ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-12 12:26:22

1000 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ

يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دىپلومات

يۈەن سۇلالىسى گەرچە مۇڭغۇل خەلقى تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان بۈيۈك ئېمپىرىيە بولسىمۇ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخي تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئوخشاشلا يۈەن سۇلالىسىنىڭ تارىخي تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلار مۇھىم روللارنى ئارتقۇرغان دېيشىكە تامامەن بولىدۇ. يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىر قەدەر روناق تاپقانبولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان سىياسىئۇنلار،ئەدىبلەر، تارىخشۇناسلار ھەرقايسى پەن تۈرى بويىچە ئالىم - ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىدۇ. بىز بۇ پارچە ماقالىمىزدا مۇشۇ دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان مەشھۇر ئۇيغۇر دىپلومات راببىن سائۇما(Rabbin Sauma) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئىككى مەشھۇر دىپلومات يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ئەلئۇقمىىش ( بۇددا مۇرتى ) يەنە بىرى راببىن سائۇمادۇر. ئەلئۇقمىش جۇڭگودىكى تۇنجى دېڭىزچى دىپلومات بولۇشى سۈپىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا ئەلچىلىككە بېرىپ، يۈەن سۇلالىسى بىلەن ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. راببىن سائۇما نىستۇرىئان دىنى مۇرتى ئىدى.
ئۇ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا قەدەر ئەلچى بولۇپ بارغان ئىدى. نۆۋىتى كەلگەندە ، نىستۇرىئان دىنى ھەققىدە ئازىراق توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. نىستۇرىئان دىنى خىرستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، ئەيسا پەيغەمبەرنى ھەم ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقانلىقلىرى ئۈچۈن رېم پادىشاھى تەرىپىدىن قوغلاندى قىلىنغان، مۇرتلىرى تۇتۇلغان ھامان ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇلار ئامالسىز شەرق تامان كۆچۈپ ماكانلاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا مەزكۇر دىن 600 - يىللاردا كىرگەن بولۇپ، تۇرپان، دەشت ئاتا ( دۈنخۇاڭ )، كەڭسۇ ( گەنجۇ ) قاتارلىق جايلاردا نىستۇرىئان مۇرتلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە چىققان. شۇ چاغدىكى ھۆكۈمدارلار ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىشىغا يول قويغان گاھىدا قوللىغان. يۈەن دەۋرىگە كېلىپ، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارغا بەيئەت قىلغاندا، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋرەپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بارچە دىنلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنى چەكلىمەيدۇ. بۇ خىل سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە نىستۇرىئان دىنىمۇ باشقا دىنلارغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. جۈملىدىن مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئارىسىدا مەزكۇر دىن تېز يامرايدۇ. بۇ دىن مۇرتلىرىنىڭ ئايىقى يەتمىگەن قەشقەر، يەركەنت، كۆسەن ، ئۈرۈمچى، ئالمالىق قالمايدۇ. مەنئىيى غەربتىن كەلگەن دىن بولغانلىقى سەۋەبلىك نىستۇرىئان دىن مۇرتلىرى غەرب بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىدۇ.بولۇپمۇ پارس ئېلىدىكى نىسۇرىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر كىچىك يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، نىستۇرىئان دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقلىشى مۇقەرەر ھالدا ئۇيغۇرلار نىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋېىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك بولغان غەربكە ئىنتىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، راببىن سائۇما بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھ دوستى ماركوسنىڭ خېيىم - خەتەردىن قورقماي، جاپا - مۇشاقەتتە چارچىماي ئىرۇسالىمغان بېرىپ، تاۋاپگاھنى تاۋاپ قىلىشى ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

ﺩﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﯨﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ :
http://yuksel.blogbus.com/logs/18822525.html

xjks يوللانغان ۋاقتى 2008-4-12 20:50:22

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻗﯩﻨﻰ؟

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-13 10:20:34

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.... ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﯩﻐﺎ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ، ﻗﯧﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﻻﻧﻐﺎﭺ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ ! ...
http://yuksel.blogbus.com

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-13 13:25:59

يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دىپلومات ( 2 )



مۇڭغۇل - يۈەن دەۋرىدە خىرستىيان دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولغان نىستۇرىئان دىنىنىڭ مۇڭغۇل يايلىقى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تېز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، مۇڭغۇل ھۆكۈمدارلىرى ياكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربتىكى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ. كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان ئىش شۇكى، قۇبلاي خان دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەلچى راببىن سائۇما( 1225-1294)ۋە ماركوسلار يېقىن شەرىق ۋە ياۋۇرۇپاغىچە ئەلچىلىككە بېرىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭئېلىكخانلار ۋە ياۋرۇپادىكى ئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ.
راببىن سائۇمانىڭ ياۋرۇپاغا بېرىشى ئۇيغۇرلار ئىچىدىنلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو بويىچە ئەڭ بالدۇر ياۋرۇپاغا بارغان كىشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى خەنزۇچە مەنقىباتلاردا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە تۈزۈك ئۇچۇرخاتىرلەنمىگەن. سۈرىيە تىلىدا يېزىلغان << باش ۋالىي ئىرھىم ئۈچىنچى ۋە راببىن سائۇما تەزكىرىسى >> ۋە ۋاتىكان دىنىي ئىشلار مەھكىمىسى ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللاردا بۇ ئۇيغۇر ئەلچى راببىن سائۇما ھەققىدە بىر قەدەر مۇپەسسەل بايانلار خاتىرە قالدۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئاۋالىقى تەزكىرىدە ئۇنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە تۆۋەندىكى قۇرلار بايان قىلىنغان:
راببىن سۆزى سۈرىيىچە بولۇپ، ئۇستاز دېمەكلىكتۇر. سائۇما مەزكۇرنىڭ ئۆز ئىسمىدۇر. ئۇ تەخمىنەن 1225 - يىللىرى خانبالىق ( ھازىرقى بېيجىڭ ، ئەينى ۋاقىتتىكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى ) تا بىر نىستۇرئان مۇرتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى نازارەتچى بەگ بولۇپ ، خانبالىقتىكى نىستۇرىئان دىنىي جەمئىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. سائۇمانىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەشھۇر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، كىچىكىدىن ياخشى تەربىيە قىلغان. كېيىنكى زامانلاردا ئۇ دىنىي جەھەتتىن كاتتا ئۆلۈما بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
1275 - يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە، سائۇما ئىرۇسالمىغان بېرىپ تاۋاپگاھنى تاۋاپ قىلىش قارارىغا كەلگەن.ھەمراھى ماركوس بىلەن بىرگە قۇبلاينىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، خانبالىقتىن يولغا چىقىپ ئاۋۋال ماركوسنىڭ يورتى كۇشاڭ ( ھازىرقى شەنشى تەۋەسىدە )، خوتەن، قەشقەر، تالاس قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ئىلكخانلارنىڭ ئاستانىسى تېبرىزغا بارغان ھەمدە نىستۇرىئان دىنىنىڭ باش پوپى Mar Dinha بىلەن كۆرۈشكەن. باش پوپ بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئۇيغۇر ، مۇڭغۇل تىللىرىغا راۋان ئىكەنلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ماركوسنى جۇڭگو ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باش پوپى قىلىپ تەينىلگەن، راببىن سائۇمانى بولسا باش نازارەتچى بەگە قىلىپ تەيىن قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارقىغا قايتىپ ئۆز دىيارلىرىغا كېلىپ دىن تارقاتماقچى بولغان. يېرىم يولغا كەلگەندە باش پوپ Mar Dinha نىڭ قازا تاپقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئارقىغا قايتىشقان، كېيىنكى باش پوپنى بەلگىلەشتە ماركوس ھەممىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشى بىلەن باش پوپ بولۇپ Mar Jabalaha III دەپ ئاتالغان.
1287 - يىلى ئىلىكخانلارنىڭ 4- ئەۋلاد پادىشاھى ياۋرۇپادىكى خىرستىيان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ۋە شۇخىل مۇددىئا بىلەن سائۇما باشچىلىقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى رۇم ئېمپىرىيىسى ، فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئىۋەرتىدۇ. سائۇما ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ شۇ يىلى 3- ئايدا باغدادتىن يولغا چىقىدۇ. قارا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىكى كونىستانپول ( ھازىرىقى ئىستانبول ) غا كېلىدۇ ۋە ۋىزانتىيە ئېمىپىرىيىسنىڭ ئىمپراتورىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇدېڭىز يولى ئارقىلىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى ئايدا ئىتالىيەنىڭ نابىلۇس شەھرىگە كېلىدۇ. نابلوستىن رۇم شەھرىگە كېلىپ روم پاپىسىى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ . ئەمما روم پاپىسى تېخى يېقىندىلا قازا قىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ داۋاملىق غەربكە قاراپ سەپەر قىلىپ 9 - ئايدا پارىژ شەھرىگە يېتىپ كېلىدۇ. پارىژدا فىرانسىيە پادىشاھىنىڭ داغادۇغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . ئۇ ئىلىكخانلار پادىشاھىنىڭ تاپشۇرغان خېتىنى فىرانسىىيە پادىشاھىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ پارىژدا 1 ئاي تۇرغاندىن كېيىن ، پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بوردو شەھرىدە ئەنگىلىيە پادىشاھى ئىدۋارد برىنچى ( Edward I ) بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئەنگىلىيە پادىشاھى سائۇمانى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇنى مول تارتۇقلايدۇ. شۇندىن كېيىن، ئۇ ئارقىغا قايتىپ، رۇمغا كېلىدۇ ۋە يېڭى تەيىنلەنگەن پاپىغا ئىلىكخاننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. روم پاپىسى ناھايىتى زور مىقداردىكى سوۋغا سالاملار بىلەن يولغا سېلىش بىلەن برىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلكىخان ۋە قۇبلايخانغا قارىتىپ مەكتۇپ يازىدۇ. مەكتۇبىدا سائۇمانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇنى قايتا- قايتا تەرىپلەيدۇ.
سائۇمانىڭ بۇ قېتىمقى غەربىكە قىلغان دىپلۇماتىيە سەپىرىنىڭ نەتىجىسى ئىرۇسالىمنى ئېلىش بىلەن تۈگەللەنمىسىمۇ ( ئىلىكخان، روم،فىرانىسيە ، ئەنگىلىيەقاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ ئىرۇسالىمنى ئېلىش مۇددىئاسى ئاخىرىقى ھېسابتا ئىشقا ئاشمايدۇ )، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تارىخي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. غەرب بىلەن شەرقنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدە ئۇنى باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھەتتاكى جۇڭگولۇقلار ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ ياۋرۇپا بېرىشى ئۇنىڭ زىيارىتىنى يەنە بىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان دېيشىكە بولىدۇ.
تارىخي مەنقىباتلارغا قارىغاندا، سائۇمانىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ئەمما، ئۇنىڭ ھەمراھى ماركوسنىڭ مىللىي كىملىكىدە تالاش - تارتىش بار. بەزىلەر ئۇنى مۇڭغۇل دېسە ، بەزىلەر تۈرك دېيشىدۇ. 周清澍 ئەپەندىنىڭ سىستېمىلىق تەتقىقاتىدىن كۆرە، ماركوس ئۇنگۇت ( Öngüt / Öng ) لەردىن بولۇپ، بۇلار مۇڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلار جەنۇبقا كۆچكەندە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرۈكۈمى بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ماركوسنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇ.
سائۇما ۋە ماركوسنىڭ غەربكە قىلغان ئۇتۇقلۇق زىيارەتلىرى كېيىنكىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. سائۇما 1294- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ، ماركوس 1317- يىلى 11-ئاينىڭ 13- كۈنى سۈرىيىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋاپات بولىدۇ. پايتەختتىكى نسىتۇرىئان دىنى مۇرتلىرى ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىشىپ، 1320 - 1330 يىللار ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ نامىغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ ، 1365 - يىلى ئابىدە تۇرغۇزىدۇ.

ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ !
http://yuksel.blogbus.com


ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ ManYuksel ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-4-13 15:27:07 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

signal يوللانغان ۋاقتى 2008-4-14 19:57:22

ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﻗﯧﺪﯨﺮﺳﺎﯕﻼﺭ ﺑﻪﻧﻪ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﯖﻼﺭ. ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ \"ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ\"ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﯧﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ. ﺋﺎﺗﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻤﯘ.ﺑﺎﻻﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﻧﺎﻧﻘﯧﭙﻰ ﻻﻣﺰﻩﻟﻠﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩﮬﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﺎﻻﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺗﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﺸﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﯘﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﯩﮕﻪ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﻣﻪﯨﻤﯘﺩ ﻗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ،ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ،ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﺪﻯ.ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﻭﮬﻰ ﻗﻮﺭﯗﻧﻐﯩﭽﻪ،

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ signal ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-4-14 21:58:16 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-14 20:13:09

ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﺘﻰ ! ...

signal يوللانغان ۋاقتى 2008-4-14 20:16:05

ﺗﻪﮬﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺴﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﻪﺧﺌﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﭖ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ.

signal يوللانغان ۋاقتى 2008-4-14 20:18:12

ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-4-15 00:17:12

ﯞﻭﻱ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-4-16 21:00:33

ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﻧﻪﺧﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2008-4-30 11:19:06

ﻣﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺳﺎﭘﻼ ﭼﺎﺧﭽﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﺰﯨﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﯘﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻛﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﮕﻨﺎﻟﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺋﻮﻳﻠﻨﯩﭗ ﺑﯩﻘﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻜﻰ ﻛﺎﻟﺘﺎ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﺴﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻐﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﯩﺮﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺶ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﻴﻪﺕ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ( ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﮬﯩﭽﻜﻤﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯧﺴﻠﯟﺍﻟﺪﻯ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﺴﻠﯩﯟﯨﻠﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ )ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻪﻟﻼ ﺋﻮﻳﻠﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺧﺸﺎﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻐﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺯﻭﻗﻠﻨﯩﺶ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﺎﺭ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﻥ ﻏﯘﺟﺎﻣﻼﺭ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﻥ ﻏﯘﺟﺎﻣﻼﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﭘﻪﺧﯩﺮﯨﻠﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺰ ﻧﯩﻤﺸﻘﺎ ﺧﺎﻥ ﻏﯘﺟﺎﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎ ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﭼﯩﻘﺶ ﻧﻮﻗﺘﺴﻨﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﺴﺎﻕ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﻝ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺳﯩﻠﺸﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﯖﻨﻨﻰ ﺳﻠﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﻝ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺴﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺯﯨﻴﻨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺱ ﻣﻪﻣﻠﻜﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﺴﺮﺩﻩﻙ ﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﻘﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﻐﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﺴﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻨﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻠﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻤﻪ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﯕﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺧﻪﻗﻘﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯘﺭﺳﻪﯓ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻣﯘﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﻟﻤﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﺴﻪﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻜﻜﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﭘﺎﺟﺌﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ . ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ . ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﻰ . ﺷﺎﺋﯩﺮ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﻨﯩﻤﯩﺰ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻤﯩﺰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ . ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﺮﯨﻤﯩﺰ . ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ . ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ، ﺯﻩﺭﺩﺍﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﻧﺎﻡ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﮬﺎﻟﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﺴﻨﻰ ﺳﯩﻠﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﯘﺭﯨﻤﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯨﺴﻪﻛﻼ ﺑﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻮﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯩﭙﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﯩﯔ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﻤﮕﻪﻥ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؟ ﺑﯩﺰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﮔﻪ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ . ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ . ﺋﻮﻳﻠﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﮬﯩﭻﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ ﻳﻮﻕ . ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ . ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯩﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﻗﯩﻤﻤﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺶ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺸﻐﺎ ﻛﯩﻴﻪﻟﯩﺪﻯ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻤﯩﺰ . ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ . ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍﭼﻰ . ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ . ﺋﻪﯓ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﯩﭽﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ . ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﮕﯘﺯﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﮔﯜﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ . ﮬﯩﻴﯩﺖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﺑﯩﺮﺳﻨﻰ ﺳﯘﭘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﺒﺮﺍﻥ ﺧﻠﯩﻞ ﺟﯩﺒﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﻠﻨﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺗﯘﻏﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﺴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ . ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﺮﯨﺴﮕﻪ ﭼﯩﻘﺸﻨﻰ ﺋﯚﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭘﻪﺭﯨﻖ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﺯﻭﻗﻼﻧﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﻛﯘﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺳﯘﻧﯘﻕ ﻛﯘﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﭖ ﻛﻪﻳﭙﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﻤﯩﺰ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﻗﯜﺳﯜﭖ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯘﻳﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺭﻭﮬﻰ .
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺭﻣﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﯞﺍﺧﺘﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﯕﻼﺭ .      

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ ozhal ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-4-30 13:24:20 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

DARTMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 13:47:00

سەل تۇرۇپ كۈرەي مەن كەتتى
بەت: [1]
: 1000 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ