wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 16:40:41

ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻯ (wapadarim912)

ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰ ....ﺋﯘ ﻛﻪﺗﺘﻰ .....ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻜﻪ ،ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ .....
ﺋﯩﻼﮬﯩﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ..

ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ  ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ... ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ،،،،ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﭘﻪﺭﺷﺘﻪﻡ ﺗﯘﻏﯘﺗﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ......
ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ  ﻳﻴﮕﯩﺖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﯘﻟﻰ 4ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ .ﻗﺎﺭﺍﯓ  ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ ،ﺋﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ "ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ "ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ...
ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ،ﺷﯧﺮﯨﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ :
"ﺋﯧﮭ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯜﺯﻣﻪﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺱ ،ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻧﺒﻪﺭ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﺯﻣﺎﻕ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ "ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ........
ﺋﯘﻻﺭ 4ﻳﯩﻞ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ ،ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﮬﻪﺭ  ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﭘﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻣﻪﺷﯘﻗﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ....
ﻗﯧﻨﻰ ﺷﯘ ﺑﻪﺧﯩﺖ ،
ﺋﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﻰ ...
ﻗﯧﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ..
ﻗﯧﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩﻡ .......

ﺑﺎﺭ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﺪﯗﺭ ﺳﺎﯕﺎ ،
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ  ﻣﻪﻧﭽﯜﻥ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﻯ .
ﻳﺎﺭ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﺍ ﻗﯩﻞ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺭﻩﻗﯩﭗ ،
ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﻤﻪﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﻤﺎ ،ﺗﻪﮔﻜﻪﻳﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ .......
ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﺌﯧﺮ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺷﺌﯧﺮﻧﻰ ﺋﯘ  ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ  ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﯩﺴﻰ ﭼﯧﻘﯩﺸﯩﭗ :"ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯘﺭﺍﻻﺭﺳﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻣﯘ ؟ﻳﯜﺭﯨﮕﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﺩﻩﭖ ﺷﻮﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ....
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﭘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﯛﻟﺪﻯ ...... ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :
" ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻣﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ ،ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻐﯘ ﺋﻪﻱ ﺑﯩﯟﺍﭘﺎ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ .......ﺩﻩﭖ ﺋﯚﻛﺴﯜ ﭖ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .......
ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﻰ ،
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﯩﻘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻧﯩﻜﺎﮬ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺧﺎﻻﺱ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯩﮕﺎﮬﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﯩﺸﯩﺪﯗ .....
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ  ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ...........
ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ،ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﮬﻪﻱ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ،،،ﻳﺎﻕ ،،ﻳﺎﻕ ....ﺋﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ  ﻳﺎﺷﻼ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ........
ﺑﯘ  ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﯩﮕﻪ  ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ......
ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ......ﻳﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .
ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ - ﺋﯘ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ،ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻩ "ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺩﻧﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ ......
ﺋﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻗﭽﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﯜﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ ، ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﻗﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ "ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻯ "ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺗﺎﭘﺘﻰ ......
ﺋﯩﻼﮬﯩﻢ ؛ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،،
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻠﻰ ،........


http://www.hantangri.net/1som/AYNURI.mp3

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 16:48:20

ئەلچىگە خىتاپ
ئالەمدە يىگانە سالاملىرىم ئەتىگۈل بىلەن يېنىڭغا كەتتى .ئۇنى جانسىز دىمىگىن ئۇنىڭدا جان بار بىلسەڭ ئۇنىڭ ھەر بىر تونىغا مېنىڭ تىلەكلىرىم سىڭگەن .بىلەمسەن ئۇ مەن بىلەن مۇڭداشتى .قانچە تۈنلەردىن بېرى ساڭا دىيىشكە تەشنا بولغان ،لىكىن ساڭا دىيەلمىگەن گەپلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيىتتىم .سۆيگۈڭگە ئەسىر يۈرۈگۈم ئىچ سىرلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى .ئۇ ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن مەن ئېيىتتىم .بەلكىم ئۇنىڭ دەردىمۇ ئۆزىگە يېتەر بولغىيدى .چۈنكى ئۇ ئاز كۈندىن كىيىن سولىدۇ !!!
ئېختىيار سېنىڭدە ،گۈلگە گۈل كەلتۈرۈپ ئۇنى بېشىڭغا قىسامسەن ياكى ؟؟؟؟ئشىقىلىپ مۇھەببەتتە زورلاش بولماسلىقى كېرەك !!!!
ساڭا دەيدىغىنىم ناۋادا ئۇنى قەدىرلىسەڭ قەلبىڭگە كۆچۈرگىن ،قۇرىغان جىسمىنى بولسا ساقلاپ قوي .نىمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ياپراقلىرىنڭ ئەخلەت چىلىكىگە تاشلانغۇدەك قەدىرسىزلىكتە گۇناھى يوق .ھەممە گۇناھ مەندە .ئۇنى ئۆزۈمگە ئەلچى قىلدىم .لىكىن مەندىمۇ نىمە گۇناھ ،ھەر قارىشىڭدىكى ئوتلۇق ھارارەتتىن يۈرۈگۈم بېھوش تۇرسا ساڭا گەپ قىلىشقا نەدىكى جۈرئەت !!!!!
ناۋادا ئۇنى پەرۋىش قىلىش ساڭا بىھۇدە تۇيۇلسا مەنمۇ ئەتىرگۈلگە ئېيىتقان سەنمۇ ھەم ئېيتىپ قوي .ئۇ يېنىمغا قايتىپ كەلمىسۇن ،كەلسىغۇ قۇرىغان ياپرىقىنى يالداما قىلىپ ئەبەدىي ساقلارمەن ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ كۈنلەر ئەستىن چىقماس .لىكىن ئۇنىڭغا سىڭگە ن قەلىب ئىزھارلىرىمنى يۈرۈگۈمگە قايتۇرالمايمەن ھەم قايىتمايدۇ .چۈنكى ئۇ تىلەكلەر يۈرۈگۈمدىن تۇنجى قەدىمىنى قايىتماسلىققا قەسەم بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن .شۇڭا ئۇ تىلەكلەر تاكى سەن بەخىت بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرگۈچە ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرىپ ياكى ئالداپ ئۆتەرمىكىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
  ئەتىرگۈلۈم !!!!
   ناۋادا پىشانەڭ تەتۈر كېلىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغىنىڭدا قارشىلىق قىلىپ سىلكىنىپ يۈرمە ،سىلكىنگىنىڭدە تىكەنلىرىڭ ئۇنىڭ نازۇك قولىغا سانجىلىپ قولىنى قاناتمىسۇن .ئۇنىڭغا مەن چىدىيالمايمەن . ھەم ياش تۆكۈپ ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويما ،ئۇنىڭ كۈلكە بىلەن يىغا پاسىلىدا تەڭقىسلىقتا قېلىشىنىمۇ خالىمايمەن ،سەن پەقەت ئۇنىڭغا\" سىزگە بەخىت تىلەيمەن \"لادىگىن خوشال بولسۇن .چۈنكى ئۇنىڭدەك ياخشىلار كۈلۈشكىلا ھەقلىق .بەخىت ئۇلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتى ................
ئەتىرگۈلۈم !
مەيلى مەن نىمە كۈنلەر كۆرەي ،يېنىمغا بوينۇڭنى قىسىپ قايتىپ كەلمە ،مېنى كوچىلاردا سەرسان قىلغان ،مېنى خازان قىلغان تاش يۈرەك دەپ مېنى تىللا ،تىللىغىن .
ئېتىراپ قىلىمەن ،ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئالدىدا ئۇرۇنۇشلىرىم كۆپۈككە ئايلانغاندەك ،سەن يەرگە چۈشكەن شۇ دەقىقىدە يۈرۈگۈم تاشقا ئايلانغان ......
2004-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى چارشەنبە يېزىلغان(سانائەت ئىنىستىتۇتى )

STONE يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 17:23:49

ﻣﯘﺯﯦﻜﺎ ﺑﻪﻙ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﭘﺘﯘ .....ﺧﯧﻠﯧﻼ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﻚ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺟﯘﻣﯘ !
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪﺍﺵ .......

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 17:48:27


  ﺭﺍﺱ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ،ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺶ،ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻣﯘ؟ ﺋﯘﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.ﻗﯩﺰﯨﻐﯩﻤﯩﯘ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.

Elemdar يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 18:15:15

ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺴﺎﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺷﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﺷﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻛﯩﻠﻪﭼﻪﻙ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺭ ﮬﻪ!  ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯘﺳﯘﻏﯘﺳﯩﺪﺍ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 19:55:31

ﮬﻪﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻱ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-2 10:23:14

ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻱ ...
بەت: [1]
: ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻯ (wapadarim912)