latyf يوللانغان ۋاقتى 2008-2-7 20:16:25

(ﻟﻪﺗﻴﻒ)چەنلىمەي ئېتىلغان ئوق

بىرى سىزگە، دۇنيادا شۇنداق بىر نەرسە بار ، ئۇ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان، يولىڭىزنى راۋان قىلىپ بېرەلەيدۇ ، دىسە بەلكىم سىز ئىشەنمەيسىز. لېكىن شۇ نەرسە ئالدىڭىزغا تەق قىلىنىپ قويۇلغاندا بولسا ، بۇ نەرسە راستىنلا ھاجىىتمدىن چىقالارمۇ ؟ دەپ ئىككىلىنىش ۋە قىزىقسىنىش بىلەن سىنچىلاپ قاراپ بېقىشىڭىز مۈمكىن.
مېنىڭ زادى نېمە قىيىنچىلىقىم بار ۋە بولغان؟ ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ دەپ ئۆزىڭىزنىڭ تۆگىمەس باش قېتىقچىلىقىڭىز ۋە ئاخىرى چىقماس غەم ئەندىشىلىرىڭىزنى ئىنچىكە ھىساپلاپ  باققىنڭىزدا ، شۇنداقلا  ئۇ نەرسىنىڭ كېلىش مەنبىئى  ۋە سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاسانلىق تەرپى بىر- بىرلەپ ئالدىڭىزغا قويۇلغۇنىدا بولسا، بەلكىم سىزگىمۇ ئىشەنمەكتىن باشقىغا ئامال بولماس.
جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئويلاپ يەشكىلى بولمايدىغانلا ئىش بار دىيىشىدۇ بەزىلەر، دېمەكچىكى ئويلاپلا يەتكىلى بولىدىغان ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.
شۇنداق بولغاندا ، سىزنىڭ ئۆز ئەقىل-ئىدراكىڭىز دائىرىسىدە بىتچىت بولىۋاتقان، تولا كاللا قاتۇرۇشتىن جاننى ئېلىپ يانغا قويغۇلىۋاتقان، كېچىسى خاتىرجەم ئۇخلاشتىن، كۈندۈزى بىرەر ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان بۇ باش ئاغرىقى زادى نېمە؟
ئېلىجان ئۇ  بىر تىجارەتچى. ئىككى تۆت تەڭگە دەسمايىسى بىلەن ئېچىۋالغان دۇكىنى بار. ئۇياق-بۇياقتىن ئانچە-مۇنچە مال كىرگۈزۈپ، ئىككى تەڭگە پايدىسىغا خۇلۇم-خوشنا، تۇنۇش-بىلەش ۋە ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە سېتىپ، ئارىدىن سىقىپ سۈيىنى ئىچكەنچىلىك قالىدىغان ئازغىنە پايدا بىلەن خوتۇننى خوتۇن، بالىنى بالىدەك تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ كېتىپ بارماقتا.
ئېلىجاننىڭ قۇلىدىن پۇل ئۆكسىمەيدۇ، ئانچە مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن، قولىغا دەپتەر قەلەم ئانچە چىقىپ كەتمەيدۇ. كاللىسى ھىساباتقا خېلى يامان، ھىساپلاش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ جاۋاپ چىقىپ بولغۇچە كاللىسىدا ھىسابلاپلا بولىدىغان چاغلىرى تولا. بارى-يوقى ئەشۇ بىر ھىساپلاش ماشىنىسى بىلەن جۇلىقى چىقىپ كەتكەن قەغەز تالۇن ۋە پارچە-پۇرات پۇللار بىلەن تولۇپ ياتىدىغان بۇ بىر تارتما _ ئۇنىڭ بىردىن-بىر جان تومۇرى. ئۇ خۇددى تىلسىمات كوۋرۈكىدىكى قىل ئارغامچىدەك ئۇيان-بۇيان ئېغاڭلىغۇنىچە ، سەللا بىغەمىلك قىلسا ئېلىجاننى دوۋزاق ئوتىغا مەھكۇم قىلغۇسى. كاللىسى سان-ساناق، ھىسابات-رەقەم دىگەندەك گادىرماچ خىياللار  بىلەن لىق تولغان. چىرايىدىن ئۆزىنى زورلىمىسا  خوشلۇقتىن -ۇ ئەسەرايى  تېپىلمايدۇ. كۈنى ئالدىراش، قولىدىن پۇل ئۈزۈلمەيدۇ.  
پۇل ئۈچۈن چاپىدۇ ، پۇل ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، پۇل ئۈچۈن ئويلايدۇ. لېكىن پۇلۇم بار دەپ ئىچ-ئىچىمدىن بىر پەدە قاقاھلاپ كۈلەلمەيدۇ. پۇلى بار تۇرۇپ راھىىتىنى سۈرەلمەيدۇ. ھوسۇل ئالغۇچە قەرزگە بۇغۇلىدىغان دىھقان چاغلىق خاتىرجەم تۇرالمايدۇ.
ھەي شۇ مالنى قانچە پۇلغا كىرگۈزگەن بولغۇيتۇم؟-دەپ ئويلايدۇ ئىچىمدە، ئەرزان دەپلا سالغاندەك قىلىمەن زىيانغا ساتقاندىمەنمۇ. ھەي ھېلىقى بالا ئالدىراشلا پۇلنىمۇ سانىمايلا ئېلىپ كەتتى، خاتا قايتۇرۇپ سالغاندىمەنمۇ. ھەي ھېلىقى مالنى خېلى كۆپ سالغاندەك قىلىۋىدىم، ئەجەپمۇ ئاز قاپتۇ ئوغرى ئالغانمىدۇ. مەن ئەدەپكە چىقىپ كىرگۈچە قارىتىپ قويغان خوشنام پۇل بار تارتمىغا قول سالغانمىدۇ. ياكى ھېلىقى ئارىلاپ كېلىپ قارىشىپ بېرىدىغان تۇققاننىڭ بالىسى مېنىڭ غەللەمگە چاڭگال سالغانمىدۇ. ......
بۈگۈنگە قەدەر ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىپ،" كىشىنىڭ رىسقىغا خىيانەت قىلساڭ، دوۋزاققا كىرىسەن..."  دىگەندەك قاراشلار بىلەن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قولى ئەگرىلىك قىلماسلىقىنى كۆڭلىمىزدە خۇدادىن تىلەپ يۇردۇق. پۇل توغىرلىق گەپ-سۆزلەرنى ئاز قىلىپ، ياكى ئامال بار تىلغا ئالماسلىققا تىرىشىپ،" ئاتىغانلىرىنى بەرسىلە.." " سىلىدىن نىمىنى ئايايتتۇق..." " كېلەر قېتىم تولۇقلىنىپ كېتەر..." دىيىشىپ خۇلۇم خوشنىلار بىلەن سودىلىشىپ يۇردۇق. كۈندۈزى غەللىدىن پۇل ئالسا بېرىكەت قاچىدۇ، دەپ قارىلىپ كۈن قايرىلغۇچە غەللىدىكى پۇلغا كۆز قىرىمىزنى سالماي كەلدۇق. خۇدادىن قىلغان تىجارىتىمىزنىڭ بەرىكىتىنى تىلەپ ئاخشىمى دۇئا دىن كېيىن غەللىنى داستىخانغا دۇم قىلىپ، پارچە-پۇرات پۇللارنى بارمىقىمىزغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ ساناپ كەلدۇق.  
لېكىن يەنىلا بەرىكەت كۆرمىدۇق. بىز بىر قولىمىزنى ئىككى قىلالماي يۈرىۋاتقاندا خەق بەشلەپ ئونلاپ ئادەم ئىشلىتىپ يۈردى. بىز ۋېلىسپىتتىن موتۇسكىلىتقا ئالمىشىپ بولغۇچە خەق "ئوۋدى" ماشىنىلارغا مىندى. بىز دۇكاننى بىر چامدام چوڭايتىپ بولغۇچە خەق دۇكاننى بەش قىلدى. ھەر قانداق بىر دۇكىنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقىدىغان بولسىڭىز چاپراس تىزىلغان ماللارنىڭ تولىلىقىدىن كۆزىڭىز تورلىشىدۇ. ئەھۋال  بىزنىڭ دۇكاندىكى تۇپا بېسىپ تۇرۇپ كېتىدىغان ماللار بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ.
مۇنداق تىجارەتنى قىلىۋاتقانلار ئېلىجانلا ئەمەس. ئەنە ئاۋۇ قاپسالدىكى تۇڭگان يولداشنىڭ دۇكان ئېچىۋاتقىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ ، دۇكاندا ئۇنىڭ قارىسىنى ئانچە كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن دۇكاندىن خېرىدارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. تېخى دۇكاندىكى تېلفۇننىڭ سايراپ تۇرىشى بىلەن كېلىدىغان مال زاكاس قىلىشلارنى بىر دىمەڭ. دۇكاندا قارىماققا بىكارچىدەك كۆرۈنىدىغان بىر ئىككى ئايىقى ئىلدام چاپارمەننىڭ خالتىلارغا سېلىنغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ، بىنانىڭ دۇقمۇشلىرىدا ، خالتا كوچا ئېغىزلىرىدا مۇكىدەك چېپىشىپ يۈرۈشكىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دۇكىنىغۇ ئېلىجاننىڭكىدىن چوڭ ئەمەس. ئورنىمۇ ئېلىجاننىڭكىدەك كوچا ئېغىزى- ئۆتەر يولدا ئەمەس. لېكىن خوجايىنىغا قارىسام يېقىندىن بۇيان نوچى ماشىنىدىن بىرنى ھەيدىۋالغاندەك قىلىدۇ. ئارىلاپ ماشىنىسىنى دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇپ، ئارقا ساندۇقىدىن بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ دۇكانغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە مال توشۇيدىغان كىچىك ماشىنىلارمۇ ھەر كۈنى سەھەردىلا بۇ دۇكاننىڭ ئالدىدا بىر توختاپ ئۆتمىسە ھىساپ ئەمەس.
ئويلىغانسېرى ، قارىغانسېرى ئۇ دۇكان بولۇپمۇ دۇكاندىكى قايناپ تۇرىۋاتقان تىجارەت ئېلىجاننىڭ ئىچىنى ئورتەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ بىر بانالار بېلەن دۇكان ئالدىدىن ئۇياق- بۇياققا ئۆتكەچ دۇكان ئىچىگە چاندۇرماي قاراپ باقىدىغان بولدى. كۆردىكى ، ئۇ دۇكاننىڭ ئىشىك تۇۋىگە قويۇلغان پۇل تولەش ئۈستىلى ئالدىدا قاچانلا قارىسا بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تۆلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇستەلگە قويۇلغان پۇل يىغىش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇپكىلىرى تاراسلاپ بېسىلىپ تارتمىلىرنىڭ شاراققىدە ئېچىلىپ تۇردىغانلىقى كۆزگە چېلىقاتتى. يەنە تېخى دۇكاندىن بىر نەرسە ئېلىپ يېنىپ چىقىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ قولىدا قايتۇرۇلغان پۇل بىلەن ئالغان نەرسىلەرنىڭ تالۇنى بىرگە بولۇپ، بەزىلەر ئىشىك تۈۋىدە سەل توختاپ پۇلنى ساناپ پۇلقاپقا سالغاندىن كېيىن، تالۇندىكى ماللارنىڭ تىزىملىكىگە سىنچىلاپ قارىشىپ باش لىڭشىتقان ھالدا ھەميېنىغا قىستۇرۇپ قويۇشىۋاتقىنىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.
ئېلىجان يەنە بىر قىسىم چوڭ- چوڭ تاللا بازىرىنىمۇ ئارىلاپ چىقىدىغان بولۇپ قالدى. كۆردىكى ھەر بىر مال يىپىدىن-يىڭنىسىگۈچە نۇر دەستىسى چاقناپ تۇرىدىغان بىر نەرسىگە يېقىن توغىرلىنىپ ئۇنىڭ "تىت" قىلغان ئاۋازىدىن كېيىنلا ھىساۋات بۇغۇلۇپ، پۇل تۆلنىپ، ئاندىن خېرىدارنىڭ چىقىش يولى ئېچىلىپ بېرىلىدىكەن. مال جازىسىدىكى ماللارنىڭ رەتلىكلىگى ، تۈرىنىڭ تولالىقى، باھاسىنىڭ ئېنىقلىقىغا قول قويماي بولمايدىكەن.
_ خەپ دۇكان دىگەننى سەن تۇڭگانىدىن ئاشۇرۇپراق ئاچمايدىغان بولمىسام مەن بولماي كېتەي _ دەپ ئويلىدى ئېلىجان ئىچىدە .
ئېلىجان دۇكاننى كېڭەيتىش قارارىغا كەلدى. ئالدى بىلەن دۇكاننىڭ تام-تۇرۇس، ئىشىك-دەرىزىلىرىنى يېڭىلاشتىن باشلىدى. ئىچىدە بار بولغان ماللارنى بىر ياققا يىغىپ قويۇپ، بىزەكچى ئۇستىلار بىلەن كېڭىشىپ يۈرۈپ ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە دۇكان ئىچىنى يېڭىچە تۈسكە كىردى. ماللار  قايتىدىن جازىغا تىزىلدى. يەنە نۇرغۇن بوش ئورۇنلارنىڭ بارلىقى بىلىندى. ئەمدى يەنە مال كىرگۈزمەي بولمىدى. دۇكاننى بىزەشكىلا  يانچۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ ساقلاپ كەلگەن ناۋادا بىرەر بالا قازا ياكى كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا لازىم قىلارمەن دەپ ساقلاپ كەلگەن پۇللىرىنىڭ ئاستى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئەمدى مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ تەرەپتىن چارە-ئاماللارنى قىلىپ ئۇرۇق-تۇققان، تونۇش-بىلىشلەردىن قەرزگىچە قىلىپ يۈرۈپ يەنە بىرەر كاللەك پۇلنىڭ ئامالىنى قىلدى. ئۇ توپ تارقىتىش بازارلىرىغا ئايانماي چاپتى. باھا تالىشىپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىققۇچە سۆزلىدى. كۆپ ئالسا باھادا يەنە چۈشۈش مۈمكىن بولاتتى. لېكىن پۇلنى نەق تۆلەشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ھازىرچە مۈشۈنچىلىك ئېلىشقا قۇربى يېتىدىغانلىقى كېيىن داۋاملىق مۇشۇ يەردىن مال كىرگۈزىدىغانلىقىنى دەپ تۇلا ۋەدىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ دۇكاننىڭ ئىچىنى سەل بېيىتقاندەكمۇ بولدى. ئەمدى ئەشۇ چوڭ تاللا بازىرىدىكىدەك ھەر بىر مال "تىت" قىلىپ ئوقۇلغاندىن كېيىن پۇل تۆلىنىدىغان قىلىشلا قالغان ئىدى. ئۇ ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈپ بىر قانچە شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشتى. چوڭ-كىچىك ئۈسكۈنىلەرنى توللۇق ئالغاندا 30مىڭ يۈەندەك پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلدى. ئەگەر شۇنداقلا قىلالىسا كۈنىگە مىليۇنلاپ سودا قىلىدىغان چوڭ تاللا بازىرىدىن پەرقسىز بولىدىغانلىقىغا ھەم ئىشەندى. شۇغىنىسى پۇلىمۇ ئېغىر ئىدى. ئېلىجان بىرىنچى قېتىم ئۆزىنى ناھايىتىمۇ كەمبەغەل ھىس قىلدى. دۇكىنىدىكى بارلىق ماللارنى قۇلاقتىن تۇتۇپ، بىرمۇ-بىر ساناپ تۇرۇپ، دوپپىسىنى دوپپا ، بۆكىنى بۆك بويىچە ساتىدىغان قىلىش ۋە ھەر بىر مالدىن بولىۋاتقان پايدا ۋە زىياننى بىر-بىرلەپ ئايرىپ چىقالايدىغان قىلىش ئويى ئۇنىڭ كاللىسىنى بىر ئالغان ئىدى.
ئېلىجان يەنە تالاي يەرلەرگە چېپىپ يۈرۈپ ، باھانى مىڭ يەردىن چۈشۈرۈپ يۈرۈپ، ئون نەچچە مىڭ سومغا دۇكاندىكى پۇل يىغىش ئىشىنى بىر دەستە نۇرغا تونۇتۇلغان مالنىڭ"تىت" قىلغان ئاۋازىدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ھىساپلاپ چىقىلىدىغان قىلىشقا ئامال قىلدى. ھەر بىر مالنىڭ رەت نومۇرىنى تونۇتۇپ، سېتىش ۋە كىرىش باھالىرىنى ئايرىپ كىرگۈزۈش ، مال جازىلىرىدىكى ماللارنى نەچچە رەت ئېلەشتۈرۈپ ھەممىسنىلا ئەشۇ ئۈسكۈنىدىن ئۆتكۈزۈپ ساتالىغۇدەك قىلىش ئۈچۈن ھەپتە ۋاقىت كېتىپ قالدى.  بۇ جەرياندا كېچىسى ئۇخلىماي دۇكاندىكى ماللارنى ئۇ ياقتىن بۇياققا تولا يۆتكەپ تاقىتى تاق بولغان ئىدى. ئاخىرى دۇكانمۇ  ئېلىجاننىڭ خىيالىدىكى ھالەتتە سودا قىلىش ھالىتىگە كىردى.  
سودا بىرىنچى كۈنىلار قىززىپ كەتتى، ئەتراپتىكى كىشىلىر خۇددى ئېلىجاننىڭ دۇكانىنى مۇشۇنچىلىك ياخشىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈپ كەلگەندەك ئايىقى ئۈزۈلمەي دۇكان ئىچىگە باش تىقىشاتتى. دۇكاننىڭ ئىچى ئادەمگە لىق تولدى. مال قولدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ھالدا پۇل تۆلەش ئورنىغا سىغدىلاتتى. پۇل ئېلىش ماشىنىسى يېتىشەلمەي قالدى. ئېلىجانمۇ بىر ياقتا قاراپ تۇرمىدى. پۇل ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىرىنى كونا ئۇسۇل بىلەن ھىساپلاپ تارتمىغا سېلىۋەردى. بۈگۈن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن بايرام بولغان ئىدى. چىرايىدىن خوشاللىق يېغىپ تۇراتتى. دۇكان خۇددىن ئۇنىڭ بېشىغا شۇنچە ياراشقان بىر باش كىيىمىدەك ئۇنىڭ روھىنىنى ئىچ-ئچىىدىن يايرىتىۋاتاتتى. ئۇ خېرىدار تەڭىلىگەن مالنىڭ پۇلىسىنى ھىساپلاش باھاسىنى ئېيتىش بىلەنلا بولۇپ خېرىدارنىڭ كىملەكىنى پەرق ئەتكۈدەك ، رەخمەت ھەشقاللا ئېيتقۇدەك ۋاقىتمۇ بولمايۋاتاتتى.
ھەر بىر ئىشنىڭ بىر كېلىشمەيدىغان يېرى بولغۇنىدەك، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىمۇ توساتتىن چاقماق چېقىپ مولدۈر ياققاندەك بىر ئىش بولدى. لاپپىدە توكنىڭ ئۆچىشى بىلەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۈنەگىسىدەك ۋۇيۇلداۋاتقان دۇكان ئىچى بىردىنلا گۆر قىستاڭچىلىقىغا ئايلاندى. ھەممە قىلىۋاتقان ئىشىنى شۇ يەردىلا توختۇتۇپ رەڭلەك رەسىمنىڭ رەڭسىز فىلىمىدەك جايىدا قېتىپ تۇرۇشتى. يەنە يۇرۇقلۇقتىن ئەسەر بولمىغاندىكىن ئۇ يەردىن باش بۇ يەردىن قول سۇنۇلۇپ ، قىيا چىيا كۆتۈرۈلگەندەك قىلدى دە _ ھەممە ئوچۇق تۇرغان ئىشىك تامان ئۆزىنى ئاتتى. ھەممىنىڭ كۆڭلىدە خۇددى ۋاقىت توغىرلاپ قويۇلغان بومبا پارتىلاشقا ئاز قالغاندەك ، بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ يۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئىستى دەۋران سۈرەتتى. ئۆزىنىڭ ھېلىلا نىمە ماللارنى كۆرۈۋاتقانلىقى، نىمىلەرنى ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇشقان ئىدى. قولللاردا،   سىۋەتلەردە بار نەرسىلەر تاشلانغىنى تاشلىنىپ دەسسەلگىنى دەسسىلىپ قۇلدا قېلىش مۈمكىن بولغانلىرى شۇ پېتى چېلەكتىن تاشقان شۇدەك سىرتقا ئېقىۋاتاتتى.
توك شۇ كەتكەنچە ئىككى سائەت ئۆتكەندە ئاران كەلدى. ئۇنىڭغۇچە ئېلىجاننىڭ مۇشۇ رايۇن تەۋەلىكىدىكى توكچىنى ئىزدىمىگەن يېرى قالمىدى. قېيىشقاندەك بۇگۈن يەكشەنبە بولغاچ توكچى دەم ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتكەن بولۇپ چىقتى. توك بىر چاغلاردا توك ئىدارىسى  ماشىنىسى كېلىپ مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئىستولبا يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۇلىغۇچىنىڭ كالتەكچىسىنى يۇقۇرىدىكى تەپكۈچكە چېتىلغاندىن كېيىن ھەل بولدى. ئەسلىدە مۇشۇ رايۇننىڭ شۇ دەقىقىلەردىكى توك ئىشلىتىش قۇۋىتى ئارتىپ كەتكەنلىكتىن بولغان ئاپتۇماتىك ۋىكىلچاتۇل ئۈزۈلۈش سەۋەپلىك توك توختاش بولۇپ چىقتى.
ئاخىرى دۇكانغا توك كەلدى. چىراقلارنىڭ لاپپىدە يېنىشى بىلەن دۇكان ئىچى قايتىدىن يورۇدى. ۋاي تۇرۇپ كەتكەن ماللار ، ئۆرۈلگەن جازا ، چېقىلغان قۇتا،  تۆكىلگەن ئاچىقسۇ-لازانىڭ دەستىدە يەرگە دەسسىلىگىلى بولمايتتى. دۇكان ئىچىدى يەردىن تۇرۇسقۇچە ، ھەتتا ھاۋاغۇچە بەتبۇيلۇققا تولۇپ، خۇددى بىر توپ قاۋان توڭگۈز تىلغاپ چىقىپ كەتكەن ئەخلەتخانىنىڭ ئۆزىگىلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئېلىجان بېشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەتتى. ئەتىگەندىن بېرى نېمىلەرنىڭ سېتىلىپ ، نېمىلەرنىڭ بۇزۇپ چېقىلغانلىقنى بىلىپ بولمايتتى. غەللىنىڭ ئاغزى ئوچۇق تۇراتتى. باش ئاپىراتمۇ توساتتىن توك توختىغانلىق سەۋەپلىك نورمال قوزغىلىشقا مۈمكىن بولمايۋاتاتتى. ئېلىجان سەل تۇرۇپ بىلدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبرى توساتتىن توك ئۈزۈلگەنلىك سەۋەپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۈچراپ ئەتىگەندىن بۇيان قىلىنغان سودىنىڭ خۇلاسىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. ئېلىجان كۈلۈشىنى ياكى يىغلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى.
بۈگۈنكى ئىشقا ئېلىجانغا " ئېغىرىمىزنى يەر كۆتۈرەر ، رىسقىمىزنى خۇدا بېرەر " دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ، "ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈت بار " دەپ ئۆزىنى روھلاندۇرۇشتىن باشقىغا ئامال يوق ئىدى.
ئېلىجان قايتىدىن ئىشقا كىرىشتى. ئۇ دۇكاندىكى ماللارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتى. بۇزۇلغان چېقىلغانلىرىنى ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قول ھارۋىسىغا لىق نەرسىنى ئاپىرىپ تاشلىدى. چىرايىغا قايتىدىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ،  ئۆتكەن كەچكەنگە سالام سائەت قىلغاچ دۇكانغا خېرىدار چىللىدى. دۇكان ئەمدى قىزىقى قالمىغان تاۋكادەك سوۋۇپ قېلىۋاتاتتى. ئەتتىگەندە تېخى تارچىلىققا قىستىلىپ بىر نەرسە ئېلىش ئويىدا بولغان تۇنۇشلارمۇ مانا ئەمدى خۇددى توققۇزى تەل بايۋەتچىدەك ئېلىجانغا باش لىڭشىتىپ قويۇپلا ئىشىك تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىشىۋاتاتتى.
دۇكاننىڭ سودىسى شۇ تەرىزىدە قايتا جانلانمىدى. ھەر بىر مالنى "تىت" قىلىپ ئوقۇتۇپ ساتىدىغان ماشىنىمۇ ، ماللارنى يا مۇنداق مال يوق دەيتتى يا باھاسى باشقا بىر باھادا چىقىۋالاتتى، ئىش قىلىپ دۇكاننىڭ سودىسىغا زادىلا ماسلاشقىلى ئۇنىمايۋاتاتتى. قېرىشقاندەك شۇ ماشىنىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىشلەتكەن خادىممۇ يېقىندىن بۇيان ساقسىز بولۇپ قېلىپ ، ئىشقا ۋاقتىدا كەلمەيۋاتاتتى. ئېلىجان ئۆزى قول تىقىپ قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ تاللا بازىرىدەك دۇكان سودىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، يىپىدىن يىڭنىسىگۈچە پايدا زىياننى ئايرىپ سېتىش ئويى كۆپۈككە ئايلانغىلىۋاتاتتى. دۇكان سودىسى يەنىلا بۇرۇنقى ھالەتتە ئېلىجاننىڭ ئەقلى ھىساۋاتىغا تايىنىپ ، ئىككى تۆت تال خېرىدارغا سوپۇن، شام چاغلىق نەرسىلەرنى  سېتىش ئارقىلىق توختام سۇدەك بىر خىل كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا داۋام قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئېلىجاننىڭ روھى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك چۈشتى. ئەشۇ چىقىش ئىشىكىنى توراپ قويۇلغان ئۈستەلدىكى تولىمۇ سۈيۈملۈك نەرسىنى نەچچە ئاخشام كوچىلاپ بېقىپمۇ ھىچ بىر نەتىجىگە  ئېرىشەلمىدى.  كۈندۈزى خېرىدار ئالماقچى بولغان ھەر بىر مالنى چالىسىز  "تىت" قىلىپ تونۇتۇپ سېتىش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بولمايۋاتاتتى.
ئېلىجان نېمىنىڭ تاياقچە كودلىقىنى بىلىپ كەتمەيتتى. مال كىرگۈزۈش ئۆتكىلىدە ياتاقسىمان كودنىڭ مالنىڭ باھاسىدىنمۇ مۇھىمراق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيتتى. مالنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەشۇ تاياقچە كود ئاساسىدا ساقلىنىپ ماڭىدىغىنىنى ۋە تاياقچە كود ئۆزگەرسە مۇنەسىۋەتلىك مال تۈرىمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ، ئادەتتىكى توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن باھا تالىشىپلا ئالغان ماللارنىڭ تاياقچە كودىنىڭ توغرا  بولمايدىغانلىرنىڭ ككپ بولىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. چوڭ تاللا بازىرىدا مال تەمىنلىگۈچى ئورۇنلاردىن مالنىڭ تاياقچە كودىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغانلىقى ، ئەگەر تاياقچە كودى بولمىغان ياكى ئېنىق بېسىلمىغان ماللار بولسا تاياقچە كود ھەققى ئېلىنىپ، دۇكان ئىچىدە ئايرىم نومۇر ھاسىل قىلىنىپ، بىر-بىرلەپ چاپلىنىپ، سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئېلىجان يەنە مۇنداق سودىنىڭ تازا قىززىغان پەيتىدە توكنىڭ كېتىپ قالارىنى ۋە توك كېتىش سەۋەپلىك تالاي زىيانلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى  خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. بىزدە "كوزا كۈندە سۇنماس كۈنىدە سۇنار" دىگەن گەپ بار ئىدى . ئەگەر بۇرۇنراق ئويلىغان بولسا دېۋزۇل ماتۇرلۇق توك چىقارغۇچتىن بىرنى تەقلەپمۇ قويغانمۇ بولار ئىدى.
ئېلىجاننى ئەمدى قايتىدىن غەم باستى. 10 نەچچە مىڭ سوم خەجلەپ سېتىۋالغان ئۈسكۈنە نورمال ئىشلىمەيۋاتاتتى. ئەينى چاغدا كۆزلىگەن مەقسەتلەرنىڭ ئودىن بىرىنىمۇ ئورۇنداش مۈمكىن بولمايۋاتاتتى. بىر كۈنى يۇمشاق دېتال قوزغالمىدى، بىر كۈنى تالۇن باسمىدى، بىر كۈنى تايقچە كودنى تونۇمىدى دىگەندەك كاشىلىلار تۈپەيلى بازارنىڭ تازا قىززىيدىغان چېغىغا ئۈلگۈرۈپ كارغا كەلمەي تۇرىۋالاتتى. ئۈسكۈنىنى سېتىۋالغان ئورۇن بىلەنمۇ تولا تالىشىپ باقتى. جاۋاپ يا سەن ئەرزىنىنى سېتىۋالغان، بەزى كاشىلىلارغا ئامالىمىز يوق، يا سەن يەنە بىر كومپيوتېر ۋە تاياقچە كود پىرىنتېرى ۋە يەنە قانداقتۇر نەرسىلەرنى سەپلىشىڭ كېرەك دەپ يەنە ئېلىجاننىڭ ئون نەچچە مىڭ سوم پۇل خەجلىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى. بولۇپمۇ كومپيۇتېرغا ئۇستا بىر ئادىمىڭ بولۇشى كېرەك دىگەن تەلەپ ئېلىجاننىڭ بېشىنى تازا قاتۇرىۋاتاتتى.  ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ھازىر بار بولغان نەرسىلەردىن پايدىلىنالمايۋاتقان، يەنە سودىمۇ ياخشى يۈرۈشمەيۋاتقان چاغدا يەنە چىقىم قىلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئېلىجان شۇنداق جىلە بولدۇكى ئاخشاملىرى ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى كوچىلاپ ھىچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن كۈنلىرى مۇشۇ نەرسىلەرنى تېگىدىن قۇمۇرۇپلا ئېلىپ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىش ئويى نەچچە رەت كاللىسىغا كېلىپ بولۇپ ئۆزىنى تەستە تۇتىۋالدى. ناھايەت ئېلىجان تىت-تىت بولغۇنىدىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولغان ئىدى.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ كەتتى. مەھەللنىڭ ئاۋۇ بېشىدىكى تۇڭگان يولداشنىڭ دۇكىنى ئەۋۋەلقىدەكلا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇ پەملەپ تۇرۇپ شۇ دۇكاندا مال توشۇش ئىشىنى قىلىدىغان بىر خىزمەتكەر بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى، ۋە مۇنۇلارنى بىلدى:
دۇكاندىكى ماللار كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ باشقۇرۇلۇدىكەن. خوجايىن ئېلىپ كەلگەن ماللار دۇكاندىكى سېتىلىش باھاسى بويىچە سېتىپ چىقىرىلىش باھاسى ھىساپلىنىپ ئۆز تەۋەلىك تۈرى بويىچە دەپتەرگە خاتىرلىنىپ ، شۇ تەۋەلىكتىكى مالنى سېتىشقا مەسئۇل خادىم ۋە دۇكاندىكى پۇل يىغقۇچى ئورتاق ئىزما قويۇپ بېرىدىكەن. ھىساپتا ماۋۇ تۈردىكى مالدىن جەمى مانچىلىك مال كىرگۈزۈلدى دەپ  خاتىرلىنىدىكەن. مال جازىغا چىققاندا ھەرقايسىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى چاپلىنىپ تىزىلىدىكەن. خېرىدار مالنى ئېلىپ پوكەيگە ئاپارغاندا ئۈستىدىكى باھا بويىچە تەۋەلىك تۈر كۈنۈپكىسى بېسىپ سېتىش تالۇنى ئۇرۇلۇپ چىقىلىدىكەن. سېتىش ماشىنىسىدا مال باھاسى ئالدىن خاتىرلەنمەيدىكەن. پەقەت قايسى تۈردىكى مالدىن كۈندە قانچە پۇللۇق سېتىلدى دەپ ھىساپ بۇغۇلۇپ نەق پۇل خوجايىنغا كۈندە بىر ياكى نەچچە كۈندە بىر يىغىپ تاپشۇرىلىدىكەن. خوجايىن قايتىپ كەلگەن پۇل بىلەن دۇكانغا سېلىنغان چاغدىكى پۇلنىڭ سومما سانىنى ھىساپلاپ كۆرۈپ ، دۇكاندا قايسى تۈردىكى مالنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئاساسەن بىلىپ يېتەلەيدىكەن ۋە تولۇقلاپ تۇرۇشقا تۇتۇنىدىكەن. ياخشى سېتىلغان مال تۈرىگە مەسئۇل خادىم مۇكاپاتلىنىدىكەن. ئايدا بىر نەق مال سوممىسى ھىساپلىنىپ ئەگەر پۇل سوممىسىدا كەملىك كۆرۈلسە ، شۇ مالغا مەسئۇل خادىم بىلەن پۇل يىغقۇچى تەڭ جازالىنىدىكەن. شۇ ئارقىلىق مالنىڭ بۇزۇلۇپ چېقىلىپ زىيان يېتىشى ياكى ئوغىرلىنىش ۋە ياكى پۇل تاپشۇرۇلماسلىقتەك يۇچۇقلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنە ئەينى ھاغدا ئېلىجان كۆرگەن 2 مىڭ سوم ئەتراپىدىكى ئېلىكترونلۇق غەللە ، ھەتتا ياتاقچە كود ئوقۇغۇچمۇ كېرەك قىلىنمايدىكەن.
ئېلىجان بۇلارنى ئاڭلاپ كاللىسىغا بىر چېلەك سوغاق سۇ قويۇلغاندەك بولدى. ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئەشۇ تۇڭگان يولداشتىنمۇ ئاشۇرۇپراق قىلمايدىغان بولسام دىگىنىگە پۇشايمان قىلدى. چوڭ تاللا بازىرىدىكىدەك ھەممىنى "تىت" قىلىپ سېتىش مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن تالاي ئەۋارىچىلىقلارغا دۇچار بولغۇنىدىن ئۆكۈندى. ئەمدىلەتىن ئۇ چوڭ تاللا بازىرىنىڭ نىمە دەپ شۇنچە قىممەت ئۈسكۈنىلەرگە ئايانماي پۇل خەجلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يېقىندىلا چوڭ تاللا بازىرىغا سېلىنغان بارلىق ماللارنىڭ مال تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئالدىن تۈزۈلەەن توختام بويىچە زاكاسقا قاراپ ۋاقتىدا مال يەتكۈزۈپ بېرىلىپ ، ئايدا ھەتتا پەسىلدە بىر، سېتىلغان قىسمىنىڭلا پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىندىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ئېلىجان ئەمدى ياتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماق لازىملىقىنى بىلىپ يەتكەندەك بولدى.
ئەسلىدىنلا ئۆگزىگە چىقماقچى بولغان ئادەم شوتىنىڭ ھەر بىر بالدىقىنى بىر- بىرلەپ دەسسەپ چىقىش كېرەكلىگىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بەكلا ئالدىراپ بىر نەچچە بالداقنى بىراقلا ئاتلاپ چىقىمەن دەيدىكەن ناۋادا پۇتنى كۆتۈرۈپ دەسسىگەن بالداق بىرلا سۇنسا تۆۋەندىكى بالداققا دەسسەشكە ئۈلگۈرمەي قالىدۇ دە _ ئۆگزىدىن تىك موللاق دومىلاپ چۈشۈپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.  

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-8 01:05:35

ﺧﺎﻻﻳﻤﻪﻥ،ﻗﯧﻨﻰ ﺗﺎﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2008-2-8 02:17:30

ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2008-2-8 12:06:16

ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﻧﯩﯖﺰﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-8 17:42:10

ﻳﯧﺰﯨﯖﮕﻪ، ﺑﻰ.

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-2-9 22:57:02

ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﯕﻼﺭﻛﻪﻥ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﯜﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﻟﻪﺗﯩﻴﻒ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ !

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-9 23:22:10

ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻗﻼﺗﺴﺎﯓ،ﻛﺎﻟﻼﯕﻐﺎ ﮬﯩﺰﻯ ﺑﻮﻝ

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2008-2-10 12:35:36

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ.

latyf يوللانغان ۋاقتى 2008-2-10 13:15:57

كۆپچىلىك مەن شۇ تىما ئورنىدىلا تەھرىرلەش ئۇسۇلىدا تولۇقلاپ كېلىۋاتېمەن. ئىنكاس قاتارىدا يازمىدىم . ۋاقىپ بولغايسىلەر

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-2-10 21:08:12

ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﺑﺘﯩﻜﻪﻥ .

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-3-1 20:32:15

ﺩﺍﯞﻣﻠﯩﻖ ﮬﻪ.
بەت: [1]
: (ﻟﻪﺗﻴﻒ)چەنلىمەي ئېتىلغان ئوق