ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئى
ىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.
F2 : ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
F3 : مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.
F4 : بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
F5 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
F6 : تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.
F7 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F8 : كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)
F9 : بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.
F10 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار.
F11 : مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F12 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ : http://juxkun.blogbus.com
[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ juxkun ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ 2008-4-18 19:16:55 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]
ﺑﯩﻠﻮﮔﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﯩﻤﺎ؟
ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﯧﻼﻥ ﺑﯘﭘﺘﯘ ﺟﯘﻣﯘ !ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻳﯘﻟﺪﺍ ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ ،ﺋﯧﻼﻧﻠﯩﺮﯕﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ................. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ، ﺑﻠﻮﮔﻨﯩﯔ ﺋﯩﻼﻧﻰ ﺩﯨﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ !ﺑﺎﻟﻼ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺟﯘﻣﺎ ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻜﻪﻥ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ!! ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﻻﺯﯨﻤﺘﻰ. ﻣﺎﺋﯘﺱ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯘﻧﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ......
بەت:
[1]