lata يوللانغان ۋاقتى 2008-2-15 10:44:45

ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ( ﺗ

ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯧﺮ ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﯞﺍﻗﺖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻮﺳﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﯖﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﻤﺎﻗﭽﻰ . ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻡ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯘﻻﺭﻣﯩﺰ

باپ قاتتىق دىسكا ئاساسى بىلىملىرى
قاتتىق دىسكىنىڭ تۈرلىرى ۋە تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى        
1.1.1قاتتىق دىسكا ۋە يۇمشاق دىسكا
كومپىيوتېرنىڭ ساقلاش سىستىمىسى ئىچىدە ، نۆۋەتتە ئىجىرا بۇلۇشقا ئىھتىياجلىق بولغان پىروگىرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلىنىپ CPU ئادىرىسىغا ئاساسەن بىۋاستە زىيارەت قىلىدۇ ، بىرلىكى بايت بۇلۇپ تىزلىكى ناھايىتى تىز . يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېريال ئىشلەتكەن بۇلۇپ ، تەننەرقى يۇقۇرى ، سېغىمى نىسبەتەن كىچىك . ئەمما سىرىتقى ساقلىغۇچ بولسا كومپىيۇتېرغا سىرىتتىن ئۇلىنىدىغان، ۋاقتىنچە زىيارەت قىلىنمايدىغان پىروگىرامما ۋە سانلىق مەلۇمات ساقلىنىدىغان ساقلىغۇچتۇر .CPU ئىچكى ساقلىغۇچ ئرقىلىق سىرىتقى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىدۇ ، ڧىزىكىلىق قاتلىمىدا سانلىق مەلۇمات بۈلىكى بىرلىك قىلىنىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ؛ سىرىتقى ساقلىغۇچتىكى پىروگىرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچقا يۆتكەپ كىرىلگەندىن كىيىنلا ئاندىن CPU تەرپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ . ساقلاش سىستىمىسىدىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ خىزمەت تەخسىماتىدىن قارىغاندا ، سىرتقى ساقلىغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ياردەمچىسى ۋە تۇلۇقلۇغۇچىسى ، شۇڭا ئۇ ياردەمچى ساقلىغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ، قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىلار نۇۋەتتە ئۇمۇملاشقان سىرتقى ساقلىغۇچلار ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قاتتىق دىسكا بىلەن يۇمشاق دىسكا ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر خاتىرلىگەچكە ماگىنىتلىق دىسكا دەپ ئاتىلىدۇ .سىرىتقى ساقلىغۇچقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ بولسا ؛ سېغىمى چوڭ ، تەننەرقى تۈۋەن ، توكتىن ئۈزۈلگەندىن كىيىنمۇ ئۇزاق ۋاقت ئۇچۇرساقلىيالايدىغان بۇلۇش ، كومپيۇتېردىن ئايرىلىپمۇ ئۇچۇر ساقلاش ، زىيارەت قىلىنىش تىزلىكى ئىچكى ساقلىغۇچتىن تۈۋەن بۇلسىمۇ بۇلىدۇ .
ئەلۋەتە بىزمۇ سىرىتقى ساقلىغۇچنىڭ زىارەتقىلىنىش تىزلىكىنىڭ تىز بۇلۇشىنى ئۈمت قىلىمىز ، ئۇنداقتا ئاساسى ماشىنىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئېلىپ كىرىشىمۇ تىز بۇلىدۇ ، ئەمما يېر ئۆتكۈزگۈچ ساقلىغۇل توك يۇلىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ توك ئۈزۈلسە ئۇچۇرمۇ يۇقايدۇ ، ئۇچۇرنى يۇقاتماسلىق ئۇچۇن كومپىيوتېرنى تاقىماسلىق كىرەك ، بىراق بۇنىمۇ ھەل قىلىشقا بۇلىدۇ ، شۇڭا ساقلاش سېغىمى چوڭ ، ئۇچۇرى ئاسان يۇقاپ كەتمەيدىغان سىرىتقى ساقلىغۇچ باشقا ڧىزىكىلىق تەسىردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ساقلايدۇ .













يۇقۇرقى رەسىملەردە سىتقى ساقلىغۇچلاردىن ؛ قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا ۋە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچلار كۆرسۈتىلدى . يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ " 软盘驱动器 " ( Floppy Disk Dvive  )  بولسا ئادەتتە بىز كۆپ ئېيتىدىغان يۇمشاق قوزغاتقۇچ " 软驱" دۇر .
ئۇ 3.5دىيويىملىق ۋە 5.25دىيويىملىق يۇمشاق دىسكا " 软盘 " ( Floppy Disk ) ئۇقۇيدىغان ئىككى خىل بۇلۇپ ،ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئۇ 3.5دىيويىملىقMb1.44 لىق يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ، يۇمشاق دىسكىمۇ ئىككى خىل ئۆلچەمدىكى تۆت خىل سىغىمدا بۇلۇپ ئۇ ، چەمبەر شەكىللىك ماگىنىتلىق تەخسىلىك يۇمشاق ماتېريالدىن تۈزۈلگەن .
قاتتىق دىسكا "硬盘"(Hard Disk )  بولسا ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە چەمبەر شەكىللىك بىرىكمە مېتالنى ھىم مېتال قۇتا ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ياسالغان بۇلۇپ ، قوزغاتقۇچمۇ شۇ مىتال قۇتىغا بىر گەۋدىلەشتۈرۋېتىلغان . شۇڭا ئۇ ، ئۇچۇرنى ئۇزۇن ۋاقت ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە .
يۇمىشاق ۋە قاتتىق دىسكىلار ھەر ئككىسى ماگىنىتلىق ماتېريالدىن ياسالغان، ھەر ئىككىسى ئۇزاق مۇددەتلىك رەقەملىك ئۇچۇر ساقلايدۇ ، بىراق بۇئىككىسىنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ . مەسلەن : يۇمشاق دىسكا ماگىنىتلىق تەخسىدىنلام تۈزۈلگەن، قوزغاتقۇچ ( مادا ) ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىغان ، قاتتىق دىسكىغا قوزغاتقۇچ (مادا ) ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ھەم تەخسىسى مۇقۇم بۇلۇپ ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ ، ئۇندىن باشقا يۇمشاق دىسكىنىڭ سېغىمى ناھايىتى كىچىك بۇلۇپ 1.44Mb ، قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمى ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ ھازىر 400GBدىن ھالقىپ كەتتى .بىراق قاتتىق دىسكا ھىم قاپ ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئاساسى ماشىنا ئىچىگە بىكىتىلگەن بولغاچقا ئېلىپ يۈرۈشكە يەنىلا يۇمشاق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكا ئەپلىك . چۈنكى ئۇلارنىڭ ساقلىغۇچى تەخسىسى بىلەن قوزغاتقۇچى ئايرىلغان ، قاتتىق دىسكىنىڭ بىرگە بۇلۇپ ،ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ .
2.1.1  قاتتىق دىسكىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى
قاتتىق دىسكىنىڭ تېخنىىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ،ئادەتتە ئىشلەتكۈچىلەر كۆڭۈل بۈلىدىغانلىرى ؛ سېغىمى ، ئايلىنىش تىزلىكى ، يوللاش سۈرئىتى ۋە بوڧڧېر سېغىمىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى قاتارلىقلار بۇلۇپ بۇلار قاتتىق دىسكىنىڭ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر دۇر.
1)        سېغىمى "容量" (Capacity) ، سېغىمى بولسا قاتتىق دىسكىغا لىق ئۇچۇر قاچىلىغاندىكى ئۇمۇمى سانلىق مەلۇماتنىڭ بايت سانىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە بىرلىكى بايت "字节" (Byte) ، ئۇندىن باشقا كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرلىكلىرىدىن كىلوبايت "千字节" (KB) ، مىگا بايت "兆字节" (MB) ، گىگا بايت "吉字节" (GB)  ، تېرا بايت "特字节 " (TeraByte)  قاتارلىقلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئايلاندۈرۈپ ھىساپلاش سانلىق قىممەت مۇناسىۋىتى تۈۋەندىكىچە :
1KB = 1024B
1MB = 1024KB = 1024×1024B
1GB = 1024MB = 10242KB = 10243B
1TB = 1024GB = 10242MB = 10243KB = 10244B
سېغىمنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل ئىپادىلەش شەكلى بار :  (1) ھەقىقى سېغىمى ؛ ئۇ قاتتىق دىسكىدا ئەمەلى ساقلاشقا بۇلىدىغان ئۇمۇمى بايت سانى ئىپادىلىگەن سېغىم ، بىرلىكى بايت . ھەقىقى سېغىمى 40GB بولغان قاتتىق دىسكىنى 40GB = 40,000,000,000B  ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز .
(2) زاۋۇت سېغىمى ؛ ئۇ زاۋۇتنىڭ قاتتىق دىسكىنى ئىشلەپچىقىرىشتا قۇلايلىقلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن بىر خىل تەخمىنى سېغىم . مەسلەن ؛ ھەقىقى سېغىى 40GB بولغان قاتتىق دىسكىنىڭ زاۋۇت سېغىمى بولسا ؛
40GB = 40,000,000,000B
40,000,000,000B ÷ 1024 = 39,062,500 KB
39,062,500 KB ÷ 1024 = 39,062 MB
39,062 MB ÷ 1024 = 38.15GB ≈ 38GB
ئوخشىمىغان قاتتىق دىسكىنىڭ زاۋۇت سېغىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ئادەتتە زاۋۇت سېغىمى ، ھەقىقى سېغىمىدىن چوڭ ياكى كىچىك بۇلىدۇ .   نۈۋەتتە قاتتىق دىسكىنى سېغىمى جەھەتتىن چوڭ سېغىملىق ، ئادەتتىكى سېغىملىق ۋە كىچىك سېغىملىق دەپ بۈلۈشكە بۇلىدۇ .
چوڭ سېغىملىقى ؛80GB、120GB、160GB、200GB、250GB、300GB、350GB、400GB、500GB
ئادەتتىكى سېغىملىقى ؛10GB、20GB、30GB、40GB、60GB
كىچىك سېغىملىقى ؛1.2GB、2.1GB、3.2GB、4.3GB、6.4GB、8.4GB
قاتتىق دىسكا سېغىمىنىڭ ، تەخسە يۈزى ، ماگىنت يۇلى ۋە سېكتور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى :
بىر سېكتوردىكى سېغىم x سېكتور سانى x ماگىنت يۇلى x تەخسە يۈزى سانى = دىسكا سېغىمى
ھەر بىر سېكتورنىڭ سېغىمى 512 مايت بەلگۈلەنگەن بۇلۇپ ، يۇقۇرقى ھىساپلاشنى ،دىسكا تەخسىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چۈشەنگەندىن كىين بىلەلەيسىز . ھازىرچە ئۇ ھەقتە توختالمايمىز .
2)         ئايلىنىش سۈرئىتى ؛ ئايلىنىش سۈرئىتى بولسا قاتتىق دىسكا خىزمەت قىلغاندىكى باش ئوق ۋە تەخسىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بىرلىكى رادىئان ھەر مىنۇت "即转/分钟"(rpm) . نۈۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى 5400rpm ۋە 7200 rpm ئىككى خىل ، بىراق SCSI كارتىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش سرئىتى ئاللىقاچان 10000rpm دىن ئېشىپ كەتتى . ئادەتتە ئايلىنىش سۈرئىتى يۇقۇرلىغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ يوللاش سۈرئىتىمۇ تىزلىشىدۇ ، ئۇمۇمى ئىقتىدارىمۇ ئاشىدۇ ، بىراق باھاسىمۇ ئۈسىدۇ ، تارقاتقان ئىسسىقلىقى يۇقىرى ۋە شاۋقۇن ئاۋازمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ .
3) بوڧڧېر رايۇنى"缓存"(Cache)، بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان Cache بولسا قاتتىق دىسكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوڧڧىر ( تۇقۇنۇش يەشكۈچى ساقلىغۇچ ) ، قاتتىق دىسكىدىكى بوڧڧىر ئەمەلىيەتتە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ دانىسى (内存IC) بوڧڧىرنىڭ سېغىمى چۇڭايغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ سىرىتقا يوللاش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ . بۇرۇنقى قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى 256KB،512KB ،1024KB بولسا ھازىرقى يىڭى قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى 2MB،8MB بىر قىسىم يۇقىرى ئىقتىدارلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى MB 16قا يەتتى .
4) يەككە تەخسە سېغىمى ؛ قاتتىق دىسكا ئادەتتە 1~5 كىچە ماگىنىتلىق تەخسىە دىن تۈزۈلىدۇ . يەككە تەخسە سېغىمى چۇڭايغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىىمۇ ھەسسىلەپ چۇڭىيىدۇ،شۇنداقلا  يەككە تەخسە سېغىمى چۇڭايسا ، ماگىنىت تەخسىنىڭ زىچلىقىمۇ چۇڭىيىدۇ ، ماگىنىت باشنىڭ ئوخشاش ۋاقت ئىچىدە سىيرىپ ئۈتىدىغان ماگىنىت تەخسىدىكى ئۇچۇر مىقدارىمۇ ئاشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ ئىزلەش ۋاقتى كىچىكلەيدۇ . نۆۋەتتىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ يەككە تەخسە سېغىمى 40GB  ۋە GB 80 ، مۇشۇنداق يەككە تەخسە سېغىمى GB80  بولغان بىر تەخسىلىك ، قوش يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 160، ئىككى تەخسە ئۈچ يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 240 ،( ئادەتتەGB 200 ئىشلىتىلىدۇ ) ئىككى تەخسە تۆت يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 320، (ئادەتتەGB 300  ئىشلىتىلىدۇ )، ئۈچ تەخسە بەش يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 400غا يىتىدۇ .
5) يۈز سانى "面数" (Side ) ؛يۈز سانى بولسا قاتتىق دىسكىدىكى ماگىنىتلىق تەخسىنىڭ يۈز سانىنى ئىپادىلەيدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا ماگىنىتلىق تەخسە يۈزى سانى، بىرلا يۈزىدە ئۇچۇر ساقلايدىغان قاتتىق دىسكىلار تاق يۈزلۈك دىسكا دىيىلىدۇ . ئۇ يۈزى  نۆلىنچى يۈز "第0面 " دىيىلىدۇ . مەسىلەن : MAXTOR نىڭ Fireball  تۈرىدىكى قاتتىق دىسكىلار تاق يۈزلۈك دىسكىلاردۇر .
ھەرئىككى  يۈزىدە ئۇچۇر ساقلاشقا بۇلىدىغان بۇلىدىغان قاتتىق دىسكىلار ، قۇش يۈزلۈك دىسكا دىيىلىدۇ . يۈزى نۆلىنچى ۋە بىرىنچى يۈز دەپ ئايرىلىدۇ . ھازىرقى كۆپ قىسىم دىسكىلار قوش يۈزلۈك دىسكا . قوش يۈزگە ئۇچۇر ساقلىغاندا ئۇنىڭ سېغىمى تاق يۈزگە ساقلىغاندىن ئىككى ھەسسە ئارتىدۇ .

6) ماگىنىت باش "磁头 " (Head ) ؛ ماگىنىت باش بولسا قاتتىق دىسكىدا سانلىق مەلۇمات ساقلايدىغان مۇھىم قىسىم . ماگىنىت باش ياخشى بولسا قاتتىق دىسكنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ. ھازىرقى قاتتىق دىسكىلاردىكى ماگىنىتلىق باشنى، ماگىنىت قارشىلىقلىق ماگىنىت باش "磁阻磁头 "
(Magneto Resistive heads,MR ) ۋە گىگانىت ماگىنىت قارشىلىقلىق ماگىنىت باش  " 巨磁组磁头 "
(Giant Magneto Resistive heads,GMR ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بۇلىدۇ . ئۇلار ھەر ئىككىسى  ماگىنىت باشنىڭ قارشىلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىندوكسىيىلىك سىگىنالنىڭ ئامپىلتۇدىسىنى ئۆزگەرتىدۇ . ئۇ بۇرۇنقى توك كۈچىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىندوكسىيىلىك ماگىنىت باشقا قارىغاندا ئۇچۇرنىڭ سەزگۈرلىكىنى ناھايىتى زور يۇقىرى كۆتۈردى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۆستۈردى . شۇڭا ئۇچۇرنىڭ سەزگۈلۈكى يۇقىرى كۈتۈرۈلگەچكە ، تەخسىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ماگىنىت يولمۇ ئىنچىكىلىشىپ ، ماگىنىت يۇلىنىڭ زىچلىقى ئېشىپ يەككە تەخسىنىڭ سېغىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . GMR ماگىنىت باش ،ئىلىكتىروننىڭ كۇۋانت ئىڧڧكتىدىن پايدىلىنىلغاچقا MR غا قارىغاندا سەزگۈرلىكى تۆت ھەسسە يۇقىرى .
7) ماگىنىت يۇلى "磁道 " (Track ) ۋە سىلىندېر "柱面 " (Cylinder ) .
مەگىنىت يۇلى بولسا تەخسە يۈزىدىكى بىر گۇرۇپپا مەركەزداش چەمبەر دىن ئىبارەت . ئۇ بىر مەۋھۇم يول بۇلۇپ تەخسە يۈزىگەبىردىن –بىردىن  سىزىپ چىقىلغان مەركەزداش چەمبەر ئەمەس .  بىردانە كونا تىپتىكى 5.25 دىيويىملىق يۇمشاق دىسكىدا 40 ياكى 80 دانە ماگىنت يۇلى بۇلۇپ سىرىتىدىن ئىچىگە قارىتا 00~39 ياكى 00~ 79 غىچە نۇمۇر قۇيۇلغان . قاتتىق دىسكىنىڭ تەخسىسىدىكى ماگىنت يۇلى نەچچە ئوندا توختىمايدۇ ، ئۇنىڭ سانى ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە ئونمىڭغا يىتىدۇ .  ماگىنت يۇلىغا يېقىن بولغان يەنە بىر كەسپى ئاتالغۇ " سىلىندېر " بۇلۇپ ئۇ ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رادىئوسلىرى ئۆز-ئارا تەڭ بولغان ماگىنت يۇلىدىن تەشكىل تاپقان ماگىنىت يۇلى گۇرۇپپىسى . ناھايىتى روشەنكى ، يەككە تەخسە-يەككە يۈزلۈك دىسكىدىكى ماگىنت يۇلى بىلەن سىلىندېر سانى تەڭ ، قوش يۈزلۈك تەخسىدىكى سېلىندېر سانى، ئۇمۇمى ماگىنت يۇلى سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ . مۇشۇ بۇيچە بولغاندا ، قوش تەخسە –قوش يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سىلىندېر سانى ،ئۇمۇمى ماگىنت يۇلى سانىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ .
8) بۈلەك "段 " (Zone ) .
بۈلەك بولسا ، نۇرغۇن ماگىنت يۇلىدىن تەركىپ تاپقان ماگىنت يۇلى توپلىمى . قاتتىق دىسكا رىمىنۇت قىلىش جەريانىدا  بۈلەكنىڭ ئۇرۇن جەدىۋىلىنى تەكشۈرۈشىمىز كىرەك ، شۇندىلا ئاندىن تەخسە يۈزىدىكى ماگىنت يۇلىنىڭ بۈلەككە تەخسىملىنىش ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز .ئوخشاش بىر بۈلەك ئىچىدىكى ھەرقايسى ماگىنىت يۇلىغا ساقلىنىدىغان ئۇچۇر مىقدارى ئوخشاش .بىراق ئوخشىمىغان ئىككى بۈلەكتە ساقلىنىدىغان ئۇچۇر مىقدارى ئوخشاش ئەمەس . نىمە ئۈچۈن مۇنداق بۈلىدۇ ؟ مەخسەت : ماگىنىتلىق ماتېريالنىڭ يۈزىدىن ئىمكان بار تۇلۇق پايدىلىنىش . بىرتال تەىسىدىكى ھەر بىر ماگىنت يۇلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەڭ ئەمەس ، ئەڭ ياقىسىدىكى ( دىئامېتىرى ئەڭ چوڭ بولغان ) نىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ ئىچكەرىكى ( دىئامىتىرى ئەڭ كىچىك ) نىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بۇلىدۇ . ئەگەر ھەر بىر ماگىنىت يۇلىدا ئوخشاش مىقداردىكى ئۇچۇر ساقلانسا ، دىسكا مەركىزىگە يېقىن بولغان ماگىنىت يۇلىنىڭ زىچلىقى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ ياقىدىكىسىنىڭ زىچلىقى ئەڭ كىچىك بۇلىدۇ .بۇنداقتا ئۇچۇر ساقلاش زىچلىقى تەكشى بولمايدۇ ، ئىنىقكى بۇ چوڭ ئىسىراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يۇمىشاق دىسكا مۇشۇنداق شەكىلدە ئۇچۇر ساقلايدۇ م شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر ماگىنىت يۇلىدىكى ساقلاش زىچلىقى تەڭ .قاتتىق دىسكىدا  ئەگەر ھەر بىر ماگىنت يۇلىنىڭ زىچلىقىنى تەڭ ئەمەس ياسىماقچى بولساق قاتتىق دىسكىنى لاھىيەلەش جەھەتتە چوڭ قىيىنچىلىققا يۇلىقىمىز . ئەگەر تەخسە ئۈستىگە بىر قانچىدىن بىر قانچە ئونغىچە بۆلەك سىزىۋالساق ، ئوخشىمىغان بۆلەك ئىچىدىكى ماگىنىت يۇلىدىكى ساقلانغان ئۇچۇرمىقدارى ئوخشاش بولمىسا ، ئوخشاش بىر بۆلەك ئىچىدىكى ھەر بىر ماگىنىت يۇلىدىكى ساقلانغان ئۇچۇر مىقدارى تەڭ بولسا ، ئۇھالدا قاتتىق دىسكىنى لاھىيەلەشمۇ قۇلايلىق ، ئۇچۇر ساقلىنىش زىچلىقىمۇ تەكشى بۇلىدۇ .
9) سېكتور "扇区 " (Sector ) ؛ سېكتور بولسا ماگىنىت يۇلىغا سىزىپ چىقىلغان كىچىك بىر بۆلەك ، يەلپۈگۈچ شەكىللىك ، ماگىىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ساقلاش رايۇنى . ھەر بىر ماگىنىت يۇلىنى نۇرغۇن ساقلاش رايۇنىغا بۆلۈشكە بۇلىدۇ ، ھەر بىر ساقلاش رايۇنى بىر سېكتور دەپ ئاتىلىدۇ . سېكتور بولسا ماگىنىتلىق دىسكىنىڭ ئەڭ ئاساسى ساقلاش بىرلىكى .  ھەر بىر سېكتورغا 512 بايت (Byte  ) ئۇچۇر ساقلاشقا بۇلىدۇ ، بۇ 4096 خانە ئىككىلىك سىسىتىمىدىكى سانغا تەڭ . ( بىر بايت سەككىز خانە " بىت "يەنى؛   1Byte=8Bits ) يۇمشاق دىسكىدىكى ھەر بىر ماگىنت يۇلىدىكى سېكتور سانى تەڭ ، شۇنداقلا ھەر بىر سېكتورغا 512 بايت ئۇچۇر ساقلاشقا بۇلىدۇ . مۇنداق بولغاندا ئىچكى ئايلانمىدىكى سېكتورنىڭ يۈزى كىچىك ، سىرىتقى ئايلانمىدىكى سېكتورنىڭ يۈزى چوڭ بۇلىدۇ دە ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا قاتتىق دىسكا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، ئوخشىمىغان بۆلەكتىكى ماگىنىت يۇلىدىكى سېكتور سانى ئوخشىمايدۇ .پەقەت ئوخشاش بىر بۆلەكتىكى ماگىنىت يوللىرى ئۈستىدىكى سېكتور سانلىرى ئۆز-ئارا تەڭ . يۈزى تەڭ بولغان ئىككى تەخسىدىن ھەر بىر ماگىنىت يۇلىدىكى سېكتور سانلىرى تەڭ بولغاننىڭ ئومۇمى سېكتور سانى ئەڭ ئاز ،ھەر بىر ماگىنت يۇلىدىكى سېكتور سانلىرى تەڭ بولمىغاننىڭ ئومۇمى سېكتور سانى ئەڭ كۆپ بۇلىدۇ . ئەگەر بۆلەككە بۈلەش شەكلى بۇيچە ئوخشىمىغان بۆلەكتىكى ماگىنت يۇللىرىدىكى سېكتور سانلىرى تەڭ ئەمەس ، ئوخشاش بۆلەكتىكى ماگىنىت يوللىرىدىكى سېكتور سانلىرى تەڭ قىلىپ بۆلسەك ، ئومۇمى سېكتور سانى يۇقۇرقى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بۇلىدۇ . بۇنداقتا ھەم قاتتىق دىسكىنى لاھىيەلەش ئاسان ، ھەم ئىسراپچىلىق ئاز بۇلىدۇ .
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى سېكتور ۋە بايت تىن ئىبارەت ئىككى كەسپى ئاتالغۇ . بايت بولسا رەقەملىك ئۇچۇر مىقدارىنىڭ بىرلىكى ، بىر بايت ئەمەلىيەتتە بىر ئېنگىلىزچە ھەرب- بەلگىنىڭ ئۇچۇر مىقدارى . ئامىرىكا ئۆلچەملىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كودى " 美国标准信息交换码 "
(ASCII,America Standard Code for Information Interchange ) ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا  سەككىزدانە ئىككىلىك سىستىمىدىكى سان ئارقىلىق  بىر ئېنگىلىزچە ھەرب-بەلگىنى ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ . شۇنداقلا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ھەرب-بەلگىلەرنى ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ . ( جەمئى 256 ھەرب-بەلگە ) . شۇڭا بىر بايت سەككىز خانە ئىككىلىك سىستىمىدىكى سان . يەنى 1Byte=8Bits .
سېكتور ماگىنىتلىق دىسكىا بوشلۇقىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى . ئەگەر بۇنى مىھمانخانىغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرسەك ، مىھمانخانىنىڭ ھەر بىر ئۈيى بىر سېكتور بولسا ئۇ ھالدا ھەر بىر ئۆيدە 512 كارۋات بۇلۇپ بىر كارۋاتتا 8 نەپەر ئادەم ياتالايدۇ  دەپ قارىساق ،ھەر بىر ئادەم بىردانە ئىككىلىك سىستىمىدىكى بىر خانە سانغا تەڭداش كىلىدۇ . شۇنداق بولغاندا ھەر بىر ئۆيدىكى 512 كارۋاتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 4096 نەپەر ئادەم ياتالايدۇ .
10) كىلاستېر "簇 " (Cluster ) ؛ كىلاستېر بولسا تەخسە ئۈستىدىكى ، تەخسە مەركىزىنى نوقتا قىلغان ، بەلگلىك ياي ئارقىلىق قورشالغان
سېكتورلار توپلىمى . مۇنداقچە قىلىپ
ئېيتقاندا ؛كىلاستېر – نۇرغۇن
سېكتورلاردىن تۈزۈلگەن سېكتورلار
توپلىمى . ھەر بىر كىلاستېر دىكى
سېكتورلار سانى تەڭ
ئەمما ئوخشىمىغان ماركا ۋە تىپتىكى
قاتتىق دىسكىلارنىڭ كىلاستېرلىرىدىكى سېكتور سانلىرى تەڭ ئەمەس . قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا بۆلگەندە بىز كىلاستېرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تاللايمىز . مەسلەن : 1K、2K、4K、8K、16K ... قاتارلىقلار ،  1K بولسا ھەر بىر كىلاستېردا 1000 دانە سېكتور بولغان بۇلىدۇ .
11) ساقلاش زىچلىقى"存储密度"؛ ساقلاش زىچلىقىنى يول زىچلىقى ۋە بىت زىچلىقى دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بۇلىدۇ . يول زىچلىقى بولسا ماگىنىت تەخسىنىڭ رادىئوس يۈنىلىشى بۇيچە بىرلىك ئۇزۇنلۇقتىكى ماگىنىت يۇلى سانى ؛ بىت زىچلىقى بولسا ھەر بىر ماگىنت يۇلىدىكى بىرلىك ئۇزۇنلۇققا ساقلاشقا بۇلىدىغان ئىككىلىك سىستىمىدىكى ساننىڭ خانە سانى . ناھايىتى رۇشەنكى ، قايسى زىچلىق بولسۇن  زىچلىق ئارتسا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇمۇمى سېغىمى ئارتىدۇ . ئەمما يۇل زىچلىقىنىڭ ئېشىشى ، بىت زىچلىقىنىڭ ئېشىشىغا قارىغاندا، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇمۇمى سېغىمىنىڭ ئېشىشىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور .چۇنكى بىر ماگىنت يۇلى ئاشسا  نەچچە يۈز سېكتور ، نەچچە يۈزمىڭ بايت ئاشىدۇ . بىت زىچلىقى ئاشسا ماھىيەتتە ھەر بىر ماگىنت يۇلىدىكى سېكتور سانى ئاشىدۇ .بىر سېكتور ئاشسا پەقەت 512 بايتلا ئاشىدۇ .
12) ئۇلىنىش ئېغىزى تېخنىكىسى "接口技术"؛ قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى تېخنىكىسى بولسا نەزىرىيە جەھەتتىن قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ . نۆۋەتتە ئۇمۇملاشقان ئۇلىنىش ئېغىزى بولسا IDE قاتتىق دىسكىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ATA/33 /66/100/133 تۆت خىل قاتتىق دىسكا ئۇلىنىش ئېغىزى . نەزىرىيە جەھەتتىن ATA/33 ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى 33MB/s قا يىتىدۇ . شۇنداقلا ATA /66 نىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى 66 MB/s قا يىتىدۇ . ئۇندىن باشقا 16 بىتلىق Ultra SCSI Ⅱ قاتتىق دىسكا ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ نەزىرىيەۋىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى ئاللىقاچان 80MB/s قا يەتتى . S-ATA(Serial ATA)  ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئېغىزىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى تېخىمۇ تىز . بىراق ئۇ تېخى ئانچە ئۇمۇملاشمىدى .
13) ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى "传输速率  " سېغىمدىن قالسىلا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى . قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى ؛ ئوتتۇرچە ئىزدەش ۋاقتى ،ئەڭ چوڭ ئىچكى ئالماشتۇرۇش تىزلىكى ۋە ئەڭ چوڭ سىرىتقى ئالماشتۇرۇش تىزلىكى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى : كومپىيوتېردىكى ئەڭ مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى ، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنىڭ تىز ئاستا بۇلىشى ، سىستىمىنىڭ ئىجىرا بۇلۇش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .ئوخشىمىغان تىپتىكى قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىدە چوڭ پەرق بار .
ھازىرقى قاتتىق دىسكىلار ئاساسلىقى ئۈچ تۈرلۈك بۇلۇپ : ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يانداش ئۇلىنىش ئېغىزىلىق ATA  قاتتىق دىسكا (IDE قاتتىق دىسكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ )، SCSI قاتتىق دىسكا ۋە Serial ATA قاتتىق دىسكا .
IDE ئۇلىنىش ئېغىزىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ نۆۋەتتە كومپىيوتېردا ئۇمۇملىشىشى ئەڭ كەڭ بۇلىۋاتىدۇ . ئاساسلىق ئۆلچىمىدىن ATA/66、ATA/100、ATA/133  قاتارلىقلار بار ، بۇخىل نام بىرىش شەكلى ئۇلارنىڭ نەزىرىيە جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ سىرىتقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنىڭ       66MB/s  、          100MB/s        ۋە    133MB/s قا يىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . شۇنى ئېيتىش كىرەككى بۇيەردىكى 100MB/s ۋە    133MB/s لار چۇققا قىممەت تىزلىك شۇڭا ئادەتتە قاتتىق دىسكا ئۇنداق يۇقىرى تىزلىكتە ئۇچۇر ئالماشتۇرالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نەزىرىيەۋى جەھەتتىكى چۇققا قىممەت تىزلىك .
قاتتىق دىسكىنىڭ ھەقىقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى ،قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ ، ئادەتتە مۇقىم بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى  30MB/S تىن 45MB/S قىچە بۇلىدۇ  CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ ئىجىرا قىلىش سۆرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۈتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ATA قاتتىق دىسكىنىڭ تۈۋەن تىزلىكى پۈتۈن كومپىيوتېرنىڭ ئىجرا قىلىش تىزلىكىنى تەدرىجى ھالدا بۇغۇپ قويدى . شۇڭا قاتتىق دىسكىنىڭ يىڭى بىر خىل ئۇلىنىش ئېغىزى شەكلى بولغان  Serial ATA بارلىققا كەلدى .
Serial ATA  قاتتىق دىسكا ئادەتتە بىر ئېيتىپ كىلىۋاتقان ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئېغىزىلىق قاتتىق دىسكا     " 串口硬盘" نى  كۆرسىتىدۇ . ئۇ  نوقتىدىن نوقتىغا يەتكۈزۈش شەكلىدىكى گۇرۇپپىلاپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلىنى قوللانغاچقا ناھايىتى يۇقىرى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنى ئېلىپ كەلدى . Serial ATA 1.0 نەشىرىدىكى قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى 150MB/S قا ، Serial ATA  3.0 نەشىرىدىكى قاتتىق دىسكىنىڭ ئەمەلى چۇققا قىممەت ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى 600MB/S قا يتىپ ، قاتتىق دىسكىنىڭ سىستىمىنى بۇغۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى . SCSI  ئۇلىنىش ئېغىزى مەخسۇس قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى ئەمەس ، بەلكىم باشقا تىپتىكى غول لىنيە تىپلىق ئۇلىنىش ئېغىزى ، سىستىما غول لىنىيىسىدىن مۇستەقىل ھالدا خىزمەت قىلىدۇ . SCSI ئۇلىنىش ئېغىزىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ مۇقىملىقى يۇقىرى ، CPU  ئىشلىتىشى تۈۋەن بولغاچقا مۇلازىمىتېر ۋە كەسپى تېرمىناللاردا ئۇمۇملىشىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى 320MB/S . ئەلۋەتتە  قاتتىق دىسكىنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىدىن سىرت  ئايلىنىش تىزلىكى ، بوڧڧېر رايۇنى ، ئوتتۇرچە ئىزدەش ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ .
ئىچكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى بولسا ماگنىت باش بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك بوڧڧېر ساقلىغۇچ ئوتتۇرسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ قاتتىق دىسكىنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ھالقا ، ئادەتتە ئۇ تەخسىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ۋە تەخسىدىكى ئۇچۇرنىڭ زىچلىقى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ . بۇيەردە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى MB/S ۋە Mbps ئىككى خىل بىرلىك ، ئەگەر MB/S ( مىگا بايت ھەر سېكونت ) نى Mbps ( مىگا بىت ھەر سېكونت ) قا ئايلاندۇرماقچى بولساق 8 گە كۈپەيتسەكلا بۇلىدۇ . تەتۈرسى ئەكسىنچە بۇلىدۇ . مەسىلەن : ئەڭ چوڭ ئىچكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى  240Mbps  بولسا 30MB/S بۇلىدۇ . كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى ، نۇۋەتتىكى قاتتىق دىسكىنىڭ كومپىيوتېرنى بۇغۇش مەسىلىسىدە يەنىلا ئىچكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ .
سىرىتقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى بوڧڧېر رايۇنىدىن ئۇچۇر ئۇقۇش تىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭا ئىلان ياكى قاتتىق دىسكىنىڭ ئىقتىدار جەدىۋىلىدە ئۇلىنىش ئېغىزى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مىقدارى بىرلىكتە قوللىنىلىدۇ . بىرلىكى MB/S . مەسلەن : بىز ئېيتىپ كىلىۋاتقان  ATA100/133 قاتتىق دىسكا دىگەندەك .

ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﯞﯨﺴﺘﺎ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯜﭼﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﭘﺘﯘ .  ﻛﺎﺗﻪﻙ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻑ ﻧﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯘﻗﺎﺭﺳﯩﺰ .

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-2-15 12:52:39

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ .

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2008-2-15 13:47:57

ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ .

ems يوللانغان ۋاقتى 2008-2-16 12:55:44

ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ pdf ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. UKIJ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﯓ.
بەت: [1]
: ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ( ﺗﯘﻟﯘﻕ)