53-ﺑﯧﮭﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ
ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯧﮭﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺰﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ) ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ - ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ: ﺑﯧﮭﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ( ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ) ﯞﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﺋﺎﻟﻤﺎ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:ﺳﻪﻓﻪﺭﺟﺎﻝ
ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﻮﺭﺩﻭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: Quince
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:
wen po 温勃
http://www.mofga.org/Portals/2/ColesQuince.JPG
http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/c/c8/Quince.jpg/431px-Quince.jpg
http://farm3.static.flickr.com/2178/1721873990_b104cdf8fe.jpg
ﺑﯧﮭﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺭ:
بېھىنىڭ شىپالىق رولى بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . - لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ﺗﻮﺭ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ!
ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﻰ
[
[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ bir*zat ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ 2008-3-25 14:15:54 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]
ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯗ؟... ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯜﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ،ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ.ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺩﻩﭘﻼ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻣﻼ. ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻙ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﯧﮭﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﺍ ؟ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﮭﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺗﯜﻛﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺳﯧﻠﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﻳﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺘﻰ!!!
بەت:
[1]