Yultuzum يوللانغان ۋاقتى 2008-3-2 21:59:06

ﺑﯩﻠﻜﻮﭖ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ؟


ﺑﯩﻠﯩﻜﻮﭖ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ؟
ئويلاپ كۆرۈدىغان بولساممۇئەللىملىرىمىزئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بولسۇن ۋە ياكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىمىزدە بولمىسۇن " غىلاپ بەندىسى " نامىلىق ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى بىلكوپنى ئاساسەن ئوخشاش بىر خىل مەنىدە تەھلىل قىلىپ، ئۇنى سەلبىي خاراكتىرنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتدە پاش قىلىپ كەلدى. ھالا مۇنبەرگە قەدەم قويغىمغا خىلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ " غىلاپ بەندىسى " ھېكايىسىنى ئۆتۈش نۆۋىتى ئاران ئىككى قېتىم نىسىپ بوپتۇلەر، ئاران كالگەن بۇ پۇرسەتتە تەپەككۇر يولۇمنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى - ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بىلىكوپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بىلكوپنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە ئاساسىدا توغرا باھا بېرىشكە تىرىشپ باقتىم. ئويلىمىغان يەردىن ئاجايىپ يەكۈنگە ئېرىشكەندەك بولدۇم. ئىھتىمال بۇ نۇقتا دەل بەلكىمبىز ھېس قىلغان ، لېكىندېيەلمىگەن ؛ جۈرئىتىمىزنىڭ كەملىكىدىنمۇ ۋە ياكى بىلىكوپ بولغىنىمىز ئۈچۈنمۇ ئويلاپ يېتەلمىگەن نۇقتا بولۇشى مۇمكىن.
ھەر بىر ئەدەبىي ئەسەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە، ئەسەردە يارىتىلغان تىپلار (ئوبرازلار ) زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيتىنى ئېچىپ بېرەلىگەنلىكى بىلەن مەڭگۈلىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ قىممەت ئەسەرنىڭ تۈپكى ئىدىيىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەنە شۇنداق مەڭگۈلىك قىممەتكە ئىگە بولغان تىپلارنىڭ ھۇجۇدىدىن ھەر زامان، ھەر ماكاندىكى ھايات ئىزنالىرىنى چىن مەنىسىدىن بىلىشكە- باغلاشقا جۈرئەتلىك بولالىساق ، ئىشىنىمەن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز بىردىنلا كەڭرى كەتكەن يايلاقتا ئەركىن يايلىغان تۇلپاردەك شۇنچە راۋان، شۇنچە زەبىلىك جۈملىلەر ۋەزنىدە ماھيەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تامامەن مۇمكىن، ئەلۋەتتە.
بىلىكوپ ھەمىشە " بىرە چاتاق چىقىپ قالمىسا بولاتتى ، ئىش قىلىپ " دېگەن تەشۋىشتە ياشايدۇ. ئۇنداقتا بىلكوپ كىم ؟ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئورنى ۋە رولى قانداق ؟ ئەجىبا بۇ خىل ئەنسىرەش بىلكوپ بىلەنلا تۈگىگەنمۇ ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،بۇ خىل ئەنسىرەش 19- ئەسىر روسىيە جەمئىيتىدە - چار پادىشاھ ھاكىمىيتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تەربىيسىدىلا مەۋجۇتمىدى ؟
دۇنيادىكى ئىككى ئاساسىي تېمىنىڭ بىرىتىنچلىق ۋە تەرەققىيات ، يەنە بىرى مۇھىت ۋە سالامەتلىك،دۇنياۋى قىززىق تېما نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتمايلى، ۋە ياكى ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ چۈشەنمەيلى بىلكوپتىن پەرقىمىز زادى نەدە ؟ دېمەك بىزمۇ " بىرە چاتاق چىقىپ قالمىسا بولاتتى ، ئىش قىلىپ " دەپ تىرىشىمىز، ئۆگىنىمىز، ئۆزىمىزگە بىلكوپتىنمۇ زىيادە تەلەپ قويۇپلا قالماي، ھەر كىم ھەر نەرسىدىن ئەنسىرەپ ..... ئۆتمەكتىغۇ. مۇھىت پېرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئىددىيىۋى ھەركىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۇنى بەلگىلەيدۇ. مېنىڭچە بىلكوپنىڭ ئەنسىرشىنىڭ ئانچە خاتا تەرىپى يوق، دەپ قارايمەن.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىسخولوگىيە ئىلىمى بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق ئىلىمىدە بولسۇن سەمىمىيلىك تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئىھتىياتچان، تەمكىن ( سوغاققان ) بولۇشمۇ بىردەك تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئېلىپبېرىلغان ئوڭچىلارغا قارشى ھەرىكەت بولسۇن، ۋە ياكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىلەش بولسۇن شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" مەگىلىدە بولمىسۇن بىلكوپنىڭ خاراكتىر خاسلىقى بىلەن مۇشۇ مەزگىللەردىكى كىشىلىك خاراكتىر ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ قايسى بىرى بىلكوپنىڭكىدىن پەرقلىق بولغانىدى؟ مەيلى دەل ئەنە شۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىت، مۇرەككەپ كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىجتىمائىي مۇھىت تۈزۈلمىسىدە بولسۇن ئىھتىياتچان بولۇشنىڭ ئۆزى خاتا ئەمەس، ئىشلارنىڭ ماھيىتى ۋە خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى شۇنداقلا كىشىلىك خاراكتىرنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن ھەر كىمنىڭ ئىھتىياتچانلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ پەرقلىق، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىھتىياتچانلىقى جۈملىدىن زىيادە ئىھتىياتچانلىقى ئەينى دەۋر رېئاللىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
بىلكوپنى" يېڭىلىقتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، كونىلىققا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ "دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز ھەمدە "ئۇنىڭ ئۆلۈمى كونا شەيئىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، يېڭى شەيئىلەرنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ " دەپ چۈشەندۈرۋاتىمىز، مېنىڭچە بۇ ھۆكۈممۇ خاتادەك قىلىدۇ، تارىخ بەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، يېڭى شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ھېچقاچان ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا كونا شەيئىنى مەغلۇپ قىلىپ يوققا چىقارغىنى يوق، ئاتالماش يېڭى شەيئىلەر ھامان كونا شەيئىلەرنىڭ تەجىربە - ساۋاق، ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ تېخىمۇ يېڭىچە شەكىلدە، يېڭىچە مەزمۇندا مەۋجۇتلۇق مۇھىتىدىن ئورۇن ئالدى. كونا شەيئىلەرمۇ ئۆزلۈك زېمىنىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، خالاس. مەيلى ھاكىمىيەت نۇقتىسىدىن، ۋە مەيلى تۈزۈلمە نۇقتىسىدىن چۈشەنمەيلى شۇنداقلا كونكىرت شەيئىي ۋە ياكى ئابىستىراكىت ئۇقۇم - چۈشەنچە نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزمەيلى يېڭى بىلەن كونا ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن باغلىنىش ئاساسىكى پەرق مەۋجۇتكى، ھەرگىزمۇكېلىشتۈرۈپ بولمايدىغان زىددىيەت بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلغان كونا ( يېڭى ) شەيئى مەۋجۇت ئەمەس. كونا بىلەن يېڭى ئوتتۇرسىدىكى مۇنازىردە ئۆزئارا ئىنكار قىلىش ئاساسىدىكى مۇكەمللىك بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر بىزبىلكوپنى" يېڭىلىقتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، كونىلىققا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ "دەپ قاراپ ھەمدە "ئۇنىڭ ئۆلۈمى كونا شەيئىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، يېڭى شەيئىلەرنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ " دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۋالىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىز دۇنيا قارىشىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ يېڭى بىر مەنزىلگە قەدەم قويغانلىقىنى، مەسىلىلەرنى يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلغانلىقىمىز، يېڭىچە ياشاش سەنئىتى بىلەن مەۋجۇت بولۇشىمىزنىڭ مەنبەسىنى ئىنكار قىلغان بولىمىز.
بىلكوپنى "كونسىراتىپ، مۇتئەسسىپ كۇچلەرنىڭ ۋەكىلى " دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا ئۇ نېمىنى قوغىدىدى؟ نېمىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇردى؟ نېمە ئۈچۈن چارپادىشاھ مۇستەبىت ھاكىمىيتىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى جاندىل بىلەن قوغدايدۇ ؟ ئۇ قايسى سىنىپنىڭ ۋەكىلى ؟ ئەينى دەۋر روسىيە جەمئىيتىنىڭ ئىجتمائىي تۈزۈلمىسى، جەمىيەت ئەھۋالى جۈملىدىن خەلقئارالىق ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقانداق روسىيە قانداق ئورۇندا ئىدى ؟ ئاساسىي زىددىيەت نېمە؟ بۇ زىددىيەتنىڭ چارپادىشاھ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى نېمە ئىدى ؟ مۇشۇ نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزگەندە بىلكوپنى " ۋەتەنپەرۋەر " دېيىشكە بولامدۇ - يوق ؟ بولمىسا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ ؟ ئادەم ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشىنى تاللىيالىغان ئەمەس، ئەمما ياشاش مەقسىدى ۋە بۇ مەقسەدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى تاللاشقا مەلۇم نۇقتىدىن مۇمكىن. دېمەك بىلكوپ ئەينى دەۋر چارپادىشاس مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى شۇنداقلا شۇ خىل ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىنى قوغداشنى، ئۇنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىشنى تاللىدى ھەمدە ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن پايدىسىز سۆز-ھەرىكەت ، پائالىيەتلەرنى چەكلىدى، نەزەربەنت قىلدى. بۇ قىلغانلىرى ئەينى دەۋر ئۈچۈن خاتامىدى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى" كونسىرۋاتىپ ، مۇتەئەسسىپ " دېسەك بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېيىش توغرا دېيىلسە، مەنمۇ ھەم سىزمۇبىلكوپ، شۇنداق بولغانىكەن بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
بىلكوپ ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى، تۇرمۇشى، كەسپىنى ھەتتا ئىددىيىسىنى غىلاپ ئىچىگە يوشۇرۇپ ياشايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرلۈك قىياپىتى - ۋىجىككىنە گەۋدىسى، قارا كۆزەينىكى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنىلا ئەمەس، پۈتۈن بىر شەھەرنى كونترول قىلىپ كەلگەن. ئۇ " بىرە ئىشقا رۇخسەت بېرىلىشىدىن قورقىدۇ، بىرە ئىش چەكلەنگەن بولسا خوشال بولىدۇ"بۈگۈنكى بىلكوپ بولغان بىزلەر نېمىدىن خوشال بولىمىز؟ نېمىدىن ئەنسىرەيمىز ؟ قانداق خەتلەر بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئېنىق ھەم خاتاسىز كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ؟ بىز بىلەن بىلكوپنىڭ پەرقى نەدە؟ خانىم-قىزلار جۈملىدىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئىش - پائالىيەتلەر بىلەن شۇغىللىنىشتىن تەپ تارتىدۇ ياكى ئوغىرلىقچە ئېلىپ بارىدۇ ؟ بىلكوپلارچۇ ؟
" بىلكوپنى كۆمۈشنىغۇ كۆمدۇق ، لېكىن بىلكوپقا ئوخشاش غىلاپ بەندىلىرىدىن يەنە قانچىلىك بار؟ كەلگۈسىدە يەنە قانچىلىك بولار ؟ "مېنىڭچە بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئەينى دەۋر روسىيە جەمئىيتىدە تۇرۇپلا پىكىر قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. بىلكوپنىڭ ئىنسان خاراكتىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ بەرگەن ماھيىتى - ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، ئىددىيىسى، قىياپىتى، ھەتتا سۆز-ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇپ ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت. مۇشۇ مەنىسىدىن چۈشىنىدىغان بولساق بىزمۇئەنەئەن ۋە ئۆرىپ - ئادەتلىرىمىز،تۇرمۇش-سۆھبەت سورۇنىمىز، ئوبيېكتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى جۈملىدىن جىنىس-يېشىمىزنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن قىلىۋاتقان سۆزلىرىمىز، يۈرۈش-تۇرۇش، كېيىنىشلىرىمىز... نى غىلاپ ئىچىگە سېلىپ تۇرىمىزغۇ؟ شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بىز بىلكوپ. بىلكوپنى ئىنكار قىلغىنىمىز، ئۆزىمىزنى چۈشەنمىگىنىمىزمۇ ياكى ھەقىقىي بىلىكوپلىقىمىزدىنمۇ ؟...
پىكىر تەپەككۇرىمىز 19- ئەسىر چارروسىيە جەمئىيتىدىن ھالقىپ چىققان بولسا تېكىستتىكى مۇنۇ جۈملىلەر"گۆرۈستانلىقتىن كەيپىمىز چاغ بولۇپ ياندۇق... چىرايىمىزدىن مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى... بىلىكوپنى كۆمۈشنىغۇ كۆمدۇق...ھېچكىم ئۆز خوشاللىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى .... ئۆڭلىنىش كۆرۈنمەيدۇ، يەنە شۇ بىر بۇيرۇق بىلەن رۇخسەت بېرىلگەن، لېكىن تامامەن رۇخسەتمۇ بېرىلمىگەن سەسكەندۈرگۈچى مەنىسىز ھايات يەنە باشلاندى ... " بۇ جۈملىلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك.
بىلكوپ ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى چىخوپ ئىجادىيتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ .
چىخوپ دۇنيا ھېكايىچىلىقىنىڭ ئاتىسى، قىسقا چېكايە يېزىشنىڭ ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. 19 - ئەسىر ياۋروپا جەمئىيتىدە باش كۆتۈرگەن تەنقىدى رېئالىزىم ئەدەبىياتى روس ئەدەبىياتىنى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى.چىخوپ رېئال تۇرمۇشتىن ئۆزى ئاددى، ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقىرى، مەنبەسى چوڭقۇر ھەم ئۇزاق ئۆتمۈشكە، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقتا ھەر قاچان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان تۇرمۇش كۆرنۈشلىرىنىقىزقارلىق، ئوبيېكتى ئەمەلىي، مەنىسى چوڭقۇرتېمىلار سۈپىتىدە ئۆتكۈر تىل، كۈچلۈك ھەجىۋى ۋاستىسى بىلەن قامچىلاپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يازغۇچى.مېنىڭچەئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرىدە ئوتتۇرغا قويۇلغىنى ئىنسان تەبئىيتىدىكى ئاجىزلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. لېكىن نېمە ئۈچۈنكى بىز چىخوپ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا پىكىرىمىزنى رادىكال تەھلىل بوشلۇقىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئىھتىمال بۇنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىملاربىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردا جاۋابنىڭ ئوخشىماي قىلىشى سەۋەبلىك، بالىلارنىڭ زىيان تارتىپ قىلىشىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ھەر بىر دەرسكە شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىمتىھان مائارىپى ئاستىدىكى بالىلارنىڭ نومۇر ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەش رېئاللىقىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي مەنىسىدىن چۈشىنىپ يەتكەن بولساق، ئۆزىمىزنىڭ رادىكال تەھلىل - تەپەككۇر بوشىلىقىغا بالىلارنى قاپسىۋالمىغان بولاتتۇق. قولىمىزدىن كەلمىگىنى ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى تەپەككۇرىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، يۈرەك كېسلىمىزنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىنمۇ، پىياز غا ئوخشاش تەپەككۇرىمىزنى ئېچىپ باقمىدۇق،ئۆزىمىز ئاچالمىغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېچىلغان تەپەككۇرىنى چۈشىنىشىمىز قىيىن بولۇپ، ئوتتا قاپاق، جاۋابىڭ خاتا، ئەسەرنىڭ ئىدىيىسىنى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن باغلا، ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت مۇدىئاسسىنى ساڭا بىكار سۆزلىمىدىم .... ئوخخو ! مانا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرى كىشىنى ئويغا سېلىشى كېرەك. مەكتەپ ھاياتىمىزنى ئەسلەپ كۆرسەك، قايسى ۋاقىتلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، قايسى دەرستە، قايسى مەسىلىدە مۇشۇ خىلدىكى جاۋاب-ئىتىرازلارغا ئۇچرىغىنىمىز ئىسىمىزدە بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۇر چوڭقۇرلىقى ، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بەزىدە ئوقۇغۇچىنى چارچىتىپ قويىدۇ، سەزگۈر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۆزىگە ئۇلىنالمايۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئۇسۇل ھەم تەھلىل شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بارىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئەقىل كۆزىنى يورۇتۇپ ھايات ھەقىقىتىنى تونۇتىشىدا. چىخوپنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مانا مۇشۇنداق قىممەتكە ئىگە، ئەگەر بىز تەپەككۇرىمىزنى 19 - ئەسىر چارروسىيە جەمئىيتىگە قارتىۋىلىپ، بىلكوپنىڭ ئىنسان خاراكىتىرىنى جۈملىدىن ھايات قىممىتىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقارساق، بىلكوپنى ھەقىقى مەنىسىدىن دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ھايات-قىسمىتى، مىجەز-خاراكتىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى چۈشىنەلىسەك، ئۇنى ئۆزىمىز بىلەن شۇنداق ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكى بىلەن باغلىيالىساق، ئۇ تۇرۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۇنىڭ پاجىئەسىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى، مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇنداق ئىجتىمائىي رېئالىقتا مەۋجۇت بولىمەنلا، ياق بىلىكپتەك كۈچ ۋە تەسىرگە ئىگە بولىمەن دەيدىكەن، ئەنە شۇنداق ھەجۋىي ھالەت، بىنورمال پىسخكا، كۈلكىلىك قىياپەتتە ئېتىراپ ئاستىدىكى ئىتىراز، قورقۇش ئاستىدىكى مەسخىرلىك قارشىلىققا ئۇچرايمىز.
بۈگۈنكى كۈندە ئاللا كىملەرئاللا نېمىلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى - چەكلىنىشىدىن قورقىدۇ، لېكىن بىلكوپ چەكلەنسە خوشال بولاتتى؛ ئاللا كىملەرئاللا نېمىلەرگە رۇخسەت بېرىلسە خوشال بولىدۇ، لېكىن بىلكوپ بۇنىڭدىن ئەنسىرەيتتى. ئىنسان ئەنە شۇنداق قىززىق بولغىنى ئۈچۈن ھەجۋىيدۇر.
مەن كەسىپداشلىرىمنىڭ " غىلاپ بەندىسى " ھېكايىسىنىڭ ھەجۋى تۈسىنى تەھلىل قىلىپ، بىلكوقا باھا بەرگىنىدە ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، " غىلاپ بەندىسى " دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىجابى تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، يېڭى تىپتىكى" خامېلىئون"ۋە " غىلاپ بەندىلىرى " نىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى توغرا كۆرسىتىپ ، بالىلارنى ئىلمىي تەپەككۇر يولىغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن


ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.

ems يوللانغان ۋاقتى 2008-3-2 22:30:10

ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ،ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﻪﺭﮔﯜﺩﻩﻙ.

ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ \"ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻧﯩﻤﻪ ؟ \" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭ ﻳﻮﻗﯩﻐﺎﻧﺪﯗ-ﮬﻪ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-3-2 23:32:57

ﻛﯩﻤﺴﯩﺰ؟ ﻧﻪﺩﻩ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ؟ ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ...
ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ. ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻱ ﺩﻩﭖ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-3-3 16:44:07

ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻛﻪﻥ!ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻣﺎﯞﯗ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯧﻠﻜﻮﭖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ...

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯩﻤﻪﻥ!

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ Comeon ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ2008-3-4 18:27:15 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

Yultuzum يوللانغان ۋاقتى 2008-3-3 19:09:23

ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺋﺎﻟﻼﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﻻﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ...
ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻠﯘﺭﯗﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺭﯗﺟﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﯩﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭺ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.... ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ... ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﮬﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ....

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2008-3-3 22:19:55

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯘﺷﺘﺎ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺧﻮﺵ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ.ﺋﯘﻳﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺪﯗﺭﯗﭖ!!!!!!!!!!!!!!!!!

ems يوللانغان ۋاقتى 2008-3-6 04:26:22

ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ. ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﯞﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺩﻩﺭﯨﺴﯩﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯚﻧﯜﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺧﺸﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-3-6 14:54:30

ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ...ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ...ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ...

nasin يوللانغان ۋاقتى 2008-3-7 20:11:18

ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-11 14:15:42

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-12 11:37:27

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان

absdf يوللانغان ۋاقتى 2008-11-12 23:54:26

بىلكوپنىڭ مىللى خارەكتىرىدە ئاتاڭ كىم ناملىق ئۇقۇم بار.سىزدىن ئۈگەندىم.

gulmiras يوللانغان ۋاقتى 2008-11-13 10:39:14

你真笨写的不好،真没以死.

بەت: [1]
: ﺑﯩﻠﻜﻮﭖ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ؟