palwan يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 15:42:17

چاچ چۇشۇش كومپيۇتېر بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟

چاچ چۇشۇش كومپيۇتېر بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟


ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلاربارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ ئازئەمەس، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى يوق. نۇرغۇنلىغان فىزىكىلىق ئامىللار چاچنىڭ چۈشۈشى ۋە ئۆسۈشىگە ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مېدىتسىنادا قوللىنىلىدىغان
رادىئوئاكتىپ نۇربىلەن داۋالاش چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، لېكىن كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيە  جەھەتتىكى نورمال بەرداشلىق بېرىش دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ ، كېسەللىك ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار ئىچىدەچېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن ، دىققىتى يۇكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن
بولۇپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئالاقىدار
ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ ، تىرە ياغ بەز ئاجرالمىلىرى كۆپلەپ ئاجرىلىپ
چىقىدۇ بۇ ، تۈك خالتىسى ناھايىتى ئاسانلا توسۇلۇپ ، چاچنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ،
شۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ چۈرۈكلۈكى ئېشىپ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا  يەنىلا مېڭىنى ئىلمىي ئىشلىتىش .
بۇنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك :


ئاستىدىكى مەزمۇننى ئېنكاس قايتۇرسىڭىز كۆرەلەيسىز
==============================

كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەش . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئازراق
دەم ئېلىش ، كومپيۇتېر ئېكرانىدىن ئايرىلىپ بىرقانچە مىنۇت يىراقلارغا قاراش ، بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش
ياكى بىرقانچە مىنۇت كۆز يۇمۇۋېلىش . يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش . مەيلى خىزمەت قانچىلىك
ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ ، ئۇندىن
باشقا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ تېرە قەۋىتىدىكى قاننىڭ
ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ئىمكانىيەت يارىتىش .باش قىسمىنى ئۇۋۇلاشتەك ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش . ھەر كۈنلۈكى ئەتىگەن ، چۈش ، كەچتە ئۈچ قېتىم چېكە ۋە چوققىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى بەيخۈي پەللىسىنى
ئۇۋۇلاش ، ھەمدە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن چېكە ۋە باشنىڭ دەل ئوتتۇرىنى بويلاپ ، ئالدىدىن كەينىگە ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش ، قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى . تىنچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى
ھەركۇنلۈكى 30-20مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ، تىنچ ئولتۇرۇپ تۇرمۇشتىكى مەنىلىك ئىشلارنى خىيال قىلىش ،
ئۆزىنىڭ نەپەس ئېلىش رىتىمىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلاش ، ئىمكان بار ئۆزىنى بوش قويۇۋېتىش . بەدەن ھالىتىگە،چەك
قويماسلىق ئولتۇرسىمۇ ، ياتسىمۇ پەقەت ئۆزى راھەت ھېس قىلسىلا بولىدۇ .
يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش . ئادەتتە يېڭى كۆكتات مېۋە-چېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن Bمول
بولغان يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ،مايلىق،تاتلىق ۋە ئاچچىق غىدىقلىغۇچى# يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش ، ھەمدە چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش .
چاچنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاسراش. چاچنىڭ چۈشۈشىدىكى سەۋەب - تېرە ياغ بېزى ئاجرالمىلىرى كۆپلەپ
ئاجرىلىپ چىقىپ ، تۈك خالتىسى ئاسانلا توسۇلۇپ قالغانلىق بولغاچقا ، چاچنى داۋاملىق ئىلمان سۇدا يۇيۇش ،
سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 گرادۇس ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئىشقارلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان
چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقى ئىشلىتىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . <<101>>چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاچ
يۇيۇش جەۋھىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ . ئەگەر باش تېرىسى مايلىق، چاچ چۈشۈشى كۆرۈنەرلىك بولسا ،
سىرتتىن <<101B>> ، نى ئىشلىتىپ ،تېرىدىكى ياغنى تازىلاپ ، تۈك خالتىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، چاچنىڭ
چۈشۈپ كېتىشىنى تىزگىنلەش . ئادەتتە تېنى بىرقەدەر ئاجىزلار مۇۋاپىق مىقداردا بۆرەك قۇۋۋەتلەندۈرگۈچ
دورىلار ( مەسىلەن <<补肾生发胶囊>>ياكى <<七宝胶髯囊>>نى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ ( ئەر - ئاياللارغا ئوخشاشىلا ماس كېلدۇ ) .، ئەگەر بەدەن ساپاسى ياخشى ، لېكىن ئېغىز پۇراش . ئېغىزئاچچىق بولۇش ، كاناي ،
تىل قۇرغاقلىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر بەدەندىكى ماينى يوقىتىدىغاندورىلارنى مەسلەن <<龙胆肢胶囊>>
ئىستېمال قىلسا ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
ﻛﻮﻣﭙﺎﺱ ﺗﻮﺭﻯ
www.kompas.cn


www.kompas.cn

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-26 14:50:11

ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ - ﺩﻩ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 19:36:28

101 ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭼﯩﻤﻨﻰ  ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﻣﺎﻳﻠﯩﻘﻜﻪﻥ، ﻣﯘﻧﯘ ﺧﯧﻠﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﺎﭺ ﺳﯘﭘﯘﻧﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﺎﭼﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﻳﺴﺎﻡ، ﺳﺎﭼﯩﻢ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺧﺎ ﺑﺎﻗﻘﯩﺪﻩﻙ ﻛﯩﭙﻪﻛﻜﻪ ﺗﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ...

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 19:51:30

ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻘﺘﯘﺭ، ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻤﯘ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 19:58:37

ﻧﯩﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ...

sayipjiamal يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 19:59:47

ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ.ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:05:06

ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ، ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ - ﮬﻪ؟

pahir يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:05:49

sutuk
ﻣﯘﺷﯘ  ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﯩﯔ  ﺑﻪﺯﻯ  ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ  (ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ  ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ  ﺑﺎﺷﻘﺎ  ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ  ﻳﻮﻕ  ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ ) ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ  ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ  ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ  ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ  ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﻼ  ﺩﻩﭖ  ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ
-------------------
ﭼﺎﭼﻨﻰ  ﻛﯘﻧﺪﻩ  ﻳﯘﺳﺎ  ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ  ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

sayipjiamal يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:14:38

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺯﯦﻴﻨﻰ ﺑﺎﺩﻩ.

pahir يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:24:33

ﺋﻪﻣﺴﻪ  ﻛﯜﻧﺪﻩ  ﺋﯩﻜﻜﻰ  ﻗﯧﺘﯩﻢ  ﻳﯘﺳﯩﭽﯘ ؟

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:26:55

ﺋﻪﻣﺴﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺳﯩﭽﯘ ؟
-----
ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﯘ؟ ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻱ.

pahir يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 20:30:17

ﭼﯧﭽﯧﻢ  ﺑﻪﻙ  ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ،ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ  ﭼﺎﭺ  ﺳﻮﭘﯘﻥ  ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﻪﻥ  ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ  ،ﺑﯩﺮﺍﻕ  ﺑﯩﺮ  ﻛﯜﻥ  ﻳﯘﻣﯩﺴﺎﻡ  ﯞﻩﮬﺸﻰ  ﺑﻮﭘﻜﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻱ  ﺩﯨﮕﻪﻥ ...

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 21:31:33

ﺷﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻴﯩﻚ

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 21:53:54

ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ!

ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ،ﭼﺎﭺ ﺳﻮﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ! ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﯞﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﯓ!
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﯴﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 21:58:50


ﺷﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻴﯩﻚ


ﺷﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻴﺴﻪﻣﺎﻱ ﺷﻮﺭﺍﻣﺪﯨﻜﻪﻥ!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 22:08:33

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 22:23:02

mayhana ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﺋﯜﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ!

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 22:43:39

ﻧﯩﻤﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗ ؟

ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯘﺗﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﺶ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 23:00:51

ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﻣﻮﻣﺎ ﺳﯘﭘﯘﻧﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﺎﻣﺪﯗﻕ؟

SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 23:17:47

ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ \" ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ\" ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﻖ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﭘﺎﺭﻭﺷﻮﻛﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﺎﺗﺘﯘﻕ ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ ..
بەت: [1] 2
: چاچ چۇشۇش كومپيۇتېر بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟