hey-hey يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 10:22:55

ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻱ(ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ)

بېلىقچى بوۋاي (تەرجىمە ئەسەر)


بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ: مەن بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيۈمدە تۇرسام قولىدا چوڭ بېلىق كۆتۈرۈۋالغان بىر بوۋاي كىرىپ كەلدى-دە، قولىدىكى بېلىقنى ماڭا تەڭلىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە باھا تالاشمايلا بوۋايغا دېگىنىنى بەردىم. بوۋاي پۇلنى خوشاللىق بىلەن رەھمەت ئېيتىپ ئالدى ۋە: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بېلىقنى ئۆزۈم قويغان باھادا سېتىشىم بولىدۇ. سىز ماڭا ياخشىلىق قىلغىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغاي. شۇنداقلا سىزنى پۇل-مال بىلەن بەختلىك قىلغان ئاللاھ كۆڭلىڭىزنىمۇ خاتىرجەم قىلغاي، دېدى. مەن بوۋاينىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدىن بەك خۇش بولدۇم. شۇنداقلا مەن مۇشۇنداق ئاددى بىر بوۋاينىڭ ماددى نەرسىلەر ئېلىپ كېلىدىغان بەختتىن بەكرەك روھىي بەختنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن ھەيران قالدىم.دەرھەقىقەت، بۇنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىدۇ.
مەن بوۋايغا:
_ئى تاغا! پۇل-مالدىن باشقا نەرسىلەردىمۇ بەخت-سائادەت بولامدۇ؟- دېدىم.
       بوۋاي مەنىلىك كۈلۈپ قويدى ۋە :
      _ ئەگەر ھەقىقىي بەخت پۇل-مال بىلەن بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن ئەڭ بەختسىز ئىنسان بولاتتىم. چۈنكى، مەن ئەڭ نامرات ئادەممەن،_ دېدى.
مەن:   
_ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ قارامسىز؟ دېدىم.
بوۋاي:
_ھەئە، چۈنكى، مەن ئۆز نېسىۋەمگە قانائەت قىلىپ،ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن رازىمەن. تۇرمۇشتا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ھەسرەت چەكمەيمەن. شۇنداقلا مال-دۇنيا ئۈچۈن ھەسرەت ئوتىدا كۆيمەيمەن.مۇشۇنداق ئىكەن، بەختسىزلىك قەلبىمگە قايسى دەرۋازىدىن كىرەلىسۇن؟ دېدى.
مەن:
_ نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ قارىسام كىيىملىرىڭىز جۇل-جۇل ھەم يالاڭ ئاياغ ئىكەنسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ سانايسىز؟ سەل ئالجىپ قالدىڭىزمۇ،نېمە؟_دېدىم.
بوۋاي:
_ ئەگەر بەخت دېگەن كۆڭۈلنىڭ ئارامى، بەختسىزلىك كۆڭۈلنىڭ بىئاراملىقى بولسا، ئۇنداقتا مەن بەختلىك. چۈنكى، مەن كىيىملىرىمنىڭ جۇل-جۇللىقىدىن ياكى تۇرمۇشۇمنىڭ غورىگىللىقىدىن ۋايسىمايمەن.مەن بەختنى بۇنىڭدىن ئۆزگىچە يوسۇندا چۈشەنمەيمەن. ئەمما، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى بەخت بۇنىڭدىن ئۆزگە بىر نەرسە بولسا مەن ئۇنى چۈشەنمەيدىكەنمەن_،دېدى.
مەن:
_ سىز بايلار بىلەن ئارىڭىزدىكى غايەت زور پەرقنى كۆرگەندە يۈرىكىڭىز ئېچىشمامدۇ؟_، دېدىم.
بوۋاي:
_ ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرى بىلەن  مەنچىلىك بەختكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە ئۇنداق باياشات تۇرمۇش مېنىڭ نەزىرىمدە بىر نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ،دەپ قارايمەن. مەسىلەن: تاماق يېيىشتىن مەقسەت،قورساقنى تولدۇرۇش بولسىلا، مەن ھاياتىمدا بىر قېتىممۇ ئاچ يېتىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن ياكى كۆڭۈلنى خۇش قىلىش بولسىلا، مەن پەقەت قورسىقىم ئاچقاندىلا ئاندىن تاماق يەيمەن.شۇنداقلا گېلىمدىن ئۆتكەنلىكى تاماقتىن لەززەتلىنىمەن.ئۆيگە كەلسەك، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق بىر كۆلبەم بار.ئۇ ئائىلەمگە يېتىپ ئاشىدۇ.گۈزەل مەنزىلەردىن بەھرى ئېلىشقا كەلسەك ، مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە تورنى ئېلىپ دەريا بويىغا بارىمەن،شۇنىڭ بىلەن سۈپسۈزۈك كۆكنى، زىلال سۇلارنى ۋە ياپيېشىل يايلاقلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىمەن. شۇنداقلا ئۇزاق ئۆتمەي شەرق تەرەپتىن قۇياش تۇغىدۇ.خۇددى ئۇ بىر تاۋاق ئالتۇندەك ياكى يالقۇنجاۋاتقان ئوتتەك،ئۆزىنىڭ نۇرىنى، دۇررى-دۇردانىلىرىنى دەرياغا چاچىدۇ.ئاندىن تەبىئەتنىڭ جىمجىتلىقى ئۇنىڭغا جور بولىدۇ.بۇ مەنزىلەر كۆز ئالدىمدا جىلۋىلەنگەندە،چەكسىز شېرىن بىر تۇيغۇ مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن خۇددى شېرىن چۈش كۆرىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش تۇيغۇدا بولىمەن تاكى قىيامەتكىچە بۇ چۈشتىن ئويغانمىسامكەن دەيمەن.مەن مۇشۇنداق شېرىن ھېس-تۇيغۇغا ئەسرا بولۇپ تۇرغىنىمدا، تورنىڭ قاتتىق سىلكىنگەنلىكىنى تۇيىمەن. شۇندىلا ئۆزۈمگە كېلىمەن_دە، توردا بىر بېلىقنىڭ تىپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇنىڭ تىپىرلىشى پەقەت ئۆزى كەڭرى-ئازادە ياشاۋاتقان ماكاندىن ئايرىلىپ،ھېچقانداق ئەركىنلىك بولمىغان بىر دۇنياغا كېلىپ قالغانلىقىدىندۇر.مەن ئۇنىڭ بۇ ئىككى خىل ھالىتىنى پەقەت بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ھالىتىگە ئوخشىتىمەن.نامراتلارغا ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمىگەنلىكتىن خۇددى ئۇلار ئۇچار قۇشلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىچە ئەركىنلىك بىلەن يايراپ-سايراپ يۈرىدۇ.بايلار ئەركىن-ئازادە يۈرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان كۆزلەر تىكىلىپ تۇرىدۇ-دە.ئۇلار ئۆيلىرىدىن چىقماقچى بولغاندا، بۇنى كىيسەم يارىشامۇ ياكى ماۋۇنى كىيسەم بولارمۇ؟ دەپ ئەينەكنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى تۈزەپ، ياسىنىپ بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن،ئاندىن سىرتقا چىقىدۇ.سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئەينەك ئالدىدا تۈزەشتۈرگەن قىياپىتىنى بۇزۇپ تاشلىماقلىرى ئۈچۈن مېڭىشتىمۇ ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە قويىۋېتەلمەيدۇ.شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھۆرمەت بەجا كەلتۈرۈپ قىلغان سالاملىرىنى كۆرمەي قالارمىزمىكىن دەپ، اللە نىڭ كائىناتتىكى مۆجىزىلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن مەھرۇم قالىدۇ.
مەن بىركۈنلۈك تۇرمۇشۇمغا يەتكۈدەك بېلىقنى تۇتۇپ بولسام، ئۇلارنى بازارغا ياكى ئائىلىلەرگە ئاپىرىپ ساتىمەن.كەچتە ئۆيۈمگە قايتىپ كېلىمەن.شۇنىڭ بىلەن بالام مېنى قۇچاقلاپ قارشى ئالىدۇ،ئايالىم ئىللىقق كۈلۈمسىرەپ ئالدىمغا چىقىدۇ.مەن جاھاندارچىلىق قىلىپ بالىلىرىمنىڭ،ناماز ئوقۇپ رەببىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولسام، كەچتە ئىنتايىن خاتىرجەم ئۇخلايمەن.مەن ئۇخلاش ئۈچۈن تاۋار-يېپەكلىك كۆرپىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس.مەن گەرچە پۇل-مال جەھەتتە ئەڭ نامرات ئادەم بولساممۇ،بىراق كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكى جەھەتتە ئەڭ خاتىرجەم ئادەم تۇرۇقلۇق،مەن يەنىلا ئۆزۈمنى قانداقمۇ بەختسىز دەپ قارايمەن؟مېنىڭ بايلاردىن پەرقىم __ مەن باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇلار ماڭا ھۆرمەت بەجا كەلتۈرمەيدۇ ياكى مېنى كۆرۈش ئۈچۈن بويۇنلىرىنى سوزۇشمايدۇ.مېنىڭ نەزىرىمدە قىممىتى بولمىغان نەرسىنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. بايلار كۆكتە پەرۋاز قىلامدۇ ياكى دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا يۈرەمدۇ مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك.مەن ئۇلارغا كۆز ئالدىمدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان سۈرەتلەرگە قارىغاندەكلا قارايمەن،خالاس.
مەن بۇ جاھاندا پەقەت رەببىمدىن ئۆزگە ھېچكىمنى چوڭ بىلمەيمەن. مەن رەببىمگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىبادەت قىلىمەن.مەن ئۇ زاتنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.مەن ئۇ زاتتىن باشقا بىر مەخلۇقنى ئىلاھ دەپ قارىمايمەن.شۇنداقلا مېنىڭ ئاللانىڭ بۈيۈكلىكىنى ئۆزىگە سىغدۇرغان قەلبىم،مەخلۇقنىڭ بۈيۈكلىكىنى سىغدۇرالمايدۇ.مۇشۇنداق تەۋرەنمەس ئېتىقاد قەلبىمدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئالغانلىقتىن، مۇبادا بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ لاۋۇ-لەشكەرلىرى بىلەن ئالدىمغا چىقىپ كەلسىمۇ قىلچىلىك تەۋرىنىپ قالمايمەن ياكى ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى ھېچقانداق مەشغۇل قىلالمايدۇ.مېنىڭ مۇشۇنداق تەۋرەنمەس ئېتىقادىم مېنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىمگە،غەم-ئەندىشىلىرىمگە ئەڭ زور روھىي تەسەللىي بولۇپ كەلدى.مۇشۇنداق ئىكەن، مەن بولۇپ بولغان ئىشقا قانداقمۇ قايغۇرۇپ ئولتۇرىمەن.مەن قازايى-قەدەرگە،ئاخىرەت كۈنىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىمان كەلتۈردۈم.شۇنىڭ بىلەن بۇ جاھان ماڭا نىسبەتەن كىچىك بىر نەرسىگە ئايلاندى. مەلۇمكى، بۇ جاھان بىپايان دېڭىزدۇر.ئادەملەر بولسا، شۇ دېڭىزدىكى بېلىقلاردۇر.زاماننىڭ بالا-قازالىرى خۇددى ھەر كۈنى تورىنى دېڭىزغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلايدىغان بېلىقچىدۇر. بىر بېلىق بېلىقچىنىڭ تورىدىن بۈگۈن قۇتۇلۇپ قالغان بىلەن ئەتىسى قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، مەن ئۆزۈم مەڭگۈ ئىگە بولالمايدىغان نەرسە بىلەن قانداقمۇ خۇشال بولالايمەن، ياكى بەرىبىر يىقىلىدىغان  نەرسىگە قانداقمۇ تايىنالايمەن.مەن ئۇنداق قىلسام ئەڭ ئازغۇن،ئىمانى زەئىپ ئادەم بولۇپ قالمامدىمەن؟
بوۋاينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى بىلەن مېنىڭ بوۋايغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە مەن بوۋاينىڭ بۇنداق چىن ئېتىقادىدىن،قەلبىنىڭ ساپلىقىدىن ھەيران قالدىم ھەم بوۋاينىڭ قانائەتچانلىقىغا،ئۆزىنى بەختلىك دەپ قارايدىغانلىقىغىمۇ ھەسەت قىلىپ قالدىم. مەن بوۋايغا:
_ تاغا،ئىنسانلار بەخت-سائادەت ئۈچۈن يىغلىشىدۇ.ئۇلار ئۇنى ئىزدىشىدى_ يۇ،بىراق بەختكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بەختسىزلىك ھاياتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەن دېگەن ئورتاق بىر قاراشقا كېلىپ قالدى.بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ جاھاننى قانداقمۇ بەختكە تولغان جاھان دېگىلى بولسۇن؟_دېدىم.
بوۋاي:
_ غوجام،ئىنسان تۇغۇلىشىدىن بەختلىكتۇر.ئەمما، بەختسىزلىكنى ئىنساننىڭ ئۆزى ئۆزىگە تارتىپ ئەكېلىدۇ.ئىنساننىڭ مال-دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى تۈپەيلى مال-دۇنيا توپلاشقا ئىنتىلىدۇ.شۇنداقلا ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە ئېرىشىشنى ھاياتتىكى تېگىشلىك ھەققى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇل تېپىش جەريانىدا ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ، بەزى ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسىلا ۋايساپ قاخشايدۇ.خۇددى زۇلۇمغا ئۇچرىغاندەك قىلىپ كېتىدۇ.ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق بېرىلگەن ئامانەت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتۇرۇلىدىغان ئارىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئىنسان بۇنداق بەختسىزلىكتىن قاخشىمىغان بولاتتى.ئىنسانغا كېلىدىغان بەختسىزلىك كۆپىنچە ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىدۇ.چۈنكى،ھەسەتخور ئۆزى ھەسەت قىلىۋاتقان نەرسىسىگە قارىسا يۈرىكى ئېچىشىدۇ. قەلبىگە ھەرقانداق بىر پەسكەشلىكنى پۈككەن ئادەم ئەنە شۇنداق تۇيغۇدا بولىدۇ.كىم بەخت ئىزدىمەكچى بولىدىكەن، ئۇنى گۈزەل پەزىلەتلەر دۇنياسىدىن ئىزدىشى لازىم. ئۇنداق قىلمىغىنىدا ئۇ ھەرقانچە كاتتا باي بولسىمۇ، جاھاندىكى ئەڭ بەختسىز ئادەم بوپقالىدۇ_، دېدى.
بوۋاي بۇنىڭ بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەن ئۈچۈن ياخشى دۇئالارنى قىلىپ مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
  ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
   

ems يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 11:22:32

ﮬﻪ ... ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮﻩﻙ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻤﯩﻜﻪﻥ ؟

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 12:12:36

ﭘﯘﻝ - ﻣﺎﻝ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻪﺧﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻠﯩﻘﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺠﻪﻣﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺯﺍﻳﻰ - ﻗﻪﺩﻩﺭﮔﻪ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ . ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﯞﯗﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯘﭘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯘﺭ .

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 12:30:48

ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻘﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻤﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭﺳﯩﺰ.

ﺩﯨﻠﻨﻰ ﺗﺎﺯﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻛﻪﻥ.

QunekMushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 22:28:29

:handshake {:112:}{:112:}

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 18:06:47

ئېسىل ئەسەركەن، تېما ئېگىسىگە رەھمەت
بەت: [1]
: ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻱ(ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ)