izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 13:32:42

(ئىزدەنگۈچى)بىر مائارىپ نەزەرىيىسى

(ئىزدەنگۈچى)بىر مائارىپ نەزەرىيىسى


بۇ تىما مۇنبەرگە بىر قېتىم بېرىلگەن ئىدى ، لىكىن كىيىن تىمىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالماي تاشلىنىپ قالدى ، ھازىر ئاخىرىنى چىقىراي دىسەم ئەسلىدىكى تىما بەكلا كونىراپ كېتىپتۇ ، شۇڭا ئەسلىدىكىنى ئاز تولا ئۆزگەرىتكەن ئاساستا قايتىدىن يوللىدىم . ﻣﺎﯞﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ، ئۇنىڭدىن ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ .



بۇرۇن مەن بىر مەسەلنى ئوقۇغان ، بىر ئادەم يېزىغا سۇ ئامبىرىغا دادىسىنى يوقلاپ بارىدىكەن . دادىسى شۇ سۇ ئامبىرىنىڭ ھۆددىگە ئالغۇچىسى بولغاچقا ئۇلار ھەر كۈنى پىلانلىق ھالدا بېلىق تۇتۇپ شەھەردىكى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەككەن . ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ بارغان بۇ كىشى شۇنىڭ بىلەن بېلىق تۇتۇش جەريانىغىمۇ داخىل بوپتۇ . ئۇلار ئاۋال تورنى كۆلگە تاشلاپ بېلىقلارنى بىر تەرەپتىكى كىچىك كۆلچەككە ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن كۆلچەكنىڭ توسىقىنى ئېتىۋېتىپ ، كۆلچەك ئىچىدىكى سۇلارنى چىلەكلەپ ئېلىپ بېلىقلارنى سۇ ئاز قالغاندا بىراقلا تۇتىدىكەن . ئۇ كىشى بارغان كۈنى دەل ئۇلارنىڭ چىلىكىنىڭ ياغاچ شاللىرى ( ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغېنى ئەتراپى ياغاچ شاللار بىلەن قورشالغان كونا زاماندىكى چىلەك ئىكەن ) ھەممىسى دېگۈدەك سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ ، بىر چىلەك سۇ ئالسا سۇنى سىرىتقا تۆكۈپ بولغۇچە يېرىم چىلەكتىن جىقراقى تۆكۈلۈپ كېتىدىكەن . ئۆي يىراق بولغاچقا يەنە يېڭى چىلەك ئەپ كېلىشكە بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن . ئۇ كىشىنىڭ دادىسى ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن بالىسىغا سىرىتتىن شال پارچىسى تېپىپ كېلىپ چىلەكنىڭ ئەڭ قىسقا شېلىغا ئۇلاپ ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تۇرۇشنى كۆرسىتىپتۇ ، راسىتلا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولۇپ ، ئۇلار تىزلا كۆلچەكتىكى سۇنى سىرىتقا توشۇپ بوپتۇ ... شۇندىن كىيىن بۇ كىشى " ئەڭ قىسقا شالنى ئاۋال ئوڭشاپ تۇرايلى " دىگەن شۇ گەپنى ئېسىدىن پەقەتلا چىقارماپتۇ ، ھەم تۇرمۇشىدا كۆپ پايدىسىنى كۆرۈپتۇ ....

شۇنداق ، بەزى ۋاقىتلاردا بىز شۇنداق ئەھۋالغۇ دۇچ كېلىمىزكى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى پايدىسىز ئەھۋالدا ، ئىلگىرىلەش يولىمىز ئۆزىمىزنىڭ پايدىسىز ئامىللىرى تەرىپىدىن مەھكەم چىرماپ ئېلىنغان ، يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇلارنى بىر يولىلا ئۆزگەرتىشكە ماجالىمىز يوق ... مەسىلەن مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ... ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ ، بۇنى ئويلىساق ئۇ تۇرغان ، ئۇنى ئويلىساق بۇ تۇرغان ، ھەممىنى ئەمەس مەلۇم بىر ساھەدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ، زىھىن ، مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ ... بۇنداق ئەھۋالدا ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان يول قايسى ؟ بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر يولنى تېپىشقا مۇھتاج ، ھازىرقى شارائىتىمىز ئاساسىدا ئامالنىڭ بارىچە تەرەققىيات قەدىمىمىزنى تىزلىتىش ... مېنىڭچە بۇ يەردە يۇقىرىقى " ئەڭ ئاجىز شال " نەزىرىيىسى بىزگە بەزى ئىلھاملارنى بېرەلەيدۇ . بىزدىكى " ئەڭ ئاجىز شال " زادى نىمە ؟

مائارىپنىڭ گېپى چىقسا جەمىيىتىمىزدە ئەڭ مودا بولغان بىر ئاتالغۇ ئاتالمىش " ساپا مائارىپى " ، ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ گەپ مەن تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا چىققانغۇ دەيمەن ، كىچىكىمدىن ساقال تاراپ ئۆگىنىپ قالغانمۇ مەن تېخى تولۇقسىز 2-يىلىقتىكى ۋاقتىمدا باشلانغۇچ مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدىكى بەزى كونكىرىت تەدبىرلىرىمنى " تارىم غۇنچىلىرى " دا ئىلان قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن . شۇندىن بۇيان مانا 10 يىللار بوپتۇ ، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز ، ئەلۋەتتە دۆلىتىمىز ئوتتىرا باشلانغۇچ مائارىپىدىكى مەسىلە يالغۇز ئوتتىرا باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئەمەس ، نۇرغۇن سىرىتقى ئامىللار مەۋجۇت ، لىكىن شۇنداقتىمۇ 10 يىل ئىچىدە ساپا مائارىپى بىز ئاز تولا ھىس قىلغۇدەك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىدى ، ئەپسۇس ، سۈرئەت بەكلا ئاستا ، بەلكىم بىز تېخى يېقىن مەزگىللىك پايدىنى قوغلىشىش مەزگىلىدىن ھالقىپ بولالمىغاندىمىز ، قولدا تۇتۇپ ھىس قىلغىلى بولىدىغان پۇل ، ئقتىزاد شۇنچە تەرەققى قىلدىيۇ ، مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئۇنىڭغا يېتەلمىدى ... بەلكىم بۇلار مېنىڭ خاتا تەسىراتىمدۇ ، شۇنداقتىمۇ ھىچقىسى يوق ، چۈنكى بۇلار تىمىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ ئەمەس . مەن بۇ تىمىدا ئاساسلىق قىلىپ ئائىلە تەربىيىسى ۋە بۇرۇن كۆرگەن بىر مائارىپ نەزىرىيىسى ھەققىدە توختالماقچى .


مەن ئالدى بىلەن بەزى ئۆزۈم بىلىدىغان ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەي .

شۇنداق بىر بالا بولغان ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دائىم ئۆزى يالغۇز ئويناشقا ئامراق ئىدى ، ھەتتا سىڭلىسى بىرگە ئويناشنى تەلەپ قىلسىمۇ قوشۇلمايىتتى ، ئانىسى ئۇنى مال بېقىشقا چىقىرىۋەتسە ئۇ بىر تەرەپتە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ماللارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ كۆپ قېتىم باقىلارنىڭ زىرائىتىنى يەپ كەتكەچكە ئانىسى ئۇنى مال بېقىشقا بۇيرۇشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدى ، كۈندە ئۆزى يالغۇز خىيال سۈرۈش ، ئۆزى بەزى ددى ئويۇنلارنى ئويناش ئادىتى تاكى ئۇ 8-9ياشقا كىرىپ تاغىسى تەرىپىدىن مەكتەپكە ئەۋەتىلگىچە داۋاملاشقانىدى . سىزنىڭچە بۇ بالا چوڭ بولغاندىن كىيىن قانداق ئادەم بولۇپ چىققاندۇ ؟ بىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بويىچە بولغاندا بۇنداق ئادەمنىڭ ھىچقانداق ئىشقا يارىمايدىغان لايغەزەللەردىن ئىكەنلىكىدە گەپ يوققۇ دەيمەن .

يۇقىرىقى ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى يېقىنقى زامان تەبىئى پەن تەتقىقاتىنىڭ يول ئاچقۇچىسى ، داڭلىق فىزىكشۇناس ، ماتىماتىك ، پەيلاسوپ . ئۇنى كىشىلەر نىيوتۇن دەپ ئاتايدۇ .

يەنە شۇنداق بىر بالا بولغان ، ئۇمۇ كىچىكىدە ئۆزى يالغۇز ئويناشنى ياقتۇراتتى ، سىرىتتا باشقا بالىلار قىقاس سۈرەن سېلىپ ئويناۋاتقاندا بۇ بالا ئۆيدە يالغۇز ياكى سىڭلىسى بىلەن بىرگە ياغاچ پارچىلىرىدىن ئۆي تىزىش ئويۇنى ئوينايىتتى ، ئۇ بۇ ئويۇنغا ھەقىقەتەنمۇ باكلا ئامراق ئىدى . ئۇ تولا گەپ قىلمايىتتى ، مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىدە سوئاللىرى بولسىمۇ مۇئەللىمدىن سورىمايىتتى ، ھەتتا ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا دائىم دەرىستىن قاچاتتى ... سىزچە بۇ كىم ؟ ئەلۋەتتە بۇ كىشىنىڭمۇ ناھايىتى داڭلىق شەخىس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىز ...

بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئالبېرىت . ئېينىشتىيىن . كىشىلەر ئۇنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم دەپ تەرىپلىشىدۇ ، سىز دائىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن بۇندىن كىيىن يەنە بىر ئېينىشتىيىننىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلايسىز .

يەنە بىر قىزبالا بولغان ، ئۇكىچىكىدىنلا ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قوياتتى ، بارلىق پائالىيەتلىرىنى كونتىرول قىلىپ تۇراتتى ، ھەتتا سىرىتقا ئوينىغىلى چىقىش تۈگۈل قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئوينىشىغىمۇ رۇخسەت بېرىلمەيىتتى ، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئەركىنلىكى ئۇدۇل جوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ئانىسى دائىم كۆرۈپ تۇرالايغان يەردە ئويناش ئىدى . ئۇدۇل قوشنا ئۆيدىكى ئايال بۇ قىزنىڭ " شىمىس خانىم ، سىز ئىشىكنى تاقاپ قوپسىڭىز مەن ئۆيىڭىزدە ئوينىيالمايمەن " دىگەن گېپىگە ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى . ئۆيىدىكىلەر يەنە دائىم ئۇنىڭغا ئۇنىڭ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، شۇڭا باشقا قىزلارنى دوراپ كىيىنىشىنىڭ ھجىتى يوقلىقىنى تەكىتلەيىتتى .... سىزچە بۇ كىمدۇ ؟ ئىشىنىمەنكى سىز بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلالمايسىز . ئەلۋەتتە ئۇ بىر داڭلىق شەخىس ، بولمىسا ئۇ مەندەك بىر شەخىسنىڭ ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە شۇندە قىزىقىشىمغا نائىل بولالمىغان بولاتتى ...

بۇ قىز ھازىرمۇ ھايات ، ئامرىكىلىقلار ئۇنى " ھەي ، رېس " دەپ چاقىرىشىدۇ ، بەزىدە ئىسمىنىڭ ئالدىغا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى دەپ ئەمەل نامىنى قوشۇپمۇ قويىدۇ ...



يەنە شۇنداق بىر بالا بولغان ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ ئۇ كىچىدىنلا ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قوياتتى ، ئۆگىنىش ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى پىلانلاپ بېرەتتى ھەم ھەر كۈنى ئۆزلىرى تەكرار قىلىپ بېرەتتى ... بۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا بولغان ئىش ، ئەمىسە بۇ كىمدۇ ؟

بىز توردا ئۇنى " ھەي JECK " دەپ چاقىرىمىز ، ئۇ ھازىر ئامرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى ئوقۇۋاتىدۇ .


بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز ؟ ئەلۋەتتە ھەر بىر ئوقۇرمەن بەلكىم بۇ بايانلار بىلەن ئۆزىنىڭ ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيە ئەھۋالىنى ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى پەرزەنىت تەربىيىسىگە بولغان مۆلچىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان بولىشى مۇمكىن . مېنىڭ شۇنداق سېلىشتۇرۇشلاردىن كىيىنكى يەكۈنۈم شۇكى ئىلمى تەلىم تەربىيە ئۇقۇمى بىزدىن خېلىلا يىراق ، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە خاس تەلىم تەربىيە ئادەتلىرىمىز يېتىلمەي تۇرۇپلا تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ئەركىن غەرىپ مائارىپىدۇنياسىغا شۇڭغۇپ كەتتۇق ، ھالبۇكى ئەمىلىيەتتىكى غەرىپ بولسا پۈتۈنلەي باشقىچە قىياپەتتە تەرەققى قىلىۋاتاتتى ...

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 14:02:55

بىزدىكى ئائىلە تەربىيىسى
1. بالىنىڭ زادى قانچىلىك ئەركىنلىكى بار ؟
كۆپىنچە ئۇيغۇر بالىلار مۇنداق دېيىشىمىز : بۇ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمىز كىچىكىدىن ھەممە نەرسىنى ئاتا ئانىسىنىڭ دېگىنى بىلەن قىلىپ ئادەتلەنگەن ، شۇڭا تۇرمۇش تەجرىبىسى بىزدىن ئاز ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە بىزگە يىتەلمەيدۇ ... ۋەھاكازالار . ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟
ناتايىن ، ئامرىكا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى سېلىشتۇرايلى ، قېنى قايسىسى ئېرىشكەن ئەركىنلىك كۆپكەن ؟ ئەگەر ئامرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئائىلە مائارىپى ھەققىدە ماتىرىيال كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بىز ئاسانلا شۇنى بايقايمىز ، ھازىرقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېسنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش قاتتىق باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى ئامرىكىدا ئالاھىدە ئەھۋال ھىساپلانمايدۇ . نۇرغۇن ئامرىكىلىق ياش ئاتا ئانىلار بالىسىنى گەرچە رېسنىڭ ئاتا ئانىسىدەك چىڭ تۇتىۋالمىسىمۇ ، لىكىن بالىسى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ چىقىپ كەتسە كىيىن شۇ دوستىنىڭ ئۆيىگە تېلىفۇن بېرىپ بالىلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ . بۇ بەكلا ئېشىپ كەتتىمۇ نىمە ؟ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بالىلارنىڭ ئەركىنلىكى ھەقىقەتەنمۇ خېلىلا چوڭ . كىچىك تۇرۇپلا نىمە كەيگۈسى بولسا شۇنى كىيىمەن دەپ ئالغۇزالايدۇ ( يىغلاپمۇ بولسا ) ، چوڭ چوڭ نەرسىلەرنى ئالغۇزسىمۇ ئاتا ئانىسىنىڭ شەرت قويىشىغا ئۇچرىمايدۇ . ئەكسىچە بىز ئامرىكىلىق ئاتا ئانىلارنىڭ دائىم بالىلىرىغا مەلۇم شەرىتنى ئورۇنداش بەدىلىگە ئاندىن چوڭراق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز .
نېمىشقا ئامرىكىلىق بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىمىز ؟ چۈنكى ئامرىكىلىق ئاتا ئانىلار چوڭ قىلغان شۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا مۇستەققىل مەۋجۇت بولۇش ، ياشاش ئىقتىدارى باشقا رايونلاردىك بالىلارغا قارىغاندا روشەن يۇقىرى . ھالبۇكى ئاتا ئانىنىڭ بالىنى تەربىيىلىشىدىكى ئەڭ تۈپ ئارزۇسى دەل بالىسىنىڭ مۇستەققىل ھالدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشى ، ھەم مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىنسان بولۇپ چىقىشى ئەمەسمۇ .
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى ، بالىنىڭ ئاق قارىنى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى ھامان چەكلىك بولىدۇ ، دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممە دۆلەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھامىيلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن . شۇنداق ئىكەن بالىنىڭ تۇرمۇشىدا قانچىلىك ئىشلارنى بالىنىڭ ئۆزى قارار قىلىش پۈتۈنلەي شۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىش كېرەك . ئاتا ئانا بولغۇچى بالىسىغا كىچىكىدىنلا بەزى ئاددى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىتىشى ، ھەم مۇنداق ئىشلارنى بارا بارا كۆپەيتىشى ، پىلانلىق ، مەقسەتلىك ھالدە بالىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ، ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىشى كېرەك . شۇندىلا بالىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپمۇ يەنە بالىشىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەھۋاللاردىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ . ھالبۇكى بۇنداق ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى دەل شۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى تەربىيە . بىز چوقۇم بالىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ، ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز ، شۇ ئاساستا مۇۋاپىق باشقۇرىشىمىز ، يىتەكلىشىمىز كېرەك .

مۇنداق بىر مىسال ئالايلى : بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ئۇ ماڭا ئۇنىڭ قىز بالىنىڭ كىيىمىنىڭ يېڭى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ، ئاتا ئانىسىنىڭمۇ كىچىكىدىنلا ئۆيدە ئۇنىڭ ئاچىسىغا شۇنداق نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى . مەن شۇنداق دەيمەنكى مۇشۇنداق ئاتا ئانىلار كۆپىيىدىكەن بىزنىڭ ئائىلە مائارىپىمىز يەنىلا كۆپلىگەن ياراملىق ، ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ . ئەگەر بىر ئۆيدە يۇقىرىقىدەك مەسىلە تىلغا ئېلىنمىسىچۇ ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ قىزى يۇرىتتىكى ۋاقتىدا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭى قىسقا نەرسىلەرنى كېيىشكە پۇرسىتى بولماس . كىيىن ئوقۇشقا مېڭىپ قالسىچۇ ؟ ئۈرۈمچى ياكى ئىچكىرىنىڭ قايسىبىر ئاۋات شەھىرىگە بېرىپ ، ئەسلىدە قىزلارنىڭ كىيىمىنىڭ تۈرىنىڭ شۇنداق كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىسىچۇ ؟ ئىشىنىمەنكى يۇقىرىقى گەپ تەكىتلەنمىگەن ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز بالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ يېڭى » مەدىنىيەت» تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىلىدۇ . سىز بۈگۈن ئۇنىڭ مۆرىسى غىل پال كۆرىنىدىغان تور كوپتا كېيگەنلىكىنى كۆرسىڭىز ئەتىسىلا مۆرىسى ئوچۇقلا قالغان يىپلىق ئااسما مايكا كىيىۋالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز . باشقا تەرەپلەردىمۇ ھەم شۇنداق .

شۇڭا بىرىنجى بولۇپ تەكىتلىمەكچى بولغان نوقتام شۇكى بالىڭىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ، ئىش بىجىرىش ئىقتىدارى ، قىمەت قارىشى قاتارلىقلارنى مەقسەتلىك ، پىلانلىق ھالدا تىزگىنلەپ ، يىتەكلەپ تۇرمىسىڭىز بىز سىزنى مەسئۇلىيەتسىزلىكتە ئەيىپلىسەك بولىدۇ .

2. بالىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ئاتا ئانىنىڭ يىتەكلىشى ، پۇرسەت يارىتىشى ۋە تەربىيىلىشىگە مۇھتاج .
ھەممىمىز بىلىمىزكى يىرىتقۇچ ھايۋانلار بالىلىرىنى بوۋاق مەزگىلىدە يېنىدا تۇرغۇزۇپ ئوۋ ئوۋلاش ، ئۆزىنى قوغداش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىتىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭغا شۇ ئايانكى بالىسى كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇ ماھارەتلەرنى ياخشى ئۆگىنىۋالسىلا كىيىن بالىسى ئۆزى مۇستەقىل ياشىغان ۋاقتىدا بالىسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئامرىكىلىق ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ گېپى چىقسا بىز دائىم مۇنداق گەپنى ئاڭلايمىز : ئامرىكىدا ئاتا ئانا بىلەن بالا ئارىسىدا مىھىر مۇھەببەت باكلا ئاز ، ئاتا ئانىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ ، بالىلىرىنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن كارى بولمايدۇ ... ئەلۋەتتە ئامرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ يىراقلىشىدىغانلىقى راست ، لىكىن بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق مىھىرسىزمۇ ئەمەس . ئەڭ مۇھىمى شۇكى بالىالر قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئاتا ئانىلار بالىسى بىلەن كارى بولمايدۇ ئەمەس بەلكى ئامال قىلىپ بالىسىنىڭ مۇستەققىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ . ئەمىلىيەتتە بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتى بىزنىڭ ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن كۆپ يېقىن ، شۇنداقلا ئىلمىيلىكى يۇقىرى . مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ، ياكى ئائىلىدە بولسۇن ئامرىكا جەمىيىتىدە شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ، مەيدانى بولىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەچكە ، بىز ئامرىكىلىق بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا نۇرغۇن .ئىشلاردا ئۆزىگە خاس قاراشقا ئىگە بولغانلىقىنى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايقايمىز . مېنىڭچە بۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا ئامرىكا ئاتا ئانىلىرىنىڭ مائارىپى يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلىشىگە ئوخشايدۇ . بىزنىڭ ئائىلە مائارىپىمىز بولسا ئۆي ھايۋېنىنىڭ بالىسىنى تەربىيىلىگىنىگە ئوخشايدۇ . چوڭ بولغاندىن كىىيىنمۇ توپتىن ئايرىلالمايدۇ ، توپتىن ئايرىلسا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيدۇ ، شۇڭا بىر ئۆينىڭ ئېگىسى بولغان ، بىر بالىنىڭ دادىسى بولغانلارمۇ يەنە ئاتا ئانىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ ، غەم يىگۈزىدۇ ... ئەلۋەتتە دىمەكچىمەنكى يۇقىرىقىدەك نامۇۋاپىق ئەھۋاللار بىزدە نىسبەتەن كۆپرەك .
شۇڭا ئىككىنجى بولۇپ يەكىتلىمەكچى بولغىنىم بالىلارنىڭ مۇستەققىللىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى . بالىنىڭ كىچىكىدە ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگەتمەي ، ئۇنى چېنىقتۇرماي كىيىن چوڭ بولغاندا » يىمەي يىگۈزۈپ ، كەيمەي كەيگۈزۈپ چوڭ قىلغان بالام قىلغان ئىشىڭ مۇشۇمۇ ؟» دىسەك پەقەتلا قاملاشمايدۇ . ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ يىمەي يىگۈزىشىڭىز ، كەيمەي كەيگۈزىشىڭىزنىڭ نىڭ ئۆزىلا خاتا بولغان . بالىنى تەربىيىلەشتە مۇھىمى بالا كىيىن رەھىمسىز تڭرمۇش رىقابىتىدە پۇت دەسسەپ تۇرالامدۇ يوق دىگەن مەسىلىنى ئويلىشىمىز كېرەك . كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بالام ياخشى كۈن كۆرىۋالسۇن دېسەك ، كۆزىمىز يۇمۇلغاندىن كىيىن بالا ئۇنداق ياخشى كۈننى پەقەتلا كۆرەلمەيدۇ .

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 14:13:18

3. بالىنىڭ روھ باغچىسىنى ئاتا ئانا قوپۇرۇپ چىقىدۇ .
ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاق خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەز ، شۇندىن كىيىن ئۇ ئۇچرىغان ھەر بىر يېڭى شەيئىي ئۇنىڭدا ئىز قالدۇرۇپ ماڭىدۇ . بۇ قەغەزدە بالا قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن ، بۇلۇپمۇ ئەقلىنى تېپىشتىن بۇرۇن نىمىلەرنىڭ ئىز قالدۇرىشى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئاتا ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئاشۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان بوۋاق كىيىنچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغان ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىمۇ دەل ئاتا ئانا تەربىيىسى . قىسقىسى بالىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، دۇنيا قارىشى ، قىممەت قارىشى ، ئەخلاق پەزىلىتى ... قاتارلىق ئىنسانىي سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاتا ئانىنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ ھەم ئاتا ئانىنىڭ كونتىروللىقىدا بولىشى كېرەك . ئەگەر سىز ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاققا تاماكا چىكىشنىڭ زىيانلىق ياكى پايدىلىق ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە بالامنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمەن دەپ كاجلىق قىلمىسىڭىزلا ، بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ئاتا ئانىنىڭ بالىنىڭ بارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنىڭ قانداق بولىشىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى بار ھەم بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مەسئۇلىيەت .
پىلانلىق ، مەقسەتلىك ، ئىلمىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ باشتىن ئاخىر ئالىجاناب كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك خىسلەتلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس . بۇ تەرەپتە مەن بۇرۇنقى خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ تەربىيىسىنى كۆرسەتمەكچى . مەيلى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى بولسۇن ياكى ياۋروپا ، ئوتتىرا تۈزلەڭلىك تارىخىدىكى بولسۇن خان جەمەتى بالىلىرىنىڭ تەربىيىسى بىر دۆلەتتىكى شارائىتى ئەڭ ياخشى تەربىيە شۇنداقلا مەقسەتچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك ، كونتىروللۇق دەرىجىسىمۇ ئەڭ كۈچلۈك تەربىيە . تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى پەرزەنىت تەربىيىسىنى بوش قويمىغان ھەر قانداق بىر پادىشاھنىڭ تەختى بالىسىنىڭ قولىدا تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان . يەنىمۇ مۇھىمى شۇكى قاچانكى ئەل يۇرىتنىڭ بېشىغا ئاپەت چۈشسە دەل شۇ خان ئەۋلادلىرى ئەڭ ئاۋال باش كۆتۈرۈپ خەلىققە باش بولۇپ زۇلۇمنى يوقىتىشقا ئاتلانغان . ( بۇ يەكۈننى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ » قەدىمكى ئوتتىرا ئاسىيا » دىگەن كىتابىدا ئېنىق كۆرەلەيمىز ) بۇرۇنقى تارىخنى بىلمەيدىغانلار ھازىرقى غەرىپ ئەللىرىنىڭ خان جەمەتى ئەزالىرى ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ . گەرچە دۆلىتىمىزدە سىنىپىي كۆرەشنىڭ تامغىسى تۈپەيلى بىز خان جەمەتى قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنى ئاچكۆز ، ياۋۇز ، زالىم قىياپەتتە كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولۇپ قالغان بولساقمۇ ، غەرىپ ئەللىرىدە ئاقسۆڭەكلەرنى بولۇپمۇ خان جەمەتىنى ھۆرمەتلەش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا . بۇلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مۇھىمى شۇكى ئاشۇ خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئىنسانىيلىق خىسلىتىنىڭ يىتىلىشىگە تۈرىتكە بولغان تەربىيە مۇھىتى ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئامىللارنىڭ بىرى .
» ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق » دىگەن گەپ بىكارغا چىقمىغان . ھەر بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىيىن قانداق ئادەم بولىشى ، ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ، تۇرمۇش ئىقتىدارى ، قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتا ئانىنىڭ تەسىرىدە تەرەققى قىلىدۇ ، شۇڭا ئاتا ئانىلار پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ روھىي يىتىلىش جەريانىغا يىتەرلىك دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك .

4. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﮕﻪﻧﭽﻪ ﺑﺎﻻ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﻻ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻨﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ؟ ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ؟
ﻳﺎﻕ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮔﯚﺩﻩﻙ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻭﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻳﺴﺎﭖ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯞﺍﻱ ﺳﯧﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻧﻪﻱ ، ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﻗﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﺎﻗﺴﺎﻣﭽﯘ ﻳﻪﻱ ... ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ .
ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﻻﻡ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ . ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ، ﮬﯩﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﺍ ﺗﻮﻻ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻧﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .

ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ . ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ .

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﻳﻤﯩﺰﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﻪﮬﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺑﻪﻛﻼ ﮔﯚﺩﻩﻙ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ ، ﺋﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﯨﻤﺎﻝ ﺋﯩﺸﻘﯘ . ﺧﻪﻟﯩﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﯓ ﺩﯨﺴﻪ ، ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﮔﯚﺩﻩﻙ 4-5 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻣﯩﮭﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻟﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﺳﻘﯩﻠﻰ ... ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﻠﻰ ، ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺷﺎﺗﺘﻰ ، ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺸﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭙﻼ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﺎﭖ ، ﮔﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ...

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ، ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻗﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ : ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ . ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 14:59:22

ﺟﻪﯞﮬﻪﺭ ﺗﯩﻤﺎ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 15:08:58

ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻱ.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 15:18:04

بىر مائارىپ نەزىرىيىسى

تولۇقتىكى ۋاقتىمدا ناھىيىمىزنىڭ كىتاپخانىسىغا تولا بارىدىغان ،ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىممۇ شۇ ۋاقىتتا كۆرگەن بىر كىتاپتىن ئېسىمدە قالغانلىرى . ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇۋالغانغا خوش بولۇپ يۇرۇپتىكەنمەن ، كىيىن تېپىپ ساقلاپ قوياي دىگەندە قانچە ئىزدىسەممۇ تاپالمىدىم . بەلكىم بەزى ئاتالغۇلاردا ئوخشىماسلىق بولىشى مۇمكىن ، ھەر بىر تىلغا ئېلىنغان ئاتالغۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن ، ئەسلى كىتاپتىن چەتنەپ كەتكەن يەرلىرى بولسا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ ، ئۇ ئۇچرىغان تەربىيىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ ئۇ كىشىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدىن كۆرىۋالالايمىز . بۇ نوقتىدىن چىقىپ قارىغاندا تەربىيەنىڭ نەتىجىسىنى ، ئۈنۈمىنى كۆزىتىش باھالاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەمىلىي پائالىيىتىنى كۆزىتىش ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىكى ئىنكاسىنى كۆزىتىش ، ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىش . مەلۇم نوقتىدىن شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىدىن بىرى ياش ئۆسمۈرلەر مەلۇم ياش باسقۇچىدىن يەنە بىر ياش باسقۇچىغا بارغاندا شۇ مەزگىلدە يېتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك قابىلىيەتلەر يېتىلدىمۇ يوق ؟ يېتىلىشكە تىگىشلىك ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ھازىرلاندىمۇ يوق ؟
مۇشۇنداق بىر تەلەپ ، نىشان تۈزۈپ چىقىش بىزدىن مائارىپ تەلىم تەربىيە ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىچكىرىلەپ نەزىرىيىۋى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . گەرچە بۇنداق نەزىرىيىۋى تەتقىقاتنى قىلغۇچى شۇ جەرياندا بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قىلغانچىلىك ئەمىلىي خىزمەت قىلمىغان بولسىمۇ ، ئۇ كىشىنىڭ تەتقىقاتىدىن قولغا كەلگەن بەزى يەكۈنلەر بەلكىم مىليۇنلىغان باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەلىپ تەربىيە خىزمىتىنىڭ يىتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
دەل مۇشۇنداق مائارىپ نەزىرىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئامرىكىلىق (جوڭگۇلۇقنىڭ ئەۋلادى ) ياش ئالىم ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقنى تۈگەتكەندىن كىيىن داۋاملىق قېلىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا 4 ياشلىق بالىسىنى ئامرىكىغا ئېلىپ چىقىپ ئامرىكا مائارىپىدا تەربىيىگە بەرگەن . بىر دادا ھەم بىر مائارىپشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەنبالىسىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ۋە مۇشۇ جەرياندىكى مەكتەپ تەربىيىسى ، ئامرىكا مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن جوڭگۇ مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ پەرىقلىرى بۇ كىشىنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ قالغان ھەم نەچچە يىللىق كۆزىتىش ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامرىكا مائارىپى بىلەن جوڭگۇ مائارىپىنىڭ پەرقىنى ھىس قىلغان ھەم مۇشۇنداق پەرىق كېلىپ چىقىشتىكى سەۋەپلەرنى نەزىرىيىۋى نوقتىدىن چىقىپ تونۇشتۇرغان .

مۇئەللىپ كىتابىنىڭ بېشىدىلا شۇنداق بىر مەسىلىنى تىلغا ئالىدۇ :
ئولىمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە دائىم چىمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەيدىغان جوڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىنلا ئىپادىسى بەكلا ئادەتتىكىچە بولۇپ قالىدۇ . بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟ ئولىمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە دائىم چىمپىيۇنلۇقنى قولدىن بەرمەيدىغان بىر دۆلەتتىن ھازىرغىچە نوبىل مۇكاپاتى ئالغۇدەك ئادەم چىقمايدۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ جوڭگۇنىڭ ئوتتىرا باشلانغۇچ مائارىپى ئولىمپىك ماتىماتىكا چىمپىيۇنلىرىنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇيۇ ، جوڭگۇ ئالى مائارىپى شۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى نېمىشقا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى قىلىپ چىقالمايدۇ ؟


ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ : مۇئەللىپ ئادەمنىڭ ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ تۆت تۈرگە بۆلگەن ھەم بۇنى تىك بۇلۇڭلۇق كوردىنات سىستىمىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ كوردىنات سىستىمىسىنىڭ ماتىماتىكىدىكى كوئوردىنات سىستىمىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى كوئوردىنات چارەكلىرىنىڭ تەرتىپىدە . بىزنىڭ بۇ كوئوردىنات سىستىمىمىزدا سول تەرەپ ئاستىنقى قىسىم بىرىنجى چارەك ھىساپلىنىدۇ ، ئاندىن سائەت سىترىلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىمىز . خۇددى ئىككىنجى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك .



izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 15:43:50

بىز بىلىمىز ، يەسلىدىكى بالىلار ھەم باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلاردا بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان خىياللارنىڭ ھەر خىللىقىغا ھەيران قالىمىز ، دائىم چوڭلار خىيالغا كەلتۈرۈپ باقمىغان پىكىرلەر ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولىدۇ . شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ئۇلارنىڭ بۇ خىىياللىرى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان ، بۇ يەردىكى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دېيىشىمىز بالىلارنىڭ بۇ خىىيالىنىڭ باشقىلارنى دوراش ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن ئەمەس بەلكى سىرىتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئاددى كاللىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن ھاسىل قىلغان يەكۈنلىرىگە قارىتىلغان . ھەم بۇ توغرىسىدا ئىشلەنگەن تۈرلۈك سىناقلارمۇ بار ، ھەممىمىز بىلىدىغان مىساللارنىڭ بىرى بىر مۇئەللىم دوسكىغا بىر يۇمىلاق چەمبەردىن بىرنى سىزىپ بالىلاردىن ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا بالىلاردا تۈرلۈك تۈمەن جاۋاپلار كۆرۈلگەن ، مەسىلەن ئاي ، قۇياش ، نان ، يۈز ... دىگەندەك . چوڭ ئادەملەردىن سورىسا كۆپىنچە ئادەملەر چەمبەر دەپ جاۋاب بەرگەن . دەل شۇنىڭدەك ئادەم تۇغۇلغاندىن كىيىن تاكى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يىتىلگەندىن كىيىنكى پائالىيەتلىرى ئاساسەن يۇقىرىقىدەك ئەركىن ، مۇستەققىل پىكىرنى ئاساس قىلغان بولىدۇ ، بۇ پىكىر باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىمىغان ، ھەم باشقىلارنى دوراش تۈپەيلىمۇ ئەمەس ، ەم بۇ بالىلارنىڭ بۇ پىكىرلەردە بولىشى ئاللىقاندقتۇر مۇھىم ئىشلارنى مەجسەت قىلغانمۇ ئەمەس . بىز ئادەمنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى مەقسەتسىز مۇستەققىل پائالىيەت دەپ ئاتايمىز .
ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر نەچچە ياش يۇقىرىغا ماڭايلى ، بىز بۇ باسقۇچقا كەلگەندە بالىلاردا ئىختىيارسىز ھالدا دادىسىنى ، ئاپىسىنى ياكى ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىرەر تۇغقىنىنى ، مۇئەللىمىنى ياقتۇرىدىغان ، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى دورايدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز . بۇ خىل دوراش پۈتۈنلەي ئاڭسىز بولۇپ ، بۇ بالىلارنىڭ چوڭلۇققا ، يىتىلىشكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ تۈرىتكىسىدە كېلىپ چىققان ، ئۇلار مەنمۇ شۇلاردەك چوڭ بولسام ، شۇلاردەك قالتىس ئىشلارنى قىلسام دىگەن ئارزۇ ئۈمىدنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى شۇ كىشىگە ئوخشاش قىلىپ تۈزۈشكە تىرىشىدۇ ، بىلىش كىرەككى بالىلارنىڭ بۇ باسقۇچقا قەدەم قويمىقى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، بالىلار گەرچە مەقسەتسىز بولسىمۇ تۇنجى بولۇپ چوڭلار تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىشنى باشلىدى ھەم كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تۈرلۈك ئارزۇ ئارمانلار بىخ ئۇردى . بۇ باسقۇچ بەلكىم 7-8 ياشتىن تارتىپ 11-12 ياشقىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنكى ۋاقىتقىچە داۋاملىشى مۇمكىن .
بۇنىڭدىنمۇ بىر نەچچە ياش يۇقىرىغا قاراپ ماڭساق بىز يەنىمۇ پىشىپ يىتىلگەن بىر بالىنى كۆرىمىز ، بۇ بالىلار ئەمدى كەلگۈسى ھەققىدە خېلىلا ئېنىق قاراشقا كەپ بولغان ، ھىچبولمىغاندا ئۆزىنى شۇنداق بولۇپ بولدى دەپ قارايدىغان بالىلار ، بۇ بالىلارجەمىيەتكە نىسبەتەن مەلۇم قاراشلارغا ئىگە ، جەمىيەتنىڭ شەخىسلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئاز تولا چۈشەنگەن ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى نەرسىلەرنى ئاز تولا ھىس قىلىۋاتقان بولىدۇ . شۇڭا بۇلارنىڭ ھەرىكىتى كۆپىنچە مەقسەتلىك ھالدا ئۆز سۆز ھەرىكىتىنى چوڭلار تۇرمۇشىغا ماسلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بولىدۇ . بۇمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر باسقۇچ ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتمىگەن كىشى باشقىلار تەرىپىدىن چوڭ بولدى دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ . بۇ باسقۇچتا بالىلار قانداق گەپنى قىلسا بىر دوستىنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىنى ، بەزىدە يالغان گەپ قىلىشنىڭمۇ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ . يەنە ياخشى گەپلەر بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىمۇ ئۆگىنىدۇ . مەقسەتلىك ھالدا چوڭلارنى دوراپ تۇرۇپ چوڭلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشنى ئىزدەيدۇ . بۇ دەل بىزنىڭ كوئوردىناتىمىزنىڭ ئۈچىنجى چارىكى : مەقسەتلىك دورىما ھەرىكەت باسقۇچى .
بۇنىڭدىن كىيىن كېلىدىغىنىمىز بولسا تۆتىنجى چارەك . بۇ چارەككە كېلىش بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي پىشىپ يىتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ، بۇ باسقۇچقا يەتكەن كىشى مەيلى تۇرمۇشىدا ، كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە بولسۇن ياكى خخزمىتىدە بولسۇن ھامان ئۆزىنىڭ مۇستەققىل قارىشى بولىدۇ ، ئىشلىرىنى مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز بۇنداق كىشىدە يەنە كىچىك بالىلاردا بولىدىغان سەبىي تەسەۋۋۇرلارنىڭمۇ كەم ئەمەسلىكىنى بايقايمىز . چوڭلار بىلەن بىرگە دۇنيا ۋەزىيىتىدىن مۇنازىرىلىشىش ، كىچىكلەر بىلەن بىرگە ئاددى ئويۇنلارنى بېرىلىپ ئويناش ، خىزمىتىنى پىلانلىق ، سىستىمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، باشقىلار خىىيالىغا كەلتۈرەلمەيدىغان يېڭىچە تەسەۋۋۇرلار بىلەن قىيىنچىلىقلارنى ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى .

ئەگەر يۇقىرقى تۆت خىل پائالىيەت ھەققىدىكى بايانلار ئېنىق بولغان بولسا يەنە شۇنى تەكىتلەش كىرەككى بىزنىڭ بۇ تۆت خىل پائالىيەتنى تۆت بۈرجەككە تىزىپ قويىشىمىز ھەممە ئادەملەرنىڭ مۇشۇ تۆت باسقۇچنى جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.ھەممىمىز ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى مۇشۇ نەزىرىيىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ باقساقلا ھىس قىلالايمىز ، ياش 30-40قا بارغاندىمۇ يەنىلا مەقسەتلىق دورىما پائالىيەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى نۇرغۇن .
يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئادەم مەلۇم بىر باسقۇچتا دېيىش شۇ ئادەمنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى شۇ چارەكتىكى ئالاھىدىلىك بويىچە دىگەنلىك ئەمەس ، مەسىلەن بىر ئادەمنى مەقسەتلىك دورىما ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دىگەنلىك پەقەت بۇ كىشىنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئۇمۇمى ئالاھىدىلىككە ئاساسەن چىقىرىلغان يەكۈن ، ھەرگىزمۇ بۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس ، بەلكىم بۇ كىشىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلىرىدە مەقسەتسىز دورىما ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى كۆرىلىشى مۇمكىن ، بەزىدە بۇ كىشىدە يەنە مەقسەتلىك مۇستەققىل ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىمۇ كۆرىنىشى مۇمكىن ، تۆت چارەك ئارىسى مۇتلەق ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق ئەمەس .

داۋامى بار

nida يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 17:05:44

ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻱ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 20:59:31

ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ.

ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ ﻣﯩﻨﻰ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 21:52:51

ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ -ﮬﻪ؟

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 22:01:31

ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ؟ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﭽﻪ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯧﺨﻰ

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 22:26:09

ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻱ . ﺋﯧﺴﻞ ﺗﯧﻤﺎ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ .

ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻘﺎ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-2-22 22:52:20

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺟﯩﻘﻘﯘ ﺑﯘ...

sayipjiamal يوللانغان ۋاقتى 2008-2-23 10:04:52

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺗﯩﻤﺎ ﺑﯘﭘﺘﯘ.ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎﻣﯩﺰ،ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻱ.ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﺭﺍﻕ ﻳﺎﺯﺍﺭﺳﯩﺰ.

sayipjiamal يوللانغان ۋاقتى 2008-2-23 10:06:51

ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺗﯘﺷﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﮬﻪﻗﭽﺎﻥ.ﺑﯘﻟﺴﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﺰﺭﺍﻕ ﻳﯩﺰﯞﯨﺘﯔ ﮬﻪ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-2-23 18:41:18

ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ ، ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ...

NIMKAX يوللانغان ۋاقتى 2008-2-23 18:44:20

ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ،ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.............

sayipjiamal يوللانغان ۋاقتى 2008-2-23 18:55:27

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻠﯩﻨﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﮕﯜﭼﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﺴﻤﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﯩﺪﻩ.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 16:08:15


ئۈچىنجى چارەك -- مەقسەتلىك دورىما ھەرىكەت باسقۇچىدىنتۆتىنجى چارەك -- مەقسەتلىك مۇستەققىل پائالىيەت باسقۇچىغا ئۆتۈش بولسا بىر ئادەمنىڭ يىتىلىش جەريانىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك بىر ھالقىش . ئامرىكا مائارىپى بىلەن جوڭگۇ مائارىپىنىڭ پەرقىمۇ مۇشۇ يەردە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك كىچىك بالىلارنىڭ مەقسەتسىز مۇستەققىل پائالىيىتى ئىجادچانلىققا باي بولغان پائالىيەت . بۇ خىل ئىجادچانلىق بالىلارنىڭ مۇستەققىل ، ئەركىن پىكرىنىڭ مەھسۇلى . دەل شۇنىڭدەك تۆتىنجى چارەكتە بىز تەكىتلەيدىغان ئەركىن ، مۇستەققىل پىكىرمۇ دەل مۇشۇنداق ئىجادچانلىققا تولغان پىكىر . بۇ پىكىرنىڭ بالىلارنىڭ پىكرى بىلەن ئوخشىماسلىقى شۇكى بالىلارنىڭ پىكرى پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالدا ، مەقسەتسىز ، پىلانسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بىز دەۋاتقان تۆتىنجى چارەكتە بولسا پائالىيەت مەلۇم مەقسەتتە ، ئاڭلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، ئاشۇ ئەركىن ئىجادىي پىكىرلەر مەلۇم مەقسەتنى كۆزلىگەن ھالدا ئوتتىرىغا قويۇلىدۇ . كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بىزلەر كۆپ تەكىتلەيدىغان ئىجادچانلىق ، ئىختىرا ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئەمىلىيەتتە دەل مۇشۇ تۆتىنجى چارەكتە ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپىدۇ . تۆتىنجى چارەك پائالىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان كىشىلەر داۋاملىق تۇرمۇش ، خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ئىجادىي ، جانلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلالايدۇ . ئالمىنىڭ تۆۋەنگە چۈشىشىدىن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئويلاپ چىققان نىيوتون ، ھىچقانداق ئالدىن ئۈلگە خىزمەت ياكى ئىلمىي ئاساس بولمىغان ئەھۋالدا كىۋانىت فىزىكىسىنىڭ ئاساسى تەڭلىمىسىنى يېزىپ چىققان شىرودىنگىر ، DNA نىڭ بۇرمىسىمان قۇرۇلمىسىنى ئويلاپ چىققان كىراكقاتارلىقلارنىڭ ئىجادىي پىكرى دەل مۇشۇ مەقسەتلىك مۇستەققىل پائالىيەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر نامايەندىلىرى .

ئۈچىنجى چارەك بىلەن تۆتىنجى چارەكنىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى دەل يۇقىرىدا كۆپ تەكىتلىگەن ئەركىن ، مۇستەققىل پىكىرنىڭ بار ياكى يوقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . رەسىمدىن كۆرىۋالالايمىزكى كوئوردىنات سىستىمىسىنىڭ ئوڭ يېرىمى دورىما ھەرىكەت رايونىغا تەۋە ، ئۈچىنجى چارەكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دورىما ھەرىكەتئارتىسلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى ، ھەرىكەت ھالىتىنى دوراپ باشقىلارنى كۈلدۈرگىنىدەك ئاددى ھالدىكى دوراش ئەمەس . بىر شەخىسنىڭ جەمىيەت قائىدە يوسۇنلىرىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ، تۈزەش پائالىيىتىمۇ مۇشۇ دوراشقا تەۋە . ناھايىتى ئاددى ، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۈزەش ھەققىدىكى ئويلىرىنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ جەمىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ . بۇ خىل ئالاھىدىلىككە مەقسەتلىك پائالىيەت ئالاھىلىكى قېتىلسا شەخىسنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەقسەتچانلىقى ، نىشانچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكىمۇ دەل بۇ خىل پائالىيەتنىڭ داۋاملىق بىر سىرىتقى قېلىپنى ئۆزىگە لازىم قىلىۋالغانلىقىدا ، بۇ خىل پائالىيەت ھەر قانداق بىر يېڭى ھەرىكەتتە دائىم بىر سىرىتقى قېلىپقا مۇھتاج بولىدۇ ، شۇنداق بىر ئۇنىڭغا ئۈلگە بولىدىغان قېلىپ ، ئەندىزە بولمايدىكەن ئۇ يېڭى ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ .

يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەردىن بەلكىم بىز شۇنداق بىر نەرسىنى غۇۋا ھىس قىلالايمىز : ئىجادچانلىق روھى كۈچلۈك بولغان جەمىيەت ئەزالىرىنى كۆپەيتىمىز دەيدىكەنمىز مائارىپىمىزنىڭ نىشانى دەل تۆتىنجى چارەكتىكى مەقسەتلىك مۇستەققىل پائالىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەملەرنى تەربىيىلەشنى نىشان قىلىشى كېرەك .

مۇشۇ نەزىرىيە بويىچە ئامرىكا ، جوڭگۇ مائارىپىنى تەكشۈرۈپ چىقساق تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز .
ئامرىكا ساپا مائارىپىنىڭ نىشانى دەل مۇشۇ تەرتىپنى بويلاپ تۈزۈلگەن . ئاستىنقى رەسىمدىكىدەك .


جوڭگۇ مائارىپىنىڭ تەربىيىلەش ئەمىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولماقتا .

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-24 16:45:47

جوڭگۇ مائارىپىغا چىقىرىلغان ھۆكۈمگە ئاساسەن بىز جوڭگۇ ئوتتىرا باشلانغۇچ مائارىپى تەربىيىلەپ چىققان ئاتالمىش مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمىشقا كىيىن نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن بولالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيمىز . جوڭگۇ جەمىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت قاراشلىرى ، جەمىيەت تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار جوڭگۇدا شەخىسنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان دىققەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەر بىر شەخىسنى باشقىلارنى ، چوڭلارنى دوراپ ، شۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن . بۇ جەمىيەت تۈزۈلمىسى ھەر قاچان شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى ، پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارىنى چەكلەپ تۇرىدۇ . بۇنداق مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشقا يارىغۇدەك ئىشنى قىلالايدىغان ئادەمنى تەربىيىلەپ چىقالمىغىنىغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى نوبىل مۇكاپاتى بېرىشنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى شۇ خىزمەتنىڭ ئىجادىيلىقى ۋە شۇ ئىجادىيلىق ئاساستا ئىلىم ساھەسىدە قانچىلىك تەسىر قوزغىغانلىقى چوڭ چوڭ ئىلىملەرگە ئاساس بولىدىغان ئىجادىي خىزمەتلەر ھامان مۇستەققىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تالانىت ئىگىلىرىنىڭ ساھەسى ، بۇنداق تالانىت ئىگىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى چەكلەپ قويغان جەمىيەتتە بۇنداق زور دەرىجىدىكى ئىجادىي خىزمەتنىڭ چىقماسلىقىمۇ نورىمال بىر ئىش .
كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى جوڭگۇ مائارىپ ساھەسى ئۆزىدىكى بۇ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېخىغىچە ھىس قىلىپ يەتكىنى يوق ، مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى ھىس قىلىپ يەتسىمۇ ئاۋام خەلىق ھىس قىلىپ يەتكىنى يوق ، ئەلۋەتتە يۇقىرى قاتلام زىيالىلىرى ئارىسىدا مۇشۇ مەسىلىنى ھىس قىلىپ يەتكەنلەر كۆپەيمەكتە ، لىكىن بۇنىڭ ئاۋام خەلىقنىڭ ئۇمۇمى قارىشىغا ئايلانمىقى ئۈچۈن يەنە خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك .
دەل شۇ جوڭگۇ مائارىپىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مائارىپىمۇيۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك مەسىلىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا دەپ قارايمەن . ئالدىنقى كۈنلەردە بىر دوستۇم بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە توختىلىپ پاراڭلىشىپ قالدۇق . ئۆزۈممۇ شۇ ياشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھىس قىلغىنىم شۇ بولدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىش يېشى بارغانسىرى چوڭىيىپ بارماقتا . بۇرۇنلاردا ، ئازاتلىقتىن بۇرۇن 18-19لاردا بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىش ئادەتتىكى ئىش ھىساپلىنەتتىكەن ، دادام بۇرۇن تولا دەيدىغان بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۇتۇن چىقارماق تەس دەپ . ھازىرچۇ ؟ ئالى مەكتەپ تەربىيىسىنى ئېلىپ 21-22لەرگە كىرگەنلەرنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا مۇستەققىل قارىشىنىڭ يوقلىقىنى ، دۇنيا قاراش ، قىممەت قاراشلىرىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز . بۇرۇنقىنى دىمىسەكمۇ 90-يىللاردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھازىر 21-ئەسىردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سېلىشتۇرساقمۇ بىزنىڭ ئاكا ئاچىلىرىمىزنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى شۇ ھالىتىگە سېلىشتۇرغانداپىسخىك يېشىمىزنىڭ كۆپ كىچىك ئىكەنلىكىنى ، مۇستەققىل ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىمىزنىڭ كۆپ ئاجىزلىقىنى ھىس قىلىمەن . يۇقىرىقى رەسىم بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئويلىساق بىز شۇنداق دىيەلەيمىز : بىزنىڭ مائارىپىمىز چېكىنىۋاتىدۇ . 98-يىلى مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلاردا ساپا مائارىپى ناھايىتى قىزىق تىما ئىدى ، مانا 10 يىل بولدى . 10 يىل ئىچىدە يېڭىدىن ئوتتىرىغا چىققان قوش تىل مائارىپىنىڭ تەسىرىنى ئېيىتماي تۇرساقمۇ مائارىپىمىزنىڭ 10 يىل بۇرۇنقىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز .

مائارىپ ئەلۋەتتە مەكتەپ مائارىپى ، جەمىيەت مائارىپى ۋە ئائىلە مائارىپىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بېرىكمىسى . ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىزنىڭ جەمىيەت مائارىپى ساھەيىمىزدە تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە . مەكتەپ مائارىپىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ھەم ئۆزىنىڭ تۈرلۈك تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە ھەم يەنە كۆرسەتكۈسى . ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيە جەۋھەرلىرىمىزنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقى ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى بىرلەشتۈرگەن تەربىيە ئەندىزىسىنىڭ يىتىلىپ چىقمىغانلىقى بىزنىڭ مائارىپىمىزغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە . ئەركىن سىدىق ئەپەندى يېقىندا يازغان ماقالىسىدە تىلغا ئالغان » ئەنسىرەش روھى » بىلەن » چۈشكۈنلۈك روھى » مىللەت ئەزالىرىنى يۇتماقتا . چىقىش يولى قەيەردە ؟ زادى قانداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلىغان ھالدا زامانىۋىيلىققا ماسلىشىدىغان تەلىم تەربىيە ئەندىزىسى يىتىلدۈرەلەيمىز ؟

مەن بۇ نوقتىدا بىزدىكى مەكتەپ مائارىپى ۋە جەمىيەت مائارىپىغا چوڭ ئۈمىد باغلىمايمەن ، ھەم دەل شۇ تۈپەيلى بۇ تىمىدىمۇ بۇلار ھەققىدە كۆپ توختالمىدىم .مېنىڭچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك قىيىن مۇھىت چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ ھەم بىز شۇنداق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز . مەن يۇقىرىقى مەسىلىدىكى ئۇمىدنى دەل مۇشۇ يىتىلىۋاتقان ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ باغلايمەن . ئېسىمدە قېلىشىچە ئەركىن سىدىق ئاكا بىر يازمىسىدا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ ، تىجەشلىك بولۇشنى مودا بىلىدىغان دولقۇن كۆتىرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى . ئالدىنقى كۈنى مۇنبىرىمىزدە مىيۇزىكفەننىڭ قوش تىل مائارىپى ھەققىدە توختىلىپ ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغىنىنى كۆردۈم ، ماڭا شۇنداق ياقتى . مېنىڭچە مۇشۇنداق تەشەببۇسلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىز ئۈچۈن پايدىلىق ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ساھەسىدە ھەر تۈرلۈك يېڭىلىق ، ياخشىلىقلارنى تەشەببۇس قىلىشى، كۆپلىگەن تەشەببۇسلاردىن مىللىلىكىمىز ھەم زامانىۋىلىققا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك يېڭىلىقلارنىڭ تاللىنىپ قوبۇل قىلىنىشى ھەم ئۇمۇملىشىشى دەل بىزنىڭ كىيىنكى مىللەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى يول .

ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ .
بەت: [1] 2
: (ئىزدەنگۈچى)بىر مائارىپ نەزەرىيىسى