڭ ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىمىلەرگە بولغان بىلىش دەرىجىسى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى % 70 گىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بارچە كىشىلەرنى چۈچۈتىشى كېرەك ئەلۋەتتە. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلاردىن كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەردار بولۇشىدا تىل توسالغۇسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات خىزمىتى سالمىقىنىڭ تازا يېتەرلىك بولماسلىقى، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئاقما نوپۇس بولۇپ مۇقىم تەربىيىلەش ياكى تەربىيە قوبۇل قىلىش شارائىتىنىڭ بولماسلىقىدەك مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنىڭ قانائەتلىنەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان تەشۋىقات سالمىقنى جىددىي زورايتىش، جەمئىيەتمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدىكى ئەخلاق - ئىتىقاد تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چىكىش، پاھىشە قىلىشقا ئوخشاش ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى چوڭ بولغان قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىشىنى چەكلەش كېرەك. بۇ  جەھەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ھەربىر كىشى ئەيدىزگە قارشى كۆرەش سېپىگە ئاۋانگارتلىق بىلەن قېتىلىشى، چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىشى لازىم.
ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار كىشىلەرگە بۇ خىل قىلمىشلاردىن قول ئۈزۈش تەربىيىسى بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىلىرى ھەققىدىكى ساۋاتىنمۇ بېرىش كېرەك.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر ئاھالىسى ئەيدىز مەسىلىسىگە كەلگەندە كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى زۆرۈر.

ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ :  http://yuksel.blogbus.com

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 18:41:11

ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ -ﻗﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﻏﻪﺯﯨﯟﯨﻢ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﭽﯩﻢ ﺳﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻐﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﺪﻯ ، ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﭼﯘ؟
ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﻳﺎ ﺩﺍﯞﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﯓ ﺳﻪﯞﯞﻩﻳﺴﯩﮕﯩﻼ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻣﯩﯖﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻱ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ !!!!!!!

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 18:47:36

ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﻳﻠﻰ! ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﻗﻜﯩﻦ ؟! ...

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 19:15:36

ﺗﻮﯞﺍ... ﺧﯘﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﻪﻧﺪﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ!!

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 20:01:09

ﺟﯩﻨﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻐﯘ؟
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻢ ﺑﺎﺭ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻠﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 500ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﺎﮬﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-5-15 20:06:30

ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻱ.

Xman يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 09:32:13

ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغانلار %3.5، دائىم ئىشلىتىدىغانلار %3.5، ئارىلاپ ئىشلتىدىغانلار %6.0، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغانلار %87.0.


ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 09:44:30

ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ - ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺯﻭﺭ !

crystal يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 16:08:08

ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻨﺴﺎﭖ ﯞﻩ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ!!!!!

nankipi يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 22:10:05

1995 ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﻟﯘﻣﺎﺗﻜﻪﻥ...

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ 20ﻣﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺎﻣﯩﻜﻰ!

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-16 22:14:39

ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ، ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ، ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﯨﻠﻰ !
ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯚﺯﻯ 1995 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ ....

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 10:18:53

تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر 44 نەپەر ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېھقان %7.6، ئىشچى % 6.3
---------------------------------
ﺳﺎﭘﺎ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻣﯘﮬﯩﻤﻜﻪﻥ!

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 10:22:08

توي قىلمىغانلار 87 نەپەر ( %39.0 )، توي قىلغانلار 93 نەپەر ( %47.7 )، ئاجراشقانلار 36 نەپەر ( %16.1 )؛
-----------------------------------
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-17 12:58:15

ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﺷﯜﻛﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 02:28:16

ﺋﯘﻳﻘﺎ ﻗﺎﭼﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻗﻘﺎ ﺗﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﭙﺘﯘ.ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ 2- 3 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﯩﻘﺪﯨﺴﺎﺕ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ.95-ﭼﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ.ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ(2001) 12 ﭼﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺖ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﺋﺎﺭﻻﺵ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ.ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ.ﺑﯩﺰ ﺷﻮﺭﻛﺎ ﺋﯩﺪﯗﻕ.ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺋﺎﯕﻼﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ.ﻗﯧﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ.ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻣﺎﺷﯩﻨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻖ،ﮬﻪﺭﺑﻰ ﻣﻪﺷﯩﻘﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﺋﯚﭼﺮﺍﺗﺘﯩﻤﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ.ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ  ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭼﯜﺷﺘﻰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ،ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺳﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯨﺪﯨﻴﯘ،ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ...........ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.........ﻗﯩﺰﯨﻖ.....ﺷﯘ ﺋﯩﺸﯩﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ 4 ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ 2 ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯘ.ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻐﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺗﻼ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻰ.............
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ
ﺷﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ.ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ.ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﺋﯘﺭﺑﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﯩﻘﺪﯨﺴﺎﺩﻯ ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭼﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ......
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﻠﯩﻦ(ﻗﯩﺰ) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.........ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺳﺎﻧﻰ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ،ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ  ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯙﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ..........ﻣﻪﻥ ﻗﯧﭙﻘﯩﺰﯨﻞ.......

ﺗﺎﻗﻘﺎ ﺗﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﮬﯘﺭﺭﺍ........
------
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىلەر مەزكۇر شەھەردىكى ئومۇمىي زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1998 - يىلىدىكى 90 پىرسەنتتىن ھازىرىقى 80 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشتى.
---------
ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ.ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ 80 % ﺗﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻤﯘ؟
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ 79 % ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ(ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 80%)  ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻘﺎ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺗﺎﺷﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯩﯖﻼﺭ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﺍﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺷﯩﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯖﻼﺭ...........

--------
ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﻣﯘﻧﯘ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ
ئومۇمىي تەكشۈرۈلگەنلەر 223 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 109 نەپەر ( %48.9 )، ئايال 114 نەپەر ( %51.1 )؛ ئەڭ كىچىكى 16 ياش ئەڭ چوڭى 52 ياش؛ توي قىلمىغانلار 87 نەپەر ( %39.0 )، توي قىلغانلار 93 نەپەر ( %47.7 )، ئاجراشقانلار 36 نەپەر ( %16.1 )؛ تولۇقسىز ياكى تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر 44 نەپەر ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېھقان %7.6، ئىشچى % 6.3 .
3.1 زەھەر چېكىش ئەھۋالى
زەھەر چېكىش تارىخى بارلار 162 نەپەر ( %72.7 )، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇكۇل ئارقىلىق زەھەر چېكىدىغانلار 145 نەپەر ( %89.5 ) ، ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلەر 129 نەپەر ( %79.6 ) .
---------
ﺳﻪﻝ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻮﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻠﯩﺮﻯ.ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ <ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﭖ> ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ:
تولۇقسىز ياكى تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر 44 نەپەر ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېھقان %7.6، ئىشچى % 6.3 .
ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﯞﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.ﺳﺎﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ!

ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغانلار %3.5، دائىم ئىشلىتىدىغانلار %3.5، ئارىلاپ ئىشلتىدىغانلار %6.0، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغانلار %87.0.
ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯩﻘﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯩﭽﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﯘ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ........

كشىلەرنىڭ ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىمىلەرگە بولغان بىلىش دەرىجىسى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى % 70 گىمۇ يەتمەيدۇ.




ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮔﻪﭖ
ﻣﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ،ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻻﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺷﻪﺧﯩﺲ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﯧﺘﻘﺎﺕ........
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻢ ﻳﻮﻕ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 11:47:48

ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﻮﭘﺘﯘ.

-------------------------
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىلەر مەزكۇر شەھەردىكى ئومۇمىي زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1998 - يىلىدىكى 90 پىرسەنتتىن ھازىرىقى 80 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشتى. بۇ خىل ئەھۋال ئەيدىزنىڭ ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەھەر چېكىشتىن باشقا جىنسىي قىلمىش ۋە باشقا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇش يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
--------------------------
ﺑﯘ ﺑﯚﻟﻪﻛﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
98 - ﻳﯩﻠﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 90 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺳﻪﻝ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ 2007 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﮔﻪﭖ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﯩﺸﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

koltikin0995 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-19 14:14:11

ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﯘ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺟﯘﻣﺎ

arman318 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-22 14:57:37

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﻠﻰ،ﺋﺎﻟﻼ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯘﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ،،    ﺑﯩﻜﺎﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭘﯩﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ، ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﯘﺭﻣﻪﻳﻠﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ.
بەت: [1]
: ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى، ئەيدىز