Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-3-6 19:07:05

پەرھات تۇرسۇن: ئۆچكەن يۇلتۇز (پوۋېست)

ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﻼﻧﺪﻯ .

ئۆچكەن يۇلتۇز
        (پوۋېست)
                  پەرھات تۇرسۇن

                      1
  ھەممە ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، بۇنداق ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمىغان چۈش ئاجايىپ غارايىپ غەلىتە ۋە قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەر بىلەن تولغان ھەرقانداق چۈشتىنمۇ قاباھەتلىك ئىدى. يۇلتۇز بۇ ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمىغان چۈش ئىلكىدە يۇلقۇناتتى. قاراڭغۇلۇق ئۇنى تۇنجۇقتۇراتتى. ئاخىرى قاراڭغۇلۇقنىڭ يىراق يىراقلىرىدىن ئۇ ئىنتايىن ئېنىق، كۈچلۈك، لېكىن ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ كەلەلمەيۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندائە بولدى. بۇ ئۇنىڭ ئاكىسى قۇتلۇقنىڭ پالاق پۇلۇق قىلىپ ئەنسىز يۈگۈرۈپ كەلگەن تاۋۇشى ۋە توۋلىغان ئاۋازى ئىدى.
- يۇلتۇز، يۇلتۇز!....كۆزۈڭنى ئاچ!
  قارا بېسىۋاتقان يۇلتۇز تۇيغۇلىرى ئاران ئىلغا قىلىۋاتقان بۇ ئاۋازنى بارلىق سەزگۈلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇتىۋېلىشقا قاتتىق تىرىشاتتى. بۇ ئاۋاز ئۇنى ئاشۇ قاباھەتلىك چۈش قوينىدىن تارتىپ چىقىرالايدىغان بىردىن بىر نەرسە ئىدى. ئاۋاز يىراقتىن ئاڭلىنىپ بارا-بارا كۈچىيىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى، يەنە بىر قاراشتا قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلىنىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.
  - يۇلتۇز، يۇلتۇز،كۆزۈڭنى ئاچ!...يۇلتۇز كۆزۈڭنى ئاچ!
  بۇ ئاۋاز ھەم ئەنسىزلىك بىلەن ھەم مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولغان ئىدى. يۇلتۇز ئۇ ئاۋازنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ غايىپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ تېخىمۇ قاتتىق تىپىرلاشقا باشلىدى. ئۇ قولىنى بىرلا مىدىرلىتىۋالسا ياكى ئاشۇ ئاۋازنى سەزگۇلىرىگە قوبۇل قىلدۇرىۋالسىلا بۇ چۈش قوينىدىن قۇتۇلالايتتى.
    - يۇلتۇز، نېمە بولدۇڭ؟ يۇلتۇز!...يۇلتۇز!...
    ئاۋاز بارا-بارا كۈچىيىپ ئاخىرى ئۇنىڭ سەزگۈلىرىدىن ئىنتايىن يىراق بىر جايدا، چەكسىز قاراڭغۇ چۈشنىڭ يىراق چەتلىرىدە ئەمەس بەلكى رېئاللىقتا جاراڭلاپ، ئەڭ ئەۋجىگە چىققاندا تۇيۇقسىز يۇلتۇزنى چۈش قوينىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقتى.
  يۇلتۇز كۆزىنى ئېچىپ رېئال دۇنيانى قايتىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدى. يۇلتۇزنىڭ چۆچىگەن كۆزلىرى يۇپيۇملاق بۇلۇپ،يۈزلىرىنى قارا تەر باسقان ئىدى. يۇلتۇز ئېسىنى تەستە يىغىپ، ئالدىدا ئەنسىرەپ قاراپ تۇرغان ئاكىسىنى كۆردى.
   يۇلتۇز،نېمە بولدۇڭ؟
   قارا بېسىپ قاپتۇ
  ئاكىسى ئۇنىڭ چىرايىغا بىردەم قاراپ چىققاندىن كېيىن:
  - ئادەمنى ئەجەپ قورقۇتتۇڭ،ئۆڭسىلىڭ تازا ياخشى ئەمەس، - دېدى.
كىتاپ كۆرىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، يېقىندىن بېرى بەك ئۇيقۇچان بۇلۇپ كېتىۋاتىمەن، ئۇيقۇم كېلىپلا تۇرىدۇ...تولا قارا باسىدۇ…ھېچقانداق چۈش كۆرمەي قارا باسقىنىغا ھەيرانمەن.
  يۇلتۇز شۇنداق دەپ ئاكىسىغا تىكىلىپ قارىدى ئاندىن يەنىلا ئۆزىنىڭ رېئال دۇنياغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەڭۈسى كەلمىگەندەك دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. بىنالارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ تاملىرىدا ئاپتاپ جىلۋىلنىپ تۇراتتى. ئۇ ئاپتاپ جىلۋىسىگە بىر دەم قاراپ تۇرسىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى، ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ تاملىرىمۇ، تورۇسلارمۇ، ئاددى ۋە كونا بولسىمۇ ئارامبەخىش ۋە يېقىشلىق كۆرۈنىدىغان ئۆي جاھازلىرىمۇ تىپ تېنچ، ئۆزگەرمەس ئىدى. بۇ خام خىياللاردىكى مەڭگۈلۈك ھەققىدىكى ئۇقۇملارنىڭ رېئاللىقتىكى ئەكسى ئىدى.
    ئىشتىن قايتىپ كېلىپ قارىسام ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك ئىڭراپ يېتىپسەن، قاتتىق قورقۇپ كەتتىم، نېمە بولغاندۇ دەپ قاپتىمەن...
يۇلتۇز ئاكىسىغا قاراپ مەيۈس كۈلۈپ قويدى، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك بۇنداق مۇڭلۇق قاراشلار خۇددى مۇزىكىغا ئوخشاش يۇلتۇزنىڭ گۈزەللىكىگە بىر خىل سىرلىق تۈس بېرەتتى. بەلكىم ئۇ مېنىڭ سىڭلىم بولغاچقا ماڭا شۇنداق ئوماق كۆرۈنۈپ كېتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى قۇتلۇق بەزىدە. لېكىن ئۆزىنىڭ شۇنداق چىرايلىق سىڭلىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ئۇنىڭغا كۆز تەگمەسلىكىنى ئاللاھدىن تىلەيتتى.
قۇتلۇق ئېغىر بىر تىنىۋېلىپ، سەل ئارامىغا چۈشكەندەك روھىي ھالەتكە كەلدى، ئۇ سىڭلىسىنىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا يامان خىياللارنى قىلىشقا پېتىنالمايتتى، ياكى ئۇنىڭدا مەلۇم كېسەل بارلىقىنى پەرەز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىڭلىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشى دەپ ئويلاپ ئىشىنەتتى، لېكىن نىمىشقىدۇر بىر ئەنسىزلىك يەنىلا ئۇنىڭ ئېڭىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا بىر غەلىتە مەخلۇقتەك بىلىنەر بىلىنمەس قىمىرلاپ قوياتتى.
سەنمۇ ئەتگەندىن كەچكىچە ئۆيگە بېكىنۋالماي،كوچىلارنى ئايلىنىپ كىر،دوستلىرىڭنى ئىزدەپ باشقا قىزلاردەك ئويناپ-كۈلۈپ يۈرمەمسەن...ئۆيدە تۇرىۋەرسەڭ كاللاڭنى قالايمىقان خىياللار ئىگەللىۋېلىپ ئۇخلىساڭ قارا بېسىپ،سالامەتلىكىڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس، دېدى ئۇ.
ساۋاقداشلىرىم ساپلا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كەتتى،ئۇلارنى ئىزدەپ بارسام ھەممىسى«نەدە ئىشلەۋاتىسەن؟» دەپ سوراۋېرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولدىكەن.
خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىڭغا يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىدىغان ئوخشايدۇ،لېكىن ھامان ئورۇنلىشىسەنغۇ.
قۇتلۇق يەنىلا ئارامسىزلىنىپ يۇلتۇزغا سىنچىلاپ بىر قۇر قاراپ چىقتى، يۇلتۇزنىڭ بالىلىق سەبىلىكى كەتمىگەن ئوماق چىرايى بىر قاراشتا يەنىلا ھەر دائىمقى بىلەن ئوخشاشتەك، يەنە بىر قاراشتا ھارغىن ۋە تاتىراڭغۇ بولۇپ ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. يۇلتۇزنىڭ چىرايى ئەسلىدىنلا ناھاتى ئاق ۋە سۈزۈك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ يۇمران تېرىلىرى ئاستىدىكى قىزغۇچ رەڭنى پەيدا قىلىپ تۇرغان ئۇششاق قىزىل قىلدام تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. بۇ قانلارنى قانداقتۇر بىر غەلىتە نەرسە ئۇنىڭ نازۇك تېنى ئىچىدە پازازىتلارچە ياشاپ، بىلىندۈرمەستىن شوراپ كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى.
يېقىندىن بېرى چىرايىڭ ماڭا بۆلەكچىلا كۆرۈنىدۇ،بىرەر يېرىڭ ئاغرىمايدىغاندۇ؟ دەپ سورىدى قۇتلۇق.
بىرەر يېرىمغۇ ئالاھىدە ئاغرىپ باقمىدى، بىراق ئۆزەمچە روھسىزلىنىپ كېتىۋاتقاچكىمىكىن دائىم ئۆزمىنى ماغدۇرسىز سېزىمەن، دېدى يۇلتۇز، ئاندىن بىر ئاز سۈكۈتكە پاتتى. بۇ سۈكۈت قۇتلۇقنىڭ ئىچىدىكى ۋەھىمىنى قوزغىتىپ قايغاندەك، قۇتلۇق ئۇنىڭغا قايتىدىن تىكىلىپ قاراپ قالدى. لېكىن نېمىشقىدۇر ئىچىمدە بىر قورقۇنۇچ بار، دېدى يۇلتۇز گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
ئۆزۈڭنى روھلۇق تۇتقىن، ھەممە ئىشىڭدىن خاتىرجەم بول، ئاكاڭ دائىم سېنىڭ يېنىڭدا.
يۇلتۇز قۇتلۇقنىڭ پەرىشانلىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى زورىغا كۈلۈمسىرەش بولسىمۇ لېكىن يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ قويۇشقا ئوخشىمايتتى. يەنىلا ئۇنىڭ ئىچ ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلۈمسىرەشتەك قۇتلۇققا تەسەللى بېرەلەيتتى.
يۇلتۇز ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغىچە قۇتلۇق ئۇنىڭ خىزمەت ئىشى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭ يېقىندىن بېرىقى چىرايىدىكى سۇلغۇنلۇقنى ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاقماي قېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ بىلگەن ئىدى. ئۇ كەسىپ ۋە ئىستىقبال ھەققىدە ئويلىنىدىغان قىز ئىدى. باشقىلاردەك بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىنى ئۆتكەن ھېسابلاپ يۈرۈۋېرىدىغان قىزلارغا ئوخشىمايتتى. قۇتلۇق دائىم ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى بەك ئىچىگە سېلىۋالماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلسىمۇ لېكىن ئىچىدە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىن خوشال بولاتتى. ئۇ جەمىيەتتىكى ھېچنىمىگە قىزىقماي يۈرىۋېرىدىغان سانسىزلىغان قىزلارنىڭ ھېچقايسىغا ئوخشىمايتتى. بۇنداق قىزلار ئۇنىڭغا بەكلا قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. ھېچنەرسىگە قىزىقمايدىغان بۇ قىزلار خۇددى لاتا بىلەن ياسالغان قونچاقتەك ئاددى، ئۇلارنى چۇۋۇپ قاراپ باقسا ناھايىتى ئاسانلا چۇۋۇلىدۇ، شۇنداقلا ھەممە نەرسىسى بىردىنلا ئايان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىكىي دۇنياسىدا ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقى بىزنى ھاڭتاڭ قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بىزگە بەكمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىۋېتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دەل ئاشۇ ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمىغان قۇپ قۇرۇق روھىي دۇنياسىلا ھەممىدىن قورقۇنۇچلۇق بىر ھاڭ بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى يۇتۇپ كېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېچىرقاپ تۇرغان روھىي دۇنياسى ھەرقانداق نەرسىنى زادىلا تاللاپ ئولتۇرماستىن يالماپ يۇتىدۇ. ئۇنى مۇھەببەت بىلەنمۇ، پۇل ۋە مال دۇنيا بىلەنمۇ، غەلىتە ۋە نورمالسىز لەززەتلەر بىلەنمۇ، مەست قىلغۇچى ۋە خۇمار قىلغۇچى بۇيۇملار بىلەنمۇ…تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق قورقۇنچلۇق تۈردە ئېچىرقاپ تۇرغىنى تۇرغان. يۇلتۇزنىڭ روھىي دۇنياسى بولسا ناھايىتى باي. بۇنداق روھىي دۇنيا مۇستەھكەم ۋە تويۇنغان بولۇپ، ماددىي نامراتلىق ئۇنى ئاچكۆزلەشتۈرەلمەيدۇ، خىلمۇ خىل ئۇششاق ھەۋەسلەر ھەم جەمىيەتتە ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقان ھەرخىل نورمالسىز قىزغىنلىقلار ئۆز قاينىمىغا سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ تېنىمسىز ئىزدىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارغا قاتتىق بېرىلگەن بولسىمۇ بۇ ئىزدىنىش ئىنتايىن ساغلام ۋە گۈزەل غايىلار ئاساسىغا قۇرۇلغاچقا ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى تېنچ.
قۇتلۇق تۇرۇۋاتقان ئۆي كىچىكلا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، قۇتلۇق خىزمەتكە قاتنىشىپ ناھايىتى تەستە ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن بۇ ئۆينىڭ غەلىۋىسى زادىلا تۈگىمىدى. بىر ئەمەلدار بىر نەچچە يىل قۇتلۇقنى قويۇپ بەرمەي ئېلىشتى. بۇ ئەمەلدار ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكى چوڭمۇ ئەمەلدار ئەمەس ئىدى، ھەم پېنسىيە يېشىغا يېتىپ قالغاچقا چوڭراق ئەمەلدىن تامايىمۇ يوقىدى. ئىدارە بۇ ئائىلىكلەر بىناسى سالغاندا بۇ بىنانى خىزمەتچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرسە ھەممىسىگە ئۆي تىگىپ ھەتتا بىر يۈرۈش ئۆي ئېشىپ قالدى، ئېشىپ قالغان ئۆيمۇ بۇلتۇر ئىدارىنىڭ بىر خىزمەتچىسى كۆپەيگىچە ئادەمسىز تۇردى. بىراق ھېلىقى ئەمەلدار مۇشۇ بىر قېتىملىق ئۆي تەقسىم قىلىشتىن ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىش خۇمارىنى قاندۇرۇشقا ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت تاپقانىدى. ئۆي تەقسىماتى كىچىك ئىش ئەمەس دە، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىر نەچچە يىل باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىش خۇمارىنى چىقىرىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
قۇتلۇق ئاچقۇچنى قولىغا ئېلىپ، ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان جايدىن خوشال خورام ھالدا كۆچۈۋاتسا ئىشىكنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشخانا باشلىقى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
- ھۆكۈمەتنىڭ بويتاقلارغا ئۆي بېرىش توغرىسىدا ھۆججىتى يوق، شۇڭا ساڭا بىر يۈرۈش ئۆي بەرسەك بولمايدۇ، ئۆينىڭ بىر ئېغىزىنى ياتاق قىلىپ تۇر، ئاچقۇچتىن بىرنى ماڭا بەر.
قۇتلۇق ھاڭتاڭ قالدى، چۈنكى ئىدارىدا بۇ بىر يۈرۈش ئۆينىڭ قۇتلۇققا بېرىلىدىغان بولۇپ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇ ئاڭلىغان ئىدى.
- سىز ئۇ ئاچقۇچنى نىمە قىلىسىز؟
- بىر يۈرۈش ئۆيدىن يېتىشقىلا بىر ئېغىزنى ئېچىپ بېرىپ قالغىنىغا قولۇپ سېلىپ قويۇمەن.
- قولۇپ سېلىنغان ئۆيدە كىم تۇرىدۇ؟
- قۇرۇق تۇرىدۇ.
قۇرۇق تۇرغىچە مەن ئىشلىتىپ تۇرسام نىمە بولىدۇ؟ ئىدارىغا كېرەك بولۇپ قالسا بىكارلاپ بېرەي.
- ياق، قۇرۇق تۇرسا، ئادەم كىرىۋالىدۇ.
- كىم كىرىۋالاتتى.
- ئاڭلىسام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر سىڭلىڭ باركەنغۇ، ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قاپتۇ، شۇ كىرىۋالىدۇ.
قۇتلۇق ئالىي مەكتەپتە پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان ئىدى. ئۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى دۈشمەنلىك خاھىشى توغرىسىدا خېلى كۆپ بىلىملەر بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇتلۇققا خۇددى قىزىقارلىق ھېكيىلاردەكلا تۇيۇلغان بولۇپ، ئۇ تۇرمۇشتا بۇنداق لوگىكىسىز غەلىتىلىككە ئۇچراشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
ئۇ كىرىپ ئۆيلنىڭ بىر ئېغىزىغا قۇلۇپ سېلىپ قويدى. ئىدارىنىڭ بىرىنجى قول باشلىقى بۇنداق قىلىشنىڭ بىمەنىلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى توسماقچى بولسا ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئىدارىنىڭ بىرىنجى قول باشلىقى بىلەنمۇ ئېلىشالايدىغان بولۇپ، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك دۈشمەڭە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيتتى. ئۇ باشلىقنى ھۆكىمەتنىڭ بويتاقلارغا ياتاق بېرىمىز دىگەن ھۆججىتىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز قىپتۇ. بۇنداق ئەرزلەردىن بىزار بولۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئەرزى بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى بولمىدى، لىكىن ئۇ دائىم كىرىپ ئۆينى تەكشۈرۈپ قۇتلۇقنىڭ ئەرۋايىنى ئۇچۇراتتى.
بۇ ئۆيلەرنى ئۇ يا باشقىلارغا بەرمىدى، يا ئىدارە ئۈچۈن ئىشلەتمىدى. بىر نەچچە يىل پەقەت چاشقانلارغا ساراي بولدى. ئۇنىڭ چاشقاندىن باشقا ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، ئۇ ئادەمنى چاشقانلار بىلەن مەلۇم يوشۇرۇن مۇناسىۋىتى ياكى توغقانچىلىقى بار دەپ پەرەز قىلساقلا ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆيلەرنى قۇرۇق تۇرسىمۇ تۇرسۇن باشقىلار پايدىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ قىلغان قىلىقىنى چۈشەندۈرگىكى بولمايدۇ.
ھازىرقى زامان پىسخىلوگىيە ئىلىمىنىڭ بايقىشىچە كىشىلەردىكى دۈشمەنلىشىش پىسىخىكىسى توغما بىر خىل ئىنستىنكىت بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. قۇتلۇق بۇ خىل ئادەملەردىكى تۇغما دۈشمەنلىك خاھىشىغا دەسلەپ ھەيران قېلىپ ئۇنى چۈشىنەلمىگەنلىكىدىن ئازابلىنىپ يۈردى، كېيىنچە ئۇنى قاغىنىڭ قارا بولۇپ تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، چاتىقى بولمىدى. ئۇنىڭ ھەدەپ ئاشۇ ئۆينى بانا قىلىپ جىدەل چىقىرىۋېرىشىگە يول قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللەشسە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىش خۇمارىنى قاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن بولماستىن ئۇنىڭ پىسخىك ئېھتاياجىنى قاندۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەڭەن قۇتلۇق ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشىپ قېلىشىدىن دائىم ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ھېلىقى ئۇنىڭغا پارازىتتەك يېپىشقان ئاغىنىسى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشى ۋە باشقا ئىشلىرىغا دەخلى قىللىۋەرگەندە ئۇ ئامال يوق ھېلىقى ئەمەلدار قۇلۇپ سېلىپ قويغان ئۆينى ئېچىپ بەردى. كېيىن ئۇ قۇلۇپنى ئۆزگەرتىپ ھەرقانداق ئاچقائۇچ چۈشودىغان قىلىپ قويدى. ئىشخانا باشلىقى تەكشۈرگىلى كىرىپ قالمىسۇن دەپ دائىم ئەتىگەندىلا ئاگجھىنىسىنىڭ يوتقان كۆرپىلىرىنى ئېلىپ ئەچىقىپ ئۆينى قۇرۇغداپ قويۇشقا توغرا كېلەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئاغىنىسى مەس بولۇپ قېلىپ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇنىماي تۇرغاندا ئىشخانا باشلىقى ئۆينى تەكشۈرگىلى كىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشخانا باشلىقىغا بىر نەچچە كۈن خۇماردىن چىققىدەك جىدەللىشىش پۇرسىتى يارىتىلدى. ئۇ قۇتلۇققا تۆۋەنامە يازدۇردى، ئاندىن بۇندىن كېيىن ئاشۇ ئۆيدە باشقا بىراۋنى ياتقۇزغىنىنى بىلىپ قالسا قۇتلۇقتىن ئۆينى تارتىۋېلىپ، ئۇنى ياتاقسىز قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن كېيىن قۇتلۇقنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئۆي ئىسلاھاتى بولۇپ قالدى. قۇتلۇق ئەپلەپ سەپلەپ تېرىپ تۆشەپ يۈرۈپ ئۆينى ئېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سىڭلىسىغا تۇرۇدىغان يەر تاپىمەن دەپ پالاقلاشتىن قۇتۇلۇپ قالدى.

                    2
    قۇتلۇق ئاللىقاچان ئوتتۇز ياشتىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئالدى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇ ئوتتۇز ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى ۋە تونۇش بىلىشلىرىنىڭ گەپلىرى ئىلگىرىكىدىن كۆپۈيۈپ كەتتى. ھەممە يەردە ئۇلار خۇددى دۇنيادا قىلىشىدىغان باشقا گەپ يوقتەك ئۇنى ئۇچراتسىلا ئۇنىڭ نىمىشقا مۇشۇ چاققىچە توي قىلمىغانلىقى تىغرىسىدا گەپ ئاچماي قالمايتتى. بىر كۈنى ھەتتا ئۇنىڭ ئاغىنىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاتايىتىن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كىرىپ مەخسۇس سورۇن تۈزدى.
شىرە ئۈستىگە خىلمۇ-خىل مىۋە-چىۋىلەر ۋە باشقا يېمەكلىكلەر تىزىلغان ۋە ئولتۇرۇش قىزىپ كەتكەن بۇ ئۆي ئاشۇ كۈنى خۇددى قۇتلۇقنىڭ ئۆيى ئەمەس باشقا بىر ئۆيدەكلا تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. قۇتلۇق ھاراق ئىچكەندە خام ئوتياشتا قىلىنغان سالاد ئىچىدىكى ئاچچىق پىيازلىرىنى تېرىپ يېيىشكە ئامراق ئىدى. شۇڭا ئۇ سالاد تەييارلىغاندا سىڭلىسى يۇلتۇزغا پىيازنى جىقراق توغراشنى بۇيرۇيتتى. ئۇ پىيازنىڭ تاماقلىرىغا سوغاق بىر خىل ئاچچىق يېپىشىشلىرىنى ياقتۇراتتى. قۇتلۇقنىڭ بىر ئادىتى شۇكى ئۇ ھاراققا ئېغىز تېگىپلا قالسا پىيازدىن باشقا ھېچنەرسە يېمەيتتى. يۇلتۇز يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئىشىكىنى مەھكەن تاقاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. قۇتلۇقمۇ مەھمانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە قاراشلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئالدىراتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ سىڭلىسىغا ئوغۇرلۇقچە قاراشلىرىنى ياقتۇرمايتتى، گەرچە بۇ سىڭلىسىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە سىڭلىسى مەڭگۈ كىچىك بىر ئۆسمۈر ئىدى. باشقىلارنىڭ ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارىشى ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىشتەك بىلىنەتتى. يۇلتۇز ئۆز ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قۇتلۇق ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئۈنئالغۇنىڭ تىڭشىغۇچىنى تىقىۋېلىپ چەتەل تىلى ئۈگىنىشكە چۈشكەنلىكىنى پەرەز قىلالايتتى.
كۆپ-كۆك تاماكا ئىسى ئارقىسىدىن قۇتلۇق دوستلىرىنىڭ ھەر خىل روھى ھالەتتىكى چىرايلىرىغا بىر-بىرلەپ قاراپ چىقاتتى. ئۇ بۇ دوستلىرىنىڭ چىرايلىرىنى خۇددى ئىس ئىچىدە ئېرىپ ئىس بىلەن بىرگە توزۇپ كېتىۋاتقاندەك سېزەتتى. ئۇنىڭغا بۇنداق سورۇنلار خوش ياقماس بولۇپ قالغانىدى. ئىلگىرى ئۇ بۇنداق سورۇنلارنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئارزۇ قىلىپ كېتەتتى، ئەمدى بولسا ئولتۇرۇش قاچان تۈگەر دەپ گاھ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق تۈگىمەسكە قالغان بوتۇلكىغا، گاھ ۋاقتنى ئۇنتۇپ قالغان ئاغىنىلىرىگە قارايتتى.
رومكىغا لىق قۇيۇلغان ھاراققا قارىسىلا بىر خىل پەرىشانلىق مەستلىك بىلەن بىللە ئۇنىڭ مېڭىسىنى پىلدىرلاتقاندەك بولاتتى.
قۇتلۇقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پاكار بىر دوستى ھاراق قۇيۇلغان رومكىنى ئېلىپ قۇتلۇققا تەڭلىدى. ئۇنىڭ بويى بەكلا پاكار بولغاچقا شىرە كەينىدە تۇرغان گەۋدىسىنىڭ ئولتۇرۇغلۇق ياكى ئۆرە تۇرۇغلۇق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئالدىغا باشقىلار خوڭكوڭنىڭ كىنولىرىدىكى قارا جەمىيەتنىڭ غوجا ئاكىلىرىنىڭ قولىدا تولا كۆرۈپ شۇ بويىچە غوجا ئاكا دەپ ئاتىۋالغان يۆتكەلمە تېلىفوننى تىكلىۋالغان بولۇپ، پات پات ئۇنىڭ بۇنىڭغا چاقىرغۇ ئۇرۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ چاقۇرغىسىغا سۆز قالدۇرىشى مەلۇم بىر ئىش بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ غوجا ئاكا دەپ ئاتالغان تېلىفونى بارلىقى باشقىلارغا ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈنلا بولۇۋاتقاندەك، قالدۇرغان سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق ئىدى.
بىر تۆت ئىككى نۆلنى چاقىرىۋەتسىڭىز. گەپ قالدۇرىمەن: ھەي، بايقۇش، تېخى ئۇخلىمىغانلىقىڭنى بىلىمەن، كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشمەي ياتارسەن، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى…
يەتتە نۆل بەش توققۇزنى چاقىرىمەن، قالدۇرىدىغان گەپنىڭ مەزۇنى: ئۆلمىگەن بولساڭ داۋاملىق ياشاۋەر. غۇجاكاڭ بولغاندىكىن ماڭىمۇ تېلفۇن ئۇرۇپ قويساڭ بولمامدۇ. غوجاكاڭدا پۇل جىق كېتىدىكەن دەپ چىقىنالمىساڭ مەن ئاتچوت قىلاي…
توققۇز يەتتە بەش نۆلنى چاقىرىمەن، قالدۇرىدىغان گەپنىڭ مەزۇنى: ئارىلاشماس بولۇپ كەتتىڭغۇ بۇرادەر…
نىيازنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشتىن باشقا خىزمىتى يوق ئىدى. شۇڭا كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشسا ئاغزىدىن كىم بىلەن كىمنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقى، كىم بىلەن كىمنىڭ ئارىلاشماس بولۇپ كەتكەنلىكىدىن باشقا گەپ چىقمايتتى. بىراۋغا غوجا ئاكاسىدا چاقىرغۇغا سۆز قالدۇرسىمۇ ئارىلىشىپ ئۆتۈشتىن باشقا گەپ قىلامايتتى. ئۇنىڭ ئارىلىشىش خۇمارى كېسەللىك دەرىجىسىدە ئېغىر ئىدى. قۇتلۇق ئۇنىڭ بىرەر كۈن سورۇنسىز ۋە باشقىلارغا ئارىلىشىپ ئۆتۈش توغرىسىدا كاپشىماي ياشىيالىشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ھېس قىلاتتى. بۇ پاكارنىڭ قانچە ياشقا كىرگىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بويى شۇ قەدەر پاكار بولسىمۇ لېكىن پۇت قوللىرى ۋە باشقا پۈتكۈل ئەزالىرىنىڭ كىچىكلىكىمۇ تەڭ نىسبەتتە بولغاچقا قارىغان كىشىگە جىسمانىي كەمتۇكلىكى بار چوڭ ياشلىق ئادەمدەك ئەمەس بەلكى كىچىك بالىدەكلا كۆرىنەتتى . ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ جايلىشىش نىسبىتى نورمال بولۇپ ئۇنىڭ پاكارلىقى بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن ئەمەس، شۇڭا بىر قارىغان كىشىگگە پۇتىنىڭ قىسقىلىقى ياكى دوك بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن پاكار بولۇپ قالغان باشقا پاكارلاردەك يۈزى چوڭ ئادەملەرگە، بەدىنى كىچىك بالىلارغا خاس غەلىتە بىر قۇرۇلمىدا ئەمەس ئىدى. پەقەت تېخى ئۆسۈپ قورامىغا يەتمىگەندەك بىلىنەتتى. قۇتلۇق ئۇنىڭ ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆزى بىلەن چاتىقى يوق دائىم قۇتلۇقنىڭ قېرى يىگىت بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ چىشىغا تېگەتتى. ئۇ بۇ گەپنى تىلغا ئېلىشى بىلەن ھەممىسى ئۇنىڭغا بولۇشاتتى. ھېچكىممۇ ئۇنى سەنچۇ، سەن نىمىشقا مۇشۇ چاققىچە توي قىلمىدىڭ دېمەيتتى. باشقىلار بەلكىم ئۇنىڭ كىچىكم بالىلاردەك مەڭگۈ چوڭ بولماس گەۋدىسىگە قاراپ ئۇنىڭمۇ چوڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالسا كېرەك.
قۇتلۇققا ھاراق تەڭلىگەن كىچىككىنە قوللىرىنىڭ قايسىدۇ بىر بارمىقىدا يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن ئۈزىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن سەل تەڭشىلىپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. قۇتلۇق ئۇنىڭغا قولنى ئۇزىتىشىغىلا ئۇ رومكىنى ئېلىپ قېچىپ ئەيتتى:
توختا،بۇ ھاراقىنى ساڭا بېرىشتىن ئاۋال بىر گەپ قىلۋالاي، قۇتلۇق، بىلەمسەن، بۈگۈن بىز ئاغىنىلەر نېمىشقا جەم بۇلۇپ تۇيۇقسىز ئۆيۈڭگە باستۇرۇپ كىرىدۇق؟ بىز بۈگۈن ھەممىمىز سېنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تىلىماقچى!
  يەنە شۇ گەپ، ئۇقتۇم! مەن ھازىر بۇ دۇنيادا ئەڭ بىزار بۇلدىغان گەپ شۇ، باشقىلارنىڭ مېنى نېمىشقا توي قىلمايسەن دەۋېرىشى، مەن توي قىلسام پەقەت بىرلا قىز بىلەن توي قىلىمەن. باشقا ئەگە تەگمەي، پەقەت مېنىڭ ئېلشىمنىلا كۈتۈپ تۇرغان قىزلار ساقلاپ كېتىپ جاھانغا پاتماي قالغان بولسا، - قۇتلۇق كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلغان بولۇپ ئاچچىقىدا ئەر چىقمىغان ئاچاڭلار بولسا دىگىلى تاس قالدى، - ئېيتىپ قويۇڭلار ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن، شۇڭا مېنى ساقلاپ تۇرىۋەرمەي، باشقا ئەرلەرگە تېگىۋەرسۇن!
  - سەن بۇ يىل 35 كە كىردىڭ، سەن كۆپ ئايالنىڭ ئەمەس، بىرسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولساڭ ئاللىقاچان توي قىلاتتىڭ، سەن دوختۇرغا بېرىپ بىر كۆرىنىپ باقساڭ بولغىدەك، سەن ساق بولساڭ مۇنداق يۈرمەيتتىڭ دېدى پاكارنىڭ بىر گۇپپاڭچىسى دەرھال گەپ قىستۇرۇپ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يالغاندىن كۈلكىسىنى باسالماي قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، پاكار ئۈچۈن بىجىرمىسە بولمايدىغان بىر مۇراسىمنى بىجىرىۋاتقاندەك ئۆزلىرىنى زورلاپ كۈلۈپ تىزلىرىغا شاپىلاقلاپ ئۆچكىدەك مەرەشتى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەندەكمۇ بولدى.
  شۇندىلا قۇتلۇقنىڭ جاۋابىنى ئەمەس، سورۇننىنڭ ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان نىياز پاكار ھاراقنى قۇتلۇققا بەردى. ئۇنىڭ مۇلۇننىڭكىدەك كۆزلىرى قۇتلۇقتىن جاۋاب كۈتۈپ ئەمەس، باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ سورۇندا قىلغان گېپىگە ئالقىش مەدھىيۋە كۈتۈپ قارايتتى. ئوتتۇرا بارمىقىدىكى ئۈزىكىنى باش بارمىقى بىلەن توختىماي چۆگىلىتەتتى. ئەتراپتىكىلەر بىردەم ئۇنىڭ دوستلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان پەزىلىتىنى ماختىشىپ كەتتى. ھەتتا گۇڭگا شېئىر يازىدىغان بۈدرە چاچلىق بىر گۇپپاڭچى ئۇنىڭ قالتىس ئادەمگەرچىلىكى توغرىسىدا توختىلىۋېتىپ ھەتتا ئۇنىڭ بويى كىچىك بولغىنى بىلەن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ سۆزلەپ كەتتى. بىر ئادەم يېنىدىن تېزراق مېڭىپ ئۆتسە ئۇنىڭ شامىلىدا يىقىلىپ چۈشىدىغان بۇ پاكار كىشىنى ئۇ تارتىنىپ ئولتۇرمايلا ئىنتايىن كۈشتۈڭۈر دېدى. ئۆزىنىڭ بۇ گېپىنىڭ زادىلا ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاچقا بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئابرويىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
    - ئۇ كۈندە چېنىقىدۇ، ئاجايىپ كۈچى بار. مەن نىيازدا بۇنچىلىك كۈچنىڭ بارلىقىنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن، بىر قېتىم مەست بولۇپ قاپتىكەنمەن، كېتىمىز دېسە يەنە ئىچىمەن دەپ تۇرۇۋاپتىمەن، نەچچەيلەن تارتىپ ماشىنىغا چىقىرالماپتۇ. شۇ چاغدا نىياز كېلىپ شىللىمدىن تۇتۇپ تارتىپلا ماشىنىغا چىقىرىۋەتتى دېمەمسىلەر. يا پاناھ! ئالتە ئادەمنىڭ كۈچى يەتمىگەن جۇمۇ ئاغىنىلەر.
    غەزىپىنى ئاران بېسىپ تۇرغان قۇتلۇقنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلكىدىن ئاچچىقىمۇ تارقاپ كەتتى. غەزەپلىنىپ قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ سۆزلىمەكچى ئىدى، ئۇ سۆزلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھېلىقى گۇڭگا شېئىرچىنىڭ گېپىگە بولغان ئىنكاسىنى كۈزەتتى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ گېپىگە بولغان مەسخىرىنى ئاران يوشۇرۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ گېپى تۈگۈشى بىلەنلا بىر بىرى بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ بۇ گەپنىڭ راستقىنى تەستىقلاشتى. ھەم گۇڭگاچى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇنى ئىسپاتلىدى. نەتىجىدە ھەممەيلەننىڭ نىياز پاكانىڭ توققۇز ئون ياشلاردىكى بالىلارنىڭكىچىلىك كىچىككىنە كۈچتۈڭۈر قوللىرىدا يېڭىلىپ قالغان كەچۈرمىشى بار بولۇپ چىقتى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان ھەۋىسىنىمۇ ماختاپ بولدى. قۇتلۇق بۇنىڭغا راستىنلا ئىشىنىپ قالدى. نىياز پاكارنىڭ خۇنۇك پارقىراپ تۇرىدىغان كۆزلىرى چىرايلىق قىزلارنى كۆرسە ئۈزۈلمەي قالاتتى، مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتى نەزەر ئۇنى كۆرگەن كۈنىلا توي قىلىش تەلىپىنى قويماي قالمايتتى.
  سورۇندىكى ھەممەيلەن ئۈنى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا ئۇ پاكارنىڭ ئايالغا ئامراقلىقىنى ماختىغان كىشىگە قارىشىپلا قالغان ئىدى. چۈنكى نىياز پاكار مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاياللىرىغا ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن تەلەپ قويۇپ چىققان ئىدى. بۇ كىشى نىياز پاكارنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئىلگىرى قۇتلۇقلار بىلەن ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتتى، شۇڭا بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلار نىياز پاكارنىڭ مايلىشاڭغۇ كۆزلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي قاراۋېرىشىدىن ئەنسىرەپ نىياز پاكار بار سورۇنغا ئاياللىرىنى ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچقايسى بۇ پاكارنى ياراتمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇ پاكارنىڭ مەست بولۇپ ئۇلارغا بىرنەرسە دەپ كۆڭۈلسىزلىك تېرىشىدىن ئەنسىرەييتى. نىياز پاكار ئۇلارغا مەست بولۇپ يېپىشىۋالسا ئۇلار دائىم باشقىلار بىلەن قاتتىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىۋالسىمۇ لېكىن بۇ ھالەتنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈپ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتەتتى. نىياز پاكارنىڭ شوپۇرىنىڭ گېپى ئۇلارنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ھەممەيلەننىڭ دەھال تەسەۋۇرىدا بۇ پاكارنىڭ غەلىتە قىلىقلار يۈز بەرگەن جېپ ماشىنىسى سىرلىق دېرىزىلىرى ھىم ئېتىلگەن ھالدا پەيدا بولغاندەك قىلاتتى.   
  قۇتلۇق ھاراقنى ئىچىۋېتىپ ئارىلىقتىكى باشقىلار بۇزۇشتىن تېخى خىجىل بولۇۋاتقان بۇزماي دېسە چىدىغىلى بولمايدىغان ئېغىر جىملىقنى بۇزدى.
  ئاتا-ئانام تۈگەپ كېتىپ، ئالتا-يەتتە يىلدىن بۇيان مېنىڭ تارتمىغان جاپالىرىم قالمىدى، كۆرمىگەن كۈنلىرىم قالمىدى، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ھەر قايسىڭنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەر قايسىڭ ھاراق قۇيۇپ بەرگەندىلا ئاغىنە، ھەممەڭ پۇل تېپىپ، يول تېپىپ كېتىشتىڭ، تېخى بىر يىل ئىلگىرىلا سىڭلىمنىڭ ئاخىرىقى يىللىق ئوقۇش پۇلىغا 300كوي پۇلۇم كېمىپ قېلىپ، سورىمغان ئادىمىم قالمىدى، ئۆزەم تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان كىتابىمنى كۆتۈرىۋېلىپ ھەممىڭگە كۆرسىتىپ، كىلەر ئايدا قەلەم ھەققىمنى بېرىدۇ، بىر ئايلىق بېرىپ تۇرۇڭلار دېسەم قايسىڭ بېرىپ تۇرۇشتۇڭ؟
    ماڭا دېسەڭ بولمامدۇ؟ دېدى پاكار قولىدىكى ئۈزىكىنى توختىماي ئوينىتىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ چىرايىدىن باياتىن جىنسىي ئىقتىدارىغا بولغان ماختاشتىن پەخىرلىنىش تېخى تۈگىمىگەن ئىدى.
  ساڭا ئېيتتىم.
  ئېيتمىدىڭ، نەدە ئېيتىسەن.
  ئېيتتىم، بىر قېتىم ئەمەس، ئالتە قېتىم ئېيىتتىم.
  نەدە؟
  سەن ماڭا دۆڭكۆۋرۈكتە ئۇچراپ قالدىڭ. مەن ئېيتسام گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ، سېنىڭ كۆزلىرىڭ يول بويىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يوتىسىدا ئىدى. سەن مەندىن قايتۇرۇپ نىمە ئىشلىقىنى سورىدىڭ، مەن يەنە ئېيتتىم، سەن يەنىلا ئاڭلىمىدىڭ. شۇنداق قىلىپ سەن بەش قېتىم مەندىن نىمە ئىشلىقىنى قايتىلاپ سورىدىڭ. مەن سېنىڭ ئاڭلىمايۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپ قايتا قايتا دەۋەردىم.
  ئاخىرى قانداق بولدى؟
  ئاخىرى سەن، پۇل بېرىپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى ئېيتىپلا كېتىپ قالدىڭ.
  بەلكىم ئۆزەمنىڭ نىمىگە ياق دېگىنىمنى بىلمەي جاۋاب بېرىپلا كېتىپ قالغان ئوخشايمەن، دېدى پاكار. قۇتلۇق ئۇنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىنى دەپ قويغىنىنى ئويلىمىغان ئىدى. پاكار ئۇنىڭ گېپىدىن خاپا بولماستىن خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى قۇتلۇقنىڭ، كۆزلىرىڭ يول بويىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يوتىسىدا ئىدى، دېگەن گېپى پاكارنىڭ ئەرەنلىكىنى ماختاشكەك بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پاكارنىڭ ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.
بۇ قېتىم ئۇنداق بولمايدۇ، توي قىلىمەن دېسەڭ يەتكۈدەك پۇلۇڭ بار بولىدۇ. دېدى پاكار ئەستايىدىل قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا تىرىشىپ، بۇ قېتىم ماڭا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن كىتابىڭ ئاللىقاچان باسما زاۋۇدىغا كېتىپ بولدى، يەنە بىر ھەپتىگە قالماي نەشىردىن چىقىپ بولىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇتلۇقنىڭ روھى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. نىياز پاكارنىڭ يىرگىنىچلىك قىياپىتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاستا ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇ مەست بولاي دەپ قالغان كۆزلىرىگە نۇرىنى يىغىپ بۇ پاكارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرمەكچى بولسىمۇ تاپالمىغاندەك قىلاتتى. پاكار يىلىم سۈرۈپ پارقىرىتىۋالغان چاچلىرىنى بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا پات پات ناھايىتى سالاپەت بىلەن بوش ئارقىغا سىلاپ قوياتتى. قۇتلۇق دائىم ئۇنى يالغانچىدەكلا ھېس قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دائىم قۇتلۇققا خوشامەت قىلىپ ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قەيەردە زىياپەت قىلسا چاقىرىپ تۇرغاچقا، ئۆزىدىكى بۇ تەبىئى تۇيغۇنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى ئىشەنچلىك ھەتتا دوست ھېس قىلىشقا تىرىشاتتى. ھاراقنى ئىچىپ مەست بولغانسېرى بۇ پاكارنىڭ ئوبرازى ئۆزگىرىپ قۇتلۇققا ئىنتايىن سەمىمىي ۋە دوستانە بىر كىشى بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
گۇپپاڭچىلىقتا ھەرقانداق گەپنى قىلىشتىن خىجىل بولمايدىغان، بەدىئىي ئىجادىي كۈچىنى پەقەت گۇپپاڭچىلىققىلا ئىشلىتىدىغان گۇڭگا شېئىرچى نىيازنىڭ دوستلارغا بەك كۆيۈنىدىغانلىقىنى، قۇتلۇقنىڭمۇ دوستلىققا سادىقلىقىنى بىرھازا ماختىدى. يۇلتۇز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۇ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن ئىدى. بىر كۈنى قانداقتۇر بىر سورۇندا ئۇ قۇتلۇق بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ چىقىشىپ كەتتى. سورۇن تۈگىگەندە ھاراققا قانمىغانلىقىنى، قۇتلۇق بىلەن يەنە داۋاملىق ئىچىشكۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ قۇتلۇقنىڭ ئۆيىگە كەلدى دە شۇ كەلگىنىچە ئىككى يېيىم يىل تۇرۇپ قالدى. ئىككى يىل قۇتلۇق ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئىدى. ئۇ قۇتلۇقنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپۇپلا قالماي يەنە يىمەك ئىچمەكتىمۇ قۇتلۇق بىلەن بىللە ئىدى. ھېچقانداق ئىختىسادىي كىرىمى يوق بۇ سەرگەردان بىر مۇئاشى بىلەن يۇلتۇزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئاران قۇربى يېتىۋاتقان قۇتلۇققا ئارام بېرەي دېمىدى. ھېچىش قىلماي ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدە يېتىپ خىزمەتنىڭ خەۋىرىنى كۈتەتتى. بەزىدە قۇتلۇق ئىختىسادىي جەھەتتىكى يۈكنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەر دىگەن مەقسەتتە بەزى زورناللارنىڭ ماقالىلىرىنى ئەكىلىپ تەرجىمە قىلىشقا بەرسە ئۇ خوشياقماي تەرجىمە قىلىپمۇ بەرمىدى. كېيىن يۇلتۇز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىلا ئاندىن بۇ ئۆيدىن خۇددى قۇتلۇقتا ھەققى باردەك ياكى ئانىسى ئۇنى قۇتلۇق ئۈچۈن تۇغقاندەك ئىنتايىن خاپا ھالدا چىقىپ كېتىپ يېڭى ماكان ئىزدىدى. قۇتلۇققا ئامال يوق ئىدى. ئۇ ئىشقا كەتكەندە بۇ بىكار تەلەپ چۈشكىچە ئۇخلاپ قالسا، سىڭلىسى نەدە تۇرىدۇ؟ لېكىن قۇتلۇق يەنىلا ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ يانچۇقىغا ئازراق پۇل سېلىپ قويدى. نىمىلا بولمىسۇن قۇتلۇقنىڭ ھۆسىن خېتى چىرايلىق بولغاچقا دائىم ۋىۋىسكىلارنى يېزىپ قوشۇمچە كىرىم قىلاتتى. ئەگەر بۇ ھۈنىرى بولمىغان بولسا ئۇ ھەم يۇلتۇزغا قاراپ ھەم بۇ بىكار تەلەپنى باقالمايتتى. ئۇ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قۇتلۇق ئۇنى نارازى قىلىپ قويغىنىغا ئازابلىنىپ يەنە بىر مەزگىلگىچە ئۇنى ئىزدەپ ھالىدىن ئاز تولا خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئۇ يەنە بىر بويتاقنى تېپىپ شۇنىڭ ئۆيىنى ماكان قىلغان ئىدى. كېيىن ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ سودىغا چۈشۈپ كەتتى. ھال كۈنى ياخشىلانغاندىن كېيىنلا قۇتلۇقنى زادىلا ئىزدىمەس بولدى. لېكىن قۇتلۇق يەنىلا دوستانىلىق بىلەن ئۇنىڭ ھال كۈنىنىڭ ياخشىلانغىنىدىن خوشال ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ نىيازغا ئەگىشىپ كەلگىنىگە قاراپ قۇتلۇق ئۇنىڭ ھالى يەنە خاراپ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ يەنە ئىلگىرىكىدەك ئەھۋالغا قالمىغان بولسا ھەرگىز قۇتلۇقنىڭ ئۆيىگە كەلمەيتتى ۋە قۇتلۇقنىڭ دوستلىققا سادىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ماختىمايتتى.
ھاراق ناھايىتى كۆپ ئىچىلىپ كەتتى. بەلكىم كىشى بېشىغا بىر بوتۇلكىدىن توغرا كەلگەندۇ. نىياز پاكار يەنىلا ھاراق ئەكىرىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. باشقىلار ئۇنىڭ ئىلگىرى جىگەر ياللۇغى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى داۋاملىق ئىچىۋېرىشتىن توسىماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلارنىڭ كېچىچە ئىچكۈسى بار ئىدى.
سالامەتلىكنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان لەززىتى يەنىلا ھاراقنىڭ لەززىتىگە يەتمەيدۇ، دېدى نىياز پاكار ۋە دەلدەڭشىپ سىرتقا ماڭدى. قۇتلۇق سەن بولدى ئولتۇرۇپ تۇر، مەن چىقىپ بىر بوتۇلكا تېپىپ كىرەي.
قۇتلۇق نىياز پاكار ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتكۈچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى، چۈنكى ئۇ يۇلتۇزنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتەتتى. قۇتلۇق ئۇنى چىقىدىغان ئىشكنى تاپالماي يۇلتۇزنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ قالمىسۇن دەپ قارىدىمۇ، ياكى ئۇ سىرتقا ماڭغان بولۇپ يۇلتۇزنىڭ يېنىغا كىرىشكە ئۇرۇنمىسۇن دەپ ئويلاپ قالدىمۇ بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئىشقىلىپ ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ نىياز پاكارغا ھەم خوشامەت بىلەن ھەم ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. نىياز پاكار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قۇتلۇق ئەگەر ئۇ مەيلى ئازغىشىپ بولسۇن مەيلى قەستەن بولسۇن يۇلتۇزنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ قالسا ئۆزىنىڭ ئۇنى نىمە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۇر قىلماقچى بولدى، لېكىن تەسەۋۇر قىلالمىدى. بەلكىم قولىغا چىققانلا بىر نەرسىنى ئېلىپ ئېتىلىپ بېرىپ پاكارنىڭ كىچىككىنە بېشىنى يېرىۋېتىشى، ھەتتا مەستلىكتە ئۆلتۈرۈپ سېلىشى مۇمكىن…بەلكىم ئۇنى شىللىسىدىن تۇتقىنىچە بىنانىڭ دەرىزىسىدىن تاشلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن… بەلكىم نىمە قىلىشنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپمۇ قالار…
نىياز پاكار ھاراق ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن ھەممەيلەن سېلىنىپ كەتكەن باشلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قايتىدىن جانلاندى. ھاراق ئىچىش ئۇپۇق ئاقارغىچە داۋاملاشتى. ھەممەيلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قۇتلۇق يېتىپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇ دائىمقى ئۇخلاش قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ئۇخلىيالمايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇيقۇغا زورلاپ كۆزىنى يۇمۇپ ئۇزاق ياتتى، لېكىن پايدىسى بولمىدى. نىياز پاكاردىن قەلەم ھەققىنى ئالغاندىن كېيىنكى ئىشلار كاللىسىغا كىرىۋالغان ئىدى. ئۇ دۇكانلاردىكى ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرىنى بىر بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ھەم ئۇلارنىڭ مۇشۇ كونا شىرە، ئورۇندۇق ۋە تۆمۈر كارىۋات بىلەن ئۆي ئەمەس كونا ئىشخانىدەك كۆرۈنىدىغان ئۆيىگە جايلىشىشىنى تەسەۋۇر قىلاتتى. تاڭ يورۇپ قوياشنىڭ قىزىللىقى ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ تاملىرىدا ئايان بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىندى. لېكىن ئۇ ئۇ دۇكانلاردىكى ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرىنى شۇنچە ئويلاپ ياتقان بولسىمۇ ئۇلار زادىلا ئۇنىڭ چۈشىگە كىرمىدى.
ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

borway يوللانغان ۋاقتى 2008-3-6 21:48:48

ﻛﯩﻨﻮﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺳﻪﺭ ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻏﯘ ﺑﯘ ...

xaytan731 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-7 09:16:12

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﮬﻪ+++ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ ﺟﯘﻣﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻜﻪﻥ. ﮬﻪﻱ ﺋﺎ ﻛﯧﻨﻮﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘﺩﻩ ﺋﯩﺴﯩﺖ!!!!!!!!!!!!!!

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-3-7 20:48:05


3
مال باھاسى شۇنچە ئۆرلەپ كېتىۋاتسا كىشىلەرنىڭ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىستىمال قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى قۇتلۇقنى ھەيران قالدۇراتتى. كىشىلەر خۇددى بۇرۇن نەرسىلەر ئەرزان چاغدا ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلمەي يۈرۈپ نەرسىلەر قىممەتلەپ كەتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ باھاسىدىن قەدىر قىممىتىنى ھېس قىلغاندەك نىمە قىممەت بولسا شۇنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولۇشۇپ كەتتى. توقسۇنىنچى يىللىرى كىرىش بىلەنلا باشلانغان ئىستىمال قىزغىنلىقى توقسۇنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىمۇ بېسىقاي دېمىدى. يەنە خېلى بىر مەزگىلگىچە كىشىلەر بۇ خىل تەلۋىلەرچە قىزغىنلىقتىن چارچىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئادەملەر بۇرۇنقىدەك پۇل يىغىش دېگەنلەرنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بىردىنلا كىشىلەر بىر بىرىگە كۆز كۆز قىلىپ تاكسىغا ئولتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تاكسىغا ئولتۇرۇشتىكى مەقسىدى بىر يەرگە تېزلىكتە بېرىش ئەمەس خۇددى باشقىلارغا ئۆزىنىڭمۇ تاكىسىغا ئولتۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشتەك، تاماقتىن قىسىنىپ تەييار چۆپ ياكى قۇرۇق ناننى سۇغا چىلاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ بولسىمۇ كىشىلەر ئامال قىلىپ تاكسىغا چىقىشاتتى. دۇكانلاردىن بولسا ئەتە نىمە يېيىش بىلەن كارى يوق يېنىدىكى ھەممە پۇلنى يىغىپ ئەڭ قىممەت كىيىملەرنى تاللاپ ئېلىشاتتى دە ئەتىسىدىن باشلاپ قورساقلىرى كوركىرىغان ھالدا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ يۈرۈشەتتى.
  قۇتلۇق، يۇلتۇز، زۆھرە ئۈچەيلەن بازار ئارىلاپ كەلگۈسىدە ئالماقچى بولغان ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرىنى كۆرمەكتە ئىدى. قۇتلۇقنىڭ چىرايىدىن بۇ نەرسىلەرگە ئانچە قىزىقماسلىق چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئوتقاشتەك قىپ قىزىل كىيىنىۋالغان زۆھرە دۇكانلاردىكى ھەر بىر ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرىنى ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن كۆرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى ئىشتىياقى قۇتلۇقنى بىزار قىلغاندەك ئۇ زۆھرەنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئۇياق بۇياققا نىشانسىز قارايتتى. قۇتلۇق زۆھرەدىن بىزار بولۇپ بىر كۈنلىرى ئۇنىڭ بىئەن توي قىلىشتىن ئۆزىنىڭ يالتىيىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا دائىم زۆھرەنىڭ كۆڭۈلگە ياقمايدىغان ئىشلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. زۆھرە باياتىن يېرىم كېلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان يولغا تاكسىغا چۈشۈپ كېلىمەن دەپ تۇرۇۋالغاندا ئۇلار گەپ تەگىشىپ قالغىلى تاس قالدى. قۇتلۇق زۆھرەنىڭ تېرىسىنى تېخىمۇ ئاق قىلىپ كۆرسىتىپ بۇرنىنىڭ ئەتراپىدا يۇمران تېرىسىدە دانە دانە بىلىنىپ تۇرغان سەپكۈنلەرگە قاتتىق بىر تىكىلىۋىدى، زۆھرە دەرھال ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىنى پەمىلەپ تاكسىغا چۈشۈش نىيىتىدىن ياندى. دەل شۇ چاغدا قۇتلۇقمۇ زۆھرەنىڭ چىرايىدا قورۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقنى سەزدى. زۆھرە قۇتلۇقتىن بىر نەچچە ياش كىچىك بولسىمۇ لېكىن قىزلار ئۈچۈن بۇ خېلىلا چوڭ ياش ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پات پات قېيدىشىشلار بولۇپ تۇراتتى، لېكىن ئۇلار يەنىلا بىر بىرىدىن ئايرىلالمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن كۆڭلىگە ياقمىسا دەرھال باشقىنى تاپىدىغان دەۋرلىرى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. قۇتلۇق ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز پىشانىسىگە پۈتۈلگەن، قېچىپ بولغىلى بولمايدىغان تەقدىر ئىكەنلىكىنى سېزىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ زۆھرەنىڭ ياشلىقى بارا بارا ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ چىرايلىق قىزلاردىن بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا قۇتلۇق رازى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بولىدىكەن دەپ ئۆزىنى قايىل قىلغان جايلىرى بار ئىدى، لېكىن ئالدى بىلەن قۇتلۇق ياقتۇرغان ئۇنىڭ ئېگىز بويى ۋە تۈپ تۈز پۇتلىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىلگىرى بىر بىرىگە ھىم تېگىشىپ تۇرىدىغان پۇتلىرى ئېگىلىپ ئىككى پۇتى ئارىسى يۇمۇلاق شەكىلدە ئېچىلىپ قالدى. ئۇنىڭ دائىم تىك گەۋدىسى ئېگىلىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇ دائىم يول ماڭسا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئىچىگە تىقىۋالغاچقا شۇنداق پاكار كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايتتى.
ئىلگىرى زۆھرەنى قوغلىشىپ يۈرگەنلەر بىر بىرلەپ غايىپ بولدى. بۇ قانائەتچان قوغلاشقۇچىلارمۇ زۆھرەنى ئاشىق بولۇپ قېلىپ قوغلاشقان ئەمەس، پەقەت ئۇنى ھەرھالدا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قوغلاشقانلار ئىدى. كېيىن زۆھرە ئۇلارنى بىرەردىن بالىنى يېتىلىۋالغان ھالدا كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن يىلىمان ئىدى. زۆھرەمۇ قۇتلۇقنىڭ باشقا سەتەڭ قىزلارنىڭ كەينىدە چېپىپ يۈرگىنىنى بىلەتتى. ئاخىرىدا قۇتلۇقنىڭ چېپىپ يۈرىيدىغان يېرى تامامەن تۈگىگەندىلا ئاندىن نۆۋەت زۆھرەگە كەلدى. زۆھرە قۇتلۇق بىلەن ئارىلاشقان قىزلار ئىچىدە رىسالەت ئىسىملىك بىرىنى قۇتلۇق بىلەن توي قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قۇتلۇقنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدى تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلىمايدىغان بولغان ئىدى. لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالدى. ئاشۇ كۈنى زۆھرە غەلىتىلا بولۇپ قالدى. ھاياجاندىن قويغان تۇتقىنىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۆزىنىڭ نىمىشقا بۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. قانداقتۇر تۇرمۇشىدا غايەت بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى ھېس قىلغاندەك بولغان ئىدى. ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ قۇتلۇققا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزدى. گەرچە بۇ قۇتلۇقتىكى جەلبكارلىق سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەڭەن مەزگىل بولسىمۇ، ئۇنىڭدا باشقىلار ھېس قىلىپ بولالمايدىغان، پەقەت زۆھرەلا ھېس قىلالايدىغان بىر جەلىبكارلىق باردەك قىلاتتى. كېيىن زۆھرە بۇ جەلىبكارلىقنىڭ ئۆزىدىكى كۈندەشلىك پەيدا قىلغان تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى سەزدى.
  زۆھرە ھەدەپ ماگزىندىكى تېلۋېزور ۋە ئائىلە سايمانلىرىغا قاراپ تۇرۇۋالاتتى، قۇتلۇق ئۇنى قولىدىن تارتىپ مېڭىشقا ئۈندەيتتى:
    -يۈرىڭە، بۇلارنى كىتابىمنىڭ قەلەم ھەققىنى قولمىزغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ كۆرۈپ تاللىۋالساقمۇ ئۈلگۈرىمىز…
  - ھازىر كۆرۈپ قويساق ياخشى ئەمەسمۇ؟
  - سىزنىڭ پۈتكۈل ئەس يادىڭىز ئاشۇلاردا، سىزنىڭغۇ تەگمەكچى بولغىنىڭىز مەن ئەمەس، ئاشۇلار -قۇتلۇق ھەممىسىدە تەڭلا ئوخشاش كۆرۈنۈش كۆرسۈتىلىۋاتقان تېلۋىزورلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپ چاقچاق قىلدى. تېلۋىزورلاردا قويۇلۇۋاتقان ۋەھىمىلىك فىلىمدە بىر ئالۋاستى ھەدەپ ھۆكۈرمەكتە ئىدى. قۇتلۇقنى تېئىۋېزورنى ئەمەس ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئالۋاستىنى كۆرسەتكىنى بىلىپ زۆھرە يالغاندىن دومسايدى:
  - سىز بىلەن توي قىلغىچە ساقلاپ ساقلاپ ئاخىرى سىز ئاشۇنداق ئەرۋاھقىمۇ ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇرىسىز. مەنمۇ رىسالەتكە ئوخشاش باشقا بىرىنى تاپالمىغاندىكىن يەنىلا ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ مەيلى دەپ سىزنى ساقلايمەن دە!
  زۆھرە دائىم رىسالەتنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ قۇتلۇقنىڭ چىشىغا تەگسىلا قۇتلۇق جىم بولۇپ كېتەتتى. بۇ قۇتلۇقنىڭ ئۇنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇيالماي قىينىلىۋاتقانلىقىدىنمۇ ياكى ئۇنى ئەسلەشنى خالىمىغانلىقىدىنمۇ بۇنى زۆھرە بىلەلمەي ئاۋارە ئىدى. قۇتلۇق پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇنى يامان كۆرگەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ زۆھرەنى سەل خاتىرجەم قىلاتتى. لېكىن زۆھرە قۇتلۇقتا بىرەركىمنى يامان كۆرىدىغانلىق ئۆچمەنلىكنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەتتىن باشقا ھېچنەرسە يوقتەك تۇيۇلاتتى.
  رەسالەت دىگەن بۇ ئىسىم يۇلتۇزنىڭ دائىم بەك دىققىتىنى تارتاتتى. چۈنكى ئۇ ئاكىسىنىڭ زىلۋا، ئىگىز كەلگەن بۇ قارامتۇل قىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيدە يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. قۇتلۇق ئۇ كۈنى ھېچكىمگە گەپ قىلمىدى. قۇتلۇق ئەزەلدىن ئۆيدە يالغۇز ھاراق ئىچمەيتتى. ئەتىسى يۇلتۇز ئۇ قىزنىڭ توي قىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدى.
ئۇلار ئايلىنىپ بېرىپ ئۇششاق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ساتىدىغان يەرگە كەلگەندە بولسا زۆھرە ئەمەس بەلكى قۇتلۇق تۇرىۋالدى. ئۇ بىردەم ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ۋالىكمەڭە قارىسا بىردەم ئېڭىلىزچە ئېلېكترونلۇق لۇغەتكە كۆزىنى ئۈزەلمەي قارايتتى. ئۇ ئەنگىلىزچە ئۈگىنىشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئاشۇ قۇراللار بىلەن تېزراق ھەل قىلىشنى داۋاملىق خىيال قىلاتتى. ئەنگىلىزچە ئۈگۈنىشىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈملۈك بولماسلىقىنى ئۇ تېخىچە تامامەن يېشىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىگە ئارتىشقا رايى بارماي يۈرەتتى. زۆھرە ئۇنىڭ ئاشۇ ئېلېكترونلۇق بۇيۇملارغا قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى چۈشىنەتتى. لېكىن ئۇ قۇتلۇقنىڭ ئەنگىلىزچە ئۈگىنىشىنىڭ ئاشۇ نەرسىلەر بىلەنلا ياخشى بولۇپ كېتىشىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ تىل ئۈگىنىدىغان يېشى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لېكىن زۆھرە بۇ قارىشىنى ئېيتىپ قۇتلۇقنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشنى خالىمىغاندەك ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان ھالدا قاراپ قويۇپ سورىدى:
-ئۇ پاكار قەلەم ھەققىڭىزنى قاچان بېرەر؟ ماڭا ئۇ پاكار بەكلا شۇمپەن كۆرۈنىدۇ، ھوقۇشنىڭكىدەك ھېلىقى كۆزلىرى ئادەمگە قارىسا كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ.
  قۇتلۇق زۆھرەنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمەي پىركازچىققا بىر ئېلېكترونلۇق لۇغەتنى كۆرسىتىپ سورىدى:
  -بۇ نەچچە مىڭ سۆزلۈك؟
  پىركازچىك ئەينەكلىك شىرەدىن ئېلېكترونلۇق لۇغەتنى ئېلىپ قۇتلۇققا سۇندى:
-110مىڭ سۆز بار،باھاسى 420يۈئەن.
زۆھرە سوئالىغا جاۋاب بەرمىگىنىگە ئاچچىقى تۇتۇپ شۇنداق قىلدىمۇ ياكى قۇتلۇقنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشىدىن ھەم ئالمايدىغان نەرسىنى كۆرۈپ خەقنى ئاۋرە قىلغىنىدىن بىزار بولدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ قولىدىن لۇغەتنى ئېلىپلا پىركازچىققا بېرىۋەتتى.
-بۇ دېگەن ئېلېكترونلۇق لۇغەت، ئېنگىلىزچە ئۈگىنىشتە ئىشلەتسە ئىنتايىن قولايلىق، ئادەمنىڭ يۈكىنى نەچچە ھەسسە يەڭگىللىتىدۇ، بىرەرنى سېتىۋالالىغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى، - دېدى قۇتلۇق زۆھرەنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن باياتىنقى ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى: - نىياز پاكار قەلەم ھەققىنى چوقۇم بېرىدۇ، لېكىن بېرىشتىكى ۋاقت مەسىلىسى. تېزراق بېرىۋەتسە بولاتتى. كىتابنى نەشىردىن چىقىشىغىلا بېرىمەن دەيدۇ. ئۇ ئوساللىق ئائىلسا پەقەت ئۇنى ۋاقتىدا بەرمەي خاپا قىلىشى مۇمكىن.
ئۇنى ئۇ سىزگە بۇيرۇتۇپ تەرجىمە قىلدۇردى. ئۇنى سىز نەشرىياتقا ئەمەس، ئۇنىڭ شىركىتىگە تەرجىمە قىلىپ بەردىڭىز. ھازىر كىتاب ئۇنىڭ بولدى، ھەتتا كىتابقا سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئەمەس ئۇنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ. سىز كىتابنى نەشرىياتقا ئەمەس ئۇنىڭغا سېتىپ بەردىڭىز، شۇڭا قەلەم ھەققى ئۇنىڭ نەشىردىن چىقىش چىقماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. قائىدە بويىچە بولغاندا ئۇ تەرجىمىنى قولىغا ئالغان ھامان قەلەم ھەققىڭىزنى بېرىۋەتسە بولاتتى. ئۇنىڭ ھارامدىن تاپقان پۇلى ئازمۇ؟
-بوپتۇ ئازراق ساقلاپ تۇرايلى. بەرىبىر بېرىدۇ، مۇشۇ چاققىچە ساقلىغاندىكىن يەنە ئازراق ساقلىساق نىمە بولىدۇ. جىق ساقلىساق بىرەر ئاي ساقلارمىز.
ئۇ شىركەتكە تەرجىمە قىلدۇرغاندىكىن شىركەتنىڭ پۇلىدىن ئاۋال بېرىپ تۇرسا نىمە بولىدۇ. ساراڭ پاكارنىڭ پۇلنى بەرمەسلىك قەستى بارمىكىن دەيمەن.
ياق ئۇنداق قىلمايدۇ.
سىز ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كېتىسىز. كىشىلەر ھەممىسى ئۇنى قويمىچى دەيدىكەنغۇ. ئۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش قىلىنماسلىقى بىلەن سىزنىڭ نىمە ئالاقىڭىز؟ مەسىلەن بىر شىركەت سىزگە بىر ئەرزنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، پۇلىنى ئەرز ھەل بولۇپ سوتتىن ئۇتۇپ چىقسام بېرىمەن، بولمىسا بەرمەيمەن دېسە بولامدۇ؟ قاراپ تۇرۇڭ ئۇ قەلەم ھەققىنى قەستەن بەرمەيۋاتىدۇ.
قۇتلۇق زۆھرەنى قانداق قىلىپ خاتىرجەن قىلىشنى بىلەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۆزىنى زورلاپ نىيازغا ئىشەندۈرۈپ يەنە زۆھرەنىڭ نىيازغا بولغان گۇمانخورلىقىنى ئۇنىڭ يېشىنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىپ قېرى قىزغا ئايلىنىپ كەتكەنسېرى سەۋرى تاقىتى تۈگەپ ئۆزىنى باسالماي قېلىشتىن بولغان دەپ ئۆزىنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
ئۇلار مېڭىشنى پاراڭلاشقاچ داۋاملاشتۇردى، يۇلتۇز بولسا ئۇ يەردە قېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە يەنە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇلارغا يېتىشىپ كەلدى.
-ئاكا، تويۇڭغا ئاۋۇ ئېلېكترونلۇق لۇغەتتىن مەن بىرنى ئېلىپ سوۋغا قىلارمەن.
زۆھرە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ غۇدۇراپ قويدى:
-نەدىكى پۇلغا ئېلىپ سوۋغا قىلارسىز؟ شۇ تاپ تويمىزغا قانداق قىلارمىز دەپ بېشىمىزدا مىڭ ئوت كۆيۈۋاتسا.
يۇلتۇز زۆھرەنىڭ دوق قىلغىنىنى بىلمىگەڭە سېلىۋېلىپ:
-خىزمىتىمنى ئورۇنلاشتۇرغىچە يەنە ئالتە ئاي كېتىدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭغىچە بىرەر يەردە ئىشلەپ تۇرايمىكىن دەيمەن، دەپ قويدى.
-تېزراق خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولسىڭىز ئاكىڭىزنىڭمۇ يۈكى يەڭگىللەيتتى.
زۆھرەنىڭ بۇ گەپنى دوق قىلىپ دېگەنلىكىنى ياكى تۈزلا ئېيتقانلىقىنى يۇلتۇز بىلەلمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇنى ياخشى تەرەپكە ئويلاشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە زۆھرە دوق قىلىشقا ھەقلىق ئىدى.چۈنكى ئۇنچىلىك ياشتىكى قىزلار بولۇپمۇ زۆھرەنىڭ دوستلىرى ۋە تونۇشلىرى ئارىسىدا بويتاقلار قالمىغىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى. ئۇلار ئەر ئايال جۈپ جۈپ بولۇپ بىللە سورۇنلاردا يۈرسە، زۆھرە ئۇلارنى كۆرۈپ نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ دەپ قالاتتى ئۇ بەزىدە.
-شەھەرلىك دارىل مۇئەللىمىنگە تۆنۈگۈن باردىم، بىر ئادەم يېقىندا پىنسىيگە چىقماقچى ئىكەن، شۇ پېنسىيىگە چىقىش بىلەن بىر شىتات بىكار بولدىكەن، ئاندىنلا مېنى شۇ شىتاتقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن، - ئۇ ئۆزىنىڭ تېزراق خىزمەتكە چىقىپ ئۆزىگە ئۆزى تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ زۆھرەگە تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ تېز تېز قىلىپ سۆزلەپ كەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ زۆھرەنىڭ چىرايى ئازراق ئېئىلغاندەك بولدى. يۇلتۇز زۆھرەنىڭمۇ ئاكىسىنى تاشلاپ كېتىشىدىن بەك قورقاتتى، چۈنكى زۆھرەمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتسە كەچكىچە ئۆيدىن چىقمايدىغان قۇتلۇقنىڭ ئارىلىشىش دائىرىسى ئىچىدە ئۇنىڭ يېشىغا مۇناسىپ كەلگۈدەك قىزلار زادىلا قالمايتتى.
ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بىر چوڭ كوچىسىغا كىردى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلاردىن ياڭراۋاتقان ناخشىلار بىر بىرىگە شۇقەدەر ئارىلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنىڭ قالايمىقانچىلىقى شۇتاپتا يۇلتۇزنىڭ خىياللىرىدىنمۇ بەكراق چىگىشلىشىپ كەتكەن ئىدى. ناخشىلارنىڭ ئاۋازى يۇلتۇزنىڭ مېڭىسىگە شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ قالايمىقان ئۇرۇلۇپ چېكە تومۇرلىرىنى چىڭقىلدۇرىۋېتىپ بارغاندەك قىلاتتى. قاننىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ئۇنىڭ يۈز قىسمىغا قان ئۇرغۇپ چىقالمايۋاتقاندەك چىرايىدا قاننىڭ رەڭگى بارا بارا سۇسلىشىپ كەتتى. يۇلتۇز قەدىمىنى ئاستىلتىپ يول بويدىكى بىر سىمونت ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى قاننىڭ رەڭگىنى بىر خىل بىئاراملىق ئىگەللىدى.
زۆھرە بىلەن قۇتلۇق خېلى ماڭغاندىن كېيىنلا يۇلتۇزنىڭ ئارىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئورۇندا توختاپ يۇلتۇزنى ئىزدەپ ئەتراپقا قاراشتى. يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار ئارقىغا قاراپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن يۇلتۇزنى سىمۇنت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالەتتە كۆردى.
-يۇلتۇز، نېمە بولدى؟ قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەنسىز سورىدى.
-سەل ھېرىپ كەتتىم.
قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ چىرايىغا ئىنچكە سەپ سېلىپ قاراپ چىقتى.
-يۇلتۇز چىرايىڭ سارغىيىپ كېتىپتۇ،مىجەزىڭ يوقمۇ؟
-بىلمىدىم،ھېرىپلا تۇرىمەن.
-يېقىندىن بېرى ئەھۋالىڭ تازا ياخشى ئەمەس،دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقمىساق بولمىغىدەك.
دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكىدەك ئەمەس، دىدى يۇلتۇز دەرھال لېكىن ئۇلار مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆزىگە مىسكىن ھالدا قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى.
                            4
يۇلتۇز دوختۇرخانىغا كېلىشكە ئۆچ ئىدى. چۈنكى ئۇ دوختۇرخانىغا كەلسىلا ئۆزىنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان چاغدىكى پۈتكۈل جاھان بىردىنلا ئۆزگىرىپ پۈتۈنلەي يات ۋە ناتونۇش ھالەتكە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغان تۇيغۇسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قايتا تەكرارلىنىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ئاكىسى ئۇنىڭ تىبابەت كەسپىدە ئوقۇپ كەلگۈسىدە بىر دوختۇر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىرىنجى ئارزۇسىغا تىببىي ئىنىستىتوتنى تاللىشىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ دوختۇر بولۇشقا زادىلا قىزىقمايمەن دەپ تۇرىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كىچىك چاغلىرىدا تىبابەتتە ئوقۇغۇسى بار ئىدى، لېكىن كىيىن ئاتا ئانىسىنىڭ كۆز يۇمغانلىقىنى دوختۇرخانىدا باش كەچۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانا ئالدىدىنمۇ ئۆتەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇنداق ھالەتتە قانداقمۇ كۈندىلا دوختۇرخانىدا يۈرىيدىغان كەسىپنى تاللىسۇن؟
يۇلتۇز قۇتلۇقنىڭ زورلىشى بىلەن ئىلاجىسىز دوختۇرخانىغا كەلدى. ئاكىسى بىلەن بىللە قولىدا قەغەزلەرنى تۇتۇپ دوختۇر بىلەن روبىرو ئولتۇرغاندا چىرايى تېخىمۇ كىسەلمەن بولۇپ كەتكەن ئىدى.
دوختۇر تىڭشۇغۇچنى قۇلقىدىن ئېلىپ بىر يانغا قويۇپ قويۇپ:
-باشقا ئالامەتلەر يوقمۇ؟ مەسلەن، بېشىڭىز قېيىپ تۇرامدۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ ئېغىرلىشىپ ئۇيۇپ كەتكەندەك لەۋلىرىنى دەماللىققا مىدىرلىتالماي قالدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئازابلىق ئەسلىمىلەر بىلەن چىرمىلىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ ئۇلاردىن بوشۇنالمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق دوختۇرنىڭ گېپىنى ئۇنىڭغا قايتىدىن تەكرارلاپ بەردى.
-ياق، پەقەت پۇت - قولۇم جانسىز، دائىم ماغدۇرسىزلىنىپلا تۇرىمەن، دىدى يۇلتۇز بوش ئاۋازدا.
دوختۇر يەنە بەزى گەپلارنى سورىغاچ بىرنەرسىلەرنى يېزىپ يۇلتۇزغا تۇتقۇزدى.
-بۈگۈن ئاشقازاننى رەسىمگە ئالدۇرۇڭلار، ئەتە ئەتىگەندە ناشتا قىلماي كېلىڭ، قېنىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ باقايلى.
ئاشۇ كۈنى دوختۇرخانا يۇلتۇزغا قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك ئۇ كېچىچە دوختۇرخانا كارىدورىنى چۈشەپ چىقتى. ئۇ كارىدوردىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان سانسىزلىغان كىشىلەرنى كۆردى. خۇددى ئۇ بىرنەسە بىلەن ئىتتىرىلىپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بارا-بارا ئۇلاردىن كارىدورنىڭ يۆنلىشى بويچە يۆتكىلىۋاتاتتى. زۆھرە بىلەن قۇتلۇق بىر ياندا غايىپ بولۇپ پەقەت ئۇزۇن كەتكەن كارىدورلا كۆرۈنەتتى. ئاستا ئاستا قۇپ قۇرۇق كارىدوردىن باشقا ھەممە نەرسە غايىپ بولۇپ كارىدور ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بارا بارا تېزلىكتە ئۆتۈشكە باشلىدى، ھەم ئەتراپتىكى رەڭ بارا-بارا غۇۋالىشىپ، ئاخىرىدا ھەممە نەرسە رەڭسىز ھالەتكە كىرىپ قالدى. ئۇ كارىدورنى بويلاپ ناھايتى جىددىي گاھ ئوڭغا،گدھ سولغا بۇرۇلۇپ ئالغا ئىلگىرلەيتتى. خۇددى سىرلىق سارايغا كىرىپ قالغاندەك كارىدورلار زادىلا تۈگىمەيتتى. كېيىن كارىدورنىڭ تورۇسلىرىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمىدى. تورۇستىكى چىراقلارنىڭ نۇرى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولسىمۇ ھېچنەرسىنىڭ رەڭگىنى ئايان قىلالمايتتى. ئەكسىچە ئوپىراتسىيەخانىنىڭ تورۇسىدىكىدەك بۇ يوغان چىراقلارنىڭ نۇرى ھەممە نەرسىنىڭ رەڭىنى غايىپ قىلىۋېتىپ بارغاندەك قىلاتتى. ئۇ بۇ چىراقلاردىن چىقىۋاتقان نۇرنىڭ زادى قانداق بىر نۇر ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. تورۇستىن كۆپلىگەن چىراقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئېلگىرلەۋەردى. پەقەت كارىدوردىكى دوختۇرخىنىنىڭ بۆلۈملىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان ئىشىكلەرنىڭ تاراقلاپ ئېچىلغان ۋە يېپىلغان ئاۋازلىرىلا ناھايتى يىراق بىر دۇنيادىن كېلۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىراقلاردىن يەنە قۇتلۇقنىڭ ئاۋازى خۇددى لېنتىسىنى چاينىۋەتكەن ئۈنئالغۇنىڭ ئاۋازىدەك ياكى بوران ئېلىپ قېچىۋاتقان ئاۋازدەك سوزۇلۇپ سوزۇلۇپ غۇۋا ئاڭلىناتتى.
-يۇلتۇز!... يۇلتۇز!... مەن يېنىڭدا، يۇلتۇز، مەن سېنىڭ يېنىڭدا!...
  يۇلتۇز ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى تەر باسقان ئىدى. ئۇ ئەتراپقا قارىدى، ئۆي ئىچىدە ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۆزنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن يۈرىكى سەل ئورنىغا چۈشكەندەك بۇلۇپ، دىققىتىنى يىغىپ ئەتراپنى تىڭشىدى. شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز دەسلەپتە سۇس ئاڭلىنىپ بارا-بارا كۈچەيدى. ئۇ دەسلەپ ئۇيقۇچىلىقتا زېھنىنى مۇشۇ رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلەلمىگەچكە يامغۇر ئاۋازى سۇس ئاڭلىنىپ كېيىن رېئاللىققا قايتىپ كېلىشىمگە ئەگىشىپ كۈچەيدى دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن يۇلتۇز ئاستا ئورۇندىن تۇرۇپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېرىزىدىن ئالقانلىرىنى سىرتقا چىقارغاندا، ئۇ ئالقانلىرىنى سۇنىشى بىلەن تەڭلا شارقىراۋاتقان يامغۇر ئاۋازى چىپپىدە توختاپ قالدى. يۇلتۇز چۆچۈپلا قولىنى تارتىۋالدى. قارىسا زادىلا يامغۇر ياغمىغان ئىدى.
ئۇ ئالقانلىرىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن چۈشىنىكسىز بىر تەرىزدە دېرىزىدىن يەنە سىرتقا قارىدى. تېخى كۈن چىقمىغان بولۇپ بىنالار تاڭ سەھەردە ئاقىرىپ كۈلرەڭ كۆرۈنەتتى.
يۇلتۇزز ئاستا مېڭىپ چىقىپ ئاكىسى ئۇخلاۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ چاقىرىپ باقتى:
- ئاكا، ئاكا!
- ھە! - قۇتلۇق ئۆيدە بار ئىكەن. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ياتىقىدىن چىقتى، -بۈگۈن نېمانداق سەھەر تۇرۇپ كەتتىڭ.
قۇتلۇق ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى قولى بىلەن ئۇۋىلاپ ئاندىن سائىتىگە قارىدى. ئاندىن لۆڭگىنى ئېلىپ يۈزىنى يۇيغىلى ماڭدى. ئۇ ئۇيقۇچىلىقتا سىڭلىسىنىڭ چىرايىدىكى پەرىشانلىققا ئىنچىكە سەپ سالمىغان ئىدى.
يۇلتۇز ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇخانغا كىرىپ چەينەككە سۇ ئېلىپ، گاز ئوچاققا قويغاچ سورىدى:
- ئاكا، بۈگۈن يامغۇر ياغماپتۇ-ھە!؟
قۇتلۇق يۈزلىرىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، بېشىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ، بىنانىڭ ئاستى تەرەپلىرىگە قارىدى.
-يامغۇر ياغماپتۇغۇ.
يۇلتۇز غەلتە بىر خىل روھى ھالەتتە:
- ئويغانساملا ئەجەپ يامغۇر ياغقاندەك تۇيۇلغانتى، دەپ قويدى.
يۇلتۇزغا خۇددى شارقىراپ يامغۇر يېغۋاتقاندەكلا ئاڭلانغان ئاۋاز ئەمەلىيەتتە تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ئاۋاز بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئىچكىي دۇنياسىدىن كېلىۋاتقان ئاۋاز ئىدى. ئۇ دائىم رېئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالاتتى. دەسلەپكى چاغلاردا بۇنداق غەلىتە تۇيغۇدىن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. كېيىن ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئىشلارنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى سېزىپ يەتكەن ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ مەۋجۇت بولمىغان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىغىنى ياخشى ئىشنىڭ بىشارىتى ئەمەستەكلا قىلاتتى. چۈنكى دادىسى قازا قىلىپ كەتكەن كۈنىمۇ ھاۋا ئوچۇق تۇرسىمۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە يامغۇر ئاۋازى قۇلقىدىن كەتمىگەن ئىدى.
قۇتلۇق قىلۋاتقان ھەرىكىتىدىن توختاپ چۈشكىسىز بىر خىل قىياپەت بىلەن يۇلتۇزغا قاراپ قالغان ئىدى..
    ئائىلىكلەر بەناسىنىڭ ئالدىدا ئاپتاپ جۇلالاپ تۇراتتى. يۇلتۇز بىلەن قۇتلۇق بىرلىكتە بىنادىن چىقىۋاتقاندا يۇلتۇز بۇ گۈزەل قوياش نۇرىنى كۆرۈپ ئاشۇ يەردىلا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ قوياش نۇرىدىن ھوزۇرلانغۇسى كەپ كەتتى. ئاشۇ قوياش نۇرىغا خۇددى يوقۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قىممەتلىك نەرسىگە قارىغاندەك ئۇ قىيماي قارايتتى. كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك ئاجايىپلا بىر خىل سېزىم پەيدا بۇلۇۋاتاتتى...خۇددى ئۇنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە كۆرۈنمەي ساقلاپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ نېرۋىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈرلىشىپ ئۇ ھەم تېنى ئىچىدىكى ھەم سرتتىكى ئاۋازلارنى كۈزىتەتتى. قوياش نۇرى ئۇ ھەرقانچە قاقلانسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنى يۇرىتالمايدىغاندەك... ئىشقىلىپ كۆڭلىدە بىر قاراڭغۇچىلىق بار ئىدى.
  ئاكا دوختۇرخانىغا بۈگۈن بارغۇم يوق، دىدى يۇلتۇز، بۈگۈن بارماي ئەتە بارساق قانداق؟ پەقەت كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ.
  يۇلتۇز غەلىتە سېزىم يوقۇلۇپ ئىشلىرى ئوڭغا تارتىشقا باشلىغان چاغدا بارسا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان مەلۇم نەرسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى چىققاندىمۇ ئۆزىدە بىر خىل ئوڭباقماسلىق سېزىمى پەيدا بولىۋېلىپ بىر نەچچە كۈن بېرىپ خەۋىرىنى ئاڭلاشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ سېزىم يوقالغان كۈنىدە بېرىپلا خوش خەۋەر ئاڭلىدى. ئۇ يوقۇرى نومۇر ئالغان بولۇپ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتەتلارغا كىرەلەيتتى. ئۇ ئەگەر پىشكەلچىلىك تۇيغۇسى ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان چاغدا بارسام چوقۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولۇپ چىقىمەن دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ كۈنلەردە يامان خەۋەر ئاڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئۆيىدىن چىقمىغان ئىدى.
- قالايمىقان خىياللارنى قىلما، مەن يېنىڭدا تۇرسام نېمىدىن شۇنچە غەم قىلاتتىڭ؟
قۇتلۇق بۇنداق تۇيغۇلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىڭلىسى ئۈچۈن ھەممىگە تەييار بولغاچقا مەن بولساملا ئۇ ھېچنىمىدىن ئەنسىرىمىسە بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. كېسەلمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلبەتتە.
ئۇلار بىرلىكتە مېڭىپ ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۇلتۇز ئالدىن تەييارلاپ يانچۇقىغا سېلىۋالغان پارچە پۇلنى ئېلىپ دىۋانىغا بەرمەكچى بولۇپ ئەتراپقا قارىدى. يېقىن ئەتراپتا دېۋانى كۆرۈنمەيتتى. قۇتلۇق ئۇنى ئالدىراتتى:
- نېمىگە قاراۋاتىسەن؟ تېز بولغىن.
- دىۋانىغا سەدىقە بېرىۋېتەي دىگەن.
يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئاپتوۋۇز قوزغالغاندىن كېيىنلا ئۇ تەرەپتىكى بىر نەچچە دىۋانىنى كۆردى. ئەسلىدە ئۇلارنى ئۇنىڭ نىگاھىدىن ئاپتوۋۇزلار توسۇۋالغان ئىكەن. يۇلتۇز تېزلىكتە ئۆتۈپ پارچە پۇللارنى بىر دىۋانىگە بېرىپ قايتىپ كەلدى، ئۇ يولدىن كېسىپ ئۆتۈۋېتىپ ئۆرۈلۈپ قاراپ دىۋانىنىڭ دۇئا قىلىۋاتقىنى كۆردى. يۇلتۇزنىڭ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.
- ئاكا سېنىڭ ئىشلىرىڭ بەك جىق، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىغا ماڭمىساڭ بولمايدۇ، دوختۇرخانىغا مەن ئۆزەم باراي، بۈگۈن نەتىجىسىنى ئېلىپلا كەلسەم بولمىدىمۇ.
قۇتلۇق سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى:
- ئەمسە سەن ئاۋال بېرىپ دىئاگىنوزنى قولۇڭغا ئېلىپ تۇر، بىرسى بىلەن سېنىڭ خىزمىتىڭ توغرىسىدا كۆرۈشمەكچى ئىدىم. ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈشىگىلا ئىشخانىسىدا تۇتىۋالمىسام چوڭ باشلىقلارنىڭ ئىشلىرى بەك جىق بولىدىكەن. سەن بىر ياققا كېتىپ قالماي دوختۇرخانىدا ساقلاپ تۇر ھە! مەن كۆرۈشىۋېتىپلا دوختۇرخانىغا بارىمەن.
بۈگۈن ئىدارەڭدە سىياسىي ئۈگىنىش بارغۇ؟ يەنە مۇئاشىڭنى تۇتۇۋالمىسۇن.
قۇتلۇق بۈگۈن ئىدارىسىدا سىياسىي ئۈگىنىش بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالغان ئىدى. ئۇنىڭ باشلىقى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، بۇ يىغىندىن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن قېپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئاغرىپ قېلىشقىمۇ رۇخسەت يوق، دەپ كېسىپ ئېيتقان ئىدى. لېكىن قۇتلۇق ئاممىۋىي تېلفۇندىن ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرۇپ رۇخسەت سوراش خىيالىغا كەلدى. باشلىق خاپا بولۇپ ئۇ گەپنى قىلىپ بولغىچە تېلفۇننى قويۇۋېتىشى مۇمكىن. بەلكىم ھەتتا مۇئاشىنى تۇتۇۋېلىش شەرتى بىلەنمۇ رۇخسەت بەرمەس. بۇنى ئويلاپ قۇتلۇق ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن باشلىققا تېلفۇن بېرىش قارارىغا كەلدى.
مۇئاشىمنى تۇتسا تۇتا، بۈگۈنكى ئىش ئۇنىڭدىن مۇھىم…
قۇتلۇق گېپىنى تۈگىتىپ بولغىچە يۇلتۇز ئاپتوبۇسقا چىقىپ بولغان ئىدى:
- ھە، ماقۇل، - دىدى ئۇ ئاپتوۋۇز ئىشىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ.
قۇتلۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن بىر دەم قارا تۇرۇپ ئاندىن ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ تۇرىشىغا قىزىل چىراق يېقىلىپ ئاپتوۋۇز توختاپ قالدى. بۇ خۇددى قۇتلۇققا سەنمۇ بىللە بېرىشىڭ كېرەكتى دىگەن بىشارەتتەك تۇيۇلدى. قۇتلۇق بىشارەتلەرگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ دائىم بىشارەت تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ پەقەتلا ئۆزىدە پەيدا بولغان غەلىتە خىيالغا كۈلۈپلا قوياتتى. ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ كەينىدىن قارىدى، ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن يۇلتۇزنىڭ گەۋدىسى كۆرىنىپ تۇراتتى. يېشىل چىراق يېقىلىپ ئاپتوبۇس مېڭىپ كېتىپ يۇلتۇزنىڭ گەۋدىسىنى ئارقىسىدىن كەلگەن بىر ئاپتوبۇس توسۇۋالدى

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-3-7 20:50:18

5
    يۇلتۇز دوختۇرخانىغا كىرگۈسى كەلمەي دوختۇرخانا ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئاكىسىنى كېتىۋېرىشكە ئۈندىگىنى بىلەن بۇ يەرگە ئۆزى يالغۇز كەلسە قانچىلىك دەرىجىدە غېرىپسىنىدىغىنىنى ئۆزى بىلەتتى. ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ دەقىقىلەردە چىرايى تېخىمۇ كېسەلچان ھالەتكە كىرىپ قېلىۋاتاتتى. يۈرىكى پات پات رېتىمسىز پۇلاڭلاپ قوياتتى. دوختۇرخانىغا كىرىشكە زادىلا رايى بارمايتتى. ئۇ ئاۋال دادىسىنىڭ، ئاندىن ئاپىسىنىڭ دوختۇرخانىدىكى ئاخىرقى ھالەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشتىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى. دوختۇرلارنىڭ چىرايى قوياش نۇرى لامپىسىنىڭ نۇرىسا تېخىمۇ ئېغىر كېسەلچان كۆرۈنەتتى. ئۇ دوختۇرلارنىڭ بىمارلارغا ۋە ئۆزىگە قاراشلىرىنى ئەسلەپ بىئارام بولدى. بۇ دوختۇرلارنىڭ قاراشلىرىدا ھېچقانداق ھېسسىيات ياكى مەنا بار بولمىسىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىمارلارغا ۋە يىغلاپ تۇرغان بۇ كىچىككىنە قىزغا قارىشى ئۇلارنىڭ ئاقارتىلغان تامغا ياكى كارىۋات يېنىدىكى ئورۇندۇققا قارىشى بىلەن پەرقسىز بولسىمۇ لېكىن يۇلتۇزدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. يۇلتۇز ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ نېرىنىڭ شۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. لېكىن ئۇلارنى ئۇنتۇيالمايتتى.
ئاخىرى «لابوراتورىيە بۆلۈمى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان دېرىزىنىڭ تۈۋىدە يۇلتۇزنىڭ گەۋدىسى پەيدا بولدى. ئۇ كۆزەينىكىنىڭ كۆپۈنكى ئەينىكى ئىچىدىن كۆزلىرى پولتىيىپ چىققاندەك تۇيىلىدىغان دوختۇرغا بىرنەچچە ۋاراق قەغەزنى بېرىپ قاراپ تۇردى.
دوختۇر قەغەزلەر ۋە ئارخىپلار ئىچىدىن يۇلتۇزنىڭ دىئاگىنوزى يېزىلغان قەغەزنى ئىزدەپ تاپتى. يۇلتۇز ئۇنىڭ قەغەزلەرنى ئۇياق بۇياق قىلىۋاتقان ساغۇچ بارماقلىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى بەك تېز تۇيۇلۇپ كەتتى. يۇلتۇز ئۆزىنىڭ ئۇنى تېزراق تاپالمىسا ئىدى دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. دوختۇر قەغەزلەر ئىچىدىن بىر تال قەغەزنى قولغا ئېلىپ ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، يۇلتۇزغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقىپ سورىدى:
-سىزنىڭ ئىسمىڭىز يۇلتۇز ھە؟
يۇلتۇزنىڭ نىمىشقىلار يۈرىكى پۇلاڭلاپ كەتتى، ئۇ تۈكۈرىكىنى ئىچىگە يۇتۇپ، يۈرىكىنىڭ پۇلاڭلىشى سەل بېسىققاندىن كېيىن بوشلا دىدى:
-ھەئە.
دوختۇر قەغەزنى شىرەگە تاشلاپ قويۇپ يۇلتۇزغا قارىمايلا دىدى:
- ئائىلىڭىزدىكىلەردىن بىرسى كەلسۇن.
يۇلتۇز بىر نەرىسىنى تۇيغاندەك بۇلۇپ، رەڭگى ئۆڭگەن ھالدا دوختۇرغا قادىلىپلا قاراپ قالدى.
-دوختۇر...
ئۇ بوغىزىغا بىر نەرسە قاپلىشۋالغاندەك گەپ قىلالماي قالدى.
-دوختۇرخانىغا يالغۇز كەلگەنمىدىڭىز؟ – دوختۇر يۇلتۇزغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىۋېتىپ، ئارقىدىنلا يۇلتۇزنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئازابلىق ئېسەنكىرىشىدىن تەسىرلىنىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر بىردىنلا يۇلتۇزغا تىكىلدى.
يۇلتۇز تېتىرەك ئاۋازدا جاۋاب بەردى:
- ھەئە.
-ئۆيدىكىڭزدىكىلەردىن بىرەرسىنى چاقىرىپ كېلىڭ. دەرھال داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ.
يۇلتۇز جىددىيلەشكەن ھالدا سورىدى:
-زادى نېمە كېسەل؟ ماڭا دېسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۆيدە بىرلا ئاكام بار... بۇنىڭغا جىق چىقىم كېتەمدۇ؟
-جىق پۇل كېتىشى مۇمكىن. قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىغا مەنمۇ ئۈزۈپ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئاكىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاي. خىزمەت ئورنىڭىز يوقمۇ؟ ئىدارىڭىزدىن بىرەرسى كەلسىمۇ بولىدۇ.
يۇلتۇز تېخمۇ جىددىيلەشىپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن ئادەمدەك تېز-تېز سۆزلەپ كەتتى:
-ئېيتىڭە دوختۇر، زادى نېمە كىسەل؟ مەن تېخى ئىشقا چۈشمىگەن، ئىدارەم يوق، ئاكام ھازىر بەك ئالدىراش، نېمە گەپ بولسا ئۆزۈمگە دەڭ، ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقالايمەن. راكمىكەن؟ ئاخىرقى باسقۇچى ئەمەستۇ؟
ياق راك ئەمەس، - دېدى دوختۇر تېزلا لېكىن ئارقىدىنلا جىمىپ كەتتى. يۇلتۇز دەسلەپ ئۇنىڭ چىرايىدىن دوختۇرلاردىكى سوغاققانلىققا يات بىر خىل نۇرنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ راك ئەمەس دېگىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئەجىبا دوختۇردىمۇ ھېسداشلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان نەزەر تاشلاشنى پەيدا قىلغان راكمۇ بولمىسا زادى نىمە كېسەلدۇ. ئۇ دوختۇرغا جاۋاب كۈتۈپ ئۈنسىز قاراپ تۇرۇۋەردى.
دوختۇر بىردەم تۇرۇپ كەتەندىن كېيىن ئىچ ئاغرىتقان ھالدا ئەيتتى:
-دەرھال بالنىستا يېتىڭ. بۇ رەك ئەمەس، لېكىن ئاددى كېسەل ئەمەس. سىز يېتىلمىگەن ھۈجەيرىلىك ئاق قان دانچىلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپسىز، بۇ ئانچە قورقۇنچلۇق كېسەل ئەمەس، بىراق ۋاقتىدا داۋالانمىسىڭىز ئاخىرىدا قورقۇنچلۇق كېسەلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
-قانداق بولىدۇ؟
-بارا-بارا تىنىڭىز ئاجىزلىشىپ، بەدىنڭىزنىڭ يۇقۇملۇنىشقا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بەدىنڭىزنى كىسەل چىرمىۋالىدۇ. ئاخىرىدا قان راكىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇلتۇز بوشۇشۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرگىدەك ئېچىنىشلىق ئاۋازدا بوش قىلىپ سورىدى:
-داۋالىنىشقا قانچىلىك پۇل كېتەر؟
- بەلكىم يىگىرمە – ئوتتۇز مىڭ، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ جىقراق. قىرىق ئەللىك مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا كېتىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ۋاقتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھېلىمۇ ۋاقتىدا كەپسىز. بۇ ئارقىغا سوزۇلغانسېرى داۋالاش قىيىن بولىدۇ. ھازىر تېخى باشلىنىش مەزگىلى ئىكەن.
يۇلتۇز بوشاشقان ھالدا تامغا يۆلىنىپ قالدى:
-بۇنى ئاكام ئاڭلاپ قالمىسۇن، دوختۇر، ئاكامنىڭ بۇ دۇنيادا بىردىن-بىر كىشىسى مەن، ئۇ ئۇقۇپ قالسا مەندىن بالدۇرراق تۈگىشىپ كېتىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ كېلىپ قالسا ھەرگىز دېمەڭ. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي…
يۇلتۇز خۇدىنى يوقاتقان ھالدا سۆزلەپ كەتتى.
-نېمىگە ئانچىۋىلا قىلىپ كېتىسىز؟ئۇنداق قىلىپ كەتمەڭ،مەن سىزگە يەنىلا ئۈمىد بار دېدىمغۇ،ۋاقتىدا داۋالانسىڭىزلا ساقىيىپ كېتىسىز،ساقىيىپ كېتىسىز، دېدى دوختۇر تەسەللى بەرگەندەك، دوختۇر ئۇنى كىچىك بولغاچقا كېسەلدىن قورقۇپ كەتتى دەپلا ئويلاپ قالغان ئىدى.
- ئاكامدا نەدىمۇ ئۇنداق جىق پۇل بولسۇن؟ مېنى داۋالىتىمەن دەپ باشقىلاردىن قەرز ئالسا ئۇ ئۆمۈر بويى قەرزىدار بۇلۇپ ئۆتەمدۇ، ھېلىمۇ كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدى. ئويلاپ بېقىڭە دوختۇر شۇنچە كۆپ پۇلنى ئۇ نەدىنمۇ تاپسۇن!
يۇلتۇز ئىنتايىن بوشاشقان ھالدا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى. ئۇ خۇدىنى يوقاتقاندەك كۆرۈنەتتى، كارىدور ئىچىدە ئۇياق-بۇياق ئۆتۈشۈپ تۇرغانلار بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالسىمۇ خۇددى ئۆلارنى كۆرمىگەندەك ئۇلاردىن ئۆزىنى ئېلىپمۇ قاچاي دېمەستىن ئۇنىڭ نازۇك گەۋدىسى باشقىلارنىڭ مۆرىلىرىگە پات پات ئۇرۇلۇپ تەۋرەيتتى. ئۇ بولسا باشقىلارنىڭ گەۋدىسىگە ئۇرۇلۇپ كېتىۋاتقىنىنى سەزمەۋاتقاندەك قىلاتتى.
كارىدوردا ئۆتۈشۈپ تۇرغانلارنىڭ چىرايلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن خۇددى لەيلەپ ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئەرۋاھلارنىڭ چىرايىدەك خۇنۇك، مەۋھۇم ھەم غۇۋا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بۇ چىرايلار خۇددى يىرىڭلىق بىر ئېقىندەك ئاستا كارىدورنى بويلاپ سۈرىلەتتى. دۇنيا ئاۋازسىز دۇنيا ئايلىنىپ قالغاندەك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە ئاياق تاۋۇشلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى، ئۇلار خۇددى ئاۋازسىز پاراڭلىشىپ كېتۋاتقاندەك ئېغىزلىرىلا تاۋۇشسىز ھەرىكەتلىنەتتى، يۇلتۇز ئۆزىنى گاس بولۇپ قالدىممىكىن دېسە ئۆزىنىڭ ئاياق تاۋۇشىنى شۇنچە ئېنىق ئاڭلاۋاتاتتى. ئاڭلىنىپ تۇرغان بىردىن بىر ئاۋاز - يۇلتۇزنىڭ ئېغىر ئاياق تاۋۇشلىرى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەممە يېرىدە تەڭ ياڭراۋاتقاندەك قورقۇنۇچلۇق ئاڭلىناتتى.
يۇلتۇز كارىدوردىن چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن چىملىقنىڭ ئارىسىدىكى ئۇزۇن يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا ھالسىز گەۋدىسىنى تاشلىدى. ئۇنىڭ ئىپادىسىز چىرايى ھەتتا ھەسرەتنى ئىپادىلەشكىمۇ قۇربى يەتمەۋاتقاندەك چىرايىدىكى ئازابمۇ غايىپ بولغان ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ ئۈمچەيدى ئاندىن كۆزلىرىدىن بىردىنلا ياش ئېتىلىپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆزلىردىن ياش ئېتىلىپ چىقىشى بىلەنلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەسرەت ئۆلۈكتەك ئىپادىسىز بولۇپ قالغان چىرايىغا تۇيۇقسىز پارتلاپ چىقتى.
قۇتلۇق ئۇدۇللا بېرىپ يۇلتۇزنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. لېكىن ئۇ بىنانىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا ئوتتۇرىسىدىكى زالدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا مەرمەرتاش ياتقۇزۇلغان پولنى سۈرتىۋاتقان تازىلىقچى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى:
- ھەي كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ!
- نىمە بولدى؟
- قانداق ئاداش ماۋۇ، مەن مايەرنى ئەمدىلا سۈرتكەن تېخى، سۈرتمىگەن يەر بىلەن ماڭساڭ بولمامدۇ. نەگە بارساڭ شۇ يەرنى بۇلغايدىغان ئادىتىڭ بارمىتى يا؟!
قۇتلۇقنىڭ ئەتىگەندىلا ئورۇنسىز ئازار يېيىشى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى. ئۇ غەزەپلىنىپ تازىلىقچىنى راسا بىر دۇمبالىغىلى تاس قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئۈندىمەستىن ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. ئىش ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك بولۇپ چىقتى.
- مەن سىڭلىڭىزنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرۈپ چىقتىم، ئوقۇش نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. ياخشى ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇپتۇ، بۇنداق قىزلار چوقۇم ياخشى يەردە ئىشلەش كېرەك، - دىدى چىرايى ناھايىتى قاملاشقان بولسىمۇ لېكىن ئازراقمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنمەيدىغان بۇ ئادەم. ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىدىكى ياسالمىلىقى ئۇنى تېخىمۇ كۈلكىلىك قىياپەتكە كىرگۈزۈپ قوياتتى. ئۇ ئېغىز تىلىدا گەپ قىلماستىن كىتابىي تىلدا سۆزلەپ ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.
دەسلەپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇتلۇق قاتتىق ھاياجانلاندى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنى مېھمان قىلغىنىم بىكار كەتمەپتۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ كۈنى ئولتۇرۇشتا بۇ ئادەم كىتابىي گەپلەرنى قىلىپ قېتىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ قۇتلۇقنى ناھايىتى تېزلا مەست قىلىپ قويدى. قۇتلۇق بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئاشۇ كۈنىنى مەستلىكتە ئۇنى تىللاپ سالمىغاندىمەن دەپ ئويلاپ دەككە دۈككىدە يۈرگەن ئىدى. قۇتلۇقنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى نېرۋىسى ئاجىزلىشىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ھاراق سورۇنىدا بىرەرسى كۆڭلىگە ياقمىسا لېكىن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كەلسىلا تېز مەست بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا بەزىدە بىر رۇمكا ھاراق بىلەنمۇ خۇدىنى بىلمىگىدەك مەست بولۇپ قالغان چاغلىرى بار ئىدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ مەست بولۇپلا كۆزىگە سىغمىغان ئادەمنى تىللاپ سالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى بۇ قېرى ئەبلەخ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ رەڭلىك ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، قۇتلۇق ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالدى. لېكىن خېلى ئۇزاققىچە ئۇنىڭ لاۋزا گېپى قۇتلۇقنىڭ نېرۋىسىنى قوداڭشىتىپ ئارام بەرمەي بەكلا بىئارام قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەبلەخنىڭ قولىدا ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقىنى ئۇنىڭ ئاجىز بىر تۇققىنى ئىدى. شۇڭا مەست بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قاتتىق تىرىشتى. ھاراقنى نەچچە قېتىم چاندۇرماي چاي ئىچىۋاتقان ئىستىكانىغا چاي ئىچكەن بولۇپ چىقىرىۋەتتى. لېكىن ئۇ مەست بولماي سەگەك تۇرۇشقا تېرىشقانسېرى شۇنچە تېز مەست بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى پەقەتلا ئۇنى تونۇشتۇرغان دەللالنىڭ ئىككىيلەننى ھاراق سوقۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان چاغدىكى ھىجايغان چىرايىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالىتى ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى مۇئامىلىسىنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ مەستلىكتە تىللاپ سالغان بولسام بۇنداق مۇئامىلە قىلمايتتى دەپ ئويلاپ سەل خاتىرجەم بولدى. لېكىن كېيىن يەنە بۇنىڭ ئىنتايىن ياسالما كىشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ سەل دېلىغۇل بولغان ئىدى.
باشلىق يۇلتۇزنى يەنە بىردەم ماختىدى، بۇ قۇتلۇقنى تېخىمۇ خوشال قىلىۋەتتى. لېكىن باشلىقنىڭ سۆزىدە بۇرۇلۇش پەيدا بولۇپ قالدى:
- ئەگەر بىر ئىككى يىل بۇرۇن بولغان بولسا…خەير، چوقۇم ئۆزۈم ئېلىپ قالغان بولاتتىم. بىزنىڭ بۇ ئىدارىغا مانا مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغانلار تازىمۇ كېرەك ئىدى دەڭا.
ئۇنىڭ بۇ گەپى بىلەن قۇتلۇقنىڭ چىرايىدا ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولدى، ئۇ ئازابلانغان ھالدا ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا:
- ئامال قىلىپ مۇشۇ سىڭلىمنى بۇ ئىدارىگە ئېلىپ قالغان بولسىڭىز. مېنىڭ بارلىق غەمىم مۇشۇ بىر سىڭلىمدىلا قالدى، سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولۇپ كېتەئەتىم، - دىدى.
باشلىق ئۇنىڭ يېلىنغىنىدىن بىئارام بولغاندەك قىياپەتتە باشقا ياققا قارىۋېلىپ تۇرۇپ ئېيتتى:
- قاراڭ ئۇكام، سىز بىلمەيسىز، ھازىر بىزنى يوقۇرىدىن ئىشتاتىڭ ئېشىپ كەتتى، ئىخچاملا دەۋاتىدۇ. بۇنى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتساق، بىزنىڭ ئىدارىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بالىلىرىدىن ئىككىسى ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قاپتۇ، بۇنى چوقۇم ئۆزۈڭلار ئورۇنلاشتۇرىسىلەر دەيدۇ. يا ئېلىشنى ياكى چىقىرىشنى بىلەلمەي ئوتتۇرىدا قالدۇق.
قۇتلۇق ھەيران قالدى، قايسى كۈنى مېھمان قىلغاندا بۇ ئەبلەخ ھەدەپ يەپ ئىچىپ قوسىقىنى دومبايتىپ ئولتۇرغاندا بۇ ئىشلار نىمىشقا يادىغا كەلمىدىكىنە.
- پەقەتلا ئامالى بولماسمۇ؟ – سورىدى قۇتلۇق ئاخىرقى قېتىم.
- كىچىككىنە ئامالى بولسا چوقۇم ئالغان بولاتتىم، مېنى سىز چۈشەنمەپسىز. دوستىڭىز مامۇت مېنى سىزگە تازا ياخشى تونۇشتۇرمىغان ئوخشايدۇ. مەن دېگەن ئىشنى كېسىپ كېسىپ قىلىدىغان ئادەممەن. بولىدىغانلا يېرى بولسا گەپنى ھەرگىز ئىككى قىلمايتتىم.
قۇتلۇق ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى. بىر ئايلىق مۇئاشىنى تولۇق خەجلەپ ئۇ ئەبلەختىن ئالغان جاۋاب شۇ بولدى.
قۇتلۇق ئىدارىسىغا بىر كۆرۈنىۋېتىپلا دوختۇرخانىغا چاپتى. يۇلتۇز گادىرماچ خىياللاردىن خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئورنىدا مىدىر قىلماي ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن دوختۇرخانىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىن چىقتى. ئۇنىڭ ئۇدۇل ئۆيگە كەتكۈسى كەلمىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ دائىملا پەرىشان يۈرۈپ پەرىشانلىق سىڭىپ قالغان چىرايىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ پەرىشان ھالەتكە كىرىپ قېلىشىنى كۆرگۈسى كەلمىدى. ئۇ سىرتنى سەل ئايلىنىپ روھىي كەيپىياتىنى ئاز تولا تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتماقچى بولغان ئىدى.
تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمۇ ئاجايىپ بولىدۇ. يۇلتۇز ئارقا دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان دەل شۇ دەقىقىدە قۇتلۇق ئالدى دەرۋازىدىن يۇلتۇزنى ئىزلەپ دوختۇرخانىغا كىردى.
  ھالسىز قىياپەتتە چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلمىغان ھالدا يوللارنى ئايلىنىپ بېرىپ ئاخىرى بىر يول ياقىسىدىكى سىمنۇتقا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ سومكىسى يەرگە تاشلاقلىق، سومكىسىنىڭ ئاغزى ئېچلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر بۆلكى يەرگە تۆكۈلۈپ قالغان ھالدا ئاشۇ يەردە قانچىلىك ئولتۇرغىنىنى بىلمەي ئولتۇردى. بارا-بارا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىپ بىر ئازدىن كېيىن يان تەرەپتىكى دېرىزىنىڭ نۇرى ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەندىلا ئاندىن كەچ بولغىنى ھېس قىلدى. لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ئەتراپقا قاراڭغۇلۇق يېيىلغانسېرى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى يورۇۋاتقاندەك بولدى. ئۇ ئەتراپقا چۈشكەن قاراڭغۇلۇقنى ئېتىراپ قىلغاندەك ئۆلۈمنىمۇ كۆڭلىدە قوبۇل قىلىپ بولغان ئىدى. ئۆلۈمنى تامامەن قوبۇل قىلىپ بولۇش بىلەن تەڭلا ئۇنىڭدىكى قورقۇنچ غايىپ بولدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئېيتقان گەپلىرىنى ئەسلىدى:
    - ئۆمرى رەزىللىك بىلەن تولغان ئادەم ئۆلۈمدىن بەك قورقىدۇ، ئاللاھقا يېقىن، ئاق كۆڭۈل، كىشىلەرگە يامانلىقى يوق، ئېتىقادى بار ئادەم ئۆلۈمدىن ئۇنچىۋالا قورقمايدۇ، ئەجەل كەلگەندە ئۇنى جىمجىت قوبۇل قىلىدۇ، - دەيتتى ئۇ دائىم بالىلىرىغا ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە تەربىيە بەرگىنىدە. ھەقىقەتەن ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇ ئۆلۈمگە يۈزلەڭەندە چىرايى شۇقەدەر خاتىجەم، شۇ قەدەر نۇرانە ھالدا كەتتى. پەقەت بالىلىرىنىڭ ئىچىدە يۇلتۇزنى قاتارغا قوشالماي كېتىپ قالغىنى سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ يۇلتۇزغا قىيلاماي قارىغىنىچە كۆز يۇمدى.
قاراڭغۇلۇق قويۇقلىشىپ خېلىلا كەچ بولغاندا يۇلتۇز ئاندىن ھالسىز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ شەھەرنىڭ چوڭ يولى ۋە ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بەك كەچ قالسا ئاكىسى ئەنسىرەپ قالاتتى. ئۇ كېلۋېتىپ توختاپ توختاپ پات پات يول بويدىكى رىشاتكىلارغا يۆلىنىپ بىردەم تۇرىۋالاتتى، ئۇ خۇددى نىجاتلىق ئىزدىگەندەك ئەتراپتىكى دۇنياغا قارايتتى. ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ دېرىزىلىرىدىن قايناق ھايات ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. بۇ دۇنيادا ئۆلۈمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كىشىلەر تامامەن ئۇنتۇپ قالغان ئىدى، گويا بۇ دۇنيادا ئىلگىرى زادىلا ئادەم ئۆلۈپ باقمىغاندەك.
بىر بىنانىڭ ئۈستىدىكى دېرىزىدىن رەڭگارەڭ چىراق نۇرلىرى يالتىراپ ئۆتۈپ تۇراتتى. يەنە بىر دېرىزىدە بولسا قىيا ئېچلىغان پەردىدىن ئىچىدە ئولتۇرۇز قىزىپ كەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يەنە بىر دېرىزىدىن بولسا توپلىشىپ قارت ئوينىشۋاتقانلار نىپىز پەردە ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنەتتى. ھايات شۇقەدەر قايناق، لېكىن يۇلتۇزنىڭ نەزىرى ئوتقاشتەك قىپ-قىزىل دېرىزە پەردىسى ئۈستىگە كېلىپ توختىغاندا. دېرىزە پەردىسى قىپ-قىزىل قانغا ئايلىنىپ ئېقىشقا باشلىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
يۇلتۇز ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاكىسىغا ئېيتماسلىق قارارىغا كەلدى. ئۇ كىچىكلا ئاتا ئانىسىدىن يېتىم قالغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي مۇشۇ جاپاكەش ئاكىسىغا تاياندى. ئاكىسى ئۇنى ئوقۇتىمەن دەپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ، پۇلنى ئىختىساد قىلىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ ئىچىدە بىرەر يەرگە بولسا بەك جىددىي بېرىشقا ياكى يىراق يەرگە بېرىشقا توغرا كەلمىسىلا پىيادە ماڭاتتى. ھەتتا قۇتلۇقنىڭ دوستلىرى ئۇنى بۇ شەھەردىكى ھەق ئالمايدىغان ئاممىۋىي خالالارنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ دەپ زاڭلىق قىلاتتى.
يۇلتۇز ئاكىسىنىڭ كېچىلەپ شىرە ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلەتتى، بەزىدە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاكىسىنىڭ ئاچچىق موخوركا ئىسى بۇخسۇپ تۇرغان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن تېخىچە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇ ئاكىسىنى دەسلەپ ئۆزىدىن بالدۇرراق تۇرغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى، كېيىن ئاكىسىنىڭ پۈرلىشىپ كەتكەن چىرايىنى ۋە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ كېچىچە ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلەتتى. مۇشۇنداق سانسىز كېچىلىك ئۇيقۇسىزلىقلار بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ چىرايى بەكلا تېز قېرىپ كەتتى. خۇددى ئۇ كېچىلەپ چەككەن ئەرزان باھالىق ئاشۇ موخۇركىنىڭ ئىسى ئۇنىڭ يۈزلىرىگىمۇ سىڭىپ كېتىپ بارغاندەك ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈزۈك ۋە پارقىراق كۆرۈنىدىغان يۈز تېرىسى بارا بارا قارىداپ قورۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىككى ياڭىقى ئولتۇرۇشۇپ، ئىلگىرىكى زىنىقى چوڭقۇرلىشىپ گويا يوغان ئويمان تاتۇققا ئوخشاپ قالدى. شۇڭا زۆھرەنىڭ ئاپىسى ئۇنى تۇنجى كۆرگەندە بىرىنجى بولۇپ سورىغىنى سىز ئىلگىرى ئوپكە كېسىلى بولۇپ قالغانمۇ دېگەن گەپ بولدى.
- ياق دەپ جاۋاب بەردى ئۇ، - ئىنتايىن خىجىل بولغان ھالدا چىرايى قىزىرىپ. قۇتلۇق ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق دەپ سورغىنى چۈشەنمىگەن ئىدى. زۆھرەنىڭ ئاپىسى قۇتلۇقنىڭ چىرايىدىكى تەئەججۈپكە قاراپ بۇنى چۈشەندۈردى:
- ئىكى قوۋۇزىنىڭىز كىرىشىپ كەتكەن ئىكەن، كۆپىنچە ئۆپكە كېسىلى بولۇپ ساقايغان ئادەم ساقىيىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، كىرىشىپ كەتكەن قوۋۇزى بىلەن يۈزىنىڭ ئەسللىدىكى سېمىزلىكى ئەسلىگە كەلمەيدۇ دەپ ئاڭلىغان شۇڭا دەيمىنا.
زۆھرەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ چىرايىنى ياراتمىغاندەك قىلاتتى. لىكىن ئۇلاردىمۇ ئامال يوق، چۈنكى ئۇلار زۆھرەنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ كەتكىنىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.
ئاشۇ كۈنى يۇلتۇزمۇ زۆھرەنىڭ قايتا قايتا تەكلىپىدىن كېيىن ئاكىسى بىلەن بىللە بارغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئاجىز بىر تۇققىنى بىللە باشلىۋالسا بولغۇسى قېينى ئاتىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بولىدىغان ئوڭايسىز ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئاسان ئىدى. شۇڭا قۇتلۇقمۇ ئۇنى ئېلىپ باردى.
يۇلتۇز زۆھرەنىڭ ئاپىسى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بەك كۆڭلى يېرىم بولدى. بۇ ئايال قىزىنىڭ قېرى چىراي بىرسىگە ياتلىق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن دەردىنى ئىچىگە يۇتقاندەك قىلاتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ چىئاريىنى بەك ئويلاپ كەتمىسە كېرەك، ياكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىزى بولغاچقا دۇنيادىكى ھەممە قىزلاردىن چىرايلىقراق كۆرىنىپ كېتىدىغاندۇ. يۇلتۇز يەنە بىر تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئاكىسىنى ياراتماي قىزىغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنى قۇتلۇققا تېگىشتىن ياندۇرىۋېتەرمۇ دەپمۇ ئەنسىرەپ قالغان ئىدى. ئۇ ئاكىسىغا قانداق كەيپىياتتىكىن دەپ قاراپ باقتى. قۇتلۇق زۆھرەنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ناھايىتى جىددىيلىشىپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن زۆھرەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاشۇ گېپى توغرىسىدا ھېچنىمىنى ئويلىمىغندەك قىلاتتى.
قۇتلۇق زۆھرەنىڭ ئاپىسىغا قاراپ زۆھرەنىڭ يەنە يىگىرمە يىدىن كېيىنكى ھالىتىنى پەرەز قىلماقچى بولاتتى. بۇ پاكىز قېرىغان ئايال ئۇنچە قېرى كۆرۈنمەيتتى. زۆھرە بولسا تېز قېرىپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ پىگۇرىسىنى ئاسراشنى بىلمەيدۇ. بېشىنى ساڭگىلىتىۋېلىپ، بەدىنىنى قورىۋېلىپ يۈرگىنى يۈرگەن. بەلكىم ئۇ چىرايدا ئاپىسىنى تارتقان بىلەن بەدەن تۈزۈلىشىدە دادىسىنى تارتقاندۇ.
يۇلتۇز ئاكىسىنىڭ زۆھرەنىڭ ئاپىسى قىلغان گەپتىن ئازاپلانمىغانلىقنى كۆرۈپ سەل كۆڭلى تەسكىن تاپتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاكىسىنىڭ چىرايىنىڭ كىشىلەرگە دەھال ياخشى تۇيغۇ بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقنى ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ تارتىپ كەتكەن جاپاسىدىن كۆرگەن ئىدى. ئۇ بىر يەرگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئۆزىنىڭ دەدىدىن ئۆزى چىقالايدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى شىنداق زارىقىپ كۈتىۋاتقاندا ئەمدى ئاكىسىغا تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغىنى قارىمامدىغان.
ياق ئاكامغا ھەرگىز ئېيتمايمەن، ئۇنىڭ مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالايمەن دەپ تېخىمۇ كۆپ جاپا تارتىپ، تېخىمۇ قېرى چىراي بولۇپ كېتىشىنى، قەرزدار بولۇپ، يەنە نۇرغۇن يىللار توي قىلالماي ئۆتۈشىنى كۆرۈپ تۇرسام ھەرگىز بولمايدۇ، - دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى يۇلتۇز. ۋە كېسىلىنى ئاكىسىغا ئۇلار توينى ئۆتكۈزۈپ بولغىچە ئۇقتۇرماسلىق قارارىغا كەلدى.
    قۇتلۇقنىڭ ئۆيى يۇلتۇز يوق بولغاچقا قۇپ قۇرۇغ قۇرۇغدىلىپ قالغاندەكلا كۆرۈنەتتى. قۇتلۇققا ئۆي ئىچىدە سوغاق بىر شامال خۇددى ئەرۋاھتەك تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك تېنى شۈركىنەتتى. قۇتلۇق بىتاقەت بۇلۇپ ئولتۇرسا ئىشىك ئېچىلىپ يۇلتۇز كىرىپ كەلدى. قۇتلۇق يۇلتۇزنى كۆرۈپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-يۇلتۇز، ساڭا نېمە ئىش بولدى، نېمىشقا مۇنداق كەچ قالدىڭ؟ نەگە باردىڭ، ئەجەپ ئەنسىرىدىم. سېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى.
يۇلتۇز كۆزلىرىنى قۇتلۇقتىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا جاۋاپ بەردى:
-دوختۇرخاندىن يانسام ساۋاقداشلىرىم ئۇچراپ قالدى. ساۋاقداشلار يىغىلىپ قاپتىكەن شۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم.
-دوختۇرخاندىن تېلىفۇن بېرىۋەت دېسەم تېلىفۇنمۇ بەرمىدىڭ، ئەكىلە دوختۇرنىڭ دىئاگىنوزىنى كۆرۈپ باقاي، نېمە دېدىكى، ئەجەپمۇ ئەنسىرەتتىڭ ئادەمنى.
يۇلتۇزنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ گەپ قىلالماي قالغىنى تاس قالدى. ئۇ سومكىسىنى ئاختۇرغان بولۇۋېلىپ قۇتلۇققا چىرايىنى كۆرسەتمىدى.
قۇتلۇق ئۇ جاۋاب بەرمىگەنسېرى ئالدىراپ يەنە سورايتتى:
-ئېيتە،دوختۇرلار نېمە دېدى؟
يۇلتۇز ئۆزىنى تەستە بېسىۋالدى، شۇڭا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ روھىي ھالىتى تېنچلىنىپ چانمايدىغان ھالەتكە كىرگىچە سومكىسىنى ئاختۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى:
- دوختۇرلار چوڭ مەسلە يوق، بەزىدە سوغۇق ئۆتۈپ قالسا شۇنداڭ بولىدۇ دەيدۇ. باشقا كىسەل يوقكەن، - دىدى يۇلتۇز ئاخىرى.
-دىئاگىنوزنى ئەكىلە كۆرۈپ باقاي.
-چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن.
-نەگە چۈشۈرۈپ قويغانسەن؟ دوختۇر، ئوكۇل يېزىپ بەرمىدىمۇ؟ باشقا قەغەزلەرچۇ؟
- ھەممىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن، ئاشۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئۇ شۇنداق دەپ يىغىدىن تەستە ئۆزىنى توختىتىپ ئاخىرى بولالماي كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى.
قۇتلۇق ئۇنىڭ كەيپىياتىدىن بولغان ئىشلارنى سېزەلمىدى، چۈنكى چىراق بەك غۇۋا بولۇپ ئۇلار ئادەتتە توك پۇلىنى ئاياش ئۈچۈن ئون بەش ۋاتلىق چىراقنى ئىشلىتەتتى. كىتاپ كۆرگەندە بولسا ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇراتتى. ئۈچتەل چىرىقىمۇ ئوخشاشلا ئونبەش ۋاتلىق ئىدى.
- ئەتە دىئاگىنوزنى تېپىپ كەل، مەن شۇنىڭغا ئاساسەن دوختۇرخاندىن دورا ئەكىلىپ بېرەي، - دىدى قۇتلۇق ئۇنىڭ كەينىدىن.
يۇلتۇز ياتقىغا كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپلا ئىشىككە يۆلىنىپ قالدى. خۇددى كېيىنكى مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇققا كۆنۈش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىنىۋاتقاندەك ياتاق ئىچىدىكى چىراقنى ياندۇرغىسى كەلمىدى. قاراڭغۇلۇقتا ئۇنىڭ گەۋدىسى تىنىمسىز تىترەپ كۆزلىرىدىكى ياشلار سۇس يالتىرايتتى.
                            6
  كەچتە يۇلتۇز بىلەن قۇتلۇق مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان چۈشنى كۆردى. يۇلتۇزغا بۇ چۈش بىر تەسەللىدەك بولدى. چۈشىدىن ئويغانغاندا ئۇيقۇ ئىچىدىكى خامۇشلۇقتىنمۇ ياكى چۈشىدە دادىسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ كەيپىياتى تېنچ ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى. چۈشىدە دادىسى ئۇنى بىر دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ ھەدەپ چاقىراتت. ئۇ دادىسى تەرەپكە قاراپ ئاستا سىلجىپ ماڭدى. كېيىن ئۇ ئاپىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ تۇتۇۋالغانلىقىنى ۋە دادىسى تەرەپكە قاراپ باشلاپ ئېلىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى ئىنتايىن ياش كۆرۈنەتتى، كۆزلىرى شادلىقتىن چاقناپ تۇراتتى. يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمەي قالدى. قۇتلۇقنىڭ چۈشىدە بولسا ئۇ دادىسىنىڭ يۇلتۇزنى سۆرەپ ئېلىپ كەتىۋاتقىنى كۆردى، قۇتلۇق يۇلتۇزنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ھەدەپ ئۇنىڭ بىر بىلىكىدىن تۇتۇپ تارتاتتى. ئۇ چۆچۈپ ئويغانغاندا پىشانىسىدىن تەر قۇيۇلۇۋاتاتتى.
  چۈشىدىن ئويغىنىپ خېلى بىر ھازاغىچە قۇتلۇق نورمال روھىي ھالەتكە قايتىپ كېلەلمىدى. غەلىتە بىر خىل مەشۇم تۇيغۇلار ۋۇجۇدىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ بىر بىمەنە چۈشقۇ دەپ ئۆزەگە تەسەللى بەرسىمۇ يەنىلا بۇ تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدى. ئاشۇ ۋەھىمىلىك چۈش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا پەقەت قورقۇنۇچلا قالدۇرۇپ باشقا ھەممە نەرسىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىپ قۇرۇغداپ قويغاندەك خامۇش ئىدى.
  يۇلتۇز چۈشىدىن ئويغىنىپ خىيال بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغاندەك خىيالغا پاتتى. ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان چوڭ شەھەردە، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئالدىراشلىق ۋە رىقابەتلەر بىلەن دائىملا جىددىي ھالەتتە تۇرغان نېرۋىلانىڭ چۈشلەرنى ئەسلەشكە ھەپسىلى قالمامدۇ قانداق بۇ يەردە چۈش ئىنتايىن تۇتۇق ۋە پارچە پۇرات بولۇپ، ئويغانغاندىن باشلاپ ناھايىتى تېزلىكتە ئەستىن يىراقلىشىپ، غۇۋالىشاتتى دە بىردەمدىلا غايىپ بولۇپ، كىشى ھېچقانداق چۈش كۆرمىگەندەك بولۇپ قالاتتى. يۇلتۇز ئالىي ئاتا ئانىسى تۈگەپ كېتىپ ئاكىسىنىڭ يېنىغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى سەھرادىكى تۇرمۇشىنى ئەسلىدى. بۇ ھاۋاسى كۆز ياشتەك سۈپ سۈزۈك سەھرادا كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىمۇ سۈپ سۈزۈك ئىدى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئېتىزلىقلاردا، ئۆستەڭ بويلىرىدا ياكى باراڭ ئاستىدا كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە چۈشلىرىنى ئۆرۈشىۋاتقىنىنى ھەم بىر بىرىنىڭ چۈشىگە تەبىرلەرنى بېرىۋاتقىنى ئاڭلايتتى. بۇ سەھرادا چۈشلەرمۇ شۇقەدەر روشەن ۋە مەنىلىك ئىدى. بۇ شەھەردىكى چۈشلەردىن بولسا مەنا تاپقىلىمۇ بولمايدۇ، بەزىدە پەقەت باش ئاخىرى يوق بىرلا تۇيغۇ يەنى قورقۇنۇچلا قالىدۇ. قورقۇنۇچ ئېلىپ كەلمىگەن چۈشلەر ئويغىنىش بىلەن تەڭلا غايىپ بولىدۇ.
  قۇتلۇقنى ۋەھىمىلىك چۈش ئۆيدىن تېپىپ قوغلاپ چىقارغاندەك ئۇ ئەتىگەندە ناشتىمۇ قىلماي سىرتقا ماڭدى. يۇلتۇز ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ يەنە بىر يەردىن يۇلتۇزغا خىزمەت ئۇقۇشقىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى دە تېز چىقىپ كەتتى. قۇتلۇق كوچىغا چىقىپ دەرھال قەلەندەرگە سەدىقە بېرىۋەتتى، لېكىن يەنىلا خاتىرجەن بولالمىدى. چۈنكى ئەتىگەن كۆرگەن چۈشى دائىم كۆرىدىغان چۈشلىرىدەك غۇۋالىشىپ كېتەي دېمەستىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا تۇراتتى. ئۇ بۇ چۈشنى يۇلتۇزنىڭ خىزمەت ئىشىغا يول ماڭمىغانلىقى سەۋەبىدىن دادىسىنىڭ روھى تېنچلىنالماي بولغان دەپ ئويلىدى.
  ئۇ ئاشۇ كۈنى نەگىلا بارسا ئولتۇرالماي قالدى. بىر تۇرۇپ بۇ چۈش يۇلتۇزغا كېلىدىغان بىرەر كېلىشمەسلىكتەك تۇيۇلۇپ، ئۇ ئۆيدە يۇلتۇز گازنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ گاز چىكىتەرمۇ؟ يۇلتۇز سىرتقا چىقىپ يولدىن ئۆتكەندە ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقارمۇ؟ يۇلتۇز بالكونغا كىر يايىمەن دەپ بىنادىن چۈشۈپ كېتەرمۇ؟... ئۇ ئويلىمىغان قالايمىقان خىياللار قالمايتتى. ئۇ شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ خاتىرجەن بولالماي ئاخىرى زۆھرەگە تېلفۇن ئۇردى:
  - زۆھرە بۈگۈن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتىكەن ئەنسىرەپلا تۇرىمەن، - دېدى ئۇ ئالدىراش گەپ قىلىپ، - ئىدارىڭىزدىن چىقالىسىڭىز ئۆيگە بېرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن. يۇلتۇزدىن ئەنسىرەپ تۇرىمەن. يۇلتۇز سىرتقا چىقمىسۇن، گازغا ئوبدان قاراڭلا…
  - ھوي، ئۇ كىچىك بالىمىتى ئەنسىرەيدىغان، - كۈلۈپ كەتتى زۆھرە.
  - زادى ۋاقتىڭىز چىقامدۇ چىقمامدۇ؟ – چېچىلدى قۇتلۇق،- مەن ئۇنىڭ خىزمىتىگە مېڭىۋاتاتتىم، بولمىسا ھازىرلا قايتاتتىم.
  زۆھرە ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەم كۈلۈپ تۇرۇپ قۇتلۇقنىڭ ئورۇنسىزلا ئۇنچىۋالا ئەنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىردەم كۈلكە قىلدى. قۇتلۇق ئۇنىڭغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ كۈلۈشتىن توختىدى.
  ئاپلا بۇنداق چۈشنى باشقىلارغا ئېيتسىڭىز بولمايتتى، - دېدى زۆھرە، - سۈرە ئوقۇپ سول تەرىپىڭىزگە ئۈچنى تۈكۈرىۋەتمىدىڭىزمۇ.
  ئېسىمدە يوق.
  دەرھال شۇنداق قىلىڭ… مەن يۇلتۇزنىڭ يېنىغا ھازىرلا باراي.
  يۇلتۇز بۈگۈن بىر شىركەتە ئىش ئۇقۇشقىلى بارىدىغانلىقىنى تۈنۈگۈن ئاكىسىغا ئېيتقان ئىدى. شۇڭا ئاكىسىنىڭ خەۋىرى بار دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قايتا تەكرارلاپ يۈرمەيلا قۇتلۇق چىقىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ۋاقتلىق ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىدىن كۈندۈزى بالا باققۇچىلىق قىلىپ بېرىدىغان بىر خىزمەتنى ئۇقۇشقان ئىدى. لېكىن بۇنى ئاكىسىغا بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئاكىسى بىلىپ قالسا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بالا باققۇچى بولۇشىغا يول قويمايتتى.
  ئاشۇ كۈنى ئۇ ئاۋال دوختۇرخانىغا باردى. ئۇنى تەكشۈرگەن دوختۇر يوق ئىدى. ئۇ باشقا بىر دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئېغىر زۇكام بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىبىنى چىرايلىق رەت قىلىپ ئۇنىڭدىن پەقەت ئېغىر زۇكامغا كېرەكلىك دورىلارنى يېزىپ بېرىشنى ئېيتتى.
  بۇ زۇكامدەك ئەمەس، - دىدى دوختۇر تىڭشىغۇچنى بوينىدىن ئېلىۋېتىپ، - پۇل كېتىدۇ دىمەي ئوبدانراق تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن دېگىنىڭىزنى يېزىپ بېرەي.
  يۇلتۇز ئۇنىڭغا چىسىلانى بىر كۈن ئاۋالقى ۋاقتقا يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئۇ ئىدارىسىدا سىناقتا ئىشلەۋاتقىنى، تۈنۈگۈن ئىشقا بارالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئىدارىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇنۈگۈنكى دىئاگنوز بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، دوختۇر ئەتراپىغا قارىۋېتىپ ئاخىرى يېزىپ بەردى.
  يۇلتۇز ئۇ يەردىن چىقىپ ئاندىن بالىسىغا قارايدىغان ئۆيگە باردى.
  قۇتلۇقنىڭ گېپى بىلەن زۆھرە يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ قارىسا يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يۇلتۇز بار بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان يېقىن ئەتراپتىكى جايلاغا قاراپ چىقىپمۇ ئۇنى تاپالمىدى.
يۇلتۇز ئادەمگە قارىسا قاراشنى پۇتىدىن باشلاپ ئاخىرىدا بېشىغا كېلىپ تۇختايدىغان مەرەمنىسا ئىسىملىك سېمىز ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۈگۈن رەسمى ئۇنىڭ بالىسىغا قاراشنى باشلىغان ئىدى. ئۇ پەقەت كۈندۈزدە مەرەمنىسا ئىشقا بېرىپ كەلگىچە قاراپ بېرەتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم بۇ ئايالنى كۆرگەندىلا ئۇنىڭ باشلىرىنى گىلدىڭلىتىپ تۇرۇپ قاراشلىرىدىن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ قىسقا مەزگىللىك ئىش بولغاچقا بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدى. ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئايالنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز خۇنۇك بولسىمۇ لېكىن قاراشلىرى يەنىلا جانغا تېگەتتى. ئۇ ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان يۇلتۇزنىڭ تاپىنىدىن تارتىپ بېشىغىچە ھەر قېتىم قاراپ چىققاندا يۇلتۇز گويا ئۇنىڭ كۆز نۇرى ئۈستى بېشىنى بىر قېتىم يۇندا بىلەن يۇيۇپ چىققاندەك ھېس قىلاتتى. شەھۋانىيلىق بۇ ئايالنىڭ كۆز نۇرىنى خۇنۇكلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ھەرقېتىم ئەتىگەندە ئەرلەرنى كارىۋاتتىن تۇرغۇزۇپ يولغا سالغاندا ئۆز ۋۇجۇدىدا نىمىلەرنىڭدۇر كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ماغدۇرسىزلىنىپ چۈشكىچە ئۇخلايتتى. كېيىن قاپقارا كۆزلىرىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئەينەكتىن كۆرگەندىلا ئاندىن سانسىزلىغان ئەرلەرنىڭ يالىڭاچ تەنلىرى ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈك بىلەن قارىغان كۆزلىرىنىڭ نۇرىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتىۋېرىپ ئۇنى شۇنداق نۇرسىزلاشتۇرىۋەتكەنلىكى بىلىپ يەتكەن ئىدى. يۇلتۇز بۇنى بۇ ئايالنىڭ ھەر كۈنى ئۆيدە ئۈزۈلمەيدىغان ھاراق زىياپىتىدىن بىلدى. يۇلتۇز بالىغا قاراۋېتىپ ئەرلەرنىڭ سېرىق يومۇرلىرىنى، ئارقىدىنلا ئاياللارنىڭ قىقاس سېلىپ كۈلۈشلىرىنى ئاڭلايتتى. گاھىدا قايسىدۇر مەست بولۇپ قالغان ئايالنىڭ يىغلاشلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرىپ قالاتتى.
باشقىلارنىڭ ئازابلانغىنى كۆرسە يايراپ كېتىدىغان بۇ ئايال يۇلتۇز بىلەن كۆرۈشكەن كۈنىلا ئۇنىڭغا زەھەرىنى سانجىشقا باشلىغان ئىدى.
- سىز بۇرۇن بالا باققۇچى بۇلۇپ باققانمۇ؟ – دەپ سورىدى مەرەمنىسا.
يۇلتۇز بېشىنى چايقىدى.
    - ئۆتكەندە مەن تازا دىققەت قىلماپتىمەن. شۇنداقلا كۆرۈنۈشتە ھېلىلا سەھرادىن كەلگەندەك كۆرۈنىۋاتاتتىڭىز. ئەمدى قارىسام يۈزىڭىز ھەجەپ ئاقكىنا!
    - تازا مىجەزىم يوق، چىرايىم تاتىراڭغۇ بولغاچقا شۇنداق كۆرۈنىۋاتسا كېرەك.
يۇلتۇزنىڭ گۈزەللىكى مەرەمنىسانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ غەزىپىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇنچىلىك چىرايلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ئارقىلىقلا پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى يۇلتۇز ئوبدان بىلەتتى.
-سىزدەك بۇنداق سەتەڭ قىزلارغا ئىشىنىپ بالىنى تاشلاپ چىكەتكىلى بولارمۇ؟- مەرەمنىسا بولدى قىلمىدى، - بۇ ئۆينى يىگىتلەر بىلەن ئۇچرشىدىغان جايغا ئايلاندۇرىۋالماسىسىز يەنە، بىزمۇ ياش ۋاقلىرىمىزدا چىرايلىقتۇق. مەن ئۇسۇلچى ئىدىم، نى نى يىگىتلەر كەينىمدىن پاي پىتەك ئىدى. كېيىنچۇ؟ ئۇنداق سەتەڭلىك بىر نەچچە يىللىقلا! بىر نەچچە يىل خۇدىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز. كېيىن سەتەڭلىكىڭىزنىڭ بارا بارا تۈگەۋاتقانلىقىنى، سىزنى قوغلاپ يۈرىيدىغانلارنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغىنىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ. شۇڭا سەتەڭلىكىڭىزگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. سىزنى تونۇشتۇرغانلار قاتتىق يۇۋاش قىز دەپ تونۇشتۇرغاندى، بىراق بۇنچىۋىلا سەتەڭ قىزنى يۇۋاش دىسە كىم ئىشىنىدۇ. بوپتۇ،قېنى ئىشلەپ بېقىڭ.
يۇلتۇز ئۆي ئىچى تەرەپكە قاراپ، گىلەم ئۈستىدە ئۆملەپ يۈرگەن ئىككى ئۈچ ياشلاردىكى بىر بالىنى كۆردى. بۇ بالا ئىنتايىن ئۇماق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغىنىغا كىشىنىڭ ئىشەڭۈسى كەلمەيتتى. يۇلتۇز بالىنى كۆرۈپ كۆڭلى لاپپىدە يورۇغاندەك بولۇپ، مەرەمنىسانىڭ گەپلىرى كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
مۇھەببەت مۇھەببەت، مۇھەببەت دىيىشىپ كىتىدىكەن، مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ مۇھەببەت دىگەن بەش مىنۇتلۇق ئىش، بەش مىنۇت تۈگىدى، مۇھەببەتمۇ تۈگەيدۇ، - دىدى مەرەمنىسا ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ. يۇلتۇزنىڭ چىرايلىقلىقى بۇ ئايالنىڭ پىغانىنى ئۆرلىتىپ قويغاندەك قىلاتتى. يۇلتۇز ئۆزىنى ئۇنچە چىرايلىق دەپ ئويلىمايتتى، شۇڭا ھەيران قالدى.
ئاشۇ كۈنى زۆھرە ئاممىۋىي تېلفۇندىن قۇتلۇققا تېلفۇن بېرىپ يۇلتۇزنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق بىر كۈننى خۇدادىن ئامانلىق تىلەش ۋە ئۆزىنىڭ بىمەنە تۇيغۇلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. كەچقۇرۇن يۇلتۇز قايتىپ كەلگەندىلا چوڭ بىر نەپەس ئالدى.
- ئەجەپ ئادەمنى ئەنسىرەتتىڭ، - دىدى قۇتلۇق، - يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىكەنمەن. زېھنىم بىر كۈن سەندىلا بولدى.
تەقدىر ئاجايىپ قىزىق بولىدۇ، قۇتلۇق پەرەز قىلمىغان ئېھتىماللىقلار، كۆڭلىدىن كەچمىگەن ئىشلار قالمىدى، لېكىن يۇلتۇزنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى. بەلكىم بۇ غەپلەتنى تەقدىر قەستەن ئورۇنلاشتۇرسا كېرەك. قۇتلۇق بىر كۈننىڭ تېنچ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بىمەنە چۈش سەۋەبىدىن بىھۇدە ۋەھىمىگە چۈمۈپ يۈرگىنىنى ئۆزى مەسخىرە قىلىپ كۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇلتۇز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئېسىگە ئالدى. يۇلتۇز ئۇنىڭغا بىر نەچچە تال قەغەزنى بەردى.
-دىئاگىنوز مۇشۇلاممىكەن.
-قالغانلىرىنى دوستۇمنىڭ ئۆيدىكىلەر كېرەكسىز قەغەز ئوخشايدۇ دەپ، ئولتۇرۇشتىن كېيىنلا سۈپۈرۋېتىپ قاپتۇ.
يۇلتۇز يالغان سۆزلىسە ئاكىسىغا ئۇدۇل قارىيالماي قېلىپ چاندۇرۇپ قوياتتى. شۇڭا بۇ قېتىم چاندۇرماسلىق ئۈچۈن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا چاي قايناتقىلى كىرگەن بولۇۋالدى. ئۇ ئاشخانىدا تۇرۇپ ئەيتتى:
-ئاكا، خاتىرجەم بولغىنە،ساپ-ساق تۇرسام ئەنسىرەۋېردىكەنسەن.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-3-7 20:51:22


7
  مەرەمنىسانىڭ ئۆيىدىكى كۈنلەر يۇلتۇزنى تېخىمۇ كېسەل قىلىۋېتىپ بارغاندەك قىلاتتى. يات بىر ئۆيدە يات بىر بالىنى بېقىش ئەمەس بەلكى بالنىڭ توختىماي قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى يۇلتۇزنىڭ ئۈگە ئۈگىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇنى ھالسىزلاندۇرىۋېتەتتى. بالىنى كۆتىرېۋىلىپ گول قىلالماي ھەلەك بۇلۇپ يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ مىڭىسى يۇيۇلۇپ ئالىي مەكتەپتە ئۈگەڭەنلىرى غايىپ بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. يۇلتۇز بالىنىڭ ئاغزىغا ئىمىزگە سالسا ئىمىزگىنى چىقىرۋىتىپ يىغلايتتى. بالىنىڭ بۇنداق نورمالسىز يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى يۇلتۇز بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىلدى. مەرەمنىسا بەزىدە كۈندۈزدىمۇ ئولتۇراش قىلىپ، مەست بولۇپ قالغاندا ئەرلەر بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا پومىداقلىشاتتى ياكى مەسلىكتە يىغلاپ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى. بۇ ئىشلارنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بالا چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا قاراپ يىغلايتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇز بالىنى ئىتتىك ئېلىپ يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى. شۇندىمۇ بالىنىڭ كۆزى ئاپىسىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتقان تەرەپتىن ئۈزۈلمەيتتى. بالا ئادەتتىكى چاغدىمۇ تۇرۇپلا يىغلايتتى. ئۇنىڭ نىمىشقا يىغلىغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۇلتۇز بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا بالىنىڭ نورمال ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىشەنمەيتتى.
بەزى كۈنلىرى ئۇنى كۆرۈپ قالغان ئەرلەر ئۇنىمۇ بىللە كىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالاتتى. بۇنداق چاغلاردا مەرەمنىسا ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بودەك دوستلىرى ئۇنىڭ ئولتۇرۇشتا ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر چەتكە قايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنىڭغا قەتىي قارشى تۇراتتى. يۇلتۇز بۇنىڭ بىلەن قۇتۇلغىنىدىن خوشال ئىدى. لېكىن بىر كۈنى ئۇ بالا بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغدا بىر ئەر ئۆيگە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ئىشىك چېكىلدى، يۇلتۇز گازچى بولسا كېرەك دەپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا مەستلىكتىن كۆزلىرى قىزارغان بىر ئەر تۇراتتى. ئۇنىڭ تېنىدىن ھاراق بىلەن تاماكىنىڭ ئىسى بۇخسۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆي ئىچىگە بېسىپلا كىردى. يۇلتۇ ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە ئەگىشىپ ئارقىغا داجىدى. ئەر ئىككى قولىنى سۇنىشى بىلەن تەڭ يۇلتۇز تېخمۇ چۆچۈپ بالىنى ئېلىپ قاچتى.
- سىز كىم بولىسىز.
يۇلتۇز ئۇ قولىنى سۇنسا ماڭا ئېسىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى، ئەسلىدە ئۇ بالىغا قولىنى سۇنغان ئىكەن.
- مەن مۇشۇ بالنىڭ دادىسى، بالامنى كۆرگىلى كەلدىم، ئەكىلىڭ بالامنى!
ئەر ئورنىدا تۇرالماي ئالدى كەينىگە دەلدەڭشىيتتى.
يۇلتۇز بالىنى بەرمەستىن كەينىگە يېنىپ ياتاق ئۆيگە كىرىۋالسا، ھەلىقى ئەرمۇ دەلدەڭشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن كىردى. يۇلتۇز يەنىلا بالىنى بەرمەستىن مېھمانخانا ئۆيگە كىردى، ئەرمۇ دەلدەڭشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن كىرگەندە ھېرىپ قالغاندەك يۇكتۇزنىڭ قولىدىن بالنى ئېلۋېلىشنى بولدى قىلىپ، بېرىپ سافاغا ئۆزىنى تاشلىدى- دە بىردىنلا خورقىراپ ئۇيقۇغا كەتتتى. يۇلتۇز ئۇنى سۆرەپ سرتقا ئېلىپ چىقىۋەتمەكچى بولۇپ تارتىپ بېقىۋىدى مىدىرلىتالمىدى. يۇلتۇز ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇدۇل تەرەپتىكى سافاغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى. ئۇ ئىچىدىكى قورقۇنچنى بېسىشقا تىرىشىپ دىمىنى تەستە ئىچىگە يۈتتى. بالىمۇ يىغىدىن توختاپ مەست ئەرنىڭ گەۋدىسىگە قاتقىنىچە قاراپ قالغان ئىدى.
كېيىن مەرەمنىسا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇلتۇز ئۇنىڭ مەرەمنىسانىڭ بۇرۇنقى،ئاجىرىشىپ كەتكەن يولدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەر ئويغانغان چاغدا مەستلىكىدىن يېشىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. مەرەمنىسا ئۇنى بۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە مەست كىرمە دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئەر بالىنى چاقىرىۋىدى يۇلتۇز سەل خاتىرجەم بۇلۇپ، بالىنى ئېلىپ كېلىپ ئەرگە تۇتقۇزدى. ئەر بالىنى قولغا ئېلىشىغىلا بالا يىغلاشقا باشلىدى. ئەر بالىنى ئەركىلىتىپ سۆيسە ئۇ تېخىمۇ يىغلايتتى، مەرەمنىسا خاپا بولۇپ بالىنى تارتىۋالدى ۋە ئەرنى ئۆيدىن چىقىشقا بۇيرىدى. ئەر يىغلاپ تۇرۇپ مەرەمنىسانى قاغىغاندىلا يۇلتۇز ئۇنىڭ مەستلىكتىن يېشىلگەن بولماستىن تېخىمۇ مەست بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
ئەر يۇلتۇزنى كۆرگەندىن كېيىن مەرەمنىسا يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پات پات كېلىدىغان بولۇۋالدى. ئۇ يۇلتۇزنىڭ يالڭاچ پۇتلىرىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ ھىجىياتتى. يۇلتۇز بۇنى بايقاپ تىنى شۈركەنگەندەك بۇلۇپ يوپكىسى بىلەن ئېچىلىپ قالغان پۇتلىرىنى يېپىۋالاتتى. دەسلەپ يۇلتۇز دادىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىگە ھېسداشلىق قىلىپ ئەرنى ئۆيگە كىرگۈزگەن ئىدى. مەرەمنىسامۇ، ئۇ مەست بولۇپ قالمىسىلا خېلى ئادەم، كىرسە بالىنى كۆرۈپلا كەتسۇن، لېكىن ئۇزاق ئولتۇرمىسۇن، دېگەن ئىدى. كېيىن يۇلتۇز يەنە مەرەمنىسانىڭ باشقا خۇلۇم خوشنىلارغا ئېرىنىڭ چىدىماي يەنە ئىزدەپ كېلىۋاتقىنى كۆرسەتكۈسى كېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ كېلىپ كېتىشىگىلا مەرەمنىسا خوشنىسىدىن بىرەرنى باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تاماكا كۆتۈكىگە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بولالماي ئاۋارە ئىدى. ئۇلار كۈلدانغا دۆۋىلەڭەن تاماكا كۆتىكىنى كۆرۈپ قالدىمۇ بولدى، مەرەمنىسانىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كىتەتتى. يۇلتۇز بۇ ئەرنىڭ ئۆيگە كىرىشىدىن تېنى دائىم ئەيمىنىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇنى كەتكۈزىۋېتەلمەيتتى. لېكىن ئۇ ئەر بارا بارا يۇلتۇزنىڭ يالىڭاچ پۇتلىرىغىلا قاراپ قالماي قالايمىقان گەپ قىلغىلى تۇردى.
-مۇشۇ مەرەمنىسىئابىلەن ئۆتكەن ئۆمرىمگە قاتتىق ئېچىنمەن.سىز چوقۇم بۇ بالىغا ئۆز ئانىسىدەكلا كۆيىنىسىز.بۇ بالا مانا سىزدەكلەرگە يارىشىدۇ.ئەگەر ئۇ سىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ بولغان بولسا قانچىلىك ياخشى ئىدى-ھە! – دىدى بىر كۈنى زادىلا تارتىنىپ ئولتۇرماي. ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئادەمدە ۋاقت ئېڭى تازا كۈچلۈك ئەمەسمۇ ياكى ئەرلەر پۇلى ۋە كۈچى بولسىلا ھەرقانداق كىچىك قىزلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ قالدىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن يۇلتۇز ئوررۇتىسىدا بىر ئادەمنىڭ يېشى بىلەن تەڭ پەرق بارلىقىنى بىلمەي يۈرگەندەك، يۇلتۇز بىلەن ئانچە چوڭ پەرقىم يوق دەپ ئويلاپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. بۇ ئادەم يۇلتۇزغا ھەم بەك بىچارە ھەم ئەبگا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاقەيەرلەردە باشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا بەكلا ھەيۋەت تۇيۇلغان ئىدى.
ئۇنىڭ يۈز تەرىلىرى بوشىشىپ، مەڭىزلىرى ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ھاراق ئىچىۋېلىپ روھىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ ئادەم ھاراق ئىچمىگەندە بوشىتىلغان خالتىغىلا ئوخشاپ قالاتتى. پەقەت ھاراق ئىچكەندىلا يۈزلىرى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ، تېرىلىرى تارتىشىپ، سالپىيىپ كەتكەن يۈزلىرىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئەسەبىيلىك بىلىنمەي قالاتتى. بەلكىم شۇ ۋەسەبتىن ئۇ ھاراققا شۇنداق ئامراق بولسا كېرەك.
يۇلتۇز ئەرنىڭ گېپى ھەددىدىن ئاشقىلى تۇرغاندا ئاخىرى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان تېلفۇننى ئۇرۇپ مەرەمنىسانى چاققان ئۆيگە كېلىشكە چاقىردى..ئەر دەرھال بېرىپلا تېفۇننى بېسىۋەتتى.
- مەرەمنىسانى چاقىرىپ نېمە قىلىسىز؟ مەن ئۇنى دەپ كەلمىسەم…
ئەر بىردىنلا يۇكتۇزنىڭ قولىنى بىلىكىدىن تۇتىۋالدى.
يۇلتۇز غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:
- قويۋېتىڭ!
ئەر ئىنتايىن بىچارىلەرچە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭغا يېلىندى. يۇلتۇز ئۇنىڭ يېلىنىشىغا ھاڭتاڭ قالدى. ئۇ بۇنداق يېلىنىش ئارقىلىق نىمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئەر ئۆزىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە قىلدى. لېكىن بۇ گەپلەر يۇلتۇزغا بىر تۇرۇپ كۈلكىلىك بىر تۇرۇپ يىرگىنىچلىك تۇيۇلاتتى. يۇلتۇز قولى بىر ھايۋاننىڭ شۆلىگەي بىلەن تولغان ئاغزىغا كىرىپ قالغاندەك شۈركىنىپ يۇلقۇنغىنىچە قولىنى تارتىۋالدى. ئەر يەنە ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ بىردىنلا يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ راست يىغلىغان ياكى يالغان يىغلىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. يۇلتۇز ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ يا ئىچىنى ئاغرىتىشنى يا يىرگىنىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. بۇ يىغىغا قاراپ بولۇپمۇ كىچىك بالا بار جايدا يۇلتۇز نومۇس قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئادەم بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەر يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر ھازا كۆڭۈل چۈشەندۈردى. يۇلتۇز چىدىيالماي قېچىپ كەتكۈدەك بولدى. ئۇ يۇلتۇزغا يېقىن كېلىپ ئۇ غەرق مەست بوپ كەتسىمۇ پۇراش سەزگۈسى مەست بولمىغان تۇمشۇغىنى ئۇشلاپ تۇرۇپ يۇلتۇزنىڭ تېنىنى پۇرايتتى.
- سىز مۇشۇ گۈزەل چىرايىڭىز بىلەن بالا باققۇچى بۇلۇپ يۈرەمسىز، سىز ھەققىي ئانا بۇلۇشقا مۇناسىپ، بۇ ئۆي، بۇ بالا سىزنىڭ بولىدۇ!
يۇلتۇز زادىلا ئېرىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مۇزدەك قاراپ تۇرىشى ئەرنى بىردىنلا ئۈمىدسىزلەندۈرسە كېرەك، ئۇ بىردىنلا يېلىنىش، يالۋۇرۇشلارنى تاشلاپ يۇلتۇزغا ئېتىلدى. يۇلتۇز سىلكىشلەپ ئارقىغا يۇلقۇندى، ئەر ئۇنى قويۇپ بەرمەي ئۆزگە تارتاتتى. يۇلتۇز تېخىمۇ كۈچەپ يۇلغۇناتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭ بىلىكى تۇيۇقسىز ئەرنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپ، گىلەم ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشتى. ئەر داۋاملىق باسماداپ كېلىپ ئۇ ئورنىدىن تۇرىۋالغىچە ئۇنىڭغا ئېتىلدى. بۇ ئىشلارغا قاراپ نىمە بالاقازانىڭ يۈز بېرىۋاتقىنى بىلەلمەي قالغان بالىنىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى جاھاننى بىر ئالغان ئىدى. ئەر بالىنىڭ يىغىسى بىلەن ئېسىنى تېپىپ توختاپ قېلىشىغا بىراۋنىڭ قاتتىق پەشۋاسى ئۇنىڭ يۈزىگە كېلىپ تەگدى. ئۇ پەشۋا زەربىسىدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈزىگە تەككەننىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايالچە ئاياق ئىكەنلىكىنى كۆردى.
غەزەپ بىلەن قادىلىپ تۇرغان مەرەمنىسا ئايال قاسساپتەك يېڭىنى شىمايلىماقتا ئىدى. ئەر ئۇنى كۆرۈپ لاسسىدە بوشۇشۇپ كەتتى. چۈنكى بۇ ئايالنىڭ كېلەڭسىز تۇرقى ئۇنىڭ گۈزەللىك توغرىسىكى تۇيغۇلىرى بىلەن ئارىلىشىۋالسىلا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاندەك بولۇپ قالاتتى. بۇ ئايالنىڭ ئوبرازى ھەممىنى بىر تىيىن قىلىۋېتەتتى.
ئاشۇ كۈنكى ئىش يۇلتۇزنى بەكمۇ روھسىزلاندۇرىۋەتتى. ھېلىقى ئەرنىڭ تېنىدىكى پۇراق بەدىنىگە يۇقۇشۇۋالغاندەك، ئۇنىڭ بەدىنى تېگىشكەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىۋەتسىمۇ ئۇنىڭ مەينەت پۇرىقى دىمىقىدىن نېرى كەتمىدى. ئاخىرى يۇيۇنغاندىن كېيىن سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. يۇلتۇز ئەرلەر ئېسىلىپ قويسا ئادەم بۇ قەدەر بولۇپ كېتىدىكەن، مەرەمنىسادەك دائىم ئەرلەر بىلەن ئىرماش چىرماش بولۇپ يۈرىيدىغان ئاياللار قانداق پاكىزلىنىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدى. بەلكىم ئۇلار ئادەتلىنىپ كەتكەچكە مەينەتچىلىكنى سەزمەس بولۇپ كەتكەندۇ.
يۇلتۇز يۇيۇنۇپ چىقىپ دادىسىنىڭ چۆرىلىرى سارغىيىپ كەتكەن رەسىمىنى ئېلىپ قارىدى. يۇلتۇز رەسىمگە دائىم كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ رەسىمنى غۇۋالاشتۇرۇپ تۇرۇپ قارايتتى، شۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ چىرايى قەغەز يۈزىدە تەكشىلەڭەن ھالەتتە ئەمەس، ئالدىدىكى بوشلۇقتا باردەكلا كۆرۈنۈپ كېتەتتى. يۇلتۇز دائىم كۆڭلى ئازار يىگەندە، ياكى ۋۇجۇدىنى ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالغاندا دادىسىنىڭ رەسىمىغا ئەنە شىنداق ئۇزاقتىن ئۇزاق تىكىلەتتى. دادام ئاكامنىڭ تويىدا بولغان بولسا قانچە خوشال بولاتتى ھە دەپ ئويلايتتى ئۇ. دادىسى ئۇنى ئىزىمنى بېسىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ دەيتتى. مانا ئەمدى ئاكىسى ئۇنىڭغا شەھەرلىك دارىلفۇنىندىن خىزمەت تېپىۋاتاتتى. دادىسى ئۇنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقىنىمنى كۆرگەن بولسا قانچە خوشال بولاتتى. بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ئانچە ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۆلۈم خۇددى ئەرۋاھتەك كۆرۈنمەستىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقتا ئىدى. ئۇ كىچىك چاغلىرىدا دادىسىدىن ئۆزىگە نىمىشقا يۇلتۇز دەپ ئات قويغانلىقىنى سورىسا دادىسى ئۇنىڭغا، سېنى يۇلتۇزدەك نۇرلۇق بولسۇن ۋە مەڭگۈلۈك بولسۇن دەپ شۇ ئاتنى قويدۇم دەيتتى. كېيىن يۇلتۇز دادىسى ئېلىپ بەرگەن يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن دېگەن كىتابتىكى يۇلتۇزلارغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى. كائىناتنىڭ چەكسىزلىكى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ سانسىزلىقى ئۇنى ۋەھىمىگە سالغان ئىدى. ئۇ چەكسىزلىكتىن قورقاتتى. چۈنكى كائىناتنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلغانسېرى ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆزگە چېلىقماس كىچىك نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى.
ئۇ دەرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۇلتۇزلارغا قارىدى. قانچە قارانغۇ بولسا شۇنچە نۇرلۇق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلار بۈگۈن ئاسماندا ئاي بولمىغاچقا شۇنچە نۇرلۇق ۋە كۆپ ئىدى. ئاسمان يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يىراقتىكى ئىنتايىن كىچىك بىر يۇلتۇزغا ئۇنىڭ قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك قاراپ تىكىلدى. بەلكىم نەچچە يۈز مىليۇن نۇر يىلى يىراقلىقتىدۇ…بەلكىم دەل شۇتاپتا ئۇ يۇلتۇز مەۋجۇت ئەمەستۇ. ئۇ نۇرغۇن ئەسىرلەر ئىلگىرىلا كائىناتنىڭ چەكسىز قوينىدا ئىزسىز غايىپ بولغاندۇ. پەقەت ئۇنىڭ نۇرى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن كېيىن يەرشارىغا يېتىپ كەلگەچكە شۇتاپتا خۇددى ئۇ مەۋجۇتتەك كۆرۈنۈپ تۇرغاندۇ. يۇلتۇزلارمۇ ئادەملەرگە ئوخشاشلا غايىپ بولىدۇ. ئادەملەرمۇ يۇلتۇزلاردەك غايىپ بولغاندىن كېيىن نۇرى يەنە نۇرغۇن يىللارغىچە مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى قۇتلۇق دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ سانسىز كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىن كېيىن دادىسىغا تېخىمۇ ئوخشاپ كەتتى. ئۇنىڭ بوم لېكىن سەل سىقىلىپ چىقىدىغان ئاۋازى، بوينىنى سىڭايان قىلىپ ئىچ مايماق پۇتلىرىنىنى بىر بىرىگە تەككۈزۈپ دىگۈدەك يول مېڭىشلىرى، ئېغىر ۋە سەمىمى تۇيغۇ بىلەن قاراشلىرى دادىسىنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇ توي قىلسا ئۇنىڭدىن يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر بالا قالىدۇ. ئەنە شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىنمۇ مۇشۇ زىمىندا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئوپ ئوخشاش ئادەملەر مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسى ئۇنىڭ دادىسى ئەمەس، گويا ئاسماندا نۇر چېچىپ تۇرغان ئاشۇ يۇلتۇز ئۇ يۇلتۇزنىڭ ئۆزى ئەمەس بولغىنىدەك.
يۇلتۇزنىڭ كۆز ئالدىدا دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئوبرازى نامايان بولدى. ئۇ ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندە بەكمۇ كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ چىرايى بەكمۇ ئابىستىراكىت بولۇپ، خۇددى تۇمان كەينىدىكى يۇلتۇزدەك غۇۋا بىر مەۋھۇم بەلگىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى، ئېغىز بۇرۇنلىرىنى ئېنىق كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمايتتى. دادىسى بولسا كۆز ئالدىغا شۇنداق ئېنىق كېلەتتىكى، ئۇنىڭ ئورۇق يۈزلىرىدىكى ھەر بىر تال ساقال بۇرۇتنىمۇ كۆز ئالدىدا باردەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيتتى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ خىيالىي سىماسىغا قاراپ پىچىرلىدى:
- مەن پات يېقىندا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېتىمەن. شۇڭا ئانچە قايغۇرۇپمۇ كەتمەيمەن، بىراق بىچارە جاپاكەش ئاكام بۇ دۇنيادا تىغدەك يالغۇز قالدىغان بولدى، ئۇ ئەمدى كىم بىلەن مۇڭدىشار، ئۇ ئەمدى كۆرگەنلىرىنى كىمگە سۆزلەپ بېرەر، ئۇ ئەمدى دەرتلىرىنى كىمگە تۆكەر.
ئۇ كۆككە تىكىلىپ تۇرسا بىر يۇلتۇز ساقىپ، قاراڭغۇ كۆكنى يېرىپ ئۆتتى دە پايانسىز بوشلۇقتا غايىپ بولدى. ئۇ يەنە پىچىرلاپ قەدىمقى بىر ئايەتنى ئوقۇدى:
بېشىم ئاغرىق،
چىشىم ئاغرىق.
كېسەلدىن خەۋىرىم بار.
ئۆلۈمدىن خەۋىرىم بار…
كىشىلەر دائىم دۇنيادا ئۆلۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئادەتتىن تاشقىرى قورقىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. كىشىلەر ئۆلۈمدىن قورققانسېرى ئاڭسىز ھالدا ئۇنى ئۇنۇتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئۆلۈم ھەققىدە تەسەۋۇر قىلىشتىن ھەتتا ئۆلۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشتىن قاچىدۇ. ئۆلۈمنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇش ئارقىلىق، ھاياتنى چەكسىزدەك ھېس قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقمىسا ئۆلۈمنى دائىم ئېسىدە تۇتقان ۋە ئۆلۈم ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشقا پېتىنغان بولاتتى. سۇھڭا ئىنسانىيەت تارىخىدا پەقەت ئۇلۇغ ئادەملەرلا ئۆلۈم ھەققىدە تەپەككۈر قىلالىغان. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە تەسەۋۇر قىلىشتا. كىشىلەرگە ئۇلار ئۆلۈمدىن كېيىنكى چەكسىزلىكنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئادەملەر ئۆلۈمنى قوبۇل قىلالاليدىغان بولغان. كىشىلەر رېئاللاشقانسېرى پەقەت رېئال دۇنيانىلا تەسەۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىغاندىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە ئېڭىدا ھېچقانداق نەرسە بولمىغاچقا ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. بۇ خۇددى كۆزىنى ئېتىپ قويغان ئادەم ئالدىدا نىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلمىگەندە پەيدا بولغان قورقۇنچقا ئوخشايدۇ. پەقەت ئۆلۈمنى دائىم ئېسىدە تۇتۇپ تۇرغان ئادەملا ھاياتنىڭ لەززىتىنى، ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. يۇلتۇز ئۆلۈم ھەققىدە تەسەۋۇر قىلغاندا ئۇنچە قورقمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنكى بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنكى كارتىنىلارنى تەسەۋۇر قىلالايتتى. شۇڭا زادىلا قورقۇنۇچ ھېس قىلمىدى. ئۇنى ئازابلاۋاتقىنى پەقەتلا ئاكىسىدىن ئايرىلىش ئازابى ئىدى.
                  8
  يۇلتۇزنىڭ كېسىلى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىشقا باشلىدى. ھەتتا بۇنى مەرەمنىسامۇ بايقاپ قالدى. يۇلتۇز بىر كۈنى بالىنى ئوينىتىۋېتىپ قاتتىق يۆتەلدى، ئارقىدىن قورسىقىنى تۇتقىنىچە تۈگۈلۈپ قالدى. مەرەمنىسا بۇنىڭغا ھەم چۆچىگەن ھەم بىئارام بولغان ھالدا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن دەرھال سورىدى:
  - ھوي نىمە بولدىڭىز؟ نىمىنداق ئادەمنى قورقۇتىسىز؟
  مەرەمنىسا يۈگرۈپ كېلىپ بالىسىنى دەرھال يۇلتۇزدىن نېرى قىلىپ تىكىلگىنىچە يۇلتۇزنى كۈزىتىپ بىردەم قاراپ تۇردى.
  - يۇقۇملۇق كېسەل يوقتۇ؟ ۋاي خۇدايىم…بالامغا يۇقۇپ قالمىغاندۇ.
كېسەللىك خۇددى ئوت يالقۇنىدەك ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئىگەللەپ ئۇنىڭ جېنى قاتتىق پۇچىلىنىش دەستىدىن بۇ ۋەيرانە تەڭە سىغماي تەن ئىچىدە يۇلقۇنۇپ تىپىرلىماقتا ئىدى. ئىلگىرى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە بىر دەم تىنىقىنى ئىچىگە چىڭ يۇتۇپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالسىلا ئاغرىق ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەمدى بولسا ئاغرىق بارغانسېرى جاھىللاشقىلى تۇردى. بەزىدە قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندىن باشقا، ئادەتتىكى چاغدىمۇ سۇس ئاغرىق ئۇنى تېنىمسىز قىيناپ تۇراتتى.
  يۇلتۇز بىر ھازادىن كېيىن سەل ئوڭشالغاندەك بولۇپ مەرەمنىساغا ئۆزىدە يۇقۇملۇق كېسەل يوقلىقىنى چۈشەندۈردى. لېكىن مەرەمنىسا گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كەتتى. يۇلتۇز بالىنى قولىغا ئالماقچى بولۇۋېدى مەرەمنىسا دەرھال ئۇنى قاچۇردى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى يىرگىنىش ئۇنىڭ سېمىز يۈزلىرىنى پۈرۈلدۈرۈپ ئۇنى ئىنتايىن سەت قىياپەتكە كىرگۈزىۋېتەتتى. خۇددى پەقەت باشقىلارلا ئۇنىڭدىن يىرگەنسە بولىدىغاندەك، ئۇ بولسا باشقىلاردىن يىرگىنىچكە ھەقلىق ئەمەستەك بۇ تۇيغۇ ئۇنى غەلىتق قىلىپ قويغان ئىدى.
  يۇلتۇز ئاخىرى ئىلاجىسىز بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. مەرەمنىسا ئاخىرى تەستە قايىل بولۇپ سەل كۆڭۈل تىندۇردى بولغان ئاخىرى بالىنى يۇلتۇزغا تۇتقازدى.
مەرەمنىسانىڭ يۇلتۇزغا بولغان مۇئامىلىسى دائىملا ئۆزگىرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نىمە سەۋەبدىن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇۋاتقىنىنىمۇ، نىمە سەۋەبتىن ناچار مۇئامىلىدە بولۇۋاتقىنىنىمۇ بىلەلمەيتتى. مەرەمنىسا بىر قېتىم يۇلتۇز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تاسادىپىي مۇنداق دەپ قالدى:
- مەن سىزنى بۇرۇن ئانچە چۈشەنمەپتىمەن، ئەمدى سىزنى چۈشىنىپ ئۆز سىڭلىمدەكلا كۆرۈپ قالدىم. ھېلىقى كۈنى ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشىمغا قىلغان مۇئامىلىڭىزدىن، سىزنىڭ خېلى پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
ئەسلىدە يۇلتۇز ئاشۇ ئەرنىڭ يىرگىنىچلىك قىلىقىنى ئۈنسىز قوبۇل قىلسا ئاندىن ھەيران قېلىش كېرەك ئىدىغۇ. بۇ ئايال ئەسلىدە ھازىرقى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئوخشاش ھەرقانداق ئەرنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى رەت قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى دەپ ئويلىسا كەرەك. شۇڭا تاسادىبىي بۇنداق رەت قىلغۇچىنى ئۇچرائىتىپ بۇ سىھ ھەيران قالارلىق تۇيۇلۇپ كەتكەندۇ. ئەمەلىيەتتە يۇلتۇزنىڭ نەزىرىدە ئەخلاقلىق قىزلار جەمىيەتتە كۆپ ئىدى. لېكىن مەرەمنىسادەك ئاياللار ئۇنى كۆرمەيدۇ.
- لېكىن سىز بەك تارتىنچاقكەنسىز، قىز بالا دېگەن ئۇنداق بولسا ئۆزنىڭ نېنىنى تېپىپ يېيەلمەيدۇ جۇماڭ، - دېدى مەرەمنىسا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ نىمە پىلانلىرى بارلىقىنى سورىدى. يۇلتۇز ئۇنىڭغا نىمىمۇ دەپ جاۋاب بەرسۇن. ئۇنىڭ كەلگۈسى زادى قانچىلىك؟ ئۇ نىمىلەرنى پىلان قىلالايدۇ؟
- ھېچقانداق نىشانىم يوق، - دىدى يۇلتۇز بوش ئاۋازدا.
- مەرەمنىسا بۇنى ئاڭلاپلا كىمدۇر بىرەيلەننى ماختاپ كەتتى.
- ئۇ ناھايتى ئوبدان يىگىت، پەقەت توي قىلغانلا يېرى بار. ئۇ چوڭ بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى. پۇلنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى داۋالىتىش ئۈچۈن10-20مىڭ يۈئەن دېگەن نىمىتى ئۇنىڭغا، مەنمۇ سىزدەك يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ سىزنىڭ كېسەل داۋالىتىشقا كېتىدىغان چىقمىڭىزنى تامامەن ئۈستىگە ئالدىغان بولدى. ئۇ ئاۋال سىزنى خەجلەپ تۇرسۇن دەپ ئالدىن پۇل بېرىپ تۇرىدىغان بولدى. دەرھال بېرىپ دوختۇرخانغا بالنىستتا يېتىۋەرسۇن دەيدۇ.
يۇلتۇز ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن رەت قىلىپ دىدى:
- ياق، مەن باشقىلارنىڭ بۇنداق ياردىمىنى قۇبۇل قىلالمامەن.
- ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئارلىشىپ بېقىڭ. كۆڭلىڭىزگە يارىمىسا پۇلنى ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئامالىنى قىلىپ قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولمىدىمۇ.
يۇلتۇز قەتئىي رەت قىلدى:
-ياق بولمايدۇ!
مەرەمنىسا ھاڭ تاڭ قالغان ھالدا سورىدى:
- نىمىشقا بولمايدۇ؟ ھازىر ئىككىنجى خوتۇن بولۇپ گۈلدەك ياشۋاتقانلار قۇمدەك تولا. بۇ چوڭ شەھەردە كىم بىلەتتى، سىزنىڭ ئىككىنجى خوتۇن بولغىنىڭىزنى. بىلسىمۇ ھېچگەپ ئەمەس. بايلارنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئىككىنجى خوتۇنى يوق. ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ بېرىدۇ، يانچۇقىڭىزدىن پۇل ئۈزۈلمەيدۇ…ئاپتوبۇسلاردا يۈرمەيسىز…
ئادەملەر ئۆزىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ قەدرىنى كۆتۈرۈپ ئادەمدەك ياشايمەن دەپ پۇل تاپىدۇ. مەن ئەكسىچە پۇل بىلەن ئۆزەمنى ئۆزەم دەپسەندە قىلامدىم؟
مەرەمنىسا خۇددى تۇيۇقسىز كۈتمىگەن زەربىگە ئۇچرىغاندەك خاپا بۇلۇپ چالۋاقاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-ئوھوش، نېمە ئاغزىمنى ئۇپرىتىپ سۆزلەپ يۈرىمەن، بوپتۇ، بولغۇلۇق بولغاندا ئاندىن ۋاي ئىسىت دەپ ئولتۇرارسىز، مەن سىزنى يېتىمكەن، كېسەلكەن دەپ كۆڭۈل بۆلۈپتىمەن، بولمىسا نېمە چاتىقىم.
يۇلتۇز دەھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يەردە ئۆملەپ ئويناۋاتقان بالىنى قولغا ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەرەمنىسا ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا ياراتماسلىق ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن تاۋۇزدىن بىر پىچىم ئېلىپ ئاغزىغا سالدى. مۇزدەك سوغاق تاۋۇز بىلەن ئۆرلەۋاتقان سەپرايى سەل بېرىلغاندەك بولدى.
مەرەمنىسا ئۆز تەكلىپىنىڭ يۇلتۇز تەرىپدىن رەت قىلىنغىغا ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن بولسا كېرەك، بىردىنلا يۇلتۇزغا دائىم دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. يۇلتۇزنى جىم تۇرغۇزماسلىق ئۈچۈن ھەدەپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇۋېرەتتى. بەلكىم ئۇ يۇلتۇز كېسەل بولغاچقا ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئالدىمغا تىزلىنىپ، جېنىمنى ساقلاپ قېلىشىمغا ياردەم بېرەلىسىلا كىم بولسا مەيلى دەپ يالۋۇرىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. كېيىن يۇلتۇز بىر كۈنى مەرەمنىسا تونۇشتۇرغان بۇ ئەرنىڭ دائىم مۇشۇ ئۆيگە كېلىپ تۇرىدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ مەرەمنىساغا دائىم سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلەتتى. بەلكىم مۇشۇ ئۆيدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇ چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇ…يۇلتۇز دائىم ئۇنىڭ ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن قىزىرىپ كەتكەن قىيسىق كۆزلىرىنىڭ قىرىدا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارشلىرىنى كۆرگەن ئىدى.
بىر كۈنى مەرەمنىسا ئۆيدە بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ گەۋدىسى ئىشىككە ئېسىلغان قايرىما پەردە ئارىسىدىن يېرىم ياتا كۆرىنىپ تۇراتتى. يۇلتۇز بۇياقتا بالىغا قارىغاچ قاتلىشىپ تۇرغان بويۇن گۆشلىرىدىن ئۇنىڭ شۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ تۇرسا مەرەمنىسا خۇددى يۇلتۇزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا بولغان ئاچچىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ قويماقچى بولغاندە ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
-يۇلتۇز، پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇرماي چاي ئەكىرىڭ.
يۇلتۇز بالىنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ قورسىقىنى قاماللاپ چىڭ تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
مەرەمنىسا يەنە زەردە بىلەن ۋارقىرىدى:
-يۇلتۇز گېپىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
-ھەئە، مانا...دىدى يۇلتۇز چىشىنى چىشلەپ.
يۇلتۇز چاي دەملىگىلى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەندە بالا چاي ئۈستىلىنى چۆرگىلەپ ئۆمىلەپ ئويناپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ چاي ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىكى قۇتىدىكى سىياھنى قولىغا ئېلۋېلىپ ئويناشقا باشلىدى.
يۇلتۇزنىڭ ئاشخانىدىمۇ يەنە قورسىقى ئاغرىپ تۈگۈلۈپ قالدى. ئاغرىق بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى. بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئاغرىپ بىرازدىن كېيىنلا بېسىقىپ قالمايدىغان بولدى. ناھاتىيى جاھىللىق بىلەن ئۇزاققىچە يوقالمايتتى. تۈگۈلۈۋېلىشمۇ، ئىنجىقلاشمۇ ھەممىسى بىكار ئىدى. ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى ھالسىزلاندۇراتتى. ئاغرىقنىڭ شىددىتى بارا بارا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەرەمنىسا يۇلتۇزنىڭ ھايالشىپ كەتكىنىدىن چالۋاقاپ ئىچكىرى ئۆيدىن چىقتى. ئۇ چىقىپلا بالىنىڭ ئاغزىنىڭ كۆپ كۆك سىياھ بولۇپ كەتكىنىنى كۆردى. بالا قۇتىدىكى سىياھنى ئېلىپ ئىچۋاتقان ئىدى. ئاغزى سىياھ بىلەن بويالغان بالا ئانىسغا قاراپ كۈلدى. مەرەمنىسا ئالمان-تالمان ئۇنىڭ قولدىكى سىياھنى ئېلۋېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېرتقاچ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋارقىرىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن بالمۇ يىغلاشقا باشلىدى.
-ۋاي خۇدايمەي، بۇ نېمە كۆرگۈلۈك، ۋاي خۇدايىم، ماۋۇ رەسۋا بالىغا سىياھنى ئىچكۈزۈپ قويۇپتۇ يا.
يۇلتۇز رەڭگى ئۆڭگەن ھالدا ئاشخانىدىن يۈگرۈپ چىقىپ بالىنى قولغا ئالماقچى بولىۋىدى مەرەمنىسا ئۇنى كۈچ بىلەن ئىتتىرۋىتىپ بالىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالدى. ئاندىن يۇلتۇزغا قاراپ يەنە چالۋاقاپ ۋارقىرىدى:
-يۇقال، ھازىرلا ئۆيدىن چىق! رەسۋا!
ۋارقىراش جارقىراشتىن چۆچۈپ كەتكەن ھېلىقى ئەرمۇ يۈگۈرۈپ چىققان ئىدى. ئۇ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان يۇلتۇزغا قاراپ ئۇنى گەپ قىلماي يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ تۇرۇشقا شەرەت قىلىپ مەرەمنىساغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:
- بولدى مەرەمنىسا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. سىزمۇ نىمە دەپ سىيانى چاي ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان؟
سىيانى چاي ئۈستىلىگە مەن قويۇپ قويامدىم؟ بىزنىڭ ئۆيدە كىم سىيا ئىشلىتەتتى. مۇشۇ قانجۇقنىڭ ئالىملىقى تۇتۇپ كېتىپ، بالىغا قاراش بىلەن بولاي دېمەي بىر نەرسىلەر جىجىلاپ ئولتۇرىدۇ ئەمەسما! - دىدى مەرەمنىسا ھېلىقى ئەرگە، ئاندىن يۇلتۇزغا يەنە ۋارقىرىدى، - مەن سېنى ئۆيدىن چىق دىسەم قاراپ تۇرىسەنغۇ؟ يەنە نىمە ئىشلارنى كۆرسەتمەكچىدىڭ ماڭا؟ قىلغانلىرىڭ يەتمىدىمۇ يا!
يۇلتۇز بىرازدىن كېيىن ئاندىن ئېسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، بالىسىنىڭ ئاغزىنى تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېرۋاتقان مەرەمنىساغا ھالسىز ئاۋاز بىلەن دىدى:
-مەن ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كېتىمەن، بىراق ئىككى ئايلىق ئىش ھەققىمچۇ؟
- نېمە ئىش ھەققى؟ – دىدى مەرەمنىسا خۇددى زادىلا ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك نەرۋىسى قوداڭشىغان ھالدا، - ئىككى ئايدىن بېرى بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچكەنلىرىڭچىلىك ئىشلەپ بەردىڭمۇ ماڭا؟ بالا باق دىسە سىياھ ئىچۈرۈپ قويسەن، شۇنىڭغا ھەق بېرەمدىم؟! تېز كۆزۈمدىن يوقال.
- مەن يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپكە ئىشقا چۈشىمەن، شۇڭغىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئازراق پۇل تېپىپ ئاكامنىڭ تويىغا ئانچە قىممەت ئەمەس لېكىن ئاكام ئېلىشقا زادىلا چىقىنالمايۋاتقان بىر نەرسىنى ئېلىپ سوۋغا قىلارمەن دەپ ئويلىغاندىم، ئىش ھەققىمنى خاپا بولماي بېرىۋەتكەن بولسىڭىز. مەن شۇنى دېمىسەم ئىشلىمەيتىم، - دىدى يۇلتۇز ئۆزىنى بېسىۋېلىپ.
-ئەمسە، بالا ئىچكەن سىياھنى سەنمۇ ئىچ، ئاندىن ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن.
جازالاشنىڭ ئاجايىپ كۆڭۈللۈك بىر چارىسىنى ئويلاپ تاپقىنىدىن پەخىرلەڭەندەك يۇقىرى ئاۋازدا جاكارلىدى مەرەمنىسا قۇتىدىكى سىياھىنى ئېلىپ كېلىپ يۇلتۇزغا تەڭلەپ.
يۇلتۇز سىياھقا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن مەرەمنىسانىڭ قولىدىن سىياھىنى ئالدى ۋە كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ئاغزىغا ئېلىپ باردى. مەرەمنىسا بىلەن ھېلىقى ئەر يۇلتۇزغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. يۇلتۇز سىياھ قۇتىسىنى لەۋلىرىگە تەڭلىگەندە، كۆزلىرىدىن بىردىنلا ياش سىرغىپ چۈشتى.
مەرەمنىسا سومكىسىدن ئازراق پۇل ئېلىپ يۇلتۇزنىڭ قولغا تۇتقۇزغاندا يۇلتۇز تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن پۇلنى ئالدى

مامكاپ يوللانغان ۋاقتى 2008-3-10 11:37:11

9
قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ خىزمەت ئىشىغا يەنە پالاقشىشقا باشلىدى. ئۇ شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى تونۇيدىغانلارنىڭ بىرنەچچىسىنى تېپىپ يۇلتۇزنى تېزراق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ بىر يېقىن تۇققىنىمۇ بار ئىدى. كىشىلەر مۇدىر ئۇنىڭ گېپىنى يىرمايدۇ دېيىشكەن ئىدى. شۇڭا قۇتلۇق ئۇنى بىرنەچچە قېتىم سوغا سالاملار بىلەن ئىزدەپ باردى. ئۇ ئادەم قۇتلۇقنىڭ ماقالە يېزىشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇنۋانغا ماقالە لازىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋىدى، قۇتلۇق ئۇنىڭغا تۆت پارچە ماقالە يېزىپ بەردى. ئاخىرى ئۇ ئادەم مۇدىر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يۇلتۇزنى مەكتەپكە خىزمەتكە ئېلىشقا تامامەن قوشۇلغان لىقىنى يەتكۈزدى. بۇ ئادەم قۇتلۇقتىن ئاز بولغاندا ئون ياشلار ئەتراپىدا چوڭدۇ، لېكىن ئۇ قۇتلۇقنى دائىم ئاداش دەپ چاقىرىدىغان بولدى. قۇتلۇق ھەقىقەتەن قېرى چىراي بولۇپ ئوتتۇز بەش يېشىدىلا بىر بوۋايغا ئوخشاپ قېلىشقا يۈزلەڭەن ئىدى. تۈگىمەس غەملەر ۋە ئۇيقۇسىز كېچىلەر ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكى ياشلىقنىڭ جۇلالىلىرىنى خۇددى بوراندەك ئۇچۇرۇپ كەتكەن ئىدى. قۇتلۇقنى تېخى قايسى كۈنلىرىلا كىشىلەر ئاۋۇ بالا دەپ كۆرسىتىدىغاندەك قىلىۋاتاتتى، ئۇ يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى بارا بارا بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاۋۇ ئادەم دەپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى سېزىپ قالغانىدى. بۇنداق ئاتاش بارا بارا كۆپىيىپ، ھازىر بولسا ئۇنى ئاۋۇ بالا دەيدىغانلار ئاساسەن قالمىدى. قۇتلۇق بۇ مەزگىلدە ماقالە يېزىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەھرىر بۆلۈملەرگە قاتراپلا يۈرۈپ يۇلتۇزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تازا دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇزمۇ بىر شىركەتتە ۋاقتلىق ئىشلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئەتىگەندىلا چىقىپ كېتەتتى. لېكىن بىر كۈنى ئەتىگەندە يۇلتۇزنىڭ خىزمەت ئىشى بىلەن شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىڭە ماڭماقچى بولۇپ جابدۇنىۋاتقان قۇتلۇق ئىشىك تۈۋىدە يۇلتۇز بىلەن خوشلىشىۋېتىپ يۇلتۇزنىڭ چىرايىنىڭ بىر خىل كۆكۈرۈپ كەتكەندەك قىياپەتكە كىرىپ قالغانلىقىنى بايقا چۆچۈپ كەتتى.
- چىرايىڭ نىمىنداق بولۇپ كەتتى، - دىدى قۇتلۇق ئەنسىز بىر خىل تەلەپپۇزدا.
- ھېچقانداق ئەمەس، - دىدى يۇلتۇز زورۇقۇپ كۈلۈمسىرەپ، - گىرىم قىلمىغاچقا شۇنداق كۆرۈنىۋاتقاندۇ.
- باشقا چاغلاردىمۇ ئانچە گىرىم قىلىپ كەتمەيتتىڭغۇ.
- شۇنداق تۇيۇلۇۋاتقاندۇ، ماۋۇ چىراقنىڭ نۇرىدا شۇنداق كۆرۈنىۋاتامدىكىن يا.
قۇتلۇق ئارقىغا قاراپ قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئاشۇ كۈنى يۇلتۇزنىڭ چىرايىدىكى تاتىراڭغۇلۇق قۇتلۇقنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالدى. راستىنلا گىرىم قىلمىغاچقا شۇنداق كۆرۈنىۋاتقاندۇ ياكى چىراقنىڭ نۇرىدا شۇنداق كۆرۈڭەندۇ دەپ ئۆزىدىكى گۇماننى نېرى قىلىشقا تىرىشسىمۇ لېكىن ئۇنى كاللىسىدىن نېرى قىلالمىدى.
ئۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن تارغىنە كەلگەن، ئورۇندۇقلىرى كونىراپ كەتكەن ئىشخانىدا كۆرۈشتى. يوغان ئېغىزلىرى دائىملا كالچاراپ، جاۋغىيىدىكى تاتۇقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدىغان بۇ مۇدىر قۇتلۇقنى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا قوبۇل قىلدى. ئۇ قۇتلۇققا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق يۇلتۇزنى مەكتەپتە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىۋىدى قۇتلۇق خوشاللىقىدىن ئورنىدا قىمىرلاپ كەتتى. مۇدىرنىڭ غەلىتە كۆرۈنىدىغان چىرايىدىكى غەلىتىلىك غايىپ بولۇپ، كالچاراپ ترىدىغان جاۋغىيىدىكى تاتۇق يوقاپ كەتكەندەكلا بىلىنىپ كەتتى.
- ئەسلىدە بىزنىڭ ئىشتاتىمىز تولۇق ئىدى، يۇلتۇزنى خىزمەتكە ئالالمايتتۇق. تەلىيىمىزگە يېقىندا بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى پىنسىيىگە چىقماقچى بولۇپ قالدى. بىز يۇلتۇزنى شۇنىڭ ئورنىغا ئالماقچى. ئەسلىدە ئايال ئوقۇتقۇچى ئالمايمىز دېيىشكەن. سىڭلىڭىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بۇنى ئالاھىدە ئەھۋاللار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى لايىق تاپتۇق، - دىدى مۇدىر، لېكىن گېپىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇپ قويدى:
- لېكىن ئۇ پىنسىيىگە چىققىچە ساقلاپ تۇرسا بولىدىغان بولدى دە. لېكىن خاتىرجەن بولۇڭلار، بىر نەچچە ئاي ساقلاپ تۇرسىلا بولىدۇ.
قۇتلۇق مۇدىرنىڭ يېنىدىن چىقىپ خىيالچان ھالدا كېتىۋېتىپ بىر دۇكانغا كىرىپ كېتىپ بارغان نىيازنى كۆردى. نىيازنىڭ پاكارغىنە بويى سودا بىناسىنىڭ ئىشىكىدىكى ئادەملەر قاينىمى ئارىسىدا غايىپ بولدى. قۇتلۇق ئۇنىڭدىن ئۆزى تەرجىمە قىلغان كىتابنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باقماقچى بولغان ئىدى، شۇڭا ئارقىدىن كىرىپ سودا ساراي ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ ئۇنى ئىزدىدى. ئۇ ئېلېكترونلۇق پەلەمپەيدە كۆرۈندى. قۇتلۇق ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ ئۇنى يەنە يۈتتۈرۈپ قويدى. خۇددى بۇ سودا سارايدىكى نەرسىلەر بىكارلىق تارقىتىلىۋاتقاندەك ئادەملەر يېغىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىيازنىڭ كىچىككىنە گەۋدىسى بۇ يەردىكى ھەرقانداق گەۋدىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتسىلا كۆرۈنمەيتتى. قۇتلۇق ئۇنىڭ بېشىنى كىشىلەرنىڭ قولتۇقى ۋە بەللىرى ئارىسىدا ئىزدەيتتى.
ئۇ ئاخىرى نىياز پاكارنى ئاياللارنىڭ ئىچ كېيىمى ساتىدىغان يەردە كۆرۈپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى نەپىس ئىشلەڭەن بىر كالتا ئىشتاننىڭ نېپىز، يەنە بىر تەرىپى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئېغىغا قاراپلا قالغان بولۇپ، بەلكىم ئاياللارنىڭ ئۇنى كەيگەندىن كېيىن بەدىنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىۋاتقاندۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يۇندىدەك مەينەت بىر نۇر يالتىراپ ئاشۇ كالتە ئىشتاننىمۇ مەينەت قىلىۋەتكىدەك ئۇنىڭغا سېپىلىپ تۇراتتى.
قۇتلۇق بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ ئۇنى خىجىل قىلماي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا كۆرۈنمەي بىر چەتتە ساقلاپ تۇرماقچى بولدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋاتسا نىياز ئۇنى كۆرۈپ قالدى. نىياز ئۆزىنىڭ نورمالسىز قىلىقىدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە قۇتلۇقنى چاقىرىۋىدى ئاياللارنىڭ ئىچ كېيىمىگە قاراپ ھوزۇرلانغۇچى نىياز بولماستىن خۇددى ئۆزىدەك بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ھالدا كېلىپ نىياز بىلەن كۆرۈشتى.
- ھېلىقى كىتاب قانداق بولدى؟ - قۇتلۇق سالام سائەتنى قىسقا قىلىپلا سورىدى.
- تېخى نەشىردىن چىقمىدى، نەشىردىن چىقسا ساڭا خەۋەر قىلماي قالاتتىممۇ.
- كىتابىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرساڭ بولاتتى، ئۇنداق تاشلاپ قويماي.
قۇتلۇق بۇ كىتابنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋېرىپ راستىنلا چارچىدى. ئۇ قەلەم ھەققىنى بالدۇرراق بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋەتتى. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى يوقتەك قىلاتتى. چۈنكى نىياز كىتاپ ھەققىدە ئۇزاقراق گەپ قىلىشنى خالىمىغاندەك، مەنىسىز گەپلەر بىلەن تېمىنى بۇرىۋەتكەن ئىدى.
قۇتلۇق نىياز بىلەن خوشلىشىپ ئىشخانىسىغا كېلىشىگە بىر ئاغىنىسىدىن تېلفۇن كېلىپ قالدى.
- كىتابخانىدا نىياز پاكارنىڭ ئىسمىدا چىققان بىر تەرجىمە كىتاب تۇرىدۇ، سەن تەرجىمە قىلمىغانسەن يەنە؟
- نىياز پاكارنىڭ ئىسمىدا؟
-ھەئە. نىياز پاكار قانداقمۇ كىتاب تەرجىمە قىلالىسۇن، سەن ئۇنىڭغا بىر كىتاب تەرجىمە قىلىپ بېرىۋاتىمەن دەۋاتاتتىڭ، شۇڭا شۇ سەن تەرجىمە قىلغان كىتاب شۇمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
- ماۋۇ پاكارنى قاراڭلار، - دىدى قۇتلۇق تاۋۇشلارنى سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ، - ھازىر تېخى چىقمىدى دېگەنغۇ.
ئۇ كىتاب چىققىلى بىرەر ھەپتىدەك بولۇپ قالدى، - دىدى تېلفۇندىن كېلىۋاتقان ئاۋاز، - مەن بۈگۈن بىرنى سېتىۋالغان، ئوقۇۋېتىپ تەرجىمىسى ئەجەپ ياخشىكەن دەپ ئويلاپ ئېسىمگە كېلىپ قېلىپ ساڭا تېلفۇن ئۇردۇم.
قۇتلۇق تېلفۇندا سۆزلىشىپ بولۇپ دەرھال نىيازنىڭ ئىشخانىسىغا بارسا نىياز ئۇ جايدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن. نىيازنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىغان ئوخشاش كىچىك مىس قاڭالتىردا باسما يېزىق بىلەن ئىشلەپ ئېسىپ قويغان ۋىۋىسكىسى تېخى ئېسىقلىق ئىدى. ئۇ ئۇياق بۇياقتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ناھايىتى تەستە نىيازنىڭ شىركىتى كۆچۈپ بارغان جاينى تاپتى. نىياز ئۇنىڭغا يېڭى كۆچكەن بىنانىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىدى. ئۇ قۇتلۇقنى كۆرۈپ خۇددى ئاجايىپ كۈلكىلىك بىر ئىش يۈز بەرگەندەك ھېجىيىپ كەتتى. بەلكىم قۇتلۇقنى شۇنچىلىك كولدۇرلىتالىغىنى ئۆزىگە شۇنداق ياراپ كەتكەندۇ. ئۇنىڭ ھىجىيىشلىرى قۇتلۇقنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى كەلتۈردى. قۇتلۇق ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلدى. ئاللاھ كەمتۈك يارىتىپ قويغان بۇ بەندىنىڭ كىچىك بۇرۇنلىرى، كىچىك ئېغىزلىرى، كىچىككىنە ئېڭەكلىرى ئۇنى كىچىك بالىلاردەك ئوماق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دۇغلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى مەينەت يالتىراپ ئۇنىڭ چىرايىدىكى كىچىك بالىلارغا خاس تۈزۈلۈشلەر كىشىدە پەيدا قىلغان تۇيغۇنى بۇزۇۋېتەتتى.
- بۇ نىمە قىلغىنىڭ كىتاب چىقىپ بوپتىغۇ.
نىياز ھېچىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى.
- ھەئە…كۆردۈڭمۇ. مەن بايا ساڭا چىقىپ بولدى دىدىمغۇ.
نىياز يالغان گېپىدىن خىجىل بولۇش يوق، ئەكسىچە كۈلكىسى قىستاۋاتقاندەك ھالەتتە ئىدى.
- سەن بايا تېخى نەشىردىن چىقمىدى دېدىڭغۇ؟
- ئۇنداق دېمىگەندىمەن، بولدى چېچىلماي ئىشخانىغا كىرە يۈر.
نىيازنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەردىن بىر نەچچىسى ماشىنىدىن بىر ئۈچ تاغارنى ناھايىتى كۈچىنىپ ماشىنىدىن پەسكە چۈشىرىۋاتاتتى. نىياز قۇتلۇقنىمۇ ياردەملىشىشكە چاقىردى. قۇتلۇق بۇ ئىنتايىن ئېغىر تاغارنىڭ بىر ئۇچىدىن كۆتۈرىۋېتىپ دەرۋازىغا قارىدى. دەرۋازىغا باشقا بىر ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان ئىدى.
- بۇ ۋىۋىسكىلار قايسى سەنىڭ؟
- ھەممىسى، بۇ يەرگە يېڭى ئىدارىدىن بىر نەچچىنى قۇردۇق.
نىياز مەمنۇنىيەت بىلەن ئىككى بارمىقىدا چېچىنى ئارقىغا تاراپ قويدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقى تاراش ئەمەس بولۇپ نىيازنىڭ كۆرەڭلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىپادە ئىدى. چۈنكى سۈنى يىلىم بىلەن پارقىرىتىپ قاتۇرۇلغان بۇ چاچلارنى تارىسا ئاتايىتىن قاتۇرۇپ چىقىرىلغان شەكىل بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئۇمۇ بۇزۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىنتايىن بوش سىلاپ قوياتتى.
قۇتلۇق ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ تاغارلىرىنى كۆتۈرىشىپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئاچىقىشىپ بەردى. نىمانچە ئېغىر نەرسىدۇر بۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ نىمە بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلالماي يۈرسە پەلەمپەيدىن چىقىپ كېتىۋېئىپ تاغارنىڭ بىر ئۇچى تاغار كۆتۈرىشىۋاتقانلاردىن بىرىنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپ، تاغارنىڭ ئازراق يېرى يېرىلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر تۆكۈلۈپ كەتتى. تاغارغا قاچىلانغىنى نۇرغۇنلىغان تامغىلار ئىدى. قۇتلۇق بۇنى كۆرۈپ ھاڭتاڭ قالدى.
- ئۈچ تاغاردىكىنىڭ ھەممىسى تامغىما؟
نىياز تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
- ئەلبەتتە.
- سەن قۇرمىغان نىمە قالدى؟ ئۇنىۋېرسىتېت، كومىتېت، ئاكادىمىيە…سەن قۇرمىغان پەقەت ئاپتونۇم رايونلا قاپتۇ. ئەتە ئۆگۈن بۇ شەھەرنىڭ چېتىدىن ئازراق يەر ئېلىپ نىياز پاكار ئاپتونۇم رايونى دەپ قۇرامسەن نىمە؟
- ئاكاڭ پېقىرنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىشلارنىڭ كېلىدىغىنى ئەمدى چۈشىنىۋېتىپسەن.
- باشقا قولۇڭدىن كېلىدىغان ئىشلار بىلەن چاتىقىم يوق، قەلەم ھەققىمنى بېرىۋېتىش قولۇڭدىن كەلسىلا بولاتتى.
- مەن ساڭا بېرىمەن دېدىمغۇ.
قۇتلۇق نىيازنىڭ ئازادە ياسالغان ھەشەمەتلىك ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن بېرىپلا ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى:
- ھازىر ئەكەل ئەمىسە.
نىياز پاكار جىگەر رەڭلىك يوغان يۆتكەلمە تېلفۇنىنى ئېلىپ ئۇياق بۇياققا چاقىرغۇ ئۇرغىلى تۇردى. بىرەيلەن تېلفۇن قايتۇرىۋىدى ئۇ بىر قولىدا تېلفۇننى كۆتۈرۈپ ئۇياق بۇياققا مېڭىپ تۇرۇپ خۇددى قارشى تەرەپتە سۆزلىشىۋاتقان ئادەممۇ ئۇنىڭ كۆرەڭ قىياپىتىنى كۆرىدىغاندەك يەنە بىر قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى چاچلىرىغا سۇس تەككۈزۈپ تاراپ قويۇپ مەغرۇرلۇقنى ئىپادىلەيتتى.
مەن تېلفۇن ئۇرۇپ قويدۇم، - دىدى نىياز، - كاسسىرىمىز ئىش بىجىرگىلى كەتكەن، ئەتە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
قۇتلۇق نىياز پاكارغا شۇبھى بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. نىياز دەرھال كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۈلداننى قويدى.
قۇتلۇق نىيازنىڭ شۇنچە كۆپ تامغىسىنى كۆرگەندىن كېيىنلا چۆچۈپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ شەخسىي شىركەتلەرنى توختىماي قۇرۇپ، شۇنچە كۆپ تامغىلارنى ياسىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ نىيازنىڭ شىركىتى بىلەن تۈزگەن ھەرقانداق توختامنىڭ ئۇ توختامغا بېسىلغان تامغا بۇ تاغارلارنىڭ بىرىگە قاچىلىنىش بىلەن تەڭلا بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئايلىنىۋېرىدىغانلىقىنى، نىيازنىڭ يەنە نەچچە يۈئەنلا پۇلغا يېڭى تامغىدىن بىرنى ئويدۇرۇپلا ئىسلىتىۋېرىدىغانلىقىنى، نىياز بىلەن بولغان دوستلۇقنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ بىر قېتىملىق نامەرتلىكى بىلەن قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، نىيازنىڭ يېنىدا ئۇ يەنە باشقا دوستلارنىڭ پەيدا بولۇۋېرىدىغانلىقىنى قۇتلۇق دەرھال سېزىپ يەتتى.
ئەتىسى زۆھرە، قۇتلۇق، يۇلتۇز ئۈچەيلەن ئۆي ئىچىدە ئائىلە سايمانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقاندا قۇتلۇق بولغان ئىشنى زۆھرەگە سۆزلەپ بەردى. زۆھرە بۇلارغا ھەيران قالمىدى.
- بۇ پاكار ئالۋاستىغا ئوخشاش بىر نىمە. مەن سىزگە دېمىدىممۇ، تەرجىمىنى بەرگەندە ئاۋال پۇلنى ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى. بۇ پاكار شۇنچە كۆپ تامغىنى ئويدۇرۇپ، شۇنچە كۆپ ئىدارە ۋە شىركەتلەرنى قانداق رەسمىيەتلەر بىلەن قۇرىۋاتقاندۇ بۇنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
- مەن بۇنچىۋالا دەپ ئويلىماپتىمەن.
- سىز ھەممە ئادەمنى ئۆزىڭىزدەكلا ئويلايسىز. بۇ پاكارنى كىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئاشۇ شىركىتىنى ئىشلىگەنلەرگە بىر موچەن ھەق بەرمەي ماڭدۇرىۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولدى. خۇددى سېھرىگەردەك…
- خۇددى سېھىرلەڭەندەك ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدا ئەس ھۇشىنى يوقىتىدىكەن
- بۇ ئاشۇ تامغا ۋە ۋىۋىسكىلارنىڭ كارامىتى. ئۇ خۇددى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدەك، قۇرغان شىركەتلىرىگە كومېتىت، ئاكادېمىيە دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇۋالسا، كىممۇ ئالدانمايدۇ. بۇ ئىسىملار كىشىلەرنىڭ ئەقلى ھۇشىنى ئالغىدەك ئىسىملار. كىمنىڭمۇ ئاكادېمىيىدە ئىشلىگۈسى كەلمەيدۇ؟ كىمنىڭمۇ كومېتىتتا ئىشلىگۈسى كەلمەيدۇ؟ ئۇنداق نامدىكى يەردە ئىشلىگەن ئادەم بىر نەچچە ئاي مائاش بەرمىسىمۇ مانا ئەتە بىرەر، ئۆگۈن بىرەر دەپ ئاشۇ ھەيۋەتلىك نامى باي يەردە ئىشلەۋاتىمەن دېگەن ئاتاقتىن ئايرىلىشقا قىيماي ئىشلەۋېرىدىكەن… سىزمۇ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىلىسىزغۇ.
- مەن باشقىلارغا ئۇنداق قىلسىمۇ ماڭا بۇنداق قىلماس دەپ ئويلاپتىمەن…
قۇتلۇق بېشى قاتقان ھالدا ئۈمىدسىز بىر خىل كەيپىياتتا نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقاندا يۇلتۇز زۆھرە بىلەن بىللە بىر تال سافانى كۆتۈرەۋېتىپ تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتلىپ كەتتى.
-يۇلتۇز نېمە بولدۇڭ؟ - قۇتلۇق يۇلتۇزغا ئەنسىز قاراپ سورىدى.
يۇلتۇز جاۋاپ بېرەي دىگۈچە تېخمۇ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. ئۇ ئىنتايىن سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن دەرھال سۇخانىغاكىرىپ سۇ ئېلىپ يۈزىنى يۇيدى. ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئاققان قان قول يۇيدىغان جايدىكى سۇنى قىپ-قىزىل قىلىۋەتتى. يۇلتۇزنىڭ بۇرنىدىكى قان يۇيۇش بىلەن توختىمىدى. يۇلتۇز دەرھال بۇرنىغا ئىچكىرى قىلىپ پاختىلارنى تىقىۋەتتى.
ئۇ ئالقىنىدىكى قان يۇقىغا سىنچىلاپ قاراپ چىقتى. بۇ قان بۇرۇنقىغان ئوخشاشلا قىپ قىزىل ئىدى. ئۇنى قانداقمۇ سۈپىتى ئۆزگەرگەن قان دېگىلى بولسۇن. بۇ قاننىڭ نورمال قاندىن نىمە پەرقى! ھەممە ئادەمنىڭ قېنىغا ئوخشاشلا رەڭدە تۇرمامدۇ. ئاشۇ كۆرۈنمەس كېسەل ھۈجەيرىلەر زادى نەدىدۇ، ئۇلار ئەسەبىيلەرچە قۇتراپ بۇ قاننىڭ ئىچىدە كۆرۈنمەستىن ئۇنى قانداق ئۆزگەرتىۋاتقاندۇ؟ يۇلتۇز يۈزىنى ئېرتقاچ ئەينەككە قارىدى. شۇنداق چىرايلىق، ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ تەننى كىمنىڭمۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان دىگۈسى كېلىدۇ؟ كىمنىڭمۇ ئۇنى خۇددى باغرىنى كۆرۈنمەس قۇرۇت يەۋاتقان گۈلدەك قۇرۇپ غاراڭ بولۇش ئالدىدا دىگۈسى كېلىدۇ. لېكىن پاكىت شۇنداق. بۇ گۈزەل ۋۇجۇت ئاستا ئاستا تۈگەشمەكتە. كىسەللىك رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنى قۇرىتىپ بارماقتا.
يۇلتۇزنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ يىغلاشنى ئويلىمىغان ئىدى. ئۆلۈمنى جىمجىت قوبۇل قىلىپ بولغان تۇرۇغلۇق يەنە نىمىشقا يىغلايدۇ؟ ئۇ نىمىگە قىيماۋاتىدۇ؟ ياشلىققىما؟ گۈزەللىككىما؟ بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولالمايتتى. ئۇ يىغلىماسلىقىم كېرەك دەپ ئويلايتتى.
يۇلتۇزنىڭ بەدىنى ئىچى تەرىپىدىن قاتتىق بىر يىپ بىلەن تارتىلغاندەك، ئىچىدىن بىر نەرسە سۇغۇرۇلۇپ تارتىلىۋاتقاندەك يەنە قورسىقىنى تۇتۇپ تۈگۈلۈپ تۇرۇپ قالدى. قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ كەينىدىن سۇخانىغا كىرىشى بىلەنلا يۇلتۇز ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇپ قاننى سۇ بىلەن يوق قىلۋەتتى. ئۇ بىردەم كۆڭلى بۇزۇلغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قۇتلۇققا قارىيالماي قالغان بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى تېزلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىتتى. لېكىن بۇ كۈلكە ئۇنىڭ تاتىرانغۇ چىرايىنى تېخىمۇ قانسىز قىلىپ كۆرسىتىپ قويدى.
- يۇلتۇز، ئېيتقىنا، نېمە بولدۇڭ؟ سېنىڭ زادى قەيىرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ؟ ھېچيېرىم ئاغرىمايدۇ دەيسەن لېكىن سەن ھازىر ئاجىزلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قېلىۋاتىسەن.
- ئاكا، ساڭا شۇنداق تۇيۇلىۋاتقان ئوخشايدۇ، مەن ئوخشاشلىغۇ. بۈگۈن سەل چارچاپ كەتكەچكە ساڭا كېسەلدەك كۆرىنۋاتقاندىمەن ھەقىچان.
قۇتلۇق ئاشۇ كۈنى كەچكىچە پەرىشان نەزەر بىلەن يۇلتۇزنى كۈزىتىپ چىقتى. يۇلتۇز ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى كۈزىتىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ ئاكىسىنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن شوخ قىياپەتكە كىرىۋېلىپ بىردەم ئەركىلىسە بىردەم ئاكىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ كۈلەتتى. يۇلتۇزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى يالغاندىن خوشال كەيپىيات پەيدا قىلسىمۇ بۇ خوشال كەيپىيات باشقىلارنىلا تەسىرلەندۈرۈپ قالماستىن، ئاخىرىدا ئۆزىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ئاخىرىدا ھەقىقىي خوشاللىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
يۇلتۇز گاھ كىچىك چاغلىرىدىكى قىزىق ئىشلارنى ئەسلەپ كۈلسە، گاھ يومۇرلۇق گەپ بىلەن چاقچاق قىلىپ كۈلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ كېچتە تاماق ۋاقتىدا ئۇ يەنىلا ئاكىسىنىڭ گۇمان بىلەن قارىشىدىن قۇتۇلالمىدى. قۇتلۇق بىلەن زۆھىرە تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەيتتى، بىراق يۇلتۇز ناھايىتى ئىشتىھالىق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ تېز تېز بىر بىر نەچچە قوشۇق ئاغزىغا ئالغان بولسىمۇ ئاخىرى يەنىلا يىگۈسى كەلمەي قىينىلىپ توختاپ قالدى.
قۇتلۇق قاچىسىنى قويۇپ يۇلتۇزدىن يەنىلا سورىدى:
- يۇلتۇز، يېقىندىن بۇيان سەن زادىلا بىر نېمە يىمەس بۇلۇپ كېتىۋاتىسەن، نېمە بولدۇڭ؟
يۇلتۇز كۈلۈمسىرىدى:
-نەدىكىنى، يەۋاتىمەنغۇ.
- بىر يېرىڭ ئاغرىمدۇ دىسەم ياقلا دەيسەن، لېكىن يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭنى كۆرگەنسېرى سەندىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. سېنى يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقسام بولغىدەك.
يۇلتۇز بۇنى ئاڭلاپ سەل جىددىيلەشتى ۋە ئارقىدىنلا تېنچ قىياپەتكە كىرىپ ئېيتتى:
- ئاكا، نەدىكى گەپلەرنى قىلدىكەنسەن، كېسىلىم بولمىسا تەكشۈرتۈپ نېمە قىلىمىز. ئاشنى سوۋۇسۇن دەپ تۇتۇپ ئولتۇرىۋاتىمەن.
يۇلتۇز ئىنتايىن ئىلاجىسىز بىر خىل ئەھۋالدا قوشۇقنى قولىغا ئېلىپ تاماقتىن يەنە بىر نەچچە قوشۇق ئاغزىغا سالدى. يۇلتۇزنىڭ چىرايىدىن قاتتىق ئارامسىزلىق ئىپادىلنىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇ زور كۈچ بىلەن بۇنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى.
زۆھرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ:
-كەچ بۇلۇپ كەتتى،مەن چىقاي، - دىۋىدى قۇتلۇق ئۇنى ئۆيدىلا ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدى. لېكىن يۇلتۇز ئاكىسىنى زۆھرەنى ئۆيىگە ئەپچىقىپ قويۇپقا زورلىدى. چۈنكى ئۇ زۆھرەنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭمۇ ئاكىسىنى تاشلاپ كېتىشىدىن، ئاكىسىنىڭ يەنە قايتىدىن دائىم ئۆيدە يالغۇز ھاراق ئىچىپ، مەستلىكتە سافاغا ئۆزىنى تاشلاپ يېتىپ قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ تولغىنىشىدىن، ئەتىسى ھاراق چىشلىۋېلىش سەۋەبىدىن كۈنلەپ ھېچنىمە يېمەي ياتىدىغان كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقايتتى. رىسالەت باشقىلار بىلەن توي قىلىپ كەتكەن ئاشۇ ھەپتىسىلا قۇتلۇق بىر نەچچە يىللىق قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى ئۇزاققائىچە نورمال ھالەتكە كىرەلمىدى. پەقەت زۆھرە بىلەن مۇھەببەتلىشىشى باشلانغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىغا قايتىدىن نۇر يۈگۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
قۇتلۇق زۆھرە بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى. ئىشىك يېپىلغىچە تەستە ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرغان يۇلتۇز ئىشىك يېپىلىشى بىلەن تەڭلا ئۆزىنى قۇيۇۋېتىپ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى، قولى بىلەن ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ يۆتىلىپ بۇلۇپ ئالقىنىغا قارىۋىدى ئالقىنىنىڭ قىپ قىزىل قان بولۇپ كەتكىنىنى كۆردى. خۇددى قان چىقىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ نەپەس يوللىرى تارىيىپ ھاۋا ئۆتۈشۈش قىيىن بولۇپ قالغاندەك يۇلتۇز قاتتىق ھاسىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ھاسىرىشىغا يەنە ئۆكسۈپ سىلكىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. يۇلتۇز ئاكىسى كىرگىچە يەنە خۇشال ھالىتىگە قايتىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قاچىدىكى تاماقنى بىر سۇلياۋ خالتىغا تۆكۈپ قاچىدا ئازغىنە قويۇپ قويۇپ، ئاندىن سۇلياۋ خالتىنى دەرھال ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ چىقتى. ئۇ چىقىپ ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇرشىغىلا قۇتلۇق قايتىپ كىردى. يۇلتۇز دەرھال قوشۇقنى ئېلىپ تاماق يەۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدى.
قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ كۈتكىنىدەكلا ئۇنىڭ قاچىسىغا قاراپ ئۇنى تاماقنى يەپ بوپتۇ دەپ ئويلاپ قالدى.
يۇلتۇز دائىم تاماقنى خالتىغا تۆكۈپ قويۇپ ئەتىسى يوشۇرۇن تۆكۈۋېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىدىن ئانچە ئەنسىرىمەيدىغان بولۇپ قالدى. غەپلەت بېسىۋاتقان قۇتلۇق بەلكىم سىڭلىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ چىقىشىنى خالىمىغاچقا دائىم ئۇنىڭ ئەھۋالىدىكى ناچار تەرەپلەرنى ئەمەس، ياخشى تەرەپلەرنىلا كۆرۈپ ئۆزىگە تەسەللى بەرسە كېرەك.

مامكاپ يوللانغان ۋاقتى 2008-3-10 11:39:19


                       10
يۇلتۇزنى داۋاملىق قارا باسىدىغان بولۇپ قالدى. چۈشلىرى شۇقەدەر قالايمىقان، ئابىستىراكىت بولۇپ، سانسىزلىغان ئۇششاق ئوبراز ۋە مەنزىرىلەرنىڭ تەرتىپسىز بېرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان. چۈشىدە زادى نىمىنى كۆرگىنىنى ئۇ بىلەلمەيتتى. سانسىزلىغان غەلىتە شەكىللەر، بەدبۇي تەم، سەۋەبسىز ۋەھىمە ۋە بەدىنىگە بىر نەرسىنىڭ سانجىلىپ ئاغرىتىشىدىن باشقا ئۇ كۆزگە چېلىققىدەك ھېچنەرسە كۆرمەيتتى. بەلكىم كۆرۈدىغاندۇ. كۆرگەنلىرى بەك قورقۇنۇچلۇق بولغاچقا ئۇنى ئەسلىگۈسى كەلمەي ئويغۇنۇپلا ئۇنتۇپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن چۈش كۆرمىدىم دەپ ئويلايدىغاندۇ. لېكىن بەدىنىگە سانچىلغان نەرسىلەر قالدۇرغان ئاغرىق تۇيغۇسى شۇنچە ئېنىق. لېكىن يۇلتۇزغا ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاغرىق قوزغالغان چاغدا بەلكىم چۈشىدىكىسى بىرەر ھاشاراتلارنىڭ نەشتىرى ياكى تىغ بولۇپ ئىپادىلەڭەندۇ. يۇلتۇز چۈشىدىكى نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقۇناتتى، لېكىن بۇ يۇلقۇنۇش بەكمۇ كۈچسىز بولۇپ، گويا ئۇ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغانسېرى چۈشنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك مەركىزىگە قاراپ تېخىمۇ ئىچكىرىلەر كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئۇ ئاكىسىنىڭ كېلىپ ئۆزىنى ئويغۇتىۋېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئاچاتتى، لېكىن ئاۋازىنى چىقىرالمايتتى. ئۇنىڭ ئېغىزى ئاۋازسىز مىدىرلايتتى. يۇلتۇز كۆزىنى ئاچالماي ئىڭراپ تولغىنىپ ياتقاندا قۇتلۇق بەزىدە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىرەتتى. ئۇ چۈشىدە ئاكىسىنى چاقىرىپ يۇلقۇنۇپ ئاۋازىنى چىقىرالمىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىدىن باشقا غەلىتە ئاۋازلار چىقاتتى. ئۇ ئاللا نېملەرنىدۇر دەپ جۆيلۈيتتى.
- يۇلتۇز، يۇلتۇز كۆزۈڭنى ئاچ...ۋاي خۇدايىم، نېمە بولغاندۇ بۇ !
يۇلتۇز ئاكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى، لېكىن قۇتلۇقنىڭ ئاۋازى بەكمۇ يىراقتا ئىنتايىن غۇۋا ئاڭلىناتتى.
قۇتلۇق يۇلتۇزنى ئويغىتالماي لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ كىرىپ يۇلتۇزنىڭ پىشانىسىگە قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇز سەل جىمغاندەك بولدى. قۇتلۇق ياستۇقنى ئوڭشاپ يۇلتۇزنىڭ بېشىنى ئېگىزراق قىلۋاتقاندا ياستۇق ئاستىدىكى بىر پارچە كىتاپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. قۇتلۇق ئېڭشىپ يەردىن كىتاپنى ئەلىۋاتسا كىتاپنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە رەسىم بىلەن بىر پارچە قەغەز يەرگە چۈشتى. قۇتلۇق رەسىمنى ئىتتىك ئېلىپ قارىدى. بۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رەسىمى ئىدى. قۇتلۇق رەسىمنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قايتا قىستۇرۇپ قايغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېڭىشىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يەنە بىر تال قەغەزنى قولغا ئېلىپ ئېرەڭسىزلا قاراپ باقتى، بىراق قەغەزگە قاراپ تۇرۇپ بىردىنلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇ دەل يۇلتۇزنىڭ دىئاگنوز قەغىزى ئىدى. قەيەردىندۇر پەيدا بولغان بىر يالقۇن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋاششىدە كۆيدۈرۈپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈڭە ئايلىنىپ چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بۇ تۇيغۇنىڭ قۇرۇتۇپ ئۆتۈشى بىلەن ۋۇجۇدى قۇپ قۇرۇق ھوۋۇلدىغان بىر خارابىگە ئايلانغان ھالدا قالغان قۇتلۇق ئۇ قەغەزنى كۆرۈپ ئورنىدا قېتىپلا قالدى، ئۇنىڭ پىشانىسىدىن مۇزدەك تەر قۇيۇلدى.
قۇتلۇق ھېچنەرسىنى ئويلىيالماي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ مېڭىسى بىر نەرسە ئويلاشقا ماغدۇرى قالمىغاندەك جانسىز ۋە قۇپ قۇرۇق ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىپىرلاش خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئاندىن سىرتقا تىپىپ چىقتى – دە، قۇتلۇق بىردىنلا ئېسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ئاشۇ كۈنى قۇتلۇقمۇ غەلىتە بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. چۈشىدە ئۇ پۇراپ قېلىۋاتقان بىر گۆشنى كۆردى. گۆشنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سېسىشتىن قانداق ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا بېشى قاتقان ھالدا ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئىلگىرى دادىسىدىن بۇنداق چۈشنىڭ ئىنتايىن يامان كېسەلنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ ئويغىنىپ ئۇزاق ئويلاندى: بۇ سېسىپ كېتىۋاتقان زادى نىمە؟ كىمنىڭ تېنى چىرىپ كېتىۋاتىدۇ؟ كىم ئېغىر كېسەل بولۇۋاتىدۇ؟ بۇلارنى ئويلاش بىلەنلا يۇلتۇز ئېسىگە كېلىپ يۇلتۇزنى ئويغاتماقچى بولدى. ئىشىك تۈرىدىلا يۇلتۇزنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ كېسەل بىلەنمۇ يامان چۈش بىلەنمۇ تەڭ ئېلىشماقتا ئىدى. بۇ چۈشنىڭ رېئاللىقتا ئۆز پېتى كۆرۈلىشى قۇتلۇقنى قاتتىق سىلكىۋەتتى.
قۇتلۇقنىڭ مىجەزى ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ئىنتايىن ئالدىراقسان، ئادەتتىكى چاغلاردا بولسا ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ئاشۇ كۈنى ئۇ ھەتتا يۇلتۇزنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈشكىمۇ تاقەت قىلىپ بولالماي دوختۇرخانىغا چاپتى. يۇلتۇزنى ئويغىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزلىرىنى يۇيغىچە قاراپ تۇرسا ناھايىتى خېلى ۋاقت كېتەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئاستا ھەرىكەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرالىسۇن؟ يۇلتۇز مەندىن كېسىلىنى نىمىشقا يوشۇرغاندۇ؟ بۇ چوقۇم ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق كېسەل، بولمىسا مەندىن يوشۇرمايتتى دېگەن خىيال خۇددى كۆلەڭگىدەك ئۇنىڭ تېنىنى بىر كېزىپ تىترىتىپ ئۆتۈپ كەتتى. بەلكىم يۇلتۇزدىن سورىسا ئۇ يەنىلا يوشۇرۇپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا قۇتلۇق ئۇدۇل بېرىپ دوختۇردىن سوراپ كېلىشكە ئالدىرىدى. يۇلتۇزنىڭ ئويغىنالماي يېتىشىمۇ ئۇنى قورقۇنچقا سالاتتى. يۇلتۇز تىپىرلايتتى. كۆز قارچۇقى قاپاقلىرى ئىچىدە تېنىمسىز پىلدىرلايتتى. قۇتلۇق يۇلتۇزنى زۇلمەتلىك چۈش ئىچىدىن قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئاۋال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دوختۇردىن بىلىپ كېلىشكە ئالدىراپ ئوقتەك سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى.
قۇتلۇق دىئاگنوز قەغىزىدىكى ئىمزا قويۇلغان ئىسىمنى كۆرسىتىپ سوراپ يۈرۈپ يۇلتۇزنى ئەينى چاغدا تەكشۈرگەن دوختۇرنى ئاسانلا تاپتى.
دوختۇر ئىشخانىسىدا، قۇتلۇق تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دوختۇرغا دىئاگىنوز يېزىلغان قەغەزنى سۇنۇپ، تىتىرەك ئاۋازدا:
- دوختۇر بۇ دىئاگىنوزنى سىز يازغانمۇ، دەپ سورىغاندا دوختۇر تېخى ئەمدىلا ئىشكنى ئېچىپ پولنى سۈرتىشكە باشلىغان ئىدى. دوختۇر قوپاللىق بىلەن:
- سىرتتا بىردەم كۈتۈپ تۇر، - دەپ بولۇپ، چىرايى ئۆچكەن قۇتلۇققا يەنە لەپپىدە بىر قاراپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەڭەندەك بولدى دە، ئىشىنى توختىتىپ قۇتلۇق سۇنۇپ تۇرغان دىئاگىنوز قەغىزىنى قولىغا ئالدى.
دوختۇر دىئاگىنوز قەغىزىگە بىردەم قاراپ چىققاندىن كېيىن:
- ھەئە، نېمە بولدى؟ بۇ دىئاگىنوزنى يازغىنىمغا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ. بىمار قېنى؟ باشقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتقان ئوخشىمامسىلەر؟ – دەپ سورىدى.
قۇتلۇق قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ گەپلىرى تاققا-تۇققا چىقىپ كېتىۋاتاتتى.
- دوختۇر، بۇ زادى نىمە كېسەل، مەن ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. مېنىڭ سىڭلىم...مەن ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەپتىمەن...ئۇ...ئۇ ماڭا دېمىگەن...سىز ماڭا بالنىستقا ئېلىش قەغىزى يېزىپ بەرسىڭىز ئۇنى دەرھال داۋالاش كېرەك.
دوختۇر ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سورىدى:
- ئۇ تېخىچە داۋالانمىدىمۇ؟
-ياق…
دوختۇر دىئاگىنوزغا قايتىدىن قاراپ چىقتى:
- ھە يادىمغا يەتتى، مەن ئۇنى دەرھال داۋالىنىڭ دېگەن، بىراق ئۇ مېنىڭ بۇنداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپار بۇلۇپ قالغانلىقىمنى ئاكام ئۇقۇپ قالمىسۇن دېگەندەك قىلۋىدى، ھەئە، توغرا… شۇ قىز شۇ، ئۇنىڭغا ئائىلىڭىزدە كىم بار دىسەم بىرلا ئاكام بار دېگەندەك قىلۋاتاتتى. چوڭ سوممىلىق كېسەللەر كەلسە بىزگە مۇكاپات قوشۇلىدۇ دەپ ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، شۇڭا يادىمدا قاپتۇ... مۇشۇ چاققىچە داۋالانمىغان بولسا چاتاق بوپتۇ، بەك كىچىكىپ كەتكەن بولىشىڭلار مۇمكىن.
قۇتلۇق بىچارىچىلەرچە بىر خىل ئۈمىد بىلەن دوختۇرغا تىكىلدى:
- ئۇ يېقىندىن بېرى توختىماي يۆتىلىپلا تۇرىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە ئازراق چاتاق بارمىكىن دەيمەن. ئازراق داۋالانسىلا...ئۇ زادى نىمە كېسەل، بۇ كېسەل ئېغىر كېسەلمۇ ئەمەسمۇ؟ ئاققان دىگەننى كۆرۈپلا قورقۇپ كەتتىم…
دوختور بىر دەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يەرنى سۈرتۈشنى داۋاملاشتۇردى، چۈنكى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر ئىشك ئالدىغا تىزىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ ئىشخانىغا ئۈسۈپ كىرگەن بىر نەچچەيلەننى سرىتقا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يەرنى سۈرتكەچ قۇتلۇققا چۈشەندۈردى:
-يېتىلمىگەن دانچىسىمان ئاققان كېسىلى بولغانلاردا خىلمۇ-خىل مۇرەككەپ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەل دەسلەپ باشلانغاندا ماغدۇرسىزلىندۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلدۇ، كېيىن بارا-بارا بەدىندىكى يۇقملىنىشقا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسان يۇقۇملىندىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاسان يۇقۇملىندىغان ئەزالارنىڭ بىرى ئۆپكە  بولغاچقا ئۇ خۇددى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنىدۇ.
قۇتلۇقنىڭ بارغانسېرى دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئاۋازى چىقماي قالغىلى تاس قالدى:
- ھازىر داۋالانسىمۇ بەك كىچىكىپ كەتمىگەندۇ؟
دوختۇر جاۋاپ بەرمەي، يەرنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن دەھال بىمارلارنى كىرىشكە بۇيرىدى. بىمارلار رەت بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىسەل كۆرسىتىشكە باشلىدى. قۇتلۇق ئۇنىڭ مۈرىسىدىن سىلىكىپ سورىدى:
- ئېيتىڭە دوختور، بۇ كىسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
دوختور ئېغىر بىر خىل كەيپىياتتا جاۋاب بەردى:
- ئاق قان كېسلى خىلمۇ-خىل بولىدۇ، بۇ جىددى داۋالانسا تامامەن ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەل ئىدى، ۋاقتىدا داۋالانمىغان مەسئۇليەت ئۆزەڭلاردا، بۇ ئەسلىدە ساقايمايدىغان كىسەل ئەمەس. ئەمدى بىر نېمە دېمەك تەس. ئەڭ ياخشىسى بىمارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلىڭلار، ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ نىمە دىگىلى بولسۇن.
- مەن ئاۋال ئۇنى ياتاققا ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرەي، ياتاق بەك قىس ھەقىچان، ماڭا ياتاققا ئېلىش قەغىزى كېسىپ بېرىڭ.
دوختۇر تېزلىكتە بىر قەغەزنى يېزىپ توشقۇزۇپ قۇتلۇققا بەردى. قۇتلۇق قەغەزنى ئېلىپ كارىدورغا چىقىپ بىخۇدانە ھالدا ئازاپلىق نىدا قىلىدۇ:
-ئاھ خۇدا، ئۇنىڭغا بەرگەن كېسەلنى ماڭا بەرسەڭچۇ! ۋاي بىچارە سىڭلىم.
كارىدوردىكى ئەسلىدىلا سوغاق ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتتا تۇرۇشقان كىشىلەر قۇتلۇقنىڭ نىداسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قاراشتى.
قۇتلۇق ياتاق رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بارسا ئۇنىڭدىن ئالدىن ئوتتۇز مىڭ يۈئەن تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. قۇتلۇقنىڭ مېڭىسى پىلدىرلاپ كەتتى. ئۇنىڭ مېڭىسى كەپلىشىپ كەتكەن گادىرماچ خىياللارنى سىغدۇرالماي ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلاتتى. ئۇ بىردەم ئوق يىگەن ھايۋاندەك ئۇياق بۇياققا قارىغۇلارچە چامدىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ كىشىلەر ئالدىدا يوشۇرمايلا يىغلاپ تاشلىدى. يىغا بىلەن تەڭلا ۋۇجۇدى بوشىغاندەك بولۇپ يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.
قۇتلۇق دوختۇرخانىدىن ئۆيگە كەلسە يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يۇلتۇزنىڭ كارىۋىتىغا، كىتاب ماتېرىياللىرىغا ۋە گىرىم بويۇملىرىغا يۇلتۇزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلغا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندەك بىر ھازا تىكىلدى. بۇ نەرسىلەرنى يۇلتۇز ھېلىلا يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بەتلىرى قاتلاپ قويۇلغان كىتاب، چىرايلىق يىغىشتۇرۇپ، ئۈستى ئەديال بىلەن يېپىپ قويۇلغان يوتقان كۆرپە، ئىستاكاندىكى تېخى سوۋۇپ بولمىغان چاي…مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىپ تىرىك يۇلتۇزنىڭ ھېلىلا بۇ يەردە بار ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بار بولۇۋېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايتتى. ئاۋۇ ئوقۇۋاتقان كىتابنىڭ قاتلانغان يەردىلا مەڭۈلۈك توختاپ قېلىشىنى، ماۋۇ ئىستاكاندىكى چاينىڭ ئىستاكاندا مەڭگۈلۈك سوۋۇپ قېلىشىنى كىممۇ تەسەۋۇر قىلالايدۇ؟
يۇلتۇزنىڭ شۇتاپتا ئۆيدە يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قۇتلۇق ئازابلىق نالە بىلەن ئۇنى چاقىردى:
- يۇلتۇز، يۇلتۇز، يۇلتۇز!...
ئۇنىڭ ئاۋازى بارا بارا بوغۇلۇپ توختاپ قالدى.
يۇلتۇز ئاشۇ كۈنىمۇ يەنىلا شارىلداپ تۇرغان يامغۇر ئاۋازى ئىچىدە ئويغاندى. بۇ قېتىم ئۆلۈمنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك يانغۇرنىڭ ئاۋازى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك ھەم يېقىن ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا ئېنىق ئىدى. ئاۋازنىڭ بەكمۇ ئېنىقلىقىغا قاراپ ئۇ راستىنلا يامغۇر ياغقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدى. دەرىزىدىن سىرتقا قارىسا ھەممە يەر قۇپ قۇرۇق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇخانىنىڭ بىرەر جايلىرى بۇزۇلۇپ قالغان بولسا سۇ تامچىۋاتامدىغاندۇ يا دەپ قاراپ تەكشۈرۈپ باقتى. يۇقىرى قەۋەتتىكىلەرنىڭ كىرالغۇ ماشىنىسى بالكوندا بولۇپ، بەزىدە كىر يۇيغاندا سۇنى بالكوننىڭ بۇلىڭىدىكى نوچەكتىن تۆۋەڭە ئاقتۇرىۋەتسىمۇ ئەنە شۇنداق يامغۇر يېغىۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتەتتى. ئۇ بالكونلارنىڭ بۇلىڭىدىن چىقىپ تۇرغان نوچەكلەرگىمۇ قاراپ چىقتى. ھېچقايسىسىدىن سۇ ئاقمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈنكى يامغۇر ئاۋازىنىڭمۇ دادىسى ئۆلگەن چاغدا ئاڭلانغان يامغۇر ئاۋازى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ دەرھال مەرەمنىسانىڭ بالىسىغا قاراپ بېرىپ تاپقان پۇلىنى يادىغا ئالدى. ئۇ ھازىرلا بېرىپ ئاكىسىنىڭ تويىغا سوغا قىلىدىغان ئېلىكترونلۇق لۇغەتنى سېتىۋالمىسا بەكلا كېچىكىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى.
ئۇ ئاكىسىنىڭ توينى تېزراق قىلىۋېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى ئۇ كۈندىن كۈڭە ئاجىزلاپ كەتمەكتە ئىدى. ئۇ ئاكىسىنى تىغدەك يالغۇز تاشلاپ ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا كېتىشكە قىيمايتتى. ئاكىسى يالغۇز قالمىسا بولاتتى. بۇ ئۆيدە ئاكىسى يالغۇز قالسا، كۈندە يۇلتۇزنىڭ كۈلكىسى ۋە مېھرى مۇھەببىتىسىز قۇپ قۇرۇق بۇ ئۆي قۇتلۇققا قانچىلىك مۇدھىش تۇيۇلار ھە! ئۇ داۋاملىق يۇلتۇزنى ئەسلەپ يىغلىشى مۇمكىن، كېچىلەردە تورۇسقا قاراپ نالە قىلىشى مۇمكىن. ئەتىگەندە غېرىپسىنىپ ئولتۇرسا ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر پىيالە قىزىق چاي دەملەپ ئەكىرىپ بەرمىسە، پۇلنى ئاياپ بازاردا تاماق يىمەي، ئۆيدە بىر نەرسە ئەتسە ئۆزى يالغۇز ئۇنى ئاغزىغا سالغۇسى كەلمىسە…يۇلتۇز بۇلارنى ئويلىسىلا ئۆپكىسى ئۆرۈلەتتى. يۇلتۇز ئۆز ئۆزىگە پىچىرلايتتى:
- ئاكا، مەن سېنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىڭنى – بەختلىك بىر ئائىلەڭ ۋە يېقىن ھەمرايىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولسام بولاتتى.
يۇلتۇز ئېلېكترون ماگىزىنىغا بېرىپ لۇغەتتىن بىرنى ئالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئاكىسى كونىراپ چۆرىلىرى قالمىغان ھېقىلى لۇغەتنى بەتمۇ بەت ئۆرۈپ ئاختۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدى. ئۇ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئاكىسىنىڭ كىتاپلىرىنى رەتلەۋېتىپ كىتاپ ماتېرىياللار ئارىسىدىن دۇنياغا داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتەتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. چاقىرىق قەغىزىگە 1993- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، يۇلتۇز كۆرگەندە بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. چەتەلدە ئوقۇش خام خىيالىدا ئاشۇنداق چاقىرىق قەغىزىگە ئىگە بولالماي سەرسان بولۇپ يۈرگەن ھەددى ھېسابسىز بالىلارنى كۆرگەن يۇلتۇز ئاكىسىنىڭ بىرلا ئۆزى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلىپ ئىچى قاتتىق ئېيچىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ قۇتلۇق ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك پۇرسەت ئىدى. قۇتلۇقنىڭ يۇلتۇز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. كېيىن ئۇ بولغان ئىشنى دوستلىرىغا ئېيتىپ بەرسە، ئۇلارمۇ شۇنچە ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ ئاخماقلىق قىپتۇ دېيىشتى.
- پۇرسەت قاچانلا بولسا بارغۇ، - دىگەن ئىدى قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ نىمىشقا بۇ ئىشتىن ۋاز كەچكەنلىك ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، - سەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئاندىن سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدىن خاتىرجەم بولۇپ، چىقىپ ئوقۇساممۇ بولىدىغۇ.
لېكىن تا ھازىرغىچە يۇلتۇز ئۇنىڭغا يۈك بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىككى قېتىملىق پۇرسەتتىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولۇپ قالدى. قۇتلۇق چەتەلگە ئوقۇشقا چىققان بولسا دائىمقى ئادىتى بويىچە كېچە كۈندۈز ئۈگىنىدىغان بولسا، بۇ چاققىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ تونۇلغان بىر ئالىمغا ئايلىنىپ بولاتتى. پۇل ئۈچۈن كېچە كۈندۈزلەپ نىيازدەكلەرگە ئەخلەت كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن ئۆمرىنى ئىسراپ قىلمىغان بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى تەرجىمانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنالايتتى. بەلكىم ئەمدى ئۇ بىر ئۆمۈر ئىدارىنىڭ ئەخلەت ھۆججەتلىرى ۋە نىيازلارنىڭكىدەك ئەخلەت كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشتىن باش كۆتۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتەر. ئۇ قولدىن بەرگەن يەنە بىر پۇرسەت ئاشۇ رېسالەت ئىسىنلىك قىز بىلەن توي قىلىش ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ يۇلتۇزنى دەپ مەھرۇم قالدى. بىر قېتىم ئۇ ئاكىسى بىلەن كېتىۋېتىپ يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا كېتىۋاتقان رىسالەتنى ئېرى بىلەن بىللە كۆرۈپ قالدى. رىسالەتنىڭ چىرايلىق قامىتى، ئۇزۇنغىنا كەلگەن پۇتلىرى بىلەن تاق تاق قەدەم ئېلىپ مېڭىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ كوچىدىكى بارلىق ئاياللاردىن ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ نەزەرنى تارتىپ تۇراتتى. رىسالەت خۇددى كۆرۈپ قويۇش دېگەندەك قۇتلۇق بىلەن يۇلتۇزنى كۆرۈپلا ئېرىنى قولتۇقلىۋالدى. يۇلتۇز بۇ چاغدا ئاكىسىغا قارىمىسىمۇ لېكىن ئاكىسىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگەندەك بولدى.
رىسالەت قۇتلۇق بىلەن چىرايلىق ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭدىن يۇلتۇز ئايرىلىشنىڭ ئۇنىڭدىمۇ جاراھەت قالدۇرغانلىقىنى سېزەلەيتتى. رېسالەت بىلەن قۇتلۇق ئالىي مەكتەپلەردىكى ساۋاقداشلار ئىدى. شۇندىن كېيىن قۇتلۇقمۇ ساۋاقداشلار ئارىسىدا بولىدىغان ئولتۇرۇشلارغا قاتناشماس بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ئۇ يەردە رىسالەتنىڭمۇ ئېرى بىلەن بىللە كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ رىسالەتنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىماي شۇنداق قىلدىمۇ ياكى رىسالەتنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن بىلە تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئازابلىنىشنى خالىماي شۇنداق قىلدىمۇ بۇنى يۇلتۇز پەرەز قىلالمايتتى.
- ئوتتۇز ياش دىگەن قىز بالا ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق سان، - دىدى بىر كۈنى رېسالەت ئۆزى يالغۇز كېتىۋېتىپ يۇلتۇزغا ئۇچراپ، - ئەر كىشى دىگەن يۈرىۋېرىدۇ. ئوتتۇز ياش دىگەن قۇتلۇق ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس.
رىسالەتنىڭ ئۆيىدىكىلەر رېسالەتنى زادىلا ئولتۇرغۇزماپتۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ قېرى قىز دەپ تەڭ تۇشلىرى ئارىسىدا مەسخىرىگە قاپتۇ. نەگىلا بارسا ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان گەپلەر بىلەن ئۇ ئولتۇرۇش ۋە سورۇنلارنى قىزىتىدىغان ماتېرىيالغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
- رىسالەت، سەن ئەرگە تەگمەيدىغاندەك قىلىسەن، ئۆيلىنەمسەن يا؟
- رىسالەت، بالامنىڭ خەتنە تويى بولغىچە سېنى توي قىلىپ قالارمىكىن دىسەك قىلمىدىڭ، بالام خوتۇن ئالغاندا كېلىنىمگە قىز قولداش بولغۇڭ بارمۇ يا.
- رىسالەت چىرايلىق بولغاچقا، گۈزەللىكىنى ئەرلەرگە تاپشۇرغىسى يوق. ئۆزىلا ھوزۇرلانماقچى.
……
ئۇنىڭ تەڭتۈش دوستلىرى ئۇنى كۆرسىلا ئاغزى ئېچىلىپ كىتەتتى. ئۇلار “ئولتۇرۇڭلار”، “پالانچى ئولتۇرىدۇ”، “ئاۋۇ ئولتۇرغان ئادەم” دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندىمۇ “ ئولتۇرماق” دىگەن سۆزنى ئالاھىدىراق تەلەپپۇز قىلىپ، رىسالەتنىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىغا دارتمىلىشاتتى.
رىسالەت يۇلتۇزغا بىرمۇنچە دەرت ئېيتىپ سۆزلىدى. يۇلتۇز ئۇنىڭ ئازابىنى تامامەن چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى، لىكىن ئۇ يۇلتۇزنى چۈشەنمەي قالىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنى بىر ئاشخانىغا باشلاپ كېلىپ ئىچى بوشىغىچە سۆزلىۋالدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسىلا مەيلى دەپ يۇلتۇز ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ بەردى. لىكىن ئۇ ئاكىسىنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى رىسالەتكە چاندۇرمىدى.
زۆھرە قۇتلۇقتىن بەش ئالتە ياش كىچىك بولسىمۇ لېكىن ئۇمۇ ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق ياش ئوتتۇزىن ئېشىپ كەتتى. ئوتتۇز ياشتىن ئاشقىچە ناھايىتى ئالدىرىغان زۆھرە ئوتتۇز ياشتىن ئېشىپلا تەقدىرگە تەن بەردىمۇ ئالدىرىماس بولۇپ قالدى. مىجەزىمۇ بىردىنلا ئۆزگىرىپ ئېغىر بېسىق بولۇپ كەتتى. ئوتتۇز ياش ھەقىقەتەنمۇ ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر ئۆتكەلدەك قىلاتتى. يۇلتۇز زۆھرەنىڭمۇ كۈتۈۋېرىپ ئاخىرى باشقا بىراۋ بىلەن توي قىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ يۈردى. ئاكىسىغا كېلىدىغان بارلىق پۇرسەت ۋە تەلەيلەر يۇلتۇزنىڭ ھايات بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئەمدى ئۇ يەنە بۇنداق بولۇۋېرىشىگە چىداپ تۇرالمايتتى، لېكىن قېرىشقاندەك پەلەكنىڭ تەتۈر چاقى ئۇنى يەنىلا ئاكىسىنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى يوق قىلىشقا قىستىماقتا ئىدى.
ئاكا بولغۇچى قۇتلۇق ئۈچۈن بولسا يۇلتۇز يۈك بولۇپ تۇيۇلماستىن ئەكسىچە ئۇنىڭ ھەمرايى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ تۇيىلاتتى. ئۇ قەيەردە باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كۆڭلى ئازار يىسە كېلىپ سىڭلىسىغا ئېيتاتتى. سىڭلىسىنىڭ ئوماق كۈلۈپ قاراشلىرى ئۇ ھەرىپ چارچىغانلاردا، كېچىلەپ ئۇيقۇسىز ئىشلەپ، كاللىسى قاپاق ھالدا دۇنيادىن بىزار بولغاندا ئۇنىڭغا تەسەللى ئىدى.
قۇتلۇق دوختۇرخانىدىن چىقىپ بېشىغا كەلگەن كۈننى ئالدى بىلەن سىڭلىسىغا ئېيتىدىغان ئادىتى بويىچە ئۇدۇل سىڭلىسىنى ئىزدەپ كەلدى. لېكىن ئۆيگە كىرىپ يۇلتۇزنىڭ ياتىقىغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، پۇل تېپىپ ئۇنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغىچە بۇ ئىشنى يۇلتۇزغا ئۇقتۇرماسلىق قارارىغا كەلدى. چۈنكى سىڭلىسى ئۆزىنى شۇ قەدەر ئايىغان يەردە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ پۇل تاپقىچە نەلەردە، كىملەرگە يېلىنىپ، كىملەرنىڭ ئىشىكلىرىدە قەرىز سوراپ دوقۇرۇپ يۈرگەنلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى كېرەك ئىدى.
قۇتلۇق كارىۋات بېشىدىكى يۇلتۇزنىڭ رەسىمىگە قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن ئۈنلۈك ئۆز ئۆزى سۆزلەپ كەتتى:
- يۇلتۇز بۇ سېنىڭ مېنى ئايىغىنىڭمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سېنىڭ مېنى تۈگەشتۈرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟! سەن بولمىساڭ مەن تۈگەشمەمدىم، شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ؟ سەن نىمە دىگەن ئەقىلسىز؟! شۇنچە جاپالىق يىللارنى بىر بىرىمىزگە تايىنىپ ئۆتكۈزگەنىدۇققۇ. پۇلىمىز جىق بولمىغان بىلەن يوقلۇقتىن ئۈزىلىپ قالمىغانىدۇققۇ. ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالىدىڭغۇ. ئەمدى سېنى داۋالىتىشقا توغرا كەلگەندە ھەرقانچە جىق پۇل كەتسىمۇ بىر ئامالىنى قىلماسمىدىم…ۋاي ئىسىت! مەنمۇ ئاكا بولدۇممۇ؟ ھېچنىمە بولمىدىم، ساپ ساق تۇرمامدىم دەپ قويسا، ئىشىنىپ يۈرۈۋېرىپتىمەن. مەن ئۆزۈمنى كەچۈرمەيمەن، ھەرگىز كەچۈرمەيمەن!
قۇتلۇق ئۆيىدە قايسى كۈنى ئائىلە جابدۇقلىرى ئېلىپ ئېشىپ قالغان پۇلنى پۇرلاپلا يانچۇقىغا تىقىپ سىرتقا ماڭدى.
                       11
قۇتلۇق قەلەم ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن نىيازغا بىر كۈن توختىماي تېلفۇن ئۇرۇپ چىقتى. نىياز دائىملا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەممە ئادەمگە كۆز كۆز قىلىپ يېنىدىن ئايرىمايدىغان غوجىكاڭ دەپ ئاتلىپ كېلىۋاتقان يانفۇننى ئاۋازى ئىنتايىن نايناق بىر قىز ئېلىپ، تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياڭزا چىقىرىپ سۆزلەپ ناھايىتى تەستە نىيازنىڭ يانفۇننى قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخىرى نىيازنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ يوق بولسا بىر يەردىن پەيدا بولغىچە ساقلاپ تۇرۇپ نىيىتىگە كەلدى. ئۇنىڭدىكى پۇلىنى ئالمىسا باشقا يەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا كۆزى يەتمەيتتى. ئاشۇ كۈنلەردە بىرەركىمدىن قەرىز ئېلىپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.
نىيازنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆيدە شەرۋان بار ئىكەن. شەرۋان نازلىنىپ تولغىنىپ قۇتلۇقنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. نىياز شەرۋان بىلەن توي قىلمىغان بولسىمۇ لىكىن بىر ئۆيدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى قۇتلۇق بىلەتتى. ئۇ نىياز بىلەن دەرھال كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى شەرۋاننىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ:
نەدە يۈرىيدىكى ئۇ پاكار؟ – دىدى ئاندىن يەنە دەرھاللا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى، - نىياز بولمىسا مەنمۇ ئادەمغۇ، كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ.
قۇتلۇق ئۆيگە كىرىشكە تەمشىلىپ بولۇپ شەرۋاننىڭ كۈلۈپ قاراشلىرىدىن بىردىنلا بۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن ئەپسىز بىر ئىشتەك ھېس قىلىپ قالدى. شەرۋان ئۇنىڭ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۈلۈپ قاھقاھلاپ كۈلۈپ دەلدۈگىنىپ كەتتى.
- ۋاي كىرىڭ، نىياز بىلەن شۇنداق يېقىن ئاغىنە تۇرۇپمۇ…
قۇتلۇق ئۆيگە كىردى. شەرۋاننىڭ بەدىنىگە چېچىۋالغان ئەتىرى ئۆينى بىر ئالغان بولۇپ، ئۆي ئىچى شەھۋەت پۇراپ كەتكەندەك قۇتلۇق بۇ پۇراقتىن تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى. لېكىن نىيازنى بۈگۈن نەدىن بولمىسا تاپمىسا بولمايتتى.
شەرۋاننىڭ نىيازنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چىرايىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىگە قاراپ قۇتلۇق  ئۇلار يەننە قېيدىشىپ قالدىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدى. نىياز ھەرقېتىم شەرۋان بىلەن قېيدىشىپ قالغاندا، سەتەڭلىك ۋە شەھۋەتپەرەستلىك بىلەن تونۇش بىلىش ئەرلەردىن نۇرغۇنلىرىنى مەپتۇن قىلىپ يۈرگەن بۇ قىز نىيازدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن دەھال ئىلگىرى ئۆزىگە كۆز تاشلاپ يۈرگەنلەردىن بىرەرنى تاپاتتى دە شۇنىڭ بىلەن بىللە يېتىپ ئاچچىقىنى چىقىراتتى. نىياز كېيىنچە ئۇنىڭ بىلەن زادىلا ئۇرۇشماس بولدى، چۈنكى ئۇ شەرۋان بىلەن جىدەل قىلىشنىڭ پەقەت ئۇنى باشقىلارنىڭ قوينىغا بىر كېچە تاشلاپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى. پۈتۈن ئەس يادى سەتەڭلەردىلا قالغان نىياز ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئەيىبى تۈپەيلىدىن ۋېنېرادىن باشقا ئۆزى مەپتۇن بولۇپ قالغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېرىشەلمەيتتى. ۋېنېرامۇ نىيازدىن باشقا ئەرلەرنىڭ ھەرقاندىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بىر كېچىدىن ئاشمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بىر بىرىدىن زادىلا ئايرىلالمايتتى. ۋېنېرا ئۆزىنى نىيازنىڭ ئانچە كۈنلەپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خوشال ئىدى. ئۇ دائىم ئىلگىرى ئۆزىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەنلىرى بىلەن بىللە بولغاندا، ئۆتكەنكى كەچۈرمىشلەرنى ئەسلىشىپ قالسىلا:
      - مەن نىياز بىلەن بىللە ئۆتسەملا بەختلىك بولالايمەن، ئۇ كۈنلىمەيدۇ. سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن بولسام تولا كۈنلەپ يا مېنى ئۆلتۈرىۋېتەتتىڭ ياكى ئۆزەڭ ئۆلۈۋالاتتىڭ، - دەيتتى ئۆزىنى يەنىلا خوشال ۋە پەرۋاسىز كۆرسىتىپ، - مەن نىياز بىلەن بىللە بولۇپ ھېچقانداق زىيان تارتمىدىم، ماڭا بولغان زىيان پەقەت نىياز بىلەن توي قىلىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيەلمەي قېلىش. ئەسلىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن چىرايلىق كۆرۈنەتتىم، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ پىگۇرامغا ئاشىق ئىدى.
      شەرۋان دائىم رومانتىك قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئامراق ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىنى قورقۇتقىدەك دەرىجىدە رېئالنى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئەردىن باشقىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نىياز پاكارنى ئۆزىدىن ئايرىلماس قىلىپ مەپتۇن قىلىۋالغىنى دەل ئۇنىڭ بۇنداق جىنسىي رېئالىزمى ئىدى. دەسلەپتىكى ئۇچرىشىشتىلا ئۇ شەھۋىتىنى زادىلا يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدىغان سېھرىگەرلىكى بىلەن نىياز پاكارنى خۇدىنى يوقۇتىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇندىن كېيىن نىياز پاكار ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدى. بىر نەچچە قېتىم شەرۋاننىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن توختىماي يەڭگۈشلەپ ئاپاق چاپاق بولىشىغا چىدىماي ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى، ھەتتا باشقا شەرۋاندىن چىرايلىقراق قىزلارنىمۇ پۇلغا تايىنىپ كەلتۈرۈپ، بىللە بولدى. لېكىن ئۇلار بىلەن بىللە ياتقاندىمۇ ئۆزىنىڭ دائىم شەرۋاننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قوينىدىكى ئايالنى شەرۋان دەپ ئويلاپ تۇرۇپ بىللە بولىدىغانلىقىنى، كۆز ئالدىدىكى ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئالماشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىسا ئۆزىدە ئۇلارغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ھەتتا باشقا قىزلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى پىچىرلاپ سېلىپمۇ ئۇ قىزلاردىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىدە ھەۋەس قوزغىتىدىغان نەرسىنىڭ دەل شەرۋاننىڭ شەھۋانىيلىقى يەنى ئۇنىڭ توختىماي ئەرلەر بىلەن ئاپاق چاپاق بولۇپ يۈرىيدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنلەش دېگەننى ۋۇجۇدىدىن تامامەن چىقىرىۋەتتى. شۇندىلا ۋۇجۇدىنىڭ تېپ تېنچ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. لېكىن نىيازنىڭ زادىلا كۈنلىمەس بولۇپ قېلىشى شەرۋاننى بىئارام قىلدى، چۈنكى ئۇ مۇشۇ دۇنيادا ئۆزى ئۈچۈن ئازابلىنىدىغان بىرەر ئەرنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. نىياز كۈنلىمەس بولۇپ قالغاندىن كېيىنلا شەرۋان ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىدى. ھېچقانداق قىزىقىمۇ قالمىدى.
     - نىياز سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا نىمە ئىش بار، بىلەمسەن؟ - دەپ سورىدى بىر قېتىم ئۇ ئاچچىقىدا.
     نىياز مەست بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ مەستلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇ راست گەپنى ئاڭلىماقچى ئىدى. لېكىن نىياز ئاغزىغا كەلگەنلا بىر نىمىلەرنى دەپ جاۋاب بەردى.
شەرۋان ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى:
- مەن سېنىڭ ئازابلامغان ھالىتىڭنى ياقتۇراتتىم، ئەمدى سەن ھېچنىمىدىن ئازابلانماس بولۇپ قالدىڭ، مەن ياقتۇرىدىغان سەندە ھېچنىمە قالمىدى! ھۇ سەت پاكار!
قۇتلۇقنىڭ ھازىر بىرەر ئادەم بىلەن پاراڭلاشقىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. لېكىن شەرۋان ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلەۋەردى. قۇتلۇق قىياپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئېغىر كۈن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشمۇ ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىپ چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەزەلدىن ئۆزى ھەققىدىلا توختىلىشقا ئامراق بۇ قىز ھەتتا سۆزلەۋېتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسى بىلەنمۇ چاتىقى بولمايتتى. ئۇ نىياز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆزلىدى، لېكىن قۇتلۇقنىڭ بۇ گەپلەر زادىلا قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
- نىياز ھازىر خامۇشتەكلا بولۇپ قالدى، دەيتتى ئۇ، - ئۇ كۈنلەش دىگەننى ئۇنتۇپ قالغىلى بەك ئۇزاق بولۇپ قالدى.
- بەلكىم كۈنلەۋېرىپ ھېرىپ قالغاندۇ.
- سىز بايا ئۇنى كۈنلەپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ ئۆيگە كىرمىگىلى ئۇنىمىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
- ياق مېنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى ئويلىغۇدەك زېھنىم يوق ھازىر.
شەرۋان ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىر دەمدىن كېيىن چىقتى. قۇتلۇق ئۇنىڭ ۋاتىلداۋەرمەي شۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى، لېكىن ئۇ تېزلا قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىچكىرىگە بىكار كىرمىگەن ئىدى. كۆڭلىكىنىڭ سېرىتمىسىنى سەل پەسكە تارتىۋېتەكەن بولۇپ ئىككى كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقچە تولۇق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. لېكىن قۇتلۇقنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغىنى شەرۋاننى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ قۇتلۇققا نارازىلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ زەھەرخەندىكىل قىلدى:
- سىزمۇ زۆھرەنى كۈنلىمەيسىز ھەقىچان، چۈنكى ئۇنىڭ كۈنلىگۈگەك يېرىمۇ قالمىدى. ھازىر ئۇنىڭ سورۇن سورۇنلاردا خاخا شىشى قىلىپ ئويناپ يۈرىيدىغان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى دە. ئەمدى ئۇنىڭغا سىزنىڭلا پېشىڭىزنى چىڭ تۇتماقتىن باشقا ئېلاج يوق.
- ھەئە، ئۇ سىزگە ئوخشىمايدۇ، - دېدى قۇتلۇق سوغاقلا.
بۇ گەپنى قۇتلۇق ئاچچىقى بىلەن دىگەن ئىدى، لېكىن بۇ گەپ شەرۋانغا يېقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى سىماپتەك يالتىراپ كەتتى ۋە ئالدىراپ سورىدى:
- ئەيتىڭە قەيېرىم ئوخشىمايدۇ؟
قۇتلۇق گەپ قىلمىدى. شەرۋان ئۇنىڭدىن قايتا قايتا سوراپ ئاخىرى ئۆزى جاۋاب بەردى.
- مەن دائىملا بىر خىل تۇرۇۋېرىمەن، شۇنداقمۇ؟ يەنە ئون يىلدىن كېيىنمۇ مۇشۇ پېتى. ئەيتىڭە شۇنداقمۇ؟ زۆھرە قېرى قىزغا ئايلىنىپ قالدى، لېكىن نىمە دېگەن بىلەن مەندىن بەختلىك.
قۇتلۇق قايسى بىر يىلى شەرۋاننىڭ يۈزلىرىگە خۇددى توڭرىدەكلا بىر خىل داغنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىدى. كىشىلەر بۇ ئۇنىڭ كۆپلەپ بالا ئالدۇرىۋېتىپ ئىچكىي ئاجراتمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن بولغان دېيىشەتت. لېكىن كېيىن بىردىنلا بۇ داغلار غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك ئاق ۋە سۈزۈك رەڭگە كىرىپ قالدى. ئاياللار ئۇنىڭ نىمە سىر ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپلا شىۋىرلاپ بىر بىرىدىن سورىشىپ كېتەتتى. كېيىن قۇتلۇقنىڭ ۋارىس دېگەن بىر ئاغىنىسى شەرۋاننىڭ سېرق سىنالغۇغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ دائىم ۋارس بىلەن سېرق فىلىم كۆرۈدىكەن. سېرق فىلىم بۇ ئايالنىڭ ئەسەبلىرىنى قوزغاپ ئۇنى تەلۋىلەشتۈرىۋېتىدىكەن. ئۇ ئۇزاق مەزگىل سېرىق فىلىم كۆرۈپ خاراكتېرى نورمالسىز بولۇپ بۇرمىلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ ھەتتا سېرىق فىلىمدىكى ئاياللارنىڭ ئىسپىرما بىلەن يۈزىنى يۇيىشىنى تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن دەپ چۈشىنىۋالغان بولۇپ ئۆزىمۇ دائىم شۇنداق قىلىدىكەن.
شەرۋان قۇتلۇقنى شىرەگە تىزىلغان مىۋە چىۋىلەردىن ئېلىشقا زورلىدى، قۇتلۇقنىڭ ھېچنىمىنى كۆڭلى تارتمايتتى. شەرۋاننىڭ ئالدىدىكى مىۋە شەرۋان تۇتمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا بەكمۇ مەينەتتەك بىلىنەتتى. شۇڭا ئۇ چاينىمۇ ئوتلىماي ئولتۇردى. ئالدىغا قويۇلغان چايمۇ غەلىتە پۇراۋاتقاندەك، شەرۋاننىڭ تېنىدىكى پۇراق ئۇنىڭغا سىڭىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. لېكىن شەرۋان ئۇنىڭ قولىغا ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ تۇتقۇزۇپ قويماقچى بولۇۋېتىپ قەستەن يەرگە چۈشۈرىۋەتتى ئاندىن ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن گەۋدىسىنى پەسكە ئېگىۋىدى كۆكسى تېگىگىچە كۆرۈنۈپ قالدى. بۇنىڭغا قاراپلا قالغان قۇتلۇق ئېسىنى يىغىپ بولغىچە شەرۋان يەنە مەيدىسىنى خىجىل بولغان قىياپەتتە قولى بىلەن توستى. ئۇ بۇنداق ئىشلارغا نىمە دېگەن ئۇستا دەپ ئويلىدى قۇتلۇق، ئەگەر كۆرۈپ قالمىسۇن دېسە سىرتمىسىنى ئېتىۋەتسىلا بولاتتىغۇ.
قۇتلۇق ئۇنىڭ ئاشۇ ئاپپاق بەدىنىدە نىياز پاكار ۋە باشقا ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ھىدلارنىڭ بىر ئۆمۈر يۇيسىمۇ چىقماس بولۇپ ئورنىشىپ كەتكىنىنى تەسەۋۇر قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا كۈن كېلىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا بۇ ئايالنىڭ شەھۋىتىنى قوزغاتقىنىدىن ئۇنىڭغا مايىل بولماستىن نەپرەتلەندى، ھەتتا ئۆزىدە شەھۋەتنىڭ قوزغالغىنىغا ئۆزىگىمۇ غەزەپلەندى. ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ نىياز كەلگەندە كېلەي دەپ ئۆيدىن يېنىپ چىقتى. ئۇ نىيازنىڭ كېلىشىنى ئۇلارنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىدا كۈتۈپ ئولتۇردى. ئۇ بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا جايلىشىۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن، شەرۋاننىڭ شەھۋانىي پۇراقلىرى بىلەن تولغان ئۆپكىسىدىكى ھاۋانى يەڭگۈشلىۋېتىش ئۈچۈن تېز تېز نەپەس ئالدى.
ئۇ سىرتتا نىيازنى يېرىم كېچىگىچە ساقلىدى، سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا نىيازغا ھەم مۇھاپىزەتچىلىك قىلىدىغان ھەم ئۆيىگە قارايدىغان ھەم ئۆيدە ئاشپەزلىكمۇ قىلىدىغان ئېگىز بويلۇق كىشى كەلدى. قۇتلۇق ئۇنىڭدىن نىيازنىڭ نەدىلىكىنى سورىسا ئۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ نىيازنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ نىيازنى قوغدايتتى، بەلكىم نىياز يوق چاغلاردا شەرۋاننىمۇ قوغدىسا كېرەك. بىر مۇھاپىزەتچىنى كېچە كۈندۈز يېنىدىن ئايرىماسلىقمۇ نىياز ئۈچۈن ئاجايىپ ئابروي ئىدى. كىشىلەر بۇ مۇھاپىزەتچىنى تىلغا ئالسىلا:
- نىياز بۇ سادىق مۇھاپىزەتچىدىن بەكمۇ رازى، چۈنكى ئۇ نىيازنىڭ ھەممە ھاجىتىدىن چىقىدۇ. مۇشۇ مۇھاپىزەتچى بولمىسا شەرۋانمۇ نىيازنى تاشلاپ كەتكەن بولاتتى. كەلگۈسىدە ئۇ نىيازغا بالىمۇ تېپىپ بېرىدۇ دىيىشەتتى.
ئۇ كۈنى قۇتلۇق يېرىم كېچىگىچە ساقلىسىمۇ نىياز كەلمىدى. ئۇ ئۆيگە كەلگەندە يۇلتۇز ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئەتىسى يەنە ئەتىگەندە نىيازنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپمۇ تاپالمىدى، توختىماي ئۇ بېرىش ئېھتىمالى بار جايلارغا تېلفۇن ئۇراتتى. خۇددى تۇيۇقسىزلا يەر يۇتۇپ كەتكەندەك ھېچيەردە يوق بولۇپ چىقتى. ئۇ نىيازنىڭ ئىشخانىسىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز قايسى كۈنى ئۇنى ئۇچراتقان ماگىزىننىڭ ئاياللار ئىچ كىيىمى سېتىلىدىغان جايى ئېسىگە يەتتى دە يۈگرۈپ شۇ يەرگە باردى. نىياز دەل شۇ يەردە ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمىگە سەۋدايىلارچە تىكىلىپ تۇراتتى. قۇتلۇق بۇنى كۆرۈپ ھاڭتاڭ قالدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۇنى نىمىشقا ئاشۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغانلىقىغىمۇ ھەيران قالدى. نىياز قۇتلۇقنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
- ئاداشوي نىمىنداق تاپقىلى بولمايدۇ سېنى؟ – دەۋالنى نىياز قۇتلۇقتىن بالدۇرراق، - يا چاقىرغۇ ئاسمايدىكەنسەن. جېنىدا ھېلىقى سەرگەردان گۇڭگا شېئىرچى دوستۇڭمۇ چاقىرغۇ ئېلىپ بولدى. چىقىنالمىساڭ مەن بىرنى ئېلىپ بېرەي دىسەم يا ئۇنىمايسەن. سەن مۇشۇ چاقىرغۇ دەۋرىنى ياشىماي ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇڭ دە!... ھوي چىرايىڭ بۆلەكلىغۇ؟ نىمە بولدۇڭ؟
- ئاداش تۈنۈگۈندىن بېرى سېنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. ھېلىقى قەلەم ھەققىمنى بەرسەڭ بولاتتى، - دىدى قۇتلۇق ئاندىن بولغان ئەھۋالنى نىيازغا ئېيتىپ بەردى. نىياز بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
- ئۇ كىتاب ئىنتايىن ئېسىل بىر كىتاب. ئۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مەن ئۈچۈن ئەمەس سېنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن قوشقا تۆھپەڭ. بۇ سەن پۇل ئۈچۈن قىلغان ئىش ئەمەس، سەن ئاشۇ كىتاپ چىقىپلا كەتسە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر چوڭ تۆھپەم بولاتتى، بىرموچەن ئالمىساممۇ مەيلىتىم دىگەندەك قىلىۋاتاتتىڭغۇ.
قۇتلۇق ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي ھاڭتاڭ قالدى.
- نىياز چاقچاق قىلما. قەلەم ھەققىنى سەن بىلەن دىيىشىپ ئاندىن تەرجىمە قىلغانمەن، قەلەم ھەققىنى دىمىسەم ئۇنداق ئەخلەتنى تەرجىمە قىلىپ نىمە قىلاتتىم.
- ئەخلەت؟ سەن ئاشۇ كىتابنى ئەخلەت دەۋاتامسەن؟ ھەي ئۇ سېنىڭ ئەجرىڭ!... بوپتۇ سەن ئۆز ئەجرىڭنىڭ قەدرىگە يەتمىسەڭ مەن بىلىمەن قەدرىنى.
- ئۇ شۇڭا سېنىڭ نامىڭدا نەشىر قىلىندى.
- مەن بىلىمەن سەن ئۈچۈن ھەتتا نام ئاتاقمۇ كىرەك ئەمەس. مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن دەپ نام ئاتاقنىمۇ قوغلاشمىغان سەن…
- قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، قەلەم ھەققىمنى بەر! – ئۆزىنى تۇتالماي ۋارقىراپ تاشلىدى قۇتلۇق.
- سەن ئۇ چاغدا مەست بولۇپ قالغان ئوخشايسەن. ھەممەيلەن بار، سەن مۇشۇ كىتاپ نەشىر قىلىنىپ مىللىتىمگە مەنپەئەئەت يەتسىلا بولدى، بىر موچەن قەلەم ھەققى ئالمايمەن دىگەن. سېنىڭ مىللىي غۇرۇرۇڭ نەگە كەتتى.
نىياز مىللەت ھەققىدە يەنە بىرمۇنچە قۇرۇق گەپ سېتىۋىدى سەۋرىسى تۈگىگەن قۇتلۇق ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كۆتۈرىۋالدى.
- ھۇ ئىپلاس پاكار، مېنىڭ سىڭلىممۇ ئۇيغۇرغۇ!
نىياز يەردىن ئوتۈرۈلگەن پۇتلىرىنى تىپىرلىتىپ تۇرىشىغا ئاسماندىن ئۈڭەندەكلا نىيازنىڭ مۇھاپىزەتچىسى پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ بەلكىم نىياز بىلەن بىللە كېلىپ سىرتتا تۇرۇپ تۇرغان بولسا كېرەك. بايا كىرگەندە كۆزگە چېلىققاندەك قىلمىغان ئىدى. ئۇ كېلىپ نىيازنى قۇتلۇقنىڭ قولىدىن ئاجراتتى.
- نوچى بولساڭ سوتقا ئەرز قىل، - دىدى نىياز قۇتلۇقنىڭ سىقىشى بىلەن قان قاچقان بويۇنلىرىغا بىردىنلا قان تولۇپ كەتكەندەك قىزارغان ھالدا.
غەزەپتىن جالاقلاپ تىترىگەن قۇتلۇقنىڭ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى. ئەتراپقا ئادەملەر ئولاشقىلى تۇردى. ئۇ ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمى سېتىلىدىغان جايدا تۇرۇۋېلىپ نىياز بىلەن جىدەل قىلىشتىن نۇمۇس قىلىپ قالدى.
قۇتلۇق سوتقا كىرىپ ئەرىز سۇندى. سوت ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سوت ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلەڭەن قۇتلۇق سوت مەھكىمىسى ئالدىدىكى تۈۋرۈكنى قۇچاقلىغىنىچە كۆزلىرىدىن ياش تاراملىغان ھالدا نالە قىلدى:
- ئاھ، خۇدا!
ئەر كىشى ئۈچۈن كۆز ياش تۆكۈش نىمە دىگەن ئېغىر. قۇتلۇق سوت ئېچىلغىچە ساقلاپ تۇرالىغان بىلەن، يۇلتۇزنىڭ تېنىدىكى كېسەللىك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شورىغان يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك ئۇنىڭ نازۇك بەدىنىنى شوراپ قۇرۇتۇشتىن توختاپ قالمايدۇ دە.
قۇتلۇق كىچىك چاغلىرىدا دائىم يۇلتۇزغا چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزىنى چىن تۆمۈر باتۇرغا، سىڭلىسىنى مەختۇمسۇلاغا ئوخشىتاتتى. قۇتلۇقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانمۇ يۇلتۇزدىن باشقا بىراۋ يوق، يۇلتۇزنىڭ خالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغىمۇ قۇتلۇقتىن باشقا ھېچكىم يوق ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن يىللار چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلادەك بىر بىرىگە تايىنىپ، ئاتا ئانىسىز، يەككە يىگانە ياشىدى. لېكىن مانا ئەمدى يەتتە باشلىق يالماۋۇز سىڭلىسىنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتسا ئۇ ھېچنەرسە قىلالمايۋاتىدۇ.
- ئاكا مەن مەختۇمسۇلا.
- مەنچۇ؟
- سەن چىن تۆمۈر باتۇر.
- مەن چىن تۆمۈر باتۇر، يالماۋۇزلارنى ئۆلتۈرىمەن! تاقىراق، تاقىراق، تاقىراق، مانا ماۋۇ مېنىڭ ئارغىماق ئېتىم، ماۋۇ مېنىڭ مىسران قىلىچىم…
بۇ كارتىنىلار خۇددى غۇۋا بىر چۈشتەك ناھايىتى يىراقتا قالغان ئىدى.

مامكاپ يوللانغان ۋاقتى 2008-3-10 11:43:45

12
قۇتلۇق زۆھرەنىڭ ئائىلىكلەر بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەرىزىدىنلا زۆھرەنى چاقىرىپ چىقتى. ئۇ زۆھرەنى نىمىشقا ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بەلكىم دەرت تۆككىدەك ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوق بولغاچقا ئۇ پۇل ھەل قىلالمىسىمۇ قۇتلۇققا بىر نەچچە ئەغىز چىرايلىق گەپ قىلىپ تەسەللى بېرەلەيدۇ دەپ ئويلىغاندۇ، ياكى قانداق قىلىش ھەققىدە بىرەر مەسلىھەت بېرىدۇ دەپ ئويلىغاندۇ. زۆھرە قۇتلۇقنىڭ ئىنتايىن چۈشكۈنلەشكەن ۋە جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
- قۇتلۇق نىمە ئىش بولدى؟
- ئېغىر كېسەل...
قۇتلۇقنىڭ بوغىزىغا گېپى قاپلىشىپ ئۈزۈلۈپ قالدى.
- زادى نېمە ئىش بولدى، ئۆزىڭىزىنى توختىتېۋېئىلىپ گەپ قىلڭە قۇتلۇق.
- توينىڭ باغىقىنى تارقاتماي تۇرايلى، يۇلتۇز ئېغىر كېسەل بۇلۇپ قاپتۇ، داۋالاتمىساق بولمايدۇ.
زۆھرە چۆچۈچۈپ سورىدى:
-نېمە كېسەل؟
-ئاق قان كېسىلى.
يۇلتۇزنىڭ گېپى چىقسىلا چىرايى تۇتۇلىدىغان زۆھرە بۇ دۆرەم بىردىنلا ئىچى ئاغرىپ يۇلتۇز ئۈچۈن پۇچىلىنىپ كەتتى.
- ۋاي خۇدايىم، قانداق خىلدىكى ئاق قان كېسىلى؟
- يېتىلمىگەن دانچا ھۈجەيرىلىك دەمدۇ…بۇنىڭ قانداق كېسەللىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم….
- ھە مەن بۇ كېسەلنى ئاڭلىغان، بۇ كېسەلدىن ئانچە قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ، ۋاقتىدا داۋالانسا بولدىغۇ. بىزنىڭ بىر قوشنىمىز شۇنداق كېسەل بولۇپ قېلىپ ساقايغان. ھازىر ناھايتى ياخشىغۇ. بىراق پۇل جىق كېتىدۇ - دە. شۇنداقتىمۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرايلى.
زۆھرە قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ دەرھال قۇتلۇققا بېرىۋىدى قۇتلۇق ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى زۆھرە يۇلتۇزنى كۆز ئالدىدىكى پۇتلىكاشاڭ دەپ ئويلاپ يامان كۆرىدۇ دەپ ھېس قىلاتتى. قۇتلۇق ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ بېشىنى چاڭگاللاپ يول بويىدا ئولتۇرۇپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ تاشلىدى. زۆھرە كېلىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئېتىكىگە قويۇپ مەھرى بىلەن سىلىدى. قۇتلۇق ئىلگىرى ھەرقانداق يېقىنچىلىق قىلىشقاندا، سۆيۈشكەندىمۇ، قۇچاقلاشقاندىمۇ ھېس قىلمىغان بىر خىل ئىللىق سېزىمنى ھېس قىلىپ ۋۇجۇدى ئېرىپ كەتتى. بۇ سېزىم ئىنتايىن پاك، جىنسىي ئىستەك بىلەن بۇلغانمىغان شېرىن تۇيغۇ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى سۆيگەن قىزلىرىدىن چىراي جەھەتتە خېلىلا تۆۋەن بولغان زۆھرەدە كۈتكىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدى.
- يۈرۈڭ، يۇلتۇزنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشقا ھەركەتلىنەيلى. ئۇ ئۆزى بىلەمدۇ؟
- ئۈچ ئاي بۇرۇنلا بىلىدىكەن، بىراق ماڭا دېمەپتۇ... دوختۇرخانا 20 مىڭ يۈئەن تاپشۇر دەپتىكەن.
-نېمە؟ - زۆھرە چۆچۈپ كەتتى، - نىياز پاكار پۇلىڭىزنى بەردىمۇ؟
- سوتقا ئەرز قىلدىم، لىكىن سوتنى كۈتۈپ تۇرغىلى بولمايدۇ، باشقا يەردىن پۇل قەرىز ئالالىسام بولاتتى.
ئۇلار ھەر ئىككىسى يۈگۈرۈپ پالاقشىپ تونۇش بىلىشلىرىنى ئىزدەشتى. لېكىن ھېچكىم پۇل قەرز بېرىشكە ئۇنىمىدى. يۇلتۇز ئۆزلىرى ئولتۇرغان قورۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتۈپ قورۇنىڭ ئىشىكى تەرەپكە قاراپ كېلىۋېتىپ دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىكى تېلىفون بوتكىسىدا تېلىفون ئۇرىۋاتقان ئاكىسى قۇتلۇقنى كۆرۈپ قالدى. قۇتلۇق تېلفۇندا بىراۋدىن پۇل قەرز سوراۋاتاتتى:
- ئاداش، ئىككى - ئۈچ مىڭ كوي بولسىمۇ بىر ئامالىنى قىلىپ بەرسەڭ بولاتتى. ئويلاپ باقسام سەندىن باشقا پۇل سورىغىدەك بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن...ھازىر ئۈمىدىم سەندىلا قالدى.
قۇتلۇق سۆزلەۋېتىپ كەينىگە ئۆرۈرۈپ يۇلتۇزنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ يۇلتۇزنى كۆرۈپلا يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدى. باشقا ياققا قارىۋېلىپ بىردەم تېلفۇننى ئاڭلىغان بولۇپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تېلىفوننىڭ تورۇپكىسىنى قولى بىلەن ئېتىپ تۇرۇپ يۇلتۇزغا:
-ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېرىپتۇرغىن... – دىدى.
يۇلتۇز خىيالچان ھالدا مېڭىپ قورۇ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قۇتلۇق سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-بىلىمەن،ھازىرقى كۈندىمۇ بىرەر ئادەمدىن پۇل قەرز ئېلىپ تۇرغىلى بولمايىتتى شۇنداقتىمۇ مەن سېنى بېرىپ تۇرامدىكىن دەپ قاپتىمەن، كەچۈر دوستۇم...خەقتىكى قەرزىمنى ئالساملا قايتۇرۇپ بېرەتتىم.
قۇتلۇق ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا تورۇپكىنى قويدى. يىراقتىن بىنانىڭ تۈۋىگە بېرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغان يۇلتۇزنى كۆردى.
ئاشۇ كۈنى قۇتلۇقنىڭ پالاقشىپ بارمىغان يېرى، ئىزدىمىگەن ئادىمى قالمىدى. بىر ئاغىنىسى ئۇنىڭغا گوڭگا شېئىرچى ئاغىنىسىنى ئىزدەش تەكلىپىنى بەردى.
- ئۇنىڭدا پۇل يوقمىكىن دەيمەن، ئۆتكەندە بىزنىڭ ئۆيگە ئولتۇرۇشقا كەلگەندە ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەستەك قىلاتتىغۇ.
- ئۇ خېلى پۇل تاپتى. سەن ئۇنى نەچچە يىل ئۆيۈندە باققاندىكىن خەقتىن سورىماي شۇنىڭدىن سوراپ باقساڭ بولمامدۇ. ھەرقانچە بولسىمۇ بېرىپ تۇرار.
قۇتلۇق بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال گۇڭگا شېئىرچى دوستىنىڭ ئۆيىگە چاپتى.
قۇتلۇق ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا گەۋدىسىنىڭ يېرىمىنى ئىشىكتىن چىقىرىپ تۇرغان ئاغىينىسى بىلەن ئىشىك تۈۋىدىلا پاراڭلاشتى.
- قانچىلىك پۇل بولسا يېتەتتى؟
- بىرەلىگىنىڭچە قەرز بېرىپ تۇر.سىڭلىمنى دەرھال بالنىسقا ئالدۇرمىسام بولمايدۇ..
- ھەي ئېست، بۇ ساڭا نېمە كەلگۈلۈكتۇ ئاداش؟ – دىدى ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ، مەن ساڭا كۆپ ياردەم قىلالمايمەن. پەقەت ئۈچ - تۆت مىڭ يۈئەنلا بېرىپ تۇرالايمەن. پۇل بانكىدا ئىدى، مېنىڭ ئازراق ئىشلىرىم بار، يېرىم سائەتتىن كېيىن بانكىنىڭ ئالدىدا كۆرىشەيلى. سەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇر.
ئاغىينىسىنىڭ كۆچمە تېلىفونى جىرىڭلاپ، ئۇ سۆزلەشكەچ ئۆيگە ئارقىچىلاپ ياندى. قۇتلۇق ناھايىتى ئاز ئادەملەردىلا بولىدىغان كۆچمە تېلفۇننىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئاغىنىسىدىن راستىنلا ئۈمىد كۈتۈپ قالدى. چۈنكى نەچچە يۈز مىڭ يۈئەن پۇلى بولمىسا بۇنداق تېلفۇن كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى. ئاشۇ تېلفۇننىڭ ئۆزىمۇ سەككىز توققۇز مىڭ يۈئەن تۇرسا.
لېكىن قۇتلۇق بانكىنىڭ ئالدىدىكى پەشتاقتا ئولتۇرۇپ ئاغىينىسىنى ئۇ دىگەن چاققىچە ساقلىسا ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ بىتاقەت بولۇپ ئەتراپقا قارايتتى. ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئۈستىدىكى سائەت ئىستىرىلكىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. خۇددى بۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۇنى سىڭلىسى يۇلتۇزدىن تېزلىكتە يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى مەۋھۇم بىر كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرىۋېتىپ بارغاندەك، مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇشقا قاراپ تىنىمسىز سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك، سائەت ئىستىرىلكىسى خۇددى ئۆتكۈر بىر پىچاقتەك ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى قۇتلۇقىڭ يۈرىكىنى بىر قېتىم تىلىپ ئۆتەتتى. ئۇ سائەت ئىستىرىلكىسىغا قاراۋېرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي باشقا ياققا قارىۋالماقچى بولاتتىيۇ لېكىن سائەت ئىستىرىلكىسىدىن كۆزىنى يەنىلا ئۈزەلمەيتتى. بۈگۈن قەرىز ئېلىپ تۇرسا دوختۇرلار ئىشتىن چۈشكىچە دوختۇرخانىغا بېرىپ بولسا بولاتتى. يۇلتۇزنى ئاۋال ياتاققا ئالدۇرۇپ تۇرۇپ يەنە پۇلنىڭ ئېپىنى قىلسا، يۇلتۇز داۋالانغىچە سوتمۇ ئېچىلىپ نىيازدىن پۇلىنى ئالسا…
قۇتلۇق خىيالغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ خىياللىرىمۇ جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ مېڭىسى ئۈلگىرىپ بولالماي چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا دادىسى ياتقان قەبرىستانلىق كېلىۋالاتتى. يېزىنىڭ چېتىدىكى بۇ ئاددى قەبرىستانلىقتا قەبرە تاشلىرى ياكى قەۋرىنامىلەرمۇ يوق بولۇپ، زۇمچەك زۇمچەك قەبرىلەرمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى دۆۋە-دۆۋە توپىلاردىن شەكىللەڭەن بىر ئويمادوڭ جايدەكلا كۆرۈنەتتى.
قۇتلۇق دادىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان سىڭلىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ، ئېسەدەپ تۇرۇپ:
-بولدى، يىغلىما سىڭلىم، دادام ئۆلۈپ كەتسە مەن بارغۇ. مەن مەڭگۈ سېنىڭ يېنىڭدا، دېگەن ئىدى. يۇلتۇز ئاكا! دەپ يىغلاپ، بېشىنى قۇتلۇقنىڭ مۈرىسىگە قويغاندا ئۇنىڭ گەۋدىسى ئېسەدەشلەردىن تىنىمسىز تەۋرىنىپ قۇتلۇقنىڭ ۋۇجۇدىنىمۇ ئېغىر تەۋرەتكەن ئىدى. قۇتلۇق سىڭلىسىنىڭ گەۋدىسىنىڭ تىترەشلىرىدە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆز ئىچىدە، ھاياتلا بولسام ئەمدى ئۇنىڭ بۇنداق سىلكىنىشى مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، دەپ ئۆزىگە قەسەم قىلغان ئىدى.
قۇتلۇق كېيىن سىڭلىسىنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچىلىك غەمكىنلىك پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن پاي پىتەك بولدى، ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تېمىم ياش چىقارمىدى. يۇلتۇزمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئاكىسىغا تەمى ئېغىزدا قالغىدەك تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى. ئانىدىن كىچىككىنە قالغان بۇ قىزنىڭ تاماقنى قانداق قىلىپ ئاپىسىغا ئوخشاشلا تەملىك قىلىپ ئېتەلەيدىغان بولۇپ قالغىنى قۇتلۇقنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىن كېيىن بىر كۈنى ئۇ يۇلتۇزنىڭ چىرايىدا ئاز تولا غەمكىنلىكنى كۆرۈپ يۈرىكى قاتتىق ئېيچىشىپ ئۇنىڭدىن:
-يۇلتۇز، ئالىي، مەكتەپ ئىمتاھانىدا سەندىن تۆۋەنرەك نومۇر ئالغانلارغىمۇ چاقىرىق كېلىپ بولۇپتۇ. ساڭا نېمىشقا كەلمەيدۇ؟ بۈگۈن سەھەردىلا ئۆزۈم بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي جۇمۇ، - دىۋىدى، يۇلتۇز مەيۈس ھالدا بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا ئېيتتى:
-ماڭىمۇ كەلگەن.
-نېمە؟ - قۇتلۇقنىڭ كۆزلىرى چاقناپ خۇشھاللىقىدا سەكرەپ كەتتى، - نېمىشقا ماڭا بالدۇرراق دېمەيسەن؟
لېكىن يۇلتۇزنىڭ كەيپىيات يەنىلا كۆتۈرۈلمىدى، ئۇ گەپ قىلماي ئۆيگە كىرىپ چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ چىقتى. قۇتلۇق ئۇنى بەكلا تۆۋەن بىر مەكتەپكە ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدى، لىكىن قەغەزنى ئېلىپ قاراپ ئۇنىڭ مەشھۇر بىر مەكتەپتىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خوش بولۇپ كەتتى. لېكىن يۇلتۇز بوش پىچىرلاپ قويدى:
- بىر يىللىق ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن ئۈچ مىڭ يۈئەن تۆلەيدۇ دەپتۇ.
قۇتلۇقنىڭ چىرايىدىكى خۇشھاللىق ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ قالدى، لىكىن ئۇ يۇلتۇزنىڭ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغىنى كۆرۈپ دەررۇلا چاندۇرماي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى ۋە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئېيتتى:
- سىڭلىم، خاتىرجەم بول، يىتىم بولساڭمۇ ئاكاڭ سېنىڭ يېنىڭدا بار.
ئۇ يۇلتۇزنىڭ كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقارماسلىققا ئۆزىگە قەسەم قىلغان ئىدى. لىكىن ئاشۇ كۈنى يۇلتۇزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ چىقىۋېدى ئۇ ئۆزىنى يەرگە كىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى.
- يۇلتۇز بۇ پۇلنى مەن تاپالايمەن. بىلىسەنغۇ، مىنىڭ ھۇنەرلىرىن جىق. ۋىۋىسكىلارنى يازىمەن، پۇل كىلىدۇ. ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىمەن، كىشىلەرگە ئۇنۋانغا ماقالە يېزىپ بېرىمەن…
بانكىنىڭ ئالدىدىكى بىر كۈنلۈك ساقلاشنىڭ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى يول چىراقلىرىنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى يانغاندا قۇتلۇققا ئەسكەرتتى. شەھەرنىڭ كوچىلىرى بۇ قەدەر يورۇق بولغان بىلەن ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ تېخى ئىنتايىن زۇلمەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھېس قىلدى. دېمەك كىشىلەر ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە يەرنى چىراقلار بىلەن يورۇتۇپ، ئۆزلىرىنى ساختا نۇرانە قىلىشىدىكەن. يېنىپ تۇرىدۇ.
قۇتلۇق ئاخىرى ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق پۇل سوراش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى بەشىرىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن زەردە گۆش ھالدا ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىككە بېكىتىلگە مۈشۈككۆزنىڭ كىچىككىنە تۆشۈكىدىن ئۆي ئىچىدىكى چىراق نۇرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن چىراق نۇرى بىر نەرسە بىلەن توسۇلۇپ يەنە ئېچىلدى. قۇتلۇق بىراۋنىڭ مۈشۈككۆزدىن مارىلاپ قارىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئۆي ئىچىدىكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى. شىپىلدىغان ئاۋازدىن بىراۋنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كەينىگە يانغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ئۇ نىمىگىدۇر بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك تاراقشىپ كەتتى. ئاۋاز يوقاپ بىر ئازدىن كېيىن ئاغىينىسىنىڭ ئايالى چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئىشىكتىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئىشىكنىڭ قانىتىنى كەڭراق ئاچمايلا ئېيتتى:
- ھوي، سىلەر كۆرىشەلمىدىڭلارمۇ؟ باياتىن ئۇ سىزنىڭ كەينىڭىزدىنلا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كىرمىدى.
قۇتلۇق سولاشقان ھالدا كەينىگە ياندى.
قۇتلۇق ئاخىرى يۇرتداشلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى چوڭ بايلاردىن بىر نەچچىنى تېپىپ ئۇلاردىن پۇل قېرىز ئېلىپ تۇرۇش نىيىتىگە كېلىپ ئۇنىڭ يۇرتلۇقلىرى كۆپ چۈشىدىغان بىر مېھمانخانىغا باردى. ئۇ مېھمانخانىنىڭ باش مۇلازىمەت ئۈستىلى بار جايدىن مۇلازىمەتچىگە تىزىملىكنى ئېلىپ تونۇش ئىسىملارنى ئىزلەتكۈزدى. قارىسا ئۇ بىر مەھەللە ۋە تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسى بۇ مېھمانخانىدا ئىكەن.
قۇتلۇق ئىشىكنى چەككەندە ئۇنىڭ دادسىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىشكنى چىقىپ ئىشكنى ئاچتى. ئۇ قۇتلۇقنىڭ قولىنى ئىنتايىن قىزغىن سىقىپ قويۇپ بەرمەستىنلا ياتاق ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۈچ ئادەم مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ پۇل ساناۋاتقان بولسا كېرەك. ئوتتۇردىكى بىر رەخىتتە لىق بىر نەرسە يېپىپ قويۇلغان ئىدى. قۇتلۇق دەسلەپ ئۇنى يىمەكلىك بار داستىخان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدى. قۇتلۇق كىرىپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇلار كىرگۈچىنىڭ قۇتلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ ئوتتۇرىدىكى رەخىتنى ئاچتى. ئەسلىدە رەختتە لىق بىر دۆۋە پۇل بار ئىكەن. ئىشىك چېكىلىشى بىلەن تەڭلا ئۇلار پۇل ئۈستىگە قويۇلغان رەختنى يېپىۋېلىپ چاندۇرماي ئولتۇرىۋالغان بولسا كېرەك. ئۇلار قايتىدىن پۇللىرىنى ساناشقا باشلىدى. قۇتلۇق ئۆمرىدە بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ داستىخاندىكى پۇلنىڭ قانچىلىك ئەتراپتا بولىشىنىمۇ پەرەزمۇ قىلالمىدى. قۇتلۇقتا بىردىنلا ئۈمىد پەيدا بولۇپ، بوشاشقان تېنى قايتىدىن جانغا ئىگە بولغاندەك بولدى.
-قۇتلۇق ئۇكام،ئاتا-ئانىڭىز قازا قىلىپ كەتكەندىن بېرى يۇرت تەرەپكە بېرىپ قويايمۇ دېمىدىڭىز ھە؟ – پۇل ساناش ئارلىقىدا ئۇلاردىن بىرى ساناپ بولغان پۇلىنى بىر يانغا قويۇپ قەغەزگە يازغاچ سورىدى.
- بىر قېتىم باردىم.
- ئۇ يەردە ئاتا-ئانىسى بولمىسا، سىڭلىسىمۇ يېنىدا تۇرسا، خىزمەت بىلەن بېرىپ قالمىسا بارمايدۇ — دە، - دەپ قويۇپ بىر توپ پۇلنى ساناشقا باشلىدى يەنە بىرەيلەن.
ئۇلار يەنە بىر ھازا قۇتلۇقنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى:
- يۇلتۇز خىزمەتكە ئورۇنلاشتىمۇ؟
- قۇتلۇقۋاي سىلە نىمانچە ئورۇق،  زادىلا نان يىمەمسىلەن نىمە؟
- قۇتلۇقۋاينىڭ كاللىسىدا ئويلايدىغانلىرى جىق.
- قوۋۇزلىرى ئىچىگە كىرىشىپلا كېتىپتۇ.
- چوڭ شەھەرنىڭ ئادەملىرى سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدۇ…
-ئا...ئازدۇرىۋەتتىڭلار، گەپ قىلماي بىردەم تۇرۇڭلار. ھېلى ھېساب خاتا چىقىدۇ. دىدى بىرەيلەن نارازى بولۇپ.
ئۈچەيلەن بىردەم ئۈنسىز پۇل ساناش بىلەن بولۇپ كەتتى. قۇتلۇق تۇغقىنىنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپىسىغا ۋە سېمىزلىكتىن بوغۇم بوغۇم بولۇپ گۆشلىرى ساڭگىلاپ قالغان بويۇنلىرىغا قاراپ ئولتۇردى. بۇ ئادەم شۇنچە كۆپ پۇلغا ئىگە بولغىنى بىلەن تۇرقى يەنىلا نامرات ئىدى.
كىچىك چاغلىرىدا بۇ بىچارە باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا تۆت يىل ئوقۇپمۇ ئاخىرى ئىسمىنى يازالماي ئوقۇشتىن چېكىڭەن ئىدى. چاقىلار مىلىچلاپ كەتكەن باشلىرىغا سۈركەلگەن دورىلار ساپ سېرىق قېتىپ كەتكەن بولۇپ، كونىراپ رەڭگى ئۆڭۈپ قۆرلىرى ئۇپراپ يىرتىلغان جىيەكلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى. قۇتلۇقنىڭ دادىسى دائىم ئۇنىڭغا بۇ بىچارىنىڭ قاپقا لىق ئۇسۇلغان گەندىنى كۆتۈرەلمەي، ئېتىز قىرلىرىدا دەلدۈگىنىۋاتقان ھالىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىبرەت قىلىپ:
- سەنمۇ ياخشى ئوقۇمىساڭ ئاشۇلاردەك كامىناغا ئىشلەپ، ئېتىزغا پوق توشۇيسەن، - دەيتتى. شۇندىن كېيىن قۇتلۇق ئۇلاردەك كىچىككىنە تۇرۇپ ئوقۇشتىن قېلىپ ئېتىزلىققا گەندە توشۇيدىغان كۈڭە قېلىشتىن ئەنسىرەپلا جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ ئۈگەڭەن ئىدى. لېكىن ھازىرچۇ؟ ھازىر ئۇلار نەچچە يەردىكى بىنانىڭ ئېگىسى. پۇلىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بايلار. يۇرتتىمۇ ھەممە ئادەم شۇلارنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئۇلار ھەرقانداق سورۇندا تۆردە. شۇ تاپتا قۇتلۇق ئۇلاردەك بولىمەن دەپمۇ بولالمايتتى.
بىر ھازادىن كېيىن قۇتلۇق ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى. سودىگەر تۇغقىنى ئۇئىڭ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقىنىنى بايقاپ بېشىن كۆتۈرۈپ قارىشىغا قۇتلۇق ئۇنى سرتقا چىقىشقا شەرەت قىلدى، ئاندىن چىقىپ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇردى. ئۇ پۇللىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ بىردەمدىن كېيىن سىرتقا چىقتى ۋە \"ھە نېمە ئىش ئىدى؟\" دېگەندەك سوئال نەزىرى بىلەن قۇتلۇققا قارىدى.
- سىڭلىم يۇلتۇز ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندى. شۇنى داۋالىتىشقا پۇل كېرەك بولۇپ قالغان. بىر نەچچە مىڭ يۈئەن بېرىپ تۇرسىڭىز، ھازىر ئۇنى دوختۇرخانىغا بالنىستقا ئالدۇرىۋالسام ئاندىن ئامالىنى قىلىپ پۇلىڭىزنى بېرىۋېتەتتىم، - دىدى قۇتلۇق ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن ھالدا.
- ۋاي ئېسىت ئۇۋال بولۇپتۇ. يېتىمچىلىكتە دىلى سۇنۇق چوڭ بولغان بالىغا بۇ يەنە نېمە كەلگۈلۈكتۇ؟ – دىدى تۇققىنى ناھايىتى ئېچىنغان قىياپەتتە، - بېچارە يىتىمنىڭ ئەسلى بىز بېشىنى سىيلايدىغان يەردە ئىدۇق… پۇل بولسا تازا ياردەم قىلىدىغان ئىش ئىكەن. بۇنداق ئىشقا بېرىپ تۇرمىغان پۇلنى نىمە قىلىدۇ ئۇكام. لېكىن مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق. باياتىنقى پۇللار ئاۋۇلارنىڭ، مەن ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى چاقىرىپ بېرەي، شۇلاردىن سوراپ بېقىڭ. ئۇلارمۇ خۇلۇم خوشنىلا، ھە راست ئاۋۇ سەپۇللا سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىزغۇ.
قۇتلۇق نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بىر دەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمتسىزلەنگەن ھالدا بېشىنى لىڭىشىتتى. ھېلىقى ئادەم كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن يەنە بىرى چىقتى. بۇ قۇتلۇقنىڭ ساۋاقدىشى ئىدى. ئۇمۇ ئىلگىرى سودىغا چىققان چاغلىرىدا دائىم قۇتلۇقنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشقا خۇشتار ئىدى. كېيىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىمۇ، قۇتلۇقنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەز بولۇپ كەتكەن ئىدى. كېيىن قۇتلۇق باشقىلاردىن ئۇنىڭمۇ باي بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ چىقىپلا قۇتلۇقنى ئېغىز ئاچۇرماي دەرت تۆكۈپ كەتتى:
- ۋاي جېنىم ئاداش، يۇلتۇز كېسەلمىدى؟ نېمە بولغاندۇ بېچىگە؟ ھەممە كەلگۈلۈك سەن جاپاكەشكىلا كېلەمدىغاندۇ. ۋاي خۇدايىم. سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا مېنىڭ ئەھۋالىمنى تازا بىلمەيسەن، يېقىندىن بېرى بىر بىنا سالىمەن دەپ، قول يەتمىگەن نەرسىگە قولۇمنى ئوزۇتۇپ ساپتىكەنمەن قولۇم سۇندى. تازا ئوبدان مۆلچەرلىمەپتىكەنمەن. مەبلەغ يېتىشمەي قەرزدار بولۇپ كەتتىم دىگىنا، ئامال يوق. خاپا بولمايسەن. ئاۋۇ غېنى ھاجىممۇ سەن بىلەن ئورۇق-تۇغقان. شۇنىڭ چاقىرىپ قوياي سۆزلىشىپ باقە.
قۇتلۇق ئۇنىڭغا ئۈنسىز قاراپ قويدى. ئۇ كەينىگە يېنىپ كىرىپ كېتىپ، بىر ئازدىن كېيىن غېنىھاجىم چىقتى. قۇتلۇق بۇرنى شىرنىڭ بۇرنىغا ئوخشايدىغان بۇ ئادەمنىڭ پۇل بېرىپ تۇرىشىغا ئىشەنمىسىمۇ يەنىلا بىر ئاجىز ئۈمدتە ئۇنىڭغا بېچارىلەرچە قاراپ تۇردى.
-ۋاي ئۇكام، ھەجەپ بولۇپتۇ. يېنىمدا زادىلا پۇل يوق ئىدى. قانداق قىلارمىز ئەمدى؟ بىچارە يۇلتۇز نېمە بولغاندۇ؟ – دىدى غېنى ھاجىم.
قۇتلۇق ھەيران قالدى. بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر تاغار كەلگىدەك پۇلنى ئوتتۇرىغا دۆۋىلىۋېلىپ ساناۋاتقان بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ھېچقايسىدا پۇل يوقكەن.
ئۇ ئىنتايىن ئۈمتسىز ھالدا غېنى ھاجىمغا يېلىندى، ئۇ ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمىغىدەك ۋە ئۆزى ئۆمۈر بويى نومۇس قىلغۇدەك يېلىندى:
- ھاجىمكا، بىرەر يەردىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ بېرىپ تۇرسىڭىز بولاتتى، قانداق قىلارمەن ئۇ سىڭلىمنى؟ مېنىڭ دۇنيادا ئاشۇ بىرلا سىڭلىم بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمەم يوق…
شۇنداق ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا بىردىن-بىر خۇشھاللىق ۋە تەسەللىي ئاشۇ سىڭلىسىلا ئىدى. ئاشۇ سىڭلىسىغا قارىسىلا ھەممە دەرت، ھەممە جاپانى ئۇنتۇيالايتتى. بۇ ئالەمنى پەقەت ئاشۇ سىڭلىسىلا ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق ياشىشىغا سەۋەب بولالايتتى. ھاياتتىن بىزار بولماسلىققا، جېنىدىن تويۇپ كەتمەسلىككە پەقەت ئۇنىڭ سىڭلىسىلا باھانە ئىدى. سىرتلاردىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە ئاشۇ ئوماق سىڭلىسىنىڭ كۈلۈشى بىلەنلا تامامەن ھاردۇقى چىقاتتى. باشقىلاردىن ئازار يېگەن چاغلىرىدا ئۇنىڭ ئىللىق كۈلۈشلىرىنى كۆرگەندىلا بۇ دۇنيادا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسىلەرنڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى يادىغا ئالاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە دۇنيادىكى بىردىن بىر مەۋجۇت بولغان بۇ تەسەللىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەر ئالدىدا شۇنداق يېلىندى. ئۇ ئۈمتسىزلەنگەن ھالدا چاچلىرىنى بارماقلىرى ئارىسىغا ئېلىپ بېشىنى چاڭگاللىغان ھالدا يەردە زوڭلا ئولتۇرۇپ قالدى.
غېنى ھاجىمنىڭ ئاۋازى قاپاق ئىچىگە كىرىپ قالغان ھەرىنىڭ ئاۋازىدەك ئۇنىڭ مېڭىسى ئىچىدە ئەكس سادا ياڭرىتاتتى:
- بىرەرسىدىن قەرز ئېلىپ بېرەي دېسەم ھازىر ئادەملەر رەھىمسىز بولۇپ كەتتى. كىممۇ ماڭا قەرز بېرىپ تۇرار. خاپا بولماڭ ئۇكام.
                                 13
قۇتلۇق ئۆزىنى قاپقارانغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى بارلىق نەرسىلەر ئايلىنىپ، ئايلىنىپ، گاھ يېقىنلاپ، گاھ يىراقلاپ تېنىمسىز لەپەڭلەپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇراتتى. يۇلتۇزنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازى خۇددى باشقا بىر دۇنيادىن كېلىۋاتقاندەك بوش ۋە ئېچىنىشلىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
- ئاكا!... ئاكا!... ئاكا!...
ئاۋاز بارا-بارا كۈچىيىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە قۇتلۇق چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرمۇ ئايلىنىشتىن توختاپ غايىپ بولدى.
قۇتلۇق ئويغىنىپلا يۇلتۇزنى ئىزدىدى، ئۇ ئۆي ئىچىدە كۆرۈنمەيتتى. ئاخشام ئۇ پۇل تاپىمەن دەپ يۈگرۈپ يۈرۈپ بەك ۋاقچى قايتقان بولغاچقا يۇلتۇزنى ئويغىتىۋەتمەي كىرىپ غىپپىدە يېتىۋالغان ئىدى. ئۇ چاقىرىپ باقتى:
- يۇلتۇز...يۇلتۇز.
ئاۋاز چىقمىدى. قۇتلۇقنىڭ يۈرىكى بىردىنلا قاتتىق سېلىپ كەتتى. ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ يۇلتۇزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارىدى. يۇلتۇز ئۆي ئىچىدىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قۇتلۇق ئۇنىڭ رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قويۇلغان كارىۋىتىغا قاراپ ئىچىگە بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن بېرىپ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ تۆۋەنگە قارىدى. تۆۋەندە بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيداندا تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان يۇلتۇز چېنىقىۋاتاتتى.
قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ شۇ تاپتا تىترەپ ئاران تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ساق كۆرسىتىش ئۈچۈن چىشىنى چىشىغا چىشلەپ سەھەر تۇرۇپ چېنىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
- قارا ئاكا، مانا مەن ساپساق دېسەم ئىشەنمەيسەن، ئازراق زۇكام تېگىپتۇ. توينىڭ باغاقلىرىنى ماڭا بەر ئۆزۈملا تارقىتىۋېتەي، - دىدى يۇلتۇز بىنادىن چىقىپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان قۇتلۇققا. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قۇتلۇققا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. قۇتلۇق يىغىدىن ئۆزىنى ئاران  توختىتىۋېلىپ كۈلۈمسىرىدى.
- توي سەل كېچىكىدىغان ئوخشايدۇ، - دىدى قۇتلۇق ئاۋازىنى قىينىلىپ تۇرۇپ ئاران چىقىرىپ.
- نېمىشقا؟
قۇتلۇق لەۋلىرى تىتىرەپ جاۋاپ بېرەلمەي بىر نەرسىنى ئىزدىگەن بولۇپ، باشقا ياققا قارىۋالدى. ئۇ داۋاملىق چاندۇرماسلىق ئۇچۈن تاماكىدىن بىرنى ئاغزىغا سالدى دە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسىدىن شەرەت بىلەن چاقماق سورىدى. كەيپىياتىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ئارقىغا ئۆرۈپۈل قارىسا يۇلتۇز يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ، شۇندىلا ئۇ كۆڭلۈمنىڭ بۇزۇلغانلىقىم چانماپتۇ دەپ ئويلىدى. يۇلتۇز كۈلۈمسىرىگىنى بىلەن بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كۈلۈمسىرەشلىرىگە ئوخشىمايتتى. كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ تاتىراڭغۇ چىرايىنى تېخىمۇ تاتىراڭغۇ قىلىپ كۆرسىتەتتى.
- ئاخشام بىرسىگە تېلفۇندا پۇلنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتاتتىڭ، خەقلەردىن پۇل قەرز ئىزدەۋاتامسەن؟
قۇتلۇق ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈلۈپ جاۋاپ بەردى:
- توينى قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلاي دەيمەن. ئازراق قەرز ئالسام ھېچنەرسە بولماس.
زۆھرە ئەتىگەندە كەلمەكچى ئىدى. ئۇ بىرەركىمدىن ئازراق پۇل قەرز ئالالىغان بولسا، يۇلتۇزنى بالىنستقا ئالدۇرۇپ تۇرساق بولاتتى دەپ ئويلايتتى ئۇ ۋە ئىچىدە خۇدانى توختىماي يادلاپ شۇنداق بولىشىنى تىلەيتتى. زۆھرەنىڭ يۇلتۇزنىڭ كېسىلىنى ئاڭلاپ دەرھال زىبۇ زىننەتلىرىنى قۇتلۇققا بېرىپ ئۇنى سېتىپ پۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرگىنى قۇتلۇقنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى زۆھرەنى بۇنچىۋالا مېھرىبان دەپ ئويلىمايتتى. ئۇ ھەتتا يۇلتۇزنىڭ كېسەل بولۇپ قالغىنىنى زۆھرە ئاڭلىسا توينىڭ يەنە كەينىگە سۈرۈلگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ يۇلتۇزغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدى.
قۇتلۇق دەسلەپ زۆھرەنى توي قىلىشقا مۇۋاپىق كەلگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولغاچقىلا ئىلاجىسىز توي قىلىش نىشانى قىلغان ئىدى. بەزىدە ئەرلەر ئاياللارنىڭ چىرايىدىن كىچىككىنە بىر ئالاھىدىلىكنى ياخشى كۆرۈپمۇ قوغلىشىشى مۇمكىن، مەسىلەن كۈلگەندىكى زىنىقى ياكى ئوغرى چىشى ۋە ياكى قاراشلىرى… زۆھرەنى چارايلىق دىگىلى بولمايتتى، ھەتتا چىرايىدا ئەرلەرنى جەلب قىلغۇدەك بىرەر ئالاھىدىلىكمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئىلگىرى قۇتلۇقتا زۆھرەگە نىسبەتەن ھەقىقىي مۇھەببەت تۇيغۇسى يوق ئىدى، ھېچ بولمىغاندا رېسالەتكە بولغاندەك بىر خىل ئوتتەك قىزغىنلىق يوق ئىدى. لېكىن زۆھرە يۇلتۇزنىڭ كېسىلىنى ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئالغاندىن كېيىنلا قەيداش ۋە خاپىلىق بىلەنلا ئەمەس مېھرى مۇھەببەت بىلەنمۇ ياش ئالالايدىغان بۇ كۆز قۇتلۇققا باشقىچە كۆرۈنۈپ كەتتى. باشقىلارنىڭ رەھىمسىزلىكى يۈرىكىگە سانچىلغان چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ زۆھرەنىڭ كۆزلىرىنى سېغىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ھەيران قالدى.
قۇتلۇق ئۆيگە قايتىپ كىرىپ بېشىنى سالغىنىچە كۆزلىرىدە ياش زۆھرەنى ساقلاپ ئولتۇرسا يۇلتۇز چېنىقىشنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كىردى. قۇتلۇق ئۇنىڭ شەپىسى ئاڭلىنىش بىلەنلا دەرھال كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرۈتۈپ كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇردى.
يۇلتۇز ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. قۇتلۇق بىردىنلا يۇلتۇزنىڭ بېلىكىدىكى كۆك چۈشۈپ قالغان جاينى كۆرۈپ قالدى. بۇ يەر ئىششىق ياكى يارا بولمىسىمۇ خېلىلا دىققەتنى تارتقۇدەك كۆك ئىدى. ئاكىسىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان يۇلتۇز دەرھال يېڭىنى پەسرەك قىلىپ چۈشىرىۋالدى.
- ئەكىلە بېلىكىڭنى كۆرۈپ باقاي، - دىدى قۇتلۇق تىترىگەن ئاۋازدا.
يۇلتۇز بېلىكىنى چىقارغىلى ئۇنىماي:
- ھېچقىسى يوق، ئاكا. تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتۈم، - دەپ قويدى.
قۇتلۇق ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ ئېچىپ كۆردىۋىدى يۇلتۇزنىڭ بىلىكى كۆك بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق جىددىيلىشىپ يەنە بىر بىلىكىگىمۇ قارىدى، ئۇ بېلەكتىمۇ كۆكىرىپ قالغان جايلار كۆپ ئىدى.
بۇنى كۆرۈپ جىددىيلەشكەن قۇتلۇقنىڭ پېشانىسىدىن سوغۇق تەر قۇيۇلدى:
-نېمە كۆك چۈشكەن جايلار بۇ؟!
يۇلتۇز راستلا كۈلىۋاتقاندەكلا كۈلۈپ تۇرۇپ دىدى:
- ئاغرىمايدۇ. چېنىقىمەن دەپ شۇنداق بولغان.
- چېنىققانغا شۇنچە كۆپ يەر كۆكىرىپ قالامدۇ؟
ئۇلار بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى.
- ئاكا، - دىدى يۇلتۇز گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغاندەك، - مەن ساڭا ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنى دەپ بېرەي. چۈشۈمدە دادام بىلەن ئاپامنى كۆرۈپتىمەن. ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا بىر دەريا تۇرغىدەك. ئۇلار دەريانىڭ ئۇ قېتىدا تۇرغىدەك ماڭا ھەدەپ بۇياققا كەل دەپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقىدەك. مەن دەريادىن ئۆتمەكچى بولىۋاتسام ئويغىنىپ كەتتىم. مەن بۇنداق چۈشنى كۆرگىلى بىرنەچچە قېتىم بولدى. ھەر قېتىم ئۇلار تەرەپكە ئۈزۈپ ئۆتۈشكە تەمشىلىمەن، بىراق ئۆتمەي تۇرۇپ ئويغىنىپ كېتىمەن. بىر كۈنى ئۇلار تەرەپكە راستىنلا ئۆتۈپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەم دەيمەن. چۈشۈمدە ئۇلار بەكمۇ يىراق ھەم غۇۋا كۆرۈنىدۇ يېقىن بارسام ئۇلارنى ئوچۇقراق خۇددى رېئاللىقتىكىدەك كۆرەلىگەن بولسام قانچە ياخشى بولاتتى ھە! شۇنداقمۇ ئاكا؟
يۇلتۇز شوخلۇق بىلەن ئاكىسىغا كۈلۈپ قارىدى، لېكىن ئۇنىڭ گەپنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن قىلغان بۇ گېپى قۇتلۇقنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىۋەتمەكتە ئىدى.
شۇچاغدا ئىشىك ئېچىلىپ زۆھرە ھاسىراپ كىرىپ كەلدى. زۆھرە سومكىسىدىن بىر بولاق پۇل ئېلىپ قۇتلۇققا سۇندى.
- دەرھال دوختۇرخانىغا بارايلى. دادامنىڭ دوختۇرخانىدا بىر تونۇشى باركەن، شۇ ئازراق پۇل تۆلەپ تۇرساق ئاۋال ياتاققا ئېلىپ، تەكشۈرتۈپ داۋالاشنى باشلاپ تۇرىدىغان بولدى. ھازىرچە مېنىڭ مۇئاشىمدىن تويغا دەپ يىققىنىم بىلەن سىزدە بارنى قوشساق ئون مىڭ يۈئەڭە يېقىن بولىدىكەن، شۇنى تۆلەپ تۇرايلى. قالغىنىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ئامالىنى قىلارمىز.
قۇتلۇقنىڭ كۆزلىرى چاقناپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى:
- يۈر يۇلتۇز دوختۇرغا.
    - نېمىشقا؟ مەن ساپ - ساق تۇرمامدىم… ياق، مەن بارمايمەن. نېمە قىلسىلەر ئۇنچە كۆپ پۇلنى؟!
- يۇلتۇز بۇ پۇلنى سىزنى داۋالىتىمىز دەپ تەستە تاپتۇق، - دېدى زۆھرە، - يۈرۈڭ دەرھال دوختۇرخانىغا بارايلى! كېسىلڭىزدىن بالدۇرراق خەۋەردار بولغان بولساق تېزراق ساقىيىپ كېتەتتىڭىز.
يۇلرتۇز كۈلدى:
- سىلەر چاقچاق قىلۋاتامسىلەر، مەن ساپ-ساق تۇرمامدىم. ھە… سىلەر ئەسلىدە مېنى دەپ توينى كېچىكتۈرۈپتىكەنسىلەردە! بولدى، مەن ئۈچۈن ئەمدى بەرىبىر، ھاجىتى يوق…تويۇڭلارنى قىلىۋەرسەڭلار بولاتتى، ئاكا، ئاچا، مەن سىلەرنىڭ مېنى دەپ كىشلەردىن قەرز سوراپ ئۆمۈر بويى قەرزىدار بۇلۇپ ئۆتۈشۈڭلارنى خالىمايمەن. مەن كىسەل ئازابىنى تارتساممۇ مەيلى، بىراق سىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر كىشلەرگە قەرزىدار بۇلۇپ، جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە قېلىشىڭلارغا قاراپ تۇرۇشتەك ئازابنى زادىلا تارتالمايمەن.
يۇلتۇز ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى:
- كۆرمىدىڭلارمۇ؟ مەن ساپ - ساق تۇرمامدىم، مەن بىنانىڭ ئالدىغا چنققىلى چىقىمەن. مەن ئوڭشىلىپ قالىمەن، سىلەر مەسلىھەت قىلىپ دەرھال توينى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭلار، تويۇڭلارنى مېنى ئوينىۋالمىسۇن دەۋاتامسىلەر يا؟
يۇلتۇز شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ چاقچاق قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قۇتلۇق بىلەن زۆھرە بىردىنلا ئۆزىنى تۇتالماي ھۆركىرەپ يىغلاپ تاشلىدى.
    ئۇلار يىغىسىنى توختىتىپ ئارقىدىن چىققىچە يۇلتۇز قاتتىق ھاسىراپ ئاستا قەدەم ئېلىپ پەلەمپەيدىن چۈشتى. ئۇ پات - پات پەلەمپەينىڭ رىشاتكىسىغا تاينىۋالاتتى، دەل شۇچاغدا كېسەل ئۇنىڭ بەدىنىگە خۇددى سەلدەك زەرب بىلەن بىر قاپساپ كېلىپ ئۇنى تۈگۈلدۈرىۋەتتى. ئۇ ئاخىر بولالماي پەلەمپەيدە ئولتۇرىۋالدى.
     قۇتلۇق بىلەن زۆھرە يىغىدىن توختاپ، كەيپىياتىنى سەل تۇراقلاشتۇرۇپ ئارقىدىن چىققاندا يۇلتۇز بىنادىن چىقىپ، مەيداندىكى تورنىكنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇلار يۇلتۇزنىڭ دەلدۈگىنىۋاتقىنى كۆردى. يۇلتۇز بېشى قايغاندەك بۇلۇپ بېشىنى چاڭگاللىۋالغان ئىدى، بۇنى كۆرۈپ قۇتلۇق يۈگرۈپ بارغىچە يۇلتۇز بېشىنى تۇتۇپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.
يۇلتۇزغا ئەتراپ بارا-بارا غۇۋالىشىپ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. قاراڭغۇلۇق سىرتىدا ئاڭلانغان قۇتلۇق ئاۋازى بارغانسېرى يىراقلىشىپ غايىپ بولدى:
- يۇلتۇز!...يۇلتۇز!... يۇلتۇز كۆزۈڭنى ئاچ... ۋاي جېنىم سىڭلىم، كۆزۈڭنى ئاچقىنە! سېنى ئاخىر دوختۇرغا ئېلىپ كەلدىم مانا!... يۇلتۇز! يۇلتۇز!...

مامكاپ يوللانغان ۋاقتى 2008-3-10 11:45:13

14       
تېزلىكتە ئۆتۈشۈپ تۇرغان دوختۇرخاننىڭ ئاپپاق تورۇسىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ بارا-بارا روشەنلەشكەندىلا يۇلتۇز ئۆزىنىڭ دوختۇرخانا كارىدورىدا ھارۋىدا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئاندىن ئۇ ئاكىسى بىلەن زۆھرەنىڭ يۈزلىرىنى كۆردى. ئۇ ئاكىسىنىڭ تويىغا سوغا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ قويغان ئېلېكترونلۇق لۇغەتنى بىر يەرگە چۈشۈپ قالمىغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدى. ئۇنى كۈندە سېلىپ ساقلاپ يۈرگەن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ باقاي دېسە ماغدۇرسىز قولىنى مىدىرلىتالمىدى. ئۇنىڭ بەدىنى قولاشقان بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈك تۇيغۇسىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بەدىنىڭ ئاغرىقىغىمۇ كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى. دەسلەپ ئاغرىغاندا ئۇنى خۇددى تۇيۇقسىز بىر نەرسنىڭ ئۇرۇلۇپ كېتىشى ياكى يارىلاندۇرىشى بىلەن بولغان ئاغرىقتەك، قاتتىق بىر نەچچىنى تىنىۋالغاندىن كېيىن توختايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، لىكىن ئۇ جاھىل ئاغرىق زادىلا توختاي دېمىدى. ئاخىرى ئۇ بۇ ئاغرىقنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندى.
قۇتلۇق بىلەن زۆھرە پالاقشىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى تەستە يۇلتۇزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. قۇتلۇق دوختۇرغا تېزراق تەكشۈرۈپ داۋالاشنى باشلاشنى ئۆتۈنۈپ يېلىندى.
ئەتىسى دوختۇر ئەكس نۇرى بىلەن تارتىلغان رەسىمنى يورۇقلۇققا تۇتۇپ قارىغاندىن كېيىن قۇتلۇققا ئېيىپلەش نەزىرى بىلەن قاراپ دېدى:
- قاندىكى بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بەكمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ. ئۆپكە ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىپتۇ. ئاشقازاندىكى يۇقۇملىنىشنىمۇ يىنىك دىگىلى بولمايدۇ. بەكمۇ كېچىكىپ كېتىپسىلەر.
- دوختۇر ئۇ تېخى كىچىك، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى. ئۇ يىتىمچىلىكتە ھېچنەرسىنىڭ راھىتى كۆرمىگەن… دوختۇر ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزۇۋېلىش لازىم… نەچچە پۇل كەتسە مەيلى، دۇنيانىڭ قەيىرىدە داۋا بولسا شۇ يەرگە ئاپىراي…
- ئۆزەڭنى تۇتىۋال، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىئىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى، سىلەرنىڭ تاپشۇرغان پۇلۇڭلار ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ، ئاۋال پۇلنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇڭلار.
     - پەقەت سىڭلىم ساقايسىلا مەن بۆرىكىمنى، يۈرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ پۇل تاپىمەن…
     چىرايى ئاقىرىپ لەۋلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن يۇلتۇز كېسەل كارۋىتىدا ئاسما ئوكۇل ئۇردۇرۇپ ياتىدۇ. ئۇ بۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ، كىرىپ كېلىۋاتقان قۇتلۇقنى كۆردى.
     - ئاكا، دوختۇر نىمە دەيدۇ؟ … ئانچە چوڭ مەسىلە يوق، شۇنداقمۇ؟
     - ھەئە، شۇنداق.
     قۇتلۇق كۆزىگە ياش كېلىپ باشقا ياققا قارىۋالدى، ئاندىن ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
     - باشقا ئىش يوقكەن، پەقەت ئۆپكەڭ بىر ئاز شامالداپتۇ. بىر مەزگىل داۋالانسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيدۇ، خاتىرجەم داۋالانغىن.
     - ئاكا، مەن دوختۇرخانىدا ياتماي، ئۆيدە تۇرۇپ داۋالانساممۇ ياخشى بولۇپ كېتەتتىم.
     - ياق ئۇكام، دوختۇرخانىدا داۋالاش تەل تۆكۈس بولۇپ كەتسۇن…
     قۇتلۇق يەنە بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولۇپ گېپىنى تاپالماي قالدى دە:
- مەن ئىشخانىغا بېرىپ باقاي، نەچچە كۈن بولۇپ كەتتى، باشلىقىمىز تىللاپ كەتمىسۇن، - دەپ چىقىپ كەتتى.
يۇلتۇز ئۇ چىقىپ كەتكىچە ئاغزىنى مىدىرلاتتى، بىراق ئاغزىدىن گەپ چىقماي قالدى. ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازى بىلەن تاڭلا يوتقاننى يۈزىگە يېپىۋالدى. يۇلتۇزنىڭ ئىسەدەشلىرىدىن يوتقان خېلى ئۇزاققىچە تەۋرىنىپ تۇردى.
     قۇتلۇق كارىدۇرغا چىقىپلا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ تىكەندەك ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىنىڭ ئارىسىدا ياش ساقاللارغا ئىلىنىپ توختاپ قېلىپ ئارقىدىنلا ئۈزۈلمەي سىرغىشقا باشلىدى. ئۇ يىغلىغاندا ئاۋازىنى چىقارماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىشلەپ قەدەملىرىنى تېزلەتتى.
      دوختۇرخانىغا تۆلىگەن پۇل بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا تۈگىشى مۇمكىن، قۇتلۇقنىڭ پۈتكۈل ئۈمىدى سوتتىلا قالغان ئىدى.
     ئەتىسى سوت ئېچىلدى.
نىياز سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا قۇتلۇقنى كۆرۈپ كىچىككىنە بېشىنى تىك تۇتۇپ غادايغىنىچە ھومۇيۇپ قويۇپ زالغا قۇتلۇقنىڭ ئالدىدا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا قۇتلۇق ئارقىلىق تونۇشۇپ قالغان بىر ئاغىنىسىمۇ تۇراتتى. ئۇ قۇتلۇقنى كۆرۈپ نىمە قىلىشنى بىلەلمىگەندەك ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە نىياز بىلەن بىللە كىرىپ كەتتى. قۇتلۇق ۋاقتنىڭ توشۇپ قېلىۋاتقىنىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كېينىدىنلا كىردى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ئۇنىڭ بىر مۇنچە دوستلىرىمۇ كەلگەن ئىدى. دەسلەپ قۇتلۇق ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇلار ھەممىسى كىتابنى مېنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمنى بىلىدۇ، شۇڭا ۋىجدانى قايناپ، بۇ يەرگە گۇۋاھلىق بەرگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دىگەن خىيال كاللىسىدىن يالتتىدە كېسىپ ئۆتتى. لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىياز بىلەن بىر رەتتە ئولتۇراتتى، بۇنى كۆرۈپ ئۇ نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قالغان ئىدى. سوت باشلانغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ نىمىشقا كەلگىنىنى بىلدى.
سوتتا سوتنىڭ تەرتىپى قاتارلىقلار بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، قۇتلۇقنىڭ ئەرزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. قۇتلۇقنىڭ ئەرزى ئوقۇلىۋاتقاندا نىيازنىڭ چىرايلىرى پۈرلىشىپ، كىچىككىنە بۇرۇنلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قاڭشىرى تۈرىلىپ ئۇنىڭ يۈزى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك بولاتتى. ئارقىدىن نىيازنىڭ چىرايىدا ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن سۇس بولغان بىر ئادۋۇكاتى نىيازنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ كىتابنى نىياز تەرجىمە قىلغان دىگەن گېپى قۇتلۇقنى تېخىمۇ ھاڭ تاڭ قالدۇردى. سوتچى پاكىت تەلەپ قىلغاندا ئۇ بىر قۇچاق ئورگىنال قەغىزىنى ئېلىپ بېرىپ سوتچىنىڭ ئالدىغا قويدى.
- مانا بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئورگىنالى، بۇنى تېخى تۈنۈگۈنلا نەشرىياتتىن ئېلىپ چىقتۇق. بۇنىڭدىكى ھەربىر ھەرىپ نىياز ئەپەندىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە بۇ قەغەز يۈزىگە ئاپىرىدە بولغان، - دىدى ئۇ نوتۇق سۆزلىگەندەك ياسالما ئەدەبىي تىل بىلەن.
سوتچى ئورگىنالغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئەتراپتىكىلەرگە ئېيتتى:
- نىيازنىڭ پوچۇركىسىنى تونۇيدىغانلار بولسا چىقىپ بۇ ئورگىئانلنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى بىر نەچچەيلەن چىقىپ ئورگىنالنى ھەقىقەتەنمۇ نىيازنىڭ دەپ ئىسپاتلىدى. قۇتلۇق قايمۇققان ھالدا ئالدىغا بېرىپ قارىسا شۇنچە كۆپ ئورگىنالدىكى خەتنىڭ ھەممىسى نىيازنىڭ ئىدى. شۇنچە كۆپ نەرسىنى نىياز بىر قېتىم ئېرىنمەي كۆچۈرۈپ چىققان ئىدى.
- سېنىڭ ئورگىنالىڭ بار بولسا پاكىت قىلىپ ئەمدى كۆرسەتسەڭ بولىدۇ، - دىدى نىيازنى ئىزچىل سىزلەپ گەپ قىلغان دىلشات ئىسىملىك بۇ سوتچى قۇتلۇقنى سەنلەپ.
قۇتلۇق خۇددى سېھىرلەڭەندەك قېتىپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى تەرجىمىنىڭ ئورگىنالىنى قۇتلۇق بىر بەتنى قىلىپ بولسا بىر بەتنى، ئىككى بەتنى قىلىپ بولسا ئىككى بەتنى نىياز كۆرگەچ تۇراي دەپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
سوتچى ئۇنىڭ گەپ قىلالمىغىنى كۆرۈپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن غالىبانە خىتاب قىلدى:
- سېنىڭ ئۇ كىتابنى مەن تەرجىمە قىلغان دەيدىغانغا باشقا ئىسپاتىڭ بارمۇ؟
قۇتلۇق نىياز بىلەن تۈزۈشكەن توختامنى ئېلىپ چىقىپ سوتچىغا تاپشۇردى. سوتچى توختامغا بىرقۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن توختامنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى. شۇچاغدا نىيازنىڭ غوجىكاسى سايراپ ئۇ دەرھال ئۇنى ئالدى:
- ۋەي، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ھە… مەنمۇ ياخشى تۇردۇم…مەن ھازىر پويىز ئىستانسىسىدا…ھە…ھە…مەن كېيىن بىكار بولغاندا سىزگە چاقىرغۇ قىلاي…
ھەممەيلەن كىچىككىنە قوللىرىدا يوغان يۆتكەلمە تېلفۇننى كۆتۈرىۋالغان نىيازغا ھەۋەس بىلەن قاراشتى، قۇتلۇقمۇ ئۇنىڭغا قاراپلا قالدى. شۇتاپ جاۋابكار بولغۇچى نىياز ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىنتايىن بىخارامان، ئەكسىچە قۇتلۇقنىڭ كەيپىياتى خۇددى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندەك مەھكۇم ۋە ئۈمىدسىز ئىدى.
سوت جەريانىدا ھەممىڭلار چاقىرغۇ ۋە يۆتكەلمە تېلفۇنلارنى ئېتىۋېتىڭلار، - دېدى سوتچى نىيازغا ئەركىلەش ئاھاڭىدا، ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشى قانداقتۇر نىيازنى تېلفۇننى ئەتكۈزىۋېتىش ئەمەس، بەلكى نىيازنىڭ يۆتكەلمە تېلىفۇنى بارلىقىنى بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشتەك قىلاتتى. شۇتاپتا نىياز قۇتلۇققىمۇ ئاجايىپ سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتتى. نىيازنىڭ يۈزلىرى خۇددى ئاتەشتەك يالتىراپ، ھاياتىي كۈچ ۋە ياشلىق جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. يا ئىچكەن ھارىقىغا، يا كېچىچە ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن زىياپىتىگە چىرايى پۈرلەشمەيتتى. كېچىچە ھاراق ئىچسە ئەتىگەندە يەنىلا يۈزلىرى قىپ قىزىل ئورنىدىن تۇرىدۇ. قۇتلۇق بولسا بىر كېچە ئۇخلىماي ئىشلىسە ھارغىنلىق ئۇنىڭ چىرايلىرىغا سالغان قورۇقلار بىر نەچچە كۈڭىچە يوقالمايدۇ.
نىيازنىڭ ئادۋۇكاتى بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ، بېرىپ توختامنى كۆردى، ئاندىن دەرھال يانچۇقىدىن بىر گېزىتنى چىقاردى ۋە گېزىتنى سوتچىغا ئۇزاتتى:
- بۇ گېزىتتە بىز بۇ توختامدىكى تامغىنى ئىناۋەتسىز دەپ بىر يىل ئىلگىرىلا ئېلان چىقارغان ئىدۇق. بۇ ئىناۋەتسىز تامغا قانداق بولۇپ قۇتلۇقنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى بۇنى بىلمەيمىز. مېنىڭچە بۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.
- قۇتلۇق بىلەن مەن ئۇزاق يىللىق دوست، بوپتۇ شۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۇنى سۈرۈشتۈرمەيلى،- دىدى نىياز راستلا سۆزلەۋاتقاندەك قىيائوپەتتە.
ھەممەيلەن كىتابنى نىيازنىڭ تەرجىمە قىلغىنىغا گۇۋاھلىق بەردى. قۇتلۇق ئاشۇ دوستلىرىنىڭ چىرايىغا بىر قۇر قاراپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا گۇۋاھلىق بەرگەن بىلەن قۇتلۇققا تۈز قارىيالمىدى. قۇتلۇق ئۇنىڭغا پەقەت ئۇنۋان ئۈچۈن بىرنەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ بەرگەن ئىدى. ھېلىقى بىرنەچچە يىل قۇتلۇققا پارازىتتەك چاپلاشقان شائىر بولسا مەسخىرە بىلەن قۇتلۇقنىڭ كۆزىگىلا قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىقىدىن ئۇ ئەمەس بەلكى قۇتلۇق نومۇس قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ رەسۋالىقى شۇ تاپتا قۇتلۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقاندەك، قۇتلۇققا بۇنداق رەسۋاچىلىققا پەقەت شۇنىڭغا ئوخشاش شەرمەندە ئادەملا يۈز كەلتۈرەلەيدىغاندەك قىلاتتى. قۇتلۇق بىر ھازا ئۇنىڭغا قارىمىسىمۇ ئۇنىڭ مەينەت كۈلۈپ قاراشلىرىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېس قىلىشتىن قۇتۇلالمىدى.
- نىياز ھېچنىمىنى تەرجىمە قىلالمايدۇ، - بوغۇلۇپ ۋارقىرىدى قۇتلۇق، يالغان بولسا مۇشۇ يەردە ئىككى ۋاراق بىر نەرسە تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار.
- بۇ تەرجىمانلىق ئىمتىھانى ئېلىپ گۇۋاھنامە تارقىتىدىغان ئورۇن ئەمەس، - دېدى نىيازنىڭ ئادۋۇكاتى، كۆزەينىكىنى ئوڭشاپ قويۇپ.
دائىم ئۇنىڭ ئۆيىدىن كەتكەي يۇلتۇزنىڭ تامىقىنى كۈتىدىغان بىر كېسەلچان ئاغىنىسىمۇ نىياز تەرەپتە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەردى:
- نىياز تارجىمانلىق قىلالمىسا تەرجىمە شىركىتى قۇرامدۇ؟
قۇتلۇق ئاخىرى بۇ ئاغىنىسىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. نىمىلا بولسۇن ئەمدى ئۇ قۇتلۇقنىڭ ئۆيىگە يەنە كېلىپ، ئۆز پەرھىزى بويىچە لازا سالماي، پىياز سالماي، دورا دەرمان سالماي، قۇرۇق بەسەي بىلەنلا ئېتىلگەن تاماقنى ساقلاپ ئولتۇرمايدىغان بولدى. بەلكىم ئۇمۇ يۇلتۇزنىڭ ئېغىر كېسەللىكىنى ئاڭلاپ، ئەمدى قۇتلۇقنىڭ يېنىغا كەلسە ئۇنىڭ تاماق ئېتىپ بېرىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ شۇنداق قىلغاندۇ. ئەگەر يۇلتۇز ئاغرىپ قالمىغان بولسا ئۇ ئۇنداق قىلمايتتى دەپ ئويلىدى قۇتلۇق.
- ئاداش، نىمە قىلىسەن، بۇنداق سەتلىشىپ، پۇل كېرەك بولسا بۇنداق ئويۇن ئويناپ يۈرمەي ماڭا ئۇدۇللا دېسەڭ بولمامتى، - نىياز.
- ئاناڭنى پاكا!- قۇتلۇق غەزەپ بىلەن نىيازغا ئېتلىۋىدى، سوتچى ۋارقىراپ ئۇنى تېنچلاندۇردى.
قۇتلۇق سالپايغان ھالدا سوت زالىدىن چىققاندا نىياز كېلگىنىچە كېلىپ قۈتلۇقنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ دېدى:
- ئاغىنىدارچىلىقنى بىلمەيدىكەنسەن، مەن ساڭا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ سېنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسىڭنى ئۆستۈرۈپ قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا رەخمەت ئېيتساڭ بولىدۇ.
قۇتلۇق ھاڭۋېقىپ نىيازغا قاراپلا قالدى. نىياز يەنىلا ئىلگىرىكىدەك قىياپەتتە، خۇددى ئارىدا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئىلگىرى قۇتلۇق مۇشۇ خىل كۈلۈمسىرەشنى دوستلۇق دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا بۇ خىل كۈلۈمسىرەشنىڭ دوستلۇقمۇ ئەمەس، بىر خىل چىراي ئىپادىسىمۇ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ نىياز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
- يۈر ماشىنىغا چىق، - دېدى نىياز بىرچەتتە تۇرغان ماشرەڭلىك جېپ ماشىنىسىنى ئىما قىلىپ،- ياخشىلىقنى بىلمىسەڭمۇ سېنى ماشىنا بىلەن ئاپرىپ قوياي.
     - سېنىڭ ئەزەلدىن پۇل دېگەن نەرسىلەر بىلەن چاتىقىڭ يوق، - دېدى ھېلىقى شېئىرچى ئاغىنىسى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ، بەدبۇي بۇراپ تۇرغان تۇمشۇقىدىن چىققان ھورنى قۇتلۇقنىڭ بۇرنىغا پۈۋلەپ تۇرۇپ،-  بىز ساڭا ياردەم قىلىپ پۇلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدۇق. بۇ ئىش سېنىڭ ھاياتىڭدا ئۆزگىرىش ياسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قۇتلۇق گەپ قىلماستىن ئۇلاردىن تېزراق نېرى كېتىشنىلا ئويلاپ تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئالدىغا كەلگەنلا تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.
قۇتلۇق بىر تۆت كوچىدىن ئۆتكەندە بىر ماشىنا ئۇنىڭغا سۈركىلىپ دېگەندەك ئۆتۈپ كەتتى، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن شوپۇر قاتتىق تىللىماقچى بولۇپ ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قۇتلۇق تەرەپكە كېلىۋېتىپ قۇتلۇقنىڭ كاللىسىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى سېزىپ دەرھال ئارقىغا يېنىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتتى. قۇتلۇقنىڭ ئىپادىگە باي چىرايىدا ئۇنىڭ ئىچكىي روھىي ھالىتى دائىم بەكمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ قالاتتى. شۇتاپتا ئۇنىڭدىكى ئازاب ئۇنىڭ چىرايىنى ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى.
يول بويىدا قۇتلۇقنىڭ ماشىنا ئاستىدا قالغىنى تاس تاماس قالگىنى كۆرگەن كىشىلەر ياكى ئۇنىڭ تۈۋىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ماشىنىڭ تورمۇز قىسقان چاغدا چىقارغان سەت ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن كىشىلەر ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بولغىچە قاراپ تۇرۇشتى.
ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن بىر بوۋاي يولنىڭ قارشى تەرىپىدە قاراپ تۇرۇپ، قۇتلۇق يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇنى توختاتتى:
- بالام بېشىڭىزغا بىرەر كۈن كەلگەندەك تۇرىدىغۇ.
- تاغا مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئىش كۆپ، - دەدى قۇتلۇق توختاپ خۇدىنى يوقاتقاندەك ھالەتتە.
- كۆزلىرىڭىز چوڭ چوڭ ئىكەن، بۇنىڭدىن سىزنىڭ بەكمۇ ھېسياتجان بىر بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەرباشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايدۇ. مېنىڭچە سىز دائىم ئۆزىڭىز ياخشىلىق قىلغان ئادەملەردىن يامانلىق كۆرىدىكەنسىز. بۇ نىمە ئۈچۈن بىلەمسىز؟
قۇتلقۇ بېشىنى چايقىدى.
- بىراۋغا ياخشىلىق قىلغاندا ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاللاھدىن كۈتۈش لازىم، ياخشىلىق قىلغان بەندىدىن ياخشىلىققا جاۋاب كۈتسىڭىز بۇ جاۋاب سىزگە ئاشۇنداق بىرگە ئون يامانلىق بولۇپ قايتىدۇ. ئۇلار قىلغان بۇ يامانلىقلارنىڭ سەۋەبسىزلىكىگە ھەيران قالىدىغانسىز. دۇنيادا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىڭىزغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىشىڭ سەۋەبى دەل سىزنىڭ بەندىدىن ئۈمىد كۈتكەنلىكىڭىز.
قۇتلۇق بوۋاينىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئۇزاق ئويلاندى. ئۇغۇ نىيازدىن يۇقىرى قەلەم ھەققى دىگەندەكدەك نەرسىلەرنى كۈتكەندۇ، ھېلىقى شېئىرچىدىنچۇ؟ ئۇ سەرگەرداندىن نىمىنىمۇ كۈتسۇن؟
                                       14
يۇلتۇزنىڭ كېسىلى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن نەھايىتى تېزلىكتە ناچارلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايى تېگى تېگىدىن قانسىز بولۇپ، سۈزۈك يۈزلىرىنىڭ تېرىلىرى شامدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ تېنى ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇيدۇرماي قان ئاققۇزماقتا ئىدى.
ھەممە ئادەم قاراڭغۇلۇقتىن قورقىدۇ. قاراڭغۇلۇق قۇتۇلغىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلانغاندا بىردىن بىر چارە ئۇنىڭغا چۈش بىلەن كىرىش.
     يۇلتۇز كېسەل كارۋېتىدا يېتىپ دىنىي كىتابلارنى بېرىلىپ ئوقۇۋاتاتتى، قۇتلۇق كىرسىلا ئۇنى دەرھال يوشۇرۇپ قوياتتى، چۈنكى ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۇنى ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن قۇتلۇقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈگىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. قۇتلۇقنىڭ چاچلىرى چاڭگىدەك رەتسىز، چىرايىمۇ پۈرلىشىپ مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئون يىل قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. يۇلتۇز بىلەن بالىنىستا بىللە ياتىدىغان بىر بىمار يۇلتۇزدىن قۇتلۇقنى دادىڭىزما؟ دەپ سورىغان ئىدى، يۇلتۇز بىردىنلا يىغلاپ تاشلىدى. ئۇنىڭغا ناھايىتى ئازابلىق بىرەر ئىشنى ئەسلىتىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ، دادىڭىزما دەپ سوراپ قويغىنىدىن خىجىل بولۇپ كەتكەن بىمار نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قاراپلا قالغان ئىدى.
      - ئۇ مېنىڭ ئاكام، - دېدى يۇتۇز، يىغىدىن تەستە ئۆزىنى توختىتىپ.
      - دادىڭىزما دەپ سورىسام نىمىشقا يىغلايسىز؟
      - ئۇ مەندىن ئارانلا بىرنەچچە ياش چوڭ…
      يۇلتۇز گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان ئاشۇ چاغدا قۇتلۇق كىرىپ قالدى، يۇلتۇز دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى، لېكىن كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ تومپوچكا ئۈچتىگە تاماقنى قويۇش ئۈچۈن ئېڭىشكەن قۇتلۇقنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن چېكىلىرىگە قاراپ تېخىمۇ ئىچى سېرىلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى.
      - ئۇكام بۈگۈن قانداقراق تۇرىسەن؟
      - ياخشى…
      - قارا مەن ساڭا سەن ياخشى كۆرىدىغان چۆچۈرە ئەكەلدىم
      يۇلتۇز كۈچىنىپ ئورنىدىن قوزغالدى، قۇتلۇق ئۇنىڭ ياستۇقىنى ئوڭلاپ ئۇنى ئۆرە ئولتۇرغۇزدى.
       - ئاكا، مېنىڭ خىزمىتىم ھەل بولۇپ قالسا مەن چوقۇم دادامنىڭ ئىزىنى بېسىپ، دادامدەك ھەممە ئادەم ھۆرمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى بولسام، دادامنىڭ روھى قانچىلىك خوش بولار ئىدى - ھە.
- خاتىرجەم بول سىڭلىم، چوقۇم ھەل بولىدۇ.
قۇتلۇق قوشۇق بىلەن يۇلتۇزغا زورلاپ تاماق يىگۈزىۋاتسا زۆھرە گۈل كۆتۈرگەن ھالدا كىردى. يۇلتۇز خوشال ھالدا گۈلنى ئېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىپ، ئاغرىق دەستىدىن يۈزلىرى قېتىشىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتى. لېكىن ئۇ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، يۇلتۇز دەرھال چىرايىغ يەنە كۈلكە يۈگۈرتتى.
- ئاكا، زۆھرە ئاچا، توي ئىشىڭلار قانداق بولدى؟ توينى تېزراق قىلىڭلار جۇمۇ.
- توينىڭ ئىشلىرىمۇ پۈتۈپ قالدى، ئۇكام، - دېدى زۆھرە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاران تەستە.
- سەن ساقىيىپ چىقىشىڭغىلا بىز توينى قىلىۋېتىمىز، - دېدى قۇتلۇق.
     - سىلەر ماڭا قاراپ قېلىۋاتقان ئوخشىمامسىلەر؟ ئەمىسە مەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتەي، ئۆيدە داۋالىناي.
     - ياق سىز بۇ يەردە داۋالىنىۋېرىڭ، تەييارلىقنى بىز قىلىۋېرىمىز.
      - زۆھرە ئاچا، سىز ئاكامغا ياخشى ھەمرا بولۇڭ، ئاكام سىزدەك بىر دىلكەش ھەمراھقا مۇھتاج. ئاكامنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ. ئۇ غەرىپسىنىپ يالغۇز قالمىسۇن.
     - نىمىلەرنى دەۋاتقانسىز سىڭلىم، ئۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ…
     زۆھرە گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قېلىپ ئۆزىنى يىغىدىن توختىتالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ سرتقا تېز چىقىپ كەتتى.
     قۇتلۇق كارىدۇردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا دوختۇر ئۇنى چاقىرىپ قالدى. قۇتلۇقنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، چۈنكى دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن چاقىرىۋاتاتتى، ئەگەر تاپشۇرغان پۇلنىڭ تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلسا سېستىرامۇ خەۋەر قىلىۋېستىرامۇ خەۋەر قىلىۋەتتى، ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ پاراڭلاشماي دەپلا قويسا بولاتتى.
     - بىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، بىراق بالا بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە، بەدىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، - دىدى دوختۇر، - شۇڭا كېسەلنىڭ تەرەققىياتى بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر ئېھتىمالغا قارشى بەزى تەييارلىقلارنى قىلىپ قويۇڭلار.
     قۇتلۇق كۆزىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلغان ھالدا كەينىچە يېنىپ بېرىپ، تامنى ئىككى قولى بىلەن مۇشتلاپ باشلىرى بىلەن ئۈستى.
     ئۇنداق قىلما، - تەسەللى بەردى دوختۇر، - بۇ مېنىڭ پۈتۈنلەي ئۈمىد يوق دىگىنىم ئەمەس، بەزىدە كېسەلدە مۆجىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ.
      قۇتلۇق ئاستا مېڭىپ چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە كېتىۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيدىغاندەك ئەھۋالدا ماڭاتتى، يولدا بىر تونۇشى ئۇچراپ سالام قىلىۋېدى ئۇ كۆرمەي قالدىمۇ ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغىدەك ماجالى قالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ بىلەن چاتىقى يوق ئۆتۈپ كەتتى.
      يۇلتۇزنىڭ بەدىنىدىكى ئاغرىق بارغانسېرى كۈچىيىپ يۇلتۇزنى تېخىمۇ ھالسىرىتىپ ئۇنىڭ ئاغرىقنى ھېس قىلغۇدەك ئەھۋالىنىمۇ قويماسلىققا قاراپ تەرەققى قىلدى. يۇتۇز ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان چاغلىرىدا ئىلاجىسىز بەدىنىنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلاپ ئاغرىقنى تۇيالمىغۇدەك بولۇپ قېلىشىنى كۈتكەنىدى. پەقەت كېسەللىك ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ سەزگۈرلىكى ئاجىزلىغاندىلا ئۇ ئاندىن ئاغرىشتىن قۇتۇلالايتتى.
      قۇتلۇق يۇلتۇزنى خىزمەتكە ئالماقچى بولغان مەكتاپكە كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتى. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا بىزارلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى تېزراق يولغا سېلىش ئۈچۈن ئېيتتى:
- سىز نىمىنداق گەپ چۈشەنمەيدىغان ئادەمسىز؟ ئازراق ساقلاپ تۇرۇڭلار دېدىمغۇ، كېلىۋەرسىڭىز سىزگە قانداق قىلىپ بېرىمەن. يەنە ساقلاڭ.
قۇتلۇق گەپ قىلماستىن ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. مۇدىر شۇندىلا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ كەتكىنى، كۆزلىرىنىڭ پىلدىرلاپ قالغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئاندىن سەل ئۆزىنى بېسىۋېلىپ چۈشەندۈردى:
- يېقىندا مۇئاشنى بىر دەرىجە ئۆستۈرمەكچى ئىكەن، ھېلىقى ئادەم شۇنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، مۇئاش قوشۇلغان ھامانلا چوقۇم پىنسىيىگە چىقىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئىشى شۇ چاغدا چوقۇم بىر تەرەپ بولىدۇ.
قۇتلۇق يەنىلا ئېغىر سۈكۈت بىلەن ئولتۇراتتى.
- ئەمدى ئۇ كېلىپ ئىشلىيەلىشى ناتايىن…
قۇتلۇق ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
- نىمىشقا؟
- ھازىر ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا شۇنچە تەقەززا بولۇپ كەتكەن ئىدى… مۇدېر، ئۆتۈنۈپ قالاي، بىچارىنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتمىسۇن، ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپكە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلىق ھەققىدىكى بىر كۆرگەن بولسا قانچە خوش بولاتتى!...
- بىراق…
- مۇدىر، ئەمدى سىزنىمۇ ئاۋارە قىلمايمىز. ئەنسىرىمەڭ. ئۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىلا بولىدۇ، يالغاندىن بولسىمۇ بىر پارچە قەغەزنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز…
- لېكىن تولدۇرغاندىكىن ئۇنىڭغا ئىگە بولسام بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېغىر كېسەل ئىكەن…
- نىمانچە قىلىپ كېتىسىز، بىرلا ۋاراق قەغەزغۇ.
- تامغا ئۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئۇ بىر ۋاراق قەغەز بولماي قالىدۇ.
مۇدىر دەسلەپكىدەك ناچار مۇئامىلە قىلمىسىمۇ لېكىن قۇتلۇقنىڭ ئالدىدا كىرپىدەك تۈگۈلىۋېلىپ باراتتى.
- ئىشەنمىسىڭىز، سىز مەن بىلەن بىللە بېرىڭ، مەن سىڭلىمغا كۆرسىتىۋېلىپلا شۇ يەردە قولىڭىزغا چاندۇرماي قايتۇرۇپ بېرەي، ئەچىقىپلا يىرتىۋەتسىڭىز بولىدۇغۇ…
مۇدىر بەدىنىگە ھېلىلا بىرنەرسە سانچىلىپ كېتىدىغاندەك تېخىمۇ تۈگىلىپ كەتتى.
- ئۇكام، بۇ دېگەن پىرىنسىپ مەسىلىسى…
- مۇدېر، سىزگە بەك ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، - دېدى قۇتلۇق، - قارىڭە ئەپتىڭىزنى، قورقۇپ خۇدىڭىزنى يوقۇتۇپلا قويۇۋاتىسىز. ئىسىت…
ئېتىسى يۇلتۇزنىڭ ئەھۋالى بىردىنلا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۇ ئېغىر ئېغىر تىناتتى. ئۇنىڭ زەئىپلىشىپ كەتكەن چىرايىغا ئۆلۈمنىڭ ئېغىر كۆلەڭگىسى چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. يۇلتۇزنىڭ چىرايىدا زادىلا قان قالمىغان بولسىمۇ لېكىن كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق نۇرلۇق ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ بۇلاقتەك بىر جۈپ كۆزلىرىنىڭ قاپ قارا يەر ئاستىغا كىرىپ، بۇنداق مۇڭلۇق ۋە مېھرلىك قاراشلاردىن مەنڭۈ مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى كىممۇ تەسەۋۇر قىلالايدۇ ھە!
سىرتتا يامغۇر ياغمىغانلىقى يۇلتۇزغا ئايان بولسىمۇ كېكىن يامغۇر ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ سۇسلىشىپ بېرىۋاتقان سەزگۈلىرىدىكى بىردىن بىر تەسىرات بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكى بارلىق ئاۋاز ۋە كۆرۈنىشلەر غۇۋالىشىپ توزۇپ يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ لېكىن بۇ يامغۇر ئاۋازى زادىلا سۇسلىشاي دېمەستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاخىرىدا ئۇ سىرتتىكى ئاۋاز ئەمەس، بەلكى مۇشۇ كېسەلخانىنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازدەكلا، يامغۇر ئۇدۇل يۇلتۇزنى چۆرىدەپ يېغىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى.
زۆھرە بىلەن قۇتلۇق يۇلتۇزنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى. يۇلتۇزغا ئۇلارنىڭ چىرايى بارغانسېرى غۇۋالىشىپ كېتىۋاتقاندەك ۋە يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. يۇلتۇز ئۆزىنى ئوڭشاپ، كۆزىگە ئاخىرقى نۇرىنى يىغىپ ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ئېنىق كۆرمەكچى بولۇپ تىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايى بىر نەچچە قېتىم غۇۋالىشىپ يەنە روشەنلىشىپ يەنە غۇۋالاشتى. يۇلتۇز بار كۈچىنى يىغىپ ئاكىسىغا پىچىرلىدى:
- ئاكا، بۇ… سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا… مەندىن يادىكار…
ئۇ بىر ئېلىكترونلۇق لۇغەتنى ئاكىسىغا ئۇزاتقاندا ھەممە كۈچى قولىنىڭ ھەرىكىتىگە كەتكەن بولسا كېرەك ئاۋازىنى چىقىرالماي قالدى.
يۇلتۇز ئۆمرىدە ھەرقانداق سوغاقتا ھېس قىلمىغان مۇزلاشنى ھېس قىلىۋاتاتتى. سوغاق ئۇنىڭ تاپىنىدىن باشلانغان ئىدى. كېيىن بارا بارا تىزىغا چىقتى. ھەر بىر بوغۇمغا كەلگەندە بىردەم توختاپ ئاندىن بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ئىگىلەشكە باشلايتتى. ئۇ جالاقلاپ تىترىمەكچى بولاتتى، لېكىن بەدىنىدە تىترىگىدەك ماغدۇر قالمىغان ئىدى. بەدىنىڭ سوغاق ئىگىلەپ كەتكەن جايلىرى ئاستا ئاستا قولۇشۇپ، ئاخىرىدا سېزىمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ، خۇددى توزۇپ غايىپ بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. بىر تۇرۇپ بەدىنى غايىپ بولماستىن بەلكى چەكسىزلىككە ئىگە بولۇۋاتقاندەكمۇ تۇيۇلاتتى. ئۇ بەدىنىنىڭ سېزىمىنى يوقاتقان قىسىملىرىنى گويا كائىناتنىڭ ئەڭ يىراق چەتلىرىگىچە تارقىلىپ كەتكەندەك، ياكى كائىناتنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەكمۇ ھېس قىلاتتى. بەلكىم بۇ سېزىم بارا بارا ئۇنىڭ مېڭىسىنىمۇ ئىگىلەپ بولغاندا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تولۇق غايىپ بولۇپ، بۇ ماددىي دۇنيانى ھېس قىلىشتىن تامامەن توختىشى مۇمكىن.
يۇلتۇزنىڭ يېنىدىن سىيرىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ رەسىمى يەرگە چۈشتى، سېستىرالار كېلىپ ئوكۇلنى ئېلىۋەتتى، سارغىيىپ كەتكەن رەسىم ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا…
سرىتتا پوجاڭزىلار ئېتىلماقتا. ساليۇتلارنىڭ يورۇقى دەممۇ دەم يۇلتۇزنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزلىرىنى يورۇتۇپ ئۆتەتتى. لېكىن يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى بارا بارا غۇۋالىشىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ دەملەردە ئۇ بۇ نۇرلارنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىچە باشقا بىر نۇر بارا بارا ئۇنىڭ سېزىملىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ مۇزلىشىمۇ توختاپ قالدى. ئۇ ماغدۇرسىز تىترەشتىن توختاپ، ئەمدى ئۇنداق زۇلمەتلىك ۋە چەكسىز سوغاقنى ھېس قىلماس بولۇپ قالدى. يۇلتۇز ئۆزىنى باشقا بىرخىل ئىنتايىن ئابىستراكىت شەكىلگە كىرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. بەدەن ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب تامامەن ئاخىرلاشقاندەك قىلاتتى. ئاكىسىنىڭ يۇلتۇز، يۇلتۇز دەپ نىدا قىلىپ چاقىرغان ئاۋازىمۇ غۇۋالىشىپ يىراق ئۇپۇقلاردا غايىپ بولدى. يۇلتۇزغا كۆرۈڭەن نۇر بارا بارا روشەنلىشىپ كەتتى. بۇ نۇرنىڭ روشەنلىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن بېرى ھەمرا بولغان يامغۇرنىڭ ئاۋازىمۇ غايىپ بولدى. بەلكىم ئۇ ئەمدى مەڭگۈلۈك غايىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. يۇلتۇز ھاياتىدا بۇنداق كۈچلۈك نۇرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ نۇر شۇقەدەر كۈچلۈك بولسىمۇ كۆزنى چاقمايتتى، بەلكى ئادەمگە ئاجايىپ شېرىن تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلەتتى.
يۇلتۇز كۆزىنى يۇمدى. ئاكىسىنىڭ يۇلتۇز دەپ ئاخىرقى قېتىم نالە قىلىپ چاقىرىشلىرىنى پوجاڭزىلارنىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتتى. دەرىزە سىرتىدا قاينام تاشقىن بايرام مەنزىرىسى…

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2008-3-10 21:46:18

ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻼﺭ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﻮﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ - ﺩﻩ

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 23:25:08

ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﻨﺎ!

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 23:26:50

ﺑﯘ ﭘﻮﯞﯨﺴﺘﻨﯩﯔ  ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ  ﯞﻩ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ!

ems يوللانغان ۋاقتى 2008-3-19 23:58:44

ﻧﯩﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ﻣﺎ ﺧﻪﻕ ... ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﯞﯗ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﺪﻯ:
----
ئۇ جەمىيەتتىكى ھېچنىمىگە قىزىقماي يۈرىۋېرىدىغان سانسىزلىغان قىزلارنىڭ ھېچقايسىغا ئوخشىمايتتى. بۇنداق قىزلار ئۇنىڭغا بەكلا قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. ھېچنەرسىگە قىزىقمايدىغان بۇ قىزلار خۇددى لاتا بىلەن ياسالغان قونچاقتەك ئاددى، ئۇلارنى چۇۋۇپ قاراپ باقسا ناھايىتى ئاسانلا چۇۋۇلىدۇ، شۇنداقلا ھەممە نەرسىسى بىردىنلا ئايان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىكىي دۇنياسىدا ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقى بىزنى ھاڭتاڭ قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بىزگە بەكمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىۋېتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دەل ئاشۇ ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمىغان قۇپ قۇرۇق روھىي دۇنياسىلا ھەممىدىن قورقۇنۇچلۇق بىر ھاڭ بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى يۇتۇپ كېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېچىرقاپ تۇرغان روھىي دۇنياسى ھەرقانداق نەرسىنى زادىلا تاللاپ ئولتۇرماستىن يالماپ يۇتىدۇ. ئۇنى مۇھەببەت بىلەنمۇ، پۇل ۋە مال دۇنيا بىلەنمۇ، غەلىتە ۋە نورمالسىز لەززەتلەر بىلەنمۇ، مەست قىلغۇچى ۋە خۇمار قىلغۇچى بۇيۇملار بىلەنمۇ…تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.
---
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ 'ﻟﯘﯕﻘﺎ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ.ﻣﺎﯞﯗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ، ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯘﺩﻩﻙ.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-20 09:11:12

ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ؟ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻏﯘﯞﺍﻻ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ..
ﺑﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻜﻪﻥ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻠﻐﺎ،ﺯﯙﮬﺮﻩﮔﯩﻼ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ،ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺳﻪﻝ ﻳﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ....
بەت: [1]
: پەرھات تۇرسۇن: ئۆچكەن يۇلتۇز (پوۋېست)