juxkun يوللانغان ۋاقتى 2008-5-13 11:37:50

كومپيۇتېردىكى دائىم ئۇچىرايدىغان مەخپى شىفىرلارنى بۇزۇشamp

Windows قا كىرىش مەخپى شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا:
WinMe/98 نىڭ شىفىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇپ F8 نى بېسىپ قوزغۇلۇش تۈرىدىن DOS نى قوزغۇتۇپ ، ئاندىن Windows مۇندەرجىسى ئاستىدىكى *.PWL شىفىر ھۆججىتىنى ۋە Profiles تارماق مۇندەرىجىسىدىكى بارلىق شەخسى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۋىتىپ Windows قا كىرگەندە سېستىمدا ھېچقانداق ئابونىت بولمىغان مەخپى نۇمۇر بىكىتش كۆزنىكى چىقىدۇ ،  بۇ ۋاقىتتا ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزمەي بىۋاستە «جەزىملەشتۈرۈش»كونۇپكىسىنى باسسىڭىز كىرىش مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ.

WinXP/2000 نىڭ شىفىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن سېستىما قاچىلانغان مۇندەرىجە ئاستىدىكى \system32 \config ئاستىدىكى SAM ھۆججىتنى يۇيۇۋىتىپ ، قايتىدىن قوزغاتساقلا Administrator نىڭ شىفىرى يوقايدۇ. قايتىدىن شىفىر ئورنىتىۋالساقلا بولىدۇ. SAM ھۆججىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئوپتىك دىسكا ياكى باشقا قوزغاتقۇچ دىسكىلاردىن پايدىلنىپ DOS ھالەتكە كىرىپ ياكى WinPe قاتارلىق مەھۇم سىستىما دىتاللىرىنى قوزغۇتۇپ يۇيۇش كىرەك .(ياكى Ghost xp دىسكىلىرىنى بازاردىن سېتىۋالساق ياكى توردىن چۈشۈرۈپ ئويىۋالساقمۇ بولىدۇ، بۇ دىسكىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە Windows نىڭ شىفىرىنى يۇيۇش دىتاللىرى بار ، سىز بۇ دىتال ئارقىلق قايسى دىسكىدىن ئىزدەش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا ئۆزى  SAMھۆججىتىنى تېپىپ بىرىدۇ.)
Windows نىڭ ئىكران قوغداش پىروگگىراممسى شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا :

ھەل قىلىش ئۇسۇلى : windows98/meنىڭكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن  كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇپ F8 كونۇپكىسىنى بېسىپ ، بىخەتەر ھالەتتە قوزغۇلۇش تۈرىنى تاللاپ قوزغىتىمىز دە ، Windows قوزغالغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزى خاراكتىرىدىن مەخپى شىفىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسەك بولىدۇ.
windows xp /2000 قاتارلىقلارنىڭ ئىكران قوغداش مەخپى نۇمۇرى ئابونىت نۇمۇرى بىلەن ئوخشاش ، يوقۇتۇش ئۇسۇلى 1.ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش.
داۋامى جۇشقۇن بلوگدا داۋاملىق يوللىندۇ.
مەنزىل: http://juxkun.blogbus.com/logs/20797212.html

ADIL814 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-13 20:50:41

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-14 14:15:41

ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻐﯘ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻧﯘﻣﯘﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻧﯘﻣﯘﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺘﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.................
بەت: [1]
: كومپيۇتېردىكى دائىم ئۇچىرايدىغان مەخپى شىفىرلارنى بۇزۇش تېخنىكىسى(