ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-5 00:17:34

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ( 甘州回鹘 ) ئىلگىرى خېشى ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، تاكى داڭشىياڭلار تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200 يىلغا يېقىن دەۋران سۈرگەن ئىدى. گۈللەنگەن دەۋرلىرىدە گەن، لياڭ، شا، سۇ، چىن قاتارلىق شەرىقتە خېلەن تاغ ئېتەكلىرىدىن ( ھازىرىقى نىڭشىيانىڭ غەربىدىكى ئىچىكى مۇڭغۇل بىلەن چىگىرلىنىدىغان جايىغا جايلاشقان تاغ ) غەرىپتە قومۇلغىچە سوزۇلغان دائىرىدە ھۆكۈم سۈرۈشكەن ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى؟

يايلاق ئەركىسى ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەنزۇ تارىخي پۈتۈكلىرىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پۈتۈلگەن، ئۇيغۇرلار ( 回鹘  ) ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي مىللەت ، ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل مۇڭغۇل يايلىقىدا ياشىغان  بولۇپ ، دىڭلىڭلارنىڭ بىر تارمىقىدۇر. دىڭلىڭلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 - ئەسىرلەردە ئىلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان يايلاق خەلقى بولۇپ، شەرقىي ۋە غەربىي دىڭلىڭلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن ھالەتتە، شەرقىي تارمىقى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا، غەربىي تارمىقى بالقاش كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى زېمىندا ياشىغان. ھۇنلار  غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، دىڭلىڭلارمۇ بارا  - بارا جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن.

ئۇيغۇرلار دىڭلىڭلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىلگىرى ۋە كېيىن بولۇپ، مۇڭغۇل يايلىقى ۋە خانتەڭرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى پايانسىز زىمىندا ياشىغان. مىلادى ئالتىنچى ئەسىردە ئالتاي تاغ ئېتەكلىرىدە ياشىغۇچى تۈركلەر قەد كۆتۈرۈپ، تۈرك قاغانلىقىنى قۇرغان. تۈرۈك قاغاناتلىقى ئەڭ دەۋران سۈرگەن مەزگىللەردە زىمىنى ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىن ( southeastern part of Liaoning province ) غەربتە قارا دېڭىزغىچە تۈمەن يوللۇق، جەنۇبتا مۇڭغۇل چۆللىكىنىڭ شىمالىدا شىمالىي دېڭىزغىچە كېڭەيگەن ئىدى. بۇلار كۈچلۈك بولغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇۋۋىتى ئۈستۈن بولغان ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ شۇنچىلىك زورايغان ئىدى.

http://www.epicbook.com/picture/history/asia7.gif


سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە تۈرۈك قاغاناتلىقى ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تاڭ دەۋرىدە تاڭتەيزۇڭ لى جىڭ سانغۇننى 10 تۈمەن لەشكەر بىلەن 6 تارامغا بۆلىنىپ تۈركلەرگە ھوجۇم قىلىشقا ئېۋەرتىدۇ . بۇ قېتىملىق يۈرۈشتە شەرقىي تۈركلەرنىڭ خانىنى تىرىك تۇتىۋالىدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ، تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇب قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا تاڭ سۇلالىسى بىلەن تېبەتلەر ئوتتۇرىدا چوڭ ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقى پۇرسىتىدە تۈركلەر ئۆز ماكانلىرىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قاغانلىق قۇرىدۇ، بۇلار كېيىنكى تۈرك قاغانلىقى دېيىلىدۇ. كېيىنكى تۈرك قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك جەڭگۇ جېدەل بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىنچە، ئىچكى نېزا  ۋە تاڭنىڭ ئارام بەرمەي ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە پارچىلىنىپ، تاڭ سۇلالىسىگە قارام بولۇپ قالىدۇ.
تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۈركلەر ئارسىدا ئۇرۇش قاينىغان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ئاستا - ئاستا باش كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى يادرو قىلغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار توققۇز قەبىلىدىن تەركىبلەنگەچ تارىختا توققۇز ئوغۇزلار دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ قاغانى ياغلاقار ئۇرۇقىدىندۇر.
ئۇيغۇرلار قەد كۆتۈرۈش داۋامىدا تاڭ بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېغىلىقتىن ۋە نازۇك مۇناسىۋەتتىن تولۇق پايدىلانغان. ئۇلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان، كېيىن چاۋشىيەنگە جازا يۈرۈشى قىلغان، سىرتاردۇشلارنى يوقاتقان. تاڭ شۈەنزوڭ تيەنباۋنىڭ 3 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى كۆلبويلا قاغانغا شەپقەتلىك قاغان ( 怀仁可汗 ) دېگەن نامنى ھەدىيە قىلغان كېيىن، كۆلبېلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قاغانىنى ئۆلتۈرۈپ، شەرىقتە ھېنگان تاغ ئېتەكلىرىدىن غەرىبتە ئالتاي تاغ ئېتەكلىرىگىچە سوزۇلغان كەڭرى زىمىندا  ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرىدۇ. ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى باشتىن ئاخىرى دوستانە مۇناسىۋەتتە ئىناق ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر قاغانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ، ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭىنى بېسىقتىۇرۇپ ، ئىككى ئاستەنە يەنى چاڭئەن بىلەن لوياڭنى توپلاڭچىلارنىڭ قولدىن تارتىپ ئېلىپ تاڭ سۇلالىسىغا تاپشۇرىدۇ. ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋتى ياخشى بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلار پات - پات تاڭ زىمىنىغا كىرىپ بۇلاپ - تالاپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ئىككى ئاستانىنى توپلاڭچىلاردىن قايتۇرۋېلىش جەريانىدا ئىككى ئاستانىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلاپ - تالايدۇ. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئوردا غەزىنىسىگە كىرىپ پۇل - ماللارنى بۇلايدۇ، بۇتخانىلانى كۆيدۈرىدۇ، بۇ ئارىدا نەچچە تۈمەن ئادەم جېنىدىن جۇدا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ.

http://a3.att.hoodong.com/78/60/01300000011802118466012755078.jpg


ﻛﯧﻴﻨﻜﻰ ﺑﯚﻟﻪﻙ  ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﯨﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻏﻪﺭﯨﺒﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺵ
ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ، ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﻟﺒﯩﺴﻰ
ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

ﮔﻪ ﭘﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ !  

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ ManYuksel ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ  2008-4-5 11:49:26 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

yurkuntay يوللانغان ۋاقتى 2008-4-5 09:05:44

بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى؟

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2008-4-5 09:22:48

ﻳﯘﮔﯘﺯﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ، ﮔﻪﻧﺴﯘﺩﺍ ﺑﺎﺭ ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ .

*algha* يوللانغان ۋاقتى 2008-4-5 09:24:37

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﻛﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﻣﻪﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﻪﮔﻪ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ!

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 12:05:45

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟ ( 2 )

دۆلەت مۇنقەرىز بولسا، ئەل سەرسان بولۇر

8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، زامان قوياشىنىڭ يۈزى تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ئۇزاق مەزگىللىك تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغان تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى قىسىمدىكى نىزا - تەپرىقچىلىق ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە خورىتىۋېتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كېلىۋاتقان قىرغىزلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 10 تۈمەن ئەسكەر بىلەن لەشكىرىي يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنىڭ يۈرىكى بولغان ئاستانىگە ئۇدۇل ھۇجۇم قىلىدۇ. 840 - يىلى ئۇلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانىنى ئۆلتۈرۈپ، قاغان ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆككە سورۇۋىتىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ساپ ساق 100 يىل دەۋران سۈرگەن ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى مۇنقەرىز بولىدۇ. قاغاناتلىقتىكى خەلق تېرى پىرەن بۇلۇشۇپ سەرسان - ساياق بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ئورقۇن - سېلىنگا ۋادىلىرىنى تاشلاپ ئۈچ تارامغا بۆلىنىپ غەرىپكە كۆچىدۇ. بەزى بايانلاردا تۆت تارام بويىچە كۆچكەنلىكى قەيىت قىلىنىدۇ. يەنى بىر تارىمى ( ئاز ساندىكىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، تارىخي ماتېرىياللاردا كۆپ تىلغا ئېلىنمغان بولۇشى ئېھتىمال. ) ئۇدۇل جەنۇبقا كۆچۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ، خەنزۇ خەلقى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن. غەرىبكە كۆچكەن ئۈچ تارامنىڭ بىرى ئۇدۇل خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇغا  كېلىپ ماكانلىشىپ ، كۆپ ئۆتمەيلا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ. ئىككىنچى تارامى ئۇدۇل تۇرپان - ئىدىقۇتقا كېلىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ. ئۈچىنچى تارامى بولسا داۋاملىق غەرىپكە مېڭىپ، ھازىرىقى قىرغىزىستاننىڭ سوياپ دەريا بويىغا كېلىپ، قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر نۇقتا ، دىققەت قىلىشمىزغا ئەرزىيدۇكى، قاغانلىق مۇنقەرىز بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان 4 تارامغا بۆلىنىپ سەرسان - ساياق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر قەۋمنىڭ قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئىچىدە ، ئوخىشمىغان ئۈچ جايدا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىيەلىشى ئۇشبۇ جايلاردا قانداقتۇر باشقا قەۋملەرنىڭ ، ياتلارنىڭ ياشىغانلىقىغا ئەمەس بەلكى بۇ جايلاردىمۇ ئۆز قەۋىمنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ، يەرلىك ئورۇندىكى ئۇيغۇر قەۋمى مەركىزىي ئاستانىدىن كۆچۈپ كەلگەن قاغان ئۇرقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران بولۇشىنى تېزلا قوبۇل قىلىشقان ياكى تۇشمۇ - تۇشتىن قوللاشقان دېيشىكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ جايلاردا ياشىغان خەلق باشقا يات تائىپىلەردىن بولغان بولسا ئىدى. قىسقىغىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت سۈرگىدەك ھاكىمىيەت تىكلەش ئەقىلگە سىغمايدۇ. تارىختا ھەم بۇنداق مېسال كۆزگە ھېچ چېلىقمايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر كىچىك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەسلى مۇڭغۇل يايلىقىدا ياشىغان ، 840 - يىلىدىن كېيىن غەرىپكە كۆچۈپ كېلىپ ئاندىن شىنجاڭدا ماكانلىشىپ، شىنجاڭدىكى ئاساسىي مىللەت بولۇپ قالغان دەپ قارىشى تارىخي ماتېرىيالىزىمغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىلمىيلىككە يات قاراشتۇر.
پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە ئۇيغۇر گەنجۇغا كېلىپ ماكانلىشىپ، 842 - يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ. ئۇلار بارا - بارا كۈچلىنىپ راۋاجلىنىدۇ. ئەتراپتىكى تېبەت قاتارلىق باشقا مىللەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتىدۇ. تارىخي ماتېرىياللاردا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ ئاۋۇغان دەۋرىدە نوپۇسىنىڭ 300 مىڭغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئۇلار  خېشى كارىدورىنىڭ مەركىزىي رايونى بولغان 山丹 دا چوڭ شەھەر بەرپا قىلىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ چوڭلىقى 25 كىۋادىرات كلومېتىر بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىر، قاراۋۇل مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر ، كۆزىتىش مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 14 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ شەھەر پۈتۈنلەي ئورقۇن دەريا ئېتىكىدىكى كونا ئاستانىگە تەقلىد قىلىپ ياسىلىدۇ.

داۋامى بار....

كېيىنكى بۆلەك __ يىلتىز بىر ، ئات باشقا


ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﺘﻰ . ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ!

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 13:18:28

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯚﭼﯚﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻜﻪﻧﻐﯘ ﺑﯘ؟

ghalip1 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 17:03:43

ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ،5-ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ،ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ!

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 22:50:31

ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﻦ ﻗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ، ﭘﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﻦ ﻗﯘﭼﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﻰ ؟ ﺋﯘﻛﻨﯩﺮ ﺗﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .

ihad يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 22:57:35

ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﺘﺎ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻴﺎ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺟﻮﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯩﺮﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﯘﭼﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻠﯩﺪﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
http://bbs.news.163.com/bbs/localxj/47251629.html

ﺳﯜﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ


ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ


ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ


ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ


ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯘﻻﻟﻪ-ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﻛﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ...

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-7 00:41:34

ﺋﻮﺭﺧﻮﻥ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ .

Sword00 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-7 14:42:58

ﮬﻪﺟﻪﺏ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ!

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-4-8 20:25:48

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ( 3 )

يىلتىز بىر ، ئات باشقا

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ( خېشى ئۇيغۇرلىرى ، 甘州回鹘) خانلىق قۇرۇپ  دەۋران سۈرگەن 180 يىل داۋامىدا ، ئىزچىل ھالدا تاڭ سۇلالىسى ، سۇڭ سۇلالىسى دېگەندەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن ئىناق - دوستانە ئۆتىدۇ. گەنجۇ ئۇيغۇر خانى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىرىنى ئاغىمىز دەپ بىلىدۇ. داۋاملىق تۈردە ئۇلپان تاپشۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۇلپانلار يىلدا ئىككى - ئۈچۈن قېتىم ئېۋەرتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلپانلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يىپەكلىرىنى ئېلىشىدۇ.  گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى يېپەك يولىنىڭ يادرلۇق تۈگىنى بولغان خېشى كارىدۇرىدا بولغاچ بۇلارنىڭ زىمىنىدا بازارلار ئاۋاتلىشىپ، شەھەرلەر روناق تاپىدۇ. ھەتتا، شۇ چاغدا چەتتىن كەلگەن سەيياھلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى قۇرغان شەندەن شەھرىنى كۆرۈپ خاتا ھالدا جۇڭگونىڭ پايتەختىگە كەلدۇق دەپمۇ قېلىشقان.
بۇ ئارىدا، تاڭ يۈەندى تيەن يوۋنىڭ ئىككىنچى يىلى ( 905 - يىلى )  شى خەن جىڭشەنگو ( غەربىي خەن ئالتۇنتاغ خانلىقى ، 西汉金山国 ) نى قۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆزى خان ئاتىۋالغان 张承奉 غا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. مەغلۇبچىلارنىڭ بېىشى گەنجۇ ئۇيغۇر خاننى تۇتۇق ئاتا دەيدىغان بولىدۇ.
سۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە، جۇڭگو تارىخ سەھنىسىگە داڭ شىياڭ ( تاڭغۇت ) دەيدىغان بىر مىللەت كىرىپ كېلىدۇ. گەنسۇ ، نىڭشىيا، شەنشىدىن ئىبارە ئۈچ ئۆلكىنىڭ چىگىرلىنىدىغان جايىدا ياشايدىغان بۇ  مىللەت سۇڭ دەۋرىگە كىرگەندە تەدرىجىي قەد كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. خېشى كارىدورىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇنىڭ ستراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ كارىدورنى تېزگىنلەپ تۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش  تارىختىن بېرى ئەتراپتىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ مۇھىم ئارزۇسى بولۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، ئەمدىلا قەد كۆتۈرگەن تاڭغۇتلار ھە دېگەندە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تېزگىنىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا ئورىنىدۇ. ئارىدا بىر قانچە قېتىم چوڭ ئۇرۇشلار بولىدۇ. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى تېبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ
تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ بىر قانچە قېتىم غەلبە قىلىدۇ. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىدا ئىككى قېتىملىق زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دەل مۇشۇ زەپەر قۇچقان مەزگىللەردە ئۇزاقتىن خېشى كارىدورىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈنگە نەزەر تاشلاپ يۈرگەن قىتانلار  ( 辽国 )  ئىككى قېتىم لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.  1026 - يىلى تاڭغۇتلار بىلەن قىتانلار بىرلىشىپ گەنجۇغا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. 3 كۈن ئۇرۇشۇپ يېڭەلمەي قايتىپ كېتىشىدۇ.  1028 - يىلى قىتانلار زور قوشۇن بىلەن گەنجۇنى 4 ئايغىچە مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇپ ئۇرۇشىدۇ. ئەمما يەنىلا يېڭەلمەي قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلەن تاڭغۇتلار ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇش ۋە مۇھاسىرە جەريانىدا كۆپ زەخىم يېگەن، ئەسكىرى ۋە باشقا جەھەتتە خوراپ كەتكەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماكانلاشقان جايىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۆزىگە دۈشمەن بولغان شور پىشانە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى يەنە بىر قېتىملىق خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار بولۇپ، بىر قىسىمى غەرىبتىكى قېرىنداشلىرىغا بار جايلارغا ، بىر قىسىملىرى سۇڭ رايونىغا كۆچۈپ كېتىدۇ، بىر قىسىملىرى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنىدۇ. بىر بۆلۈكى غەربىي جەنۇبقا كۆچۈپ دەشت ئاتا ( 沙州 ، 敦煌 ) ۋە گۇاجۇ ( 瓜州، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر ناھىيە ) قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىدۇ. بۇلارنىڭ بۇ جايدىكى ئاساسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن تاڭغۇتلار بۇ جايلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى دائىمىي قىلىپ تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ماقالىمىزنىڭ ئەڭ ھالىقىلىق جايىغا كەلدۇقكى، مانا مۇشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار  مۇشۇ ۋاقىتتا باشقا تائىپىلەر تەرىپىدىن << سېرىق باش ئۇيغۇرلار  ( 黄头回鹘 )>>  دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنداقتا بۇلار نېمە ئۈچۈن سېرىق باش ئۇيغۇرلار دېيىلىدۇ؟ بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇلارنىڭ چاچلىرى سېرىق  ( ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرىنىڭ چاچلىرى قارا بولغانلىقى ئۈچۈن ، قوڭۇر چاچلار گەۋدىلىنىپ سېرىق دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن ) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىلگەن دېسە ، بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئۇيغۇرلار سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرەتتى شۇڭا بۇلار سېرىق باش ئۇيغۇرلار دېيىلگەن ، دېيىشىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، سېرىق باش ئۇيغۇر ئاتالمىسى مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇلار << 萨里畏吾  >> دېيىلسە، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە << 撒里畏兀儿  >>  دېيىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان 萨里 ، 撒里 لار ئۇيغۇر تىلىدىكى << سارىغ ( ئەينى چاغدا شۇنداق ديىلەتتى ھازىر سېرىق دېيىلىدۇ ) >> سۆزىدىن ئىبارەت. 畏吾 بىلەن 畏兀儿 دېگەن سۆز ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.  دېمەككى، مانا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇمران بولغان مەزگىلىدىن باشلاپ بۇ بىر بۈلەك ئۇيغۇرلار باشقا ئۇيغۇر قېرىندشلىرىدىن سارىغ ئۇيغۇر دېگەن يېڭىچە نام بىلەن ئايرىپ قارالغان.
مىڭ ، چىڭ سۇلالسى دەۋرىلىرىدە سارىغ ئۇيغۇرلار دىيارلىرىدا ئايماق - جاساقلار تەسسىس قىلىنىپ ، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. فىئوۋداللىق تۈزۈمنىڭ ئېزىشى ۋە باشقا بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ سارىغ ئۇيغۇر ئاتلىق قەۋىم كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىغا كەلگەندە بۇ قەۋىمدىن ئاران 3000 كىشى قالىدۇ. 1949 - يىلى قىزىل قۇياش شەرىقتىن چىقىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ، بارچە جۇڭخۇا ئېلى ئازادلىققا ئېرىشكەندە ، بۇ سارىغ ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. 1953 - يىلى تەكرار مۇھاكىمە ئارقىلىق << 尧呼尔 >> دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدىغان <<  裕固 >> دېگەن سۆز تاللىنىپ مەزكۇر قەۋمگە ئات قىلىپ قويۇلۇپ، جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلىدۇ.

ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ


ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ : http://yuksel.blogbus.com

ihad يوللانغان ۋاقتى 2008-4-11 11:02:16

ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺳﻮﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ، ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﻪ ﻗﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ، ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﻪ ﺗﺎﯕﻐﯘﺗﻼﺭ <ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻴﺎ > ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ، ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﮔﻪﻧﺠﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ



abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-4 21:20:31

55 مىللەت بولسا  مۇۋاپىق بولاركەندە؟
بەت: [1]
: گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟