مەھۇم ئىچكى سىغىمنى تەڭشەش ئارقىلىق Windows Vistaنىڭ سۈر
مەھۇم ئىچكى سىغىمنى تەڭشەش ئارقىلىق Vistaنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تىزلىتىشئىچكى سىىغىمنىڭ كومپيۇتېردىكى رولى ناھايتى چوڭ، كومپيۇتېردا ئىجرا بولىۋاتقان بارلىق پروگىراممىلار ئىچكى سىغىم ئارقىلىق ئىجرا بولىدۇ، ئەگەر ئىجرا بولدىغان پروگىراممىلار بەك چوڭ ھەم كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئىچكى سىغىم يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.بولۇپمۇ Windows vista نىڭ ئىچكى سىغىمغا بولغان تەلىپى Windows xp غا قارىغاندا يۇقۇرى، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن Windowsسېستىمىسى مەھۇم ئىچكى سىغىم تېخنىكىسىنى قوللانغان، vista نۇسخىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئىچكى سىغىم يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە قاتتىق دىسكىدىكى بىر قىسىم بوشلۇقنى ئىچكى سىغىم ئورنىدا ئىشلتىدۇ، گەرچە قاتتىق دىسكىنى ئىشلىتىپ ئىچكى سىغىمنى تولۇقلاش ئۇسۇلى ھەقىقىي ئىچكى سىغىم ئىشلەتكەنگە يەتمسىمۇ ، ئاخىرىدا خېلى ئۈنۈمى بار.
تۆۋەندە بىز Windows vista دا مەھۇم ئىچكى سىغىمنى تەڭشەش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
1) كومپيۇتېرىمنىڭ خاسلىقىنى ئاچىمىز.
2) ئۈستىدىن «يۇقۇرى دەرىجىلىك» نى چىكىمىز.
3) «يۇقۇرى دەرىجە» كۆزنىكىدىكى «ئىقتىدار» تۈردىن «بەلگىلەش» نى چىكىمىز.
4) چىققان كۆزنەكتىن ئوتتۇردىكى «يۇقۇرى دەرىجىلىك » نى تاللاپ «مەھۇم ئىچكى سىغىم» نى تېپىپ «ئۆزگەرتىش » نى باسىمىز. چىققان كۆزنەكتىن بوشلۇق كۆپرەك بولغان بىر رايوننى تاللاپ . سىز بۆلۈپ بەرمەكچى بولغان بوشلۇق سانىنى كىرگۈزۈپ «بەلگىلەش كونۇپكىسىنى بېسىپ جەزىملەشتۈرسىڭىزلا بولىدۇ.
http://juxkun.blogbus.com/files/12093083960.gif
ئەگەر تەڭشەشنى ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز . كۆزنەكنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى « سېستىما ئاپتوماتىك باشقۇرۇش» تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر بۇنىمۇ ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز بازاردىن چوڭراق ئىچكى سىغىم سېتىۋىلىپ كىلپ سەپلىۋىلىڭ.
ﺗﯧﺨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮬﻰ ﺑﻠﻮﮔﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ.
http://juxkun.blogbus.com
[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ juxkun ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ 2008-4-30 14:42:40 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]
ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ! ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ. ﺗﯩﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻗﯘﻟﯘﭘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﭼﯩﻼﺵ ﮬﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ،ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭘﻼ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ.ﺷﯘ ﻗﯘﻟﯘﭘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
بەت:
[1]