YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2008-5-8 13:06:51

ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ (ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ)

ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ 2006-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﭖ، 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯧﺪﯨﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﯞﻩ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 1863-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﻮﻏﺎﺯﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ-ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ، ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.
http://nobelprize.org/cgi-bin/asxgen.asx?id=106&type=interview&year=2006

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-10 07:59:24

ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﺠﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﯕﻼﺭ .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2008-5-11 03:03:46

ﺷﯘﯕﺎ ﮬﯩﭽﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﺪﻩ.... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭼﺴﺎﻡ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ، ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯨﻠﯩﯖﯩﻼﺭ:

http://nobelprize.org/cgi-bin/asxgen.asx?id=106&type=interview&year=2006

ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯘﺗﯩﻘﻰ، ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯗﺭ. (ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ)
http://nobelprize.org/cgi-bin/asxgen.asx?id=91&type=lecture&year=2006

natunux يوللانغان ۋاقتى 2008-5-11 12:45:54

ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ





ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ

ﺋﺎﻕ ﻗﻪﻟﺌﻪ


ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﻮﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭ


ﻗﺎﺭ


[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ natunux ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-5-11 14:46:57 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

Murda يوللانغان ۋاقتى 2008-5-11 16:48:25

ئەرتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئىلاۋىسى:
ئورخان پامۇكنىڭ بۇ نۇتقىنىڭ تۈركچە تولۇق تېكىستىنى بىر تورداش «دىيارىم» تور بېتىگە چاپلاپ، تۈركچە بىلىدىغانلارنىڭ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلغانىكەن، مەن بىكار ئولتۇرغىچە دەپ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، ئەمگىگىمگە ئۆزەمچە بەك سۆيۈنۈپ كېتىپ توردا ئېلان قىلماي «تەڭرىتاغ» ياكى «تارىم»ژۇرنىلىغىلا بېرەي دەپ تۇرسام، «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا ئۇنىڭ بېرىلىپ بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپقالدىم، شۇنىڭ بىلەن ھېچ نەگە ئەۋەتەلمىدىم. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنى كۆرسەم، شىرئەلى مامۇت تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغانىكەن، ئەمما نۇتۇقنىڭ يېرىمى بېرىلىپتۇ. ئاڭغىچە توردىمۇ ئۇ نۇتۇقنىڭ خەنزۇچىدىن قىلىنغان تەرجىمە ۋارىيانتلىرى پارچە ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. «كروران» ژۇرنىلىدىمۇخەنزۇچىدىن قىلىنغان تەرجىمە بېرىلگەن بولسا كېرەك، ئۇ ژۇرنالنى كۆرۈپ باقمىدىم. باشقىلار تەرجىمە قىلىپ ھەم ئېلان قىلىپ بولغان بۇ نەرسىنى مەتبۇئاتقىمۇ، تورغىمۇ بەرمەيلا قوياي، چۈشەنمەسلىككە قالماي ئويلىغان بولساممۇ، شەيتىنىم كۈچلۈك كېلىپ بۇنى ئېلان قىلغۇم كېلىپ كەتتى. مېنىڭ تەرجىمەم ئەڭ ئېسىل، باشقىلارنىڭ ناچار دەپ ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرماقچى ئەمەسمەن، ھەر قانداق تەرجىمىدە چاتاق كۆرۈلمەي قالمايدۇ، ئەمما چاتاقنىڭ نىسبىتى پەرقلىق بولىدۇ.بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرىگە بولغان ھۆرمىتىم ۋە بۇ مۇنبەردە مەخسۇس تۈرك ئەدەبىياتى سەھىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەرجىمىنى يوللاپ قويدۇم. ئورخان پامۇكقا قىزىققۇچىلار بۇتەرجىمىدىن باشقىچە بەھرىمەن بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم. بەرقى ۋە توختى مەھمۇت ئەپەندىلەرنىڭ پېقىرنى چۈشەنگىنىگە ۋە قىزغىن قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت.
دادامنىڭ چامادىنى


(ئورخان پامۇكنىڭ 2006-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغاندىكى نۇتقى)

ئەرتۈرك تەرجىمىسى
دادام ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئاۋۋال ماڭا ئۆز ئەسەرلىرى، قوليازمىلىرى ۋە دەپتەرلىرى بىلەن توشقان كىچىك بىر چامادان بەردى. ئۇ ئادەتتىكىدەك قىزىقچى ، يۇمۇرىستىك ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزىدىن كېيىن قالغاندا، يەنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارنى ئوقۇپ بېقىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەپ قالدى. «كۆرۈپ باق» دېدى سەل تارتىنىپ، «ئىچىدە كارغا كەلگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ، بەلكىم مەندىن كېيىن قالغاندا تاللاپ نەشىر قىلدۇرارسەن». بىز مېنىڭ يېزىقچىلىق ئۆيۈمدە، كىتابلار ئارىسىدا ئىدۇق. دادام ناھايىتى ئۆزگىچە ئازابلىق بىر يۈكتىن قۇتۇلماقچى بولغان كىشىدەك، چامادانىنى نەگە قويۇشىنى بىلەلمەي ئۆينىڭ ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈپ ئالدى-كەينىگە ماڭدى، ئاندىن قولىدىكى چاماداننى كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭغا ئاستا قويۇپ قويدى. ئىككىلىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بۇ ئۇنتۇلماس پەيت ئۆتۈپ كېتەي دېگەندە ئىككىمىز ئادەتتىكى رولىمىزغا، ھاياتنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان، چاقچاقچى، كىنايىچى ھالىتىمىزگە قايتىپ ئازادىلىككە چۆمدۇق. ئادەتتىكىدەك تاغدىن-باغدىن: ھايات، تۈركىيىنىڭ تۈگىمەس سىياسىي دەردلىرى ، دادامنىڭ كۆپىنچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىشلىرى ھەققىدە بەك ھەسرەتلىنىپ كەتمەي پاراڭلاشتۇق.

دادام كەتكەندىن كېيىن چاماداننىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە كۈن ئۇنىڭغا ھېچ تەگمەي ئۇياق-بۇياققا ماڭغىنىمنى بىلىمەن. كىچىك، قارا، كۆن چاماداننى، قۇلپىسىنى، يۇمىلاق چۆرىلىرىنى بالىلىقىمدىن تارتىپ بېلەتتىم . دادام قىسقا سەپەرلەرگە چىققاندا ۋە بەزىدە ئۆيدىن تىجارەت ئورنىغا بىر نەرسە توشۇغاندا ئۇنى ئېلىۋالاتتى. بالىلىق چېغىمدا بۇ كىچىك چاماداننى ئېچىپ، سەپەردىن قايتىپ كەلگەن دادامنىڭ نەرسىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىمنى،ئىچىدىن چىققان كولونيا ۋە چەتئەل پۇرىقىدىن شادلانغىنىمنى بىلىمەن. بۇ چامادان ماڭا ئۆتمۈشتىن ۋە بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسە ئېلىپ كېلىدىغان تونۇش، جەزبىلىك بىر نەرسە ئىدى، ئەمما ئەمدى ئۇنىڭغا تېگەي دەپمۇ تېگەلمەيۋاتاتتىم. نېمىشقا؟ ئەلۋەتتە، چاماداننىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن يۈكنىڭ سىرلىق ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن. ئەمدى بۇ ئېغىرلىقنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەي. مانا بۇ بىر ئۆيگە بېكىنىپ، بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ قەغەز-قەلەم بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىنساننىڭ قىلغان ئىشىنىڭ، يەنى ئەدەبىياتنىڭ مەنىسى.
ھەر قانچە قىلىپمۇ دادامنىڭ چامادانىغا تېگىپ ئۇنى ئاچالمايۋاتاتتىم، ئەمما ئىچىدىكى دەپتەلەرنىڭ بەزىلىرىنى بىلەتتىم. بەزىلىرىنى دادام ئۇنىڭغا بىر نەرسە يېزىۋاتقاندا كۆرگەنىدىم. چاماداننىڭ ئىچىدىكى يۈك مەن تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. دادامنىڭ چوڭ بىر كۇتۇبخانىسى بار ئىدى، ئۇ ياش چاغلىرىدا، 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا شائىر بولماقچى ئىكەندۇق، ۋالېرىينىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپتىكەن؛ ئەمما ئوقۇرمەنلىرى ئاز ھەم كەمبەغەل بىر دۆلەتتە شېئىر يېزىپ ئەدەبىي ھاياتنىڭ جاپاسىنى تارتىشنى خالىماپتىكەن. دادامنىڭ دادىسى- بوۋام باي بىر تىجارەتچى ئىدى، دادام بالىلىق ۋە ياشلىقىنى راھەتتە ئۆتكۈزگەنىدى، شۇڭا يېزىقچىلىق ئۈچۈن جاپا چېكىشنى خالىمىغانىدى. ئۇ ھاياتنى پۈتۈن گۈزەللىكلىرى بىلەن بىللە سۆيەتتى، ئۇنى چۈشىنەتتىم. q
مېنى دادامنىڭ چامادانىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن يىراق تۇتۇپ تۇرغان بىرىنچى ئەندىشە تەبىئىيكى، ئوقۇغانلىرىمنى ياقتۇرماسلىق ئەنسىرىشى ئىدى. داداممۇ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئالدىن تەدبىر قوللانغان، چامادانىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى چوڭ بىلمەيدىغان بىر كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغانىدى. 25 يىللىق بىر يازغۇچىلىق ھاياتىدىن كېيىن بۇنى كۆرۈش مېنى بىئارام قىلاتتى. ئەمما ئەدەبىياتقا ئەستايىدىل قارىمىغانلىقى ئۈچۈن دادامغا خاپا بولۇشنىمۇ خالىمايتتىم... ئەسلى ئەندىشەم ، مەن بىلىشنىمۇ، بىلىۋېلىشنىمۇ خالىمايدىغان ئەسلى نەرسە دادامنىڭ ياخشى بىر يازغۇچى بولۇش ئېھتىمالى ئىدى. ئەسلىدە مۇشۇنىڭدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن دادامنىڭ چامادانىنى ئاچالمايۋاتاتتىم. يەنە كېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمگە ئوچۇق دېيەلمەيتتىم. چۈنكى دادامنىڭ چامادانىدىن ھەقىقىي، بۈيۈك بىر ئەدەبىيات چىقىپ قالسا، دادامنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدە تامامەن باشقا بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى.بۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش ئىدى.چۈنكى يېشىم خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا دادامنىڭ يازغۇچى بولۇشىنى ئەمەس، پەقەت دادام بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
ماڭا نىسبەتەن يازغۇچى بولۇش ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىككىنچى كىشىنى، ئۇ كىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۇنيانى نەچچە يىل سەۋر-تاقەت بىلەن تىرىشىپ بايقىشىدۇر: ئەسەر دېگەندە ئاۋۋال رومانلار، شېئىرلار، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ئەمەس، بىر ئۆيگە بېكىنىپ، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۆز ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ۋە بۇنىڭ سايىسىدا سۆزلەر بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قۇرغان ئىنسان كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. بەلكىم بۇ ئادەم، ياكى بۇ ئايال، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ئىشلىتىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ قۇلايلىقلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ياكى مېنىڭدەك 30 يىلدىن بېرى مايقەلەم بىلەن قەغەز يۈزىگە قول بىلەن يازىدۇ. يازغاچ قەھۋە، چاي ئىچىدۇ، تاماكا چېكىدۇ. بەزىدە ئورۇندۇقىدىن قوپۇپ دېرىزىدىن تالاغا، كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا، ئىمكانى بولسا دەرەخلەرگە ۋە بىر مەنزىرىگە ياكى قاراڭغۇ بىر تامغا قارايدۇ، شېئىر، دراما ياكى مېنىڭدەك رومان يازىدۇ. بۇ پەرقلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى پائالىيەتتىن- ئۈستەلگە چۆكۈپ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سەۋر-تاقەت بىلەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولىدۇ. يېزىقچىلىق قىلىش ئىچكى نەزەرنى تىلغا سىڭدۈرۈش، ئىچكى دۇنيانى كۆڭۈلدىن ئۆتكۈزگەچ يېڭى بىر دۇنيانى سەۋر، جاھىللىق ۋە شادلىق بىلەن تەتقىق قىلىشتۇر. مەن ئۈستىلىمدە ئولتۇرۇپ بوش بەتكە يېڭى سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ قوشقانچە، كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنسېرى، ئۆزۈمگە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇۋاتقانلىقىمنى، ئۆز ئىچىمدىكى باشقا بىر ئىنساننى خۇددى بىر كۆۋرۈكنى ياكى بىر قۇببىنى بىر تاش- بىر تاشتىن قوپارغاندەك روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم، بەزىدە يىراقتىن كۆزىتىپ، بەزىدە بارماقلىرىمىز ۋە قەلىمىمىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنى ئوڭشاپ، سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ سالمىقىنى دەڭسىگەچ جايى-جايىغا قويۇپ، يىل بويى، سەۋر ۋە ئۈمىد بىلەن يېڭى دۇنيا قۇرىمىز.

ماڭا كۆرە يېزىقچىلىقنىڭ سىرى نەدىن كېلىدىغانلىقى ھېچ ئېنىق بولمايدىغان ئىلھامدا ئەمەس، بەلكى جاھىللىق ۋە سەۋر-تاقەتتە. تۈركچىدىكى «يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىش» دېگەنماقال ماڭا خۇددى يازغۇچىلار ئۈچۈنلا ئېيتىلغاندەك بىلىنىدۇ. چۆچەكلەردىكى ئاشىقى ئۈچۈن تاغلارنى تەشكەن پەرھاتنىڭ سەۋر-تاقىتىنى ياخشى كۆرۈمەن ھەم چۈشىنىمەن. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىمدا بىر ئاتنى سەۋدالارچە سىزىۋېرىپ پىششىق بولۇپ كەتكەن، ھەتتا چىرايلىق بىر ئاتنى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپمۇ سىزالايدىغان ئىرانلىق كونا رەسساملارنى بايان قىلىۋېتىپ، يېزىقچىلىق ۋە ئۆز ھاياتىم ھەققىدە سۆزلىگەنىدىم. ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدۇكى، يازغۇچى ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ بايان قىلالىشى، بۇ بايان كۈچىنى ئۆز ئىچىدە ھېس قىلالىشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە چۆكۈپ، ئۆمرىنى بۇ سەنئەتكە، بۇ ھۈنەرگە سەۋر-تاقەت بىلەن بېغىشلىشى، ئۈمىدۋارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بەزىلەرگە پەقەت يولىمايدىغان، بەزىلەرگە پات-پات كېلىۋالىدىغان ئىلھام پەرىشتىسى بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرۈدۇ ؛ يازغۇچى ئۆزىنى ئەڭ يالغۇز ھېس قىلغان، چەككەن جاپالىرى، خىياللىرى، يازغانلىرىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلانغان پەيتتە، يەنى ھېكايىسىنى پەقەت ئۆز ھېكايىسى دەپ قارىغان چېغىدا ئۇ پەرىشتە يەنە ئۇنىڭغا(يازغۇچىغا)ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان دۇنيا بىلەن قۇرماقچى بولغان دۇنيانى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى، رەسىملەرنى، خىياللارنى تۇيۇقسىز ئاتا قىلىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلىغان بۇ يازغۇچىلىقتا مېنى تولىمۇ خۇشال قىلغان جۈملىلەرنى، خىياللارنى، سەھىپىلەرنى مەن ئەمەس، باشقا بىر كۈچ تېپىپ ماڭا مەردلەرچە سۇندى دەپ ئويلىغىنىم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تۇيغۇ بولدى
دادامنىڭ چامادانىنى ئېچىپ دەپتەرلەرنى ئوقۇشتىن قورقۇۋاتاتتىم، چۈنكى مەن ئۇچرىغان روھىي بېسىمغا ئۇنىڭ ئەسلا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى ئەمەس، دوستلىرىنى، توپ ئادەملەرنى، سالونلارنى، چاقچاقلارنى، جامائەت بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بېلەتتىم . ئەمما كېيىن باشقىچە پىكىر يۈرگۈزدۈم: بۇ ئوي-خىياللار، ئىختىلاپ ۋە سەۋر خىياللىرى مېنىڭ ھايات ۋە يېزىقچىلىق تەجرىبەمدىن چىقارغان بىلەرمەنلىكىمدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئادەملەر توپى، ئائىلە ھاياتى، جامائەتنىڭ نۇر-شولىسى ئىچىدە، خۇشال ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئارىسىدا ئەسەر يازىدىغان نۇرغۇن پارلاق يازغۇچىلارمۇ بار ئىدى. يەنە كېلىپ دادام بالىلىقىمىزدا ئائىلە ھاياتىنىڭ بىر خىللا ئۆتىۋېرىشىدىن زېرىكىپ بىزنى تاشلاپ پارىژغا كەتكەنىدى؛ پارىژنىڭ مېھمانخانا ياتاقلىرىدا ــ باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلاردەك ــ دەپتەرلەر توشقۇزغانىدى. چاماداننىڭ ئىچىدە ئۇ دەپتەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم ، چۈنكى چاماداننى ئېلىپ كېلىشتىن ئاۋۋالقى يىللاردا دادام شۇ مەزگىللىرىدىكى ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىشكە باشلىغانىدى، شۇ يىللاردىكى بالىلىقىم ھەققىدىمۇ گەپ قىلاتتى؛ ئەمما ئۆزىنىڭ دەردمەنلىكىنى ،شائىر، يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى، مېھمانخانا ياتاقلىرىدىكى شەخسىي مۇشەققەتلىرىنى دېمەيتتى. ئۇ پارىژنىڭ پىيادىلەر يولىدا سارترېنى قانداقچە پات-پات كۆرگەنلىكىنى دەيتتى، ئوقۇغان كىتابلىرى، كۆرگەن كىنولىرى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم خەۋەر بېرىۋاتقان بىرسىدەك ھاياجان ۋە سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەيتتى. يازغۇچى بولۇشۇمدا پاشا (تۈركىيىدىكى بۇرۇنقى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار) لاردىن ۋە دىنىي ئۆلىمالاردىن كۆرە تولىراق دۇنيا يازغۇچىلىرى ھەققىدە ئۆيدە گەپ قىلىپ بېرىدىغان بىر دادامنىڭ بولغانلىقى پايدىسىنى ئەلۋەتتە ھېچ ئۇنتۇپ قالمايتتىم. بەلكى دادامنىڭ دەپتەرلىرىنى بۇنى ئويلىغاچ، ئۇنىڭ چوڭ كۇتۇپخانىسىغا نەقەدەر كۆپ قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالغاچ ئوقۇشۇم كېرەك ئىدى.بىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندا دادامنىڭ -خۇددى مېنىڭدەك- بىر ئۆيدە يالغۇز قېلىپ كىتابلار بىلەن، ئوي-خىياللار بىلەن جەم بولۇش ئىستىكىگە، يازمىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكىگە بەك كۆڭۈل بۆلمەي، پەقەت دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما قىلالمايدىغان ئىشىمنىڭ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكنى دادام قالدۇرۇپ قويغان چامادانغا بۇ بىئاراملىق ئىچىدە قاراۋېتىپ ھېس قىلاتتىم. دادام بەزىدە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدىكى دىۋاندا ئوڭدا يېتىپ قولىدىكى كىتاب ياكى ژۇرنالنى تاشلاپ قويۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئوي-خىياللارغا چۆمۈپ كېتەتتى.چىرايىدا مەن چاقچاقلىشىشلار، جىلە قىلىشلار ۋە ئۇششاق گەپ تالىشىشلار بىلەن ئۆتىدىغان ئائىلە ھاياتى جەريانىدا كۆرگىنىمدىن باشقا بىر ئىپادە، خىيالچان بىر نەزەر نامايان بولاتتى، بۇنىڭدىن دادامنىڭ بالىلىق ۋە دەسلەپكى ياشلىق چاغلىرىدىكى دەردمەنلىكىنى چۈشىنىپ ئەندىشە قىلاتتىم. ھازىر، نەچچە يىللاردىن كېيىن مەن بۇ دەردمەنلىكنىڭ ئىنساننى يازغۇچى قىلىدىغان ئاساسلىق تۈرتكىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن، سەۋر ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن ئاۋۋال ئىچىمىزدە ئادەملەر توپىدىن، جامائەتتىن، ئادەتتىكى كۈندىلىك ھاياتتىن، ھەر ئادەم قىلىۋاتقان ئىشتىن قېچىپ بىر ئۆيگە بېكىنىش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. سەۋر ۋە ئۈمىدنى ئۆزىمىزگە يېزىقچىلىق ئارقىلىق تىرەن بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئىستەيمىز. ئەمما بىر ئۆيگە، كىتابلارغا تولغان بىر ئۆيگە بېكىنىش ئىستىكى بىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تۇنجى نەرسىدۇر. كىتابلارنى ئۆز مەيلىچە ئوقۇيدىغان، پەقەت ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان، كىتابلار بىلەن پاراڭلىشا-پاراڭلىشا ئۆز خىياللىرىنى ۋە دۇنياسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەركىن، مۇستەقىل يازغۇچىنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئۈلگىسى، مودېرنىزملىق ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىسى مونتائىگنە دۇر، ئەلۋەتتە. مونتائىگنە دادام قايتا-قايتا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان، مېنىڭ ئوقۇشۇمنىمۇ تەۋسىيە قىلغان بىر يازغۇچى ئىدى. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، شەرقتە بولسۇن ياكى غەربتە، ئۆزۈمنى ئۆز جامائىتىدىن ئايرىلىپ كىتابلار بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنگەن يازغۇچىلار ئەنئەنىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرسەم دەيمەن. مەن ئۈچۈن ھەقىقىي ئەدەبىيات باشلانغان يەر كىتابلار بىلەنبىر ئۆيگە بېكىنگەن ئادەمدۇر. ئەمما بېكىنگەن ئۆيىمىزدە باشقىلار ئويلىغاندەك يالغۇز ئەمەسمىز. بىزگە ئاۋۋال باشقىلارنىڭ سۆزى، باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرى، باشقىلارنىڭ كىتابلىرى، يەنى بىز كېلىچەك دەيدىغان نەرسە ھەمراھ بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئادەمزات ئۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياراتقان ئەڭ قىممەتلىك ھاسىلات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئىنسان تۈركۈملىرى، قەبىلىلەر ئۆز ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنچە، يازغۇچىلىرىغا دىققەت قىلغانچە زېرەكلىشىدۇ، مەنىۋىيىتى موللىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ؛ شۇنداقلا ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، كىتاب كۆيدۈرۈشلەر، يازغۇچىلارنى پەس كۆرۈشلەر مىللەتلەر ئۈچۈن قاباھەت ۋە تەتۈر زامانلارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. ئەمما ئەدەبىيات ھېچقاچان پەقەت مىللىي بىر تېما ئەمەس. كىتابلىرى بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنگەن ۋە ئاۋۋال ئۆز ئىچىدە بىر سەپەرگە چىققان يازغۇچى ئۇ يەردە يىللار ئىچىدە ئېسىل ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس قائىدىلىرىنى بايقايدۇ: ئەدەبىيات ئۆز ھېكايىلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدەك، باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۆز ھېكايىلىرىمىزدەك بايان قىلىش ھۈنىرىدۇر. بۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن يولغا چىقىمىز.
دادامنىڭ بىر يازغۇچىغا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك 1500 كىتابلىق بىر كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. 22 يېش چېغىمدا بۇ كۇتۇبخانىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇمىساممۇ، بىرمۇ بىر تونۇيتتۇم، قايسىسىنىڭ مۇھىم، قايسىسىنىڭ ئادەتتىكىچە، لېكىن ئوقۇشقا ئاسانلىقىنى، قايسىسىسىنىڭ كىلاسسىك، قايسىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، قايسىسىسىنىڭ يەرلىك تارىخنىڭ ئۇنتۇلىدىغان، ئەمما قىزىقارلىق بىر شاھىدى، قايسىسىسىنىڭ دادام بەك ئەتىۋارلايدىغان بىر فرانسۇز يازغۇچىسىنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. بەزىدە بۇ كۇتۇبخانىغا يىراقتىن قاراپ، ئۆزەمنىڭمۇ بىر كۈنلەردە ئايرىم بىر ئۆيدە مۇشۇنداق بىر كۇتۇپخانەمنىڭ، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، كىتابلاردىن ئۆزەمگە بىر دۇنيا قۇرىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. يىراقتىن قارىغىنىمدا دادامنىڭ كۇتۇپخانىسى بەزىدە ماڭا پۈتۈن دۇنيانىڭ كىچىك بىر رەسىمىدەك كۆرۈنەتتى، ئەمما بۇ دۇنيا بىزنىڭ بۇلۇڭدىن، ئىستانبۇلدىن قارىغان بىر دۇنيا ئىدى، كۇتۇبخانىمۇ بۇنى كۆرسىتەتتى. دادام بۇ كۇتۇپخانىنى چەت ئەل سەپىرىدىن، بولۇپمۇ پارىژدىن ۋە ئامېرىكىدىن ئالغان كىتابلىرى، ياشلىقىدا ئىستانبۇلدا 1940-يىللار ۋە 1950-يىللاردا چەتئەل تىلىدىكى كىتابلارنى ساتىدىغان كىتابخانىلاردىن ئالغان كىتابلىرى ۋە ئىستانبۇلنىڭ مەنمۇ ھەر بىرىنى بىلىدىغان كونا- يېڭى كىتاپپۇرۇشلىرىدىن ئېلىۋالغان كىتابلىرى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. مېنىڭ دۇنيايىم يەرلىك، مىللىي بىر دۇنيا بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر.1970-يىللاردىن باشلاپ مەنمۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۆزەمگە بىر كۇتۇپخانا قۇرۇشقا باشلىدىم. يازغۇچى بولۇش ئىرادىسىگە تېخى تولۇق كەلمىگەنىدىم،«ئىستانبۇل» ناملىق كىتابىمدا بايان قىلغىنىمدەك، ئەمدى رەسسام بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلغانىدىم، لېكىن قانداق مەقسەتتە ياشايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلەلمەيتتىم. ئىچىمدە ھەر نەرسىگە نىسبەتەن توختاۋسىز بىر ھەۋەس بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈمىدكە تولغان بىر ئوقۇپ بىلىۋېلىش تەشنالىقى بار ئىدى؛ بىر ياندىن ھاياتىمنىڭ بىر خىل «كەمتۈك» ھايات بولىدىغانلىقىنى، باشقىلاردەك ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. بۇ تۇيغۇمنىڭ بىر قىسمى، خۇددى دادامنىڭ كۇتۇبخانىسىگە قارىغىنىمدا ھېس قىلغىنىمدەك، مەركەزدىن قېچىش چۈشەنچىسى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ ئۇ يىللاردا ھەممىمىزگە ھېس قىلدۇرغىنىدەك غېرىبلىقتا ياشاۋاتقانلىقىمىز تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.يەنە جەھەتتىن، رەسساملىق ياكى ئەدەبىيات بولسۇن، سەنئەتچىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋە ئۈمىدمۇ بەرمەيدىغان بىر دۆلەتتە ياشىغانلىقىمنى ناھايىتى ئوبدان بىلگەنلىكىم ئۈچۈن (ئىستىقبالىمدىن) ئەنسرەيتتىم.1970-يىللاردا خۇددى ھاياتىمدىكى بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلغاندەك كۈچلۈك بىر تەقەززالىق ئىلكىدە ئىستانبۇلنىڭ كونا كىتابپۇرۇشلىرىدىن دادام بەرگەن پۇلغا سارغايغان، ئوقۇلۇپ بولغان، توپا باسقان كىتابلارنى سېتىۋالغاندا بۇ كىتاپپۇرۇش دۇكانلىرىنىڭ ھەمدەيول ياقىلىرىدا، جامى ھويلىلىرىدا، ۋەيرانە تاملارنىڭ بوسۇغىلىرىدا ماكانلاشقان كىتابچىلارنىڭ نامرات، سەرسان ۋە كۆپ ھاللاردا ئىنسانغا ئۈمىدسىزلىك بەرگۈدەك پەرىشان ھاللىرى ماڭا مەن ئوقۇيدىغان كىتابلاردەك تەسىر قىلاتتى.
دۇنيادىكى ئورنۇم ھەققىدە، رىئاللىقتا بولغىنىدەك ئەدەبىياتتىمۇ ئۇ چاغلاردا مەن قامىلىپ يۈرگەن ئاساسىي تۇيغۇ غېرىبلىق تۇيغۇسى ئىدى. دۇنيانىڭ مەركىزىدە بىز ياشىغان ھاياتتىنمۇ باي ۋە جەلپكار بىر ھايات بىر ئىدى؛ شۇنداقلا مەن بارلىق ئىستانبۇللۇق ۋە پۈتۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ سىرتىدا ئىدىم. بۇ تۇيغۇنى بۈگۈن دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىدىكى ئىنسانلار بىلەن ئورتاق ھېس قىلدىم دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا، بىر دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ مەندىن بەك يىراق بىر مەركىزى بار ئىدى. ئەسلىدە ئويلىغىنىم دۇنيا ئەدەبىياتى ئەمەس، غەرب ئەدەبىياتى ئىدى، بىز تۈركلەر بۇنىڭ سىرتىدا ئىدۇق. دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىمۇ بۇنى تەستىقلايتتى. بىر جەھەتتىن مەن ئۆزەم كۆپ يېرىنى ياخشى كۆرىدىغان، سۆيۈشتىن ئايرىلالمايدىغان يەرلىك دۇنيايىمىز، ئىستانبۇلنىڭ كىتابلىرى ۋە ئەدەبىياتى بار ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭغا ھېچ ئوخشىمايدىغان، ئوخشىماسلىقى بىزگە ئازاپ ھەم ئۈمىد بېرىدىغان غەرب دۇنياسىنىڭ كىتابلىرى بار ئىدى. يېزىش، ئوقۇش خۇددى بىر دۇنيادىن چىقىپ يەنە بىر دۇنيانىڭ باشقىچە ، غەلىتە، ئاجايىپ ھاللىرى بىلەن تەسەللىي تېپىش ئىدى. دادامنىڭ بەزىدە خۇددى مېنىڭ كېيىنكى چاغلىرىمدىكىدەك، ئۆزى ياشىغان ھاياتتىن غەربكە قېچىش ئۈچۈن رومان ئوقۇيدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم ياكى ئۇ ۋاقىتلاردا كىتابلار ماڭا بۇ خىل مەدەنىي كەمتۈكلۈك تۇيغۇسىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىز مۇراجىئەت قىلىدىغان نەرسىلەردەك تۇيۇلاتتى. پەقەت ئوقۇش ئەمەس، يېزىشمۇ ئىستانبۇلدىكى ھاياتىمىزدىن غەربكە بېرىپ كېلىشتەك بىر ئىش ئىدى. دادام چامادىنىدىكى دەپتەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پارىژغا بېرىپ، مېھمانخانا ياتاقلىرىغا بېكىنىپ، ئاندىن يازغانلىرىنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەنىدى. بۇنىڭمۇ مېنى بىئارام قىلغىنىنى دادامنىڭ چامادىنىغا قاراۋېتىپ ھېس قىلاتتىم. تۈركىيىدە يازغۇچى بولۇپ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆيگە 25 يىل بېكىنگىنىمدىن كېيىن، ئۆزىمىز ئويلىغاندەك يېزىپ يازغۇچى بولۇشنىڭ جەمئىيەتتىن، دۆلەتتىن، مىللەتتىن مەخپىي قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئىش ئىكەنلىكىگە ئەمدى دادامنىڭ چامادىنىغا قاراۋېتىپ قارشى چىقىۋاتاتتىم. بەلكى ئاساسەن مۇشۇ سەۋەبتىن دادامغا يازغۇچىلىققا مەندەك ئەستايىدىل قارىمغانلىقى ئۈچۈن خاپا ئىدىم.      
ئەسلىدە دادامنىڭ مەندەك ياشىمىغانلىقىغا، بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۇششاق بىر جېدەلنى بولسىمۇ ئويلاپ قويماستىن جامائەت ئىچىدە، دوستلىرى ۋە يېقىنلىرى بىلەن شاد-خۇرام ياشىغانلىقىغا ئاچچىقىم كېلەتتى. ئەمما «ئاچچىقىم كېلەتتى» دېگەننىڭ ئورنىغا «ھەسەت قىلاتتىم» دېسەممۇ بولىدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭ تېخىمۇ توغرا بىر سۆز بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بىئارام بولاتتىم. ئۇ چاغدا ھەر قاچانقىدەك تېرىككەك، سەپرا ئاۋازىم بىلەن ئۆزۈمدىن «بەخت دېگەن نېمە؟» دەپ سورايتتىم. بىر ئۆيدەتەنھا، چوڭقۇر مەنىلىك ياشىدىم دەپ ئويلاش بەختمۇ ياكى جامائەت بىلەن، ھەر كىم بىلەن ئوخشاش بىر نەرسىلەرگە ئىشىنىپ، ئىشەنگەن بولۇۋېلىپ راھەت ياشاش بەختمۇ؟ ھەر كىم بىلەن ئىناقلىق ئىچىدە ياشايدىغاندەك كۆرۈنۈپ، بىر ياندىن ھېچ كىم كۆرمىگەن بىر يەردە خۇپىيانە بىر نەرسە يېزىش ئەسلىدە بەختمۇ، بەختسىزلىكمۇ؟ ئەمما بۇلار غەلۋىسى تولا، غەزەپلىك سوئاللار ئىدى. يەنە كېلىپ ياخشى بىر ھايات ئۆلچىمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى نەدىن ئويلاپ تاپتىم؟ ئىنسانلار، گېزىتلەر، ھەر بىر ئادەمھەمىشە بەخت گويا ئەڭ مۇھىم ھايات ئۆلچىمى بولىدىغاندەك تىپىرلىشاتتى. ھېچ بولمىسا مۇشۇمۇ ئۇنىڭ دەل ئەكسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەتقىقاتقا ئەرزىيدىغان بىر تېما ھالىتىگە ئېلىپ كەلمىگەنمىدۇ؟ ئەسلىدىمۇ بىزدىن، ئائىلىدىن دائىم قېچىپلا يۈرگەن دادامنى قانچىلىك تونۇپ، ئۇنىڭ دەردلىرىنى قانچىلىك بىلەلەيتتىمكى، ئۇنىڭ چامادانىنى مانا مۇشۇ ئىستەكتە تۇنجى قېتىم ئاچتىم. دادامنىڭ ئۆمرىدە مەن بىلمەيدىغان بىر بەختسىزلىك، پەقەت يېزىق ئارقىلىق ئاشكارىلىيالايدىغان بىر سىرى بولغىيمىدى؟ چاماداننى ئاچار-ئاچماي بىر ساياھەت سومكىسى ھىدىنى ئەسلىدىم، بەزى دەپتەرلەرنى بىلىدىغانلىقىمنى، دادامنىڭ ئۇنى بەك ساقلىۋالماستىن نەچچە يىللار ئاۋۋال ماڭا كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلىدىم. قولۇمغا بىر-بىرلەپ ئېلىپ مالتىلىغان دەپتەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دادام بىزنى تاشلاپ پارىژغا كەتكەن ياش ۋاقىتلىرىدا تۇتۇلغانىدى. ھالبۇكى مەن تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان، مەن ياخشى كۆرۈدىغان يازغۇچىلاردەك، دادامنىڭ مېنىڭ يېشىمدىكى چېغىدا نېمە يازغانلىقىنى، نېمە ئويلىغانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى. بۇنداق بىر نەرسىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ماڭا ئۇچرىمايدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلدىم. يەنە كېلىپ بۇ ئارىدا دادامنىڭ دەپتەرلىرىنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرىدىن ماڭا يېتىپ كەلگەن يازغۇچىلىق ئاۋازىدىن بىئارام بولغانىدىم. بۇ ئاۋاز دادامنىڭ ئاۋازى ئەمەس دەپ ئويلايتتىم؛ بۇ ئاۋاز ھەقىقىي ئەمەس ئىدى يا بولمىسا مەن ھەقىقىي دادام دەپ بىلگەن كىشىگە خاس ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە دادامنىڭ يازغۇچى ۋاقىتلىرىدا دادام بولالمايدىغانلىقىدەك بىئارام قىلغۇچى بىر نەرسىدىنمۇ ئېغىر بىر قورقۇنچ بار ئىدى: ئىچىمدىكى ھەققانىي بولالماسلىق ۋەھىمىسى دادامنىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇرالماسلىق، ھەتتا دادامنىڭ باشقا يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈش ئەندىشەمدىن ھالقىپ، ياشلىقىمدا بولغان ئىشلاردىن- پۈتۈن بارلىقىمدىن، ھاياتىمدىن، يېزىش ئىستىكىمدىن ۋە ئۆزۈم يازغانلىرىمدىن مېنى سوراققا تارتىۋاتقان بىر ھەققانىيلىق كرىزىسىغا ئايلىنىۋاتاتتى. مەن رومان يېزىشنى باشلىغان دەسلەپكى 10 يىلدا بۇ قورقۇنچنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم، يازغۇچىلىققا تايىنىشتا قىيىنىلاتتىم ، خۇددى رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچكىنىمدەك، بىر كۈنلەردە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ رومان يېزىشنىمۇ مۇشۇ ئەندىشە بىلەن تاشلاپ قويۇشتىن بەزىدە قورقاتتىم.
چاماداننى ئېتىپ ئورنىدىن ئېلىۋەتتىم، شۇ قىسقا پەيتتە ئۇ مەندە ئىككى ئاساسىي تۇيغۇ پەيدا قىلدى: غېرىبلىق تۇيغۇسى ۋە ھەقىقانىيلىق ئەندىشىسى . بۇ مېنىڭ بۇنداق چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىئارام قىلغۇچى تۇيغۇلارغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە. بۇ تۇيغۇلارنى ئۇنىڭ پۈتۈن كەڭلىكلىرى، قوشۇمچە ھاسىلاتلىرى، نېرۋا ئۇچلىرى، ئىچكى تۈگۈنچەكلىرى ۋە ھەر خىل رەڭلىرى بىلەن مەن يىللار بويى ئوقۇپ يېزىپ، يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە ئۆزۈم تەتقىق قىلغان، بايقىغان، چوڭقۇرلاشتۇرغانىدىم. ئەمما غېرىبلىق تۇيغۇسى ۋە ھەقىقانىيلىق ئەندىشىسىنى مەن پەقەت ئۇلار ھەققىدە رومانلار، كىتابلار يېزىپ (مەسىلەن، غېرىبانىلىق تۇيغۇسى ئۈچۈن «قار»، «ئىستانبۇل»؛ ھەققانىيلىق ئەندىشىسى ئۈچۈن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «قارا كىتاب») تولۇق تونۇيالىغانىدىم. ماڭا كۆرە يازغۇچى بولۇش دېمەك، ئىچىمىزدە ساقلاپ يۈرگەن، ئەڭ كۆپ ساقلاپ يۈرگىنىمىزنى ئۆزىمىز بىر ئاز بىلىدىغان يوشۇرۇن يارىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرۇش، ئۇلارنى سەۋر بىلەن بايقاش، تونۇش، مۇمكىنقەدەر ئاشكارىلاش ۋە بۇ يارا، ئازابلارنى ئەسەرىمىزنىڭ ۋە كىملىكىمىزنىڭ ئۆزىمىز بىلىم ئارقىلىق ئىگە بولغان بىر پارچىسى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشتۇر.
يازغۇچىلىق دېگەن ھەممە ئادەم بىلىدىغان، ئەمما بىلگىنىنى ئۇلار ئۆزلىرى بىلمىگەن ئىشلار ئارقىلىق دەپ بېرىشتۇر. بۇ ئۇچۇرنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭ كېڭەيتىلىپ ئورتاق بەھرىمەن قىلىنىشى ئوقۇرمەنگە ئۇ ئوبدان بىلىدىغان بىر دۇنيادا ھەيرەت بىلەن ئايلىنىشنىڭ زوقىنى(شادلىقىنى) ئاتا قىلىدۇ. بۇ زوقلارنى بىز بىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆز ھەقىقىيلىقى بىلەن ئەسەرگە يېزىلىشىدىكى ھۈنەردىنمۇ ئالىمىز، ئەلۋەتتە. يىل بويى بىر ئۆيگە بېكىنىپ ئۆز ھۈنىرىنى گۈللەندۈرۈۋاتقان، بىر دۇنيا قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان يازغۇچى ئۆز ئىشىنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن يارىلىرىدىن باشلىغاندا بىلىپ-بىلمەي ئىنسان بالىلىرىغا چوڭقۇر بىر ئىشەنچنىمۇ كۆرسىتىپ قويىدۇ. باشقىلارنىڭمۇ بۇ يارىلاردەك بىر يارا-جاراھەتلەرنى ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىغا، شۇ سەۋەبتىن چۈشىنىش ھاسىل بولىدىغانلىقىغا، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىغا بولغان بۇ ئىشەنچنى دائىم ئۆزۈمگە يار قىلدىم. بارلىق ھەقىقىي ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك جۇشقۇن، ئۈمىدۋار بىر ئىشەنچكە تايىنىدۇ. يىل بويى بىر يەرگە بېكىنىۋېلىپ ئەسەر يازىدىغان بىرسى مانا مۇشۇنداق بىر ئىنسانىيلىققا ۋە مەركىزى يوق بىر دۇنياغا نىدا قىلىشنى ئىستەيدۇ.
ئەمما دادامنىڭ چامادانىدىن ۋە بىز ئىستانبۇلدا ياشىغان ھاياتنىڭ سولغۇن رەڭلىرىدىن تەبىئىي بىلىنگىنىدەك، دۇنيانىڭ بىزدىن يىراقتا بىر مەركىزى بار ئىدى. بۇ تۈپ ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرۈش ئاتا قىلغان غېرىبلىق تۇيغۇسى، باشقا بىر قوشۇمچە ھاسىلات بولغان ھەققانىيلىق ئەندىشىسى ھەققىدە كىتابلىرىمدا كۆپ سۆزلىدىم. دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ تۇيغۇلاردا ياشايدىغانلىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرراقى بولغان مەزلۇملۇق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ۋە خارلىنىش ۋەھىمىسى بىلەن سىقىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئىنسان بالىسىنىڭ بىرىنچى دەردى تېخىچە نامراتلىق، ئاچلىق، ئۆي-ماكانسىزلىق... ئەمما تېلېۋىزورلار ، گېزىتلار بۇ ئاساسلىق دەردلەرنى بىزگە ئەدەبىياتتىن تېز، ئاسان بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى بىلدۈرۈشى ۋە تەتقىق قىلىشى كېرەك بولغان نەرسە،ئادەمزاتنىڭ ئاساسلىق دەردى بولسا غېرىبلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش ، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قەدىرسىزلىك تۇيغۇلىرى، بىر جامائەت سۈپىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غۇرۇر سۇنۇشلىرى، سەپرالىق،كەمسىتىلىش ئەندىشىلىرى ، ھەر تۈرلۈك غەزەپ-ئاچچىق، تېرىككەكلىك، تۈگىمەس مەھكۇملۇق خىياللىرى ۋە بۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان مىللىي پەخىرلىنىشلەر، ئۆزىنى چوڭ كۆرۈشلەر...كۆپ ۋاقىتلاردا ئەقىلسىز ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ھېسسىي بىر تىلدا ئاشكارىلىنىدىغان بۇ خىياللارنى ئۆز ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇققا ھەر بىر باققىنىمدا ھېس قىلىمەن. ئۆزۈمنى ئاسانلا سىڭدۈرەلىگەن غەرب دۇنياسى سىرتىدىكى دۇنيادا ئىنسانلار توپىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملۇق ئەندىشىلىرى ۋە تېرىككەكلىرى سەۋەبىدىن ھەر زامان ئەخمەقلىككە ياتىدىغان ۋەھىمىلەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭدەك ئۆزۈمنى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرەلىگەن غەرب دۇنياسىدا مىللەتلەرنىڭ، دۆلەتلەرنىڭمۇ ئويغىنىشنى، مەرىپەتلىنىشنى، زامانىۋىلىقنى تاپقانلىقنىڭ ۋە بايلىقنىڭ چوڭچىلىقى بىلەن ھەر زامان ئاشۇنداق بىر ئەخمەقلىككە يېقىن ماختىنىشقا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن.
دېمەككى، پەقەت داداملا ئەمەس، ھەممىمىز دۇنيانىڭ بىر مەركىزى بارلىقى چۈشەنچىسىنى بەك مۇھىم بىلىمىز. ھالبۇكى، ئەسەر يېزىش ئۈچۈن بىزنى بىر ئۆيگە يىللارچە سولىۋالغان نەرسە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر ئىشەنچتۇر. چۈنكى بۇ، يازغانلىرىمىزنىڭ بىر كۈنى ئوقۇلۇپ چۈشىنىلىشىگە، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىغا ئائىت بىر ئىشەنچ. ئەمما ئۆز ئىچىمدىن ۋە دادامنىڭ يازغانلىرىدىن بىلىمەنكى، بۇ، غېرىبلىقنىڭ، چەتتە قېلىشنىڭ ئاچچىقىدىن يارىلانغان، دەردلىك بىر ئۈمىدۋارلىقتۇر. دوستويىۋىسكىنىڭ ئۆمۈر بويى غەربكە بولغان مۇھەببەت ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى كۆپ قېتىم ھېس قىلدىم. ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭدىن بىلگەن نەرسەم، ئەسلى ئۈمىدۋارلىق مەنبەسى بولسا بۇ بۈيۈك يازغۇچىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە نەپرەت مۇناسىۋەتلىرىدىن يولغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ نېرىسىدا قۇرغان تامامەن باشقا بىر دۇنياسى بولدى.
بۇ ئىشقا ھاياتىنى بېغىشلىغان بارلىق يازغۇچىلار شۇ ھەقىقەتنى بىلىدۇ:ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئۈمىدلىك ھالدا نەچچە يىل يازا-يازا قۇرۇپ چىققان دۇنيايىمىز ئاخىرىداباشقا-باشقا يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. ئاچچىق ئەلەم بىلەن ئولتۇرغان ئۈستىلىمىزدىن ئۇ ئەلەم ۋە ئاچچىقنىڭ نېرىسىدا پۈتۈنلەي باشقا بىر دۇنياغا ئۇلىشىمىز. دادام مۇشۇنداق بىر دۇنياغا ئۇلىشالماسمىدى؟ ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن يېتىپ بارىدىغان ئۇ دۇنيابىزگە خۇددى ئۇزۇن بىر دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن تۇمان تارقىغاندا پۈتۈن رەڭلىرى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا ئاستا-ئاستا نامايان بولۇۋاتقان بىر ئارالدەك مۆجىزىلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.ياكى بۇ غەرب سەيياھلىرى جەنۇبتىن كېمە بىلەن ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىپ، سەھەر تۇمانلىرى تارقىغاندا بۇ شەھەرنى كۆرگىنىدە ھېس قىلغانلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۈمىد، قىزىقىش بىلەن باشلانغان ئۇزۇن سەپەر ئاياغلاشقاندا ئۇ يەردە جامىلىرى، مۇنارلىرى، قاتار-قاتار ئۆيلىرى، كوچىلىرى، تاغ تۆپىلىرى، كۆۋرۈكلىرى، داۋانلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بىر شەھەر، پۈتۈن بىر دۇنيا كۆرۈنىدۇ. ياخشى بىر ئوقۇرمەن بىر كىتابنىڭ سەھىپىلىرى ئىچىدە يوقاپ كەتكەندەك، بىر ئىنساننىڭمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئىچىگە دەرھال كىرىپ يوقاپ كەتكۈسى كېلىدۇ؛ چەتتە، چەت ياقىدا، سىرتتا غەزەپلىك ياكى بىۋاسىتە پەرىشان بولغىنىمىز ئۈچۈن ئۈستەلگە كېلىپ، بۇ تۇيغۇلارنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان يېپيېڭى بىر دۇنيا قۇردۇق.
بالىلىقىمدا، ياشلىقىمدا ھېس قىلغىنىمنىڭ دەل ئەكسىچە، ماڭا نىسبەتەن دۇنيانىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدۇر. بۇ پەقەت پۈتۈن ھاياتىمنى دائىم شۇ يەردىلا ئۆتكۈزگىنىم ئۈچۈن ئەمەس، 33 يىلدىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ ھەر بىر كوچىسىنى، كۆۋرۈكلىرىنى، ئىنسانلىرىنى، ئىتلىرىنى، ئۆيلىرىنى، جامىلىرىنى، بۇلاقلىرىنى، ئاجايىپ قەھرىمانلىرىنى، دۇكانلىرىنى، تونۇش كىشىلىرىنى، قاراڭغۇ يەرلىرىنى، كېچىلىرىنى ۋە كۈندۈزلىرىنى ئۆزەمگە باغلاپ ئىپادىلىگىنىم ئۈچۈن.بىر يەردىن كېيىن، مەن خىيال قىلغان بۇ دۇنيامۇ مېنىڭ ئىلكىمدىن چىقىدۇ ۋە كاللامدا مەن ياشىغان بۇ شەھەردىنمۇ بەك ھەقىقىي بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ بارلىق ئىنسانلار ۋە كوچىلار، ئەشيالار ۋە بىنالار گويا ئۆز ئارا پاراڭلىشىشقا، ئۆز ئارىلىرىدا مەن ئالدىن ھېس قىلالمىغان مۇناسىۋەتلەرنى قۇرۇشقا، گويا مېنىڭ خىيالىمدا ۋە كىتابلىرىمدا ئەمەس، بەلكى ئۆزلۈكىدىن ياشاشقا باشلايدۇ. مەن يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك سەۋر بىلەن خىيال قىلىپ قۇرغان بۇ دۇنيا ماڭا ئۇ چاغدا ھەممە نەرسىدىن ھەقىقىي تۇيۇلىدۇ.
دادام بەلكىم ئۆمرىنى مۇشۇ ئىشقا بېغىشلىغان يازغۇچىلارنىڭ بۇ خىل خۇشاللىقىنى بايقىغاندۇ، ئۇنىڭغا بىلەرمەنلىك قىلماي دەيتتىم چامادانغا قاراۋېتىپ. يەنە كېلىپ ئۇ بۇيرۇقۋازلىق، چەكلىمىۋازلىق قىلىدىغان، زۇلۇم سېلىپ جازالايدىغان دادا بولمىغانلىقى، مېنى ھەر قاچان ئەركىن قويۇۋېتىپ ۋە زىيادە ھۆرمەتلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمىتىم بار ئىدى. بالىلىق ۋە ياشلىقىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىمغا باققاندا دادا قورقۇنچىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تەسەۋۋۇر كۈچۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ئەركىن ياكى بالىلارچە جارى بولالايدىغانلىقىغا بەزىدە ئىشەنگەن، بەزىدە بولسا دادام ياش ۋاقتىدا يازغۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن يازغۇچى بولالىغانلىقىمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىغانىدىم. دادامنىڭ يازمىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشۇم، مېھمانخانا ياتاقلىرىدا يازغانلىرىنى چۈشىنىشىم كېرەك ئىدى.
دادام قويۇپ قويغان يەردە نەچچە كۈن تۇرغان چاماداننى بۇ ئۈمىدۋار ئويلار بىلەن ئاچتىم ۋە بەزى دەپتەرلەرنى، بەزى بەتلەرنى بارلىق ئىرادەم بىلەن ئوقۇدۇم.دادام نېمىنى يازغانىدى؟ پارىژ مېھمانخانىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىمەكتىمەن، بەزى شېئىرلار، بەزى گۇمانىي قاراشلار، مۇلاھىزىلەر... ئۆزۈمنى ھازىر بىر قاتناش قازاسىدىن كېيىن باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەستە ئەسلەۋاتقان، قىينالسىمۇ كۆپىنچىسىنى ئەسلەشنى خالىمايۋاتقان بىر ئادەمدەك ھېس قىلماقتىمەن. بالىلىقىمدا ئانام بىلەن دادام بىر غوۋغانىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنلىرىدە، يەنى ئۇ ئۆلۈمدەك بىر جىمجىتلىق باشلانغاندا دادام كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دەرھال رادىئو ئاچاتتى، مۇزىكا بىزگە ئۆتكەن ئىشلارنى تېز ئۇنتۇلدۇراتتى.
مەنمۇ شۇنداق بىر مۇزىكا چارىسىنى قوللىنىپ، يېقىملىق بىر-ئىككى گەپ بىلەن تېمىنى يۆتكەي! بىلگىنىمىزدەك، بىز يازغۇچىلاردىن ئەڭ كۆپ سورىلىدىغان، ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان سوئال شۇ: نېمىشقا يازىسىز؟يازغۇم كەلگەنلىكى ئۈچۈن يازىمەن! باشقىلاردەك نورمال بىر ئىش قىلالمىغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. مەن يازغاندەك كىتابلار يېزىلسۇن، ئاندىن ئوقۇي دەپ يازىمەن. ھەممىڭىزگە، ھەر بىرىڭىزگە ناھايىتى ئاچچىقىم بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. بىر ئۆيدە كۈن بويى ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىشقا ئامراق بولغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. رىئاللىقنى پەقەت ئۆزگەرتىپ، ھەقىقەتكە چىداشلىق بېرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. مەن، باشقىلار، ھەممىمىز، بىزلەر ئىستانبۇلدا، تۈركىيىدە قانداق ياشىدۇق ھەم ياشاۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيا بىلسۇن دەپ يازىمەن. قەغەز-قەلەمنىڭ، سىياھنىڭ پۇرىقىغا ئامراق بولغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. يازغۇچىلىق ئېلىپ كەلگەن شۆھرەت ۋە باشقىلارنىڭ قىزىقىشىدىن شادلانغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. ئەسىرىمنىڭ ئوقۇلۇشىدىن خۇشاللانغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. بىر قېتىم باشلىغان شۇ رومانىمنى، شۇ ئەسىرىمنى، شۇ سەھىپەمنى ئەمدى تاماملاي دەپ يازىمەن. ھەر كىم مەندىن بۇنى كۈتۈۋاتىدۇ دەپ يازىمەن. كۇتۇپخانىلارنىڭ ئەبەدىيلىكىگە ۋە كىتابلىرىمنىڭ كىتاب جازىلىرىدا تۇرۇشىغا بالىلارچە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. ھايات، دۇنيا، ھەر نەرسە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە گۈزەل ۋە ھەيران قالارلىق بولغىنى ئۈچۈن يازىمەن. ھاياتنىڭ بۇ بارلىق گۈزەللىكىنى ۋە بايلىقىنى سۆزلەرگە سىڭدۈرۈش زوقلىنارلىق بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. ھېكايە بايان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھېكايە توقۇش ئۈچۈن يازىمەن. كېتىشكە بولىدىغان بىر يەر دائىم باردەك ۋە ئۇ يەرگە- خۇددى بىر چۈشتىكىدەك- مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ كېتەلمەيدىغاندەك بىر تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يازىمەن. ھەر قانداق قىلىپمۇ بەختلىك بولالمىغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن يازىمەن.
يېزىقچىلىق ئۆيۈمگە كېلىپ چاماداننى قويۇپ قويۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دادام ھەر ۋاقىتتىكىدەك بىر قاپ چىكولاتا (48 يېشىمدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى) ئېلىپ مېنى يەنە يوقلاپ كەلدى. ھەر قاچانقىدەك يەنە تۇرمۇش، سىياسەت ۋە ئائىلە غەيۋەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ كۈلۈشتۇق. بىر چاغدا دادام چاماداننى قويۇپ قويغان بۇلۇڭغا قارىدى ۋە ئۇنى ئۇ يەردىن يۆتكىگىنىمنى بىلدى. كۆزىمىز ئۇچراشتى. بۇرۇقتۇرما، ئوڭايسىز بىر جىمجىتلىق پەيدا بولدى. ئۇنىڭغا چاماداننى ئېچىپ ئىچىدىكىلىرىنى ئوقۇشقا تىرىشقانلىقىمنى دېمىدىم، كۆزلىرىمنى قاچۇردۇم. ئەمما ئۇ چۈشەندى. مەنمۇ ئۇنىڭ چۈشەنگەنلىكىنى بىلدىم.بۇ چۈشىنىشلەر بىر نەچچە سېكۇنت قانچىلىك ئۇزارسا شۇنچىلىك ئۇزاردى. چۈنكى دادام ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مەردانە ۋە بەختلىك بىر ئىنسان ئىدى: ھەر قاچانقىدەك كۈلدى، ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا بىر دادىنىڭ سۈپىتىدە ماڭا دائىم دەيدىغان يېقىملىق ۋە مەدەت بەرگۈچى سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلىدى.
ھەر ۋاقىتتىكىدەك، دادامنىڭ بەختىيارلىقىغا، دەردسىز ، غەمسىز ھالىغا ھەسەت قىلغاچ ئارقىسىدىن باقتىم. ئەمما ئۇ كۈنى ئىچىمدە خىجىل قىلغۇچى بىر خۇشاللىقنىڭ تىپىرلاپ يۈرگىنىنى بىلىمەن. بەلكى دادامچىلىك ئازادە ئەمەسمەن، ئۇنىڭدەك دەرد -ئەلەمسىز، خۇشال بىر ھايات كەچۈرەلمىدىم، ئەمما ئەسەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدىم دېگەن تۇيغۇ، چۈشەندىڭىز... بۇنى دادامغا قارىتا تۇيغانلىقىم ئۈچۈن خىجىلمەن. يەنە كېلىپ دادام ھاياتىمنىڭ ئەزگۈچى مەركىزىمۇ ئەمەس ئىدى، مېنى ئەركىن قويۇۋەتكەنىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئەسەر يېزىشنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدىكى بىر كەمتۈكلۈك بىلەن بەختىيارلىق ۋە گۇناھ تۇيغۇلىرى بىلەن تېگىدىن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلەتسە كېرەك.
ئەمما ھېكايەمنىڭ ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر بىر گۇناھكارلىق ھېس قىلدۇرغان بىر تەرىپى- ئۇ كۈنى مەن دەرھال ئېسىمگە ئالغان يەنە بىر تەرىپى بار. دادام چامادانىنى ماڭا قالدۇرۇشتىن 23 يىل بۇرۇن، 22 يېشىمدا مەن ھەممىنى تاشلاپ رومانچى بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەن، بىر ئۆيگە بېكىنگەن، تۆت يىلدىن كېيىن تۇنجى رومانىم «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى »نى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، تېخى نەشىر قىلىنمىغان بۇ كىتابىمنىڭ ماشىنكىدا ئۇرۇلغان بىر نۇسخىسىنى بۇنى ئوقۇپ ماڭا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسۇن دەپ تىترىگەن قولۇم بىلەن دادامغا سۇنغانىدىم. ئۇنىڭ زوق-ھەۋىسىگە ۋە پىكىر قۇۋۋىتىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئانامنىڭ ئەكسىچە، دادام يازغۇچى بولۇشۇمغا قارشى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئىدى.ئۇ چاغدا دادام بىز بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى، يىراقتا ئىدى. ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇ كەلگەندە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچتىم. دادام ھېچنېمە دېمىدى، ئەمما مېنى شۇنداق بىر قۇچاقلىدىكى، كىتابىمنى ناھايىتى ياقتۇرغانلىقىنى بىلدىم. زىيادە نازۇكلىشىپ كېتىش پەيتلىرىدە پەيدا بولغان بىر خىل يارىماسلىق، سۈكۈت كرىزىسىغا بىر مەزگىل قامىلىپ قالدۇق. كېيىن بىر ئاز ئازادىلىككە چۆمۈپ پاراڭلىشىشقا باشلىغاندا دادام ماڭاتۇنجى كىتابىمغا بولغان ئىشەنچىنى ناھايىتى ھاياجان ۋە مۇبالىغىلىك بىر تىلدا ئىپادىلىدى ھەمدە مەن بۈگۈن بۈيۈك بىر بەخت ئىلكىدە قوبۇل قىلغان بۇ مۇكاپاتنى ھامان بىر كۈنى ئالىدىغانلىقىمنى دېدى. بۇ گەپنى دادام ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن ياكى بۇ مۇكاپاتنى بىر نىشان سۈپىتىدە كۆرسىتىشتىن كۆرە، ئۆز ئوغلىغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «بىر كۈنى ھامان پاشا بولىسەن»دېگەن بىر تۈرك ئاتىدەك ئېيتقانىدى. يىللاردىن بېرى دادام مېنى ھەر بىر كۆرگىنىدە بۇ گەپنى تەكرارلاپ مېنى جاسارەتلەندۈرۈپ تۇردى.
دادام 2002-يىلى 12-ئايدا ۋاپات بولدى.                     

شېۋىتسىيە ئاكادېميىسىنىڭ ماڭا بۇ بۈيۈك مۇكاپاتنى، بۇ شەرەپنى بەرگەن قەدىرلىك ئەزالىرى، ھۆرمەتلىك مېھمانلار، بۈگۈن دادامنىڭ ئارىمىزدا بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ MURDA1 ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-5-11 19:13:00 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 15:08:25

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 09:23:04

نىمە ئۈvndu

selma يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 22:13:30

مۇردىغا

مېنىڭ يىغلىغىم كېلىۋاتىدۇ.يىغلىدىم. مېنى قوللىغان دادام ئاپامكۆز ئالدىمغاكېلىۋالدى.ئاللاغا شۈكرى ئۇلا رھازىر ھايات.بەك ياخشىتەرجىمە قىپسىز.رەھمەت.

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 21:58:06

مەن ئەڭ ياقتۇرغان ھەم بىردىنبىر ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتاۋى، ئىستانبۇل--بىر شەھەرنىڭ خاتىرسى...

Uy~SuN يوللانغان ۋاقتى 2010-9-19 22:03:16

سالما   تەرجىمىنىئەرتۈرك قىلغانمۈردا ئەمەسرەھمەت ئۆز ماكانغىا بارغىنى ياخشىئەمما مۈردىمۈ رەھمەتنىڭبۈنىڭ سىرتىدا ئەمەس

muhbir88 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-2 03:44:10

«ئەڭ زۆرۈرى بارغانسېرى كۆپ خىلىشىۋاتقان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش»

(ئورخان پامۇك بىلەن سۆھبەت)

توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى

2006- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇكقا بېرىلدى. ئىسپانىيىدە چىقىدىغان «ئاۋانگارت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كالىيس باربا شۇنىڭدىن بۇرۇنراق پامۇكنى زىيارەت قىلغان ھەمدە زىيارەت خاتىرىسى شۇ گېزىتنىڭ 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى «مەدەنىيەت» قوشۇمچە بېتىگە بېسىلغانىدى. بىز بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇق.

سوئال: بالىلىق دەۋرىڭىزدە ئىستانبۇلدا بەش يۈز مىڭ ئاھالە بولغان ئىكەن، ھازىر ئون بىر مىليونغا يېتىپتۇ. سىز بۇ پارتلىما توغرىسىدا قانداق تەسىراتتىسىز؟

جاۋاب: ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، كىچىكىمدە دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتىم، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئانامغا: «ئۇياقتىن بىر پىكاپ كېلىۋاتىدۇ!» دەپ توۋلايتتىم. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن شەھەر ماشىنىلار بىلەن تولۇپ كەتتى، ھەتتا شەھەر ئەتراپى رايونىدىمۇ دائىم ماشىنىلار كەپلىشىپ قالىدۇ. ئىستانبۇلدا تۈركۈم- تۈركۈم يېڭى رايونلار قۇرۇلۇپ شەھەر كېڭەيدى، 60- يىللاردىكىگە قارىغاندا ئۆزگىرىش بەك چوڭ. ئاجايىپكى، كىچىك چاغلىرىمدا تۇرغان بىنا ھېلىمۇ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن ھازىر بوۋام- مومام ۋە ئاتا- ئانام ئولتۇرغان بىنادا ئولتۇرۇۋاتىمەن. بىراق، مەن ئۆتمۈشخۇمار ئەمەسمەن. «ئىستانبۇل» نى يېزىشىمدىن مۇددىئايىم ئۆتمۈشخۇمارلىقنىڭ ماڭا سالغان ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس، مەقسىدىم ئۆزۈمنى مۇشۇ شەھەر ئىچىدە قويۇپ، بۇ شەھەرنىڭ تارىخى، ئاھالىسى، مۇخبىرلىرى، بىنالىرى، كوچىلىرى ۋە كۆۋرۈكلىرىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىشتىن ئىبارەت ئىدى.

سوئال: سىز مەلۇم ئەدەبىيات ئۆرنىكىگە دېققەت قىلغانمۇ؟

جاۋاب: بىر قانچىسى بار، مەسىلەن روسسۇنىڭ «تۆۋىنامە» سى ياكى مىشېل رېيلىسنىڭ «ئادەمنىڭ يېشى»، شۇنداقلا نابۇكوفنىڭ «ئېيتقىنە، ئەسلىمە» سى شۇ جۈملىدىندۇر. نابۇكوف بۇ كىتابىدا ئۆتمۈشىنى سېغىنىپ ئەمەس، بەلكى نۇقۇل ئىستېتىك ئويۇن ئۈچۈنلا ئەسلىگەن. ئوكتاۋىئو پازنىڭ «غېرىبانە قەسىر» ىمۇ ماڭا تەسىر كۆرسەتتى. ئوكتاۋىئو پاز بۇ كىتابىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. مەن «ئىستانبۇل» ئارقىلىق شەھەرنىڭ روھىنى كۈزەتمەكچى ھەمدە مىللەتنىڭ روھىنى كەڭ مەنىدسىن تەكشۈرمەكچى بولدۇم.

سوئال: سىز ئۆزىڭىز يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىستانبۇلنى تامامەن چۈشىنىسىز. بىر يازغۇچىنىڭ ھاياتىدا تەسەۋۋۇرىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئىستانبۇلنىڭ ئىلھامى شۇنچە مولمۇ؟

جاۋاب: ئىستانبۇل بىر يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈمەنلەپ يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۋۇرى ئۈچۈنمۇ مول ئىلھام بولالايدۇ، ھا...ھا...ھا ! بۇياققا كېلىڭ، بۇنى ھېس قىلىپ قالىسىز. ھاۋادا نۇر چاقناپ تۇرىدۇ... ئوبراز، چوقان، پۇراق، رەڭ، ئاۋاز... ئۈزلۈكسىز قىمىرلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئىستانبۇلنىڭ كوچا- كويلىرىدا ۋە شەھەر رايونلىرىدا بەھۇزۇر لەيلەپ يۈرگەن كىشىدىكى بىخىرامان تۇيغۇ ھېچقاچان يوقالمايدۇ، بۇ ھال تۈركىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە يوق.

سوئال: سىز يازغۇچى بولۇپ چىقىشتىن بۇرۇن رەسساملىققا بېرىلمەكچى بولغان ئىكەنسىز. ئەسەرلىرىڭىزدە ئىلگىرىكى ھەۋىسىڭىزنىڭ ئىزى قالدىمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە قالدى. مەن بىھۇدە ھالدا نەزەرەن رومان يازغۇچىسى دەپ قارالمايمەن. ئوبراز بىر مۇنچە شارائىتتا تەسەۋۋۇرۇمنىڭ پارتلاتقۇچىسى بولىدۇ. مەندە تىل ئەسلىمىسى ئەمەس، بەلكى كۆز ئەسلىمىسى بار. كىچىكىمدە بىرەر شېئىر ئېسىمدە تۇتىۋالغىدەك بولسام شۇ شېئىر بار بەت سانىنىمۇ قوشۇپ تۇتىۋالاتتىم. مەن يەنە بىر تەرەپتىن شۇنىڭغىمۇ ئىقرارمەنكى، ۋۇجۇدۇمدا تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ ھەممە ئالاھىدىلىكى بار. مەن كىشىلەردىن زوق ئېلىشقا، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى كۆزىتىشكە، چىرايىدىكى شۇنچىكى ئەلەم ئىپادىسىنى... كۆزىتىشكە خۇشتارمەن.

سوئال: «ئىستانبۇل» دىن كېيىن يازغان ئىككىنچى بىر ئەسلىمىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭ ئۈمىدىم شۇ. مەن «ئىستانبۇل» نى يېزىپ بولۇپلا يازغۇچى بولۇش قاراىرغا كەلگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ «قارا كىتاب» نەشردىن چىققاندىلا ئۆزۈمنىڭ بىر يازغۇچى بولۇپ قالدى دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدسىم. ئىككىنچى ئەسلىمەم 1973- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىستانبۇل تەسۋىرلىنىدۇ. مېنىڭ ئېچىپ بەرمەكچى بولغىنىم بىر پۇتىدا شەرقنى، بىر پۇتىدا غەربنى دەسسەپ تۇرغان مېنىڭدەك بىر ئادەمنىڭ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بىر تۈركنىڭ جەزمەن غەربنىڭ كاتتا ئەدىبلىرىدىن ئۆگەنگەندىلا بىر يازغۇچى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت.

سوئال: سىزنىڭچە، ئەشۇنداق كاتتا ئەدىب كىملەر؟

جاۋاب: بەشنى كۆرسەتسەم بولامدۇ؟ ئۇلار تولستوي، تولدستويىۋىسكى، توماس مان، پروست ۋە نابۇكوف.

سوئال: باشقا تېمىغا كۆچەيلى، سىز ھۆكۈمىتىڭوىزنىڭ ئەرمەنلەر ۋە كورتلاردىن ئىبارەت ئىرىقنى يوقۇتۇش جىنايىتىنى بوينىغا ئېلكىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ شىكايىتىگە قالدىڭىز. ھۆكۈمەت بىر قاتار بېسىم ئىشلەتكەندىن كېيىن سىزگە قارىتىلغان ئەيىبلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭز قانداق؟

جاۋاب: ئالاقەم يوق، يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىننۇ، ئۆچمەنلىك مۇناسىۋىتىممۇ يوق. مەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

سوئال: سىز دۇنياۋى جامائەت ئەربابى بولۇپ قالدىڭىز، بۇنداق سالاھىيەت سەنئەتكارغا خاس ئەركىنلىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەندىشە قىلامسىز؟

جاۋاب: ئەندىشە قىلىمەن. خەتەردە قالغان زىيالىنىڭ رولىنى ئالغانلىقىمدىن تولىمۇ شادلىنىمەن، دىمىقىمەن. كوردلار توغرىسىدىكى گەپ- سۆزلىرىم تاساددىپى ئېيتىلغان گەپلەر ئىدى. مەن بۇنىڭ ئاقىبىتىگە ئەڭ قەيسىرانە ئىرادە بىلەن بەرداشلىق بەردىم. مەن كىشىلەرنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن. رومان يازغىنىمدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن، سىياسى بولسا ماڭا پەرىشانلىقتىن باشقا نەرسە بېرەلمەيدۇ...

سوئال: تۈركىيە غەرب دۇنياسىنىڭ ۋە ئىسلام دكلەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىيالامدۇ؟

جاۋاب: تۈركىيە زىمىنىدا ئۈمىد- تەلەپ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن نۇرغۇن توقۇنۇش يبز بەردى. مەملىكىتىمىزدە ئەڭ زكرۈر بولىۋاتقىنى ئالدى بىلەن دېموكراتىيە قارىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، بارغانسېرى ئاشكارە ۋە كۆپ خىل جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

سوئال: سىز ئەدەبىيات توغرىسىدا ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟

جاۋاب: چوڭ بىر رومان يېزىۋاتىمەن (يېزىۋاتقان رومانىمنىڭ سەھىپىسى بەك ئۇزۇن)، مەنزىرىسى 1975- يىلىدىكى ئىستانبۇل، سۆزلىنىدىغىنى ئىككى شىرەم نەۋرە ئاكا- سىڭىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى. روماننىڭ يېشىمىنى تېخى بېكىتمىدىم.

سوئال: «ئىستانبۇل» دا ئانىڭىز سىزنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا زادىلا قوشۇلمىغانىكەن. ھېلىمۇ شۇنداق كاجلىق قىلىۋاتامدۇ؟

جاۋاب: ياق، ياق، ئانام ئوتتۇز يىل قارشى تۇرغاندىن كېيىن، ئانامنىڭ ئاغزىدىن ئاخىرى: «بەللى، بارىكاللا، ئورخان، بارىكاللا» دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپلەر مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىنئام ۋە تاجۇ- دۆلەتتىنمۇ ئەھمىيەتلىك.

(خەنزۇچە «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 1- سانىدىن)

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 14:41:30

ئاۋال دىۋانغا چىققاچ تۇراي...

uyghurzade يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 14:55:56

تۈركىيەلىكلەر شۇڭا ياىشى كۆرمەيدىكەن-دە بۇ غىتمەك يازغۇچىنى. \" دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مەندەك بىر يازغۇچىنىڭ ...\" دېگەندەك گەپلەرنى نومۇس قىلماي دېگىنىنى!

نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتى ساھبلىرى ئىچىدە تايىنى يوقراق يازغۇچى بۇ.

batur71 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 16:24:47

uyghurzade:

تۈركىيەلىكلەر شۇڭا ياىشى كۆرمەيدىكەن-دە بۇ غىتمەك يازغۇچىنى. \" دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مەندەك بىر يازغۇچىنىڭ ...\" دېگەندەك گەپلەرنى نومۇس قىلماي دېگىنىنى!

نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتى ساھبلىرى ئىچىدە تايىنى يوقراق يازغۇچى بۇ.

تىل ئىشتقىڭىز كەپتۇ دە؟ ئەۋلىيا بىلىدۇ، بەزىلەر.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 16:40:36

uyghurzade:

تۈركىيەلىكلەر شۇڭا ياىشى كۆرمەيدىكەن-دە بۇ غىتمەك يازغۇچىنى. \" دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مەندەك بىر يازغۇچىنىڭ ...\" دېگەندەك گەپلەرنى نومۇس قىلماي دېگىنىنى!

نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتى ساھبلىرى ئىچىدە تايىنى يوقراق يازغۇچى بۇ.


سەمىيمىي ئىكەن .
ئەگەر بۇگەپتىن نومۇس قلغان بولسا مۇسۇلمان بولغان بولاتتى .

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 03:14:28

ئورخان پامۇك ياش ۋەتەنسۆيەرلەر تەرىپىدىنئەلىف شاپاق ۋە ياشار كامال قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە \"غەرىپنىڭ تۈركىيەدىكىقەلىمى\" دەپ قارالماقتا. پامۇكنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىلمۇخىل كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا سەۋەپ بولدى.

بەزىلەر يازغۇچىنى تەبرىكلىسە، بەزىلەر بۇ مۇكاپاتنىڭ يازغۇچىغا تۈركىيەنى تۆۋەن كۆرسىتىدىغان يېزىش ئۇسلۇبى سەۋەبىدىن بېرىلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى.

ئورخان پامۇك نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلىشتىن ئون ئاي بۇرۇنيەنى 2005 -يىلى 12-ئاينىڭ 19 كۈنى جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە ئەرول مانىسالىنىڭ \"ئورخان پامۇكنىڭ نوبىلنىئېلىشقا ئىشەنچىسى بار\" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇ خەۋەردىن كېيىن يازغۇچىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا قانداق بولۇپ لايىق كۆرۈنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ماقالىنى ئاساس قىلىشقا باشلىدى.

ت رتنىڭ\"چىگرالار ئارىسىدا\" ناملىق ھۈججەتلىك فىلىمىدە پامۇك، نوبېل مۇكاپاتلىرى ۋە شىۋىتسىيە ھەققىدىكى تەنقىتلەر ئاساسى ئورۇننى ئىگەللىدى. دەمىرتاش جەيھۇننىڭ ماقالىسىدا بولسا\" ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرى ئامىرىكا قېلىپىدىكى مودىرنىزم رومانلىرىدۇر، نوبېل ئامېرىكىنىڭ يازغۇچىغا بەرگەن قەلەم ھەققى\"دىيىلدى ۋە شۇ دەۋىردىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ پامۇكنىڭ مۇكاپات ئالغانلىقىنى تەبرىكلىمىگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

ئورخان پامۇكنىڭ سوتقا چاقىرىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئەرمەنىلەر ۋە كۈرتلەر ھەققىدىكى سۆزلىرى ۋە ئاتا تۈرك ھەققىدە رومانلىرىدا قوللانغان ئۇسلۇبى ھەققىدىكى تەنقىتلەر بىر مەزگىل گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى بەتلىرىنى ئىگەللىدى.

ئورخان پامۇك ھەققىدىكى داۋالار: يازغۇچىنىڭ\" Das Magazin \" نامىدىكى شىۋىتسىيە ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ زىيارىتىدىكى \"بۇ تۇپراقلاردا 30 مىڭ كۈرت ۋە بىر مىليون ئەرمەنى ئۆلتۈرۈلدى، ئەمما مەندىن باشق ھىچكىم بۇھەقتە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ\" دىگەن سۆزلىرىدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 301.ماددىسىغا ئاساسەن \"تۈركلۈككە ھاقارەت قىلىش\"جىنايىتى بىلەن داۋا ئېچىلدى..

2005-يىلى 12 -ئايدا ئېچىلىشقا تىگىشلىك سوت مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن 2006- يىلى 2-ئاينىڭ 6- كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلىشى ئامرىكا تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. سوت ئېچىلغان كۈنى سوت مەھكىمىسى ئالدىدا ئورخان پامۇك ۋە چەت ئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە قارىتىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى تۈركىيە دۇنيا مېدياسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى..

تۈركىيە-ئامىرىكا بىرلەشمە پارلامىنتىنىڭ ئامىرىكا تەرەپ رەئىسى Joost Lagendijk\" ھۆكۈمەتپارلامىنتقائۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدۇ. بۇ ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. بۇ خىل نامايىشلار تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ زاماندا داڭلىق بىر يازغۇچى ئۈستۈدە سوت ئېچىلىۋاتسا، مىللەتچى بىرى چىقىپيازغۇچىنى ئۇرۇش ئۈچۈن ماشىنىسىنى قوغلاۋاتسا قانداق بولغىنى؟بۇ ئىشلار دۆلەتتە بىر خاتالىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ دىگەنىدى. تۈركىيە بىلەن ئامىرىكا ئارىسىدىكى جىددى تالاش- تارتىشقا سەۋەپ بولغانبۇ داۋاشۇنداق قىلىپ بىكار قىلىندى. ھازىرمۇ كىمىلەرى ئورخان پامۇك بىلەن پەخىرلىنىدۇ، كىمىلەرى ۋەتەنساتقۇچ دەپ تىللاپ كىتاپلىرىنى بايقۇت قىلىدۇ.

توردىن تېرىلىپ تەرجىمە قىلىندى.

uyghurtegin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 13:18:06

ئىت ئىگىسىگە قاراپ ھۆركىرىسە قوتۇر بولۇر...

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 13:32:31

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل ۋە يېڭى ھاياتتىمۇ دىننى ئېتىراپ قىلىدىغىنىنى ياكى ئېتىراز بىلدۈرىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ھە ( يا مېنىڭ چۈشەنچەمگە باغلىقمۇ)

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ،، ساراڭ بولىۋېلىپ ھەممە گەپنى دېيىشنى ياخشى بىلىدىكەن ،،، شەيتان بولىۋېلىپمۇ خېلى گەپنى دەپتۇ

natonush يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 14:58:37

ئۇنى دىسىڭىز ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى، روماندىمۇقۇرئان كەرىم ئايەتلىرى خىلى بار.
بەت: [1]
: ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ (ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ)