dihanogli يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 02:22:05

خاپىلىق تارتقىنىڭىزدا.....

http://d.99081.com/dihanogli/swf/kitab5.swf
خاپىلىق تارتقىنىڭىزدا.....

قاتتىق خاپىلىق ياكى رەنجىش رۇھى ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۈرۈشنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى،شۇڭا سىز تۇرمۇشتا قاتتىق رەنجىشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتۇشىڭىز كېرەك.ئەگەر خىزمەت ياكى ئائىلە ئىشلىرىدابىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسىڭىز تۈۋەندىكىدەك چارىلەرنى قۇللۇنۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ:1-  ئۆزىڭىزگە ھاي بىرىپ خاپىلىقنىڭ زىيىنىنى كۆپرەك ئويلاڭ ھەم <<خاپا بۇلۇش ئۈزىنى ئۆزى جازالاش >>دىگەن تەمسىلنى ئۇنتۇپ قالماڭ.   2-  رەنجىپ قالغىنىڭىزدا ،ئۈزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان شېئرياكى ھىكايىلەرنى ئۇقۇڭ،ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاڭ.    3-   دوست -بۇرادەر ياكى ئۇرۇق- تۇققانلانىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ،بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كۆڭۈللۈك ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىڭ ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمرالىقىدا كۇچىغا چىقىپ ئايلىنىڭ،مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.  4-   خاپا بولغان چىغىڭىزدا  ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇش،ئارقا -ئارقىدىن تاماكا چىكىش ،نەرسىلەرنى تاشلاش،قاچا-قۇچا،ئەينەكلەرنى ئۇرۇپ-چېقىشتىن ساقلىنىڭ.    5-   خاپىلىق تارتقان چاغلىرىڭىزدا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي ،  رەتلىك،پاكىز كىيىنىڭ شۇنداقتا رۇھلۇق،غەمدىن خالى كۈرۈنىسىز.  6-ئاچچىقىڭىز يانغاندا ،نىمە ئۈچۈن خاپا بۇلۇپ رەنجىگەنلىكىڭىز توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ ۋە تەھلىل قىلىڭ.

يۇقۇرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كۆرسىڭىز سىزگە ياردىمى بۇلۇپ قالار....

مەنبە:  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى    18-قىسىم  


mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 17:06:43

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ!!!!!!

uygur0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 17:26:42

ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭ ،،،،ﺋﺎﭼﭽﯩﻜﯩﻢ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﭘﻪﻳﻨﻪﻙ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،،،ﺗﯩﻠﻐﯘﻧﻨﯘﻣﯘ  ﺑﺎﺭ ،،،،،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،،،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،،،

Gultikin يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 17:46:29

ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻏﯘﮊﯨﺪﻩ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﻣﯩﺰ

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 18:42:54

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

114 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 19:43:00

Mustapakamal يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 20:37:39

ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﺗﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﯩﺰﯨﯔ ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﯖﯩﺰ ﻳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯔ ، ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯩﺮﺗﯩﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 21:10:44

ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ 2ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ!

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 22:26:18

ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ1ﺩﯨﻦ 1000000ﻏﯩﭽﻪﺳﺎﻧﺎﯓ ﺳﺎﻧﺎﭘﻼ ﺑﻮﻻﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

tayger يوللانغان ۋاقتى 2008-2-25 10:55:55

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-26 11:44:34

ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ1ﺩﯨﻦ 1000000ﻏﯩﭽﻪﺳﺎﻧﺎﯓ ﺳﺎﻧﺎﭘﻼ ﺑﻮﻻﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
-----------
1ﺩﯨﻦ 1000ﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ...
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ

volcane يوللانغان ۋاقتى 2009-1-25 22:13:33

ئۆزىڭىزگە بۇنداق ئازاپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ تەسەللى بىرىپ، خىيالىڭىزنى باشقا ئىشلارغا قارىتىڭ. ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ.
بەت: [1]
: خاپىلىق تارتقىنىڭىزدا.....