xungkar415 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-5 12:55:06

ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﻳﯘﻣﯘﺭﻻﺭ




نائۇستا دوختۇر

بىرەيلەننىڭ پۇتىنىڭ بارمىقى كۆكىرىپ قىلىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ،دوختۇر ئۇنى چالا-پۇلا تەكشۈرۈپلا«راك»دەپ سىئاگۇنۇز قويۇپ،بارمىقىنى كىسىپ ئىلىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن،ھىلىقى كىشى پۇتىنىڭ يەنە بىر بارمىقىنىڭمۇ كۆكۈرۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارغانىكەن،دوختۇرنىڭ دىئاگۇنىزى بىلەن بۇيرۇتمىسى ئالدىنقى قىتىمقىغا ئوخشاش بولۇپ چىقىپتۇ.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھىلىقى كىشىنىڭ پۇتى ھوشۇقىغىچە كۆكۈرۈپ كىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتكەن ئىكەن،دوختۇر ئونىڭغا«پايپىقىنىڭ رەڭگى تىرىسىگە سىڭىپ قالغان»دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپتۇ.

ئاسلان بىلەن چاشقان

بىر چاشقان يولدىن ئېزىپ قىلىپ بىر گۈلخانىغا كىرىپ قاپتۇ،چاشقاننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئاسلان ئۇنى كۆرۈپ قىلىپ قارىسىغىلا قوغلاشقا باشلىغان ئىكەن،قىچىپ كىتىشكە كۆزى يەتمىگەن چاشقان ئالدىغا ئۇچىرغان گۈلدىن بىرنى تۇتۇپ جىم تۇرىۋاپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئاسلان دەرھال يەرگە قارىغان ھالدا تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرۇپ:«ئەسكى،مەن تىخى كىچىك تۇرسام»دەپتۇ.

ئۆزگىچە ئارزۇ

ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچى جازا مەيدانىغا ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن،سوتچى ئۇنىڭدىن ئۆلۈم ئالدىدا قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغان ئىكەن،جىنايەتچى مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ:
__مۈمكىن بولسا،ماڭا بىر قۇر ئوق ئۆتمەس كىيىم بىلەن بىر تال پولات قالپاق ئەكىلىپ بەرگەن بولساڭلار.
كەمـتەرلىك

ئا: ئالدىنقى كۈنى مەن بىر ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ بەك كەمتەر ئىكەن.

ب: ئۇ قانداق كەمتەر ئىكەن؟

ئا: ئۇ ماڭا يازغان خېتىدە «يولداش مۇھەررىر، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ باشقىدىن يازسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت بىر نېمىنى ئۆزگەرتمەڭ» دەپتۇ.

ب: نېمىنى ئۆزگەرتمەيدىكەنمەن؟

ئا: ئۇنىڭ ئىسىمىنى.

                      سىز ئادەم چىشلىمەيسىز-دە

مودا قوغلىشىپلا يۈرىدىغان بىر سەتەڭ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئىتىنى مەخسۇس ھايۋانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان دۇكانغا ئاپىرىپ باشقىچە پەردازلاپتۇ. ئىش تۈگىگەندىن كېىن دۇكاندار يۈز يۈەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. سەتەڭ ئەجەپلىنىپتۇ: «مەن چېچىمنى ياساتسام، ئاران 50 يۈەن ئالىدىغان تۇرسا، نېمە دەپ بۇنىڭدىن يۈز يۈەن ئالىسىز؟»

- بىراق سىز ئادەم چىشلىمەيسىز-دە.

                            ئاچ قالغاندا دادا

بىرسى بالىلرىغا كىچىك چېغىدا ئائىلىسى نامرات بولغاچقا دائىم ئاچ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ كىچىك قىزى تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ ھەم قولىدىكى يەپ بولالمىغان تورتنى دادىسىغا تەڭلەپ تۇرۇپ: «دادا،مەن بىلدىم، سىزنىڭ يەيدىغىنىڭىز بولمىغاچقا بىزنىڭ ئۆيگە كەپتىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟» دەپتۇ.

                         شىمال يۇقىرىدا

دادىسى بالىسىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ: «بالام، شىمال قايسى تەرەپ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئوغلى ئاسماننى كۆرسىتىپتۇ.

- بۇ قانداق گەپ، شىمالنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەمسەن؟ -دەپتۇ دادىسى خاپا بولۇپ.

-مەندە نېمە گۇناھ، مۇئەللىم خەرىتىنىڭ يۇقىرسىنى كۆرسىتىپ شىمال مۇشۇ ياقتا دەيدىغۇ.

         

                                          پۇلى بارمىكەن
- دادا، مەن قاسىم بىلەن توي قىلماقچىمەن.
- ئۇ يىگىتقۇ يامان ئەمەسكەن، ئەمما، ئۇنىڭ پۇلى بارمىكەن،- دەپ سورىدى دادىسى قىزىدىن.
- مانا، كىشىنىڭ چىشىنى قېيىشتۇرۇپ، ھەممىڭلار شۇنداق دەيدىكەنسىلەر،-دېدى قىزى نارازى بولۇپ، - يىگىتىممۇ دەسلەپ تونۇشقان چېغىمدىلا مەندىن داداڭنىڭ پۇلى بارمۇ، دەپ سورىغان ئىدى.


                                          گىپىدىن يېنىۋالماسلىق


بىر كىشى دوستىدىن سوراپتۇ:

- نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
- قىرىق ياشقا.
ئون يىل ئۆتكەندە يەنە ھېلىقى كىشى دوستىدىن نەچچە ياشقا كىردىڭىز،-دەپ سوراپتۇ.
دوستى يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا قىرىق ياشقا، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
- ئون يىل بۇرۇنمۇ قىرىق ياشقا كىردىم دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟- دەپتۇ ئۇ ھەيران بولۇپ.
- دۇرۇس، ئادەم ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشى بىلەنلا گېپىنى ئۆزگەرتىۋالمايدۇ. سەن 20 يىلدىن كېيىن يەنە مەندىن سورىساڭ يەنە شۇ جاۋاپنى بېرىمەن، مەن قىلغان گېپىمدىن تېنىۋالدىغان ئادەم ئەمەس.


                                          ھاراقنى ئىچكەندە

- ماڭا قارا بالام، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى ھارقنى كۆپ ئىچمە، گىرادۇسۇڭ توشقاندا بولدى قىل. قانچىلىك ئىچكەندە گىرادۇسۇڭ توشقان بولىدۇ! مەسىلەن ئېيتايلۇق، قاۋاقخانىنىڭ تېمىدىكى ئىككى چىراق كۆزۈڭگە تۆت بولۇپ كۆرۈنگەندە سەن ئىچىشنى توختۇتۇپ ئۆيگە قايتساڭ بولىدۇ.
- ۋاي دادا، ھازىر تېخى كۆرۈمگە بىر چىراقلا كۆرۈنىۋاتىدۇ.

                                        گۈزەللىكنى سۆيۈش

ئېرى:

-مەن گۈزەل نەرسىلەرنى سۆيىمەن، گۈزەللا بولىدىكەن، ھەر قانداق شەيئىنى ياخشى كۆرىمەن.

ئايالى:

-گۈزەل قىزلارنىچۇ؟

ئېرى:

-ئەلۋەت....

                                  ئۆلگەن ئادەم تىرىلىدىغان بولسا

ئەر-خوتۇن ئىككىسى جىدەللىشىپ قاپتۇ.

-ئەگەر ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلىدىغان بولۇپ،-دەپتۇ ئايالى،-مەن قايتا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسام، ھەرگىزمۇ سىزگە ياتلىق بولمايمەن.

-ئەگەر راستتىنلا شۇنداق قىلىدىغان ئىش بولسىلا، مەنمۇ سېنى ھەرگىز ئالمايمەن،-دەپتۇ ئېرى. بىر ئازدىن كېيىن ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كېتىپتۇ.

-توۋا!!! بۇ بىزنىڭ توي قىلىپ 30يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم گېپىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى بولدى!

                                        تىلاۋەت قىلىش

خوتۇنىنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئېرى:

-ھوي، يۈكۈنۈپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دەپ سوراپتۇ.

-نېمە قىلاتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىليونىر بولۇپ قالسام، دەپ تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن. شۇ چاغ مەن سىزدىن ئايرىلىدىغان چاغ بولىدۇ.

-ئۇنداق بولسا مەنمۇ ساڭا تىلاۋەت قىلىشىپ بېرەي.

                                  پۇل تېپىش

-سىز نېمىشقا باشقا ئەرلەردەك جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ پۇل تاپمايسىز؟

-سىنى خالىغانچە بۇزۇپ-چاچسۇن دەپما؟!

-ئەگەر مەن بۇزۇپ-چاچماسلىققا كاپالەتلىك بەرسەمچۇ؟

-بۇزۇپ چاچمىساڭ ھازىرقى پۇلىمىز يېتىدىغۇ، جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ پۇل تېپىشىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟!

                                    بالىنىڭ يىغىسى
بىر ئوغول بالا يول ئۈستىدە يىغلاشقا باشلاپتۇ، بىر يولۇچى قىز ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- بالام نېمىشقا يىغلايسەن؟
- بىر كوي پۇلۇمنى يوقىتىپ قويدۇم.
- يىغلىما، مەن ساڭا بىر كوي بېرەي.
قىز بالىغا بىركوي بېرىپ ئەمدى ماڭاي دېيىشىگىلا، بالا يەنە يىغلايدۇ. قىز بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ سورايدۇ:
- ھەي يەنە نېمە بولدۇڭ، بىر كوي پۇلۇڭ بار بولدىغۇ؟
- ئەگەر ھېلىقى بىركوي پۇلۇم يوقاپ كەتمىگەن بولسا ئەمدى ئىككى كوي بار بولاتتى!

                                    تەسىر يەتكۈزۈش
ئايال قوغداش بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا ئاچچىقلاپ ھال ئېيتىپ كېلىدۇ.
ئايال:- ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنام دائىم بىزنىڭ ئۆينىڭ پولىنى ئۇرۇپ، ئۆگىمىشىمگە بەك تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ، گەپ قىلىپ قويغان بولسىڭىز؟
قوغداش خادىمى:- بولىدۇ، مەن بۇ ئىشنى ھەل قىلاي، راست سىز نېمە ئۆگىنىش قىلاتتىڭىز؟!
ئايال:- موللاق ئېتىش، جامبازلىق، دىسكو ئۆگىنىشنى.

                                  ئاپام شۇنداق دېگەن
بىر قوغداش خادىمى مەكتەپ ئالدىدا تۇرسا بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئۇنىڭ يىنىغا كېلىپتۇ.
بالا:- سىز ساقچىمۇ؟
ساقچى:- شۇنداق.
بالا:- مېنىڭ ئاپام «ھەرقانداق ۋاقىتتا ياردەم كېرەك بولسا ساقچىلارنى تاپقىن»دېگەن ئىدى، ئاپامنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟
ساقچى:- ئاپىڭىز ناھايىتى توغرائېيتىپتۇ، كىچىك دوست.
بالا ساقچىغا ئايىغىنى كۆرسىتىدۇ.
بالا:-ئەمىسە خاپا بولماي ئايىقىمنىڭ بوغقىچىنى چېگىپ قويىڭە.


                                    تەبىئىي رول ئېلىش
سۆرەتكە ئېلىۋاتقان رېژىسسور ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارتىسنى ماختاپتۇ.
رېژىسسور:- بۈگۈن مەسنىڭ رولىنى ئالغاندا ئاجايىب تەبىئىي ئالدىڭىز جۇمۇ؟ ماھارىتىڭىز خېلى يۇقىرىكەن!
ئارتىس:- رېژىسسور، بايا سىزگە بىلىندۈرمەي ئازراق ھاراق ئىچىۋالغان ئىدىم.
رېژىسسور:- نېمە؟
ئارتىس:- بۇدا قېتىم سىز فىلىمدە ماڭا كېسەل ئازابىدا ئازابلىنىپ ئاخىرىدا جان ئۈزىدىغان رولنى بېرىپسىز، بۇ رولنى قانداق قىلسام ياخشى ھەم تەبىئىي ئالارمەن؟
رېژىسسور:- ئازراق زەھەر ئېچىۋىلىڭ، جان تالىشىشمۇ ئۆلۈممۇ بەك تەبىئىي چىقىدۇ.

                                          ھايۋانلارنى ئاسراش

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن ھايۋانالارنى ئاسراش توغۇرلۇق بىردىن مىسال كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ .
بىر ئوقۇغۇچى دەرھاللا : « مەن بۇرۇن بىر قىز بالىنى ئۇرغان . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك كۈچىكىنى تەپكەن ئىدى » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .

                      بېلىق يېگەننىڭ پايدىسى
            ئا : « بېلىق يىسە نېمىگە پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟»
            ب : « بېلىق يىسە يىراقنى كۆرەلمەسلىككە پايدا قىلىدۇ » .
            ئا : « نېمىشقا ؟»
            ب : « سەن يىراقنى كۆرەلمەيدىغان مۈشۈكنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟»

                               كېچىكىش
ئاپتوبۇستا بىر ئەر ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىۋاتقان ئوغرىغا تەنە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ : « كېچىكىپسەن ئاغىينە ، بۈگۈن گەرچە مائاشنى ئالغان بولساممۇ ، بىراق خوتۇنۇم سەندىن بۇرۇن يانچۇقۇمنى قۇرۇقدىۋەتتى » .

                                        خاتالىق
بىر ئەر مائاش ئالغاندا بىر سومنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقى بىلەن كاسسىرىنى ئەيبلەپتۇ .
كاسسىر : « ئۆتكەن ئايدا بىر سومنى ئارتۇق بېرىۋەتكەندە ئەجەپ ئاچچىقىڭىز كەلمىگەنتىغۇ ؟»
ئەر قاتتىق ئاۋازدا :« بىرەر قېتىم ئۇقۇشماي يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى كەچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ . لېكىن بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى كەچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ » دەپتۇ .

                               پىئانىنو چېلىش |
ﺋ||lپىسى : « بالام پىئانىنونى قولىڭنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن چال »
      ||lI بالىسى : « ھېچقىسى يوق ، قارا رەڭلىك تىللىرىنى چالساملا بولىدۇ » .

                            باپباراۋەر تەلەپ

      ئېرى :« تاماقنى قاچانمۇ ئاپاڭغا ئوخشاش ئوخشىتىپ ئېتەلەيدىغان بولارسەن ؟»
خوتۇنى : « سىز قاچان دادامغا ئوخشاش جىق پۇل تاپالايدىغان بولغاندا » .

                              تاتۇق ئىزى
بەش ياشلىق قىز ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى تاتۇققا ئەجەپلەنگەچكە ، ئاپىسى قىزىغا چۈشەندۈرۈپ: « بۇ دوختۇر كېسىپ سىزنى ئالغان يەر » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
قىز ئەستايىدىللىق بىلەن :« ئۇنداقتا سىز نېمىشقا مېنى يەۋۋالغان ؟» دەپ سوراپتۇ

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-5 18:52:24

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻘﻜﻪﻥ .
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ

borway يوللانغان ۋاقتى 2008-2-5 19:56:43

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﻪ ! ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-2-5 20:03:09

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﻰ.ﻣﻪﻥ ﻛﻮﺳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ

xungkar415 يوللانغان ۋاقتى 2008-2-5 20:09:54

كالاڭلار تاماكا چىكەمدۇ

ئىككى دېھقان بالىسى پاراڭلىشىپ تۇراتتى، بىرى تۇيۇقسىز سورىدى:

-سىلەرنىڭ كالا تاماكا چىكەمدو؟

-ئېلىشىپ قالدىڭمۇ،-دىدى يەنە بىرى،-كالىمۇ تاماكا چېكەمدۇ؟

-ھە، ئۇنداق بولسا كالا ئېغىلىڭلارغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ.



ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى

-ئەپەندى بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى قانداق كۈتۈپ 110 ياشقا كىردىڭىز؟-سورىدى بىر موخبىر ئۆمۈر چولپىنىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ.

-مەن قۇرساققا ئوبدان يەيمەن، ئوبدان ئىچىمەن، ئۇيقۇم ياخشى، ئۇيۇن-تاماشانى قولدىن بەرمەيمەن. ئەلۋەتتە، يەنە ناھايىتى مۇھىم بىر نوقتا بار، ئاشۇ يىلى مەن پاراخوت بېلىتىنى ئېلىپ پورتقا بارغىنىمدا، «تىتانىك» ناملىق پاراخوت ئورنىدىن قوزغىلىپ بوپتىكەن.

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-16 20:51:20

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 17:01:49

سىز مىنى نىمىشقا يەۋالغان

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 19:41:20

بىر ئايال دەريا بويىغا بېلىق تۇتقىلى بىرىپتۇ. قارماق تاشلاشقا تەمشەلگەندە <<بۇ يەردە بېلىق تۇتۇش مەنئىي قىلىنىدۇ! >> دېگەن خەتنى كۆرۈپ قىلىپ سايىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاز ئۆتمەي بىر قوغداش خادىمى كىلىپ:


- مەن ئۈستىڭىزدىن ئەرزقىلىمەن دەپتۇ.


-نېمە دەپ ئەرز قىلىسىز؟ دەپتۇ ئايال .


- بېلىق تۇتتى دەپ،


-لېكىن مەن بېلىق تۇتمىغان تۇرسام،


-لېكىن سىزدە بېلىق تۇتىدىغان سايماننىڭ ھەممىسىتولۇق ئىكەن ئەمەسمۇ.


- ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىزنى ئەرزقىلىمەن .


-نېمە دەپ ؟


باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ .


-بىراق مەن باسقۇنچىلىق قىلمىغان تۇرسام .


-سىزدە باسقۇنچىلىق قىلىدىغان سايماننىڭ ھەمىسى تولۇق ئىكەن ئەمەسمۇ .


tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-8-4 13:50:53

فىرانسىينىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بالا دىيۇما بىر كۈنى دادىسى ئاتا دىيۇمانى يوقلاپ بىېرىپ ئەھۋالىنى سوراپتۇ.


- دادائەھۋالىڭىز قانداقراق ؟


- بەكلا ناچار.


- ئەمىسە يېزىقچىلىقنى توختىتىپ ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ ؟


-ياق، قەتئىي بولمايدۇ نېمىشقا ؟


- چۈنكى مەن پارىژغا كەلگەندە يېنىمدا 53 فىرانىك بارئىدى، ھازىر پەقەت 42 فىرانىلا قاپتۇ، مەن ئاشۇ 12 فىرانىكنى تاپمىغۇچە يېزىقچىلىقنى بىر مىنىۇتمۇ توختاتمايمەن ....دەپتۇ .


بەت: [1]
: ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﻳﯘﻣﯘﺭﻻﺭ