ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-29 12:13:03

ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا



مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل


بېيجىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ، گۈزەل پايتەختى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش ۋە بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك تارىخىي شەھەرگە ئايلىنىش جەريانىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسى بار .

بېيجىڭ شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ ، مىلادى 937-يىلىغىچە باشتىن-ئاخىر شىمالىي جۇڭگودىكى مۇھىم شەھەر ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باششەھىرى بولۇپ كەلگەن . مىلادى 938-يىلى شىمالىي جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان لىياۋ ( قىتان ) سۇلالىسى بېيجىڭ شەھىرىنى يانداش پايتەخت قىلغان . كېيىن جىن ( ئالتان ) ، يۈەن ، مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى بېيجىڭ شەھىرىنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 650 يىل پايتەخت قىلغان . 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى جۇڭگونىڭ پاختەختى بولدى . بۇ شەھەردە دۇنياغا مەشھۇر گۇگۇڭ ( خان سارىيى ) ، تىيەنتەن ( كۆكئىلاھ سۇپىسى )، بېيخەي باغچىسى ، يىخىيۈەن باغچىسى ، جىڭشەن باغچىسى ، سەددىچىن مەنزىرەگاھى ، 13 قەبرىگاھ ( مىڭ سۇلالىسى خانلىرى قەبرىگاھى ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى—جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاپا-مۇشەققەتلىك مىھنىتىنىڭ يارقىن-نامايەندىسىدۇر . ۋاھالەنكى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلار بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا قۇرۇش ، كېڭەيتىش ، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە ، ئەينى زامان ھاكىمىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىشتراك قىلغان .
موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈەن سۇلالىسى ( 1368—1206 ) دەۋرىدە ، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى موڭغۇل ئېمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) گە بېرىش ۋاقتى خېلى بۇرۇن باشلانغان . قەشقەرىيە رايونىدىن بولسا ، چىڭگىزخاننىڭ سانغۇنى جەبەنۇيان 1218- يىلى بۇ رايوننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن باشلانغان . دېمەك ، بۇ دەۋردە  يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىزچىل تۈردە شىنجاڭدىن تۈركۈملەپ نۇرغۇن ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭگە يۆتكەپ ، كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ، ھەربىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرغان . ئەينى دەۋردە بۇلاردىن بىناكار ئەختەرىدىن 1268-يىلى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلاينىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا لايىھىلەش ، كېڭەيتىپ قۇرۇش خان ئوردىسىنى ياساش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . دىپلومات ئۇقمىش تۆت قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ ، دېڭىز قاتناش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان . ھازىرقى ھىندىستان ، سىرىلانكا قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ ، دۆلەت ئۇستازى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان « كونا موڭغۇل يېزىقى » نى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان « يېڭى موڭغۇل يېزىقى » نى  شەكىللەندۈرگەن . ئۇ تۈزگەن « موڭغۇل ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .  سەركەردىلەردىن ئېلقايا ، مىڭسۇسى ، مىڭسەرس ، قارايىغاچ بۇيرۇق قاتارلىقلار جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە چوڭ رول ئوينىغان . ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ، ۋىن ينىاشىل قاتارلىقلار رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە  ،  ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم ،  كلاسسىك قامۇسنامە  قاتارلىق كىتابلارنى يازغان . شۇ دەۋردە ،  لىياۋ ( قىتان )  سۇلالىسى تارىخى  ، چىن دۆلىتى تارىخى  ،  سۇڭ سۇلالىسى تارىخى  قاتارلىق نادىر تارىخنامىلەرنى تۈزۈشكە ئۇيغۇر ئالىملارمۇ قاتناشقان . مالىيە-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئەھمەت ، ساڭگى قاتارلىقلار يۈەن سۇلالىسىنىڭ مالىيىسىنى تەرتىپكە سېلىش ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان . بۇلاردىن باشقا ، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، شەمسىدىن ، سەئىدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭغۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، مائارىپشۇناسلار ، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . بېيجىڭدىكى ھازىرقى ۋىيگوڭسۇن (畏公村) شۇ دەۋردە شەكىللەنگەن مەھەللە-كوچىلارنىڭ بىرى ئىدى . يۈەن سۇلالىسى دەرىدە بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارىخىي خاتىرىلەردە ، نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغانلىقى ، زور كۆپچىلىكنىڭ تۇرپان ، بەشبالىق رايونلىرىدىن بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن . ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا بېيجىڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئۆزلىشىپ سىڭىشىپ كەتكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئاساسەن ساقلاپ قالالمىغان .

مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى ( 1911—1644 ) دەۋرىدە ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، مۇستەھكەملەش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر مىللەت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ، يۇقىرى مەرتىۋە ، مەنسەپ بېرىپ ، ئالىي تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىپ ، ئۇلارنى ئاسرىغان ، ئەتىۋارلىغان . چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغارلارنى مەغلۇب قىلىپ ، 1680-يىلىدىن باشلاپ جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشلاپ ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى كەينى-كەينىدىن بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى باشلاشتىن بۇرۇن ، مۇشۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سەل ئاۋۋالقى تارىخىي ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ :

1635-يىلى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ سەردارى باتۇر خۇنتەيجى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيرات قەبىلىلىرى ( جۇڭغار ، خۇشۇت ، دۇربۇت ، تۇرغۇت ) نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ھازىرقى قۇبۇقسارنى پايتەخت قىلغان جۇڭغار خانلىقىنى قۇردى . باتۇرخۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئالتاي تاغلىرىدىن غەربتە بالقاش كۆلىگىچە ، جەنۇبتا تەڭرى تاغلىرىدىن شىمالدا يىنسەي دەرياسى ۋە ئىمىل دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا كېڭەيدى . ئۇ يالغۇز ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىلا ئەمەس ، بەلكى ، چىڭخەيدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچيۈز ( چوڭ يۈز ، ئوتتۇرا  يۈز ، كىچىك يۈز ) قازاقلىرى ۋە قىرغىزلارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى . باتۇر خۇنتەيجى 1640-يىلى ھازىرقى تارباغاتايدا ئويرات ۋە خالخا موڭغۇللىرىنىڭ 27 قەبىلە سەردارلىرى قاتناشقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، يېڭى موڭغۇل ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى . قۇرۇلتايدا  ئويرات موڭغۇل ياسىقى  نى ماقۇللاپ ، بۇ ئارقىلىق جۇڭغار خانلىقىنىڭ سىياسىي ، ھەربىي ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇردى . باتۇر خۇنتەيجى 1647-يىلى 11-ئايدا ، خانبالىق (  ھازىرقى بېيجىڭ ) قا ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 1673-يىلى غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى بولدى . ئۇ 1677-يىلى چىڭخەيگە ھۇجۇم قىلىپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنى بويسۇندۇردى . 1717-يىلى تىبەت ( شىزاڭ ) كە ھۇجۇم قىلىپ ، لىخاسانى بېسىۋېلىپ ، تىبەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى لاساڭ خاننى ئۆلتۈرۈپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ 1642-يىلىدىن باشلاپ ، تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، تىبەت رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزدى . شۇنىڭدىن 41 يىل بۇرۇن يەنى 1680-يىلى غالدان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىلخان تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاق تەقىيلىق ئىشانلارنىڭ خوجىسى ھىدايىتىللا ( ئاپپاق خوجا ) نىڭ ئىلتىجا قىلىشى ۋە يول باشلىشى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ( 1680—1514 ) يوقىتىپ ، پۈتكۈل ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا قوشۇۋالغانىدى . دېمەك ، جۇڭغار خانلىقى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە خېلى كۈچىيىپ ، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاشقاباشلىدى . جۇڭغار خانى غالدان 1670-يىلىدىن 1696-يىلىغىچە مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قوزغاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىغا خىرىس قىلدى . مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى كاڭشى ئۆزى بىۋاسىتە ئىككى قېتىم قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، جۇڭغار خانى غالدان قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلدى . غالدان ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ تارمىقى ئېمىل دەرياسى بويىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، ئۇلارنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا چىكىندۈرۈۋەتتى . 1697-يىلى سىۋاڭ ئاراپدان ئالمالىقتا ئۆزىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى دەپ جاكارلاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

1754-يىلى داباجى جۇڭغار خانلىقىغا خان بولدى . شۇ يىلى دوربۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئامۇرسانا چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى . پادىشاھ چيەنلۇڭ چېڭدىېدىكى يازلىق ئوردىسىدا ئامۇرسانانى قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىڭغا ۋاڭلىق ئۇنۋانىنى بەردى . 1755-يىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش ماجراسى يۈز بەردى . بۇ مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت بولدى . 1755-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى قۇمۇل ۋە بارىكۆلدىكى لەشكىرى بازىلىرىدىن يولغا چىقىپ ، موڭغۇلكۆرەدىكى گىدىن تېغىدا جۇڭغار قوشۇنىنى مەغل قىلدى . داباجى قېچىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ، ئېلىدىكى مەنچىڭ قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەردى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى داباجىنىڭ ئورنىغا خان تەسىس قىلماي ، جۇڭغارلارنىڭ تۆت قەبىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت خان قويدى . ئامۇرسانانى بولسا چەتتە قالدۇردى . بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئامۇرسانا 1755-يىلى 9-ئايدا ئاشكارا ھالدا قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى . مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 1757-يىلى 2- ئايدىن 8-ئايغىچە جۇڭغار قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، جۇڭغار خانلىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى . ئامۇرسانا روسىيە تەۋەسىگە قېچىپ بېرىپ چېچەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى نەزەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قاراتتى . بۇ چاغدا ، جۇڭغار خانلىقىدا تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا مەنچىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئازات قىلىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئەۋەتىلگەنىدى . يەنە كېلىپ بۇرھانىدىن  خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمدار قىلىپ ئەۋەتىلگەنىدى .  مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا كۇچادا توپىلاڭ كۆتۈردى ، 1758-يىلى 1-ئايدا ، خان خوجا كۇچادا ئۆزىنى باتۇرخان دەپ جاكارلاپ ، ئىلاھىيەت بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن باتۇرخانلىقىنى قۇردى . جۇغلىغان توپىلاڭچى قوشۇنى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ—تارىختا چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭى دەپ ئاتالدى . 1758-يىلى 8-ئايدا جاۋخۇي باش قوماندانلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى . 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چوڭ-كىچىك خوجىلار ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولدى . بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا 300دىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ پامىردىكى يېشىلكۆل ئارقىلىق بەدەخشانغا قېچىپ بارغاندا ، بەدەخشان بەگلىكىنىڭ ئەمىرى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى مەنچىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتتى ،  شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۈزۈل-كېسىل قايتۇرۇۋېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش تارىخى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى .قۇمۇلنىڭ سەردارى يۈسۈپ خوجا ، تۇرپاننىڭ سەردارى ئىمىن خوجا ، كۇچانىڭ ھاكىمبېگى مىرزاھادى ، باينىڭ ھاكىمبېگى گادايمەت ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ، يەكەننىڭ ھاكىمبېگى ھۈسۈيۈن ، خوتەننىڭ ھاكىمبېگى قوشۇق قاتارلىق يەرلىك ئەمەلدار-بەگلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە دىنىي زاتلار مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يۈكسەك شان-شۆھرەت بەردى . پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىمىن خوجا ، مىرزاھادى ، غوجەش قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ، خان ئوردىسىدىكى زىگۇاڭگې سارىيىغا ئاستۇردى ھەم ئۆزى بۇ ئۈچ كىشىگە ئاتاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېغىشلىما يازدى :



جەمەتىكى تۇرپاندىن ، بۇرۇنلا توغرا يول تاپقان ،

ھەربىي ئىشقا ھەمدەم بوپ ، كۆپلىگەن ھەسسە-كۈچ قوشقان .

ھال-ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ بىر ئوبدانلا تونۇش ئاڭا ،

تۆكەر ئىچىدىكىنى ، ساپ ۋىجدانلىق ، قەتئى راسا .

( ئىمىن خوجىغا بېغىشلانغان . ) 

توغرا يول تاپقانىدى ئۇ ، ئېلى تىنچىغان ھامان ،

ھەم سۇلالىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شۇندىن بۇيان .

ئۇيغۇر ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ، كۆڭلى تۈز ئەرباپ ئۆزى ،

ئەل قىلىش ئۈچۈن خوتەننى ، يولغا ئۇ بولغان راۋان .

قالدى قورشاۋ ئىچىدە ئۈچ ئاي شۇندا گابۇشۇ بىلەن ،

ئىستىھكام ياساشتا غەيرىتى يۈكسەك بولغان .  

( مىرزاھادىغا بېغىشلانغان . ) 



داباجىنى تۇتۇپ بېرىپ ، بىجا قىلغاندى پەرماننى ،

تىڭىرقاپ قېلىپ كېيىن بىزنىڭ قوشۇننى قارشى ئالغانىدى .

قوشۇنىمىز بىلەن بىللە قارا سۇدا قامالغان ھەم ،

ئۇنىڭ ئابرۇيى بار يۈكسەك ، ھازىر پايتەختتە جاي ئالدى .  

( غوجەشكە بېغىشلانغان . )


( ليۇزشاۋ :  ئۇيغۇر تارىخى  خەنزۇچە ،  1-قىسىم 510-بەت . ) تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامى تارىخى ھەمىدى دە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ ) مىرزاھادى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئاپتور ( سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخانا بىنا قىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ : بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى، تەربىيىسىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم . بۇنىڭدىن كېيىن ، يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن  دەپ يارلىق قىلغانىكەن … ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەر-مەيمەيچىلەر بېيجىڭ تەرەپتىن كېلىپ بۇ بۇتخانا بار مەنزىلگە يەتكەندە ، ھامان ئاتتىن چۈشۈپ ياكى قونۇپ ، ئۆز ئادەت-رەسىمى بويىچە قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە بىر نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ، بۇ سۈرەت-بۇتلاردىن مەدەت-ياردەم تىلەپ ، ئاندىن ئۆتىدىكەن … بۇ بۇتخانىنى  ئۇلۇغ ئۆي  دەپ ئاتايدىكەن . بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ > بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز < دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن . ( موللا مۇسا سايرامى : تارىخىي ھەمىدى ،  146-بەت . )

1759-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى مەغلۇب قېلىپ ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشكە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى . 1765-يىلىدىكى  ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭى، 1815-يىلىدىكى زىياۋۇدن توپىلىڭى، 1828-يىلىدىكى جاھانگىر خوجا توپىلىڭى، 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا توپىلىڭى، 1847-يىلىدىكىيەتتە خوجا توپىلىڭى، 1857-يىلىدىكى ۋەلىخان تۆرە توپىلىڭى، 1865-يىلىدىكى ياقۇببەگ تاجاۋۇزى قاتارلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن ۋەقەلەرنى تىنچىتىش جەريانىدا ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن يەرلىك ئۇيغۇر بەگ-ئەمەلدارلارغا يۇقىرى شان-شەرەپ بەردى . بولۇپمۇ جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنچىتىش ۋەياقۇپبەگ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاشۇ تارىخىي دەۋردىكى خەۋپ بىرقەدەر زور بولغان ھايات-ماماتلىق كەسكىن كۈرەشلەردە ، ئىرادىسى مۇستەھكەم ، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە يۇقىرى شان-شەرەپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئەتىۋارلىدى ، بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ، يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلدى . 1828-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مەنچىڭ پادىشاھى داۋگۇاڭ جاھانگىر خوجا توپىلىڭى نى تىنچىتىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن 40 كىشىنىڭ رەسىمىنى جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىغا سىزىشنى بۇيرىدى . ( قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى . 86-بەت ) بۇلارنىڭ زوركۆپچىلىكى ئۇيغۇر بەگ ئەمەلدارلار ئىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، خىزمەت كۆرسەتكەن ، تەسلىم بولغان يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر كىشىلىرىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بىر تۈركۈم قول ھۈنەرۋەن ، سەنئەتچىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ، بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق تارىخىي خاتىرىلەر بار :چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ( 1760-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى)  گەنسۇنىڭ تەپتىشى ۋۇداشەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا پادىشاھ چيەنلۇڭغا يازغان مەخسۇس مەلۇماتنامە ھازىرمۇ جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسىداساقلانماقتا . بۇ مەلۇماتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن :  بۇ يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جىلىڭ ۋە ئۇلارنىڭ داققالچىسى سۇجۇغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن ئاسىيلار باشلىقىدىن كاللىسى ئېلىنغان خوجا جاھاننىڭ ئائىلە تەۋەسى ۋە ئۇرۇق-جەمەتى بولۇپ 14 كىشى ، بىللە كەلگەن ئايال تۆت كىشى ، جەمئىي 18 كىشىنى شۇئان يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ ، يول ئۈستىدىكى جايلارغا ئۇقتۇرۇپ ، يالاپ-مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئەمەلدار ، بىر چەنزۇڭ ، بىر بازۇڭ بىلەن 10 دىن ئەسكەر ، خىزمەتچى بەلگىلەپ ، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سۇجۇدىنبېيجىڭغا يولغا سالدىم  . جۇنجىچۇ ( قارا دىۋان ) مەلۇماتلىرى  ،مىللەتلەر تۈرى ، 2001-جىلد .  چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى ( 1671-يىلى ) شىنجۇ ، ئىمىن خوجىلارنىڭ مەلۇماتىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن چيەنلۇڭنىڭ يارلىقىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق ئېيتىلغان . ئەسلى مەلۇمات مۇنداق : يارلىققا بىنائەن شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى ، چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى 4-ئاينىڭ 71-كۈنى ، قارا دىۋاننىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . بۇنىڭدا خاننىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى يارلىقى يەتكۈزۈلۈپ : خەيمىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ خوتۇنى ئايشە ئاغچىدىن تۇغۇلغان ئوغىلى سامساقنى ۋە سامساقنىڭ ئىنىكئانىسى ئۇيغۇرئەختەر بۇبى ھەم سامساقنى باققان ئۇيغۇر پولات سوپىنى بىرلىكتە بېيجىڭغا يولغا سالدۇق ، دەپتۇ . چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ ئوغلى سامساق گۆدەك بالا تۇرسا ، ئۇنىڭ قانداقمۇ جىنايىتى بولسۇن ؟ بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن بولسا ، پەقەت بېقىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ، ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پولات سوپى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنىنى ياد ئېتىپ سامساقنى باققانىكەن ، ئۇنى كەچۈرۈشكە بولاتتى . بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەندىمۇ ، ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىلىدۇ ، خالاس . بۇنى يۇڭگۇي ، شىنجۇ ، خەيمىڭلارغا يەتكۈزۈڭلار ، ئۇلار بۇ يارلىقتىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى خەۋەردار قىلسۇن  دېيىلگەن . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ( 1760-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ) چيەنلۇڭ خان خوجا جەمەتىنىڭ قەبرىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىدا مۇنداق دېگەن :  قەشقەردىكى خوجىلارنىڭ مازارلىرىنى ساقلاشقا ئادەم ئاجرىتىپ بېرىلسۇن ، بۇ جايلارنى ئوتۇن كېسىش ۋە بۇلغىنىشتىن خالىي قىلىپ ، دۆلەتنىڭ ئىلتىپاتى گەۋدىلەندۈرۈلسۇن ( ليۇ زىشاۋ ، ئۇيغۇرتارىخى ، خەنزۇچە ، 530-بەت ) . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، چوڭ-كىچىك خوجىلار تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كەڭچىلىك سىياسىتىنى قوللانغان ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى خوجا جەمەتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆزدە تۇتقان . مۇشۇنداق قىلغاندا ، شىنجاڭ تىنچلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ ، سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولاتتى .ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسىدە، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا ، مەنچىڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر بەگلىرىدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغانلار توغرىسىدا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان :

غوجەك : خوتەندىن ، ئەسلى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى . چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىدا ، غوجەك ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسىگە بېرىۋالغان ، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغان ۋە مەنچىڭ قوشۇنىغا خەرىتە تەقدىم قىلىپ ، چوڭ-كىچىك خوجىلارنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىپ ، يەكەنگە ھاكىمبەگ بولغان ، چيەنلۇڭنىڭ25 -يىلى ( 1760-يىلى ) خانغا تازىمغا بارغاندا ، پەرمان بىلەن بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇق مەنسىپىگە تەيىنلىنىپ ، ئىككى كۆزلۈك قۇشقاچ جەركى ئىنئام ئالغان ، چيەنلۇڭنىڭ 46-يىلى ( 1781-يىلى ) ئۆلگەن . چوڭ ئوغلى ئىبراھىم ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان . چيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى ( 1788-يىلى ) يارلىق بويىچە ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا ۋارىسلىق قىلغان .

ھۈسىيىن : يەكەندىن ، لەقىمى ئەركە خوجا ، خوجا جەمەتى ، مەنچىڭ قوشۇنى جۇڭغارلارنى جىمىقتۇرغاندا ، ھۈسىيىن مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغان . چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلاڭ كۆتۈرگەندە ، ھۈسىيىن  ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسى ۋە باشقا جاياردا بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) قوشۇن تارتىپ چوڭ-كىچىك خوجىلارغا ھۇجۇم قىلغان ، بىر بايراققا ئېرىشىپ ، قوشۇنىنى تەقدىم قىلىپ ، ئىچكىرىگە ئەل بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان  . مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاۋخۇي ھۈسىيىنننى خان ھۇزۇرىغا تازىمغا ئەۋەتكەن ، چيەنلۇڭ ئۇنى  پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرگەن . ئۇ ئىلىدا ئۇزۇن تۇرغان ، يەكەنگە قايتۇرۇش ئەپسىز بولغاچقا  ، بۇيرۇق بىلەن ئۇنى ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بېيجىڭغا كۆچۈرگەن ، چيەنلۇڭنىڭ 55-يىلى ( 1790-يىلى ) ئۆلگەن . ئوغلى ئۇنىڭ مەنسپىگە ۋارىسلىق قىلغان . چەينلۇڭنىڭ خانىشى ( رىۋايەتتىكى ئىپارخان ) شۇلارنىڭ جەمەتى .

تۇردى : ھۈسىيىننىڭ جيەنى . چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىدا ،ھۈسىيىن بىلەن بىللە بۇيرۇت ( قىرغىز ) دا بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) ، ھۈسىيىن بىلەن بىللە مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولۇپ ، خانغا تازىمغا بارغان . چيەنلۇڭ ئۇنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ، يارلىق چۈشۈرۈپ ، 1-دەرىجىلىك جاساق تەيجى مەنسىپىنى بېرىپ ، بېيجىڭدا قالدۇرغان . 27-يىلى ( 1762-يىلى ) قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ قاراپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا ئۆستۈرگەن 44-يىلى ( 1779-يىلى ) ئۆلگەن ، ئوغلى بولمىغاچقا، جيەنى توختى ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان .

ئابدۇرامان : يەكەندىن ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەركە غوجا توپىلاڭدا چوڭ-كىچىك خوجىلارغا بويسۇنمىغاچقا ئۆلتۈرۈلگەن . ئابدۇرامان بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسىگە بېرىپ پاناھلانغان ، كېيىن چوڭ-كىچىك خوجىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ، ھەپسىگە ئېلىنغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) مەنچىڭ قوشۇنى چوڭ-كىچىك خوجىلارنى مەغلۇب قىلغاندا بوشىنىپ چىققان . كېيىنكى يىلى خانغا تازىمغا كىرگەندە ، 2-دەرىجىلىك تەيجىلىك مەنسىپى بېرىلگەن ، 37-يىلى ( 1772-يىلى ) ئۆلگەن ، ئوغلى ئابدۇنەزەرگە 3-دەرىجىدىكى تەيجىلىك مىراس قالغان .

غوجەش : ئۈچتۇرپاندىن ، چيەنلۇڭنىڭ 20-يىلى ( 1755-يىلى ) جۇڭغارلار خانى داباجىنى تۇتۇپ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تەقدىم قىلغان ، 23-يىلى ( 1758-يىلى ) ئۆزىگە تەۋە 5000 ئۆيلۈك ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى باشلاپ مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغاندا، گۇڭلۇڭ مەنسىپى ، ئىككى كۆزلۈك گۈللۈك جەرىكە ئىنئام قىلىنغان . كېيىن مەنچىڭ قوشۇنى يەكەنگە ھۇجۇم قىلغاندا لەشكەر تارتىپ ياردەملەشكەن،بۇ چاغدا يەنە گۈسەن بېيزى مەنسىپى بېرىلگەن . كېيىن مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ توپىلاڭغا قارشى ئۇرۇشلىرىغا قوشۇن تارتىپ ياردەم بېرىپ ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئالتە شەھەرنىڭ ھاكىم بەگلىرىنى باشقۇرىدىغان گۈسەن بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن ، كېيىن دۇلۇبېيزى ، ئىنالچىلىق مەنسىپىنى بەرگەن . چيەنلۇڭنىڭ 52-يىلى( 1760-يىلى ) ئۈچتۈرپاننىڭ بەگلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاتا-بالا بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلدى ، دەپ ئەرز قىلغان  ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بۇۋەقەنىڭ چوڭىيىپ شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىشىدىن قورقۇپ ، غوجەشنى بېيجىڭغاكۆچۈرۈپ ئاپارغان ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ خاتىرجەم ھايات كەچۈرگەن ،قوغداپ قېلىنغان.  (  غەرب پادىچىلىرىنىڭ ناخشا تېكىستىگە قارالسۇن ، ئاپتور ) .

يۈكسەل بلوگى

http://yuksel.blogbus.com
-------------

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﻪﻧﻠﻰ ﻣﻪﺗﺒﻪﭼﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﻼ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﯘ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-4-29 13:18:48

ﮬﯧﻠﻘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﺘﺎﻟﻰ ﺷﯘﻣﺎ؟ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟
ﯞﯨﻴﮕﯘﯕﺴﯜﻥ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﻳﻪﺗﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻗﭽﻰ-ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ....

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2008-4-30 10:31:55

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﮔﯩﺪﻯ .

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-30 10:48:33

تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ( 2 )

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل





بۇلاردىن باشقا شەنشى—گەنسۇ باش ۋالىيسى ياڭيىڭجۇنىڭ چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ( 1759-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى) دىكى مەلۇماتىدا :  ئۇيغۇرسالائاخۇنقاتارلىقلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ۋە ھاكىم خوجا قاتارلىقلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بولۇپ جەمئىي 18 ئادەم … ئەمەلدار ۋە ئەسكەرخىزمەتچىلەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە يولغا سېلىنىپ ، سۇجۇغا يىتىپ كەلگەنىكەن ، شۇ كۈنىلا بېيجىڭغا ماڭدۇردۇق ، تەۋەلىكنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى سورايمەن.  (.  جۇنجىچۇ ( قارادىۋان ) مەلۇماتلىرى  مىللەتلەر تۈرى ، 1200-جىلد .)  دېيىلگەن . بۇ سالائاخۇن ۋە ھاكىم خوجا قاتارلىق ئادەملەرنىڭ خوتۇن-بالىلىرىدىن 18 ئادەمنىڭمۇ مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر بەگلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب توغرىسىدا پادىشاھ چيەنلۇڭ مۇنداق دېگەن :  خوجا جاھان جەمەتىنىڭ بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇشى ۋە قوشۇننى چېكىندۈرگەندە بۇيرۇق بىلەن غوجەش بەگنىڭ بېيجىڭغا بىللە كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ئەسلى ماكانىدا تۇرۇۋەرسە ، يامان خىياللاردا بولۇپ ، چاتاق چىقىرىشى چوقۇم ئىدى ، شۇڭا ئۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىندى … مۇشۇنداق قىلغاندا ، ئۇلاردىكى يامان خىياللارمۇ تۈگەيدۇ ، جايلاردىمۇ خاتىرجەملىك بولىدۇ  )  جۇڭغارلارنى تىنچلاندۇرۇش لايىھىسى  رەسمىي توپلام ، 79-جىلد ) .مەنچىڭ سۇلالىسى يەنە ، بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەن—كاسىپلار ۋە سەنئەتچىلەرنىمۇ جاي-جايلاردىن تاللاپ پايتەخت بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئاپارغان . بۇ ھەقتە مۇنداق خاتىرىلەر بار :  ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ، ئالتۇن ۋە قاشتېشىدىن رەڭگارەڭ نەپىس ، نازۇك گۈل-نەقىشلەرنى ياسايدۇ … ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلىرى كۆپ ) غەربىي دىيارداكۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە  2-جىلد )  ئۇيغۇرلار يەنە كېلىپ ناخشىچى-ئۇسسۇلچى مىللەت، 7—8ياشلىق بالىلىرىمۇ ھەر تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ، بىرقانچە ئون تۈرلۈك موللاق ئويۇنى ئوينىيالايدۇ ، ئۇچقاندەك سەكرەپ موللاق ئېتىشى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىدۇ  (ئۇيغۇرلار رايونى ھەققىدە خاتىرىلەر  ) .  ئاياللىرى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ، خىلمۇخىل ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ، موللاق ئاتىدۇ ، مىس سىم ئۈستىدە دار ئوينايدۇ ، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ  )  غەربىي دىياردا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە  ) . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ( 1760-يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى )  پادىشاھ چيەنلۇڭ ھەربىي ۋەزىرگە بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇر  ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنى بىر سۇمۇن قىلىپ تەشكىللەش  ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بۇ ئەھۋال ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇكۆپلىگەن ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ھازىر جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە  شەنشى-گەنسۇ باش ۋالىيسىنىڭ مۇشۇ ئىشنى بېجىرگۈچى تەپتىشى ۋۇداشەننىڭ مەلۇماتنامىسى  بار . ( ۋۇداشەنچيەنلۇڭنىڭ25-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى( 1760-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى) مۇشۇ ئىشنى بېجىرگەن ئەھۋالنى پادىشاھ چيەنلۇڭغا خەۋەر قىلىپ يازغان مەلۇماتنامە . ) بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :  خەيمىڭ ، ئىمىن خوجىلارنىڭ مەلۇماتىدا : ئەسلىدىكى باش ئاغلاقچى شېتۇڭلۇقاتارلىقلارنى تەيىنلەپ ، زەرگەرلەر ۋە موللاقچى ئۇيغۇرلارنىڭخوتۇن-بالىلىرىنى ئاقسۇغا يولغا سالدىم ، دېگەنىكەن ، ئېلى گۇڭ ئەۋەتكەن ھۈنەرۋەن ئۇستىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى قوشۇپ ئەسلى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلدار ، ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا يولغا سالدىم  جۇنجىچۇ ( قارا دىۋان ) مەلۇماتلىرى  ، مىللەتلەر تۈرى ، 200-جىلد . ) بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەمۇرىي جەھەتتە ئىككى سىستېمىغا تەۋە بولغان ، يەنى ئەسلىدىكى بەگ قاتارلىقلار ئاق سۆڭەكلەر تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە ، ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرئىچكى ئىشلارمەھكىمىسىگە تەۋە بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئاينىڭ16 -كۈنى ( 1760-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ) دىكى خان يارلىقىدا مۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن :  بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ھۈسىيىن گۇڭپىڭ دەرىجىلىك ، مامۇت ، تۇردى خوجا جاساق دەرىجىلىك بولغاچقا ،بۇلارتەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولسۇن؛ يەنە ، ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەر بىر سۇمۇن قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلسۇن ، بۇنىڭغا ئاق خوجا سۇمۇن بولۇپ ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن . بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كەلگەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سۇمۇنغا كىرگۈزۈلسۇن  مەنچىڭ خانى گاۋزۇڭنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرى خاتىرىسى  ، 605-جىلد ( . ئۇلارغا قىلىنىدىغان سىياسىي مۇئامىلە ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان . تەۋەلىك مەھكىمىسىگە تەۋە قىلىنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە موڭغۇللارنىڭ ۋاڭ-

گۇڭلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىگەتەۋە قىلىنغانلىقى بولسا ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلىرى موڭغۇل ۋاڭ-گۇڭلىرىغائوخشاش مەرتىۋىسى بويىچە مائاش ئالغان .  ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى دە بۇ ئىش مۇنداق ئېنىق خاتىرىلەنگەن :  ئوتتۇرانچى گۇڭ غوجەك ، ھۈسىيىن ، 1-دەرىجىلىك تەيجى مامۇت ، تۇردى ، ھاشىم ، 2-دەرىجىلىك ئابدۇرامان ، 3-دەرىجىلىك تەيجى پەرسا قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن ئوردىغا تازىمغا كەلگەندە ، پەرمان بىلەن بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇپ ، ھەممىسىموڭغۇللارنىڭ ئاقتۇغلۇق خۇشۈنىغا كىرگۈزۈلگەن . بۇلارنىڭ مائاشىغا كۈمۈش پۇل ، تەمىناتىغا گۈرۈچ بېرىشكە تېگىشلىك  ، بۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش-چۈشۈرۈش ، مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىنى تەۋەلىك ھەھكىمىسىدىن دوغا بەگ لەييۈەنچىڭ كونكرېت بېجىرگەن .  تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ قائىدە-نىزامى دا :  دوغا بەگ لەي يۈەنچىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋاڭ ، گۇڭ ، تەيجىلىرى، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭ ، گۇڭ ،تەيجى ، بەگلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ، چۈشۈرۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەزكىرىلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارماقمەزھەپلىرىنى تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ  دەپ بەلگىلەنگەن . ئۇلارنىڭ مائاشى تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ خەزىنىسىدىن بېرىلگەن . تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ قائىدە-نىزامى  دا يەنە :  ئومۇمەن موڭغۇل ۋاڭ ، گۇڭلىرى ۋەئۇيغۇرۋاڭ، گۇڭلىرى ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشلىرىنى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خەزىنىگەبېرىپ ئالىدۇ  دەپ بەلگىلەنگەن .دەسلەپتە ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان ئۇيغۇر بەگلىرىنى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا ، كېيىنكى ۋاقىتتا  ئۇيغۇر مەھەللىسى دېگەن جايغا ئورۇناشتۇرماقچى بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى12-ئاينىڭ 13-كۈنى ) 1760-يىلى 1-ئاينىڭ30-كۈنى ئۇيغۇر مەھەللىسى—ئەينى ۋاقىتتا خۇيزىيىڭ (回子营) دەپ ئاتالغان ، ئىلمىي كالان ، قوشۇمچە تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى فۇخىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا :  غەربىي چاڭئەن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۆيلەر ياسىلىپ پۈتتى ، ئۇيغۇر گۇڭ ھۈسىيىن ، تەيجى مامۇت ، تۇردىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ھەممىسى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ  ( شاۋزىشىن :  ئىپارخانغا دائىر تارىخ ماتېرىيالىنىڭ يېڭىدىن تېپىلىشى  .  مەدەنى يادىكارلىقلار  ژۇرنىلى ، 1971-يىلى 2-سان . ) دېيىلگەن . ئېھتىمال ، بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ ،  ئۇيغۇر مەھەللىسىگە سىغدۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغاچقا ، كېيىنكى يىلى 1-ئايدا ، چيەنلۇڭ بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلىرىنى ۋە ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنى ئايرىم-ئايرىم تەۋەلىك مەھكىمىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىگە تەۋە قىلىپ جايلاشتۇرۇش يارلىقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئادەملىرىگە ئايرىم جاي بېرىلگەن . مەسىلەن :تۇردىنى دۇڭنىڭ 6-كوچىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان . چيەنلۇڭنىڭ25 -يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ) 1760-يىلى 

4-ئاينىڭ 17-كۈنى ( فۇخىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا :  يارلىققا بىنائەن تۇردىغا ئۆي راسلاپ بېرىش ئىشىنى چىڭ فۇنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغانىدىم . ئەمەلدارلار جايلاشتۇرۇلغان دۇڭداسى ( شەرقىي چوڭ بازار ) نىڭ 6-كوچىسىدىكى ( ھازىرقى دۇڭسىنىڭ شىمالىدىكى 6-كوچا ) تەييار 22 ئېغىزلىق ھۆكۈمەت ئۆيىنى بەرمەكچى بولغانىكەن . ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىغا بۇيرۇق بېرىلدى  ،دېيىلگەن . بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلەرگە ھۆكۈمەتتىن ئۆي-جاي بېرىش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ ،تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىمۇ ھەل قىلىپ بەرگەن . فۇخىڭنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەلۇماتنامىسىدا يەنە :  ئالىيلىرى ئىلتىپات قىلىپ ، تۇردىنىڭ ئۆي-سەرەمجان ،مالاي ۋە يۈرۈش-تۇرۇش مەسىلىلىرى ھەل قىلىپ بېرىلسۇن ، دېگەن ئىكەنلا، كىيىم-كېچەك ، ئات ، ئىگەر-جابدۇق ۋە قورال-سايمانلىرىنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن ، مالىيىدىن 500 سەر كۆمۈش بېرىش تەسىقلاپ بېرىلسە . يەنەتۇردىنىڭ يىللىق مائاشى ئاران يۈز سەر ئىكەن ، بۇ ئۇنىڭ مالايلىرى ۋە ئائىلە تۇرمۇشى ئۈچۈن يېتىشمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ

 ئۆي ئىجارە خەزىنىسىدىن ھەر ئايدا 20 سەر كۈمۈش چىقىم قىلىپ،تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىلسە  دېيىلگەن .ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئادەملىرىنى  پادىشاھ دائىم قوبۇل قىلىپ تۇرغان ھەم ئۇلار دائىم ئوردىغابېرىپ زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ ، پادىشاھ ئەتراپىدا مەھرەملىك قىلغان . ئۇلار يەنە دائىم شىكارغا چىقىپ تۇرغان  )  ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى  ( .    پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت رېخېغا بېرىپ سالقىنداپ كەلگەن ۋە شىكارغا چىققان ، ئالاھىدە ھەشەمەتلىكتۇرمۇشكەچۈرگەن . لېكىن ئەمەلىي ھوقۇق تۇتمىغان  ) غەرب پادىچىلىرىنىڭ ناخشا تېكىستى  گە قارالسۇن  ( .چيەنلۇڭ يېزىپ بەرگەن  ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ سېلىنىشىغا بېغىشلانغان خاتىرە  دە :  بۇلارنىڭ بەگلىرىدىن خوجىس،خوجەك قاتارلىقلارغا گۇڭلۇق مەنسىپى ، تۇرار جاي ئىنئام قىلىندى، قالغانلاردىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلمىغانلار چاڭئەن قوۋۇقىنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، ئەمەلدار بولدى ۋە باشقا خىزمەتلەرنى قىلدى ، بىر ئورۇندا يىغىلىپ ئولتۇراقلاشتى . شۇڭا ، كىشىلەر بۇنى ئۇيغۇر مەھەللىسى دەيدۇ  دېيىلگەن . مەنچىڭ ۋاقتىدىكى جۇيىشىن يازغانبېيجىڭ كوچىلىرى تەزكىرىسى  دىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ، غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ  جەنۇبىي خالتا كوچىسى ، ( ئۇيغۇر مەھەللىسى ) دېيىلگەن  . بۇنىڭ ئورنى ھازىرقى تيەنئەنمىننىڭ غەربىدىكى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىدىكى دۇڭئەنفۇ دېگەن كوچىدا ئايدىڭ كېچىدە بۇرۇن ئىشتكەنلىرىم ھەققىدە ئېنىقلىمانىڭ 71-جىلدىدا ،  گۇاڭشۈنىڭشۈنتيەن مەھكىمىسى تەزكىرىسى نىڭ 7-جىلىدىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن  ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تىزىملىكى  دە :  چيەنلۇڭنىڭ 52-يىلى ، يارلىققا بىنائەن ئاق خوجىغا ئۇيغۇر سۇمۇنلىغى بېرىلىپ ، بەيئەت قىلغان ، ئۇيغۇرلار بىر سۇمۇن قىلىندى . ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىدا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلىندى .بۇ يەرگە سېلىنغان جەمئىي ئۆي 147 ئېغىزلىق  ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئىشبېجىرىش ئۆيى تەسىس قىلىندى ، بۇنىڭ ئىشلىرىنى ئىچكى ئىشلارمەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى باشقۇرىدۇ  دېيىلگەن . 147 ئېغىزلىق ئۆي ، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 12-ئايدا فۇخېڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا ئېيتىلغان ھۈسىيىن قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرمەكچى بولغان ئۆيگە قارىتىلغان . كې يىن ھۈسىيىن قاتارلىق بەگلەرگە مەنسەپ ، ئايرىم ئۆي-جاي بېرىلىپ ، بۇ ئۆيلەر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنىڭ ئولتۇرۇشىغا بېرىلگەن . ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن سەنئەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭغا داۋاملىق كۆچۈرۈلۈپ كۆپىيىشى بىلەن يەنە ئۆي سېلىشقا مەجبۇر بولغان . چيەنلۇڭنىڭ27-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ( 1763-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى )  شەرقىي ۋە غەربىي چاڭئەن دەرۋازىسىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان كۈمۈش توغرىسىدا سەن ، يىڭ ( ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىرلىرى سەنخې ، يىڭلەن) لەرنىڭ مەلۇماتى  دېگەن تېمىدا يېزىلغان بىر پارچە مەلۇماتتا ، چاڭئەنمېننىڭ شەرق،غەربتىكى ئۈچ دەرۋازىسىنى ياساش قۇرۇلۇشىجەريانىدا ، يەنە  ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكى ، جۈملىدىن  ئۇيغۇرلارغا يېڭىدىن 152 ئېغىز ئۆي سېلىپ بېرىلگەنلىكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ 108 ئېغىز ئۆيى رېمونت قىلىنغانلىقى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشى ۋە ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن يېڭىدىن 50 ئېغىز ئۆي سېلىنغانلىقى تىلغا ېلىنغان . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۇيغۇر مەھەللىسى  دە ( ئىش بېجىرىش ئۆيى ، يەنى ئۇيغۇر سۇمۇن باشقارمىسى قوشۇلۇپ) جەمئىي 310 ئېغىز ئۆي بولغان بولىدۇ .ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرگىمۇ مەھكىمىدىن پۇل-ئاشلىق بېرىلگەن . گۇاڭشۈنىڭ15-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسى يۇقىرىغا يازغان ئىلتىماسلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بىر يىلدا بېرىلىدىغان كۈمۈش پۇل ، ئاشلىق جەھەتتە ، سەرپ قىلىنغان كۈمۈش پۇلنىڭ سانى مەلۇم قىلىندى ، ئەنگەئېلىنسا دېگەن بىر پارچە ئىلتىماس بولۇپ ، بۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان : … چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئايدىكى مەلۇماتىمىزغا بېرىلگەن تەستىق جاۋابتا : يەكەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 126 نەپەر ئىدى . كېيىن يەنە 203 نەپەر ئۇيغۇر كەلگەن ، ئىلگىرىكىنى قوشقاندا جەمئىي 300 دىن ئاشقان . بۇ يىل چيەنلۇڭنىڭ 34-يىلى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگىنىگە 10 يىلدىن ئاشقان ۋە تەدرىجىي كۆپەيگەن . ئەمدى نوپۇس  سانى بويىچە تۈرگە ئايرىپ ، چوڭلارغا بىر سەردىن كۈمۈش ، ئوتتۇرا ياشلىقلارغا 5 .7 مىسقالدىن ، كىچىكلەرگە بەش  مىسقالدىن كۈمۈش ھېسابىغا يېمەكلىك پۇلى بېرىلسۇن . ھەر ئايدا كۈمۈش ، ئاشلىق بېرىڭلار ، ئۆزلىرى تاماق قىلىپ يېسۇن ، توي قىلغانلارغا ھەربىرىگە 5000 ياماق ، ئۆلۈم-يېتىم ئۈچۈن ھەر جانغا 5000ياماق بېرىلسۇن ، دېيىلگەن . ھازىر بۇلارنىڭ سۇمۇنىنى ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسى باشقۇرىدىغان بولدى . سۇمۇن يېنىدا ياساۋۇل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا 59 كىشىلىك شىتات تەستىقلاپ بېرىلسە . دېيىلگەن . ( ياڭ نەيجې : ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە باۋيۈ راۋىقى ، ئۇيغۇر مەھەللىسى  ( .

بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى ، چيەنلۇڭ دەۋرىدە شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەر ، ئائىلە تەۋەلىرى قوشۇلۇپ جەمئىي 329 بولۇپ ، بۇلار بىر سۇمۇن قىلىنغان ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان . ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنات ئۈچۈن پۇل ، ئاشلىق بېرىلگەن .يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ئىلتىماسىدا يەنە : گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىپ بېرىلگەن پۇل ، ئاشلىق ، كۈمۈش ھېسابىدا 1393 سەر ئىككى مىسقال دېيىلگەن . چيەنلۇڭ ۋاقتىدىكى چوڭ-كىچىك جان ئۈچۈن بېرىلگەن ئوتتۇرىچەتەمىنات پۇلى5 .7 مىسقال بويىچە ھېسابلىغاندا ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ 1800 دىن ئاشقان . 120 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ نوپۇسى بەش ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن بولسا كېرەك .چيەنلۇڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە بېغىشلاپ يازغان نەزمە  نىڭ كىرىش سۆزىدە :ئۇيغۇرلار ئوردىغا تەۋە قىلىنىپ ، ھەرخىل سەنئەتچىلىرى مۇزىكا مەھكىمىسىنىڭ قارىمىقىدا بولغانىدى . يېڭى يىلدا سىرتتىن تازىمغا كىرگەنلەرنى پانۇسلار بىلەن كۈتۈۋېلىش ۋاقتىدا ، ئۇيغۇرلارنى دار ئويۇنى ئويناپ بېرىشكە بۇيرىغانىدىم ، ئۇلار مېھمانلار ئالدىدا دارغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىپ ، كۆرگۈچىلەرنى خۇشال قىلدى  دېگەن . (  مەنچىڭ خانى گاۋزۇڭنىڭ نەزمىنامىسى  ، 17-جىلد ) مەسىلەن ، خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايرىمى ، چاغان ھارپىسى ، يېڭى يىل بايرىمىدا ئوردىدا تەبرىك يىغىلىشى ئۆتكۈزگەندە ، ھەرەمدىكىئۇيغۇرسەنئەتچىلەرھەرەمئالدىدا سەنئەت ماھارىتىنى كۆرسەتكەن . جياچىڭ خان ۋاقتىدا يېزىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخىنىڭ داۋامى  40-جىلددا مۇنداق يېزىلغان :  تەيخې سارىيىدىكى زىياپەتتە ، خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشتە ۋە يېڭىيىل ، دۆلەت بايرىمىدا ، … ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ،ئۇيغۇر ۋە جىڭچۈەنلىك زاڭزۇلارنى ئاچىقىپ تۈرلۈك ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ  ، ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ، موڭغۇل ۋاڭلىرى قاتارلىقلارغا بوخېدىيەن سارىيىدا زىياپەت بېرىلىدۇ … شۇ كۈنى مۇزىكانتلار ، ئۇسسۇلچىلار بىرلىشىپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ . چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ، ئۇيغۇر ، جىڭچۈەنلىك زاڭزۇ قاتارلىق ھەرخىل ئويۇنچىلار جەم بولۇپ ، خاننىڭ چىقىشىنى كۈتىدۇ . مەنچىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرسەنئەتچىلىرى  ئۇيغۇر مۇزىكا-ئۇسسۇلى ۋە  دار ئويۇنى بىلەن داڭق چىقارغان .  چىڭ سۇلالىسى تارىخى . مۇزىكا تەپسىراتى  دا :پادىشاھ گاۋزۇڭ ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىغا ئېرىشكەن . زىياپەتلەردە چېلىنىدىغان مۇزىكا ئۇيغۇر مۇزىكىسى  دېيىلگەن . مەنچىڭ دەرىدە ئوردىدا تۆت خىل مۇزىكا-ئۇسسۇل  بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى  ئۇيغۇرمۇزىكا-ئۇسسۇلى  ئىدى .  چىڭ سۇلالىسى تارىخى . مۇزىكا تەپسىراتى  دا مۇنداق يېزىلغان :  ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ سازچىلىرى سەككىز كىشى بولۇپ ، بۇلار تېشى كىمخاپتىن ، ئەستىرى شايىدىن تىكىلگەن ، يېڭىگە ھەر خىل رەڭلىك يىپەك تۇتۇلغان كىيىم،تېشىكىمخاپتىن،ئەستىرى تاۋاردىن تىكىلگەن دوپپا ، قارا تاۋاراتىكىلگەن ئۆتۈك كىيىدۇ ، مۈرىسىگە يېشىل شايا ئورايدۇ؛ ئۇسسۇلچى ئىككى كىشى ، ئۇسسۇلچى يانداشلىرى ئىككى كىشى بولۇپ ، ھەرخىل يىپەكتە يەڭ ئۇلانغان كىيىم ، رەڭگارەڭ تاۋاردا تىكىلگەن دوپپا كىيىدۇ؛ ئۇيغۇر شاكىچىكلىرى ئىككى بولۇپ ، شايىدىن ئەستەر قىلىپ ھەرخىل رەڭدىكى تاۋاردا تىكىلگەن كىيىم كيىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەييارلىنىپ قىزىل پەلەمپەي تۈۋىدە ئۆرە تۇرىدۇ ، چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ئويۇن كۆرسىتىپ بولغاندا ، بۇلار قىزىل پەلەمپەيگە چىقىپ مۇزىكىنى باشلايدۇ ، ئۇسسۇلچى چىقىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، يانداشلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوينايدۇ . ئۇسسۇل ئاياغلاشقاندا ، ئۇيغۇر موللاقچى شاكىچىكلىرى داۋاملىق ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ  چيەنلۇڭ خان يازغان :  يۈەنشاۋ چاغىنى پانۇسى ھەققىدە  سەككىز كۇبلېت نەزمە  نىڭ بىركۇبلېتىدا : سورۇن باشقۇرغۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر دارۋازلىرىنىڭ دارغا چىقىپ ، موللاق ئېتىپ ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ، چەتتىن كېلىپ قاتناشقانلار كېلىپ قوشۇلۇپ ھەممە بىرلىكتە شۇكېچىنى خۇشال ئۆتكۈزگەنلىكى؛ پايتەختنىڭ بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشىگە ھەرقانداق مەنزىرە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن . ئۇ شېئىرغا بەرگەن ئىزاھاتىدا :  ئۇيغۇر سېرىكچىلىرىنىڭ ماھارىتى مۇراسىم مەھكىمىسىدىكى مانجۇلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ  دەپ يازغان .تۈرلۈك تارىخى سەۋەبلەر بىلەن بېيجىڭگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ بىر قىسمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىڭخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ،شىنجاڭدىكى ئۆزيۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن،ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى موڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن ، بېيجىڭگە بېرىپ ، ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان . ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتى ۋە ھۈنەر-سەنئىتىنى بېيجىڭگە ئېلىپ بېرىپ ، باشقا مىللەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان .

پايدىلانمىلار :

1 .جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسى :  جۈنجىچۇ مەلۇماتلىرى  مىللەتلەر تۈرى ، 1200-جىلد .

2 . جۇڭغارلارنى تىنچلاندۇرۇش لايىھىسى . داۋامى 1-جىلد .

3. شاۋزىشىن :  < ئىپارخان > غا دائىر تارىخ ماتېرىيالىنىڭ يېڭىدىن تېپىلىشى  مەدەنىي يادىكارلىقلار  ژۇرنىلى ، 1971-يىل ، 2-سان .

4. ليۇزىشاۋ :  ئۇيغۇر تارىخى  مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1987-يىل ، خەنزۇچە نەشرى .

5. موللا مۇسا سايرامى :  تارىخى ھەمىدى ، 

مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1986-يىل نەشرى .

6. ھاجى ئەخمەت :  دېڭىز ئۈنچىلىرى  ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1989-يىلى نەشرى .

7.ئەنۋەر بايتۇر ، خەيرىنسا سىدىق :  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1991-يىل نەشرى .

8. فاڭ يىڭشى :  جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش دۆلەت سىياسەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2006-يىل خەنزۇچە نەشرى .

9. ئىمىنجان ئەخمىدى : ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1996-يىل نەشرى .

10 . جاڭ يۈشىن :  مەنچىڭ دەۋرىدە بېيجىڭدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى  ، 1985-يىل ، 1-سان .

 11. ‹‹قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى››  ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2006-يىل نەشرى .

12  . لىن گەن ، گاۋزىخۇ :  قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى  ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000-يىل نەشرى .

( ئاپتور : قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە )

مۇھەررىر : ئەنۋەر ئىبراھىم

‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.


ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

http://yuksel.blogbus.com

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2008-5-13 20:45:53

ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﺘﯘﻕ .ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯜﺯﻟﻪﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ ،ﺑﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ ،

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2008-7-27 10:52:03

رەھمەت ،،جاپا تارتىپسىز!

sirdax يوللانغان ۋاقتى 2008-8-1 18:28:39

رەھمەت سىزگە.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-8-1 18:43:17

خەتنى چوڭراق قىلغىلى بولماسما.......كۆزدىن كىتىدىكەن ئادەم...

pahtek يوللانغان ۋاقتى 2008-9-1 13:19:31

بەك ياخشى.......

DARTMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 13:40:56

سەل تۇرۇپ كۈرەي مەن ئىسل تارىخ نەزمىلىنى .........

بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ